مىنى ئىزدەپ ھېندىستانغا بارماڭلار!!!!
مۇشۇنداق مۇنبەرگىمۇ شىئېرى يىزىپتىمەن ئىسىت! مەن خاتا كىرىپ قاپتىمەن!

ھى ھى ھى ئەمما ياقتۇرىمەن شارۇلخان رول ئالغان كىنولارنى... شارۇلخان مۇھىممۇ لەڭپۇڭمۇ؟
5- قەۋەتتىكى ziltarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شارۇلخان مۇھىممۇ لەڭپۇڭمۇ؟
زىلتار مۇھىممۇ پىنھانمۇ؟

مىنى ئىزدەپ ھېندىستانغا بارماڭلار
(ھېندىستان كىنو چولپىنى شارۇلخاننىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىغا ئېيتقانلىرى...)
تاڭ قالماڭلار، مەن سۆزلىگەن ھېكايەتكە،
سەۋەب بولار بەلكىم نۇرغۇن شىكايەتكە،
نەپرىتىم كۆپ، ۋىجدانسزلىق، خىيانەتكە،
مېنى ئىزدەپ ھېندىستانغا بارماڭلار؟!
مەن بىر ئارتىس، كىنولاردا «باش رولچى» مەن،
ھىلى جانباز، ھىلى ماھىر «پۇتبۇلچى»مەن.
ھىلى ئاشىق، ھىلى يەكتەن «ئۇسسۇلچى»...مەن؟
مېنى ئىزدەپ ھېندىستانغا بارماڭلار؟!
سىلەر كۆرگەن بەلكىم رەڭلىك شاتۇتىنى،
كۈندۈرگەچكە، تەكرارلايدۇ «ئۇنى – بۇنى».
مېنىڭ كەيگەن«تون»ۇم ئەسلى خەقنىڭ تونى...؟
مېنى ئىزدەپ ھېندىستانغا بارماڭلار؟!
ھىلى بىر قىز ئۈچۈن «جاننى پېدا» قىلسام،
«ھەق – ئادالەت»ئۈچۈن سۆزلەپ «نېدا» قىلسام،
«رەزىللەرنى كاللىسدىن جۇدا»قىلسام؟
مېنى ئىزدەپ ھېندىستانغا بارماڭلار؟!
ۋىسال ئەمەس قىز لېۋىگە، لەۋياقىقنىم،
چەۋەندازلىق ئەمەس «ئۇچقۇر ئات» چاپقىنىم،
راست ئەمەستۇر – ئوت ئاچقىنىم... قان چاچقىنىم،
مېنى ئىزدەپ ھېندىستانغا بارماڭلار؟!
تارىم بويى خىلۋەت، گۈزەل ماكان ئېكەن،
مۇقام، مەشرەپ يۇرتى، ئېسل جاھان ئېكەن،
مۇقام – سەنئەت دۇنياسىدا خاقان ئىكەن،
مېنى ئىزدەپ ھېندىستانغا بارماڭلار؟!
يۇرتۇڭلاردا پەيدا بولدۇم (ئېكرانلاردا)،
ئىشلىتىلدى، سۈرەتلىرىم «ئېلان»لاردا،
مەن بىلمىدىم، سىلەر قانداق «پىلان»لاردا،
مېنى ئىزدەپ ھېندىستانغا بارماڭلار؟!
تارقالمىسۇن، ئەمدى ھەرخىل سۈرەتلىرىم،
ماختالمىسۇن، باتۇرلۇقۇم... «جۈرئەت»لىرىم،
ياش تۆكمەڭلار، «خېرىدارىم، چۆپقەت»لىرىم،
مېنى ئىزدەپ ھېندىستانغا بارماڭلار؟
مەن كۆرمەيمەن (ماڭا كۈلۈپ باقساڭلارمۇ) –
خا نەڭلەرگە سۈرىتىمنى ئاسساڭلارمۇ،
پېنھانلاردا لېۋىمگە، لەۋ ياقساڭلارمۇ...
مېنى ئىزدەپ ھېندىستانغا بارماڭلار؟!
قىممىتىڭلار – قىزلىق ئىپپەت، ھايا، ئەدەپ،
مەنچۈن ئۇنى يۇقاتساڭلار قىزىق ئەجەپ،
چۈشەنسەڭلار ھەممە ئىشنى «ئەركىنلىك»دەپ...
مېنى ئىزدەپ ھېندىستانغا بارماڭلار؟!
ئۇيغۇر قىزى – ئۇيغۇرلارغا لايىق ئۆزى،
يېگىتلەرنىڭ، مېنڭدىن ھەم شىرىن سۆزى،
ئويغا سالار، كېچلەردە (ئوتلۇق كۆزى)،
مېنى ئىزدەپ ھېندىستانغا بارماڭلار؟!
ھەركىم ئۆزى ئالسۇن «ھەقلىق ئامانەت»نى،
«كۆچەت» قويغان كۆرسۇن ئۇندىن «ھالاۋەت»نى،
باشباشتاقلىق تىزلىتىدۇ قىيامەتنى،
مېنى ئىزدەپ ھېندىستانغا بارماڭلار؟!
سەممىي ئەسكەرتىش:
شئېر ماۋزۇسى تاشمۇھەممەت باتۇر ئىجراسىدىكى «مېنى يوقلاپ قەبرىستانغا بارماڭلار» دېگەن ناخشنىڭ ماۋزۇسىدىن پايدىلنىلدى.
ئاپتۇرى: يېڭشەھەر ناھىيە تاغارچى چاقلىق 5-كەنت 4-مەھەللىدىن
قاسىمجان غۇپۇر(دېھىقان)















شارۇلخان رولنى پەچەت ئالىدۇ جۇمۇڭلا
9- قەۋەتتىكى uqkuriنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قايچا مۇھىممۇ چوتكىمۇ؟
چوتكا مۇھىممۇ چىشمۇ ؟

بەت:
[1]
2