hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-5-14 21:41:06

مۆلدۈر ئاپىتىگە ئۇچرىغان دەرەخلەرنى قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرى


مۆلدۈر ئاپىتىگە ئۇچرىغان دەرەخلەرنى قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرى



مۆلدۈر ئاپىتى باغۋەنچىلىكتە ئاساسلىقى مىۋىلىك دەرەخلەرنىڭ شاخ –نوتىلىرى ۋە يۇپۇرماقلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلەندۇرۇپ ، ئۇزۇقلۇق ۋە نەملىكنىڭ دەرەخ تىنىدە نورمال يۆتكىلىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن دەرەخنىڭ نورمال ئۈسۈپ مىۋىلىشى ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلەرمۇ زىيانغا ئۇچرىغان دەرەخلەرنىڭ زەخمىلەنگەن جايلىرىدىن ئاسانلا يۇقۇپ ، دەرەخلەرگە مۇئەييەن دەرىجىدە زىيان سالىدۇ ، زىيان ئېغىر بولغاندا دەرەخلەر قۇرۇپ كىتىدۇ ، شۇڭلاشقا مۆلدۈر ئاپىتى يۈز بىرىپ ، دەرەخلەر زىيانغا ئۇچرىغاندا تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك .


1. باغنى تازىلاپ ، مۇۋاپىق چاتاش


دەرەختىكى زەخمىلەنگەن مىۋە ۋە يۇپۇرماقلارنى ئۈزۈپ ، سۇنغان ۋە يېرىلغان شاخلارنى كېسىش بىلەن بىرگە تۈكۈلگەن يۇپۇرماق ۋە مىۋىلەرنى يىغىپ كۈمۈپ ، كىسەللەنگەن ھاشارەتنىڭ يامراپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك . دەرەخ مۆلدۈر ئاپىتىگە ئۇچرىغاندىن كىيىن ، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى نورمال ئۈسۈش تەڭپۇڭلۇقى ۋە شاخلارنىڭ مۇۋاپىق جايلىشىش ھالىتى ئاساسەن بۇزۇلۇپ كىتىدۇ ، شۇڭا ئاپەتتىن كىيىن دەرھال كۈچ تەشكىللەپ ، دەرەخنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىغا ئاساسەن دەرەخنىڭ شاخ – نوتىلىرىنى مۇۋاپىق چاتاپ ، يۇرۇقلۇق يوللىرىنى ئېچىش بىلەن بىرگە دەرەخ تىنىدىكى ئۇزۇقلۇقلارنىڭ ئىسراپ بۇلۇپ كىتىشىنى ئازايتىپ ، دەرەخ ھالىتىنىڭ ئەسلىگە كىلىش سۈرئىتىنى تىزلىتىش كېرەك .


2.دەرەخ تۈۋىگە يىغىلىپ قالغان سۇنى چىقىرىۋېتىش


مۆلدۈر ئاپىتىدىن كىيىن باغنىڭ تېمپۇراتۇرىسى تىز تۆۋەنلەپ سۇ يىغىلىۋالغاندا ، تۇپراقنىڭ ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ناچارلاپ كىتىدۇ – دە ،يىلتىز سېستىمىسنىڭ نەپەسلىنىشى ئاجىزلاپ ، ئۇڭايلا يىلتىز چىرىپ قۇرۇپ كىتىدۇ ، شۇڭلاشقا باغدىكى يىغىلىپ قالغان سۇنى دەرھال چىقىرىۋېتىش كېرەك .


3. تۇپراقنى يۇمشىتىش


ئاپەتكە ئۇچرىغان باغ مۆلدۈرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىسا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بوران ۋە قار – يامغۇرنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىسا ، باغ قاتماللىشىپ كىتىدۇ . شۇڭا بۇنداق باغلار ئۇمۇميۈزلۈك يۇمشىتىلسا ، تۇپراقنىڭ قاتماللىقىنى ،ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتىرىپ ، تۇپراقنىڭ ئۇزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى ، يىلتىز سېستىمىسىنىڭ نەپەسلىنىش ۋە سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بۇلىدۇ ، ئەگەر باغنىڭ شور تەركىبى بىر قەدەر يۇقىرى بولسا ، ئۇ ھالدا باغنى يۇمشىتىپ 2-3 كۈندىن كىيىن دەرھال سۇ قۇيۇپ شورنى بېسىش ياكى يۇيۇش كېرەك .


