umudwarinsan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-12 09:13:44

ياتلاشقان سەنئەت ۋە ياتلاشقان روھىيەت

ياتلاشقان سەنئەت ۋە ياتلاشقان روھىيەت


ئەخمەتجان قاسىم


ئۇيغۇرلار مەركىزىي ئاسىيادىكى ئۇزاق تارىخقا ۋە پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى.ئەجدادلىرىمىز ئۇزاق ئەسىرلىك تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا، مەدەنىيەتنىڭ ھەرقايسي ساھەلىرىدەئۆچمەس نەتىجىلەرنى ياراتتى.بۇلۇپمۇ سەنئەت ساھەسىدە زامانداشلىرىدىن ھالقىپ، جاھان ئەھلىنى تاڭ قالدۇرغۇدەك سەنئەت دۇردانىلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى. «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» ۋە «ئۇيغۇر خەلق ناخشا مۇزىكىلىرى» ئەنە شۇ سەنئەت دۇردانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدۇر. شۇڭا ئۇيغۇرلار ناخشا - ئۇسۇلغا ماھىرلىغى بىلەن يىراق-يېقىنغا نام چىقارغان، بۇخىل ئەنئەنە زامانىمىزغىچە يىتىپ كەلگەن.


      بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-ئۇسۇلغا ماھىرلىقىدىن ھېرىسلىغى ئېشىپ   كەتتى. شۇ ۋەجىدىن ياشلاردا دۆلەت ۋە مىللەت ئايرىماي ،ناخشا تاللىماي، ناخشا-مۇزىكىلا بۇلىدىكەن ئاڭلايدىغان،ئارقىدىنلا دورايدىغان ئىللەت شەكىللەندى. نەتىجىدە چەتئەلنىڭ ناخشا-مۇزىكىلىرىغا سەۋدايىلارچە مەپتۇنكارلىق كېلىپ چىقتى. چەتئەل سەنئتىگە قارىغۇلارچە چوقۇنۇش، دوراش شۇ دەرىجىدە ئەۋىج ئالدىكى، پۇل ۋە ئابرۇي قوغلۇشۇپ چەتئەلناخشا-مۇزىكىسى ۋە ئۇسۇللىرىنى دوراپ ئۇرۇندايدىغان سەيييارە ئارتىسلاردىن سىرىت ، گۈدەك بالىلار ۋە ئۈسمۈرلەرگىچە ئومۇملاشتى. بەزىلەر ھەتتا چەتئەل ناخشا-مۇزىكىلىرنى دوراپ ئۇرۇندىيالايدىغانلىقىنى ئۈزلىرى ئۈچۈن پەخىر ، شەرەپ بىلىشتى.يات ئەل ۋە مىللەت ناخشا-ئۇسۇللىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ ئۇرۇنداشنىمۇ تالانت ، ئقتىدار ھىساپلاشتى . ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى سېتىش دۇكانلىرىدا قۇلاقنى پاڭ قىلغۇدەك قۇيۇلىۋاتقان چەتئەل ناخشا-مۇزىكىلىرىنى تۇلا ئاڭلاپ كىشىلەرمۇ تەدرىجى كۆنۈپ قالدى. ئەمما بۇ جەرياندا كىشىلەر مۇھىم بىر نەرسىنى___ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللى خاسلىقى، مىللى سەنئتىنىڭ شالغۇتلىشىۋاتقانلىقىنى،يۇقۇلىۋاتقانلىقىنى ئونتۇپ قالدى. بىزنىڭ مىللىچە كىيىم- كېچەكلىرىمىز ۋە ناخشا-مۇزىكىلىرىمىزنىڭ سەھنىلەردىلا كۆرۈلىدىغان، رىئال تۇرمۇشتىن يىراقلاشقان ھالەتنىڭ پەيدا بولۇشى مىللەت ئۈچۈن ئېغىر كىرىزىستىن بىشارەتتۇر.


ناخشا-ئۇسۇل بىر مىللەتنىڭ تىلىغا ئوخشاش باشقا مىللەتلەردىن پەرقلىندىغان مۇھىم بەلگىدۇر. بىر تىلغا ئۆز خاھىشىمىز بۇيىچە يات مىللەت تىلىدىن سۆز قىستۇرغاندا مەنە ۋە مەزمۇن ئۆزگىرىپ كېتىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. بۇنىڭغائەھمىيەت بېرىپ ، ناخشا- ئۇسۇل جەھەتتىكى بورۇلۇش ، بوزۇلۇشقا سۈكۈت قىلىش مىللى مەدەنيەت ، مىللى خاسلىقىنىڭ خىرىسىغا سۆكۈت قىلغانلىقتۇر .


ئۇيغۇرلار ئۆزىنى ناخشا-ئۇسۇلغا ماھىر مىللەت دەپ بىلىدۇ . ئەمەلىيەت شۇنداق بولغاچقا باشقا مىللەتلەرمۇ بۇنى ئېتراپ قىلىدۇ . قەدىمدىن ناخشا-ئۇسۇلغا ماھىر بۇ مىللەت ئەۋلادلىرى بۆگۈنكى كۆندە چەتئەل سەنئتىگە مەستانە بولۇپ، بەس- بەس بىلەن ئۇلارنى دوراپناخشا ئېيىتماقتا ، ئۇسۇل ئوينىماقتا. بۇ ھال نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ بۇنداق قىلىش ناخشا-ئۇسۇلغا ماھىر مىللەتكە ماس كېلەمدۇ؟ تارىختىن مەلۇمكى، مەلۇم بىر ئەل ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە مەۋجۇتلىقى ناخشا- ئۇسۇلغا ئەمەس،ئىقتىسادىي كۈچ ۋە پەن-تېخنىكا كۈچىگە باغلىق. بۇ خىل شەرتنى ھازىرلىيالمىغان مىللەتنىڭ بۈگۈنى ئەندىشلىك ، ئەتىسى كۆلپەتلىك بۇلىدۇ .


بۈگۈنكى كۆندە ئۇيغۇرلار ئىقتىساد ۋە پەن-تېخنىكىدا زامانداشلىرىدىن ئارقىدا قالدى . بۇ جەھەتتە ئالغا كەتكەن دۆلەت ۋە مىللەتلەردىن ئۆگۈنۈشكە ،ئەگىشىشكە مەجبۇر ئىدى. ۋاھالەنكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-ئۇسۇلى ھەرگىزمۇ ئارقىدا قالغان ئەمەس . نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئەگەشكەندە قارا- قۇيۇق ئەگىشىش، ئىنكار قىلغاندا قارا-قۇيۇق ئىنكار قىلىشتەك پىسخىك ئاجىزلىقىنى ئاشكارا قىلماقتا.


چەتئەللەرنىڭ ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئوغۇرلاپ ئۆزگەرتىپ ، بۇرمىلاپ ئورۇنداۋاتقانلار قىلچە خىجىللىق ھىس قىلماستىن ،ئۆزلىرىنىڭ دوراش ئىقتىدارىدىن مەغرۇرلانماقتا . تەقلىد قىلىش ئارقىلىق ئورۇندالغان چەتئەل سەنئتىنىڭ خەلققە قانچىلىك ئىستىتك زوق ئاتا قىلىشى بىلەن ھىساپلاشماي مۇزىكىلىق بالاغەت ۋە شېئىرى پاساھەتتىن قىلچە ئەسەر يوق پۈچەك ناخشا- مۇزىكىلارنى خەلققە تەقدىم قىلماقتا . ئۇلار بىر تەرەپتىن چەتئەل ناخشا- مۇزىكىلىرنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا سەنئتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۇسالغۇ بولماقتا . چەتئەلنىڭ ناخشا-ئۇسۇللىرىنى كۆچۈرۈپ كەلگۈچىلەر شۇنى ئويلىمامدۇكى، ئۇلارنىڭ بۇخىل قىلمىشى شۇ مىللەت كىشىلىرى تەرىپىدىن ئەيىپلىنىدۇ، ئۇيغۇر مىللتى تەرىپىدىنمۇ ئېتراپ قىلىنمايدۇ.


