hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-5-14 21:54:22

نەشپۈت كىچىك ئۈزەك قۇرتىنىڭ ئۇنىۋىرسال ئالدىنى ئېلىش يۇقىتىش تەدبىرى


ئىلمىي نامى Grapholitha molesta Busck


خەنزۇچە نامى梨小食心虫


تۈرى تەڭگە قاناتلىقلار ئۆترىتى ، يۇپۇرماق پۇرلاشتۇرغۇچى ئائىلىسىگە كىرىدۇ


تاشقى تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىگى:


يىتىلگەن ھاشارىتىنىڭ بەدەن ئۇزۇنلۇقى4.6-6 مىللىمىتىرغىچە ، قانات كەرىمىسى 11-15مىللىمىتىرغىچە بۇلۇپ بەدىنى قارامتۇل كۈلرەڭ ، ئالدى قانىتىنىڭ ئالدى گىرۋىگىدە 6-10 غىچە ئاق رەڭلىك يانتۇ سىزىقچىسى بۇلىدۇ ، سىرتقى گىرۋىگىدە 10 تال كىچىك قارا دېغى بار ، كەينى قانىتى كۈلرەك قۇڭۇر رەڭدە .


تۇخۇمى قىسقا يۇمىلاق ئىللىپىس شەكىلدە ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 0.8 مىللىمىتىر ، گىرۋەكلىرى ياپىلاق كىلىدۇ . مەركىزى ئازراق كۈتۈرۈلۇپ چىققان ، دەسلەپ قويغان تۇخۇمى يېرىم سۈزۈك ئاق رەڭدە ، كىيىن سۇس سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ .


تۆۋەن ياشلىق لېچىنكىلىرى ئاق رەڭلىك ، باش ۋە ئالدى كۆكرىگىنىڭ دۈمبە تاختىسى قارامتۇل قۇڭۇر رەڭدە بۇلىدۇ ، چوڭ ياشلىق لېچىنكىلارنىڭ تەن ئۇزۇنلۇقى 13-10 مىللىمىتىر ، باش قىسمى سېرىق قۇڭۇر رەڭدە ، ئالدىنقى كۆكرەك قالقانسىمان تاختىسى سۇس سېرىق رەڭدە ، قۇرساق قىسمى يۇلغۇن چىچىكى رەڭدە ، پۇتىنىڭ بارماق ئىلمىكى تاق ھالقسىمان ، قۇرساق پۇتى 20-30غىچە ، قۇيرۇق تارغىقى 4-7 تالغىچە .


قورچىقى سېرىق قۇڭۇر رەڭدە ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 7 مىللىمىتىر ، قۇرساق قىسمىنىڭ ئۇچىنچى بۇغۇمىدىن يەتتىنچى بۇغۇمىغىچە دۈمبە تەرىپىدە ھەر بىر بۇغۇمىدا ئىككى قۇردىن قىسقا تىكىنى بار ، قۇرساق سىرتقى قېپىنى ئاق رەڭلىك يىپسىمان نىپىز غۇزەكچە ئوراپ تۇرىدۇ .


پەيدا بۇلۇش قانۇنىيىتى : نەشپۈتنىڭ كىچىك ئۈزەك قۇرتى رايۇنىمىزدا يىلدا 3-4 قېتىم ئەۋلاد قالدۇرىدۇ ، قېرى ياشلىق لېچىنكا ھالەتتە دەرەخ غۇلىنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى تۇپراقتا ، دەرەخ غۇلىنىڭ چوقچىيىپ قالغان قوۋزىقى ئاستىدا ، قوۋازاقنىڭ يېرىلغان يېرىقچىسىدا ، شاخ –شۇمبا غازاڭلار ئارىسىدا يۇشۇرۇنۇپ غۇزىلاپ قىشتىن ئۈتىدۇ .


