يەكەن تارىخ ماتېراياللىرى(1)نىڭ مۇندەرىجىسى
توۋەندىكىسى "يەكەن تارىخ ماتېرىياللىرى" (1-قىسىم) دىكى ماقالىلەر مۇندەرىجىسى، مۇناسىۋەتلىك تېمىلارغا ئىھتىياجلىق بولغانلار بولسا ، شۇ ماقالىنى بىسىپ تورغا يوللاپ بىرىمەن. پايدىلىنارسىلەر.
1. مۇھەممەت پاتىھ ، "1910-يىلدىن 1933-يىلغىچە يەكەن تارىخى توغرىسىدا قىسقىچە بايان"
2.مۇھەممەت پاتىھ ، "1933-يىلدىن 1937- يىل ئاخىرغىچە يەكەندىكى قوزغىلاڭ ۋە قىرغىنچىلىقلار"
3. ئابدۇرىشىت يۇسۇپ ، " يەكەننىڭ 1939-يىلدىن 1949-يىلغىچە بولغان 10 يىللىق تارىخى توغرىسىدا قىسقىچە ئەسلىمە"
4.سىدىق تۇردى ، " يەكەن ناھىيىسىدىكى خۇيزۇلارنىڭ كېلىش مەنبىئى ۋە يىقىنقى زامان تارىخىدىكى ئومومى ئەھۋالى"
5 . نېمۇتىللا ئەبەيدۇللا ، " يەكەن ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ قىسقىچە تارىخى"
6 ئۆمەر سايىت ، "يەكەن سەنئىتىنىڭ 50 يىلى "
7 . تەكلىپ ۋە تەلەپ .
ھۆرمەت بىلەن ؛ ماتېماتىكا
تۈزەتمە:باشقۇرغۇچى ئەپەندىلەر، ماقالىدا بىر سەۋەنلىك كۆرۇلۇپتۇ.
6.ئۆمەر سايىت ، \"يەكەن سەنئىتىنىڭ 0 يىلى \"
دېگەننى«يەكەن سەنئىتىنىڭ 50 يىلى» دەپ ئۆزگەرتىپ قويساڭلار.
كىتاپلىرىنى تاپقىلى بولارمۇ؟ بولسا كىتابىنى تاپسام بولار ئىدى.
2- قەۋەتتىكى yigana0998نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
كىتاپلىرىنى تاپقىلى بولارمۇ؟ بولسا كىتابىنى تاپسام بولار ئىدى.
يەكەن غەدىگەرلىكتىكى بىر كىتاپپۇرۇشتا بار، \"يەكەن ئەدەبىياتى\"نىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسىنىمۇ شۇ كىتاپپۇرۇشتا كۆرگەن ئىدىم.
بىراق باھاسىنى بەك يۇقۇرى قويدى. ئالالمىدىم.
ئازاتلىقتىن بۇرۇنقى تارىخقا ئائىت بولسا باھاسى يۇقۇرى بولسىمۇ ھىچ قىسى يوق . ئالسام ئەرزىيدۇ .ئۇ كىشى ھەقىقەتەن بەكلا قىممەتچى ھەم گىپىدە تۇرمامدىكى دەيمەن. ئۆتكەندە بىر كىتابنى جۈمەدىن بۇرۇن 200يۇەن دىدى، كىيىن بارسام 500يۇەندىن بىر پۇڭمۇ كڭمڭ يوق دەيدۇ.......
ئەينى چاغدا ‹ يەكەن ئەدەبىياتى› دىن ئىككىسىلا بىسىلىپ توختاپ قالغان ئىدى ئۇمەندە بار ‹ئۆزھال› ئەپەندىگە لازىم بولسا مەن ئىۋەتىپ بىرەي. ئاللا شۇ ياشقا كىرىشكە نىسىپ قىلسا ئويۇمنى تىپىپ بارارمەن. بارالمىسام.................
5- قەۋەتتىكى yigana0998نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۇ كىشى ھەقىقەتەن بەكلا قىممەتچى ھەم گىپىدە تۇرمامدىكى دەيمەن. ئۆتكەندە بىر كىتابنى جۈمەدىن بۇرۇن 200يۇەن دىدى، كىيىن بارسام 500يۇەندىن بىر پۇڭمۇ كڭمڭ يوق دەيدۇ.......
ئاداش ئۇ ئادەم قانچە ياشتا مىنىڭچە كەمدىگەندە 70 ياشقا كىرگەندۇ دەيمەن
سىلىمۇ شۇ ياشقا كىرسەڭلا بەلكىم ئۆيىڭلىنىمۇ تاپالماسلىقىڭلار مۇمكىن
مەنمۇ پات پات بىرىپ تۇرمەن ئۇ ئادەمنىڭ قىشىغا ئىشقىلىپ بەك كونا كىتاپلار خىلى جىق
يەنە بىر ئادەمدىمۇ بار ئۇ ئادەم ھەر يەكشەنبە دالى سودا بازىرىدا دۇكان ئاچىدۇ ئۇ كىشىدىمۇ
كونا كىتاپلار خىلى كۆپ لىكىن باھاسى سەل قىممەت شۇ