بىر مىللەتنىڭ ناخشا-مۇزىكىسى شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولغاچقا ، شۇ مىللەتنىڭ گۆش ھەم قېنىغا سىڭگەن بولىدۇ. ئۇ ئۆز ناخشىسىنى دۇنيانىڭ قايسى جايىدا، قايسى مىللەتتىن ئاڭلىمىسۇن يۈرىكى تونۇيدۇ . ناخشىنى ھەممە ئادەم ئوقۇيالىغىنى بىلەن ھەممە ئادەمنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشى ناتايىن . ھەركىم ئۆزىنىڭ ناخشىسىنى ئۆزى ئېيتقىنى تۈزۈك. چۈنكى ئۇ ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرت،تەۋە بولغان مىللەتنىڭ تارىخى،مەدەنىيىتى، ئۆرپ – ئادىتى تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە پىسخىكىسىنى پىششىق بىلىدىغان بولغاچقا، خەلقى ياقتۇرىدىغان ناخشىلارنى ئورۇندىيالايدۇ . نۆۋەتتە بىر قىسىم ‹‹چولپانلار››نى ئۇيغۇرلارنى «ناخشا-مۇزىكىغا زار قىلدى دىگەندىن كۆرە،چەت ئەل ناخشا-مۇزىكىسىنى خار قىلدى» دىگەن تۈزۈك . ئۇلار چەتئەل ناخشا مۇزىكىلىرىنى ياكى چەتئەللىكلەردەك ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇندىيالماي ياكى دورىمايلا قويماي، چەتئەلنىڭ كىلاسسىك ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ ئەتىۋارىنى قويمايۋاتىدۇ.


    دۇنيادا مەنبەسىز سۇ ، يىلتىزسىز دەرەخ بولمىغاندەك ، ئۆزمەنسۇبىيىتىبولمىغان سەنئەت بولمايدۇ. ھەرقانداق مىللەت سەنئتى ئۆزى پەيدا بولغان تۇپراق ۋە مۇھىتتا ياشاۋاتقان مىللەتلەرگە يېقىشلىق بۇلىدۇ. باشقا مىللەت ناخشا-ئۇسۇللىرىنى دوراش ئۆز تۇپرىقىدا خەلىققە يېقىشلىق سەنئەت بولمىغان مىللەتلەرگە لايىق . ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئۆز زىمىنىدا سەنئتى يۆكسەلگەن «ئون ئىككى مۇقام»دەك ئۆلمەس سەنئەت خەزىنسى بار مىللەت ئۈچۈن ھە دېسە چەتئەل ناخشا- مۇزىكىلىرىنى دوراش ياراشمايدۇ .


مال-دۇنيادىن ئالاقىسى ئۆزۈلۈپ قالغان، ھىچ بىر مۆلكى يوق، باشقىلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ ھايات كەچۆرىدىغان كىشىنى تىلەمچى، دىۋانە دەيمىز. تىلەمچى مۇھتاجلىقتىن تىلەيدۇ، ئۆز سەنئىتى بار تۇرۇپ باشقا مىللەت ، دۆلەت سەنئىتىگە مۇھتاج بولۇپ قالغان مىللەتنى نىمە دەيمىز؟ بۇ خىل مۇھتاجلىق ئېھتىياجدىن بولغان بولسا كارى چاغلىق ئدى. ۋاھالەنكى، زۆرۈرىيتى يوق ئەھۋالدا يات ئەل، يات مىللەت سەنئىتىگە چۇقۇنغۇچىلارنى نىمە دەيمىز؟ چەتئەل ناخشا-مۇزىكىسى ۋە ئۇسۇللىرىنى دوراپ ئۇرۇندىغۇچىلارنى ھىچكىم چەتئەللىكلەرنى دوراشقا تەكلىپ قىلمىدى، مەجبۇرمۇ قىلمىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى دۇنيا مەئىشىتىدىكى مال-دۇنيا ۋە شان-شەرەپ ۋەسۋەسسى تىنىمسىز قۇتراپ، ھىچنىمىگە قارىماي چەتئەل سەنئىتىنى دوراشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇلارنىڭ خەلققە تەقدىم قىلغىنى بۇ زىمىندا يىلتىز تارتقان ، خەلقنىڭ رۇھى ۋە قېنىغا سىڭگەن ئانا مەدەنىيەتتىن شاخلاپ چىققان سەنئەت بولماستىن، ئۇيغۇر سەنئىتى ۋە رۇھىغا پۈتۈنلەي يات بولغان«ئەجنەبىي» سەنئەت بولدى .


   دىيارىمىزدا ناخشا ئۇقۇيالايدىغانلىكى مىللەتنىڭ ناخشىسى، ئۇسۇل ئۇينىيالايدىغانلىكى مىللەتنىڭ ئۇسۇلى بار. ئەجەبا ئۇلار بىزنىڭ ناخشىمىزنى ئېيىتمايدۇ، ئۇسۇلىمىزنى ئوينىمايدۇ . ئۇنداقتا بىز ئۇلارغا قەرزدارمۇ ؟ بۆگۈنكى دۇنيادا ھىچبىر دۆلەت ۋە مىللەت ئۆز مەدەنىيتىنى ئۆزگىلەرگە مەجبۇرى تاڭالمايدۇ. ئەمما بىر قىسىم ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت قۇبۇل قىلىشتىكى ئاۋانگارت سۈپتىدە ھەممىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. قوبۇل قىلىش يوللۇق بولسا تەرەققىياتنى، يولسىز بولسا تۇرغۇنلۇقنى ھەتتا چېكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.قۇبۇل قىلىشمۇ قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ئېھتىياجى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارغا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈپ خەلق تۇرمۇشىنى بېيىتىدىغان ئۆتكۈر پەن-تېخنىكا ۋە ماھارەت ئىدى.


ئۇيغۇر دىيارىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كىشىگە مەخپى ئەمەسكى،ئۇيغۇرلاردىن يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئوينىيالايدۇ. ناخشا-ئۇسۇل مۇشۇ تۇپراقتىمۇ ئۇيغۇرغا يەتكۈدەك بار ئىدى.مەلۈمكى، شالغۇت ناخشا-مۇزىكىلارنى بازارغا سالغۇچىلارنىڭ مەخسىدى مىللەتنىڭ ئھتىياجىنى قاندۇرۇش بولماستىن ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتۇر. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ تەبئىي پېننىڭ ئارقىدا ئىكەنلىكىنى،شۇ سەۋەبلىك پەن-تېخنىكا سەۋېيسى تۈۋەن، ئىقتىسادىي جەھەتتە نامرات ئىكەنلىگىنى بىلمەمدۇ؟ ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي كېرەك بولىۋاتقىنى سەنئەتتىن كۆرە قوللىنىشچان پەن-تېخنىكا ۋە زامانىۋى ئاڭ ئىدى. ئەمما مەدەنىيەت قوبۇل قىلغۇچىلار جىكسۇننىڭ تولغىما ئۇسۇلىنى، شاھرۇھخاننىڭ مودا ناخشىسىنى قوبۇل قىلدىكى ، ئامېرىكىنىڭ قوللىنىشچان پەن-تېخنىكىسى، ھىندىستاننىڭ يۇمشاق دېتال تېخنىكىسىنى قوبۇل قىلمىدى.


