izchilar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 13:38:08

ئۇيغۇر نامىنى ئىنگىلىزچە قانداق يازىمىز؟


ئۆتكەندە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنېڭ ئېنگىلىزچە تەرجىمھالىنى يازغاندا،ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى Abdukhaliq Uighurدەپ ئالسام،بەزى دوستلار ئۇيغۇر نامىنى ئېنگىلىزتىلىدا Uyghurدەپ بىرلىككە كىلىپ بولغان.بۇ ھەقتە تىل-يىزىق كومىتىتىدكىلەرنېڭمۇ چۈشۈرگەن ئۈچ خىل تىلدا چۈشۈرۈلگەن ھۆججىتى باردىگەنىدى.ئىزدىنىپ باقسام،راس ئۇلار ئىيتقاندەك ئىكەن.لېكىن مەن ئىككى يىل بۇرۇن بىر نەچچە ئامېرىكىلىقلاردىن سورىغىنىمدا ئۇلار Uighurدەپ ئۈگەتكەنىدى.يىقىندا بىرەيلەندىن سورىسام Uighurدىگەن توغرا،ئۇيغۇر تىل-يىزىق كومىتىتىكىلەر نېمىشقا ئىنگىلىزتىلىنېڭ گىرامماتكىسى ئارىلىشىدۇ دەپ قايناپ كەتتى.تازا قايمۇقۇپ تۇرسام جۇڭگۇ كۈندىلىك خەۋەرلىرى گىزىتىنېڭ ئېنگىلىزچە ئورگان بىرىدىكى بىر خەۋەرنى ئوقۇپ تىخىمۇ قايمۇقۇپ قالدىم.قارىسام ئۇيغۇرنى ئىنگىلىزچە Uygurدەپ ئاپتۇ.










بۇ خەۋەرنى تىخى بۈگۈن‹2012-5-15-كۈنى› ئىلان قىپتۇ.


ئاددرىسى:http://www.chinadaily.com.cn/2012-05/15/content_15291134.htm


شۇڭا بەكلا قايمۇقۇپ قالدىم.بۇ زادى قانداق ئىش؟جۇڭگۇ كۈندىلىك خەۋەرلىرى گىزىتىنېڭ ھىساپمۇ؟ياكى ئۇيغۇر تىل-يىزىق كومىتىتىدىكىلەرنېڭمۇ ياكى كىمنېڭ ھىساپ؟






مەنبە:http://www.tilhumar.biz/?p=532

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 17:01:43

ئىنگىلىز تىلى گىرامماتىكىسىنى پىششىق بىلىدىغان بىرەر تورداش بولسا شۇ دەپ بەرسە بولغۇدەك..

قايسى كۈنى بىر تېما يوللىغان بىر ئۇكاش بار ئىدىغۇ،شۇ ئۇكاشمۇ چوقۇم بىلىدۇ.

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 17:20:54

\"\"ماندا يازىدۇ......بىر قىسىم كىشىلىرىمىز خاتا يازىدۇ...مەن بۇنى كۆپ تورلاردا تەشۋىق قىلىۋەتكەن بىراق يەنىلا خاتلالىق ئزۈلمەيدۇ دىسە...

bulutt يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 17:41:01

ئېنگىلىزچە يېزىلىشى ‹‹Uighur›› ، ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (يەنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى-- ULY) بىلەن يېزىلسا ‹‹Uyghur›› يېزىلدۇ.

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 18:17:57

、ئاۋۇ تېمىدىكى ئورۇق مايمۇننىڭ  تۇرقى تولا قىزىقكەن  {:92:}   \"\"

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 18:20:23

خۇدايا توۋا، بۇ بىر ئۇزۇن جۈملە بولمىسا، ئېنگىلىز تىلىنىڭ تىلقۇرمىسى(گرامماتىكاسى)دا قانداق يازىدۇ دېگىلى. بىزنىڭ نامىمىزنى قانداق يېزىش مەسىلىسىنى  پرانسىيەدىكى ۋارىس ئابدۇكىرىم جانباز ئەپەندى تورداشلاردىن كەڭ كۇشادە پىكىر ئالغاندىن كېيىن، تىل -يېزىق كومىتىتىغا ئىلتىماس سۇنۇش ئارقىلىق قارارلاشتۇرۇپ، تىل - يېزىق كومېتىتىنىڭ قىزىل باشلىق ھۆججىتىنى ئامىرىكادىكى مۇناسىبەتلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلگەن ئىدى.



