matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-5-8 14:33:47

يەكەننىڭ قىسمىتى

يەكەن تارىختا ئاجايىپ قىسمەتلەرنى بىشىدىن ئۆتكۇزگەن سىرلىق زېمىن. مىلادىدىن ئىلگىركى ۋاقىتلاردا ئۇ غەربىي يرتتىكى 36 بەگلىكنىڭ بىرسى ئىدى. ئاندىن بىر مەزگىل ھۇنلارغا، تۇركلەرگە قارام بولغان ، قەددىنى رۇسلاپ راۋاج تاپقان مەزگىللىرىدە ساكرائۇل خانلىقى ۋە كىيىنچە سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاستانىسى بولغان .يەكەننىڭ مەمۇرى دەرىجىسى ئۇزاق ۋاقىتلار مابەينىدە دۆلەتتىن ئۆلكىگە، ئۆلكىدىن ۋىلايەتكە ، ۋىلايەتتىن ناھىيىگە دەرىجىمۇ - دەرىجە تۆۋەنلەپ  تۇرلۇك سىياسىي كۇچلەر  بۇ زېمىننىڭ "سەلتەنىتى"نىمەقسەتلىك يەرگە ئۇرغانلىقىنى ھەممە بىلىدۇ.  ئەمما  غوجىلار دەۋرى ، ياقۇپبەگ دەۋرى ۋە چىڭ سۇلالىسىغا قارام بولغاندىن تارتىپ تاكى ئازاتلىققىچە بۇ زېمىندا بىرەر يەرلىك ھاكىمىيەتنىڭ مەۋجۇت بولغان - بولمىغانلىقىنى كۆپىنچە كىشىلەر بىلمەيدۇ.


    1934-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۇنى سابىت داموللاملار قەشقەردە قۇرغان ئاتالمىش " شەرقىي تۇركۇستان ئىسلام جەمئۇرىيىتى" پارچىلانغاندىن كىيىن ، باش مىنىستىر سابىت داموللام يەكەن كونىشەھەر ناھىيىسىگە قىچىپ كەلگەن ئىدى. ئۈزۈن ئۆتمەي مامت شىجاڭ خوجىنىياز ھاجىنىڭ بۇيرىقىغا بىنائەن يەكەنگە كىلىپ ئۇنى قولغا ئىلىپ ئۇرۇمچىگە ئىلىپ ماڭىدۇ.4-ئاينىڭ باشلىرىدا شىڭشىسەينىڭ قوشۇنىدىن يىڭىلگەن ماجۇڭيىڭ يەنە يەكەنگە چىكىنىپ ، ئۇ يەردىكى خوتەن قوزغىلاڭچىلىرىنى باستۇرۇپ يەكەننى ئىگىلەيدۇ، ئارقىدىن شىڭ شىسەي ما جۇڭيىڭنى  قوغلاپ يەكەنگە كىلىپ سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ ياردىمىدە ماجۇڭيىڭنى يېڭىپ يەكەننى ئىگىلەيدۇ.بۇ يىللاردا يەكەن تارىختىكى ئەڭ مالىمان، ئەڭ دەششەت فىرونتقا ئايلىنىدۇ .بۇ خىل ۋەزىيەتتە ، 1935-يىلى ، مىنگونىڭ 24-يىلى (ھىجىرىيە 1353-يىلى)يەكەن قوشراپتىكى يەرلىك خەلىق قوزغۇلۇپ قوشراپ كاچۇڭلارنى ئازات قىلىپ ئاتالمىش "يەكەنىستان"نى قۇرۇپ يەكەننىڭ تارىختىكى سەلتەنىتىنى يەنە بىر قىتىم نامايەن قىلىدۇ. ،قوشراپ كەندىلىك كەنتىدىن چىققان تۇردى پادىشاھ، سۇپۇرگە باش مىنىستىر (بەزى ماتېرىياللاردا ھەر ئىككەيلەن قوش پادىشاھ بولغان دېيىلىدۇ) بولىدۇ. بۇنىڭدىن چۆچۈپ كەتكەن شىڭشىسەي يەكەندىن بىر باتالىيۇن ئەسكەر چىقىرىپ باستۇرۇشقا ئىبەرتىدۇ ، بىراق "يەكىنىستان"لىقلار تەرىپىدىن بىت-چىت قىلىنىپ يېڭىلىدۇ. شىڭسىسەي يەنە بىر باتالىيۇن مۇنتىزىم خىللانغان قوشۇننى چىقىچىپ قوزغىلاڭچىلارنى باستۇردۇ.


شۇنداق قىلىپ  ئۆمرى كۆتە بۇ يەرلىك ھاكىمەت "يەركىنىستان" يوق بولىدۇ.



ماتېماتىكا تەييارلىدى.


پايدىلانما: " يەكەن تارىخ ماتىرىياللىرى" 3-قىسىم.


zapar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-8 16:34:45

ما‹‹سىتان›، ئاڭلىماپتىكەنمەن. \"\"

gulen يوللانغان ۋاقتى 2012-5-8 16:46:23

بولسا ياركەنتىستان ھەققىدە تەپسىلىردەك يازمامسىلەر، قوشراپنىڭ يېقىنقى مەشھۇرلىقىدىن خەۋەردار بولساقمۇ ياركەنتىستان قۇرغىنىدىن بىخەۋەر قاپتۇق. بولسا شۇ يەرلىك بالىلاردىن سوراپ، ئاق ساقاللاردىن ئاغزاكى تارىخنى قىدىرىپ...

كاچۇڭ دېگەن رەھمەتلىك باتۇر روزنىڭ يۇرتى، ئىككى يۇرت بىر يەردىمۇ؟ مۇشۇنى بىر تولۇقلاڭلار ياركەنتنىڭ ئەزىزلىرى

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-5-8 17:08:24

\"\"

pantekin يوللانغان ۋاقتى 2012-5-8 17:48:23

ئاڭلاپ باقمىغان پادىشاھلىق ،،،تەپسىلىرەك بىلسەك بولاتتى

saktikin يوللانغان ۋاقتى 2012-5-8 18:25:27

ماۋۇ  ئۇچۇرىڭىز      ھەممىمىز  ئۈچۈن  يېڭى  بولسىمۇ  لېكىن  تىزىس  شەكلىدە  بولۇپ  قاپتۇ،      يازغاندىكىن  شۇ  «سىتان»نىڭ  بارلىق  تەپسىلاتلىرىنى  ئىمكانقەدەر  تەپسىلى يورۇتۇشقا  تېرىشمامسىلەر  ،  خۇددى  گەپنى  باشلاپ  قويۇپ  توختىۋالغاندەك،  ئاغزىنى  ئۆمەللەپ  قويۇپ  گەپ  قىلمىغاندەك  بولۇپ  قاپتۇ.  ئادەمنى  تەققەززا   قىلىپ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2012-5-8 18:30:18

يەكەنىستاننىڭ تارىخىنى بىر بىلەيلۇق. كاچۇڭنى كۆرگەن ئىدىم، قوشراپ قايەردە بولغىيتى.....

kuraxqan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-8 19:53:05

يىڭى ئاڭلىغان تارىخ ئىكەن. ياخشى بولدى.

Yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-8 20:55:21

بۇ يەر نېمىشقا چېقىۋىتىلدى؟ بىلىدىغانلار بىر نەرسە دەڭلار...


2011- يىل 8- ئاي


\"\"




2012-يىل 3- ئاي



\"\"

datman يوللانغان ۋاقتى 2012-5-9 09:36:06

8- قەۋەتتىكى Yarkin92نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ يەر نېمىشقا چېقىۋىتىلدى؟ بىلىدىغانلار بىر نەرسە دەڭلار...


2011- يىل 8- ئاي


\"\"




2012-يىل 3- ئاي



\"\"





بۇيەرنى قايتىدىن ياسىماقچى شاڭخەيىكلەر ياردەم قىلىپ


بۇ ئوردىنىمۇ ئەسلىدە ھۆكىمەت ساياھەتچىلىكنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۇچۇن سالغان بۇرۇن


لىكىن ھازىر سەل كونىراپ قالغاچقا يىڭىدىن ياسىماقچى بولىۋاتىدۇ شۇڭا چىقىلىپ كەتتى بۇ ئوردا


بۇمۇ بىر ھىسابتا ياخشى ئىش

sudannaz يوللانغان ۋاقتى 2012-5-9 10:06:04

ئاڭلىمىغان  تارىخ  ئىكەن

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-9 11:02:29

ياركەنىت - كاتتا يۇرت زادى . \"\"

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-5-9 12:02:22

2- قەۋەتتىكى gulenنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بولسا ياركەنتىستان ھەققىدە تەپسىلىردەك يازمامسىلەر، قوشراپنىڭ يېقىنقى مەشھۇرلىقىدىن خەۋەردار بولساقمۇ ياركەنتىستان قۇرغىنىدىن بىخەۋەر قاپتۇق. بولسا شۇ يەرلىك بالىلاردىن سوراپ، ئاق ساقاللاردىن ئاغزاكى تارىخنى قىدىرىپ...

كاچۇڭ دېگەن رەھمەتلىك باتۇر روزنىڭ يۇرتى، ئىككى يۇرت بىر يەردىمۇ؟ مۇشۇنى بىر تولۇقلاڭلار ياركەنتنىڭ ئەزىزلىرى



بۇنىڭدىنمۇ تەپسىلى ماتېرىيال تاپالمىدىم.


كاچۇڭ راستىنلا رەھمەتلىك باتۇر روزىنىڭ يۇرتى.ئۇ قوشراپقا خوشنا يېزا، ئارلىقىدا يەكەن دەرياسى بار. ئىككى يېزا بىر دەريا بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ.


جالالىدىن بەھرامنىڭ يىقىندا نەشىردىن چىققان \"تاغ جۇدۇنلىرى\"دېگەن رومانى مۇشۇ يەردە بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلىكلەرنى ئارقا كۆرۇنۇش قىلغان.

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-5-9 12:13:21

\"\"


matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-5-9 12:13:31

\"\"


matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-5-9 12:13:50

\"\"


matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-5-9 12:14:33

\"\"


.....


خەرىتىدىكى يەكەن....... كاچۇڭ ۋە قوشراپلار.........

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-5-9 12:14:48

\"\"


.....


خەرىتىدىكى يەكەن....... كاچۇڭ ۋە قوشراپلار.........




.

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-5-9 12:15:24

\"\"


.....


خەرىتىدىكى يەكەن....... كاچۇڭ ۋە قوشراپلار.........




.



.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-9 16:15:53

«يىگانە ئارال» دا روس ئەسكەرلىرىنىڭ گىپى بار ئىدى، مۇشۇ گەپلەر شۇ ئىكەندە ئەسلى. كاچۇڭ، قوشراپ ھەممىسى يەكەننىڭ يىزىلىرى.

ئاۋۇ تام ئەسلى ئوردىنىڭ ئالدى تىمىلا ئىدى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ ياردىمىدە، پۈتۈن گەيشاڭ كوچىسىنى بويلاپ ئوردا شەكلىدە بازار سىلىنماقچى.  \"\"
بەت: [1] 2
: يەكەننىڭ قىسمىتى