ناخشا-ئۇسۇلىغا دىيارىمىزدىن ئۇرۇن بەرگەن، ھۆرمەت تۈرىگە چىقارغان ئەشۇ مىللەتلەر بىزنىڭ سەنئتىمىزگە قانچىلىك ئۇرۇن بەردى؟ بىزنىڭ ياشلىرىمىز چۇقۇنغان ئەجنەبىي چولپانلار بىرەر قېتىم «ئۈچ پەدە» ياكى «گۈل مەرەم» نى ئوقۇپ باقتىمۇ؟ ناۋادا ئوقۇمىغان بولسا بىز نىمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ناخشىسىغا ئەسەبىيلەرچە مەستانە بولىمىز؟ «ھۆپۆپۆپنىڭ تاجىسى باركەن بوز تورغاينىڭ يوقمىكەن؟» چەتئەل سەنئىتىنىڭ سېھرى كۈچى بولۇپ ، ئۇيغۇر سەنئتىنىڭ يوقمىكەن؟ ئەجدادلىرىمىز ئۆز سەنئتىنىڭ ئەۋلادلىرى قولىدا شالغۇتلىشۋاتقانلىقىنى بىلسە قانداق بولۇپ كېتەر؟ ئاتا ئۆز مىراسىنىڭ پەرزەنتى قولىدا خاراپ بولغانلىقىغا چىداپ تۇرالمىغاندەك، ئەجدادلىرىمىزمۇ ئۆز سەنئتىنىڭ ئەۋلادى قولىدا ھالاك بولىشىغا تاقەت قىلىپ تۇرالمايدۇ.


چەتئەل سەنئتىگە ئىنتىلىش ئۆز سەنئتىنى ياتلاش، تاشلاش، خارلاش ھىسابىغا ئېلىپ بېرىلماسلىقى كېرەك. ئالدى بىلەن ئۆز سەنئتىمىزنى ۋايىغا يەتكۆزۈپ ، باشقا مىللەت سەنئىتىگە يۈرۈش قىلساقمۇ كېچىكمەيمىز. بۆگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار ناخشا-ئۇسۇل بەيگىسىگە چۈشكىنى يوق. «ساندا بار، ساپادا يوق» ناخشا-مۇزىكىلارنىڭ كۈپىيىشى ئۇيغۇر سەنئىتىگە تەرەققىيات ئەمەس، يوقۇتۇش، ھاياتى كۈچ ئەمەس، چۈشكۈنلۈك   ئېلىپ كىلىدۇ.


ئارقىمىزغا قارايدىغان بولساق سەنئەت ئۈچۈن تۈككەن تەرىمىز ، باسقان قەدىمىمىز ئىلىم- پەن، تېخنىكا، ماھارەت ئۈچۈن قىلغان ئىجتىھاتىمىزدىن ئېشىپ كىتىپتۇ. ناخشا-ئۇسۇل ئۇيغۇرغا بىردەملىك ئاراملىق، تەسەللى ئېلىپ كەلدى،خالاس.تېخىچە دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە ھاياتنىڭ قانۇنىيتىدىن بىخەۋەر ، بىخۇدلۇق ۋە نادانلىقتا ياشاۋاتقان كىشىلەر بار . ئەنە شۇ كىشىلەرنى تۇغرا يولغا باشلاش ، چىقىش يۇلى تېپىپ بېرىش كىرەك ئىدى. زىيالىلارنىڭ مىللەتنى ھىدايەتكە باشلاش چاقىرىقىنىڭ كۈچىنى ناخشا-مۇزىكىنىڭ ئۇسۇلغا باشلاش سېھرى بېسىپ كەتتى. ناخشا-ئۇسۇل دېسە ھەممىنى ئۇنتۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ساماغا چۈشىدىغان بۇ قۇۋم ئۆز نامراتلىقىنىڭ مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدەنمىدى،ئويلانمىدى.ئىقتىسادتىن مەھرۇم بولۇشقا رازى بولدىكى، ناخشا-ئۇسۇلدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىدى. دۇنيادا سەنئىتى يوق مىللەت يوق، ئۇيغۇرلاردەك سەنئەتكە ھېرىسمەن مىللەتمۇ يوق. سەنئەت ئۈچۈن ھەممىنى قۇربان قىلغان مىللەت، ئاقىۋەتتە ئىقتىساد ئۈچۈن ھەممىنى قۇربان قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.


بىر دۆلەت ۋە مىللەتتە ھەر خىل كەسپ ئەھلى ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى كېرەك. بىر مىللەت ئىچىدىكى بىر بۆلۈك كىشىلەر سەنئەت بىلەن شۇغۇللانسا، بىر بۆلۈك كىشىلەر ئىلىم-پەن بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك. تەرەققىيات بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق ۋە ئورگانىك ماسلىقنى ساقلاش ئاساسىدا بارلىققا كېلىدۇ.


ئۇلۇغ ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۇيغۇر قۆۋمىنى ئىلىم – پەن بىلەن قۇراللىنىشقا دەۋەت قىلىپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم – پەن ئۆگىنىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەپ ، ئۇلۇغ بەگ ۋاپاتىدىن كېيىن تۈركىي مىللەتلەردە ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلاردا« قۇلىمىزنىڭ يەتكىنى ئۇسۇل ، دېمىمىزنىڭ يەتكىنى ناخشا بولدى ! » ، « بۇياقچىدىن ئارتۇق خىمىك ،تۈمۈرچىدىن ئارتۇق فىزىكچىقمىدى» دەپ كۆرسەتكەنىدى . ئوبزۇرچى يالقۇن رۇزىمۇ « سەنئەت ئۇيغۇرلارنىڭ بايلىقى ، ئەمما بارلىقى ئەمەس » دەپ نىدا قىلدى . بۇ خىل سادالار شۇنىڭ ئۈچۈن چىقتىكى ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئەڭ ئىھتىياجلىق نەرسە پەن – تېخىنىكا ؛ ئەڭ ئىھتىياجلىق كىشىلەر پەن – تېخىنىكا خادىملىرى . ھالبۇكى ، كۈنىمىزدە سەنئەت ئاسمىنىدا چاقنىغان چولپانلارنى ساناشقا ئون بارماق يەتمەيدۇ ، ئەمما پەن – تېخىنىكا خادىملىرى ۋە تەبئىي پەن ئالىملىرىنى سانىغاندا ئون بارماق تولمايدۇ . شۇنداقلىقىغا باقماي ئۇيغۇر قۆۋمى ئىچىدە تالاي كىشىلەر ناخشا – ئۇسۇلى بىلەن بىر كېچىدىلا نام قازىنىپ ، چولپانغا ئايلىنىش چۈشىنى كۆرىۋاتىدۇ . ئەمما ئۆزىنىڭ ھالال مىھنىتى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن يېڭىلىق ۋە كەشپىيات يارىتىپ ، ئالىم بولۇشنى ئويلايدىغانلار بولسا ناھايىتى ئاز . جەمئىيەتكە نەزەر سالىدىغان بولساق ، سەنئەتكە مەبلەغ سالغانلار پەن – تېخىنىكىغا مەبلەغ سالغانلاردىن كۆپ . جەمئىيەتتە كىملەرنىڭدۇر ئۆز كەشپىياتى ئۈچۈن پاتېنىت ھوقۇقى ئالالماي نەلەردىدۇر تىنەپ – تەمتىرەپ يۈرگەنلىگىنى ؛ پاتېنىت ئالغانلارنىڭ بولسا ئۇنى ئىشلەپچىقىرىپ مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇشتا يىتەرلىك مەبلەغدىن قىسىلىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمىز ، كۆرىۋاتىمىز . ئەكىسچە ، بەزى سەنئەتكارلارنىڭ بىر – ئىككى ناخشىسى بىلەن بىر كىچىدىلا چولپانغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ؛ ئۈن – سىن سودىگەرلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن توختاملىشىش ئۈچۈن ئارقىسىدىن پايپاسلاپ يۈرىۋاتقانلىقىنىمۇ ئاڭلاۋاتىمىز ، كۆرىۋاتىمىز . ئۇيغۇر قۆۋمى سەنئەتكە بىر ھەسسە مۇھتاج بولسا ، پەن – تېخىنىكىغا مىڭ ھەسسە مۇھتاج ئىدى ؛ سەنئەتكە بىر ھەسسە ئەھمىيەت بەرسە ، پەن – تېخىنىكىغا مىڭ ھەسسە ئەھمىيەت بېرىشكە تىگىشلىك ئىدى . چۈنكى سەنئەت تەرەققىي قىلىپ بەلگىلىك سەۋىيگە يەتتى . سەنئەتكارلار سانىمۇ بەلگىلىك كۆلەمنى ئىگىلىدى . پەن – تېخىنىكا يەنىلا ئاجىز ھالقا بولۇپ تۇرۇپ قالدى .


       نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا ئۇيغۇرلارنىڭ پەن – تېخىنىكىسىنىڭ سەنئەت بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىشىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ . چۈنكى ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ئاساسىي پۇختا سېلىنغان . ھالىبۇكى ، پەن – تېخىنىكا رۇشەن ئاجىزلىققا ئىگە . مەيلى پەن – تېخىنىكا خادىملىرى ياكى نەتىجىلىرى جەھەتتىن بولسۇن ئۇيغۇر سەنئىتىگە قارىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ پەن – تېخىنىكا سەۋىيىسى ناھايىتى تۈۋەن ئۇرۇندا تۇرىۋاتىدۇ . ئۇيغۇرلاردىن بەش يىلدا بىر نەپەر تەبئىي پەن ئالىمى يىتىشىپ چىققان تەقدىردە ، سەنئەتكارلاردىن بەش يۈزىنىڭ يىتىشىپ چىقىشىغا گەپ كەتمەيدۇ . ئۇيغۇر بالىلىرى ئۇيغۇرلاردىن چىققان بەش نەپەر ئالىمنى ساناپ بېرەلمىگىنى بىلەن ، سەنئەتكارلاردىن ئەللىكنى بىمالال سانىۋىتىدۇ . ئۇلارغا بۇنى ئاتا – ئانىلىرى ياكى ئوقۇتقۇچىلار ئۆگەتكىنى يوق . بەلكى تېلىۋېزۇر ، ئېنتېر تۇرى ۋە كۇچا – كويلاردىكى ياڭراتقۇلاردىن قۇلاقنى يارغۇدەك چىقىۋاتقان ناخشا – مۇزىكىلاردىن ئۆگىنىۋالغان . بالىلارنىڭ كۈنى سەنئەتكارلار بىلەن ئۆتمىگىنى بىلەن ئۇلارنىڭ ناخشا – مۇزىكىسى بىلەن ئۆتىدۇ . شۇڭا كىچىكىدىن ناخشا – مۇزىكىغا ئىشتىياق باغلاش ، سەنئەتكارلاغا ھەۋەس قىلىش ، سەنئەتكار بولۇش ئارزۇسى بالىلىق قەلبىگە مۇھۇر بولۇپ بېسىلغان . ئۇيغۇر بالىلىرى ئۇلۇغ ئالىملىرىمىز مەھمۇد قەشقىرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇشدىن ئېلگىرى مەلۇم سەنئەتكارنىڭ ناخشىسى بىلەن تونۇشىدۇ . ئۇلارنىڭ قەلبىدە سەنئەتكارلار تولىمۇ ئۇلۇغ سىيما سۆپىتىدە نامايان بۇلىدۇ . شۇڭا ئۇلارنىڭ بالىلىق قەلبىدە مەھمۇد قەشقىرى كەبى ئالىم بولۇش ئارزۇسىدىن كۆرە ئۆز نەزەرىدىكى سەنئەتكاردەكچولپان بولۇشئىستىكى يالقۇن بولۇپ يانىدۇ . مانا بۇ خىل ئارزۇ ئۇلارنىڭ ئۆمۈرلۈك ھاياتىغا چۇڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ .


بۈگۈنكى كۈندە بىر قىسىم سەنئەتكارلار ئەجدادلىرىمىز ئەنىئەنىسىدىن پۈتۈنلەي ياتلىشىپ، ئىجاد قىلىش ئورنىغا تەقلىدچىلىك، دورامچىلىقنى دەسسەتمەكتە.بىر مىللەت ئۈچۈن سەنئىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ تەقلىد قىلىش، دوراش، كۆچۈرۈشتىن باشقا يولى يوقمۇ؟ ئەجدادلىرىمىز ياراتقان شانلىق 12 مۇقام، خەلق ناخشىلىرى، بىناكارلىق، نەققاشلىق، تاشكېمىر سەنئىتىمۇ ئەنە شۇنداق تەقلىدچىلىكنىڭ مەھسۇلىمۇ؟ ناۋادا ئەجدادلىرىمىز سەنئىتىدە بۈگۈنكى سەنئەتكارلارنىڭ ئىجادىدەك تەقلىدچىلىك ئېلمىنتى بولغان بولسا، ئۇلار ياراتقان مەدەنىيەت سەمەرىلىرى بۈگۈنگىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمىغان، بۈيۈك 12 مۇقامىمىزمۇ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرەلمىگەن، شۇنداقلا ئۆز قىممىتىنى ئاللىقاچان يوقاتقان بولاتتى. ئۆلمەس سەنئەت دۇردانىلىرىنى ياراتقان ئەجدادلىرىمىز ئۆز ۋۇجۇدىدىن ئىجادىيەتكە ئورۇن بېرىپ، تەقلىدچىلىك، كۆچۈرمىچىلىككە ئورۇن بەرمىگەن. تەقلىدچىلەرنىڭ تۇمۇرىدا ئېقىۋاتقىنى كىمنىڭ قېنى؟ئۇلارنىڭ ۋارسلىق قىلغىنى كىمنىڭ سەنئىتى؟ ئەجدادلىرىمىز بارىغا شۈكرى قىلىشقا رازى بولغانكى، ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ، جۇۋىسىدا تەرلەنمىگەن. بىر مىللەت مەدەنىيىتىدە ئەنىئەنىۋى مەدەنىيەت ئاساس، تۈۋرۈك بولۇشى، سىرتتىن كىرگەن مەدەنىيەت قوشۇمچە بولۇشى كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز سەنئىتىدىن كۆرە چەتئەل سەنئىتىگە بەكرەك مەپتۇن بولۇشى، ئۆز سەنئىتىنى قەدىرلىمەسلىكى سەنئەت جەھەتتىكى ياتلىشىشتۇر. ئۇيغۇر سەنئىتى ئۆزى ئاپىرىدە بولغان زىمىندا قەدىرلىنىش ئورنىغا بويۇن قىسىپ قالسا، ئۇ باشقا ئەللەردە نېمە كۈنگە قالار؟ ئۇنىڭ كەلگۈسى قانداق بۇلار؟


بىلىش كېرەككى، تاللاش ۋە شاللاش ئىقتىدارى بولمىغان يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ شاللىنىش ئېھتىمالى ھەممىدىن چوڭ بولىدۇ. چەتئەل سەنئىتىنى ئۆگۈنۈشكە، ئورۇنداشقا بولىدۇ. ئەمما، ئۇنى ئانا مەدەنىيەت ، سەنئەتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە ، ئەجنەبىي سەنئەتنىڭ قۇشۇمچىسىىغا ئايلاندۇرۇپ قۇيۇشقا بولمايدۇ . ئەڭ ئېچىنارلىق يېرى شۇكى، بىر قىسىم سەنئەتكارلار ئورۇندىغان ناخشىلارنىڭ ئۇيغۇرنىڭ، تۈركنىڭ ياكى ئۆزبېكنىڭ ئىكەنلىگىنى بىلگىلى بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ مىللىي خاسلىقىنى قانداق ساقلاپ قالالايمىز؟


بىر مىللەتنىڭ سەنئىتىدىن شۇ مىللەتنىڭ روھىنى كۆرگىلى بولىدۇ. جەمئىيەتلىشىۋاتقان چەتئەل ناخشا-مۇزىكىلىرىدىن كۆرىدىغىنىمىز يات مىللەت روھى بولماقتا. سەنئەت جەھەتتىكى ياتلىشىش ماھىيەتتە روھىيەت جەھەتتىكى ياتلىشىشتۇر. ئەجدادىغا مۇھەببەت، ئەۋلادىغا مەسئۇلىيىتى بار ھەربىر ۋىجدان ئىگىسى مىللىي سەنئىتىنىڭ ساپلىقى ۋە مەۋجۇدلۇقىنى قوغدايدۇ. بۇ يولدا زامانداشلىرىغا قارىغاندا ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ ۋە قۇربانلارنى بېرەلەيدۇ.


ئۆز زىمىنىدا يىلتىز تارتقان سەنئەت ھەقىقى ھاياتى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئۇيغۇرلارغا كېرەك بولغىنى مۇشۇ زىمىندا يىلتىز تارتقان، قەدىمدىن داۋاملىشىپ كەلگەن مىللىي سەنئەتتۇر. ئۇيغۇر سەنئىتى ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكى بىلەن ئەمەس،مىللىيلىكى بىلەن قىممەتلىكتۇر.ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ مىللىي خاسلىقىنى ساقلاپ قېلىشقا بولىدۇكى،ئۇنى غەربلەشتۈرۈشكە، مودىلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇل سەنئىتى ئۇيغۇر نامىدا ئاتالغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە مەنسۇپتۇر. ئۇنىڭ پاكلىقى، ساپلىقى ۋە مەۋجۇدلىقىنى قوغداش ماھىيەتتە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى قوغدىغانلىقتۇر.



2012يىلى10 .يانۋار . مەكىت.


مەكىت ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى


مەنبە: «پەن ۋە تۇرمۇش»، 2012-يىللىق 3-ساندىن ئېلىندى.



wasdnoasdw يوللانغان ۋاقتى 2012-5-12 11:24:09

ئېسىل يۇمۇركەن\"\"

NewTab يوللانغان ۋاقتى 2012-5-12 11:47:29

umudwarinsanنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

بىر مىللەتنىڭ ناخشا-مۇزىكىسى شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولغاچقا ، شۇ مىللەتنىڭ گۆش ھەم قېنىغا سىڭگەن بولىدۇ. ئۇ ئۆز ناخشىسىنى دۇنيانىڭ قايسى جايىدا، قايسى مىللەتتىن ئاڭلىمىسۇن يۈرىكى تونۇيدۇ . ناخشىنى ھەممە ئادەم ئوقۇيالىغىنى بىلەن ھەممە ئادەمنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشى ناتايىن . ھەركىم ئۆزىنىڭ ناخشىسىنى ئۆزى ئېيتقىنى تۈزۈك. چۈنكى ئۇ ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرت،تەۋە بولغان مىللەتنىڭ تارىخى،مەدەنىيىتى، ئۆرپ – ئادىتى تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە پىسخىكىسىنى پىششىق بىلىدىغان بولغاچقا، خەلقى ياقتۇرىدىغان ناخشىلارنى ئورۇندىيالايدۇ . نۆۋەتتە بىر قىسىم ‹‹چولپانلار››نى ئۇيغۇرلارنى «ناخشا-مۇزىكىغا زار قىلدى دىگەندىن كۆرە،چەت ئەل ناخشا-مۇزىكىسىنى خار قىلدى» دىگەن تۈزۈك . ئۇلار چەتئەل ناخشا مۇزىكىلىرىنى ياكى چەتئەللىكلەردەك ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇندىيالماي ياكى دورىمايلا قويماي، چەتئەلنىڭ كىلاسسىك ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ ئەتىۋارىنى قويمايۋاتىدۇ.





گۆش ھەم قېنىمىمز بىلەن مەھكەم ئىستىھكام قۇرايلى.


جۇڭخۇا مىللەتلەرى


ئالغا، ئالغا، ئالغا


ئالغا


ئالغا باس



Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2012-5-12 11:59:28



بېشىدا زادىلا تۈكى قالمىغان ئادەم بېشىمغا چاچ چىقىپ كەتسە قانداق قىلارمەن دەپ ئەنسىرىگەندەك تېما ئىكەن.

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-12 12:07:24

بۇ ئىنكاسنى تىيەنيا مۇنبىرىدە كۆرۇپ ، ياراپ قالغانلىقى ئۇچۇن تەرجىمە قىلىىپ چاپلاپ قويدۇم\"\"\"\"

1- پىقىر ئۆتمۇشتە ، ھازىرمۇ، كەلگۇسىدىمۇ بۇ تىمىنىڭ يازما ئاپتۇرىنى تونۇمايدۇ ، ھەم ئاپتۇر بىلەن ھىچقانداق پايدا زىيان ، مەنپەئەت توقۇنۇشۇم يوق ، ئىنكاسىمدىكى بارلىق مەزمۇنلارنى (قىستۇرما رەسىم ، خەت ، ھەرىپ ، بەلگە ، ئۈن -سىن ماتىرياللىرى) ئىنتىرنىت تورىدىن كۆچۇرۇپ ئەكەلگەن ، كۆچۇرۇلگەن مەزمۇننى پىقىر تولۇق ياكى قىسمەنچۇشەنمەيدۇ (ئىنكاس مەزمۇنىنى چۇشىنىش ، ئوقۇش ، مۇلاھىزە قىلىش ، خۇلاسە چىقىرىش ، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى يوق ).

2- يازما ئاپتۇرىنڭ يازغان مەزمۇنى پىقىر بىلەن مۇناسىۋەتسىز ، پىقىر پەقەت «تېما كۆرۇپ ئىنكاس يىزىش شەرەپ ، ئۆزگىمۇ ،ئۆزگىگىمۇ مەنپەئەت يەتكۇزۇش » مەقسىتى بويىچە «ئېشىشنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، ئىچكى ئىھتىياجىنى كىڭەيتىپ ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ ، خەلىق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ،ئىلمىي تەرەققىي قىلىپ ، ئىناق جەمىيەت قۇرۇش» پىرىنسىپى بويىچە ئىنكاس يېزىپ ، مۇنبەر دەرىجەمنى ئاشۇرۇشنى ئويلىدىم .

3- پىقىرنىڭ بۇ يەرگە ئىنكاس قايتۇرۇشى پەقەت كومپىيۇتىرنىڭ كونۇپكا تاختىسى ، مائۇس ۋە باشقا قىسىملىرىنىڭ ئېلېكتىرلىق ، ئوپتىكىلىق، مىخانىكىلىق ئقتىدارلىرىنى سىناش ئۇچۇن ، بۇ ھەرگىزمۇ پىقىرنىڭ بۇ يامىغا بولغان تولۇق ياكى قىسمەن ھالدا بولغان قوشۇلۇشى ياكى قارشى تۇرۇشىنى ئىپادىلىمەيدۇ .

4- تۇمۇشتا خەۋىپ خەتەر كۆپ ، پىقىرنىڭ بۇ يەرگە ئىنكاس قايتۇرۇشى ھىچقانداق بىر ئوقۇرمەننىڭ ياشاش ئۇسۇلى ، خىزمەت پوزىتسىيسى ، نىكاھ ۋە دوسىتلۇق ، پەرزەنىت تەربىيسى ياكى سەلبىي قاراشلىرىنى قوللاش ، دارىتمىلاش، رىغبەتلەندۇرۇش ، ئەكىس ئەتتۇرۇش مەقسىتى يوق . قورامىغا يەتمىگەنلەر چوقۇم چوڭلارنىڭ ھەمرالىقىدا كۆرۇڭ ، ھەق تەلەپ ھەركەت ئىقتىدارى يوقلار بۇ توربەتتىن چىكىنىپ چىقىڭ ، ھەمدە %20 لىك كالىي پېرمانگاناتقا (مارگانسوۋ) %75 لىك دوختۇرلۇقتا ئىشلىتىلىدىغان ئىسپىرىتنى قوشۇپ ئۆزىڭىز ۋە كۆمپىيۇتىرنڭ كونۇپكا تاختىسى ، مائۇس ، CPU , GPU , قاتتىق دىسكا ، يۇمشاق دىسكا قاتارلىقلارنى بىللەچىلاپ دېزىنفىكسىيە قىلىڭ .

5- پىقىرنڭ بۇ ئىنكاسى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئەمىر پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلغان بولسا ، تور باشقۇرغۇچى ئىنكاسىمنى تازلىۋەتسىڭىز بولىدۇ ، ئىنكاسنى ۋاقتىدا تازلىماسلىقتىن كېلىپ چىققان قانۇنغا (ئاساسىي قانۇن ، ئوم قانۇنى ، نىگىزلىك قانۇن ، ئىنىرگىيەنىڭ ئايلىنىش ساقلىنىش قانۇنى ، نىيۇتۇننىڭ 1-،2- ، 3- قانۇنى ۋە باشقا ئالاقىدار يەرلىك قانۇن نىزاملارنى(يەنى كەينىدە خەنچە 法 خىتى بولغان بارلىق قانۇنلار ، مەسىلەن :加法、减法、乘法、除法、剑法、拳法、脚法、民法,刑法,书法,公检法,基本法,劳动法,婚姻法,输入法,没办法,国际法,

今日说法,吸星大法,与台湾关系法及文中涉及或可能涉及以及未涉及之法,قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ ) ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ ) تاقىشىدىغان مەسىلىلەردە ، تالاش تارتىشلاردا پىقىر ھىچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۇستىگە ئالمايدۇ .

6- پىقىر ھەرقانداق شەكلىدىكى دەرىجە ئاتلاپ تۇتۇپ كېتىشنى رەت قىلىدۇ ، ئەگەر تۇتۇشقا توغرا كەلسە تىما يازغۇچىنى ، تەستىقلىغۇچىنى ،مۇنبەر مەسئۇلىنى ، تور بەت باشقۇرغۇچىنى ياكى قانۇنىي ۋەكىلنى تۇتۇڭ ، زادى تۇتمىسام پۇقرانىڭ غەزىپى بىسىلمايدۇ ياكى باشلىق خاپا بولۇپ مۇئاشىمنى بەرمىسە ، خوتۇن باللىنى باقالماي قالىمەن دەيدىغانلار بولسا ، خاپا بولماي خىزمەت كىنىشكىسى ، كىملىك ، توي قىلىش ئاجرىشىش كىنىشكىسى ، يالغۇز پەرزەنىتلىك كىنىشكىسى ، ساغلاملىق كىنىشكىسى ، ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىسكىسى ، ئوقۇش پۇتتۇرۇش كىنىشكىسى ... ۋە ناھىيدىن يۇقرى دەرجىلىك ھۆكۇمەت ئورگىنى چىقىرىپ بەرگەن تونۇشتۇرش خىتى قاتارلىقلارنى ئېلىپ كېلىپ ئادەم تۇتۇڭ ، تۇتۇش تەرتىۋى: تېما تەستىقلىغۇچى ، تىما يازغۇچى ، مۇنبەر مەسئۇلى ، تور نازارەتچىسى ، تور بوشلۇقى تەمىنلىگۇچى ، ISPتور مۇلازىمەت تەمىنلىگۇچى ، توك تەمىنلىگۇچى ، كومپىيۇتىر ئىشلەپ چىقارغان ۋە ساتقانلار ، ئويغۇرچە كىرگۇزگۇچ كەشىپ قىلغانلار

7- يۇقارقى مەزمۇننى پىقىر كەلگۇسى نەچچە مىنۇتتا ئۇنتۇپ قالىدۇ ، يۇقارقى مەزمۇنغا نىسبەتەن ھىچقانداق قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالمايدۇ .

8-بۇ ئىنكاسنىڭ ئاخىرقى چۇشەندۇرش ھوقۇقى پىقىرغا مەنسۇپ .

Yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-12 12:29:40

radiofanنىڭ ئىنكاسى پېچەت\"\"

~Qawandaz~ يوللانغان ۋاقتى 2012-5-12 13:04:26

4- قەۋەتتىكى radiofanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ ئىنكاسنى تىيەنيا مۇنبىرىدە كۆرۇپ ، ياراپ قالغانلىقى ئۇچۇن تەرجىمە قىلىىپ چاپلاپ قويدۇم \"\" \"\"

1- پىقىر ئۆتمۇشتە ، ھازىرمۇ ، كەلگۇسىدىمۇ بۇ تىمىنىڭ يازما ئاپتۇرىنى تونۇمايدۇ ، ھەم ئاپتۇر بىلەن ھىچقانداق پايدا زىيان ، مەنپەئەت توقۇنۇشۇم يوق ، ئىنكاسىمدىكى بارلىق مەزمۇنلارنى (قىستۇرما رەسىم ، خەت ، ھەرىپ ، بەلگە ، ئۈن -سىن ماتىرياللىرى ) ئىنتىرنىت تورىدىن كۆچۇرۇپ ئەكەلگەن ، كۆچۇرۇلگەن مەزمۇننى پىقىر تولۇق ياكى قىسمەن چۇشەنمەيدۇ (ئىنكاس مەزمۇنىنى چۇشىنىش ، ئوقۇش ، مۇلاھىزە قىلىش ، خۇلاسە چىقىرىش ، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى يوق ).

2- يازما ئاپتۇرىنڭ يازغان مەزمۇنى پىقىر بىلەن مۇناسىۋەتسىز ، پىقىر پەقەت «تېما كۆرۇپ ئىنكاس يىزىش شەرەپ ، ئۆزگىمۇ ،ئۆزگىگىمۇ مەنپەئەت يەتكۇزۇش » مەقسىتى بويىچە «ئېشىشنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، ئىچكى ئىھتىياجىنى كىڭەيتىپ ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ ، خەلىق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ،ئىلمىي تەرەققىي قىلىپ ، ئىناق جەمىيەت قۇرۇش » پىرىنسىپى بويىچە ئىنكاس يېزىپ ، مۇنبەر دەرىجەمنى ئاشۇرۇشنى ئويلىدىم .

3- پىقىرنىڭ بۇ يەرگە ئىنكاس قايتۇرۇشى پەقەت كومپىيۇتىرنىڭ كونۇپكا تاختىسى ، مائۇس ۋە باشقا قىسىملىرىنىڭ ئېلېكتىرلىق ، ئوپتىكىلىق، مىخانىكىلىق ئقتىدارلىرىنى سىناش ئۇچۇن ، بۇ ھەرگىزمۇ پىقىرنىڭ بۇ يامىغا بولغان تولۇق ياكى قىسمەن ھالدا بولغان قوشۇلۇشى ياكى قارشى تۇرۇشىنى ئىپادىلىمەيدۇ .

4- تۇمۇشتا خەۋىپ خەتەر كۆپ ، پىقىرنىڭ بۇ يەرگە ئىنكاس قايتۇرۇشى ھىچقانداق بىر ئوقۇرمەننىڭ ياشاش ئۇسۇلى ، خىزمەت پوزىتسىيسى ، نىكاھ ۋە دوسىتلۇق ، پەرزەنىت تەربىيسى ياكى سەلبىي قاراشلىرىنى قوللاش ، دارىتمىلاش، رىغبەتلەندۇرۇش ، ئەكىس ئەتتۇرۇش مەقسىتى يوق . قورامىغا يەتمىگەنلەر چوقۇم چوڭلارنىڭ ھەمرالىقىدا كۆرۇڭ ، ھەق تەلەپ ھەركەت ئىقتىدارى يوقلار بۇ توربەتتىن چىكىنىپ چىقىڭ ، ھەمدە %20 لىك كالىي پېرمانگاناتقا (مارگانسوۋ) %75 لىك دوختۇرلۇقتا ئىشلىتىلىدىغان ئىسپىرىتنى قوشۇپ ئۆزىڭىز ۋە كۆمپىيۇتىرنڭ كونۇپكا تاختىسى ، مائۇس ، CPU , GPU , قاتتىق دىسكا ، يۇمشاق دىسكا قاتارلىقلارنى بىللە چىلاپ دېزىنفىكسىيە قىلىڭ .

5- پىقىرنڭ بۇ ئىنكاسى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئەمىر پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلغان بولسا ، تور باشقۇرغۇچى ئىنكاسىمنى تازلىۋەتسىڭىز بولىدۇ ، ئىنكاسنى ۋاقتىدا تازلىماسلىقتىن كېلىپ چىققان قانۇنغا (ئاساسىي قانۇن ، ئوم قانۇنى ، نىگىزلىك قانۇن ، ئىنىرگىيەنىڭ ئايلىنىش ساقلىنىش قانۇنى ، نىيۇتۇننىڭ 1-،2- ، 3- قانۇنى ۋە باشقا ئالاقىدار يەرلىك قانۇن نىزاملارنى(يەنى كەينىدە خەنچە 法 خىتى بولغان بارلىق قانۇنلار ، مەسىلەن :加法、减法、乘法、除法、剑法、拳法、脚法、民法,刑法,书法,公检法,基本法,劳动法,婚姻法,输入法,没办法,国际法,

今日说法,吸星大法,与台湾关系法及文中涉及或可能涉及以及未涉及之法,قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ ) ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ ) تاقىشىدىغان مەسىلىلەردە ، تالاش تارتىشلاردا پىقىر ھىچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۇستىگە ئالمايدۇ .

6- پىقىر ھەرقانداق شەكلىدىكى دەرىجە ئاتلاپ تۇتۇپ كېتىشنى رەت قىلىدۇ ، ئەگەر تۇتۇشقا توغرا كەلسە تىما يازغۇچىنى ، تەستىقلىغۇچىنى ،مۇنبەر مەسئۇلىنى ، تور بەت باشقۇرغۇچىنى ياكى قانۇنىي ۋەكىلنى تۇتۇڭ ، زادى تۇتمىسام پۇقرانىڭ غەزىپى بىسىلمايدۇ ياكى باشلىق خاپا بولۇپ مۇئاشىمنى بەرمىسە ، خوتۇن باللىنى باقالماي قالىمەن دەيدىغانلار بولسا ، خاپا بولماي خىزمەت كىنىشكىسى ، كىملىك ، توي قىلىش ئاجرىشىش كىنىشكىسى ، يالغۇز پەرزەنىتلىك كىنىشكىسى ، ساغلاملىق كىنىشكىسى ، ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىسكىسى ، ئوقۇش پۇتتۇرۇش كىنىشكىسى ... ۋە ناھىيدىن يۇقرى دەرجىلىك ھۆكۇمەت ئورگىنى چىقىرىپ بەرگەن تونۇشتۇرش خىتى قاتارلىقلارنى ئېلىپ كېلىپ ئادەم تۇتۇڭ ، تۇتۇش تەرتىۋى: تېما تەستىقلىغۇچى ، تىما يازغۇچى ، مۇنبەر مەسئۇلى ، تور نازارەتچىسى ، تور بوشلۇقى تەمىنلىگۇچى ، ISP تور مۇلازىمەت تەمىنلىگۇچى ، توك تەمىنلىگۇچى ، كومپىيۇتىر ئىشلەپ چىقارغان ۋە ساتقانلار ، ئويغۇرچە كىرگۇزگۇچ كەشىپ قىلغانلار

7- يۇقارقى مەزمۇننى پىقىر كەلگۇسى نەچچە مىنۇتتا ئۇنتۇپ قالىدۇ ، يۇقارقى مەزمۇنغا نىسبەتەن ھىچقانداق قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالمايدۇ .

8-بۇ ئىنكاسنىڭ ئاخىرقى چۇشەندۇرش ھوقۇقى پىقىرغا مەنسۇپ .







پۇتى بولسا ماڭغۇدەك ، قانىتى بولسا ئۇچقۇدەكلا يىزىپسىز بۇ ئىكاسىڭىزنى .....

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-12 13:29:02

مەزمۇنىدىن قارىغاندا بۇ 3-4 بۇرۇن يېزىلغان نەرسە.

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2012-5-12 14:31:06

بىر نەرسە دىسەم تىخى دىمىسەم تىخى . لىكىن چۈشەنمەي تۇرۇپمۇ يەنە قاپ يۈرەكلىك بىلەن مۇشۇنداق نەرسىلەرنى يىزىش . يازالاش دەھشەت ئىش ئەمما . يازغۇچىغا ئاپىرىن ئىيتىمەن . يامانكەنسىز .

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2012-5-12 14:32:14

كۇڭزىنىڭ يالغۇز قالدۇرۇش ئىدىيىسى بىلەن ياڭ زىڭشىننىڭ بىخەۋەر قالدۇرۇش ئىدىيىسىسنىڭ داۋامى بوپتۇ . ياشاڭ . پەقەتلا چارچىماڭ .

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2012-5-12 14:33:42

ئى ئىسىمدىكى ئىككى جۇملىمۇ ئالمىشىپ قاپتۇ . ئاۋال روھىيەت ئاندىن سەنئەت ئىدى ئەسلى . لىكىن بۇ ماقالىغا يارىشىپتۇ .

sansara يوللانغان ۋاقتى 2012-5-12 14:49:08

ھا ھا ھا ھ

سەنئەت بىزنىڭ بارلىقىمىز ئەمەس \"\"

شۇنىڭ ئۈچۈن قولنى قولغا تۇتۇشۇپ سەنئەتنى يوقىتايلى،ماۋۇ ئاپتۇردەك ئۇسۇل ئوينىيالمايدىغان ،ناخشا ساداسىدىن ھوزۇرلىنىش ئىقتىدارى يوق ئادەملەرنىڭ بەھۇزۇر ياشىشى ئۈچۈن كەمكۇتسىز مۇھىت بەرپا قىلايلى


ئادەمنىڭ قارنىدىن ئارغامچە توقۇناقتىن باشقا ھەرنەرسە چۈشىدۇ دىگەنگە بارغانسىرى ئىشىنىۋاتىمەن،دۇنيادا ئۇسۇل ناخشىسىز ئۆتىدىغان مىللەت بارمۇ؟؟؟ئەكچەكنى تاپالماي باشقا يەرگە ئېسىلىدىغان ئادەملەر جىق بوپ كىتىۋاتىدۇ دىسە!

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2012-5-12 14:56:14

كوللېكتىپ مېڭە يىگىلەش كېسىلىنىڭ ئالامىتى ئەكس ئېتىپتۇ. لېكىن مىڭە يىگىلەش كېسىلىنىڭ ياشلىشىپ كېتىۋاتقىنىغا ھەيرانمەن. كىچىكلا بوۋاق تۇرۇپ مېڭىسى نىمىشقا يىگىلەپ كەتكەندۇ بۇ ئاپتورنىڭ؟

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2012-5-12 15:04:18

كونا يېڭى ياڭ زېڭشېڭلارنىڭ مېڭە يىگىلىتىش تابلېتكسىىنىڭ ئۈنۈمى ئالامەت!

