hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-5-10 11:23:09

ھاك –گۈگگۈرت بىرىكمىسىنى تەييارلاش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى

ھاك –گۈگگۈرت بىرىكمىسىنى تەييارلاش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى



ھاك – گۈڭگۈرت بىرىكمىسىنىڭ مىكروب ۋە ھاشارەت ئۆلتۈرۈش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بۇلۇپ ، مىۋىلىك دەرەخلەردىكى ھەرخىل كىسەللىك ، قىزىل ئۆمۈچۈك ، قاسراقلىق قۇرت ۋە ھاشارەت تۇخۇمىنى يۇقىتىشتا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ . ئۇنىڭ خام ئەشياسى كۆپ ، تەننەرخى تۆۋەن ، ياساش –تەييارلاش ئۇڭاي بولغاچقا ، باغۋەنلەر ئۆزى تەييارلىيالايدۇ .



1.ھاك –گۈڭگۈرت بىرىكمىسىنى تەييارلاش



1) خام ئەشيا ۋە ئۇلارنى تەڭشەش نىسبىتى:



ھاك –گۈڭگۈرت بىرىكمسى ئادەتتە ئۈچۈرۈلمىگەن ھاك ، گۈڭگۈرت پاراشۇكىغا سۇنى ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ ، بۇ ئۈچ خىل ماتىرىيال ئۇنىڭ خام ئەشياسى ھېساپلىنىدۇ .



ئالدىن تەييارلىۋالىدىغان لازىمەتلىكلەر :



(1) 200 كىلوگىرام ئەتراپىدا سۇ قايناتقىلى بۇلىدىغان چوڭ قازان ، قازان بەك كىچىك بۇلۇپ قالسا ھاك قۇيغاندا ئاسان تېشىپ كىتىدۇ ، ياكى ۋاقىت ۋە يېقىلغۇ ئىسراپچىلىقى كىلىپ چىقىدۇ )، ئەگەر تاپالىساق مەخسۇس ياسالغان ئۇچاقلارنى ئىشلەتسەك بۇلىدۇ ، ناۋادا تاپالمىساق ئۇچاقنى يەرگە كولاپ قازاننى ئېسىپ توختاتساق بۇلىدۇ .



(2)يىتەرلىك مىقداردىكى ئۈچۈرۈلمىگەن ھاك ، يامغۇردا قالمىغان ، ئۇۋىلىپ كەتمىگەن ساپ ھاكلارنى ئىشلىتىمىز ، ئەگەر ئىشلىتىش داۋامىدا تاش بارلىقىنى بايقىساق ، ھاكنى مۇۋاپىق كۈپەيتىپ نىسبىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىمىز .



(3) مەخسۇس ئىشلەنگەن گۈڭگۈرت پاراشۇكى .



(4)تارازا ، بائۇم زىچلىقىنى ئۆلچىگۈچى ئەسۋاپ ,چىلەك ، گۈرجەك ، چوڭراق نوگاي ، مىتالدىن ياسالغان سۇ تۇڭى ( ياكى ماي تۇڭلىرى بولسىمۇ بۇلىدۇ ) ، سوۋۇغاندىن كىيىن قاچىلايدىغانغا سۇلياۋ تۇڭ ، مەخسۇس خاتىرە دەپتەر ، مەھسۇلات ئىسمى ، زىچىلىقى ، تەييارلانغان ۋاقتى ، تەييارلىغۇچى ئۇرۇن ، ئاساسلىق تېخنىك خادىم ئىسمى قاتارلىقلار تولدۇرۇلىدىغان كارتۇچكا .



ھاك –گۈڭگۈرت بىرىكمىسىنى تەييارلاشتا   10 كىلوگىرام سۇغا 2 كىلوگىرام گۈڭگۈرت ،1كىلوگىرام ئۈچۈرۈلمىگەن ھاك ئىشلىتىمىز ، يەنى نىسبىتى 10ئۈلۈش(سۇ ) :2ئۈلۈش(گۈڭگۈرت ) :1 ئۈلۈش ( ئۈچۈرۈلمىگەن ھاك ).



2)تەييارلاش ئۇسۇلى :



(1)ئالدى بىلەن جىڭلىغان گۈڭگۈرت پاراشۇگىنىئاز مىقداردىكى سۇغا سېلىپ ئۇماچ ھالەتكە كەلتۈرىۋالىمىز . كاللەك بۇلۇپ قالماسلىغى كېرەك .



(2) ئۆلچەنگەن ( جىڭلانغان ) سۇنىقازانغا قۇيۇپ ، قاينىتىشقا باشلايمىز، سۇنى قازانغا قويغان ۋاقىتتا قازانغا بەلگە قۇيۇپ قۇيىمىز ھەمدە   قاينىتىش جەريانىداپارغا ئايلانغان سۇنىشۇ بەلگە بۇيىچە تولۇقلايمىز .



