ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2012-5-10 20:31:30

ئەخلەت يېمەكلىك خۇمار قىلىدىكەن

ئەخلەت يېمەكلىك خۇمار قىلىدىكەن








خەۋەر تورى(2012-05-10) خەۋىرى:

ئامېرىكىدىكى «تەبىئەت» ژۇرنىلى يېقىندا ئېلان قىلىغان تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: «ئەخلەت يېمەكلىك خۇددى زەھەرگە ئوخشاش خۇمار پەيدا قىلدىكەن، چۈنكى ئۇنىڭغا نېرۋىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ماددا قوشۇلىدىكەن.»

دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «ھايۋان ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىدىن ئەخلەت يېمەكلىكنىڭ چوڭ مېڭىدە خىروئىن ۋە كوكائىنغا قايتۇرۇلىدىغان ئىنكاسقا ئوخشاش ئىنكاس پەيدا قىلىدىغانلىقى ئايان بولىدى، بۇ يەردىكى سىر ئەخلەت يېمەكلىك سودىگەرلىرى كۆپ ئىشلىتىدىغان خۇرۇچلاردا بولۇشى مۇمكىن.»



مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»

★★★★★





ئەخلەت يېمەكلىك ۋە ئۇيقۇسىزلىق




ئامېرىكىدىكى ئاياللار كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور سوسان رايد 16 ياشتىن 19 ياشقىچە بولغان 1000دەك بالىنىڭ بېغىشىغا ئالاھىدە ياسالغان ئۇخلاش ئەھۋالى ۋە يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆلچەش بىلەيزۈكىنى تاقاپ،ئۇدا يەتتە كېچە-كۈندۈز ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەندىن كېين مۇنداق ھۆكۈم چىقاردى: بالىلارنىڭ ئۇيقۇسى ياخشى بولمىسا، ئۆزىنى چوقۇم ئەخلەت يېمەكلىك بىلەن داۋالاشقا ئۇرۇدۇ؛ گەپنى چۈشىنىشلىك قىلىپ ئېيىتقاندا،كېچىسى ياخشى ئۇخلىيالمىغان بالىلار ياغ تەركىبى يۇقىرى «ئەخلەت يېمەكلىك»كە بەكرەك ئامراق كېلىدۇ.

دوكتور سوسان مۇنداق دېدى: ئۇخلاش ۋاقتى سەككىز سائەتتىن يۇقىرى بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا، ھەر كۈنى كېچىسى قېنىپ ئۇخلايدىغان ۋاقتى سەككىز سائەتكە يەتمەيدىغان بالىلار ياغ تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرگە بەك ئامراق بولىدىكەن، ھەتتا ئۇلار كۈندە قوبۇل قىلىدىغان ئېنېرگىيە باشقا بالىلارغا قارىغاندا %2.2  يۇقىرى بولىدىكەن. بۇ بەلكىم «ئۇيقۇسى چالا بالىلار ئاسان سەمىرىپ كېتىدۇ» دېگەن قاراشنىڭ يەنە بىر ئىلمىي ئاساسى بولسا كېرەك.



مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»(2010-10-09)

★★★★★





ئاغرىپ قالغۇم يوق



شەمشىنۇر ئابلىمىت




ئەتىگىنى ئاپامدىن پۇل ئالمىغۇچە مەكتەپكە ماڭمايتتىم. ئاپام «پارچە پۇل يوق» دېگەن كۈنلىرى خاپا بولۇپ: «ساۋاقداشلىرىم ئالدىدا مېنى بويۇن قىسسۇن دەمسەن، ئۇلارنىڭ يېگىنىگە، ئىچكىنىگە قاراپ ئولتۇرايمۇ!» دەپ جېدەل قىلاتتىم. بىچارە ئاپام يانچۇقلىرىنى ئۆرۈپ يۈرۈپ پارچە پۇل بېرەتتى. مەن پۇلنى ئېلىپلا ئۇچقاندەك مەكتەپكە يۈگۈرەتتىم. ئاپامنى قاقشىتىپ ئالغان بۇ پۇللارغا مەكتەپ ئالدىدىكى بوتكىدىن ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىپ يەيتتىم. مۇئەللىم بۇ يېمەكلىكنىڭ «ئەخلەت» يېمەكلىك ئىكەنلىكىنى، كېسەللىك پەيدا قىلىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا ئېيتسىمۇ قۇلىقىمغا كىرمەيتتى. ساۋاقداشلىرىمنى «ئەخلەت» يېمەكلىك بىلەن ئانچە-مۇنچە مېھمان قىلىپ قويغاچقا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خېلىلا ئىناۋىتىم بار ئىدى.

بىر كۈنى قاتتىق ئاغرىپ قالدىم. قورسىقىم مۇجۇپ زادىلا چىدىيالمىدىم. دوختۇر مېنى تەپسىلىي تەكشۈرگەندىن كېيىن «يېمەكلىكتىن زەھەرلەنگەن» دەپ دىئاگنوز قويدى.

– قىزىم، چۈشتە نېمە يېگەنىدىڭىز؟ - دېدى دوختۇر.

– يېڭىدىن چىققان ئاچچىق-چۈچۈك كالا پېيى، - دېدىم مەن ئارانلا. مۇشۇ گەپنى قىلىپ بولغۇچە ئاچچىق-چۈچۈك كالا پېيى كۆز ئالدىمغا كېلىپ شۆلگەيلىرىم ئېقىشقا باشلىدى.

– بۇ يېمەكلىكنىڭ «ئەخلەت» يېمەكلىك ئىكەنلىكىنى سىزگە ھېچكىم دېمىدىمۇ؟-دېدى دوختۇر ماڭا تىكىلىپ.

– دېگەن، - دېدىم ئارانلا، - ئاتا-ئانام، ئوقۇتقۇچۇم ھەتتا ساۋاقداشلىرىم...

– بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداق نەرسىلەرنى يېمەڭ، ئەگەر داۋاملىق يېسىڭىز ھاياتىڭىزغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن.

دوختۇرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ يۈرىكىم «قارت» قىلىپ قالدى. بىر ھەپتە دوختۇرخانىدا داۋالىنىپ چىققاندىن كېيىن «ئەخلەت يېمەكلىك»كە يېقىن يولىمىدىم.



(ئاپتور ئۈرۈمچى شەھەرلىك 42-باشلانغۇچ مەكتەپ 4-يىللىق 3-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى)

مەنبە: «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتى

★★★★★





ئەخلەت يېمەكلىكلەر خالىغانچە يېزا بالىلىرىنىڭ ئەقلىنى بۇلغىمىسۇن



جىن شۆ




مەن بىر يېزا ئوقۇتقۇچىسى، ھەر كۈنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىستىن چۈشۈپلا مەكتەپ ئالدىدىكى دۇكانلاردىن پارچە-پۇرات يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىۋاتقانلىقنى كۆرۈپ تۇرىمەن. بەلكىم كۆپ قىسىم كىشىلەر بالىلار تېىخى كىچىك، ئۇششاق يېمەكلىىكلەرنى يېيىشىنى خاتا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ دەپ قارىشى مۇمكىن، بىراق كۆپچىلىك ئۇلارنىڭ يەۋەتقىنىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلسە ئىدى، شۇ ھامان قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ قالاتتى، ھەتتا كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇۋېتىشى مۇمكىن. باھاسى ئىنتايىن ئەرزان، سۈپىتى ئىنتايىن ناچار، ئورىلىشى سۈپەتسىز، ھېچقانداق سۈپەت كاپالىتى يوق... بۇ ئۇششاق يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىنى دېمەي تۇرايلى، ھەتتا ئەڭ ئاددىيسى بىخەتەرلىكتىنمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.

ئەنخۈي ئۆلكىسى ۋۇۋېي ناھىيەسىدە ئىلگىرى مۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەن، 13 ياشلىق بالا 13خالتا بىر خالتىسى بىرموچەنلىك «چوڭ پىچاق گۆش» (大刀肉) يىگەنلىكتىن ئۆلۈپ قالغان. بىر نارىسىدىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان «گۆش» مۇشۇ شۇ...

