jahanger يوللانغان ۋاقتى 2012-5-11 11:56:07

مۇساپىرچىلىقتىكى قىززىق ئىشلا...


  ئۆتكەندە خېللوكام قىززىق پاراڭلار دەپ قۇيۇپ  يوقاپلام كەتتى.......... ئېسمدا قالغان بىر قانچە ئىشلارنى سۆزلەپ بېرەي ھە.


  مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ <ئىسمى ئاتالمىدى> قاتناش ساقچىلېرى شۇنداقمۇ بەك نامرات خەقكىن ئايىغىنىڭ شوينىسىىنىمۇ چەگمەي 4 كوچىنىڭ ئوتتۇرسىدا چاي ئىچىپ ئولتۇردىغان. بىر كۈنى باللا بىلەن ماشىنا ئىجارىگەئېلىپ ئوينايلى دېيىشىپ بېرىپ پاسپورىتنى تاشلاپ بېرىپ ئەرزانكەن دەپ تېشى پال پال ئىچى غال غاللام بىر ماشىننى ئېلۋاپتۇق. يېرىم كۈن چۆگلەپ بولغۇچە بۇ ماشىندىن ئىس چىقىپ ئىشتەرمىگۈچە ئوت ئالمايدىغان بۇلۋالدى. ھەممىمىز يېڭىياچە بولغانكىن بولاپتۇ دەپ ھەيدەۋەردۇق. نۆۋەت ماڭا كېلىپ ئەمدى مەن ھەيدەيدىغان بولدۇمدە ماشىن ھەيدەشنى تېخى ئانچە بىلمەيدىغان ۋاقتىم. تازا ھەيدەپ كېتىۋاتسام ھاياجان ئىچىدە 180 گىرادۇرۇسلۇق ئايلاندۇررۇشقا توغرا كەپ قالدى ، رولنى تازا بۇرۋاپتىمەن ، ماينى جىق دەسسىۋېتىپتىمەندە رولنى بۇراپ بولغۇچە ۋاڭڭىدە ئۈستۈم يول بويىغىلام. يولنىڭ بويىدىكى چايخاندا چاي ئىچىپ ئولتۇرغان 4-5 قاتناش ساقچىسى تۇرۇپتىكەن ، مەن ئۇھ خۇداغا شۈكرى ماشىن ئۆچۈپ قالماپتۇ دەپ تۇرشۇمغا بىر ساقچى كېلىپ بېشىنى ئەينەكتىن تىقىپلام ماشننى ئۆچۈر دەپ ئاچقۇشقا ھە دەپ ئېسىلىۋاتىدۇ ، مەن ئۇ ساقچىغا ئېسىلىۋالدىم ۋاي ئۆچۇرۋەتسەڭ ئوت ئالمايدۇ ماشىن ماڭ نېرى تۇر دەپ، باللا ماڭا ئېسىلىپ ئاغىرى ئاچقۇشنى ئېلۋالدى . ھە دەپ كەينىدىن باردۇق چاي ئىچىپ ئولتۇرغان جوزىسىغا. باشلىغى ئوخشايدۇ :


- ھە سەن قەيەردىن ؟


- جوڭگودىن .


- پىراۋاڭ قېنى ئەكىلە كۆرەي.......


<مەندە پىراۋا نېمىش قىلاتتى> ئاپلا دەپ يانچۇغۇمنى كولىسام شېنفېڭجېڭ تۇردۇ ، مانا پىراۋا دەپ بەردىم ، باللا ئىچىدە غىر غىر كۈلىدۇ.


- نېمە بۇ ؟ ئېنگىلىسچە يوق قانداق پىراۋا ....؟


- جۇڭگوننىڭ خەلىقارالىق پىراۋىسىدا ئىنگىلىزچە باسمايدۇ. كۆرمىدىڭما ئاۋۇ خەتلەرنى ئەرەپچە بىلەن جوڭگوچىلام بار.


- ھە ھە شۇنداقكەن.....سىلەر ئوقۇغۇچىما ؟


- ھە ئوقۇغۇچى.


- مېڭىشە ئەمسە كېتىشە  كېتىشە ئالە مانەرسەڭنى <پۇلمۇ چىقمىغۇدەك بۇ قەلەندەدىن دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك.>.......... توختا توختا ...ماۋۇ چاينىڭ پۇلىنى تۆلىۋېتىپ مېڭىش....




مەن ئۆزەم كاۋا مانتىسىغا بەك ئامراقچۇ. 2-3 يىل بىرە قېتىممۇ مانتا كۆرەپ باقمىدىم. يابىر مانتا ئېتىشنى بىلىدىغان بىرسىمۇ ئۇچۇرمىدى . ئاخىرى بولماي بىر كۈنى چىدىماي ئاپامغا تېلفون قىلدىم.


- ئاپا،  مانتىنى قانداق ئېتىدۇ ..؟


- قېيما قىلىسەن خېمىرنى يۇغۇرۇپ ئۇزاق تىندۇرسە  مۇنداق ئانداق &*^*&*%^$$ ئېتىسەن..


- توختاپ تۇرە ئەمسە سەن دەپ بەر مەن بىر باشتىن قىلاي....


2سائەتتىن كېيىن تېلفون قىلدىم


- ھە ئاپا  مانتىنى تۈگۈپ بولدۇم....


