‹‹ئالغا›› ماركىسىدىكى ئۇيغۇرچە پەد بازارغا سېلىندى
‹‹ئالغا›› ماركىسىدىكى ئۇيغۇرچە پەد بازارغا سېلىندى
مەھسۇلات ئىسمى: 1-ئەۋلاد ئالغا يان كومپيۇتېرى
مەھسۇلات تىپى: Algha Tab A708
مەھسۇلات باھاسى: 850يۈەن خەلق پۇلى
ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى
قاتتىق دېتال سەپلىمىسى
مەركىىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ: Cortex1.2Mz
ئىچكى ساقلىغۇچ: 512MB DDR3
ئېكران چوڭلىغى: يەتتە ديۇيم
ھۆججەت ساقلىغۇچ سىغىمى: 8GB
توكدان: 3200mAh
كامېرا: ئۈچ مىليۇن پىكسېل
مەشغۇلات سىستېمىسى: Android4.0
مەشغۇلات تىلى: ئۇيغۇرچە (كۆپ تىللىق)
چوڭلىغى: 193mm x 116mm x 11mm
ئېغىرلىقى: 325g
بىلكاننىڭ رىقابەتچىسىدىن يەنە بىرسى چىقىپتۇ دە .
ئىلىكتۇرۇن ساھەسىدە داڭلىق بىرتاۋار ماركىسى يارتىشىڭلارغا تىلەكداشمەن . ئېكران چوڭلىغى: يەتتە ديۇيم بولماي، 9 دىيۇم بولۇپ كەتكەن بولسا چۇ ئېسىىىىىىىىىىىىىت. مۇبارەك بولسۇن!
بىلكاندىكىلەر ھازىر سەل ئۇخلاپ قالدىمىكى،بەك يېڭىلىقلىرى يوق بولۇپ كەتتى. مەنچە بۇلار رىقابەتچى بولمايدۇ. ئىرپاندىن كېيىن مۇئەللىم دەپ لۇغەت چىقىپتى، كىشىلەرنىڭ لۇغەتكە بولغان ئىھتىياجى تېخىمۇ ئاشتى، لۇغەتلەرنىڭ سۈپىتى تېخىمۇ ياخشىلاندى ئەمەسمۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ماۋۇ «ئالغاچىلار»مۇ ئوبدان قىلسا،ئاللاھ خالىسا، رىسقىنى خۇدايىم بېرىدۇ. «كارىۋاننىڭ يولى بىر،رىسقى باشقا»،-ئاتىلار سۆزى.
مۇشۇ «ئالغا» دېگەن ئىسىمغا نىمىشقىكىي بەك كۆيۈدىكەنمەن. 2005-يىلىدىن باشلاپ ئىشقىلىپ تور نامىمنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇنىڭدا يېزىشقا تىرىشىپ كىلىۋاتىمەن. ئەپسۇس ماۋۇ ئىزدىنشىتا تىزىملىتىۋاپتىكەن،شۇنىڭ بىلەن ئامال يوق ھازىرقى ئىسمىمنى ئىشلەتكەنتىم. سىلەرنىڭ تېخىمۇ ئالغا ئۆرلىشىڭلارنى چىن كۆڭلۈمدىن تىلەيمەن. يانفۇن كارتىسى ئارقىلىق سۆزلىشىشنى قوللامدۇ؟ «ئالغا» دېگەننى «ئالما» دەپ ئوقۇپ سېلىپ كىرىپتىمەن ماۋۇ تېمىغا! رەسىمدىكى «ئالغا»نىڭ كۆرىنىشى بەك گۈزەلكەن. ماڭىمۇ بەك يارىدى «ئالغا » ماركىسى


سەپلىمىلىلىرى ئېھتىياجىمىزدىن تامامەن چىققۇدەك...
بولسا بۇنى كەڭ تەشۋىق قىلىش كېرەك . 850 سوم بولسا ئەرزانغۇ، بىرنى ئالمىسام، ۋاكالىتەن سېتىش ئۇرۇنلىرى بارمۇ ئاقسۇدا؟ ئىزدىنىش ئەھلىنىڭ ياخشى باھالىرىغا رەھمەت. بىز يۇمشاق دېتال ۋە قاتتىق دېتال جەھەتتە قېرىنداشلارغا تېخىمۇ سۈپەتلىك ۋە ئىشلىتشچان مەھسۇلاتلارنى سۇنۇشقا تېرىشىمىز. بۇ تېمىنى ئىزدىنىشقا يوللىغان Yarkin92 قېرىندىشىمىزغا كۆپ رەھمەت.
2- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئېكران چوڭلىغى: يەتتە ديۇيم بولماي، 9 دىيۇم بولۇپ كەتكەن بولسا چۇ ئېسىىىىىىىىىىىىىت.
خۇدا بۇيرىسا سىلەرنىڭ قوللىشىڭلار ئاستىدا ئۇممۇ بوپ قالار بىدار-قۇتلان ئەپەندىم.
10- قەۋەتتىكى zaparنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
850 سوم بولسا ئەرزانغۇ، بىرنى ئالمىسام، ۋاكالىتەن سېتىش ئۇرۇنلىرى بارمۇ ئاقسۇدا؟
سىز ئاقسۇنىڭ قەيەردىن، ئاقسۇنىڭ بەزى ناھىيىلىرىدە بار؟ باي ناھىيىسىدە.
14- قەۋەتتىكى zaparنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
باي ناھىيىسىدە.
سىزگە پوچتىدىن يەتكۈزۈپ بىرەيلى. شىركەتكە تېلېفون قىلىڭ. كۇچادىمۇ سېتىش ئورنىمۇ بارمۇ؟ گۇما ناھيىسىدە بارمۇ سېتىش نوقتاڭلار......
قەشقەر، خوتەننىڭ ئاساسەن ھەممە ناھىيىلىردە بار. باشقا ۋىلاھىيەت(شەھەر)لەرگە ھازىرچە پوچىتىدن سىلىپ بەرسەك بولىدۇ.
17- قەۋەتتىكى matros5نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
گۇما ناھيىسىدە بارمۇ سېتىش نوقتاڭلار......
بار، 18699777278 مۇشۇ نۇمۇرغا تېلېفۇن قىلىڭ.