‹سارت› دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى توغرىسىدا
بىزگە مەلۇمكى، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈركى تىلدا سۆزلىشىدىغان قېرىداش مىللەتلەر شۇنداقلا مۇڭغۇللارنىڭ بىر قىسمى، ئادەتتە دېھقانچىلق، قول-ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللۇنىدىغان، شەھەرلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇر، ئۆزبېك قاتارلىق تۈركى خەلىقلەرنى «سارت» دەپ ئاتىشىدۇ. ئۆتمۈشتىكى مىللەتلەر ئارىسىدىكى نورمال بولمىغان مىللى مۇناسىبەتلەر تۈپەيلىدىن، گويا بۇ سۆز ھاقارەت قىلىنغاندەك، كەمسىتىلگەندەك خاتا چۈشەنچە بىرىپ قويغان. ئەمىلىيەتتە بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك خەلقىنىڭ تىرىشچان، مەرىپەتپەرۋەر ئالاھىيدىلىكىگە ماس ياخشى سۆزدۇر. ئۇيغۇرلار قول-ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا-سېتىقتىكى ماھارىتى بىلەن تۈركى خەلىقلەر ۋە باشقا چارۋىچى خەلىقلەرگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. 1985- يىلى بېيجىڭدا نەشىر قىلىنغان خەلىقئارا نۇپۇزغا ئىگە بىلىملەر قامۇسى – «ئوكيانۇس» نىڭ 2-قىسىم 2362- بېتىدە ئىزاھلىغىنىدەك، مۇڭغۇل ئىمپېريىسى دەۋرىدە كەڭ قوللىنىلغان سارت دىگەن بۇ سۆز مۇڭغۇل سۈزى بۇلۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى دانىشمەن، ئەقىلدار، ئالىيجاناپ، مەنسەپدار، سودا ئىشلىرىنى بىجىرگۈچى، سودىگەر دىگەندەك مەنىلەردە بۇلۇپ، ئەينى چاغلاردا يۇقىرى تەبىقىنى كۆرسەتكەن.مەنبە:xjtv9 بۇرۇن قازاق قېرىنداشلىرىمىز بىزنى ھوي سارتنىڭ بالاسې دەيدىغان بىز خاپا بولۇپ ئۇلارنى ھوي ھوي قازاغۇم ،تاغدىن چۇشكەن تېزەگۇم! دەپ كېتپتىكەنمىز. توۋا ئەمدى مەنىسىنى بىلىپ ھەجەپ بوپ قالدىم. بىلمەسلىكتە!