4. ئۇغۇتلاش


1) يۇپۇرماق يۈزىدىن بىۋاستە ئۇغۇتلاش .دۇرا چېچىشقا ياكى يەككە ھالدا كالىي دى گىدرو فوسقات ( لىنسۈەنئېرچىڭجىيا 磷酸二氢钾 ) نىڭ 300 ھەسسىنى چېچىشقا بىرلەشتۈرۈپ ، 500 ھەسسىلىك ئامىنو كىسلاتاسى ( ئەنجىسۈەن 氨基酸 ) نى قۇشۇپ پۈركۈش كېرەك .


2) دەرەخ غۇلىغا ئۇغۇت سۈركەش . دەرەخ غۇلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا ( يەر يۈزىدىن 20 سانتىمىتىر ئىگىزلىكتىكى قىسمىغا ) ئامىنو كىسلاتاسى ( ئەنجىسۈەن 氨基酸 ) نى چۈشەندۇرۈلۇشى بۇيىچە ئىشلىتىش كېرەك ) ھەر 20 كۈندە بىر قېتىمدىن ئۇدا 2-3 قېتىم سۈركەش كېرەك .


3) يىلتىزدىن قۇشۇمچە ئۇغۇتلاش . ئاپەتكە بىرقەدەر ئېغىر ئۇچرىغان باغلارغا نىسبەتەن ئەتىياز پەسلىدىكى قۇشۇمچە ئۇغۇتلاش ۋە دەرەخنىڭ ئۈسۈش ھالىتىگە ئاساسەن دەرەخ تەخسىسى ئەتراپىدىن نۇرسىمان چۈنەك ئۇيۇپ ، ھەر مو يەرنى 30 – 40 كىلوگىرام فوسفۇر ۋە كالىيلىق ئۇغۇتلار بىلەن ئۇغۇتلاش كېرەك .


5. كىسەللىك ۋە زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش يۇقىتىش


1)مۈلدۈر ئاپىتى بولغاندىن كىيىن ،دەرھال دۇرا چېچىپ ، كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك ، ئۇمۇمەن مۆلدۈرنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان دەرەخلەرگە چۇقۇم بىر قېتىم ئۇمۇميۈزلۈك1000ھەسسىلىك داشىڭ ( 大生) سۇيۇقلۇقىنى 10% لىك بىچوڭلىن (吡虫啉) نەملىنىشچان پاراشۇكىنى قۇشۇپ چېچىش ياكى 10% لىك پولىئوكسىن ( دوكاڭمىيسۇ 多抗霉素 ) نەملىنىشچان پاراشۇكىنىڭ 1500 ھەسسىلىك سۇيۇقلۇقىغا 40 %لىك خلورپىرىفۇس ( دۇسىپى 毒死蜱 ) سۈتسىمان مايلىق دۇرىسىنىڭ 1500 ھەسسىلىك سۇيۇقلۇقىنى قۇشۇپ چاچسا ، زەخمىنىڭ پۈتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، كىسەللىك ۋە زىيانداش ھاشارەتنىڭ يۇقۇشىنى تۇسۇپ ، دەرەخلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ .


2) ئاپەتتىن 10 كۈن كىيىن زىيانغا ئۇچرىغان ئالما ۋە نەشپۈتلەرگە ھاكنىڭ ھەسسىلىك مىقدار تىپىدىكى بوردۇ ئىرىتمىسى ( مىس سۇلفات : خام ھاك =2:1) نى ، ئۈزۈمگە ھاكنىڭ يېرىم مىقدار تىپىدىكى بوردو ئىرىتمىسى ( مىس سۇلفات : خام ھاك = 0.5: 1 ) نى ھەر 20 – 25 كۈندە بىر قېتىم چېچىش كېرەك .دەرەخ ئەسلىگە كىلىپ بولغاندىن كىيىن ئەگەر دەرەختە كىسەللىك ۋە زىيانداش ھاشارەت زىيىنى پەيدا بولسا ئۇ ھالدا قاراتمىلىق ھالدا ئالدىنى ئېلىپ يۇقىتىپ ، دەرەخنىڭ نورمال ئۈسۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 10:28:25

5 كۈننىڭ ئالدىدا قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ ئۇششارباش يىزىسىدامۆلدۈر دىگەن كارامەت يىغىپتۇ ، شۇ يەردىكىلەرنىڭ دىيىشىچە دەل-دەرەخنىڭ بىر تال يوپۇرمىقىمۇ قالماپتۇ ، غورىلارنىڭ ھەممىسى يەردە ، بۇغداي قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ ھەممىسى تۈگەپتۇ .

yexilbulut يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 12:01:35

نىمە بولۇپ كىتىپ بارىدىن تاڭ .ھېلى قار-مۆلدۈر ياغسا ھېلى تاغ گۈمۈرۈلۈپ .....{:106:}
بەت: [1]
: مۆلدۈر ئاپىتىگە ئۇچرىغان دەرەخلەرنى قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرى