tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2012-5-8 09:36:52

ئۇيغۇر تېبابىتى نەزەرىيە ئاساسلىرىدىن سوئاللار


1.مېدىسىنا ئىلمى قانداق پەن؟


2.ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىلمى قانداق پەن؟


3.ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى چوڭ جەھەتتىن قانچىگە بۆلىنىدۇ؟ ئۇلار قايسى


4.ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك نەزىرىيىسى قانچىگە بۆلىنىدۇ؟ ئۇلار قايسى؟


5.ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئەمىلىيىتى قانچىگە بۆلىنىدۇ؟ ئۇلار قايسى؟


6.ئۇمۇر تەبئىيە دېگەن نېمە؟ ئۇ قانچىگە بۆلىنىدۇ؟ ئۇلار قايسى؟


7.ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى يازما ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا قانچىلىك تارىخقا ئىگە؟


8.ئۇيغۇر تىبابەتچىلىككە زور تەسىر كۆرسەتكەن ئالىملاردىن كىمنى بىلىسىز ؟ (ئەڭ ئاز بەش كىشىنى ساناڭ)


9.ئەركان دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ باشقا ئاتىلىشلىرىنى ئېيتىپ بىرىڭ؟ ئۇ قانچىگە بۆلىنىدۇ؟ ئۇلار قايسى؟


10.ئوتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلىڭ؟ (ئورنى، ۋەزنى، كەيپىياتى، رولى.)


11.ھاۋانىڭ ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلىڭ؟ (ئورنى، ۋەزنى، كەيپىياتى، رولى.)


12.سۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلىڭ؟ (ئورنى، ۋەزنى، كەيپىياتى، رولى.)


13.تۇپراقنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلىڭ؟ (ئورنى، ۋەزنى، كەيپىياتى، رولى.)


14. تۆت چوڭ ماددا تەلىماتىنىڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكتە ئىشلىتىلىشىنى ئېيتىپ بېرىڭ؟


15.مىزاج دېگەن نېمە؟


16.مىزاج قانچىگە بۆلىنىدۇ؟ ئۇلار قايسى؟


17.تەبىئىي مىزاج دېگەن نېمە؟ ئۇ قانچىگە بۆلىنىدۇ؟ ئۇلار قايسى؟


18.غەيرى تەبئىي مىزاج دېگەن نېمە؟ ئۇ قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ؟ ئۇلار قايسى؟


19.قۇرۇق ئىسسىق مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى سۆزلەڭ؟


20.ھۆل ئىسسىق مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى سۆزلەڭ؟


21.قۇرۇق سوغۇق مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى سۆزلەڭ؟


22.ھول سوغۇق مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى سۆزلەڭ؟


23.ئىنسانلارنىڭ ھەرخىل دەۋىردىكى مىزاجىنى ئايرىم-ئايرىم بايان قىلىڭ؟ (ئۆسمۇرلۈك، ياشلىق، ئوتتۇرا ياشلىق، قېرىلىق)


24.ھەرقايسى پەسىللەرنىڭ مىزاجىنى ئايرىم ئايرىم بايان قىلىڭ؟


25.مىزاج تەلىماتىنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى ئىشلىتىلىشىنى ئېيتىپ بىرىڭ؟


26.خىلىت دېگەن نېمە؟ ئۇ قانچىگە بۆلىنىدۇ؟ ئۇلار قايسى؟


27.خىلىتلارنىڭ ھاسىل بۇلۇش جەريانىنى قىسقا قىلىپ باياب قىلىڭ؟


28.خىلىتلارنىڭ بەدەندە قانداق تەڭشىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى چۇشەندۇرۇڭ؟


29.تەبئىي خىلىت دېگەن نېمە؟ ئۇ قانچىگە بۆلىنىدۇ؟ ئۇلار قايسى؟


30.تەبئىي سەپرا خىلىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلىڭ؟ (تەمى، رەڭگى، قىيامى، تەبئىيتى، زاپاس ساقلىنىدىغان ئورنى، رولى.)


31.تەبئىي قان خىلىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلىڭ؟ (تەمى، رەڭگى، قىيامى، تەبئىيتى، زاپاس ساقلىنىدىغان ئورنى، رولى.)


32. تەبئىي بەلغەم خىلىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلىڭ؟ (تەمى، رەڭگى، قىيامى، تەبئىيتى، زاپاس ساقلىنىدىغان ئورنى، رولى.)


33. تەبئىي سەۋدا خىلىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلىڭ؟ (تەمى، رەڭگى، قىيامى، تەبئىيتى، زاپاس ساقلىنىدىغان ئورنى، رولى.)


34.غەيرى تەبئىي خىلىت دېگەن نېمە؟ ئۇ قانچىگە بۆلىنىدۇ؟ ئۇلار قايسى؟


35.غەيرى تەبئىي سەپرا خىلىتى قانچىگە بۆلىنىدۇ؟ ئۇلار قايسى؟ ئۇلارنىڭ ھاسىل بۇلۇش سەۋەبىنى تەپسىلى بايان قىلىڭ؟


36. غەيرى تەبئىي قان خىلىتى قانچىگە بۆلىنىدۇ؟ ئۇلار قايسى؟ ئۇلارنىڭ ھاسىل بۇلۇش سەۋەبىنى تەپسىلى بايان قىلىڭ؟


37. غەيرى تەبئىي بەلغەم خىلىتى قانچىگە بۆلىنىدۇ؟ ئۇلار قايسى؟ ئۇلارنىڭ ھاسىل بۇلۇش سەۋەبىنى تەپسىلى بايان قىلىڭ؟


38. غەيرى تەبئىي سەۋدا خىلىتى قانچىگە بۆلىنىدۇ؟ ئۇلار قايسى؟ ئۇلارنىڭ ھاسىل بۇلۇش سەۋەبىنى تەپسىلى بايان قىلىڭ؟


39.غەيرى تەبئىي خىلىتلارنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللار قايسى؟


40.سەپرا خىلىتلىق كىشىلارنىڭ ئالامەتلىرىنى بايان قىلىڭ؟ (قىياپىتى، تېرىسى، ھالىتى، تۇمۇرى، سۇيدىكى)


41. قان خىلىتلىق كىشىلارنىڭ ئالامەتلىرىنى بايان قىلىڭ؟ (قىياپىتى، تېرىسى، ھالىتى، تۇمۇرى، سۇيدىكى)


42. بەلغەم خىلىتلىق كىشىلارنىڭ ئالامەتلىرىنى بايان قىلىڭ؟ (قىياپىتى، تېرىسى، ھالىتى، تۇمۇرى، سۇيدىكى)


43. سەۋدا خىلىتلىق كىشىلارنىڭ ئالامەتلىرىنى بايان قىلىڭ؟ (قىياپىتى، تېرىسى، ھالىتى، تۇمۇرى، سۇيدىكى)


44. خىلىت تەلىماتىنىڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكتە ئىشلىتىلىشىنى سۆزلەڭ؟


45.ئەزا دېگەن نېمە؟


46.ئەزالار تۇزلىشىگە قاراپ قانچىگە بۆلىنىدۇ؟ ئۇلار قايسى؟ ھەربىرىگە تەپسىلى مىسال ئېلىڭ.


47. ئەزالار خىزمىتىگە قاراپ قانچىگە بۆلىنىدۇ؟ ئۇلار قايسى؟ ھەربىرىگە تەپسىلى مىسال ئېلىڭ؟


48.ھۆل ئسسسىق مىزاجدىكى ئەزالار قايسى؟


49.قۇرۇق ئىسسسىق مىزاجدىكى ئەزالار قايسى؟


50.ھۆل سوغۇق مىزاجدىكى ئەزالار قايسى؟


51.قۇرۇق سوغۇق مىزاجدىكى ئەزالار قايسى؟


52. ئەزا تەلىماتىنىڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكتە ئىشلىتىلىشنى سۆزلەڭ؟


53.يەككە ئەزا دىگەن نىمە؟مىسال ئېلىڭ.


54.مۇرەككەپ ئەزا دىگەن نېمە؟مىسال ئېلىڭ.


55.ئەزالار خىزمەت ئالاھىدىلىكىگە قاراپ قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ؟ئۇلار قايسى؟


56.رەئىس ئەزا دىگەن نېمە؟ئۇلار قايسى؟


57.خادىمى ئەزا دىگەن نېمە؟ئۇلار قايسى؟


58.غەيرى خادىمى ئەزا دىگەن نېمە؟ئۇلار قايسى؟


59.ھۆل ئىسسىق مىزاجدىكى ئەزالار قايسى؟قۇرۇق ئىسسىق مىزاجدىكى ئەزالار قايسى؟قۇرۇق  


سوغۇق مىزاجدىكى ئەزالار قايسى؟ھۆل سوغۇق مىزاجدىكى ئەزالار قايسى؟


60.روھ دىگەن نېمە؟


61.روھ تەلىماتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى نېمە؟


62.روھى ھايۋانىنڭ نېمە رولى بار؟ئۇ قايسى ئەزاغا جايلاشقان؟


63.روھى نەپسانىنڭ نېمە رولى بار؟ئۇ قايسى ئەزاغا جايلاشقان؟


64.روھى تەبىئىنىڭ نېمە رولى بار؟ئۇ قايسى ئەزاغا جايلاشقان؟


65.قۇۋۋەت دىگەن نېمە؟قۇۋۋەت تەلىماتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى نېمە؟


66.قۇۋۋىتى ھايۋانى دىگەن نېمە؟قۇۋۋىتى ھايۋانىنڭ نېمە رولى بار؟مەركىزى ئورنى قەيەردە؟


67.قۇۋۋىتى  نەپسانىي دىگەن نېمە؟قۇۋۋىتى نەپسانىنڭ نېمە رولى بار؟مەركىزى ئورنى قەيەردە؟


68.قۇۋۋىتى نەپسانىي نەچچىگە بۆلىنىدۇ؟ئۇلار قايسى؟


69.ھەرىكەتلەندۈرگۈچى قۇۋۋەت دېگەن نېمە؟ئۇ نەچچىگە بۆلىنىدۇ؟ئۇلارقايسى؟


.قوزغىغۇچى قۇۋۋوت نەچچىگە بۆلىنىدۇ؟ئۇلار قايسى؟ھەرقايسسىنىڭ نېمە رولى بار؟ 70


71.ئىنتىلدۈرگۈچى قۇۋۋەت نەچچىگە بۆلىنىدۇ؟ئۇلار قايسى؟ھەرقايسسىنىڭ نېمە رولى بار؟


72.ھېس سەزگۈ قۇۋۋىتىنىڭ نېمە رولى بار؟ نەچچىگە بۆلىنىدۇ؟ئۇلار قايسى؟ھەرقايسسىنىڭ نېمە رولى بار؟


73.ئىچكى سېزىم قۇۋۋىتى دېگەن نېمە؟نېمە رولى بار؟نەچچىگە بۆلىنىدۇ؟ئۇلار قايسى؟ ھەرقايسسىنىڭ نېمە رولى بار؟


74.تاشقى سېزىم قۇۋۋىتى دېگەن نېمە؟نېمە رولى بار؟نەچچىگە بۆلىنىدۇ؟ئۇلار قايسى؟ھەرقايسسىنىڭ نېمە رولى   بار؟


75.قۇۋۋىتى تەبىئىي دېگەن نېمە؟نېمە رولى بار؟چوڭ جەھەتتىن نەچچىگە بۆلىنىدۇ؟ئۇلار قايسى؟


76.قۇۋۋىتى شەخسىيەت دېگەن نېمە؟نېمە رولى بار؟نەچچىگە بۆلىنىدۇ؟ئۇلار قايسى؟


77.ئوزۇقلاندۇرغۇچى قۇۋۋەت دېگەن نېمە؟نېمە رولى بار؟نەچچىگە بۆلىنىدۇ؟ئۇلار قايسى؟ھەرقايسسىنىڭ نېمە     رولى بار؟


78.ئۆستۈرگۈچى قۇۋۋەت دېگەن نېمە؟نېمە رولى بار؟نەچچىگە بۆلىنىدۇ؟ئۇلار قايسى؟ھەرقايسسىنىڭ نېمە رولى بار؟


79.قۇۋۋىتى تاناسىلىيە دېگەن نېمە؟نېمە رولى بار؟نەچچىگە بۆلىنىدۇ؟ئۇلار قايسى؟ھەرقايسسىنىڭ نېمە رولى بار؟80.ساقلىق دىگەن نېمە؟


81.كېسەللىك دېگەن نېمە؟


82.كېسەللك ماھىيەت جەھەتتىن ھەم شەكىللىىنىپ چىقىش جەھەتتىن نەچچىگە بۆلىنىدۇ؟ئۇلار قايسى؟


83.يالغۇز كېسەللىك دېگەن نېمە؟


84.مۇرەككەپ كېسەللىك دېگەن نېمە؟


85.يالغۇز كېسەللىكلەر نەچچىگە بۆلىنىدۇ؟ئۇلار قايسى؟


86.مىزاج بۇزۇلۇش خارەكتىرلىك كېسەللىك دېگەن نېمە؟نەچچىگە بۆلىنىدۇ؟ئۇلار قايسى؟


87.خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خارەكتىرلىك كېسەللىك دېگەن نېمە؟نەچچىگە بۆلىنىدۇ؟ئۇلار قايسى؟


88.خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خارەكتىرلىك كېسەللىك دېگەن نېمە؟نەچچىگە بۆلىنىدۇ؟ئۇلار قايسى؟


89.شەكىل بۇزۇلۇش خارەكتىرلىك كېسەللىك دېگەن نېمە؟نەچچىگە بۆلىنىدۇ؟ئۇلار قايسى؟


90.پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خارەكتىرلىك كېسەللىك دېگەن نېمە؟


91.ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك سەۋەبلىرى نەچچىگە بۆلىنىدۇ؟ئۇلار قايسى؟


92.ئىچكى سەۋەب دېگەن نېمە؟ئۇلار قايسى؟


93.تاشقى سەۋەب دېگەن نېمە؟ئۇلار قايسى؟


94.ئادەتتىكى تاشقى سەۋەب نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟پەۋقۇلئاددە تاشقى سەۋەب نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟


95.ئالامەت دېگەن نېمە؟


96.بەدەن بەلگىسى دېگەن نېمە؟


97.ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە ئالامەتلەر نەچچىگە بۆلىنىدۇ؟ئۇلار قايسى؟


98.كېسەللىككە مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر قايسىلار؟


99.ئومۇمىي بەدەنلىك ئالامەت دېگەن نېمە؟يەرلىك ئالامەت دېگەن نېمە؟


100.ئىچكى ئالامەت دېگەن نېمە؟ تاشقى ئالامەت دېگەن نېمە؟


مەنبە:4تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت مۇنبىرى



gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-5-8 10:56:18

ئوبدان تەييارلاپسىز، جاۋابىنىمۇ قوشۇپ يوللىۋەتكەن بولسىڭىز تېخىمۇ نۇرغۇن ئادەملەر پايدىلىناركەندۇق. تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي.

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-8 12:27:52

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-5-8 17:10:07

جاۋاب بەرسەك خىزمەت بار ئوخشىمامدا   {:92:}

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2012-5-8 18:32:47

خىزمەتنى دەپ جاۋاب بەرمەيدىغانسىلە   {:92:}  

جاۋابىنى بىلگەنلىرىمىز يوللىغاچ تۇرساق ياخشى بولاتتى.

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-8 19:58:08

بۇرۇن يىغىپ ساقلاپ قويغان ... پايدىلىنارسىلەر ...

ئۇيغۇر تىبابىتىنى چۈشىنەمسىز

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى 2500يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇش بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. بۇھەقتە مەملىكىتىمىزنىڭ يازما خاتىرىلىرى، قېزىپ ئېلىنغان ئارخلوگىيلىك ماددى مەنبەلەر ۋە شىنجاڭدىن چەتئەللەرگە ئېلىپ كېتىلگەن يازما ماتىرىياللاردا؛ بېرلىن، لوندون، موسكۋا، لېنىنگىراد، توكيو، پارىژ قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ تارىخىي مۇزىيلىرىدا ئۇيغۇر تىبابەتچىلىككە ئائىت نۇرغۇن ماتىرىياللار ساقلانماقتا. بۇلارنىڭ بەزىلىرى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، خېلى كۆپ قىسمى تېخى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلىنمىدى

            ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى، نەزىرىيىۋى ۋە ئەمىلىي تىبابەتچىلىك دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. ئۇ ئۆزىگە خاس مۇكەممەل، سېستىمىلىق نەزىرىيىۋى ئاساسقا ئىگە. يەنى، تۆت چوڭ ماددا (ئاناسىر ئەربەئە) نەزىرىيىسى، مىزاج نەزىرىيسى، تۆت خىلىت نەزىرىيسى، ئەزالار نەزىرىيسى، قۇۋۋەت نەزىرىيسى ۋە ساقلىق ساقلاش زۆرۈر قائىدىلىرى، كېسەللىك سەۋەپلىرى، كېسەللىكلەرنى تۈرلەرگە ئايرىش، كېسەللىكلەرگە دىئاگونوز قويۇش (ئىلمى تەشخىس) تەزىرىيلىرى، داۋالاش قائىدە- پىرىنسىپلىرى، ئۇسۇللىرى، يىمەك- ئىچمەك، كۈتۈش ھەققىدە ۋە مۇكەممەللەشكەن دورا ئىلمى، ياسالما نۇسخىلىرى ئىلمى ھەققىدە بىر يۈرۈش نەزىرىيلىرى بار

            كلنىك جەھەتتە كېسەللىكلەر ئىلمىنى ئىچكى كىسەللىكلەر ئىلمى، تاشقى كېسەللىكلەر ئىلمى (تېرە كېسەللىكلىرى، چىقىق- سۇنۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، بالىلار كېسەللىكلىرى ئىلمى، ئاياللار كىسەللىكلىرى ئىلمى، بەش ئەزا كېسەللىكلىرى ئىلمى قاتارلىق ھەرقايسى مەخسۇس بۆلۈم پەنلىرىگە ئايرىيدۇ. ئۇ، ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىيات ۋە كلىنىك ئەمىلىيەتلىرى جەريانىدا تەدرىجى شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۈزلۈكسىز تولۇقلىنىش ئارقىلىق ئۆز مەزمۇنىنى بېيىتقان ۋە ھەرقايسى كلنىك بۆلۈملەرگە خاس بولغان تەزىرىيە ۋە كلىنىك داۋالاش ئىلمى بولۇپ سېستىمىلاشقان. تۇرپاندىن تېپىلغان ئارخىلوگىيلىك تارىخىي ھۆججەتلەرگە قارىغاندا بۇنىڭدىن 1400-1000يىل ئىلگىرىلا ئۇيغۇر تىۋىپلىرىمىز كىسەللىكلەرنى تېرە كېسەللىكلىرى، كۆز كېسەللىكلىرى، قۇلاق، نەپەس ئېلىش ئەزالىرى كېسەللىكلىرى، يۈرەك كېسەللىكلىرى، ھەزىم قىلىش ئەزالىرى كېسەللىكلىرى، ھەرتۈرلۈك ئىچكى كىسەللىكلەر، سۈيدۈك يولى ۋە جىنسى ئەزا كېسەللىكلىرى، جەراسىم (مىكروپ، ۋىرۇس) كېسەللىكلىرى ۋە تازلىق، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش ھەققىدە نەسىھەتلەر قاتارلىق 12چوڭ تۈرگە ئايرىغان. يەنە بىر يۈرۈش مۇقىم دورا ئۆلچەملىرى بولغان. بۇ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگىنىڭ مۇندىن 10نەچچە ئەسىر ئىلگىرىلا خېلى يۇقۇرى دەرىجىدە تەرەققى قىلغانلىقى، مۇكەممەل سېستىما بولۇپ شەكىللەنگەنلىگىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.

          ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى ئادەم بەدىننىڭ بىر پۈتۈنلىگىنى ئالاھىدە تەكىتلەش بىلەن بىرگە، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ھاياتلىققا دائىم، زىچ تەسىر قىلىپ تۇرىدىغانلىغىنى ئالاھىدە كۆرىسىتىدۇ. كەڭ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ تۆت چوڭ ماددا (ئاناسىر ئەربەئە) يەنى ئوت، ھاۋا، سۇ، تۇپراقتىن تەشكىل تاپىدىغانلىغى، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئۇلار زىددىيتى نەتىجىسىدە تەرەققى قىلىدىغانلىقى ھەمدە تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئىنسانلارنىڭمۇ ئۇلارنىڭ دائىملىق تەسىرىدە بولىدىغانلىغى، ئۇلارسىز ماددىلارنىڭ يىتىلمەيدىغانلىغى، ھاياتلىق بولمايدىغانلىغىنى كۆرسىتىدۇ. تۆت ئاناسىر ئوخشىمىغان 4خىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە ماددا بولۇپ، ئوت، قۇرۇق ئىسسىق؛ ھاۋا، ھۆل ئىسسىق؛ سۇ، ھۆل سوغاق؛ تۇپراق، قۇرۇق سوغاق بولىدۇ. ئۇلار بىر-بىرىگە زىت شۇنىڭدەك بىر- بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئۇلار بەدەندە ئىسسغلىق، سوغاقلىق، ھۆللۈك، قۇرۇقلۇقتىن ئىبارەت 4خىل كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. 4كەيپىياتنىڭ بەدەندىكى قارمۇ- قارشى پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە مىزاج ھاسىل بولىدۇ دەپ قارايدۇ. مىزاجلار مۆتىدىل ۋە غەيرى مۆتىدىل دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ. غەيرى مۆتىدىل مىزاج يەنە يالغۇز (ئىسسىق، سوغاق، ھۆل، قۇرۇق) ۋە مۇرەككەپ (قۇرۇق ئىسسىق، ھۆل ئىسسق، ھۆل سوغاق، قۇرۇق سوغاق) غەيرى مۆتىدىل مىزاجلارغا بۆلىنىدۇ دەپ قارايدۇ.

            تۆت خىلىت تەلىماتى تۆت ئاناسىر، كەيپىيات ۋە مىزاجلار توغرىسىدىكى قەدىمى ماتىرىيالىستىك كۆز قاراشلار ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ، ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ساقلىق، كېسەللىك، كېسەللىكلەرنى داۋالاشنى تەرىپلەش، چۈشەندۈرۈشتىكى مۇھىم تەلىماتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئۇيغۇر تىبابىتى تۆت خىلىتنى، تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۆت ئاناسىرنىڭ بەدەندىكى تەقلىت زاھىرى دەپ شەرھىلەيدۇ.

            تۆت خىلىت (سەپرا، قان، بەلغەم، سەۋدا) بەدەننى تەشكىل قىلغان، بىر -بىرىگە ئوخشىمايدىغان مۇھىم سۇيۇقلۇقلار بولۇپ، سەپرا خىلىتىنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق، قاننىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق، بەلغەمنىڭ تەبىئىتى ھۆل سوغاق، سەۋدانىڭ تەبىئىتى قۇرۇق سوغاق. ئۇلار ھاياتلىقتا سەرپ قىلىنىپ، يېڭىدىن ئىشلىنىپ دەۋرى قىلىپ، تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ، ئىنسان ھاياتىنىڭ ساغلاملىق شەرتلىرىنى ھازىرلاپ تۇرىدۇ. ئۇلار بىر-بىرىنى تىزگىنلەيدۇ، تولۇقلايدۇ. ئۇلارنىڭ تەڭپۇڭلىغى نىسبى، زىددىيتى مۇتلەق بولىدۇ. تەڭپۇڭلىغىنىڭ بۇزۇلۇشى، سان ياكى سۈپەت جەھەتتىكى غەيرى تەبىئى ئۆزگىرىشى، كېسەللىك ئۆزگرىش ھالىتى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. خىلىتلارنىڭ تەڭپۇڭلىغى، سان، سۈپەت جەھەتلەردىكى ئۆزگىرىشلىرى كېسەللىكلەرنىڭ مۇھىم ئىچكى سەۋەپلىرى؛ تەبىئەت دۇنياسىدىكىق تۆت ئاناسىر ۋە باشقا ئامىللارنىڭ غەيرى تەسىرى تاشقى سەۋەپ بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

            دىمەك ئۇيغۇر تىبابىتى، ئىنسان بەدىنى ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللارنىڭ بىرلىگى ۋە زىددىيتى ئاساسىدا تەرەققى قىلىدۇ ۋە ھاياتلىق جەريانىنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ دەپ قارايدۇ.   

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى، ئادەمنىڭ ئومومى بەدىننى بىر پۈتۈن گەۋدە دەپ قارايدۇ. ئەزالارنىڭ تۇتقان ئورنى ۋە رولىغا قاراپ، باشقۇرغۇچى ئەزا ۋە باشقۇرۇلغۇچى ئەزالار دەپ 2چوڭ تۈرگە ئايرىپ كونكىرىتنى تەرىپلەيدۇ. يەنى مىڭە، يۈرەك، جىگەرلەرنى باشقۇرغۇچى ئەزا (رەئىس ئەزا)لار؛ ئۆپكە، ئاشقازان، تال، ئۈچەي، بۆرەك قاتارلىقلارنى باشقۇرۇلغۇچى ئەزالار قاتارىغا كىرگۈزىدۇ ھەم يۇقۇرقى ئەزالار كونكىرىتنى روللىرىغا قاراپ بەزەنلىرىنى ھەم باشقۇرغۇچى ھەم باشقۇرۇلغۇچى ئەزالار قاتارىغا كىرگۈزىدۇ. مىڭىنى تەپەككۇر، سەزگۈ ۋە جىسمانى يەنى روھى نەفسانىنىڭ مەركىزى؛ يۈرەكنى تىرىكلىك (روھى ھايۋانى)نىڭ باشلىنىش مەنبئى؛ جىگەرنى ئىنسان ھاياتىدىكى تەبىئى كۈچنىڭ مەركىزى دەپ قارايدۇ.   n

              ئادەم ھاياتى تامانلانغىچە بولغان ئارلىقتىكى ئەقلىي ۋە جىسمانى ھەركەتلەر سەۋەپچىسى بولغان ئامىل - قۇۋۋەتنى چوڭ جەھەتتە ھاياتلىق كۈچى (قۇۋۋەيى ھايۋانى)، روھى كۈچى (قۇۋۋەيى نەفسانى)، ۋە تەبئى كۈچى (قۇۋۋەيى تەبىئى) دەپ 3گە ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچى نۇرغۇنلىغان كۈچلەرگە ئايرىپ ئايرىم- ئايرىم تەرىپلەپ شەرھىلەيدۇ.  

              ساقلىق -ساقلاش جەھەتتىكى بىر نەچچە زۆرۈرىيەت ۋە قائىدىلەر يەنى ھاۋا، يىمەك-ئىچمەك، ھەركەت- دەم ئېلىش، ئۇخلاش- ئويغاقلىق، تۇتۇش ۋە چىقىرىش، روھى ھالەتلەر، تازلىق، يامان ئادەتلەردىن ساقلىنىش قاتارلىقلار ھەمدە ياشانغانلار، ھامىلدارلار، بالىلار، ئاياللارنىڭ سالامەتلىگىنى ئاسراش جەھەتتىكى بىلىملەرنى تەپسىلى تونۇشتۇرىدۇ.   

              ئۇيغۇر تىبابىتى كىسەللىكلەر سەۋەپلىرىنى ئىچكى سەۋەپ ۋە تاشقى سەۋەپ دەپ 2گە بۆلۈپ، كونكىرىتنى تونۇشتۇرىدۇ. ھەرخىل كېسەللىك ئالامەتلىرىنى خېلى تەپسىلى ئېنىق كۆرستىدۇ

كېسەللىكلەرنى چوڭ جەھەتتە يالغۇز كېسەللىكلەر ۋە مۇرەككەپ كېسەللىكلەر دەپ 2تۈرگە ئايرىيدۇ. يالغۇز كىسەللىكلەرنى يەنە مىزاجىنىڭ بۇزۇلۇشى، تەركىپنىڭ بۇزۇلۇشى، پۈتۈنلۈكنىڭ بۇزۇلۇشىدىن ئىبارەت 3كە بۆلۈپ، مىزاجنىڭ بۇزۇلۇشى خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرنى يەنە ماددىلىق ۋە ماددىسىز بۇزۇلۇشى دەپ نۇرغۇن تارماقلارغا ئايرىپ بىرمۇ-بىر سەۋەپ، ئالامەت، داۋالاش ئۇسۇللىرىغىچە تەپسىلى توختىلىپ ئۆتىدۇ.

            ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىلىي تەجىربىلىرىدىن ئۆتكەن، ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش كىسەللىكلەرنى تەكشۈرۈش، تونۇپ ھۆكۈم چىقىرىش ئىلمى بار. ئۇ، قەدىمى كىتاپلاردا ئىلمى تەشخىس دەپ ئاتىلىدۇ. كېسەللىكنى توغرا تونۇپ دىئاگونوز قويۇش، كېسەللىكلەرنى دول مۇۋاپىق داۋالاپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ تۈپ ئاساسى. ئۇيغۇر تىبابىتى، تۆت ئاناسىر تەلىماتى، مىزاج تەلىماتى، خىلىت تەلىماتى، قۇۋۋەتلەر نەزىرىيسى ۋە ئادەم بەدىندىكى ھەربىر ئەزالارنىڭ خىزمەت پائالىيتى نەزىرىيلىرى ئاساسىدا ھەمدە مۇھىمى ئادەم بەدىنىنىڭ بىر پۈتۈنلىگى ۋە ئۇنىڭ تاشقى مۇھىت بىلەن بولغان بىرلىگى، زىددىيتى ئاساسىدىكى تونۇشلىرىنىڭ يېتەكچىلىگىدە كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئىچكى -تاشقى سەۋەپ ۋە باشقا ئامىللار ھەمدە ئالامەتلەرنى ۋاستىلىق ۋە ۋاستىسىز ھەرخىل تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىپ، كېسەللىكلەرگە دىئاگونوز قويىدۇ.

            تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى، قاراپ تەكشۈرۈش، تىڭشاپ تەكشۈرۈش، سوراپ تەكشۈرۈش، پۇراپ تەكشۈرۈش، سىلاپ تەكشۈرۈش، تومۇر تۇتۇپ تەكشۈرۈش يەنە چوڭ- كىچىك تەرەتلەرنى تەكشۈرۈش، قوسۇق، خەپرۇكلەرنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ بىر قاتار ئىلمى ئۇسۇل چارىلەر ئارقىلىق كېسەللىككە دىئاگونوز قويۇشتىكى بىرىنچى قول مۇھىم ماتىرىياللارغا ئېرىشىدۇ. ئۇلارنى ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىپ، سىلىشتۇرۇپ، كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى سەۋەپلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاساسى ۋە ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى ئېنىقلاپ توغرا دىئاگونوز قويۇشقا يەنى، كېسەللىكلەرنى توغرا داۋالاپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئاساس تۇرغۇزىدۇ.

            ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى داۋالاش ئۇسۇللىرىنى چوڭ جەھەتتە، ھەرخىل پەرۋىش قىلىش، تەبئى ۋە روھى چارىلەر بىلەن داۋالاش (ئىلاجى بىتتەدبىر)؛ يىمەك- ئىچمەكلەر بىلەن داۋلاش (ئىلاجى بىتتەغزىيە)؛ دورىلار بىلەن داۋلاش ( ئىلاجى بىلئەدۋىيە)؛ قول ئەمىلىيتى بىلەن داۋلاش (ئىلاجى بىليەد) دەپ 4كە ئايرىپ تەپسىلى توختىلىدۇ. ئۇيغۇر تىبابىتى كىسەللەرنى دورا بىلەن داۋلاپلا قالماستىن ئامال بار روھى تەبىئى جەھەتتە، يىمەك- ئىچمەك جەھەتتە داۋالاشقىمۇ ئىنتايىن ئېتىۋار بىلەن قارايدۇ. بۇدەل ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ نوقۇل ھالدا دورىغىلا تايانماي، «ئۈچ ئۈلۈش دورا يىسەڭ، يەتتە ئۈلۈش كۈتۈن»نى تەكىتلەپ، روھى كەيپىيات، پەرۋىش قىلىش، چىنىقىش، يىمەك- ئىچمەكلەرگە دىققەت قىلىش قاتارلىق ھەر تەرەپلىمىلىك تەبىئى ئۇسۇللار بىلەن كېسەللىكلەرنى داۋالايدىغان ئەتراپلىق مۇكەممەل سېستىمىلىق داۋالاش ئۇسۇلىلىرىنىڭ بارلىغىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.  

              ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ داۋالاش پىرىنسىپلىرى تۆت ئاناسىر، مىزاج، خىلىت ۋە قۇۋۋەت تەلىماتلىرى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، كۆپرەك مىزاجىنىڭ خىلىت (ماددا)لىق ۋە خىلىت (ماددا)سىز بۇزۇلۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەم ئۇلارنى تۈزىتىش، كونكىرىتنى ئەھۋالىنى كونكىرىتنى ئۇسۇللار بىلەن داۋالاشنى تەكىتلەيدۇ

            مىزاجنىڭ خىلىت(ماددا)سىز بۇزۇلۇشىدىن بولغان كېسەللىكلەنى ئىسسق، سوغاق، ھۆللۈك، قۇرۇقلۇقتىن دەپ 4كە بۆلۈپ ئوموملاشتۇرۇپ سۇ ئىلمىزاج سازەج دەپ ئاتايدۇ. داۋالاشتا كېسەللىك سەۋەبىگە قاراپ، قارىمۇ- قارشى ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ داۋالايدۇ، يەنى ئىسسقتىن بولسا، سوغاقلىق؛ سوغاقتىن بولسا، ئىسسىقلىق؛ ھۆللۈكتىن بولسا قۇرۇقلۇق؛ قۇرۇقلۇقتن بولسا، ھۆللەشتۈگۈچى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مىزاجنى تەڭشەيدۇ. بۇ ئىلاجى بىلئەززات دەپ ئاتىلىدۇ

            مىزاجنىڭ خىلىت(ماددا)لىق بۇزۇلۇشىدىن بولغان كېسەللىكلەرنىمۇ ئىسسىق، سوغاق، ھۆللۈك، قۇرۇقلۇقتىن دەپ 4كە بۆلۈپ، ئوموملاشتۇرۇپ سۇ ئىلمىزاج ماددى دەپ ئاتايدۇ. داۋالاشتا كىسەللىك پەيدا قىلغۇچى ماددىغا قاراپ، ماددىنى بەدەندىن چىقىرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ماددىنى پىشۇرغۇچى مۇنزىج دورىلارنى، كىيىن ماددىنى ھەيدەپ چىقىرىش (تەنقىيە قىلىش) ئۈچۈن مۇسھىل (سۈرگۈچى) دورىلارنى قوللىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن ئەھۋالغا قاراپ ئومومى بەدەن ياكى شۇ ئەزانىڭ خىزمىتىنى تەرتىپكە سالغۇچى، كۈچەيتكۈچى مۇقەۋۋىيات دورىلارنى ئىشلىتىدۇ. كېسەللىكلەر بىرخىل كەيپىياتنىڭ بۇزۇلۇشىدىنلا بولۇپ قالماي، بەلكى كۆپىنچە ئىككى خىل كەيپىياتنىڭ بۇزۇلۇشىدىن بولىدۇ. يەنى قۇرۇق ئىسسىق، قۇرۇق سوغاق، ھۆل ئىسسىق، ھۆل سوغاق بولۇپ، مىزاجنىڭ بۇ خىل بۇزۇلۇشى سۇ ئىلمىزاج ماددى مۇرەككەپ دەپ ئاتىلىدۇ. داۋالاش قائىدە- پىرىنسىپى، سۇئىلمىزاج ماددى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. مانا بۇ، كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىكى بىر چوڭ قائىدە بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

              ئۇيغۇر تىبابىتى يۇقۇرقىلاردىن باشقا يەنە كېسەللىكلەرنىڭ يالغۇز (ئاددى) كېسەللىگى ياكى مۇرەككەپ كېسەللىكلىگى، ئاساسى كېسەل ياكى قوشۇمچە كېسەللىكلىگى، نۆۋەتتە جىددى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئالامەتلىرى، ئىككىنچى قەدەمدە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك تەرەپلىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ھەرخىل زەھەرلىنىشلەردە، زەھەرلىنىشنى قايتۇرغۇچى، زەھەرنى سۇسلاشتۇرۇغۇچى، تەسىرىنى توسقۇچى دورا ۋە تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ. مەسىلەن: قان ئېلىش، قەي قىلدۇرۇش، ئاشقازاننى يۇيۇش، ھوقنە قىلىش، دورا ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئىچكۈزۈش، چوڭ- كىچىك تەرەتلەرنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىقلار. ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش، كۆيۈپ قېلىش، بوغۇملار جايىدىن قوزغۇلۇش، سۆڭەكلەر سۇنۇش، ئۈچەي توسۇلۇش، يات ماددىلار پەيدا بولۇش، ئۆت، بۆرەك، دوۋسۇندا تاش پەيدا بولۇش، ئۆسمە پەيدا بولۇش، تۇغما كەمتۈكلەرنى كۆپىنچە دەستىكارلىق (ئوپراتسىيە) ياكى جايىغا سېىلىپ تېڭىش، مۇقىملاشتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن بىر تەرەپ قىلىدۇ. بەزىلىرىنى دورا ئىشلىتىپ داۋالايدۇ. يەنى تاش ئېرىتكۈچى دورىلار بىلەن داۋالايدۇ. بەزى ھاللاردا كېسەللىكنىڭ كونكىرىتنى ئەھۋالىغا ئاساسەن گۆشىنى كۆيدۈرگۈچى، قۇرۇتقۇچى، تازلىغۇچى، يېڭىدىن گۆش ئۈندۈرگۈچى، ئىششىق قايتۇرغۇچى، توسالغۇلارنى ئاچقۇچى، تارتىشىپ قالغان قورۇلغان ئەزالارنى بوشاتقۇچى دورىلارنى قوللىنىدۇ.  

              ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى، يۇقۇرىدا سۆزلەپ ئۆتكەندەك كىسەللىكلەرنى داۋالاشتا كېسەل ئەھۋالىغا قاراپ قوشۇمچە داۋالاشلارنى ئېلىپ بارىدۇ، مەسىلەن: كېسەل مۇھىتىنى ياخشىلاش، تازىلىق قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىش، روھى جەھەتتە ياردەم بىرىش، ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن كىسەلنىڭ قۇۋۋىتىنى ساقلاپ قىلىش، ئوزۇقلىنىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ كېسەل قۇۋۋىتىنى تىكلەش، ئوزۇقلۇقلار بىلەن داۋالاش، پەرھىز بۇيرۇش، تەنتەربىيە بىلەن داۋالاش، ئومومى بەدەننى داۋالاش بىلەن بىرگە يەرلىك ئورننى داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش، ئىچى ۋە تىشىدىن داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش، كەسپنى ئالماشتۇرۇش، ھاۋا كىلىماتى مۇۋاپىق كېلىدىغان جايلارغا يۆتكەش، ھەمدە قۇياش نۇرى، ئارشاڭلار بىلەن داۋالاش، قۇمغا كۆمۈپ داۋالاش، سوغاق ئۆتكۈزۈش، چىكە، قۇلاق ئارقىسى، تاپان، ئالقان، تېقىم، كىندىك، كىندىك ئۈستى ۋە ئاستى قاتارلىق ئورۇنلارغا دورا چېپىش، تۇتۇپ، ئۇۋلاپ، سېرىپ داۋالاش، ئىستفراغ قىلىش (سۈرۈپ چىقىرىش)، قان ئېلىش، بۇرۇن ۋە تىل ئاستىدىن سۇ ئاققۇزۇش، دورا پۇرۇتۇش، ھورلاندۇرۇش، پىلتە قىلىش، ھومۇل قىلىش، فەرزىجە قىلىش، زىماد، تىلا، پاشۇيە قىلىش، لوڭقا ھىجامەت قويۇش، ئابزون قىلىش، ئىسلاش، داغلاش، كۆيدۈرۈش، زۈلۈك قۇرۇتى ئىشلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى زۆرۈرىيەتكە قاراپ تاللاپ ئىشلىتىدۇ

                دورىلار ئىلمى ۋە ياسالما نۇسخلىرى ئىلمى، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان، ئەمىلىي سىناقلاردىن ئۆتۈپ پەيدىن- پەي مۇكەممەللەشكەن بولۇپ، ئۇ، ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىك ئىشلىرىنىڭ پۈتۈن باسقۇچلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.   

              دورىلار ئىلمى، دورا ماتىرىياللىرىنى تونۇش، ئۆستۈرۈش، يېغىش، ساقلاش، ئىش قوشۇپ پىششىقلاش قاتارلىقلارنى تەپسىلى تونۇشتۇرغاندىن سىرت، دورىلارنى خۇسۇسىيتى، كېسەللىكلەر ۋە ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارغا تەسىر قىلىشىغا قاراپ 20نەچچە تۈرگە ئايرىيدۇ ھەمدە تۈرلەر بويىچە ھەربىر دورىنىڭ تەبىئىتى، خۇسۇسىيتى، تەسىرى، ئىشلىتىلىشى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى، قوشۇمچە تەسىرى، قوشۇمچە تەسىرلىرىنى تۇزىتىش چارىلىرى، دورىلارنىڭ بەدىلى(ئورۇن باسارى)، دىققەت قىلىدىغان ئىشلىرىنى تەپسىلى ئېنىق تونۇشتۇرىدۇ.

            ياسالما نۇسخىلىرى ئىلمى جەھەتتە، تارىخىي خاتىرىلەردە خاتىرلىنىشىچە بۇنىڭدىن 1400يىل ئىلگىرىلا ئۇيغۇر تىۋىپلىرى دورىلارنىڭ ياسالما شەكىللىرىنى داۋالاش ئىھتىياجىغا قاراپ ساقلاش، ئىشلىتىش ۋە ئىچىشكە ئوڭاي بولسۇن ئۈچۈن، ھەب، سۈپۈپ، قۇرس، قايناتما، چىلانما، قىيام، شەرۋەت، رۇپ، مەجۈنات، ئەرەقىيات، زىماد، مەلھەم، قەترە (كۆزگە تامغۇزۇلىدىغان)، پەرزىجە، ھوقنە شياف، ۋە باشقا ياسالمىلارنى ياساپ ئىشلەتكەن ۋە ئۇلارنى ساقلاش تېخنىكىلىرىغا ئىگە بولغان. زەھەرلىك دورىلار، كۈچلۈك تەسىر قىلغۇچى دورىلار ۋە ئادەتتىكى دورىلارنى بىر- بىرىدىن پەرىقلەندۈرگەن. دورىلارنىڭ ئىشلىتىش مىقدارىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان. ھەمدە ئەمىلىي ئىمكانىيەتكە ئاساسەن، دورىلارنى ئاددى ياكى مۇرەككەپلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش قائىدىلىرىنى بىلگەن. جۈملىدىن ئاساسى دورا، ياردەمچى دورا ۋە بەدەل دورىلارنى قوللىنىش قائىدىلىرى قاتارلىق بىر يۈرۈش نەزىرىيىۋى ۋە ئىلمى بىلىملىرى بولغان. ئۇيغۇر تىبابىتى ھازىرمۇ دورا ياسالما شەكىللىرىنى چوڭ جەھەتتە خىمىر دورىلار، قاتتىق دورىلار، تالقان دورىلار، سۇيۇق دورىلار، سىرىتتىن ئىشلىتىلىدىغان دورىلار دەپ 5تۈرگە، ھەر تۈرىنى نەچچە خىللارغا ئايرىيدۇ. يەنى خېمىر دورىلارنى: ئىتىرپىل، ئايارەج، تەرياق، لوئوق، جاۋارىش، مەجۈنات، لوبوپلارغا؛ قاتتىق دورىلارنى: بانادۇق، ھەب، قۇرسلارغا؛ تالقان دورىلارنى: سۇپۈپ، سۇنۇن، سۈرمە ۋە سەپمىلەرگە؛ سۇيۇق دورىلارنى: شەرۋەت، ئەرق، مۇراببا، گۈلقەن، چىلانما، لوئاپلارغا؛ سىرىتتىن ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنى: ياغ مەلھەم، زىماد، ھوقنە، تامچىلارغا ئايرىيدۇ. ئۇلارنىڭ تەركىۋى، مىقدارى، ياساش ئۇسۇلى، تەبئىتى، خۇسۇسىيتى، ئىشلىتىلىشى، ئىچىش مىقدارى ۋە ئۇسۇلى، دىققەت قىلىدىغان ئىشلىرى، دورا سۈرىگى، ساقلاش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى تەپسىلى تونۇشتۇرىدۇ. رېتسىپ تەركىۋىدە زەھەرلىك دورا ۋە ئىش قوشۇشقا تېگىشلىك مەدەنلەر بولسا، ياسالمىنى ياساشتىن بۇرۇن زەھەرلىك دورىلارنى قانداق مۇدەپپەر (زەھەرسىز) قىلىش، مەدەنلەرنى قانداق كۈشتە قىلىشنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ.



ئۇيغۇر تېبابىتى ھەققىدە خاتا كۆز قاراشلار

1.ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ ، ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺵ .

ﺑﯘﺑﯩﺮ ﺧﺎﺗﺎ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺵ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﻨﻰ ﭘﻪﻥ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﻻﺯﯨﻢ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻼ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﻼﺷﻘﺎﻥ ﭘﻪﻥ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﺋﺎﺑﯩﺴﺘﯩﺮﺍﻛﯩﺖ ، ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺧﺎﻻﺱ . ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﻱ ﺋﯘﻧﻰ ﭘﻪﻥ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﺴﺰ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻗﯩﻴﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﻪﻣﻪﺱ.

2.ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﭘﯧﻨﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ .

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻪﺭﻛﯩﻠﯩﮕﯜﭼﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﺧﻪﻟﯩﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻛﯜﻧﻰ ﯞﻩ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﯧﻨﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ . ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ . ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﯞﻩ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻐﺎ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻐﺎ ﺋﯧﮕﻪ . ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﭽﻪﺷﻜﻪ ﯞﻩ ﭼﯚﻛﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﭘﯧﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭﻯ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ . ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻲ ﺳﺎﻳﻤﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ﺑﯧﻴﯩﺘﯩﺶ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ .

3.ﻣﯧﻐﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ، ﺷﺎﻛﯩﻠﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ ، ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﻠﻤﯩﻴﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﻳﻮﻟﺪﺍﺵ ﻣﺎﯞﺯﯨﺪﯗﯓ 1956-ﻳﯩﻠﻰ <<ﺋﻮﻥ ﭼﻮﯓ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ>>ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﯩﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯘ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﺪﯦﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺳﻪﺳﯩﺪﻩ ، ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﺎ ، ﺟﻮﯕﮕﻮ ﯞﻩ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﻗﺎﺭﻏﯘﻻﺭﭼﻪ ﯞﻩﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ، ﻓﯩﺌﻮﺩﺍﻟﻠﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻟﯩﺰﯨﻢ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﻘﺎﻧﯩﺪﻯ . ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ، ﻧﻮﻗﯘﻝ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻣﯧﻐﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﻳﻪﻧﻰ ﻧﻪﺝ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﯞﺍﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ، ﺷﺎﻛﯩﻠﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯞﯦﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺩﯨﻴﯩﻠﺴﻪ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ، ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺧﺎﺗﺎ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﺋﻪﺭﯨﺴﻰ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﯟﻯ ﺩﻭﺭﺍ ﺳﯧﺘﯩﻘﭽﯩﻠﻘﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﻼﺷﻘﺎﻥ ، <<ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ>>ﮬﻪﻡ <<ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ>>ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺋﯧﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ، <<ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ >>ﻗﯩﺴﻤﻰ<<ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ>>ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﻳﯩﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﭘﻪﻥ . ﺷﯘﯕﺎ ﺷﺎﻛﯩﻠﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ، ﻣﯧﻐﯩﺰﻯ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﯨﻤﻪﻱ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﺍ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﯨﺒﭙﯩﻨﻰ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﻤﯩﺰ ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯧﺰﺩﯨﻦ ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ، ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﻪ ﺋﻪﮔﺮﻯ ﻳﻮﻟﻼﺭﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺴﯩﻼ ﺑﺎﺭ ، ﺩﻭﺭﯨﺴﻰ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﻪﺗﻨﻰ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﺭﯨﺴﻰ ﺗﻪﯓ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ .

4.ﭼﻪﺕ ﻳﺎﻗﺎ ﺭﺍﻳﻮﻥ ، ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ، ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ ﺭﺍﻳﻮﻥ ، ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ .

ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ، ﭼﻪﺕ ﻳﺎﻗﺎ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺳﯚﺯ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯ . ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ ﯞﻩ ﺳﺎﮬﻪﻟﻪﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﯩﻦ ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﻩﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯚﻧﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﺎﺯﺍ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﺪﺍ ، ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺗﻪﯓ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﺘﻪ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻛﻮﻧﺎ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﯚﻟﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ، ﺗﯩﻠﻪﺵ ، ﺑﯩﭽﺎﺭﯨﻼﺭﭼﻪ ﻳﯧﻠﯩﻨﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻣﺎﯕﺴﺎ ، ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺕ ، ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ، ﺗﯩﺮﯨﺸﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ، ﮬﻮﺭﯗﻧﻠﯘﻕ ﮬﺎﻟﯩﺘﻰ ﺋﻪﯞﺝ ﺋﯧﻠﯩﭗ ، ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﻳﯜﮔﯜﺭﮔﻪﻧﺴﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﻪﺕ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ . ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﻪﺕ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ ، ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯞﻩ ﺗﻮﻏﺮﯨﻼﭖ ، ﺭﻭﮬﻠﯘﻕ ، ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻪﻙ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﯨﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﯩﯩﺸﻰ ،ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﭖ ، ﻳﯘﺭﺗﻘﺎ ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻗﻮﺷﯘﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ .

ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻨﻰ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻼﺭ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ، ﺑﺎﺗﯘﺭﻻﺭ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﻳﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﺎﻻﻳﺪﯗ ،ﮬﻮﺭﯗﻧﻠﯘﻕ ﯞﻩ ﭼﯩﭽﯩﻼﯕﻐﯘﻟﯘﻕ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﻻ - ﻗﺎﺯﺍﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ . ﺷﯘﯕﺎ ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺕ ﯞﻩ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻼ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﺗﯘﺭ ، ﺑﺎﻱ ﯞﻩ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯗ .

5.ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﺷﯩﭙﺎﺧﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ، ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺵ

ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﻫﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﯲﮔﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﻨﻰ ﯲﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﯪﻟﻐﺎﻥ ﭘﻪﻥ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﯪﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﻤﯩﻐﺎﻥ ﯪﻳﺮﯨﻢ ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﺗﻼﻡ ﯮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﻯ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﺷﯩﭙﺎﺧﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﯬﻫﯟﺍﻟﻰ ، ﭘﯩﻜﯩﺮ -ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻻﻫﯩﻴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯪﯕﻼﺷﻘﺎ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﯪﺟﺮﺍﺗﻤﺎﻱ ، ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ، ﯪﻳﺮﯨﻢ ﺷﯩﭙﺎﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﻯ ﺳﻪﯞﻩﻧﻠﯩﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻫﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻫﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﻨﯩﯔ ﯲﺯﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﺷﯩﭙﺎﺧﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﯞﺍﺗﯩﺪﯗ ، ﺑﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﯬﻫﯟﺍﻝ ﯬﻣﻪﺱ . ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺭﻩﺩﺩﯨﻴﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻤﯩﺰ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻫﯚﺭﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .

6.ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺗﯧﯟﯨﭙﺘﯩﻦ ﯴﺳﺘﯜﻥ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ، ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ

ﺑﯘﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ ﻳﻮﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻏﻪﺭﯨﺐ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩ . ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﯬﻧﯭﻧﯩﯟﻯ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﯩﻦ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﺗﯧﯟﯨﭙﻠﯩﺮﻯ ﺗﯧﯟﯨﭗ ﺩﻩﭖ ﯪﺗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺗﯧﯟﯨﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﻛﺎﺗﯧﮕﻮﺭﯨﻴﻪ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﯰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮ ، ﻣﯘﻧﺴﯩﯟﯦﺘﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﺵ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ . ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﺗﯧﯟﯨﭙﻼﺭﻧﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻰ ، ﺗﯧﯟﯨﭙﻼﺭﻣﯘ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭ ﯰﺳﯘﻟﯩﺪﯨﻦ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺳﺎﻳﻤﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ .

7.ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﯬﺳﻪﺭ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻗﺘﺎ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ، ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯚﺯﻗﺎﺭﺍﺵ

ﺑﯩﺮ ﺧﻪﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﯲﺗﻤﯜﺷﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﯬﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻤﯘ ﺗﯘﺗﯘﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﯴﭼﯜﻥ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﯬﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﯪﺟﯩﺰﻟﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺸﻘﺎ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .

8.ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺗﯧﯟﯨﭙﻠﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﻭﺭﯨﮕﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ

ﺗﯧﯟﯨﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ، ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﻛﻪﯓ ، ﻛﻪﺳﯩﭙﻜﻪ ، ﯬﻝ - ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ ﯞﻩ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﻏﺎ ﻣﻪﺳﯱﻟﯩﻴﻪﺕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ، ﯮﻳﯘﻥ ﺗﺎﻣﺎﺷﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﯪﻟﺪﯨﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺑﻪﺕ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﻳﯧﺰﯨﺸﻨﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﺎﭼﺎﺭﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﯧﯟﯨﭙﻼﺭ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﻨﻰ ﺋﯧﮕﻪﻟﻠﻪﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ ،ﺳﺎﺩﺩﺍ ، ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺧﻪﻟﯩﻘﻘﻪ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺩﻭﺭﺍ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﭗ ، ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺎﺭﻯ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ ، ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﯪﺭﻗﯩﻐﺎ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ . ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﻯ ﯪﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ .

9.ﻳﯜﺭﯛﺵ ﺗﯘﺭﯗﺷﺘﺎﺗﯧﯟﯨﭙﻠﯩﻖ ﯮﺑﺮﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ .

ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺗﻪﺑﯩﯭﺗﻠﯩﻚ ﯪﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯰﻟﯘﻍ ﻛﻪﺳﯩﭗ ، ﺷﯘﯕﺎ ﺗﯧﯟﯨﭙﻼﺭ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺗﻪﺑﯩﯭﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﻛﯧﻴﯩﻨﯩﺸﻰ ؛ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﺗﯘﺭﯗﺵ ، ﮔﻪﭖ ﺳﯚﺯ ﯞﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﺎﯪﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﯪﻻﻫﯩﺪﻩ ﺩﯦﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ؛ﯲﺯﯨﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﺸﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ؛ ﭘﺎﻛﯩﺰ ، ﯬﺩﻩﭘﻠﯩﻚ ﻳﯜﺭﯛﺷﻰ؛ﺳﻪﻟﺒﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﯲﺯﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ، ﯪﻣﻤﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﺑﯩﻤﺎﺭﻏﺎ ﺳﻪﺕ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻳﺎﻗﺎ-ﭼﻪﺕ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﻪﺕ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺳﻪﺭﯨﭗ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ، ﯰﻳﯘﻥ ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .

10.ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﯨﻴﯩﺶ

ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯰﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ، ﯰ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺑﯩﺮ -ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺷﻪﺧﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﯬﻣﻪﺱ . ﯰ ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ - ﺧﻪﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ . ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯬﻫﯟﺍﻟﻼﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ . ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﯪﯬﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﺧﺴﻰ ﻣﯜﻟﻜﻰ ﯬﻣﻪﺱ ، ﯰﻧﻰ ﻛﯩﻢ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯗ . ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺭﯦﻘﺎﺑﻪﺕ ﺩﻩﺭﯞﯨﺪﻩ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﻨﻰ ﯮﭼﯘﻕ ﻛﻪﺳﯩﭙﻜﻪ ﯪﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ، ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ، ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .

11.ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﻮﻗﯘﻝ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺑﺎﻏﻼﺵ

ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺕ ﻣﯩﺮﺍﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻫﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﮕﻪ ﯪﻳﺎﻥ . ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﯰﻧﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﺘﺎ ، ﻧﻮﻗﯘﻝ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﯰﻧﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﯩﺘﻰ ﯴﭼﯜﻥ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﺎﺗﺎ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﻫﯩﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﯪﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﯮﺭﯗﻧﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺵ ، ﭘﻪﻥ - ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﺎ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺑﯘ ﺷﯘ ﺳﺎﻫﻪﻧﻰ ﯞﻩ ﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻧﺎﺑﯘﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﭼﯜﺷﻪﻛﺘﯩﻦ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ، ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ- ﭘﻪﻥ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﻣﻪﻧﭙﻪﯬﺕ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﺭﺍﻕ ﺗﯘﺭﯗﻏﯘﺯﯗﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .

12.ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﺘﻪ ﺳﺎﺩﺩﺍ ﯞﻩ ﭘﺎﻙ ﻫﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ﻛﯘﭘﺎﻳﻪ ، ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺵ .

ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻫﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﭘﺎﻙ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻼ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺷﻪﺧﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻭﻟﻰ ﯞﻩ ﺗﯚﻫﭙﯩﺴﻰ ﯪﻧﭽﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﻧﻤﻪﻳﺘﺘﻰ ، ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ، ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺕ ﯞﻩ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﯕﯜﻝ ، ﭘﺎﻙ ﻫﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺗﻪﺭﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﻟﯘﻗﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺷﯘﯕﺎ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﺎﻙ ،ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻫﯩﺴﺴﯩﻴﺎﺗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ، ﻳﻪﻧﻪ ﭘﻪﻥ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ، ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﯬﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻛﯜﭺ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ، ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﯪﻧﺪﯨﻦ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﭘﯘﺕ ﺗﯧﺮﻩﻙ ﺗﯘﺭﺍﻻﻳﺪﯗ .