بىر قازاقچە مۇنبەرگە كىرسەم ‹ئۇيغۇرلار نەدىن پەيدا بولغان › دەپ بىر تېمىسىدا بىزنى غاجاپ كېتىپتىكەن بەزى ئىت مىجەز قازاق باۋىرلار . نىمىشقا شۇنچە قىلىدىغاندۇ بىزگە ، دەيمەندە بۇلارنى ..........
Aqilghin@ نىڭ قۇشىقى قىززىقكەن
{:92:} قازاقنى قازاق دېسە نىمىشقا ئاچچىقى كېلىدىغاندۇ دەيمەن {:92:}
مېنىڭ «تۈركىي تىللارنىڭ ئېتىمولوگىيە لۇغىتى»نى ئوقۇشۇمچە بۇ سۆز سىز ئېيتقاندەك ئالىيجاناب، دانىشمەن، .... دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرمەيدۇ. پەقەت ۋە پەقەت «سات» (سودا - سېتىق) دېگەن مەنىنىلا بىلدۈرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا سۆز مەنىسى دېگەن ئۆزگىرىدۇ. ھازىر ئۇيغۇرلار ئەۋرەت ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان سۆزنى تۈركلەر «ئېغىز» دېگەن مەنىدە قوللانغاندەك، سۆز مەنىسىدە ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا قارىنداش مىللەتلەرمۇ ھازىر بىزنى «سارت» دېگەندە ھەرگىز «ئالىيجاناب، دانىشمەن، ئەقىللىق»لىقىمىزدىن سۆيۈنۈپ دېمەيدۇ. بەلكى بىر خىل كۆزگە ئىلماسلىق نەزىرى بىلەن «سارت» دەپ زاڭلىق قىلىدۇ.
ئىشقىلىپ، نېمىلا بولىشىدىن قەتئىينەزەر، مېنىڭ نامىم ئۇيغۇر ياكى تۈرك. كىمىكى سارت دەيدىكەن، قانداق قېرىنداش مىللەت بولىشىدىن قەتئىينەزەر شاپىلاق يەيدۇ.
يازمىڭىزدا «سارت» سۆزىنى مۇڭغۇلچە سۆز دەپسىز. ئەمما، نەۋايىنىڭ كىتابىدا يۇقىرىدا مەن دېگەندەك باركەن. قارىغاندا بۇ «سارت» سۆزى مۇڭغۇل تىلىدىمۇ، پارس تىلىدىمۇ بار ئوخشايدۇ. خۇددى خەنزۇچىدا تۆلەش دېگەننى «赔»، ئېنىگلىز تىلىدا «pay» دېگەندەك. ئىككى سۆزنىڭ ئوقۇلىشى ئوخشاش، ئەمما، ھېچقانداق باغلىنىشى يوق سۆزلەر ئوخشايدۇ. قىزىلسۇنىڭ ئاقتۇ دېگەن يېرىدىكى قىرغىز قېرىنداشلار سارت دېگەننى سەلبى مەنىگە ئىشلەتمەيدۇ ، ئەمما ئۇلۇغچاتمۇ ئاقچى مۇ ئىشقىلىپ مۇشۇ ئىككىسىنىڭ بىرى سارت دېسە سېرىق ئىت دېگەنلىك بولىدۇ . شەلىك دېگەن گەپ. بۇ خۇددى قازاقلارنىڭ سىرىق ماينى قىسقارتىپ سارماي دىگىنىدەكلا بىرگەپ، سىرىق ئىت، سارت.
تۈركىي تىللار دېۋانىدا سارت دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى بېرىلگەن. سودىگەر دېگەن مەنىدە. بو تىما ئارقىلىق بەزى ئوقۇمىلارغا ئىگە بولدوق.
10- قەۋەتتىكى nurlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇ خۇددى قازاقلارنىڭ سىرىق ماينى قىسقارتىپ سارماي دىگىنىدەكلا بىرگەپ، سىرىق ئىت، سارت.
سارى ئىت دېگەننى بەك زەربىگە ئۇچراپ كەتكەنلىرى زەردە بىلەن ئۆزگەرتىپ دېگىنى. سارت دېگەن گەپ موڭغۇل ئىمپىرىيەسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىمۇ باركەن. خارەزىمنى سارتاۋۇل دەپ ئاتىغان.
بابۇرنمادىمۇ ئەنجاننىڭ بىر قىسىم ئاھالىسىنى سارت دەپ ئاتىغان. ئىشقىلىپ كۆچمەنلەرنىڭ يەرلەشكەنلەرنى ئاتايدىغان بىر ئاتالغۇسى بولسا كېرەك. سودىگەر دېگەن مەنىدە كېلىشى ئېنىقتەك قىلىدۇ.
ئەمدى سارىت دىسە ھەرگىز تىرىكمەيمەن ،،لىكىن قازاق دىسەم تىرىكىدۇدە،،،،

قازاق ۋە قىرغىز قېرىنداشلاردىن ، مىللىتىم نامىنى يەنىلا ‹ ئۇيغۇر › دەپ ئاتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

سارت دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى زادى قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر بەزى قازاقلار تولا ھاللاردا بۇ سۆزنى بىز ئۇيغۇرلارنى كۆزگە ئىلمىغان ياكى كەمستىكەن چاغدا ئىشلىتىدۇ،شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇ سۆز بىلەن بىزنى چاقىرشىغا قەتئى رەدىيە بېرىشىمىز كېرەك.