xjtv9 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 14:00:26

xjtv9 «ھايات جىلۋىسى» غا تەكلىپ- پىكىر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ياخشىمۇسىلەر! قانىلىمىز پروگراممىلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ يولغا قويغان سەھىپىلىرىدىن «ھايات جىلۋىسى» پروگراممىسىغا ياخشى پىكىر- تەكلىپ بولسا ئايىماي ئوتتۇرىغا قويۇشۇڭلارنى قارشى ئالىمىز.  ھەمدە كىشىنى تەسىرلەندۇرىدىغان، بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدىغان شەخىسلەر بولسىمۇ بىزنى ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئىتىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز.

مەنبە:xjtv9

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 14:47:46

ھايات جىلىۋىسى پىرگۇراممىسىدىن بىرەرنى يوللاپ باقمامسىز،كۆرۈپ باقمىغانلار  قانداق پىكىر بېرىدۇ بولمىسا.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 15:34:11

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 15:39:23

ئالدىنقى تېمىدىمۇ لاھىيە يوق باھا بېرىڭلار دەپتىكەنسىز، بۇنىڭدىمۇ يەنە شۇ. نېمىگە باھا بېرىدۇ؟

abdulla74 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 15:45:15

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، ئىزدىنىش تورىدا ئوبدان ئۇچرىشىپ قالدۇق. ئۇزۇندىن بۇيان شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىنىڭ بىرەر مۇھەررىرى بىلەن ئالاقىلىشالماي جىلى بولۇپ يۈرەتتىم. گەرچە سىزنىڭ كونكرېت خىزمەت دائىرىڭىزنى بىلمىسەممۇ، ئۇزۇندىن بۇيان مېنى بىئارام قىلىۋاتقان بىر مەسىلىنى دەۋالاي: شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى ئۇيغۇرچە قاناللىرىنىڭ ئېكران يۈزى خەتلىرىدە ئىملا خاتالىقى بەك كۆپ. «كۆپ» ئاتالغۇسىنى «ئاجايىپ، تولىمۇ، ناھايىتى، پەۋقۇلئاددە...» دېگەن رەۋىشلەر بىلەن كۈچەيتىپ ئېيتساقمۇ بولىدۇ، چۈنكى، سىلەر پۈتۈن دۇنيا بويىچە، ئۇيغۇرچە تىل-يېزىقتا مۇنتىزم ۋە قانۇنلۇق پىروگرامما تارقىتىدىغان ۋە تارقىتالايدىغان بىردىنبىر تېلېۋىزىيە ئورگىنى، شۇڭلاشقا سىلەرنىڭ تىل-يېزىق جەھەتتە كەتكۈزۈپ قويغان كىچىككىنە سەۋەنلىكىڭلارمۇ ئانا تىل-يېزىققا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك سۈپىتىدە مەسئۇلىيەت سۈرۈشتە قىلىنىشقا لايىق. ئېلانلارنىغۇ «سىرتتا ئىشلەپ كەلگەن بولغاچقا ئىملا خاتالىقلىرى كۆرۈلۈپ قاپتۇ» دېگەندەك ئاقماس باھانە بىلەن يۆگەپ ئۆتكۈزۈۋېتەرسىلەر، ئۆزەڭلار ئىشلىگەن مەخسۇس پىروگراممىلار، ھەتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ زۇۋانى بولغان «شىنجاڭ خەۋەرلىرى»، «بۈگۈنكى سۆھبەت»كە ئوخشاش نوپۇزلۇق پىروگراممىلاردىمۇ ئىملا خاتالىقى قەدەمدە بىر كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. نەتىجىدە قانداق بولدى؟ «سۇ باشتىن لاي» بولغاچقا، ۋىلايەتلىك، ناھىيەلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە قاناللىرىدا ئانا تىل-يېزىق شۇنچىلىك قەدىرسىزكى، «تىلغۇن»، «كۇرۇسقا ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىلانى»، «مەدىنيەتلىك پۇخرالاردىن بۇلايلى»، «تازلىقنى سۈيۈپ»... دېگەندەك مەينەت ئىملادا يېزىلغان سۆزلەرنى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلىرىممۇ بايقاپ مەسخىرە قىلىپ ئولتۇرىدۇ. (شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى ياكى يەرلىك تېلېۋىزىيەلىرى بۇ سۆزلىرىمگە پاكىت كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلسا، مەن ھەر ۋاقىت تەييارمەن، خالىغان كۈندىكى، خالىغان پىروگراممىلىرىدا ئېكران خېتىلا بولىدىكەن، مەن زورۇقمايلا ئىملا خاتالىقى تېپىپ چىقالايمەن.)

