باج كەچۈرۈم قىلىنغان ماشىنا توغرىسىدا مەسلىھەت سۇرايمەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار:
مەن يېقىندا چەتئەلدە ئۇقۇشۇمنى تاماملاپ يۇرتۇمغا قايتىپ كەلگەن ئىدىم. دۆلەتنىڭ ‹چەتئەلدە بىر يىلدىن ئارتۇق ئۇقۇپ دۆلەتكە قايتقانلارنىڭ باج كەچۈرۈم قىلىنغان ماشىنا سېتىۋىلىشىغارۇخسەت قىلىندۇ› دىگەندەك سىياسەتلىرىنى ئاڭلىغان ئىدىم، ھەم قۇلۇمدا دۆلىتىمىز ئەلچىخانسى تەرىپىدىن كىسىپ بىرىلگەن ئىسپاتمۇ بار. تۇنۇشلىرىمدىن سۈرۈشتە قىلىپ باقسام، بۇ ھەقتە بىلدىغانلىرى بەك ئاز ئىكەن. باج كەچۈرۈم قىلىنغان ماشىننى سىتىۋىلىش رەسمىيەتلىرى بەك ئاۋارچىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىچكىرى شەھەرلەردە بولسا، مەخسۇس مۇشۇ تۈر بۇيىچە ھەقلىق مۇلازىمەت قىلدىغان ۋاستىچى شىركەتلەر بار ئىكەن. تورداشلاردىن سۇراپ باقسام:
1) رايۇنىمىزدىمۇ باج كەچۈرۈم قىلىنغان ماشىنا سىتىۋىلىشنى ۋاكالىتەن بىجىرىش ئورۇنلىرى بارمۇ-يوق؟
2) ئۆزۈمنىڭ ھازىرچە ماشىنا سىتۋىلىش ئويۈم بولمىغاچ، ئەگەر ‹باج كەچۇرۇم قىلىنغان ماشىنا سىتۋىلىش›قا قىزىققۇچلار بار بولسا، ئۇلارغا ئۆزەمنىڭ ‹چەتئەلدە ئۇقۇپ قايتتى› دىگەنلىك ئىسپاتىمنى ئۆتۈنۈپ بەرسەم بۇلامدۇ؟
بۇنى 小贸车 دەيمىز . يۇرتىمىزدا بولسىمۇ ، ماشىنلار قىممەت بولۇشى مۇمكىن . ئاساسلىقى ئىچكىردىكى چوڭ پورتلاردىن ئېلىپ كىرىدۇ ... بولسا ئىچكردىن ئېلىپ كىرىگەن ياخىشى.مېنڭچە بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. بىرىنچى يىلى ئوخشاش ، ماشىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتەلمىگەنكىن . ھىس قىلشىمچە يۇرتىمىزدا كۆپنەرسە يوق جىمۇ ،،بۇنداق سىياسەتنى ئەمدە سىز دىن ئاڭلاۋاتمەن

كۆرسەتسىڭىز ئالىدىغان باج نىسبىتىدا مەلۇم نىسبەتتە كەچۈرۈم قىلىدۇ.مەنمۇ ئېنىمنىڭ شۇ ئىسپاتىنى كۆرسىتىپ 23500 يۈەن باجنىڭ ئورنىغا 7438يۈەن باج تۆلىدىم،لېكىن 3 يىلغىچە ماشىنا نامى شۇ باج كەچۈرۈم قىلىنغان كىشىنىڭ نامىدا تۇرىشى كېرەك ئىكەن...
60مىڭ يۈەندىن تۆۋەن ماشىنا سېتىۋالسىڭىز ھېچقانداق پايدىسى يوق ئىكەن.چۈنكى 60مىڭدىن تۆۋەن ماشىنا سېتىۋالسىڭىز باج ئالمايدىكەن...
ئەگەر ئۆتۈنسىڭىز نەچچىلىك قىممەتتە ئۆتىنىسىز،ئايالىمغا ماشىنا ئېلىپ بەرمەكچى ئىدىم. سىز دىمەكچى بولغۇنىڭىز چەت-ئەللەردە ئوقۇشتىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ياكى سودا ئىشلىرى بىلەن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭمۇ بولىۋىرەمدىكەن.....
يانا چوڭ ماشىنىڭ مۇ ياكى كىچىك ماشىنىڭ بېجى كەچۇرۇم قىلىنامدۇ ....
مەن ئىشلەيدىغان شىركەتتە چوڭ ماشىنىغا چەت ئەللەرگە چىقىش رەسمىيىتىنى بىجىرىدۇ،،،لىكىن داۋاملىق ماشىننى نۇپۇسقا ئوتتارغۇزۇش جەرياندىدا 附加费 سى بار . دۆلەتلىك باج ئىدارىسىغا سېتىۋالغان ماشىنىڭ 10% باج ئىدارىسىغا كېتىدۇ... . شىركەت نامى : شىنجاڭ تەبەسسۇم خەلقارا ماددى - ئەشىيا ئوبروت چەكلىك شىركىتى.. بۇرۇن بولسا ئىمپورىت قىلغان ماشىنىنى(تاموژنا) باجسىز سېتىۋالغىلى بولاتتى،كىيىن دۆلەت بۇنىڭغا چىدىماي پەقەت جوڭگودا سىتىلىدىغان ماشىنىلارنىلا ئاشۇرما قىممەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىدىغان بولدى،تەپسىلاتنى يەنىلا مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەردىن سۈرۈشتە قىپ بېقىڭ!!!