-قانداراق تۈگدۈڭ ...


-تۈگدۈم ئىشقىلىپ ..يوغانلام تۇردۇ...مۇشتۇمدەك....


- قاسقانغا ئوت ياقتىڭمۇيا ....


- ئاپلا....بۇ يەردە قاسقان نېمىش قىلىدۇ!!!!


- توۋا  ھېلىمۇ قۇلامنى يۇيۇپ تۇرۇپ تاماق ئېتىپ چوڭ قىلغان سېنى .....





  مېنىڭ بىر دوستۇم بولىدىغان چىرايى خەنزۇغىلام ئوخشايدىغان. ئالدىراپ ئۇ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دېمىگۈچە ھېشكىم ئۇنى ئۇيغۇر دەپ ئويلىمايدۇ. ئامما لېكىن ئۇنىڭ بىر ئىنىسى بار  شۇنداق بەك مىللى چىراي چىرايلىق.


- ئاداش سەن نېمىشقا ھېش بولمىغاندا بىر ئىنىڭغا بولسىمۇ ئوخشىمايسەن...


- گەپ قىلما ، ئاپامدىن سوردۇم  ، ئاپا نېمىشقا ئۇكام بىلەن ئىككىمىز ئىككى دۇنيا....دېسەم  ئاپام < ۋاي جېنىم بالام خاپومىيە ،سېنى قوساق كۆتۈرگەندە خويەنجانىڭ كىنوسىنى جىق كۆرۋېتىپتىكەنمەن.>



داۋامى سىلەرگە قالدى.......



  مەنبە :  ئۆزەم.


gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-5-11 12:09:43

- ھە سەن قەيەردىن ؟



- جوڭگودىن .



- پىراۋاڭ قېنى ئەكىلە كۆرەي.......



<مەندە پىراۋا نېمىش قىلاتتى> ئاپلا دەپ يانچۇغۇمنى كولىسام شېنفېڭجېڭ تۇردۇ ، مانا پىراۋا دەپ بەردىم ، باللا ئىچىدە غىر غىر كۈلىدۇ.



- نېمە بۇ ؟ ئېنگىلىسچە يوق قانداق پىراۋا ....؟



- جۇڭگوننىڭ خەلىقارالىق پىراۋىسىدا ئىنگىلىزچە باسمايدۇ. كۆرمىدىڭما ئاۋۇ خەتلەرنى ئەرەپچە بىلەن جوڭگوچىلام بار.

========================================================

قىززىقارلىق چىقىپتۇ!



  {:92:}    {:92:}

sudannaz يوللانغان ۋاقتى 2012-5-11 12:26:07

باشتىكىسى  قىزىقكەن  ھە  \"\"

Yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-11 12:44:47

قىرغىز ئوخشىمامدۇ؟

zapar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-11 14:46:36

قاسقان يوق كاۋا تۈگىرىسى ئىتىپ يىدىڭلارمۇ شۇنىڭ بىلەن؟!  {:90:}

danko يوللانغان ۋاقتى 2012-5-12 16:14:27

مىللىي چىراي دېمەي ئۇيغۇر بولسا ئۇيغۇر چىراي دېسەك توغرا بولىدۇ

puresherrif يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 12:28:24

قىرغىزمىكىن دېسەم، قىرغىزدا قاسقان باردەك.

arman0912 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 20:55:59

1- سى قىززىقكەن ...... مەنمۇ بىرنى دەۋېتەي ئەمدى!

  گۇاڭجۇدا ماشىنا ھەيدەپ كىتىۋاتقان، بىر كۆۋرۈك ئاستىدىن قارشى يۈنۈلۈشكە ئۈتۈشكە توغرا كەپ قالدى. ماڭسام - ماڭسام ئايلىنىدىغان يەر يوق. بىر ۋاخ بولغاندا بىر يول چىقتى. مەنمۇ دىققەت قىلمايلا كەينىمگە بۇرۇلدۇم، بۇرۇلۇپلا قارىسام خاتا مېڭىپتىمەن. شۇنداقلا قارىسام ئالدىمدا قاتناش ساقچىسى، ئەمدى قانداق قىلاي دەپ كاللامغا توختىمايلا كېتىش كەلدى. چۈنكى ماشىنامنىڭ نۇمۇر تاختىسى يوقتى. ئەمما قانۇنسىز ماشىنا ئوخشايدۇ دەپ قوغلاپ قالسا، يول بىلەي چاتاق چىقمىسۇن دەپ، ئېسىت 200 كوي دېگەنچە توختىدىم. مېنىڭ كەينىمدىلا يەنە بىر يولداش تەڭ قايرىلغان، مېنى توسقاندىن كېيىن ئۇنىمۇ توستى. شۇنىڭ بىلەن قاراپ تۇرسام ئۇنىڭغا جەرىمانە تالۇنى يېزىپ مېنىڭ قېشىمغا كەلدى. ۋە كىنىشكەڭنى چىقار دەيدۇ. مەنمۇ چاندۇرماستىن sorry I dont know  دەپ قاراپ تۇرسام، جەرىمانە ئالماستىن بولدى كەت دەپ ئىشارەت قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مېڭىپ بوپ تازا كۈلۈشۈپتىمىز........
بەت: [1]
: مۇساپىرچىلىقتىكى قىززىق ئىشلا...