بىلىق بىقىشتىن ساۋات
يىقىندىن بۇيان بىلىق بىقىشقا ھەۋەس قىپ قالدىم ۋە تۈنۈگۈن بىرىپ بىلىق ساندۇقىدىن بىرنى ۋە بىر قانچە جۈپ بىلىق سىتىۋالدىم.لىكىن مىنىڭ بۇ تەرەپتىن ساۋادىم بولمىغاچ تورداشلارغا مۇراجىئەت قىلماي بولمىدى.بىلىق بىقىش تەجرىبىسى بار دوستلار بىلەن پاراڭلىشىپ باقساق دىگەن ئۈمىدتە مەن.
بېلىقنىڭ ئىشتىھاسى نىمىگە تارتىدۇ ،شۇنى ئۆزىدىن سوراپ بېقىپ بېقىۋەرمەمسىز... {:90:}ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت باقماقچى بولسىڭىز ئۆلچەملىكرەك بېلىق قاچىسى سېتېۋېلىپ ئىشلەتسىڭىز تەس يىرى يوق ، بېلىق ساتقان سودىگەر سىزگە بېلىق يىمى، ۋە دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار ئۈستىدە ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىدۇ. بىلىشىمچە بېلىق قاچىسىغا سېلىنىدىغان بېلىق تۈرلىرىمۇ چوقۇم تەڭشەلگەن بولۇشى كېرەك، ئورتاق بىر خىل بېلىق يىمىگە ماسلىشالايدىغان، بىر- بىرسىنىڭ ياشاش مۇھىتىغا زىيان كەلتۈرمەيدىغان بولۇشى كېرەك ، (ئىناق جەمىيەت دەيمىزمۇ بۇنى) بۇ جەھەتتە سىز ئەڭ ياخشىسى بېلىق بازىرىنى يەنە بىر ئارىلاپ چىقىڭ .
نىمە بېلىق باقتىڭىز ؟ مەسلىھەت دىگەننى شۇنىڭغا قاراپ بەرمەمدۇ
شۇنچىلىك جىق يازسام ئۆچۈپ كەتتى ،بىر ئازدىن كىيىن يازاي. مەن ياتاقتا بىر تاشپاقا باققان. كىچىك، بەك ئوماقتى. كىيىن ئۆلۈپ قالمىسۇن دەپ دەرياغا قويىۋەتتىم. تۆنۈگۈن يەكشەنبە بېلىق دىگەننى راۋرۇس تۇتۇپ قويدۇق. 15كىلودەك كىلەر..
چۇقۇم ھەيران قالىسىلەر بېلىقنىڭ نوچىسى دەڭلار. ھاللىق سەۋيەگە يىتىپ سىزدە ‹چاخ-چاخ›ھە {:92:} {:92:}
بېلىقنى دەسلەپ باققان ئادەم بېلىققا يەمنى جىق بېرىپ سىلىپ تولا ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ، مەن يېرىم يىل ئىچىدە ئۈچ ئەۋلات بېلىق ئالماشتۇرۇپ بولغان، 2 يىلچە بولدى، بېلىقلار بىلەن چىقىشىپ قالدىم، ئۆلۈش نىسبىتى تۆۋەنلىدى. بىرەر ھەپتە يەم بەرمىسەم بەرمەيمەنكى، ھەرگىز يەمنى جىق بەرمەيمەن، 3 جۇپ بېلىقىم بار، 2 كۈندە بىرەر قېتىم كىچىك قوشۇقتا يېرىمدىن جىقىراق يەم بېرىپ قويىمەن.
