xjtv9 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 14:15:54

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! XJTV نىڭ يېڭى بەلگىسى

تورداشلار ياشىمۇ سىلەر .بەلىكىم سىلەر دىققەت قىلغان بولىشىڭلار مومكىن 2012يىلى 5ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ ئىستانسىمىزنىڭ بەلگىسى ئۆزگەردى كوپچىلىك تەكلىپ پىكىر بېرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.

مەنبە:xjtv9



ئەڭ بۇرۇنقىسى:





ئالدىنقىسى :





ھازىرقىسى : تېپىلمىدى...


tarimi يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 14:34:40

كۆردۈم،ئاخشام،.ئەزەلدىن ئۇيغۇرچە قانال كۆرمەيتتىم ئاخشام قارىسامغەلىتىلا تۇرىدۇ،تازا دېققەت قىلسام شىنجاڭ تېلۋىزىيەسىنىڭبەلگىسكەن.شۇنچىلك پىچەك چىقىپتۇ،بىر چوڭ رايۇننىڭ تېلۋىزىيىسىنىڭبەلگىسىدەك ئەمەس.تېخى شىنجاڭبىرىنجى قانالدىلا 新疆卫视دەپ باركەن،قالغىنىداھېچنىمە يوق،2 3 5 89   دىگەندەك بىر قاتار سان،نىمە دىگەن قاملاشمىغانلىق بۇ .نىمە دەيمىز بۇ بەلگىنى،پەقەت 大方چىقماپتۇ.بىرەر ناھىينىڭ تېلۋىزىيىسىنىڭبەلگىسىدەكلا.

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 14:37:15

قېنى ئۇ بەلگە؟ كۆرمەي تۇرۇپ نىمە تەكلىپ بېرىمىز؟

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 14:42:09

\"\"مەنمۇ مۇشۇنى دەي دەپ تۇرغان ، ئۇ بەلگىنىڭ نىمە مەنىسى بار ، ھىلىمۇ 4-5 قىتىم بەلگە ئالماشتۇرۇپ بولدۇق .

xjtv9 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 14:45:02

كەچۈرۈڭلا مەن ئالدىراشچىلىقتا رەسىمنى يوللىماي قاپتىمەن....ئەسلىدە بۇ بەلگە بىزگىمۇ قەتتي يارىمىدى ...

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 15:00:49

رەسىمىنى بىر كۆرەيلى ئالدىبىلەن ..........

ئېنترېنېت تورىنى ئۆيگە تارتسام، «رەقەملىك تېلېۋىزورنىمۇ تارتامسەن؟» دەيدۇ. «ئۇيغۇرچە قانال بارمۇ؟» دىسەم، «يوق» دەيدۇ. شۇڭا «ئۇيغۇرچە قانال بولمىسا، بىز نېمىنى كۆرىمىز» دەپ تارتمىدىم. تېلېگرافنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇيغۇرچە قانالنى رەقەملىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇييغۇرچە قانالدىكى ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلىمىسا بولمىغۇدەك، ئۇنىڭغا پۇل يوقمىش!

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 15:01:13

ئۇيغۇرچە قاناللارنىڭ تەكلىپ بەرگۈدەك يېرىمۇ يوق جۇما.مۇشۇ يەردە قالىدۇ دېيىلگەن سۆزلەر پەقەت.

بارغانچە تېتىقسىزلىشىپ كېتىۋاتىدۇ،يا قويغان فىلىملىرىنىڭ تاينى يوق،ياكى پىروگراممىللىرىنىڭ.خەنزۇچە قاناللاردىمۇ قويمايدىغان،ئىشلىنىپ بازار تاپمىغان فىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ ئۇيغۇرچە قاناللاردا قويامدىكى تاڭ.

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 15:06:51

ئادەمگە ھوزۇر بەرمەي تەربىيە قىلىشنىلا ئاساس قىلىدۇ.ئاا-ئانىمىزمۇ تەربىيە ئىشلىسە،مەكتەپمۇ تەربىيە ئىشلىسە،ئىدارىمۇ تەربىيە ئىشلىسە،تېلۋىزىيە ئىستانىسىدىكىلەر بىز بىلەن ئوخشاش ئادەملەر تۇرۇپ يەنە بىزگە تەربىيە ئىشلىسە..........راۋرۇس ئاددەم بولۇپ كېتىمىز جۇما.

ئەمما 9-قانال 2-قانالدىن ياخشى.

ئاۋۇ 1-قانالدانەچچە ھەپتىنىڭ ئالدىدابېي جىڭتېلۋىزيە ئىستانىسىنىڭ 档案پىرگۇراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى رىياسەتچىلىك قىلغىلى تۇرۇپتىكەن .خېلى يېڭىلىق پەيداقىپتىكەن ،2-3-4......لەردىغۇ بىر بىرنىمىنى نەچچە يىل بېرىدۇ ،ئوخشاش ئۇسلۇپ.



تېلۋىزيە تىياتىرى دىگەندەكلەرنىغۇ،شۇ تىياتىر چىقىپ نەچچە يىلدىن كىيىن ئاران كۆرىمىز.

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 15:11:03

ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى يەتكۈززۈشنى مەقسەت قىلغاندىكىن،يەتكۈزىۋەرسە،بىزمۇ ئاڭلاۋېرىمىز .ئەمما باشقا بىر نىمىلىرىنى بىر جەلىپكارراق قىلسا،،،،ئېلان بېرىپ ياردەم بېرەي دىسىمۇ پىرگۇراممىلىرىنىڭ تايىنى يوق.پىرگۇرامما جەلىپكار بولساشىركەتلەر ئېلان بىلەن ياردەم قىلسىمۇ بولىدۇ....ئىچكىردىكى قاناللاردىن ئۆگەنمەمدىغاندۇ دەيمەن.نىمىسى ئوخشىمايدۇ،نىمىسى يەتمەيدۇئۇلارغا .

iksak يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 15:19:32

ئۇ بەلگىنى مەن پەقەت ياقتۇرمىدىم. باشقىدىن لاھىيەلەپ، يېنىغا پالانچە قانال دەپ يىزىپ قويسا بولغۇدەك.

كىنو ياكى پروگرامىلىرىنىڭ سۈپىتىگە كۆپرەك ئەھمىيەت بەرسە بولىدۇ، خەۋەرلەردە داۋۇتاخۇنىڭ كىرىمى ئاشتى،ئاۋۇتاىۇن يېڭى ئۆي سالدى دىگەندەكلا گەپلەر، خۇددى ھەممە ئادەمنىڭ تۇرمىشى ياخشى بولۇپ كەتكەندەك............................


لىكن بۇنىمۇ بىكىپ بېرىدىغان ئادەم باردە.............

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 15:22:24

س س ت ۋ نىڭ ھېچقانداق ئىش قوشمىغان ئاشۇ بەلگىسىمۇ ئۆزگىچە تۇرىدىغۇ .

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 15:34:47

نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان بەلگىسىنى ئاتايىن ئىچكىردىكى بىر شىركەتكە، نەچچە يۈزمىڭ پۇل بېرىپ لاھىيلەتكەنمىش، رايونىمىزدىكى شۇنچە شىركەتلەر يارىماي. كۆزگە ياقسا بىر نېمە دەي.

تىلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ شۇنچىلىك بەلگىسىنى ئىشلىتىدىغان پۇلنىمۇ، ئىششەك پاتمان ئىلتىماس قىلىپ، نەچچە پوق قورساق بۆلۈشۈپ يەيدىغان ئوخشايدۇ.

Uyushqaq يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 15:48:16

شىنجاڭ تېلېۈىزىيە ئىستانسىسىنىڭ يېڭى ئۆزگەرتكەن ئىستانسا بەلگىسى كۆرۈنۈش ۋە مەنە ئىپادىلەش جەھەتتىن كىشىگە ھىچقانداق تۇيغۇ بېرەلمەيدىكەن. مېنىڭچە بۇنداق بەلگىلەر رايۇن ئالاھىدىلىكى ۋە مىللى خاسلىق ھەمدە دەۋىر روھىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك. ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بەلگىسى ناھايىتى ئوبدان لاھىيىلەنگەن ئىكەن ، ش ج ت ۋ دىكىلەر باشقىلاردىن ئوبدانراق ئۆگەنسە بولغىدەك!(شەخسىي قاراش)

koxuk يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 15:58:17

\"\"


دەسلەپكىسى خېلى بوپ قالاتتى. قارىماققا ئۇسسۇل ئويناۋاتقان بىرسىنى كۆرگەندەك بولاتتى ئادەم. ھازىرقىسىنىڭ شىنجاڭدىكى X غا ئوخشىغاندىن باشقىراق بىرنەرسە ھېس قىلمىدىم.

izdinixazasi يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 16:15:45

تىلۋوزور كۆرمىگىلى بوپقالغاندۇ بەش توت يىل\"\"راس تىنى دىسەم كۆرگۇم كەلمەيدۇ خەۋەرنىڭ ھەمىسى تور دا يېڭىلىقنىڭ ھەمىسى توردا كىنونىڭما ئېسىلى توردا   {:92:}

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 16:28:48

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك تىل-يېزىق نىزامنامىسنىڭ ماس بەلگىلىرىمىگە ئاساسەن شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ بەلگىسىدە ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلەتمەسلىكى يوقارقى قانۇن، نىزاملارغا خىلاپ.

بۇرۇن «شىنجاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلۋىزىيسى 2» دەپ ئۇيغۇرچە خەت كۆرۈنەتتى. شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇرچە خەت ياكى ئۇيغۇرچە بىرەر ھەرپنى چىقارسىمۇ بولىدۇ.

snake يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 16:59:50

19- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك تىل-يېزىق نىزامنامىسنىڭ ماس بەلگىلىرىمىگە ئاساسەن شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ بەلگىسىدە ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلەتمەسلىكى يوقارقى قانۇن، نىزاملارغا خىلاپ.

بۇرۇن «شىنجاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلۋىزىيسى 2» دەپ ئۇيغۇرچە خەت كۆرۈنەتتى. شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇرچە خەت ياكى ئۇيغۇرچە بىرەر ھەرپنى چىقارسىمۇ بولىدۇ.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا قوش تىل مائارىپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى كىشىنى بەكمۇ خۇش قىلىدۇ ،.....

muhammad000415 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 17:17:57

شۇنژفج ئۇيغۇرچە خەت چىقىرىشى كېرەك . چۈنكى بىزدە ئاتالمىش ئاپتۇنومىيە ھوقوقى بار ئەمەسمۇ !!!!!!!{:92:}

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 17:33:37

باشلىق ئالمىشىپتۇ دە{:107:}

sudannaz يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 17:41:28

يەنىلائەڭ باشتىكىسى   جەلىپكار    كۆرۈنىدىكەن،ئۆتكەنيىلىئۆزگەرتتىمۇئېىسمدەيوق ،ئىككىنچىسىنىمۇپەقەت   ياقتۇرمىغانتىم،ماۋۇ   ئۈچۈنچىقېتىم   ئۆزگەرىتكىنىئۇنىڭغىمۇيەتمەيدىكەن.تولائۆزگەرتىۋېرىپنىمەقىلىدۇ،ئۇنىئۆزگەرىتكىچە   پىروگراممىلىرىنىڭ   سۈپىتىنىئۆزگەرتىشكە   كۆڭۈلبولسىچۇ؟
بەت: [1] 2 3
: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! XJTV نىڭ يېڭى بەلگىسى