ئىملا خاتالىقىنىڭ كۆپلۈكى ھەققىدىكى بۇ پىكرىمنى شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىنىڭ سىنا تورىدا مىكرو بلوگ ئاچقان دىكتور رىياسەتچىلىرىدىن بىر قانچىسىگە يوللىدىم (گەرچە، ئۇلارنىڭ بۇ ئىشتا مەسئۇلىيىتى يوقلۇقىنى بىلىپ تۇرساممۇ، تەھرىر بۆلۈمىدىكىلەرگە يەتكۈزۈپ قويار دېگەن ئۈمىدتە ئىدىم)،  ئۇلاردىن گۈلشەن مۇھەممەدتۇرسۇن، شەمسىيە ئەبەيدۇللا ئىككىيلەن جاۋاب قايتۇردى، شەمسىيە خانىمنىڭ جاۋابىدىن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكىلەر ئىچىدىمۇ بۇ مەسىلىنى بايقىغان ۋە ئۆزگەرتىشكە تىرىشىۋاتقانلارنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم ۋە ئاز-تولا بولسىمۇ ئۈمىدكە تولدۇم.

بۈگۈنچە مۇشۇنچىلىك سۆزلەپ توختاپ قالاي، ئۇزۇندىن بۇيان مۇنداق بىر «رەزىل پىلان»نى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ يۈرەتتىم: ھەر كۈنى چۈشلۈك دەمئېلىش ۋاقتىدا يېرىم سائەتتىن ۋاقىت چىقىرىپ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى 2-قانىلىنىڭ ئېكران يېزىقىدىكى ئىملا خاتالىقىنى خاتىرىلەپ چىقىپ، ئىزدىنىش مۇنبىرىدە ئۇدۇللۇق ئېلان قىلىش. خەير، شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىدىكى «چالا ساۋات»لار ئەقلى-ھۇشىنى تاپالماي، يەنە ئىملا پېتىقداپ يۈرسە بۇ پىلاننى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ۋاقىتمۇ كېلىپ قالار.

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 16:42:02

ئاسان بىر نەرسىدىن تەسىرلەنمەيتىم، قايسى كۈنى قانال يۆتكەۋېتىپ كۆكتات سېتىپ ئائىلىسىنى بېقىۋاتقان بىر ئايالنىڭ ئىشلىرىنى بەرگىلى تۇرۇپتىكەن، خېلى تەسىرلىنىپ قالدىم.

«ھايات جىلۋىسى» ماڭا ياقتى.

muhammad000415 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 17:27:27

مەن تېخى كۆرۈشكە ئۈلگۈرمىگەن بولساممۇ ، سىلەرنىڭ تىرىشىپ ئۇيغۇر خەلقىگە ياخشى پىروگراممىلارنى سۇنۇشىڭلارغا تىلەكداشمەن .

xjtv9 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 17:40:52

ئابدۇللا ئەپەندىم يۇقارقى سىز ئېتقان ئىملا خاتالىقى ھەقىقەتەن بەك كۆپ بۇنىڭغا بانا سەۋەپمۇ كەتمەيدۇ . مەن تېلۋىزىيە ئىستانسىغا ۋەكىللىك قىلالمىساممۇ شەخسى نامىمدىن سىزدىن شۇنداقلا كۆرۇرمەنلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن. ھەمدە مەن ئۆزەم بۇندىن كېيىن ئۆز پروگراممامنىڭئىملا خاتالىقى يۈز بەرمەسلىكىگە تىرىشىمەن .

تارىمى ئەپەندىم سىز ئەڭ ياخشى ئويلۇشۇپ گەپ قىلىڭ نىمە ئۇ ‹ بۇلار شۇنداق مەسئۇلىيەتسىز دىگەن. بىزمۇ تىرىشۋاتىمىزغۇ .

xjtv9 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 17:43:04

كەچۈرۈڭلار بولسا فىلىمنىڭ ئۆزىنى يوللىسام ياخشى بولاتتى. ئالدۇرماي ئۇمۇ بوپ قالا..... ھايات جىلىۋىسى پروگراممىسى ھەر دۈشەنبە كۈنى سائەت 7 دە ئىقتىساد تۇرمۇش قانىلىدا كۆرسىتىلىدۇ.

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 17:46:10

9- قەۋەتتىكى xjtv9نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئابدۇللا ئەپەندىم يۇقارقى سىز ئېتقان ئىملا خاتالىقى ھەقىقەتەن بەك كۆپ بۇنىڭغا بانا سەۋەپمۇ كەتمەيدۇ . مەن تېلۋىزىيە ئىستانسىغا ۋەكىللىك قىلالمىساممۇ شەخسى نامىمدىن سىزدىن شۇنداقلا كۆرۇرمەنلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن. ھەمدە مەن ئۆزەم بۇندىن كېيىن ئۆز پروگراممامنىڭئىملا خاتالىقى يۈز بەرمەسلىكىگە تىرىشىمەن .

تارىمى ئەپەندىم سىز ئەڭ ياخشى ئويلۇشۇپ گەپ قىلىڭ نىمە ئۇ ‹ بۇلار شۇنداق مەسئۇلىيەتسىز دىگەن. بىزمۇ تىرىشۋاتىمىزغۇ .  



تارىمى ئەپەندىم ئەمەس خانىم. \"\"


تارىمى خانىم مەسئۇليەتسىز دېگەن سۆزىڭىزگە پاكىت كۆرسىتىڭ، ئادۋۇكات بولغاندىكىن.

abdulla74 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 17:59:51

9- قەۋەتتىكى xjtv9نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئابدۇللا ئەپەندىم يۇقارقى سىز ئېتقان ئىملا خاتالىقى ھەقىقەتەن بەك كۆپ بۇنىڭغا بانا سەۋەپمۇ كەتمەيدۇ . مەن تېلۋىزىيە ئىستانسىغا ۋەكىللىك قىلالمىساممۇ شەخسى نامىمدىن سىزدىن شۇنداقلا كۆرۇرمەنلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن. ھەمدە مەن ئۆزەم بۇندىن كېيىن ئۆز پروگراممامنىڭئىملا خاتالىقى يۈز بەرمەسلىكىگە تىرىشىمەن .



ئىجراسىغا ئىنتىزارمەن.


xjtv9 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 18:07:57

ئابدۇللا ئەپەندىم مەنغۇ تىرىشىمەن بىراق تېلۋىزىيە ئىستانسىدا ئىشلەيدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بار .. ئەڭ ياخشىسى سىز ئويلىغاندەك قىلسىڭىز ياخشى بولامىكىن دەيمەن.

windboy يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 18:20:42

قانالدا ئاخىرى بىر يېڭىلىنىش بوپتۇدە،يېڭى پروگىراممىلارنى مەن تېخى كۆرۈپ باقمىدىم ،يەنە قانداق يېڭىلىقلار بولغىنىنىمۇ بىلمەيمەن،سىلەرگە بېرىدىغان تەكلىۋىم قانالنىڭ نامى ئىقتىساد تۇرمۇش قانىلى بولغانكەن ئانچە مۇنچە بىر تورمۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئاددى تۇرمۇش ساۋاتلىرى سۆزلىنىدىغان، يەڭگىل پروگگىراممىلارنى قوشساڭلار بولاتتى.

patrol يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 19:29:16

9- قەۋەتتىكى xjtv9نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئابدۇللا ئەپەندىم يۇقارقى سىز ئېتقان ئىملا خاتالىقى ھەقىقەتەن بەك كۆپ بۇنىڭغا بانا سەۋەپمۇ كەتمەيدۇ . مەن تېلۋىزىيە ئىستانسىغا ۋەكىللىك قىلالمىساممۇ شەخسى نامىمدىن سىزدىن شۇنداقلا كۆرۇرمەنلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن. ھەمدە مەن ئۆزەم بۇندىن كېيىن ئۆز پروگراممامنىڭئىملا خاتالىقى يۈز بەرمەسلىكىگە تىرىشىمەن .

تارىمى ئەپەندىم سىز ئەڭ ياخشى ئويلۇشۇپ گەپ قىلىڭ نىمە ئۇ ‹ بۇلار شۇنداق مەسئۇلىيەتسىز دىگەن. بىزمۇ تىرىشۋاتىمىزغۇ .



ھازىرقى تىلىۋىزىيە پروگراممىلىرىدا خەتتىن تۇلا گەپ، ئەشۇ ئىككى قۇر خەتنى ئوڭشاپ يېزىشمۇ تەسمىدۇ؟


yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 20:15:25

xjtv9نىڭ تېمىسىدىن نەقىل

ئەئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانىلىمىز پروگراممىلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ يولغا قويغان سەھىپىلىرىدىن ھايات جىلۋىسى پروگراممىسىغا ياخشى پىكىر تەكلىپ بولسا ئايىماي بېرىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز . ھەمدە كىشىنى تەسىرلەندۇردىغان بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدىغان شەخىسلەر بولسۇمۇ بىزگە ئۇرچۇر تەمنلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز.


مەنبە:xjtv9  







مەنمۇ بىرەر پروگراممىنى يوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى مەن پروگرامماڭلارنى كۆرۈپ باقماپتىمەن.
مۇشۇ ئېلاننىڭ تولىلىقىدىن  تېلېۋىزورنى تۈزۈكمۈكمۇ كۆرمەيدىغان بولغاچقا بەلكىم بىخەۋەردۇرمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە  بۇ يىل سىملىق تېلېۋىزىيەنى توختىتىۋەتتىم





مەنبەنى ئاچسام ئىزدىنىشتىكى بلوگىڭىزدىكى يۇقارقى مەزمۇن چىقتى. تېمىنى ئەتراپلىق، ئەستايىدىل، ئىملاسىنى توغ را قىلىپ يوللىسىڭىز تورداشلارنىڭ تەكلىپ- پىكىر بەرمىكىمۇ ئاسان بولىدۇ.




puresherrif يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 21:41:52

مەن ھازىر بىر ناھايىتى كىچىك گېزىتخانىدا ئىشلەۋاتىمەن، گېزىتخانا ھەرقانچە كىچىك بولسىمۇ دۆلەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن نەشىر نومۇرى بار، ھەر ساندىكى ئىملا خاتالىقلىرى تېپىپ چىقىرىلىپ، مەسئۇل مۇھەررىرنىڭ مۇكاپاتى تۇتۇپ قېلىنىدۇ، بولمىسا سىلەرمۇ شۇنداق قىلىڭلار، @abdulla74 ھەر كۈندىكىنى ئىزدىنىشتا ئېلان قىلسۇن، سىز بىر نۇسخىنى باشلىقىڭىزغا تاپشۇرۇپ بېرىڭ، ئىككى ئايغا قالماي ئوڭشىلىپ كېتىدۇ مۇشۇ ئىشلار، ئىشىنەمسىز؟ پۇل دېگەن شۇنداق مېھرى ئىسسىق نەرسە.

faeza1 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 22:45:08

مەن قارىسام بۇ تىما ئىگىسى مەۋلۇت ئىبراھىم ئوخشايدۇ .

   مەن بۇ پروگراممىنىڭ يولغا قۇيۇلغىنىنى ئۇقماي يۈرۈپتىمەن . پەقەت «بەختلىك بول بەختىيار» ، « دوپپا تىكىپ ئىگىلىك ياراتقان ئايال» دىگەن 2 قىسىمنىلا كۆردۈم . توردىن كۆرۈش ئادرىسى بولغان بولسا دەپ خېلى ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم . قارىغاندا تورغا يوللىمىغان ئوخشايدۇ . ئەپسوس باشقا قىسىملىرىنى كۆرۈلمىدىم .

   بۇ پروگرامما ناھايىتى ياخشى ئىشلىنىپتۇ . بۇلۇپمۇ مەۋلۇت ئىبراھىمنىڭ ئۆزگىچە رىياسەتچىلىكى بىلەن تېخىمۇ جەلپ قىلارلىق بوپتۇ . مەۋلۇت ئىبراھىم رادىئو ئىستانىسى ، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيىسى ۋە شىنجاڭ تېلېۋىزىيىلىرىدە ئىشلەپ ئالدىراش بۇلۇپ كىتىۋاتقان بۇلۇشى مۇمكىن . شۇنداقتىمۇ ھەربىر پروگراممىسى ئىنتايىن ياخشى . مەن ئەتراپىمدا ئاشۇنداق تەسىرلىك ئىشلار بارمۇ سۈرۈشتۈرۈپ بېقىپ ، ئاندىن تىما ئىگىسى بىلەن ئالاقىلىشاي ! بەلكىم بىز ھىس قىلمىغان تەسىرلىك ئىشلار بۇلۇشى مۇمكىن .