مەن بىلىۋال توربىتى ئوچۇق چاغدا مۇشۇ ھەقتىكى بىر تالاشمىغا يۇقۇرىدىكى تورداش دېگەندەك، «ئېنگىلىزچە يېزىلىشى ‹‹Uighur›› ، ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (يەنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى-- ULY) بىلەن يېزىلسا ‹‹Uyghur›› يېزىلدۇ.» دەپ ئىنكاس يازغان ئىدىم، ئۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئېنگىلىزچىگە ئەڭ پىششىق بولغان ئەركىن سىدىق ئەپەندىم: «ئۇيغۇرنىڭ نامىنى ئېنگىلىزچە يېزىشنى بىكىتىشتە ئېنگىلىزلار ئەمەس، ئۇيغۇرلار بىكىتىشى لازىم، ئۇيغۇرنىڭ نامىنىڭ چەتئەل يېزىقىدا ھەرخىل يېزىلىپ قىلىشىدىكى سەۋەپ، بىزنىڭ چەتئەللەر بىلەن بولغان ئالاقىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللار ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىدىن، كىمنىڭ قانداق يېزىۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىز قالغانلىقىمىزدىن بولغان، ئەمدىلىكتە بولسىمۇ نامىمىزنى قانداق يېزىشنى، قانداق يازسا توغرا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، توغرا يېزىشنى قولغا كەلتۈرىشىمىز كېرەك.» دېگەن ئىكەن. شۇ چاغدا بىلەرمەنلىك قىلىپ يېزىپ سالغان ئىنكاسىمدىن تولىمۇ خىجىل بولغان ئىدىم. بىلىۋال توربىتىنى كۆرەلەيدىغان تورداشلار ئۇيغۇرنىڭ نامىنى قانداق يېزىش توغرىسىدىكى سۇئالغا قاراپ باقسا، بۇ ئىنكاس ھىلىمۇ بار بولىشى مۇمكىن.

ۋارىس ئابدۇكىرىم جانباز ئەپەندىممۇ نامىمىزنىڭ ئېنگىلىزچىدە توغرا يېزىلىشىنى تەشەببۇس قىلىشتا، ئېنگىلىزچىنى بىلمەي، ئېنگىلىزچىنىڭ قانۇنىيىتىنى چۈشەنمەي، شۇنداقلا قىلغىلى ئىش تاپالماي، بىكارچىلىقتا ئوتتۇرىغا قويمىغان بولغىيتى؟

xaqan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 18:34:52

ئىنگلىز تىلىنىڭ ئىملاسىنى بىزنىڭ ئاپتونۇم رايونلۇق تىل يېزىق كومېتىتى بەلگۈلەمدىكەن. تىل يېزىق كومىتېتىنىڭ خېلى يەرگە كۈچى يېتىدۇ.  ئوكسفور لۇغىتىگە قاراپ بېقىڭ. ئېنىقلام uighur  دەپ بار. خېلى داڭلىق بىر ئالىم ئىنگلىزلار ئۇيغۇر دېگەن نامنى يۇقارقىدەك ئاتىغىلى يۈز يىلدىن ئوشۇق بولغانلىقىنى دېگەنىدى. گوگىل، مىكروسوفىتنىڭ بىڭ تەرجىمىسىدىمۇ بەك قالايمىقان. بۇلارمۇ قايسىنى ئېلىشنى ئۇقماي بىزنىڭ جىدەل قىلىشىمىزدىن قورقۇپ، بۇپتىلا ھەممىسىنى كىرگۈزۈپ قوياي دېگەن ئوخشايدۇ . شۇ ۋەجىدىن تېخى بىرلىككە كەلتۈرمەپتۇ. بۇلارنىڭ مەنتىقىسى بويىچە بىزمۇ ئىنگلىز دېگەننى ئېنگىلىش دەپ يازساق بولغۇدەك. راستىنلا بەزى ئىشلاردا ئادەمنىڭ بېشى بەك قاتىدۇ.

Estami يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 18:44:24

Uyghur   قېلىپلاشىقان ئاتالغۇسىى .



ساراڭ قىلماڭلار بولدى ...

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 19:05:22

@ aplapsaplap نىڭ دېگىنىگە تولۇقلىما


مۇھىم تېما:<<Uyghur>>دېگەن سۆزنى
قوللىنىڭلار!


Erdewilيوللىغان ۋاقىت : 2008-1-8 18:46:52      


http://asp.intil.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=30009




erkinqush يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 19:08:37

ئەسلى توغرىسى uighur ئىدى، كېيىن خاتالىشىپ uyghur غا ئۆزگەرتكەن. يەنە توغرىسىغا قايتىۋالارمىز.

