پۇتبۇل خەۋەرلىرى
ھەش پەش دىگۈچە مەستانىلەرنى لەززىگە سالغان تۆت چوڭ بىرلەشمە مۇسابىقىلىرى تۈگەپ قاپتۇ.كۇلۇبلار ئىس تۈتەكسىز جەڭلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ئاخرى بىرلەشمىلەرنىڭ ئاتامانلىرى بارلىققا كەلدى.
تۆۋەندە تۆت چوڭ بىرلەشمىلەردىكى ئاتامانلارنى كۆرۈپ باقايلى
ئىسپانىيە بىرلەشمىسى ئاتامانى -خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبىبىرلەشمە نومۇرى :100
مۇددەتتىن ئىككى ئايلانما بۇرۇن چىمپيۇنلۇق بەلگىنىپ بولغان بولۇپ بۇگۈن كەچ ئەڭ ئاخىرقى مەيدان بىرلەشمىدە 100 نومۇر ئىلىش ئۈچۈن جەڭ قىلدى،شۇنداقلا 4-1 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى ئۇتۇپ بىرلەشمە لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى شۇنداقلا ياۋۇرپادىكى تۆت چوڭ بىرلەشمىدە تۇنجى بولۇپ 100 نومۇر ئالغان كۇلۇپ بولۇپ قالدى.
ئىنگىلاد بىرلەشمىسى ئاتامانى -مانچېستىر شەھرى كۇلۇبى
ئىنگلاد بىرلەشمىسدە مانچىستىر بىرلەشمىسى كۇلۇبى بىلەن مانچىستىر شەھرى كۇلۇبىنىڭ نومۇر پەرقى ئوخشاش بولۇپ مانچىستىر شەھەر كۇلۇبى پەقەت ئۇرغان توپ سانىنىڭ جىقلىقى بىلەنلا بىرىنجى ئورۇندا ئىدى ،ئاخشامقى ئىككىلى مانچىستىرنىڭ مۇسابىقىسى ناھايتى كەسكىن بولدى ،بولۇپمۇ شەھەرلىكلەرنىڭ مۇسابىقىسى .شەھەرلىكلەر چىمپيۇنلۇق ئۈچۈن كۆرەش قىلاتتى ئۇلارنىڭ رەقىبى بولسا دەرجە چۈشۈپ كەتمەسلىك ئۈچۈن كۆرەش قىلاتتى. 2-1 ئارقىدا قالغانشەھەرلىكلەر قوشۇپ بىرىلگەن ئبەش مىنىۇتتا 2 توپ ئۇرۇپ 44 يىلدىن بۇيانكۇلۇپ تارىخىدىكى تۇنجى بىرلەشمە لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى .
ئىتالىيە بىرلەشمىسى ئاتامانى-تاغىل ئات قوشۇنى يوۋىنتىس
يوۋىنتىس كۇلۇبىمۇ مۇددەتتىن بۇرۇن چىمپىيۇن بولۇشى بەلگىلىنىپ بولغان بولۇپ ئاخشامقى مۇسابىقىدە 3-1 رەقىبىنى يىڭىپ 84 نومۇر بىلەن بىر پەسىل يىڭىلمەي(38 مەيدان) ئاخىرى لوڭقىنى قولغا كەلتۈردى
گىرمانىيە بىرلەشمىسى ئاتامانى-سىرىق ھەرە دورتمۇند
سىرىق ھەرە قوشۇنىبۇ پەسىل يەنە قالتىس ئىپادىسى بىلەن رەقىپلىرىنى بىردىن-بىردىن يىڭىپ 81 نۇمۇر بىلەن بۇ پەسىللىك گىرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ لىگىننىقولغا كەلتۈردى
كۇچلۇكلەر مۇسابقىسىچىلىسى3:1مانچىسىتىر مانچىسىتىر 3:3چىلىسى،لىكىن ھەر ئىككىلى مۇسابقە بەك قىزىدى، تولسى ئۇچۇق ۋاراتارغا توپ ئۇرالمىدى،
مانچىستىر 2:8 ئارسىنال ئارسىنال تارىخىدىكى ئەڭ ئىچىنىشىلىق مەغلۇبىيەت
شەھەرلىكلەر مىھىمان 1:6 مانچسىتىر ساھىپخانابۇمۇ مانچىستىرنىڭ ئەڭ ئىچنشىلىق مەغلۇبىيتىنىڭ بىرى،ئۇنىڭدىن باشقا 4 -بولغان توتىنھاممۇ ئىككى قىتىم 5 توپ بىلەن ئارسىنال ۋە شەلىكلەرگە ئۇتتۇرۋەتتى
چىلسى ئۆز مەيداندا 5:2 ئارسىنال ئۇتتۇرۋەتتى
ئۇنىڭىدىن باشقا چىمىپيۇن، 2-3-4لىكلەر ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىدا ئايردى،بۇلۇپمۇ شەلىكلەر لوڭقىدىن ئۇمۇد ئۇزۇپ مەستانلىرى مەيداندىن چىكىنۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا ئىككى توپ ئۇرۇپ پۇتپول تارىخىغا خاتىرلىدىغان كومدىيەدىن بىرنى يىزىپ قالدۇردۇ،
بۇ قىتىم تەقدىر مانچىستىر بىرلەشمىسىگە ئوڭ كۆزدە قارماپتۇ،ئۇلار 8نۇمۇر ئالدىدا تۇرغان ئەھۋال ئاستىدا لوڭقنى قوش قوللاپ بىرۋەتتى.
ئاخشام شەلىكلەنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ مەنمۇ ئۇخلاي دەپ ئاخىرسىنى كۆرۈپ باقاي دەپ چىداپ ئولتاسام ،قوشۇپ بىرىلگەن ۋاقىتتا 2 توپ ئۇرغان ۋاقىتتا ۋاقىراپ كەتتىم ئۆينى بىشىمغا كىيىپ ،5 مىنۇت بۇرۇن ئاخرلاشتۇرغان مانچىستىر بىرلەشمىسى تەنتەنە قىلاي دەپ تۇرغان ،ئىست سەككىز نومۇر ئالدىدا تۇرۇپ بەردى دە لوڭقىنى ،شەلىكلەمۇ پۇلنىڭ كۈچىنى كۆردى، خۇددى شىنجاڭ كوماندىسى ئۇتقاندەكلا خوش بۇلۇپ كەتتىم ئاخشام.
ئالامەت قىزىدى جۇما لىكىن

نىمىشقا ھەممىڭلار شەھەرلىكلەر ئۇتسا خوش بولۇپ كىتىسلەر،مەنمۇ بىرلەشمىگە ھەم بولۇپمۇ رۇنىي بىلەن نانىغا ئامراق تۇرۇپ شەھەرلىكلەر ئۇتسا خوش بولۇپ كەتتىم دىسە ، قىرى سىرغا قول قويمەن جۇما ئەمما ،ئاخشام پوپوتاڭنى بەك چايناپ كەتتى مەنغۇ مانچىستىرشەھەرلىكلەر ياكى بىرلەشمىنىڭ توپ مەستانىسى ئەمەس. لېكىن ئاخشامقى مۇسابىقە راست قىززىدى،شەھەرلىكلەرنىڭ توپ مەستانىلىرىنىڭ مەيۈسانە قىياپىتى، بايقۇشلارنىڭ بېشى چۈشۈپلا كەتكەن2-توپنى يەپ كەتكەندە. ئۈچ مىنوتتا 2 توپ ئۇرۇپ، چىمپىيونلۇقنى «مۆجىزە» يارىتىپ ئېلىۋالسا،ئۆزىنى تۇتىۋالالماي قالىدىكەن كىشى.