بىر خالتىسى بىر موچەنلىك زادى قانداق گۆش؟ ئويلىغانسىرى ئادەمنىڭ پىشانىسىنى سوغوق تەر باسىدۇ، مۇشۇنداق مەھسۇلاتنىڭ ھازىرمۇ بازاردا سېتىلىۋاتقانلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، تېخى مەخسۇس بالىلار ئۈچۈنلا ياسىلىدۇ! «ئەخلەت يېمەكلىك»لەر يېزىلارغا ھۇجۇم قىلدى، يېزا بالىلىرى ئائىلە ئىقتىسادى چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، خەجلەيدىغان پارچە پۇلىمۇ چەكلىك بولىدۇ، ئەزەلدىن باھاسى يۇقىرىراق بولغان ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارغا يېزىلاردا بازار يوق. بالىلارمۇ ئامالسىز سۈپىتى ناچار، باھاسى ئەرزان ئۇششاق يېمەكلىلەرنى يىېيىشىشكە مەجبۇر بولىدۇ. چۈنكى بالىلارنىڭ پەرق ئىتىش ئىقتىدارى ۋە ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى چەكلىك بولغاچقا، ئۆزى سېتىۋالماقچى بولغان مەھسۇلاتنىڭ ياخشى ياكى يامانلىقنى پەرىق ئېتەلمەيدۇ. يېزىلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا قىلغان نەسىھەتلىرىمۇ ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولغان بالىلارنىڭ ئوڭ قۇلقىدىن كىرىپ، سول قۇلقىدىن چىقىپ كىتىدۇ.  ئەگەر، مەمىلكىتىمىزدە شەھەر بىلەن يېزىلار ئارسىدا پەرق مەۋجۈت دىېسەك، يېمەكلىك بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش جەھەتتى بۇ پەرىق تېخىمۇ روشەن، شەھەرلەردە يېمەكلىك بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش تورلىرى دېگەندەك مۇكەممەل بولمىسىمۇ، ھېچ بولمىسا باشقۇرغۇچى تارماقلار بار، سودىگەرلەر خالىغانچە ھەددىدىن ئاشالمايدۇ. بىراق  يېزىلار بولسا نەزەردىن ساقىت قىلىنغان بۇلۇڭ خالاس. يېمەكلىك بىخەتەرلىك مەسىللىرى ماڭدامدا بىر يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. يېزا باللىرىمۇ ئوخشاشلا دۆلەتنىڭ كەلگۈسى، مىللەتنىڭ ئۈمۈدى. ئۇلارمۇ شەھەردىكى بالىلارغا ئوخشاش، مېھرىبانلىق ۋە كۆيۈنۈشكە مۇھتاج. سۈپىتى ناچار مەھسۇلاتلار خالىغانچە يېزا باللىرىنىڭ سالامەتلىكىگە تاجاۋۇز قىلسا بولمايدۇ.



جىن شۆ - ئەنخۈي ئۆلكىسى چۈەنجىياۋ ناھىيسدىن(يېزا ئوقۇتقۇچىسى)

مەنبە: تېڭشۈن خەۋەر تورى

يولۇچى بىلوگى

★★★★★

http://choghlan.com/munbar/forum.php?mod=viewthread&tid=6254

★★★★★

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-5-10 22:12:56

مەكتەپ باللىرى كۆنۈپلا كېتىپتۇ شۇنداق نەرسىلەرگە. قىزىلمۇچ قىيامىغا مىلەنگەن بىر نەرسە باركەن، بەكلا ئامراقكەن بالىلار. شۇ نەرسىنى يىگەن بالىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالساملا پۇرىقى دېمىغىمغا ئۇرۇلۇپ، كۆڭلۈم ئېلىشىدۇ.

yawayibala يوللانغان ۋاقتى 2012-5-11 01:07:53

شۇ بىزمۇ تۇسۇپ تۇسۇپ بولغىلى بولمايۋاتىدۇ ،  ما يىمەكلىكنى سېتىپ پۇل تاپىدىغانلىمۇ ئۇيغۇر ما بىزنىڭ مەكتەپ ئەتراپىدا ، ئۆز باللىرىنى زەھەرلەپ پۇل تاپىدۇ .  

ئۇلارغا بىرقانچە رەت چۈشەندۈردۈق ، يەنىلا قىلغىنى قىلغان .   س س  م  ب  مۇ تاقىيالمىدى كىچىك دۇكانلارنى .

ھەتتا بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىسىغا چۈشەندۈردۈق ،  ئۇلارمۇ بىزگە ماقۇل دەپ قۇيۇپ  باللىرىنى پۇل بەرمەي مەكتەپكە يولغا سالمايدۇ .  

ئۇ نەرسىنى يىگەن بالىلار قۇسۇپ ،قۇرسىقى ئاغرىپ دىگەندەك كېسەللەر بىلەن دۇختۇرخانىدىن كىلەلمىگەن .  ھەي نادانلىق ! \"\"

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-11 06:57:55

ئامىرىكىدىمۇ ئەخلەت يىمەكلىك بار بولسا ئۇنداقتا بىزنىڭ يىمەكلىكىمىز ئەخلەت يىمەكلىك دەرىجىسىگە توشمىغۇدەك، چۈنكى بىزدىكىسى زەھەرلىك يىمەكلىك.