يېزىقىمىزنىمۇ نەچچە قېتىم ئۆزگەرتكەن يەردە بۇ كىچىك ئىش

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 19:20:20

9- قەۋەتتىكى erkinqushنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسلى توغرىسى uighur ئىدى، كېيىن خاتالىشىپ uyghur غا ئۆزگەرتكەن. يەنە توغرىسىغا قايتىۋالارمىز.

يېزىقىمىزنىمۇ نەچچە قېتىم ئۆزگەرتكەن يەردە بۇ كىچىك ئىش  

نېمىگە ئاساسلىنىپ، ئەسلى توغرىسى uighur ئىدى،  دەيسىز؟

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 19:23:46

6- قەۋەتتىكى karwan11نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىنگلىز تىلىنىڭ ئىملاسىنى بىزنىڭ ئاپتونۇم رايونلۇق تىل يېزىق كومېتىتى بەلگۈلەمدىكەن.  

ئىملا دېگەن يېزىقتا بولماي تىلدا بولامدا؟


ئېنگىلىزچىدىكى uighur دەپ يېزىلىشىنىڭ  توغرا دېيىشىڭىزدىكى  ئاساس نېمە؟

kuchtunggur يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 19:29:06

تىل-يېزىق كومىتېتىدەك تىل ساھەسىدىكى نۇپۇزلۇق ئورگان بىرلىككە كەلتۈرۈپ بېكىتىپ بولغان،ھۆججەتمۇ چۈشۈرۈپ بولغان تۇرسا،ئەمدى بۇ ئورگاننىڭكىنىمۇ يوققا چىقىرىپ باشقىلارنىڭ قاش-قاپىقىغا قارايدىغان ئىشما.

قۇلچىلىق ئىدىيىسىدىن قاچانمۇ قۇتۇلارمىز.

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 19:30:00

Uyghurدەپ يازىمىز،ئىش تامام.

hellouyghur يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 19:34:58

بىدار قۇتلان ئەپەندى،بىرلەشتۈرۈش،قىلىپلاشتۇرۇش دىگەن گەپ -مۇشۇ جۇڭگونىڭ ئىچىدە ئاقىدىغان گەپ،

خەلقئاراغا داڭلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا كۇنىگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ ئاز بولغاندا 10پارچە ئەتراپىدا خەۋەر-ماقالە تاپقىلى بولىدۇ،ئەمما بۇلارنىڭ كۆپ قسمى-uighurبىلەن ئىلىنغان.ئۇلارغا جۇڭگونىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى قاچان سىڭدۇرۇپ بولۇش ئايرىم مەسىلە.

پەقەتuyghur مۇشۇنداقلا ئالىسەن دىيشمۇ ئۇششۇقلۇق قىلغانلىق.

چۇنكى بىز تىل-يېزىق كومېىتىتى دىگەن ئاقماس ئورگاننىڭ غا ئىلتىماس قىلغان ۋاقىت،ئۇلارنىڭ بۇ ھۇججەتنى ئىلان قىلغان ۋاقىت بىلەن پۇتۇن دۇنيا مەتبۇئاتى،تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىگەن نامنى ئشلىتىشكە باشلىغان ۋاقتى قاچان باشلانغان ،قايسى بۇرۇن ھەم كۆپرەك بولغان شۇنى سىلىشتۇرۇپ باقساق بولىدۇ.ھەتتا جۇڭگونىڭ ئۆزىدىمۇ ھازىرغىچە uygurدەپ ئشلىتىپ ئۆزى ئىلان قىلغان قۇرۇق ھۇججەتكە خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ.

مىنىڭ پىكرىم:uighurنى چەتكە قاقماسلىق كىرەك.بۇ ھەقتە تارىخچى (خارۋاتتا)قاھار بارات ئەپەندى يتەرلىك جاۋاپ يازغان.uyghur

نى ئشلەتسە گۇناھ ئەمەس.

uya_frozen يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 19:39:55

قىززىق گەپ بوپتىغۇ بۇ، بىز ئۆزىمىزنىڭ نامىنى ئۆزىمىز بېكىتمەي ئاشۇ كۆك كۆزلەرگە باقىمىزمۇ؟ سىز مۇنداق بولىدۇ دەپ ئېنىق بىرنەرسە دېسىڭىز ئاندىن شۇ خەقمۇ ھە مۇشۇنداق بولىدىكەن دىمەمدۇ ؟ يەنە كېلىپ يۇقۇرقى قەۋەتلەردە يوللاپتىغۇ ئېنىق ھۆججەتنى، يەنە خەق مانداق قىپتىكەن ئانداق قىپتىكەن دىمەيمىز، بىزنىڭ ھوقۇقلۇق ئورنىمىز مۇنداق بېكىتتى، سەنمۇ مۇشۇنداق ئالىسە، ھۆرمىتىمنى قىلىسە دەيمىز.  سېئولنى بۇرۇن خەنلەر خەنچېڭ دەيتى، كېيىن سېئولنىڭ  شەھەر باشلىقى قوپۇپ خەنزۇ تىلىدىكى رەسمىي نامى شوۋ ئېر ، خەنچېڭ مەۋجۇت ئەمەس دېۋىدى، مانا ھازىرشۇنداققۇ. مۇشۇنداق گەپ. بىرلىككە كەلگەندىكىن شۇنى ئىشلەتسەك باشقىلامۇ ئۆگەنسە بۇلىدۇ.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 19:49:26

uighur دەپ يېزىش خەنسۇچىدىكى « i » دىن كەلگەن  بولۇشى مۇمكىن. ئېنگلىسچىغا پىششىقلار «ي» نى ئېنگلىسچىدا قانداق يازىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

يەنە uygur ،  uyhur ، uigur...   دەپ يازغاننىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

دەرۋەقە تىل يېزىق كومتېتىنىڭ خەلقاراغا بۇيرۇق قىلىش ھوقۇقى يوق ئەمما تەشەببۇس قىلىش تەۋسىيە قىلىشقا ھوقۇقى بار.  

2006- يىلى يۇقارقى ئۇقتۇرۇش تارقىتىلىشتىن بۇرۇن چەتئەللىكلەر ۋە چەتئەلدىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە ھەرخىل يازغان بولۇشى مۇمكىن. 2006- يىلى يۇقارقى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن uyghur دەپ يېزىش ئومۇملىشىۋاتىدۇ، مۇشۇنداق ئاتاشنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ زىيىنى يوق.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 19:49:34

uighur دەپ يېزىش خەنسۇچىدىكى « i » دىن كەلگەن  بولۇشى مۇمكىن. ئېنگلىسچىغا پىششىقلار «ي» نى ئېنگلىسچىدا قانداق يازىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

يەنە uygur ،  uyhur ، uigur...   دەپ يازغاننىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

دەرۋەقە تىل يېزىق كومتېتىنىڭ خەلقاراغا بۇيرۇق قىلىش ھوقۇقى يوق ئەمما تەشەببۇس قىلىش تەۋسىيە قىلىشقا ھوقۇقى بار.  

2006- يىلى يۇقارقى ئۇقتۇرۇش تارقىتىلىشتىن بۇرۇن چەتئەللىكلەر ۋە چەتئەلدىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە ھەرخىل يازغان بولۇشى مۇمكىن. 2006- يىلى يۇقارقى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن uyghur دەپ يېزىش ئومۇملىشىۋاتىدۇ، مۇشۇنداق ئاتاشنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ زىيىنى يوق.

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 20:16:17

مىنى باشقىلار ئىتراپ قىلسۇن دىسىڭىز ،سىز ئاۋال باشقىلارنى ئىتراپ قىلىڭ.

مەن پەقەت بىرسىنى پەقەت ۋە پەقەت بىر uyghur دىيىشكە قوشۇلىمەن ,

بەزى ئىشلارنىڭ نەتىجىسى تېز چىقمايدۇ ,شۇڭا بىز بىرسىگەلام تۇرايلى ,ھەممىمىز قوللانساق بىر كۈنلەردە توغىرلىنىپ كىتىدۇ ,

خاتا ئىشلەتكەن ئورۇنلارغا ئىنكاس مەلۇم قىلايلى,

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 20:22:38

18- قەۋەتتىكى bughra-oghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مىنى باشقىلار ئىتراپ قىلسۇن دىسىڭىز ،سىز ئاۋال باشقىلارنى ئىتراپ قىلىڭ.

مەن پەقەت بىرسىنى پەقەت ۋە پەقەت بىر uyghur دىيىشكە قوشۇلىمەن ,

بەزى ئىشلارنىڭ نەتىجىسى تېز چىقمايدۇ ,شۇڭا بىز بىرسىگەلام تۇرايلى ,ھەممىمىز قوللانساق بىر كۈنلەردە توغىرلىنىپ كىتىدۇ ,

خاتا ئىشلەتكەن ئورۇنلارغا ئىنكاس مەلۇم قىلايلى,

\"\"


ئىشنىڭ يولىمۇ شۇ.

بەت: [1] 2
: ئۇيغۇر نامىنى ئىنگىلىزچە قانداق يازىمىز؟