بېلىق بېقىشتا لازىملىق نەرسىلەر: 1) بېلىقدان(تەييارنى ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ، ياساتسىڭىزمۇ بولىدۇ)، 2) سۇ ئاقتۇرمىسى(سۇنى ئېقىتىپ تۇرىدىغان پومپا)، 3) سۇنىڭ ئىسسىقلىقىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان چىراق، 4) سۇ ئاستىغا ئورنىتىدىغان چىراق، 5) توك كەتكەندە ماي بىلەن يەل چىقىرىدىغان پۈدىگۈچ قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى ئالدىنقى 2 تۈر، كېيىنكى 3 تۈرنى ئىھتىياجىڭىزغا قاراپ ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
مەن بېلىقداننى ئۆزەم لايىھەلەپ ياساتقان ئىدىم. ئەتە شئېردىن بىرسى يوللانمىسا تېخى. {:90:}
7- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بېلىقنى دەسلەپ باققان ئادەم بېلىققا يەمنى جىق بېرىپ سىلىپ تولا ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ، مەن يېرىم يىل ئىچىدە ئۈچ ئەۋلات بېلىق ئالماشتۇرۇپ بولغان، 2 يىلچە بولدى، بېلىقلار بىلەن چىقىشىپ قالدىم، ئۆلۈش نىسبىتى تۆۋەنلىدى. بىرەر ھەپتە يەم بەرمىسەم بەرمەيمەنكى، ھەرگىز يەمنى جىق بەرمەيمەن، 3 جۇپ بېلىقىم بار، 2 كۈندە بىرەر قېتىم كىچىك قوشۇقتا يېرىمدىن جىقىراق يەم بېرىپ قويىمەن.
بېلىق بېقىشتا لازىملىق نەرسىلەر: 1) بېلىقدان(تەييارنى ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ، ياساتسىڭىزمۇ بولىدۇ)، 2) سۇ ئاقتۇرمىسى(سۇنى ئېقىتىپ تۇرىدىغان پومپا)، 3) سۇنىڭ ئىسسىقلىقىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان چىراق، 4) سۇ ئاستىغا ئورنىتىدىغان چىراق، 5) توك كەتكەندە ماي بىلەن يەل چىقىرىدىغان پۈدىگۈچ قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى ئالدىنقى 2 تۈر، كېيىنكى 3 تۈرنى ئىھتىياجىڭىزغا قاراپ ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
مەن بېلىقداننى ئۆزەم لايىھەلەپ ياساتقان ئىدىم.
9- قەۋەتتىكى taklimakan10نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بىداركا ئاۋۇ سۇ ئاقتۇرمىسى دىگەن نەرسە كۈندە 24سائەت ئوچۇق تۇرامدۇ ياكى ئارلاپ-ئارلاپ ئاچىمىزمۇ؟
ئاندىن بېلىقداندىكى سۇنى نەچچىلىك ۋاقىتتا بىر ئالماشتۇرىمىز؟
بېلىقداننىڭ گىرادوسى نەچچىلىك بولسا مۇۋاپىقراق بولىدۇ؟
بىرەر ئىككى ھەپتە يەم بېرىلمىسىمۇ، بىلىق ئۆلۈپ قالمايدىكەن، ئەمما بېلىقداندا ئوكسىگەىن بىرەر كۈن ئۈزۈلۈپ قالسا ئۆلۈپ قالىدىكەن، سۇئاقتۇرمىنىڭ 3 خىل رولى باركەن، بىرسى سۇنى ئاقتۇرۇش ئارقىلىق سۇنى ھەركەتلەندۈرۈپ، سېسىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن، ئىككىنجىسى بېلىقنىڭ تەرىتىنى سۈزۈپ قىلىپ، سۇنى پاكىزلىتىدىكەن، ئۈچۈنجىسى(ئەڭ مۇھىمى) سۇنى پۈدەپ، ئوكسىگىن چىقىرىپ تۇرىدىكەن، مانا مۇشۇ ئۈچ سەۋەپتىن يىل بويى سۇئاقتۇرماىسى 24 سائەت توختىمايدۇ. ناۋادا توك توختاپ قالسا بېلىقلار ئوكسىگىنسىز قالمىسۇن دەپ ماي بىلەن پۈۋلەيدىغان ئۈسكىنىنىمۇ ئالغان، توكنىڭ توختاش ۋاقتى 8 سائەتتىن ئېشىپ كەتسە، مايلىق پۈۋلىگۈچنى سۇغا تاشلاپ قويىمەن.
بېلىقنى باققان دەسلەپكى چاغلاردا پەسىلدە بىر سۇ ئالماشتۇرۇپ، ھەر ئالماشتۇرۇشىمدا بىرقانچە بېلىقنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدىم، ھازىر بېلىقداندىكى سۇ پارغا ئايلىنىپ يېرىملاشمىغىچە سۇ قۇيمايمەن، يېرىملاشقاندا ئاندىن سۇنى لىقلاپ قويىمەن.