كىلەر يىلى ئەتىيازدا ،7 كۈنلۈك ئوتتۇرىچە تىمپۇراتۇرا5 قا يەتكەندە ، قىشتىن ئۆتكەن لېچىنكىلار قورچاققا ئايلىنىشقا باشلايدۇ ؛ 10 كۈنلۈك ئوتتۇرىچە تېمپۇراتۇرا ئۇدا 7.55قا يەتكەندە يىتىشكەن ھاشارەت چىقىشقا باشلايدۇ ، 5 كۈنلۈك ئوتتۇرىچە تىمپۇراتۇرا ئۇدا 11.5 قا يەتكەندە ، يىتىشكەن ھاشاراتقا ئايلىنىشى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ .


قىشىتىن ئۆتكەن ئەۋلادىنىڭ يىتىشكەن ھاشارىتىنىڭپەيدا بۇلۇش مەزگىلى 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 6-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە ، 1- ئەۋلاد يىتىشكەن ھاشارىتى 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 8- ئاينىڭ باشلىرىغىچە ، 2- ئەۋلادى 7- ئاينىڭ باش ۋە ئوتتۇرىلىرىدىن 8- ئاينىڭ باشلىرىغىچە ، 3- ئەۋلادى 8- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن9 – ئاينىڭ باشلىرىغىچە بۇلىدۇ .


يىتىلگەن ھاشارىتى تۇخۇمنى يېڭى شاختىكى يۇپۇرماقنىڭ تەتۈر يۈزىگە ياكى مىۋە ئۈستىگە قۇيىدۇ ، بۇلۇپمۇ ئىككى مىۋە تىگىشىپ تۇرغان ئۇرۇندا تۇخۇم كۆپرەك بۇلىدۇ ، يتىلگەن ھاشاراتنىڭ ئۆمرى 3-7 كۈنگىچە بۇلىدۇ ، 1- ئەۋلادىنىڭ تۇخۇم ۋاقتى 9-12 كۈنگىچە ، كىيىنكى ھەرقايسى ئەۋلادلىرىنىڭ تۇخۇم ۋاقتى 3-5 كۈنگىچە بۇلىدۇ .


لېچىنكىلار تۇخۇمدىن چىقىپ بولغاندىن كىيىن يېڭى نوتىغا تىشىپ كىرىدۇ ، ئۇزۇنغا قالماي تەشكەن تۈشۈكتىن دەرەخ يىلىمى ئېقىپ چۈشىدۇ ، ھەمدە قۇرت پۇقىنى سىرتقا چىقىرىدۇ ، زىيانغا ئۇچرىغاننوتا ئۇچى سۇلىشىپ ساڭگىلاپ قارامتۇل قۇڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىپقالىدۇ ، بىر تال لېچىنكا 2-3 كىچە يېڭى شاخ ئۇچىغا زىيان سالىدۇ .


مىۋىسىدىكى تۇخۇمدىن لېچىنكا چىققاندىن كىيىن لېچىنكىلار گۈل چىنىسى ئويمىنى ياكى ساپاق ئويمىنىدىن تىشىپ كىرىدۇ ، 5-6 كۈندىن كىيىن تىشىپ كىرگەن تۈشۈك ئەتراپى قارداپ سېسىپ ، قارا تاتۇق شەكىللەندۇرىدۇ ، لېچىنىكىنىڭ زىيان سېلىش مەزگىلى 15-21 كۈنگىچە بۇلىدۇ ، يىتىلگەندىن كىيىن شاخ ئۇچىدىن ياكى مىۋىدىن سىرتقا ئۆمىلەپ چىقىپ ،غۇزەك تۇقۇپ قورچاققا ئايلىنىدۇ ، قورچاق مەزگىلى 8-12 كۈنگىچە بۇلىدۇ ، 10 – ئاينىڭ ئالدى كەينىدە ئاخىرقى ئەۋلاد لېچىنكىلار قىشتىن ئۆتۈشكە باشلايدۇ .


زىيان سېلىش ئوبكتى : نەشپۈت ، ئالما ، شاپتۇل ، دولانا ، ئالۇچا قاتارلىقلارنىڭ مىۋىسىگە ھەمدە شاپتۇل ، ئالۇچا ،گىلاس قاتارلىقلارنىڭ يېڭى شېخىغا زىيان سالىدۇ .


ئالدىن تەكشۈرۈش مەلۇمات بىرىش ئۇسۇلى :


يىتىلگەن ھاشارىتىپەيدا بۇلۇشنى ئالدىن تەكشۈرۈش : جىنسى جەلپ قىلغۇچى ھورمۇن ئارقىلىق ئەركەك ھاشارىتى جەلپ قىلىنىدۇ ، ناۋادا تۇتۇلغان ئەركەك ھاشارەتنىڭ سانى تۇيۇقسىز ئاشسا بۇ چاغدا يىتىلگەن ھاشارەتكە ئايلىنىش نىسبىتى يۇقىرى كۆتىرىلگەن مەزگىل ھىساپلىنىدۇ ، بۇ چاغدا دەرھال دۇرا چېچىپ ئالدىنى ئالسابۇلىدۇ.


تۇخۇمىنى تەكشۈرۈش :يەرلىكتە ئۆستۈرۈلگەن ئاساسلىق نەشپۈت سورتىدىن ئىككىدىن ئۈچكىچە تاللاپ ، ھەربىر سورتتىن 5-10 غىچە تۈپنى بىكىتىپ ، ھەر بىر تۈپنىڭ ئۈستى ، ئىچى ، سىرتىدا 100- 200گىچە نەشپۈت مىۋىسىنى تەكشۈرۈپ تۇخۇم بار مىۋە سانىنى خاتىرىلەيمىز ، خاتىرىلەپ بولغاندىن كىيىن تۇخۇمنى تازىلىۋەتسەكبۇلىدۇ . ئادەتتە 6-ئايدىن باشلاپتۇخۇم بار مىۋە كۈرۈلۈشتىن بۇرۇن ھەر بىر كۈن ئاتلاپ بىر قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىمىز ، تۇخۇم كۈرۈلگەندىن كىيىن ھەركۈندە بىرقېتىم تەكشۈرىمىز ،تۇخۇم كۈرۈلگەن مىۋە سانى ئۇمۇمى نۇسخا ئالغان مىۋە سانىنىڭ 0.5-1% نى ئىگەللىگەن چاغدا ئالداپ تۇتۇلغان ھاشارەت ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ دۇرا چاچساق بۇلىدۇ   ، ،


ئالدىنى ئېلىش يۇقىتىش ئۇسۇلى :


1. يېڭىدىن باغ قىلغان چاغدا ئىمكانقەدەر شاپتۇل ، ئۈرۈك ، نەشپۈت ، گىلاس ، ئالۇچا ، ئالما قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تىكىشتىن ساقلىنىش كېرەك ، بۇرۇن ئارىلاشتۇرۇپ تىكىلگەن باغلارغا نىسبەتەن نەشپۈت كىچىك ئۆزەك قۇرتىنىڭ پارازىت ئىگىسى بولغان ئۈسۈملۈك تۈپى ئۈستىدە تەكشۈرۈپ ئالدىنى ئېلىشن كۈچەيتىش كېرەك .


2. سۈنئى ئۇسۇلدا ئالدىنى ئېلىش


1) ئۆچەككە كىرگەن لېچىنكىلارنى يۇقۇتۇش :


(1)باش ئەتىيازدا بىخلىنىشتىن بۇرۇن قىشتىن ئۆتكەن لېچىنكىلىرى بار دەرەخلەرگە مەسىلەن ، شاپتۇل ، نەشپۈت ، ئالما قاتارلىق دەرەخلەرنىڭدەرەخكونا قوۋزىقىنى قىرىپ ، قىرىلغان قوۋزاق قىرىندىلىرىنى يىغىپ توپلاپ كۆيدۈرۈش كېرەك .


(2) ئۆچەككە كىرىدىغانلېچىنكا مىۋىدىن چىقىشتىنبۇرۇن ( ئادەتتە 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ) دەرەخ غۇلىغا   شال پاخىلى ، چىگە تاغار قاتارلىقلارنى ئوراپ ئۆچەككە كىرىدىغان لېچىنكىلارنى ئالداپ يىغىپ يۇقىتىش .


(3) مىۋە قاچىلايدىغان يەشىك ، سىۋەت ۋە باشقا قاچىلاش قۇراللىرىنى دىزىنفىكسىيە قىلىش ئارقىلىق بىر قىسىم ئۆچەككە كىرگەن لېچىنكىلارنى يۇقاتقىلى بۈلىدۇ .


2) زىيانغا ئۇچرىغان شاخ ئۇچىنى كىسىۋېتىش .بۇ مەشغۇلات 5- 6- ئايلاردا ئېلىپ بېرىلىدۇ .


3) جىنسى جەلپ قىلىش ھورمۇنىنى ياكى خىرە نۇرلۇق ھاشارەت ئۆلتۈرگۈچى چىراق ئارقىلىق ھاشارەتنى ئالداپ يۇقىتىش .


3. خىمىيىلىك ئالدىنى ئېلىش :


دۇرا ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش : ھاشاراتقا ئايلىنىش نىسبىتى يۇقىرى پەللىگە يەتكەندىن كىيىن 3- 5 كۈنگىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە 40%لىك لېگو سۈتسىمان سۇيۇقلۇقى (乐果乳剂   نى 1200-1500ھەسسىگىچە سۇيۇلدۇرۇپياكى 90% لىك ترىخلورفۇن (敌百虫) نى 1000ھەسسە سۇيۇلدۇرۇپ ياكى 50%لىك د د ۋ سۈتسىمان مايلىق دۇرىسى( 敌敌畏乳油 )نى 1500ھەسسە سۇيۇلدۇرۇپ ياكى 50 لىك فېنىتروتىئون سۈتسىمان سۇيۇقلۇقى (杀螟松乳剂) نى 1500 ھەسسە سۇيۇلدۇرۇپ چېچىش كېرەك .


پەرۋانىگە ئايلىنىشنىڭ راسا كۈچەيگەن مەزگىلى ياكى تۇخۇملاش نىسبىتى 1-2% گە يەتكەن چاغدا 40%لىكروگور (乐果) ياكى 50لىك د د ۋ پ (敌敌畏)، 50% لىك فېنىتروتىئون سۈتسىمان مايلىق دۇرىسى (杀螟松乳油)100 مىللىلىتىر، %2.5لىكبروم سىيانوگىن مۇرەككەپ ئىفىرى مايلىق دۇرىسى (溴氰菊酯乳油) 50مىللىلىتىر ياكى 50% لىك بادان ئىرىشچان پاراشۇگى 巴丹可溶性粉 ، 90%لىك كىرىستال ترىخلورفۇن(敌百虫)100 گىرامنى 100 لىتىر سۇ بىلەن ئارىلاشتۈرۇپ چېچىش .


4. قىزىل كۆز ھەرىدىن پايدىلىنىش : قىزىل كۆز ھەرە نەشپۈت كىچىك ئۆزەكلىك قۇرتىنىڭ كۈشەندىسى بۇلۇپ ئىتىزدا قىزىل كۆز ھەرە باققاندا 60-70% گىچە ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بۇلىدۇ .

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 11:48:00

ئۆزەكمۇ؟ غوزەكمۇ؟
بەت: [1]
: نەشپۈت كىچىك ئۈزەك قۇرتىنىڭ ئۇنىۋىرسال ئالدىنى ئېلىش يۇقىتىش تەدبىرى