مىللىي ئارمىيىنىڭ قىسىم قۇرۇلمىسى توغرىسىدا
مىللىي ئارمىيىنىڭ قىسىم قۇرۇلمىسى توغرىسىدا
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھازىرقى زامان تارىخىمىزدىكى چوڭ تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلىغان 1944 - يىلى 8 - ئايدىن تارتىپ 1945 - يىلى 9 - ئايغىچە بولغان بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەتنى ئازاد قىلىپ، ئىنقىلاب ئوتىنى ئۈرۈمچى، قەشقەر، يەكەن، ئاقسۇ، قارا شەھەر، تۇرپان قاتارلىق ۋىلايەتلەرگە تۇتاشتۇرۇپ، گومىنداڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرىۋېتىشكە ئاز قالدى. بۇ ماقالىدا ئۈچ ۋىلايەت قوراللىق كۈچلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ مۇنتىزىم ئارمىيە بولۇپ قۇرۇلغانلىقى ۋە ئازادلىقتىن كېيىن ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىنىپ، ئاخىرىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانغىچە بولغان جەريانلىرىدىكى قىسىم قۇرۇلمىسى تونۇشتۇرۇلىدۇ.
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلاشنىڭ ئىچكى - تاشقى سەۋەپلىرى
ئىچكى ئامىل:
1931 - يىلىدىكى قۇمۇل قوزغىلىڭىنىڭ تەسىرىدە پۈتۈن شىنجاڭغا ئىنقىلاب ئوتى تۇتۇشۇپ جىن شۇرېننىڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىقى لىڭشىپ قالدى، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان جىن شۇرېننىڭ قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلاردىن چېن جۇڭ، تاۋ مېڭيۆ، لى شياۋتيەن قاتارلىقلار ئاق ئورۇس ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىشىپ 1933 - يىلى 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ جىن شۇرېننى قوغلىۋەتتى بىراق ئۇلارنىڭ ھەربىي كۈچى يېتەرلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن چوڭ ھوقۇق شۇ چاغدىكى ھەربىي قوماندان شېڭ شىسەينىڭ قولىغا چۈشتى. شېڭ شىسەي تەختكە چىققاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن ما جۇڭيىڭنىڭ كۈچلىرىنى تارمار قىلدى، خوجىنىياز ھاجىنى ئۆزى بىلەن ھەمكارلىشىشقا مەجبۇر قىلدى. شۇنداق قىلىپ قىسقىغىنا بىر يىل ئىچىدە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ( خوتەندىن باشقا) ھەممە يېرىنى ئۆزىنىڭ كونتروللۇقىغا ئالدى. شېڭ شىسەي تەختكە چىققان دەسلەپكى مەزگىللەردە بەزىبىر ئىلغار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىقتىساد ساھەسىدە بەلگىلىك تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈردى. بىراق كېيىن ئۆزىنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويۇپ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى دەھشەتلىك ئېكسپىلاتاتسىيە قىلدى. سۈيقەستلىك توپىلاڭ ئەنزىلىرىدىن بىرقانچىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ھەر مىللەت خەلقىدىن نەچچە يۈزمىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى. نەتىجىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى ھاياتى كاپالەتكە ئىگە بولالماي دەككە - دۈككىدە كۈن ئۆتكۈزىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى. سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ، چېگرىنى تاقىغاندىن كېيىن كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى قىس بولۇپ، مال باھاسى ئۆسۈپ ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىمۇ قىيىن كۈندە قېلىپ خەلقنىڭ نارازىلىقى كۈندىن - كۈنگە قوزغىلىپ، غەزەپ - نەپرىتى چەككە يەتتى. ئاددىي خەلقتىن تارتىپ يۇقىرى قاتلام كىشىلەرگىچە بولسۇن شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىدىن نارازى بولمىغىنى قالمىدى.