يازدا سۇنىڭ تىمپراتۇرىسى قانچە بولىدۇ، بۇنى ئۆلچەپ كۆرمىدىم، ئۆينىڭ تىمپراتۇرىسى قانچە بولسا بەلكىم سۇمۇ شۇنچىلىك بولغاندۇ، قىشتا مەخسۇس ئىسسىتقۇچ چىراق نى 22 سىلسىيە گىرادۇسقا توغۇرلاپ قويدۇم، بۇ چىراق ئاپتۇماتىك بولۇپ، ناۋادا ئۆيگە پار ياخشى بېرىلمىسە، چىراق ئۆزلىگىدىن يېنىپ سۇنى ئىسسىتىدۇ.
ئالتۇن بېلىق دېگىنى يەمنى جىق يەۋېلىپ ئۆلىۋالىدۇ، بىراق بېلىق قاچىسىنىڭ ئۈستىدە مۇز تۇتۇپ كەتسىمۇ ئۆلۈپ قالمايدۇ . ئىسسىق بەلباغ بېلىقىغا قانچىلا جىق يەم بەرسىڭىزمۇ تويغىچە يەپلا توختاپ قالىدۇ . ھەرگىزمۇ جىق يەۋېلىپ ئۆلۈپ قالمايدۇ.. سۇنىڭ تېمپىراتۇرىسى 20~ 26گىرادۇسقىچە بولسا مۇۋاپىق ...تۆۋەن تېمپراتۇرىدا ئۆلۈپ قالىدۇ... مەسلەنگە قۇدۇقتىن سۇنى بېسىپلا بېلىق قاچىسىغا قۇيۇپ بېلىقنى سالسىڭىز بېلىقىڭىز ئاسمانغا قاراپ قالىدۇ دە ، كەلگۈسى يېرىم كۈن ياكى بىر كۈن ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ... نىمىلەرنى بېقىپ باقتۇق؟-مۈشۈك
-ئىت
-تاشپاقا
-بېلىق
ئەمدى نۆۋەت نىمىگە كېلەر؟ يىلان بېقىپ باقسام دەيمەن مەن دىنازاۋۇرنىڭ بالىسىدىن باقامىزمىكى.
مىنىڭ ئۈمۈدۈم
بېلىقنى سۇغا سېلىشتىن ئاۋۋال مەخسۇس بىر تۇزى باركەن، شۇنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى سېلىپ سۇنى قويۇپ ،ئاندىن بېلىقنى سالىدىكەنسىز. مەنمۇ بېقىۋاتقىلى 3ئاي بولۇپ قالدى، ھەر يېڭى بېلىق كەلگەندە بىرسى ئۆلۈپ قويىدۇ. 4ى ئۆلدىمىكىن؟ لېكىن ئا «ماتور»نىڭ ئاۋازى ئەمما. . . ئاۋازسىزنى ئەكەلگىلى بىر ئاي بولدى، ئېرىمنىڭ ھىچ ۋاقتى يەتمەيدىغۇ يەڭگۈشلىگىلى، بىر كۈنى بېلىق بار ئۆيگە ئورۇن سېلىپ بېرىشنى ئويلاۋاتىمەن. {:106:}
17- قەۋەتتىكى karikatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بېلىقنى سۇغا سېلىشتىن ئاۋۋال مەخسۇس بىر تۇزى باركەن، شۇنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى سېلىپ سۇنى قويۇپ ،ئاندىن بېلىقنى سالىدىكەنسىز. مەنمۇ بېقىۋاتقىلى 3ئاي بولۇپ قالدى، ھەر يېڭى بېلىق كەلگەندە بىرسى ئۆلۈپ قويىدۇ. 4ى ئۆلدىمىكىن؟ لېكىن ئا «ماتور»نىڭ ئاۋازى ئەمما. . . ئاۋازسىزنى ئەكەلگىلى بىر ئاي بولدى، ئېرىمنىڭ ھىچ ۋاقتى يەتمەيدىغۇ يەڭگۈشلىگىلى، بىر كۈنى بېلىق بار ئۆيگە ئورۇن سېلىپ بېرىشنى ئويلاۋاتىمەن.
ئېنىقتىن ئېنىق جازاغۇ بۇ ....ئېرىڭىز بۇيۇنتاۋلىق قىلىپ يەنە يەڭگۈشلىمەي قويارمۇ ئەمدى... يەنە يەڭگۈشلىمىسە ئورنىنى بېلىقداننىڭ ئىچىگىلا سېلىپ بېرىمەن . {:92:}