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2012-5-12 15:06:44

ئاپتۇر قىنى ؟ ھۈرمەتلىك ئەخمەتجان قاسىم ئەپەندى كىرسە ئۈزى بىلەن بىر يۇمشاق سۆھبەتتە بولساق ئاندىن كۈزىمىز ئېچىلىپ قالار ئىكەن . باشتىن ئاخىرى ئوقۇشقا تاقەت يەتمەيدىغان بۈيۈك يازغۇچىنىڭ بۇ «ماقالا» سىنى تازا ئوبدان بىر مۇلازىرە قىلىشساق بوپتىكەن . مەكىتنىڭ ئوتتۇرا مەكتىۋىدە بۇ يىتىمدىن دەرىس ئىلىۋاتقان شور پىشانىلەرنىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرەپ قىلىپ شۇڭا بىر نەچچە يەردە ئىنكاس يىزىپ قالدىم . بۇ تىخى مۇئەللىمكەن بالا تەربىيلەيدىغان . مۇشۇ ئىدىيە بىلەن . زاماننىغۇ دىمەيلى مەكىتنىڭ نەرىدە قالغان بولغىيتتى زادى ھەي ئېسىت . پىنھان بىلەن سانسارا ئاغىنە بولسا بۇ يىتىم بىلەن تازا كىلىشىپ كەتكىدەك، گۇدلاكنى مۇبارەكلەيمەن بۇ مۇئەللىم كىلىپ دەرىس بىرىپ بولغىچە ئۈرۈمچىگە كىلىۋاپتۇ ئەينا \"\" \"\" \"\"

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2012-5-12 15:22:41

كۆڭۈل ئىچىشتىن ئارامسىزلىنىپ كۆڭۈل بۇزۇلۇش خوش ياقىدىغان بوپ قالغان بۇنداق ئادەملەر بىلەن ھېچنىمە دىيىشەلمەيسىز ئۆزھال. بۇلار تاياق يىمىسە جىنسىي ھەۋىسى قوزغالمايدىغان ئاياللارغىلا ئوخشايدۇ.

jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2012-5-12 15:37:26

بىرئوبدان يېزىلغان ، ياخشى ماقالە ئىكەنغۇ .يا خاتا گەپ قىلماپتۇ ، مىللىي سەنئىتىمىزنىڭ ساپلىغىنى قوغدايلى ، ھازىر بىزگە سەنئەتتىن بەكرەك پەن - تېخنىكا مۇھىم ... دىگەن مەزمۇنلار ئىكەن .

   ئۇنچىۋالا دىيىشىپ كەتمەيلى ، قېرىنداشلار .توغرا گەپ مىڭ قېتىم قايتا دىيىلسىمۇ يەنىلا قىممىتىنى يوقاتمايدۇ .ئەتراپىمىزغا قارىساقلا ، بۇ ماقالىدا سۆزلەنگەن مەزمۇنلارنىڭ قىممەتسىز ئەمەسلىگىنى ھىس قىلالايمىز .



تېما ئىگىسى ، ئەجرىڭىزگە رەھمەت .\"\"

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-12 15:53:26

مەن تېخى ئۈستىدىكىلەرنىڭ ئىنكاسلىرىنى ئوقۇپ ئالا-جوقا سۆزلىگەن بىرسى ئوخشايدۇ دەپ قىزىقىپ ئوقۇسام شۇنداق ياخشى گەپلەرنى قىپتۇ، سەنئەت بولىسا بولمايدۇ دىگەن گەپنى قىلماپتۇ، پەقەتلا مىللى سەنئىتىمىزنى مىللىيچە ئالاھىدىلىك بويىچە راۋاجلاندۇرايلى، چەتئەلنىڭكىنى دورىمايلى، سەنئىتىمىزنى شالغۇتلاشتۇرمايلى، چەكتىن ئاشۇرۋەتمەيلى، سەنئىتىمىزنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە باللىرىمىزنى ياخشى تەربىيىلەپ پەن-تېخنىكىنىمۇ راۋاجلاندۇرايلى دەپتۇ.

ئۈستىدىكى 15-قەۋەتكىچە بولغان قارشى مۇقام توۋلىغان تورداشلار مۇشۇ ماقالىنى ئوقۇپ ئىنكاس يازغاندىمۇ ياكى باشقا بىر ماقالىنى ئوقۇپ قالغانمىدۇ؟ تەھرىرلەپ ئۆزگەرتتىڭلارمۇ يا؟

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2012-5-12 16:06:06

16- قەۋەتتىكى jaziyraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىرئوبدان يېزىلغان ، ياخشى ماقالە ئىكەنغۇ . يا خاتا گەپ قىلماپتۇ ، مىللىي سەنئىتىمىزنىڭ ساپلىغىنى قوغدايلى ، ھازىر بىزگە سەنئەتتىن بەكرەك پەن - تېخنىكا مۇھىم ... دىگەن مەزمۇنلار ئىكەن .

ئۇنچىۋالا دىيىشىپ كەتمەيلى ، قېرىنداشلار . توغرا گەپ مىڭ قېتىم قايتا دىيىلسىمۇ يەنىلا قىممىتىنى يوقاتمايدۇ . ئەتراپىمىزغا قارىساقلا ، بۇ ماقالىدا سۆزلەنگەن مەزمۇنلارنىڭ قىممەتسىز ئەمەسلىگىنى ھىس قىلالايمىز .



تېما ئىگىسى ، ئەجرىڭىزگە رەھمەت . \"\"




مىڭ قېتىم قايتا دىيىشنىڭ زىيىنىنى بىلەمسىز؟


مېڭە يۇيۇش دېگەن شۇ!


بولسا بىر نەچچە تېمىنى ئۇيغۇرلارغا مىڭ يىللاپ تەكرارلاۋەرسەك، ئۇيغۇر خەلقى ئاشۇ بىر نەچچە تېمىدىن باشقىنى ئويلىماس بولسا ھە! ماۋ جۇشى ئەسەرلىرىنى يادىلاپ قانمىغانمۇ؟



Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2012-5-12 16:07:31

16- قەۋەتتىكى jaziyraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىرئوبدان يېزىلغان ، ياخشى ماقالە ئىكەنغۇ . يا خاتا گەپ قىلماپتۇ ، مىللىي سەنئىتىمىزنىڭ ساپلىغىنى قوغدايلى ، ھازىر بىزگە سەنئەتتىن بەكرەك پەن - تېخنىكا مۇھىم ... دىگەن مەزمۇنلار ئىكەن .

ئۇنچىۋالا دىيىشىپ كەتمەيلى ، قېرىنداشلار . توغرا گەپ مىڭ قېتىم قايتا دىيىلسىمۇ يەنىلا قىممىتىنى يوقاتمايدۇ . ئەتراپىمىزغا قارىساقلا ، بۇ ماقالىدا سۆزلەنگەن مەزمۇنلارنىڭ قىممەتسىز ئەمەسلىگىنى ھىس قىلالايمىز .



تېما ئىگىسى ، ئەجرىڭىزگە رەھمەت . \"\"



ھازىرغىچە ئۇيغۇرنىڭ مېڭىسىنى ماۋ جۇشىنىڭ گەپلىرى چۆگىلىتىۋاتىدۇ. بىدەم دىندىن پايدىلىنىپ چۆرگىلەتسە بىردەم مىللەتتىن پايدىلىنىپ.
بەت: [1] 2 3
: ياتلاشقان سەنئەت ۋە ياتلاشقان روھىيەت