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-5-11 09:52:47

بۇرۇن كىچىك ۋاقتىمدا مەنمۇ يەپتىكەنمەن شۇ ئەخلەت يېمەكلىكى ئانچە-مۇنچە  {:92:}  

ئەمدى ھەرگىز يېمەيدىغان بولدۇم. \"\"

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2012-5-11 19:07:29

ئوبامانىڭ ئاممىۋى سورۇندا ئەخلەت يېمەكلىك يېشى تەنقىدلەندى



جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 2012-يىلى 11-ماي تېلېگراممىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 2012-يىلى 10-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، دوختۇرلار ، تەتقىقاتچىلار ۋە ئۇزۇقلۇق مۇتەخخەسسىسلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئامېرىكا مەسۇلىيەت داۋالىنىش ۋراچلار جەمئىيىتى ئامېرىكا زۇڭتوڭى ئوبامانىڭ ئاممىغا ئازدۇرۇش تەسىرى بېرىشتىن ساقلىنىپ ، ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈن نەمۇنىلىك رول ئوينىشى ئۈچۈن ، ئاممىۋى سورۇنلاردا ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىكىنى مۇراجىئەت قىلغان .

بۇ جەمئىيەتنىڭ ئېيتىشىچە، ئوباما  كۆپ قېتىم تېلكامىرا ئالدىدا ھامبۇرگ بولكىسى ، خوت دوگ ۋە باشقا ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى يىگەن . بۇرۇنقى رۇسىيە زۇڭتوڭى مېدىدىۋ بىلەن كۆرۈشۈشتە بولغاندا ، ئىككەيلەن يۈز تۇرانە ئولتۇرۇپ ھامبۇگ بولكىسى يىگەن ۋە كولا ئىچكەن ؛ ئەنگېلىيە باش ۋەزىرى كامېرون بىلەن توپ مۇسابىقىسى كۆرگەندە ، ئىككەيلەن ئىشتىھا بىلەن خوت دوگ يىگەن .

بۇ جەمئىيەت مۇنداق بىلدۈردى: «بۇ ئەخلەت يىمەكلىكلەر راك ، سېمىزلىك ۋە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بىز ئاقساراينىڭ زۇڭتوڭ ، مۇئاۋېن زۇڭتوڭ ۋە بىرىنچى ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئەخلەت يىمەكلىك يىگەن كۆرۈنۈشلەرنى ئاشكارىلاشنى  توختىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز». بۇ جەمئىيەتنىڭ ئاسالىق مەسئۇلى مۇنداق دېدى :« خۇپىيانە يېيىش ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تاللىشى ، لىكىن ئاممىۋى سورۇندا ، ئۇلار بولسا نەمۇنە .»

نۆۋەتتە بۇجەمئىيەت  بىر مۇراجىئەتنامە تۈزۈپ چىققان  ، بۇنىڭ بىلەن ئاقساراينىڭ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ . بۇ مۇراجىئەتنامىگە 1200 ئادەم ئىمزا قويغان . ئىگىلىنىشىچە ، ئامېرىكىدا ھەريىلى خوت دوگقا ئوخشاش ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى يەپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى تاماكا چىكىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانىدىنمۇ كۆپ ئىكەن ، سەرپ قىلىنغان داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققى نەچچە مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن.

★★★★★

http://www.nur.cn/news/2012/05/67606.shtml

★★★★★

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2012-5-11 22:17:15

زەھەر يەۋىرىپ تەسىر قىلماس بوپ كەتتى، يېشىل يىمەكلىك يەيدىغان دۆلەتلەردىكىلەر بىز يىگەننى يىسە چۇقۇم ئۈلۈپ كىتىدۇ.

جۇڭگودىن ئاندا-ماندا ئادەم چىقمايدۇ، زەھەرنى يىمەكلىك قلىپ ياسىيالايدۇ، زەھەر يەپ خاتېرجەم ياشىيالايدۇ!

KARKAT يوللانغان ۋاقتى 2012-6-29 07:30:39


4- قەۋەتتىكى Marshalنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇرۇن كىچىك ۋاقتىمدا مەنمۇ يەپتىكەنمەن شۇ ئەخلەت يېمەكلىكى ئانچە-مۇنچە \"\"

ئەمدى ھەرگىز يېمەيدىغان بولدۇم. \"\"


چوڭ بولدىڭىز دە  بولمىسا  يەنە  يەيتىڭىزغۇ دەيمەن ،،\"\"


KARKAT يوللانغان ۋاقتى 2012-6-29 07:32:40

ھازىر  باللا يىمەكلىكىنىڭ تۇرلىرىمۇ  ناھايىتى كۇپ  .قايسىسى ياخشى  بىلگىلى بولمايدۇ ،،،
بەت: [1]
: ئەخلەت يېمەكلىك خۇمار قىلىدىكەن