(3) قازاندىكى سۇ قاينىغاندىن كىيىنئۇماچ ھالەتتىكى گۈڭگۈرتنى قازانغا قۇيۇپ گۈڭگۈرتنىڭ ئاستىغا ئولتۇرۇۋالماسلىقى ۋە تۇلۇق ئىرىشى ئۈچۈن   توختىماستىن ئارلاشتۇرۇپ 40 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىمىز.



(4) گۈڭگۈرت ئىرىپ بولغاندىن كىيىنمۇۋاپىق مىقداردىكى ئۈچۈرۈلمىگەن ھاك ئاز –ئازدىن سېلىنىدۇ، قازاننىڭ ئىچى باشتىن ئاخىرپوروقشىپ قايناۋاتقان ھالەتتە تۇرىدۇ، يەنىلا داۋاملىق ئارلاشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.



ئۈچۈرۈلمىگەن ھاكنى سالغاندا ئوتنى سەل پەسەيتىش كېرەك ، ئۇندىن باشقا ھاكنى بىراقلا كۆپ سېلىۋېتىپ قازاندىكى سۇيۇقلۇقنىڭ چاچراپ كۆيدۈرۈپ قۇيۇشىنىڭ ياكى بىراقلا تېشىپ يەرگە ئېقىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك .



ھاكنى ئارىلاشتۇرۇش جەريانىدا ئىرىمەي قالغان تاش پارچىسىنى بايقىساق دەرھال ئىلىپ تاشلاپ ئورنىغا ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى ئۈچۈرۈلمىگەن ھاكنى سېلىپ ئورنىنى تۇلۇقلايمىز .



باشقا ۋاقىتلاردا ئوتنى باشتىن ئاخىر كۈچلۈك قالاپ ، بىر تەرەپتىن قاينىتىپ بىر تەرەپتىن ئارلاشتۇرۇپ تۇرىمىز. ھاكنى تۇللۇق سېلىپ بولغاندىن كىيىن 30مىنۇت ئەتراپىدا قايناتساق بۇلىدۇ .



بۇ جەرياندا ئىزچىل سۇ تۇلۇقلاشقا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك ، ئادەتتە ئوتنى توختىتىشتن 15 مىنۇت بۇرۇنقى ۋاقىتقىچە سۇ تۇلۇقلاشنى داۋاملاشتۇرىمىز .



ئەگەر قاينىتىش جەريانىدا كۈپۈك بەكرەك چىقىپ كەتسە ، ئازراق ئاشتۇزى قۇشىۋەتسە كۈپۈك ئۆزلۈگىدىن تۈگەيدۇ



دورا ئىرىتمىسى جىياڭيۇ رەڭگىگە كىرگەندە ئوتنى توختىتىمىز ھەم دۇرا سۇيۇقلۇقىنى تىندۇرۇپسوۋۇتىمىز ، ناۋادا داۋاملىق قايناتماقچى بولساق دۇرا تىنغاندىن كىيىن زاپاس تەييارلانغان ماي تۇڭلىرىغا قاچىلىساق بۇلىدۇ ( تەركىبىدە مىس بار بولغان قاچىلارغا قاچىلاپ قۇيۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك )، سۇۋۇغاندىن كىيىن باۋمىي گىرادۇسىنى ئۆلچەپ. سوۋۇپ بولغاندىن كىيىن بوتولكىغا قاچىلاپ بومى گىرادۇس ئۈسكىنىسىنى بوتولكىغا سېلىپ ئۆلچىسەك بۇلىدۇ ، ئىرىتمە قۇيۇقلىغى 22-32 بائوم گىرادۇسقىچە بۇلىدۇ .



سۇيۇقلۇق ماي تۇڭىدا سوۋۇغاندىن كىيىن 50 كىلولۇق ياكى 30 كىلولۇق تۇڭلارغا قاچىلىساق بۇلىدۇ ، قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن ئۆز ۋاقتىدا كارتىسىنى تولدۇرۇپ چاپلاپ قۇيۇشىمىز كېرەك .



ھاك –گۈڭگۈرت بىرىكمىسىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل ئاساسلىقى ئىككى خىل ، بىرىنچىسى ،خام ئەشيانىڭ سۈپىتى ، گۈڭگۈرت پاراشۇكى قانچە يۇمشاقبولسا ، ئۇنىڭ رىئاكسىيە ئېلىپ بېرىشىغا شۇنچە پايدىلىق بۇلىدۇ ، ئۈچۈرۈلمىگەن ھاك پاكىز ، ئاق ،يەڭگىل ۋە پارچە –پارچە ھالەتتە بۇلۇشى ، تەركىبىدىكى ئارىلاشما ماددىلار بەك كۆپ بولماسلىقى ياكى نەملىك سۈمۈرىۋېلىپ يىمىرىلىپ كەتكەن بولماسلىقى كېرەك ؛ئىككىنچىسى ، قايناتقاندىكى ئوت كۈچى پەس ، قاينىتىش ۋاقتى بەك قىسقا بۇلۇپ قالسا ياكى ئوت كۈچى يىتەرلىك بولمىسا ، رىئاكسىيە تۇلۇق بولمايدۇ ،دە ئېرىشكەن ئانا ئىرىتمە بىر قەدەر سۇس بۇلۇپ قالىدۇ . قاينىتىش ۋاقتى بەك ئۇزاق بۇلۇپ كەتسە ، كۆپ ساندىكى كالتىسىي –گۈڭگۈرت ئوكسىدلىنىپ ، ئىرىتمىنىڭ رەڭگى قارامتۇل يېشىلغا كىرىپ ، ئۈنۈملۈك تەركىبى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ .



3) دىققەت قىلىدىغان ئىشلار : (1) ئوت كۈچى تەكشى بۇلۇشى كېرەك ، ئىرىتمىنى مىس ياكى ئاليۆمىن قاچىلاردا قايناتماسلىق كېرەك . قاينىتىش جەريانىدا پارلىنىپ كەتكەن سۇنى تۇلۇقلىغاندا سوغۇق سۇ قويماسلىق ياكى بىر قېتىمدىلا كۆپ قۇيىۋەتمەسلىك كېرەك .(2) ھاك –گۈڭگۈرت بىرىكمىسىنى ساقلىغاندا پىچەتلەش كېرەك ، شۇ ئارقىلىق ھاۋادىن ئايرىپ ، ئوكسىدلىنىپ قېلىپ ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك .



2.ھاك –گۈڭگۈرت بىرىكمىسىنى ئىشلىتىش



1) ھاك –گۈڭگۈرت بىرىكمىسى ئادەتتە يەككە ھالەتتە ئىشلىتىلىدۇ . ئۇ سۈتسىمان مايلىق دېھقانچىلىق دۇرىسى بىلەنياكى ئورگانىك بىرىكتۈرۈلگەن دېھقانچىلىق دۇرىسى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ .



2) ھاك –گۈڭگۈرت بىرىكمسىىنى ئادەتتە مىۋىلىك دەرەخلەرنىڭ چىچەك تىزمىسى ئۈسۈۋاتقان مەزگىلدە ، يەنى 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرى 3-5 باۋمىي گىرادۇسلۇق سۇيۇقلۇقتا تەڭشەپ ، تۇمانلىتىپ چېچىش كېرەك ،



ياز پەسلىدە ئۈسۈش مەزگىلىدە بولسا بائۇم گىرادۇسىنى0.2-0.3 گىرادۇس قىلىپ سۇيۇلدۇرۇپ بۇلۇپيۇپۇرماق يۈزىگە تۇمانلىتىپ چېچىش كېرەك .



3) ھاك –گۈڭگۈرت بىرىكمىسىنىڭ ئانا ئىرىتمىسىنى ۋە ئۇنىڭ قالدۇقلىرىنى چىرىش كىسەللىگىنىڭ داغلىرىغا سۈركىسە چىرىش كىسەللىگىنى داۋالىغىلى بۇلىدۇ .



4 ) كۈز پەسلىدە دەرەخ غۇلىنى ئاقارتىشتا ، ھاك –گۈڭگۈرت بىرىكمىسىنىڭ ئانا ئىرىتمىسىنى ياكى قالدۇقلىرىنى ئاقارتقۇچى دۇرىلارغا قۇشۇپ ئىشلەتسە ، ئاقارتىش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بۇلىدۇ .


qenikix يوللانغان ۋاقتى 2012-5-10 13:45:52

بىزنىڭ ئائىلىدىكىلەر باغۋەن ئىدى... ھەجەپ ياخشى بولدى... تەييارلاشنى ئۆگىنىۋالدۇق.. رەخمەت سىزگە.... \"\"

uya_frozen يوللانغان ۋاقتى 2012-5-10 15:52:13

دەرەخنىڭ غولىغا سۈركەيدىغىنى ئەمەسمۇ بۇ ؟ماتىرياللىرى ئوخشاپ تۇرىدۇ ....

dilxat5515 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-10 21:02:58

ياخشى بولدى

turkex يوللانغان ۋاقتى 2012-5-17 13:46:22

توۋا.............ماۋۇ تېما قانداق بولۇپ پەيدا بوپقالدى ئەمدى.....ئاسماندىن چۈشمىگەندۇ ھە \"\"\"\"
بەت: [1]
: ھاك –گۈگگۈرت بىرىكمىسىنى تەييارلاش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى