eltarix يوللانغان ۋاقتى 2012-5-8 18:43:00

ئانا يۇرت كوماندىمىزغا بىرلىكتە مەدەت بىرەيلى

ئەسسالاممۇ ئەلەيكوم ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى!


2012-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچىدە جوڭگو ب دەرىجىلىكلەر پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ بىرمەيدان مۇسابقىسى ئىلىپ بىرىلىدۇ. يەنى، شىنجاڭ خەيتاڭ كوماندىسى ساھىپخان سۈپىتى بىلەن تىيەنجىن پاراۋۇز كوماندىسىنى كۈتۈۋالىدۇ.


شىنجاڭ رايونىدا 4يىلدىن بۇيان كەڭ كۆلەملىك پۇتبول مۇسابقىسى ئۆتكۈزۈلمىدى.نۇرغۇنلىغان پۇتبولچى ۋە توپ مەستانلىرى چۈشكىن ئىدى.مانا بۇ يىلى ئانا يۇرت كوماندىمىز جەڭگە ئاتلىنىشى بىلەن توپچى ۋە مەستانلىرىمىز قايتىدىن جانلاندى.


ھازىر بىزنىڭ شىنجاڭ كوماندىمىز ئىچكىرىدە 3 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ بولدى.2ئۇتۇپ،1 تەڭلىشىپ 7نۇمۇر بىلەن شىمالىي رايون كۇلۇبلىرى ئىچىدە ئىككىنجى ئورۇندا تۇرماقتا.بۇ ئىنتايىن ياخشى نەتىجە!


5-ئاينىڭ 12-كۈنى ئانا يۇرت كوماندىمىز بۇ پەسىل مۇسابىقىدەئۆز مەيدانىدا تۇنجى قىتىم ساھىپخان سۈپىتىدە مۇسابىقە ئوينايدۇ.بىز مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىپ، مەستانىلەرنى توپلاۋاتىمىز.بۇ كۈنى شىنجاڭدىكى پۇتبول مەستانلىرى ئۈچۈن چوڭ بىر بايرام ھىسابلىنىدۇ.ھەر ساھەدىكى قىرىنداشلىرىمىزنى مۇشۇ كۈنى مۇسابىقە مەيدانىغا بىرىپ بىز بىلەن ئەزمەتلىرىمىز ئۈچۈن ھۇررا سادالىرىنى ياڭرىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!


مەستانىلەر بىر تۇتاش كىيمى بازارغا سىلىندى.بىز ھەر جەھەتتە بىرلىشىپ ئانا يۇرت كوماندىمىزغا مەدەت بىرەيلى!مەستانىلەرنىڭ ئاسمان كۆكى رەڭلىك مايكىلارنى كىيىپ بىرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز!


تەپسىلاتىغا قىززىقسىڭىز بىزنىڭ ھۇررا تورىغا دىققەت قىلىڭ! مۇسابىقە خەۋىرى تولۇق ئۇختۇرۇش قىلىنىدۇ!


ئادرېىس:www.urraclub.com/bbs


بارلىق مەستانىلەرنىڭ ئامال بار بىرىپ مەدەت بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!كىرىش بىلىتى يوق . ھەقسىز!


مۇسابىقە ۋاقتى:2012-يىلى5-ئاينىڭ12-كۈنى (شەنبە) شىنجاڭ ۋاقتى چۈشتىن كىيىن سائەت 3:00 تە


مۇسابىقە مەيدانى ئورنى :ئەرگوڭ تەنتەربىيە مەيدانى( BRT1- لىنىيەسى ئەرگوڭ بىكىتىدە چۈشۈپ قالىسىز!)


مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بۇ تېمىنى يورۇتۇپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-5-8 22:31:04

تۈۋەندىكى بەتنى ئېچىپ، بېكەت ئورنىنى كۆرۈۋېلىڭ، eltarix ئورۇن BRT1 نىڭ ماشىنىسازلىق بېكىتىدىن ساناپ 5- بېكەت شۇ، توغرىمۇ؟


http://www.wlmqbrt.com/bus01.html


كۆپچىلىك مۇسابىقە كۆرۈش داۋامىدا ئەدەپلىك كۆرۈرمەن بولۇپ ياخشى تەسىرات قالدۇرۇشىنى، ناچار ھەركەت قىلغۇچىلارنى چەكلەپ، كاساپىتىگە كەتمەسلىكىنى، پۇتبول لۈكچەكلىرى پەيدا بولۇپ قالماسلىقىنى شەخسەن ئۈمىد قىلىمەن.


مۇشۇ يەر شۇمۇ؟ بۇ يەرنى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە مەركىزى دەيدىكەنمىزغۇ.


\"\"




\"\"

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-5-9 00:02:48

ئۈچتاشتىن قايسى ئاپتوبوسقا ياكى ب ر ت غا ئولتۇرىمىز؟

5tash يوللانغان ۋاقتى 2012-5-9 01:12:30

ئۈچتاشتىن BRT -3 ،2 لنىيسىگە ئولتۇرۇپ قىزىلتاغ بىكىتىدە چۈشۈپ BRT- 1 لىنىيىگە ئالمىشىپ ئەرگۇڭ بىكىتىدە چۈشىمىز.

ھۇررا ئەزمەتلەر...

كيىم شۇ كۈنى تەنتەربىيە مەيدانى ئالدىدا سېتىلىدۇ دەۋاتقان، راسىت خەۋەرمۇ؟

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-5-9 12:31:58

ئۈچتاشتىن BRT2 گە ئولتۇرغانلارغا BRT1 گە ئالمىشىش پۇرسىتى بار 5 بېكەت بار: قىزىلتاغ، پەمىدۇر يولى (مەن قويغان ئىسىم \"\" ، شىخۇڭ يولى دىگەننى)، نۇرباغ، دوستلۇق، سەككىز قەۋەت؛

ئۈچتاشتىن BRT3 كە ئولتۇرغانلارغاBRT1 گە ئالمىشىش پۇرسىتى بار بىلا نۇقتا بار، بېكەت يوق، يەنى، BRT3 نىڭ ئاخىرقى بېكىتى بالىلار باغچىسىدا چۈشۈپ، بېكەتتىن چىقىپ BRT1 نىڭ بېكىتىگە كىرسە بولىدۇ.

ياكى: BRT3 تىن تىبببىي ئۇنىۋېرسىتىت بېكىتىدە چۈشۈپ بېكەت ئىچىدە BRT2 گە ئالمىشىپ، سەككىز قەۋەت بېكىتىدە چۈشۈپ قارىشى يۆنىلىشكە ماڭغان BRT1 غا چۈشسىڭىز، ئۈچتاشتىن ئەرگۇڭ (ئۇيغۇرچىسىنى تېپىڭلار مانىڭ) بېكىتىگە پەقەت 1 يۈەن بىلەنلا كىلەلەيسىز. ( \"\"بۇ بېكەتلەر مۇشۇنداق ئوبدان لايىھىلىنىپتۇ خەلقنى پايدىلانسۇن دەپ..)

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-5-9 14:04:24

خېلى جىق ئاغىنىلەرنى يىغىپ قويدۇم، بارىمىز.

eltarix يوللانغان ۋاقتى 2012-5-10 18:26:48

مۇسابىقە مەيدانىدا مەستانىلەر كىيمىز سىتىلىدۇ.   ب رت 1 نىڭ ئاشۇ ئەرگوڭ بىكىتىدە چۈشۈپ قالىسىلەر! يۇقىرىدىكى قىرىنداشلىرىم ئىيتقاندەك بارساڭلار بولىدۇ!   بۈگۈن توردىن بىلەت سىتىۋىلىش ئاياقلاشتى......مەيدان ئالدىدا سىتىۋالساڭلارمۇ بولىدۇ.....

بىر كىچىدىلا ھەق ئالىدىغان بولۇپ ئۈزگۈرۈپتۇ..بىلەت 20سومدىن قىممەت بولمايدۇ.

zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-10 18:55:07

بەك تەشۋىق قىلۋىتىپ ئورۇن يىتىشمەي دەرەخكە يامىشىپ چىقىپ كورىدىغان ئىشى بۇلمىسۇن،،، \"\"

--ئىسىت ئۇرۇمچىىدە بۇلغان بۇلسام ھەر قانداق ئىشىمنى تاشلىۋىتىپ باراتتىمدە،،،،، \"\"

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-5-11 12:10:52

5- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خېلى جىق ئاغىنىلەرنى يىغىپ قويدۇم، بارىمىز.



مەن كىملەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇشنى تاللاپ بولالماي قېتىپ كەتتىم..

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-5-11 14:11:15

8- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

5- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خېلى جىق ئاغىنىلەرنى يىغىپ قويدۇم، بارىمىز.



مەن كىملەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇشنى تاللاپ بولالماي قېتىپ كەتتىم..

كىم بىلەن بىللە ئولتۇرۇش مۇھىم ئەمەس، مەيدانغا بېرىپ مۇسابىقىنى كۆرۈپ، لايىقىدا ھۇررا تولاپ قويساق شۇ يىتەرلىك.كۆڭلىڭىز تارتقان خالىغان بىر توپقا كىرىپ ئولتۇرىۋېرىڭ.
بەت: [1]
: ئانا يۇرت كوماندىمىزغا بىرلىكتە مەدەت بىرەيلى