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 10:39:46

xjtv9 ۋە رادىيو قاناللىرىنىڭ پىكىر- تەكلىپ يىغىشنى مەقسەت قىلىپ يوللىغان بارلىق يازمىلىرىغا داڭقان پۇتى گەپ قىلغان ھۆھتىرەم ئەزىزلەر ھوشۇڭلارنى يىغىپ يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىپ گەپ قىلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. مەيلى كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئەسلى سۇئالغا مۇناسىۋەتسىز گەپ قىلغان، سېسىق گەپ، تەنە گەپ قىلغان، ئورۇنسىز جېدەل تېرىغانلارنىڭ ئىنكاسى تازىلاش بىلەن بىرگە سالقىنداشقا يوللاپ قويىۋېرىمەن، خاپا بولۇشمىغايلا.

@xjtv9 سىن ھالەتتىكى پروگراممىلارنى قوشۇش ئىشىنى تېزلىكتە ھەل قىلىپ بېرىمىز. ھازىرچە مۇنبەرگە يوللانغان تېمىڭىزنى تەھرىرلەش ئارقىلىق تېما يېزىش كۆزنىكىدىكى ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ سىن قوشسىڭىز بولىدۇ. ئىمكان بولسا ھەر بىر يازمىلاردىكى ئىملانىڭ توغرا بولۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلساڭلار، مەنمۇ ئىمكان بار ۋاقىت چىقىرىپ تۈزىتىپ قويىمەن. شۇنداقتىمۇ يەنىلا ئۆزۈڭلارنىڭ كۆپرەك كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا سىلەر تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئۆگىنىشكە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان شەخسلەر دېگىنىڭىزدىن قايسى ساھەلەر، قاتلامدىكىلەر كۆزدە تۇتىلىدۇ؟ رايون ئاتلاپ ئەھۋال تەمىنلەنسە زىيارەت قىلىش ئىمكانىيىتىڭلار بارمۇ؟ مۇشۇلار توغرىسىدىمۇ ئېنىق بىر چۈشەنچە تولۇقلانسا... ناۋادا يۇقارقى يازمىنى تەھرىرلەش ئارقىلىق سىن قوشۇشنى ئويلاشساڭلار مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلساڭلار بولىدۇ.

matu يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 11:28:37

xjtv9 نىڭ كىم ياكى ئەمەسلىكىنى مۇلاھىزە دائىرىمىزدىن يىراقلاشتۇرساق. مۇنتىزىم مەتبۇئات دائىرىسىدىكىلەرنىڭ تور ئەھلىدىن پىكىر قوبۇل قىلىشى مېنىڭ بىلىشىمچە تۈنجى قېتىم بولىۋېتىپتۇ، قارشى ئېلىشقا ۋە قوللاشقا تېگىشلىك.

xjtv9، جانابىڭىز پىكىر ئالغۇچى سالاھىيىتىدە بولغان ئىكەن تورداشلارنىڭ ئاز - تولا قاخشاش ياكى ۋايساشلىرىنى چۈشىنىشىڭىز ھەم قوبۇل قىلىشىڭىز كىرەك، رادىئو-تېلىۋېزىيە ساھەسىگە بولغان تەنقىدلەرنى ئۆزىڭىزگە ئېلىۋالمىغايسىز.

farwana يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 14:38:59

ئا تارىمى دېگەن ئادۋوكات ، سىزنى قىزبالا دېمىگەن بولسام بىرمۇنچە تىللىۋېتەركەنمەن ، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەيدىغان قانداق ئادۋوكات سىز ؟ ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمنى دېگەندەكلا ئىش قىلىدىكەنسىز  ، ئىچكىرىدە بىر ئۇيغۇر ئوغرىلىق قىلسا ‹‹ ھەممە ئۇيغۇر ئوغرى ›› دەيدىغان مەنتىقىنى كىم ئۆگەتتى سىزگە ؟
بەت: [1] 2
: xjtv9 «ھايات جىلۋىسى» غا تەكلىپ- پىكىر