13.ﻏﻪﺭﯨﺐ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﻠﯩﺮﻯ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﻨﻰ ﯲﮔﻪﻧﻤﯩﺴﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯗ ، ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺵ

ﻫﺎﺯﯨﺮ ﯪﻳﺮﯨﻢ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﯮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﻨﻰ ﯲﮔﻪﻧﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﻛﯜﻧﯩﻤﯩﺰ ﯲﺗﯩﺪﯗ ، ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﯬﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﭘﯘﺭﯨﻘﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﺟﻤﻪﻝ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﯪﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺪﻯ ، ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﯪﺷﻜﺎﺭﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻳﯜﺭﻣﻪﻛﺘﻪ . ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﭘﯘﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﻨﻰ ﻫﯧﺴﺎﺑﻘﺎ ﯪﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﯰﻳﻐﯘﺭ ﯸﺘﺒﺎﺑﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﻪﻧﺴﯩﺘﻤﯩﮕﯜﺩﻩﻙ ﻫﯧﭽﻨﯩﻤﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻥ ، ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﯬﻧﯭﻧﻪ . ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﻤﯘ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﺴﯩﺰﺩﯗﺭ .

14.ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﻨﻰ 1~2ﯪﻳﺪﯨﻼ ﯲﮔﯩﻨﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ، ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺵ

ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﯲﺯﯨﻨﯩﻤﯘ ، ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﻨﯩﻤﯘ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﺋﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ . ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﯩﻼ ﻛﯚﺭﯛﭖ ، ﻣﺎﻫﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ ، ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻧﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯱﻟﯩﻴﻪﺗﯩﺴﯩﺰﻟﯩﻚ . ﺑﯘﻧﺪﺍﻗﻼﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻴﺎﻟﯩﺴﯘﻥ ؟؟

15. ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺭﯨﺘﺴﯩﭗ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ

ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩ ﯬﻣﻪﺱ . ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﯞﻩ ﻣﺎﻛﺎﻧﺪﺍ ﻧﯩﺴﯩﻲ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﯧﯟﯨﭗ ﯞﻩ ﺩﻭﺭﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﯰﺯﯗﻥ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯲﺯﻯ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﯬﻫﯟﺍﻝ . ﺑﯘ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﺎﻫﻪ ﯞﻩ ﻛﻪﺳﯩﭙﺘﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﺪﯨﻤﯘ ﻧﯩﺴﭙﯩﻲ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺭﯦﺘﺴﯩﭙﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ ﯬﻟﯟﻩﺗﺘﻪ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺭﯦﺘﺴﯩﭗ ﺩﯨﻴﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﺭﯦﺘﺴﯩﭙﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﺍ ﯞﻩ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺭﯦﺘﺴﯩﭙﻼﺭﺩﯗﺭ . ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺗﯧﯟﯨﭙﻼﺭ ﺷﯘ ﺭﯦﺘﺴﯩﭙﻼﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭ ﯞﻩ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻘﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭘﻼ ﯴﻧﯜﻡ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺑﻪﺯﻯ ﻳﺎﺵ ﺗﯧﯟﯨﭙﻼﺭ ﯲﺯﻯ ﺗﯧﺮﯨﺸﻤﺎﻱ ، ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺳﻪﯞﻩﺑﻨﻰ ﭘﯩﺸﻘﻪﺩﻩﻡ ﺗﯧﯟﯨﭙﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﯦﺘﺴﯩﭙﻼﺭﻧﻰ ﯪﺷﻜﺎﺭﯨﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﭖ ، ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺭﻭﻫﻲ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﻳﯜﻛﯩﻨﻰ ﯪﺭﺗﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ، ﭼﯜﺷﻜﯜﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻛﯜﻥ ﯲﺗﻜﯜﺯﻣﻪﻛﺘﻪ . ﯲﺯﯨﺪﻩ ﻣﻪﺳﯱﻟﯩﻴﻪﺕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ، ﯲﺯﻯ ﺑﺎﺵ ﻗﺎﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﯬﻣﮕﻪﻙ ﻣﯧﯟﯨﺴﯩﮕﻪ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﯲﺯﻯ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﯩﺴﺘﻠﯩﺪﯗﺭ . ﯰﻧﯩﯔ ﯴﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﯴﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺭﯦﺘﺴﯩﭙﻼﺭ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ ﺩﯙﻟﻪﺕ ، ﯲﻟﻜﻪ ﯞﻩ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﯮﺭﯗﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻧﺪﯨﻼ ، ﯪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﯞﻩ ﯻﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﯴﻧﯜﻡ ﻳﺎﺭﯨﺘﺎﻻﻳﺪﯗ . ﺷﯘﯕﺎ ﻳﺎﺵ ﺗﯧﯟﯨﭙﻼﺭ ﯲﺯ ﯪﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ - ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯜﺯ ﻳﯚﻩﻧﻠﯩﻚ <<ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺭﯨﺘﺴﯩﭗ>>ﻗﺎﻳﻨﯩﻤﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻱ ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﻣﻪﻧﭙﻪﯬﺕ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﯞﻩ ﯴﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺭﯦﺘﺴﯩﭙﻼﺭﻧﻰ ﯬﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﻳﻪﻛﯜﻧﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﯴﺳﺘﯩﺪﻩ ﺑﺎﺵ ﻗﺎﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ .

16.ﯲﺯ ﯪﺭﺍ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﻘﻘﯩﻼ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ، ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻛﯚﻳﯜﻧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺧﺎﻫﯩﺸﻰ

ﯰﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﯲﺯ ﯪﺭﺍ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻟﯩﻖ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﯬﻧﯭﻧﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺳﻪﻫﯩﻴﻪ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﯬﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻠﻠﯩﻘﻘﺎ ، ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ﺗﯜﺯﯛﻣﮕﻪ ﺋﯧﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﯮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ، ﻳﯧﻘﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺧﺎﻫﯩﺸﻰ ﯬﯞﺝ ﺋﯧﻠﯩﭗ ، ﯪﻣﺎﻝ ﺑﺎﺭ ﯲﺯ ﯪﺭﺍ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﺵ ، ﻗﯘﻻﻳﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ، ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﻳﯚﻟﻪﺵ ، ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﯩﺴﺘﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﺳﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﺶ ... ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﺎﻗﺘﺎ . ﺑﯘ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻗﻘﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﯮﺭﯗﻧﺴﯩﺰ ﻏﻮﯞﻏﺎﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﻪﺷﺘﻪﻙ ﻛﯚﺭﯛﻧﺴﯩﻤﯘ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯞﻩ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﯬﻫﻠﯩﻨﯩﯔ ﯬﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ، ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ، ﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ . ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯚﯕﯜﻟﭽﻪﻛﻠﯩﻚ ، ﭼﯧﭽﯩﻼﯕﻐﯘﻟﯘﻕ ﯞﻩ ﺳﺎﺩﺩﺍ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻟﯩﻖ ﯪﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯮﺭﯨﻨﯩﻨﻰ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ، ﯬﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ، ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﯮﺑﯩﻴﻜﺘﯩﭗ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ . ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭ ﯪﻧﭽﻪ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﭘﺎﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﯪﻧﭽﻪ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﻣﺎﺧﺘﺎﭖ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﻮﻟﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﯮﺯﯨﻨﯩﯔ ﯪﺩﺩﯨﻲ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺮﯨﺒﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﯪﺩﻩﺗﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﺸﻰ ، ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺕ ﻣﯩﺨﺎﻳﻨﯩﺰﯨﻤﻨﻰ ﯮﺭﻧﯩﺘﯩﭗ ، ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻧﻰ ﯲﺯ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﻩ ﻳﺎﺭﻩﺗﻘﺎﻥ ﯬﻣﻪﻟﯩﻲ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ، ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﯬﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﯨﻐﺒﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ، ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﻣﻪﺩﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻣﻪﻧﭙﻪﯬﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻻﻳﺎﻗﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ، ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ، ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﻮﻟﻠﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ، ﯰﻻﺭﻧﻰ ﯰﻧﯟﺍﻥ ﺋﯧﻠﯩﺶ ، ﻳﯩﻐﯩﻨﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﯪﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﻻﺯﯨﻢ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻏﺎ ، ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻛﯚﻳﯜﻧﮕﻪﻥ ، ﻛﻪﺳﯩﭗ ﯬﻫﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯ ﯪﻧﺎ ﻛﻪﺳﭙﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﯚﻳﯜﻧﮕﻪﻥ ، ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .

17. ﻫﻪﺭﺧﯩﻞ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﻫﺎﻻﺷﺘﺎ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﯲﻟﭽﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺧﺎﻫﺸﻰ .

ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﯲﺯ ﯪﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﺎ ، ﻳﻪﻧﻰ ﯰ ﯪﺳﺎﺳﯩﻲ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﻪ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ، ﯬﻣﻪﻟﯩﻲ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ، ﺩﻭﺭﯨﮕﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻛﯜﺗﯜﺵ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﯩﺪﯗ . ﯰﻳﻐﯘﺭﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﯲﺯ ﻗﺎﻧﻮﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﯪﺳﺎﺳﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﻫﻪﻕ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﮕﻪ ﯲﺯ - ﯲﺯ ﺩﯨﻦ ﺑﺎﻫﺎﻟﯩﻨﺎﻻﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﻏﻪﺭﯨﺐ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯲﻟﭽﻪﺵ ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﯪﺩﺩﯨﻲ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻏﻪﺭﯨﭗ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﯲﻟﭽﻪﺵ ، ﻻﺗﯩﻨﭽﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﯞﻩ ﻓﯧﺰﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﻓﻮﺭﻣﯘﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﯪﻟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﯪﺩﯨﻠﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﯲﺯ ﯮﺭﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺳﺎﻳﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯮﺑﺪﺍﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ، ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﯮﺭﯗﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﯩﭗ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﯞﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺗﯧﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ، ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻼﺭﻟﯩﻖ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .

18. ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﯞﻩ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻧﻰ ﻳﯜﺭﻩﻛﻠﯩﻚ ﯮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺵ

ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺕ ﯞﻩ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﯩﺶ ،ﻓﺎﻧﺘﺎﺯﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺗﻪﻫﻠﯩﻠﻠﯩﻚ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﺩﯨﻦ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﯰﻧﯩﯔ ﯴﺳﺘﯩﮕﻪ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﯮﻥ ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺗﯧﺒﺒﻲ ﺧﺎﺩﯨﻢ ﺑﯩﺮﻻ ﯞﺍﻗﯩﺘﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﯮﺧﺸﺎﺵ ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ ﯮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯬﻫﯟﺍﻟﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ . ﯬﻗﻠﯩﻲ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﯲﻟﭽﯩﻤﯩﮕﻪ ﯪﺳﺎﺳﻪﻥ ، ﻛﯩﻢ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭﻧﻰ ﯬﯓ ﺑﯘﺭﻥ ﯮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﺎﻟﯩﺴﺎ ، ﭘﺎﺗﻨﯩﺖ ﻫﻮﻗﯘﻗﻰ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺷﯘﯕﺎ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﺧﺎﺩﯨﻤﻰ ﻛﻪﺳﭙﯩﻴﮕﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﯞﻩ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﺴﺎ ﯞﻩ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯗ . ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻠﻬﺎﻣﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ، ﺷﯘ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﯧﯖﻰ ﻗﺎﺭﺷﻼﻧﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﮔﻪ ﺳﻪﯞﻩﭘﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﻻﺯﯨﻢ .

19.ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﯞﻩ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯦﺘﻰ .

ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﺘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ، ﺳﺎﭖ ﻧﯩﻴﻪﺕ ، ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻫﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺕ ، ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻛﯜﭺ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻼ، ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺗﻼ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭘﯘﻝ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ، ﺷﯘ ﺷﯩﭙﺎﺧﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﯮﺭﻧﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻧﻰ ﻳﯜﻛﺴﻪﻟﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪ ﯬﻫﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ

مەنبە: تور ( مەن كۆرگەن مەنبەدە ماقالە ئىگىسى ئەسكەرتىلمەپتىكەن، مىنىڭ پەمىمچە ئەخمەتجان ئىسمايىل بولىشى مومكىن)

مىزاج دىگەن نىمە؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن،سىز ۋە بىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئىنسان ھاياتىىڭ كاپالىتى -ساقلىقتۇر.

ساقلىقىمىز ئۈچۈن بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ تەن ئالاھىدىلىكىنى چۈشۈنىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ،چۇنكى ساقلىق بولمىسا ھاياتنىڭ ئڭ چونە كۈشەندىسى بولغان ھەرخل كىسەللىك ۋە ئۆلۈم بىزگە سايە تاشلايدۇ.

ئۇنداقتا بىز ئالدى بىلەن نىمىگە دىققەت قىلىشىمىز، نىمىنى چۈشۈنىشىمىز كېرەك؟بۇنىڭغا بىزنىڭ مىللى تىبابىتىمىز – مىزاجنى چۇشۇنۇشىمىز كىرەك دەپ جاۋاپ بىرىدۇ. ئۇنداقتا مىزاج دىگەن نىمە؟ جاۋاپ:تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق جانلىقلار ئوت،ھاۋا،سۇ،تۇپراقتىن ئىبارەت تۇت ئاناسۇردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ھەرقانداق شەيئى ۋە ئادەملەرمۇ بۇ تۇت بىرلىكتىن تۈزۈلگەن ئورگانىك گەۋدىدۇر.ئۇ ئادەم بەدىننى تەشكىل قىلغاندا ،ئۇنىڭدىكى ئىنتايىن كىچىك بولغان قارمۇ-قارشى كەيپىياتتىكى بۆلەكلەر ئۆز – ئارا قوشۇلۇش ئارقىىلىق يېڭى كەيپىيات،روھى ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ، مانا بۇ مزاج دەپ ئاتىلىدۇ.

ئىنسانلاردىكى مىزاجنىڭ تۈرلىرى

مىزاج ئىرسىيەت يولى بىلەن ئەجدادتىن ئەۋلادقا مىراس قالغاندا مەلۇم بىر خىل مىزاج ۋە شۇ مىزاج پەيدا قىلغان بەلگە، مىزاجىنىڭ ئاساسى بولغان تۆت ماددا (تۆت خىلىت ) نىڭ ئۆز ئارا تەسىرلىشىشى نەتىجىسىدە ، مەلۇم بىر خىلت كەيپىياتىنىڭ ياكى بىر خىلدىن ئارتۇق خىلىتلارنىڭ گىرەلەشمە كەيپىياتىنىڭ تىپىكرەك ئىپادىلىنىپ چىقىشىغا قارىتىلغان بولۇپئالامەت ۋە مىجەزنىڭ روشەن ئىپادىلىنىپ چىقىش ياكى چىقالماسلىقىغا ئاساسەن

قان (ھۆل ئىسسىق،ھاۋانىڭ بەدەندىكى زاھىرى ) مىزاج، سەپرا(قۇرۇق ئىسسىق،ئوتنىڭ بەدەندىكى زاھىرى) مىزاج، بەلغەم ( ھۆل سۇغۇق،سۇنىڭ بەدەندكى زاھىرى) مىزاج، سەۋدا ( قۇرۇق سۇغۇق،تۇپراقنىڭ بەدەندىكى زاھىرى ) مىزاج قاتارلىقلاردىن ئىبارەت تۆت تۈرگە بۆلىنىدۇ. بۇلارنىڭ بەدەندىكى سۈمۈرلىشى،ھەركىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلارغا ئاساسەن ئىنساننىڭ تەبئتى :قۇرۇق ئىسسىىق،ھۆل ئىسسىق،ھۆل سوغۇق،قۇرۇق سوغۇق دىگەن تۈرلەرگە بۆلنىدۇ.

مىزاجنىڭ يۇقىرىقى تۈرلىرىنىڭ مەلۇم بىر خىلىنىڭ مەلۇم بىر يەككە تەن ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ، شۇ تەننىڭ ئەجدادلىرىدىكى ئېرسىي ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ شۇ تەننىڭ ھەر قايسى ھاياتلىق باسقۇچلىرىغا مايىللىشىپ ئۆزگىرىشىدىن باشقا ، تەبىئىي تۇراقلىق ھالەتنى ساقلاپ تۇرالىشى ساغلاملىقنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ . ئەكسىچە ، ئۇ ئۆزگىرىپ تەبىئىي تۇراقلىق ھالەتنى يوقاتسا ، تەندە شۇ ئۆزگىرىشكە مۇناسىۋەتلىك بەلگە ، ئالامەتلەر ياكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى يۈز بېرىدۇ .

دېمەك ، تەبىئىي مىزاج – بەدەننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ھەمدە تاشقى بەش ئەزادا ئۆز ئىپادىسىنى بىۋاسىتە گەۋدىلەندۈرىدىغان مەۋھۇم كۆرسەتكۈچ .

بىز كىلىنلىكىق داۋالاش ئىشلىرى ۋە ھاياتلىق مۇساپىمىزدە مىزاجنىڭ ماھىيىتى ۋە تۈرلىرى توغرىسىدىكى قانۇنىيەتنى پۇختا ئىگەللەپ ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئۇنىڭ تەبىئىيلىكىنى ساقلاپ ، نورمالسىز ئۆزگىرىشنىڭ ئالدىنى ئالساقلا ، مىزاج بۇزۇلۇش كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ، تەبىئىي ھاياتلىقنىڭ ساغلام داۋام قىلىشىغا مۇئەييەن تۆھپىلەرنى قوشالايمىز .



قايسى خىل مىزاجغا تەۋە ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىۋېلىڭ

قۇرۇق ئىسسىق مىزاج:قۇرۇق ئىسسىق مىزاج كىشىلەرنىڭ كۆزئېقى سارغۇچراق ،ئېغىزتەمى ئاچچىق كېلىدۇ. گېلى قۇرۇپ،كۆپ ئۇسسايدۇ.بەدىنى دائىم قىززىق تۇرغاچقا ،سۇغۇق ھاۋادا يۇرۇشنى ۋە سۇغۇق يىمەكلىكلەنى ئىستىمال قىلىشنى خالايدۇ .تومۇرى كۇچلۇك ۋە تىز سوقىدۇ،كىچىك تەرىتى قىزىلغا مايىل سارغۇچ كېلىدۇ.بۇخىل مىزاجلىق كىشىلەرنىڭ ئاچچىقى يامان ،ھەركىتى تىز ،سەزگۇر ،ئالدىراڭغۇ ،ھېسياتى كۇچلۇك ،ئوزىنى تۇتىىۋىلىش ئىقتىدارى ئاجىز،ئۇيقۇسى ئازبۇلىدۇ ،كۆپرەك نېرۋا ،جىگەر ۋە ھەزىم قىلىش ئەزالىرى كىسىلى بىلەن ئاغرىيدۇ،بۇنداق كىشىلەرگە تەبى قۇرۇق ئىسسىق يېمەك -ئىچمەك ۋە دۇرىلار ماس كەلمەيدۇ.



ھۆل ئىسسىق مىزاج:بۇ ئىنسانلار مىزاج ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسى بۇ لوپ ،بۇنداق مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ بەدەن ھارارىتى ئۇستۇنرەك ،تىرىسى سىلىق ،چىرايى نۇرلۇق ،قىزىل كېلىدۇ،تۇلا ئەسنەيدۇ،ئۇيقۇسى كۆپرەك بولىدۇ،بۇنداق مىزاجدىكى كىشىلەر كۆپرەك تىرە كېسىلى ،يۇرەك قان تومۇر كېسەللىكرىرىگە گىرىپتار بولىدۇ.بۇخىل مىزاجدىكى كىشىلەر خۇش پېئىل ،ئوچۇق ئەقىل -پاراسىتى ۋە پىكىر قىلىش قابىلىيتى ئوتتۇراھال بۇلۇپ ،سىرتقى تەسىراتقا بۇلغان ئىنكاسى كۇچلۇك بولىدۇ ھەم ئۇزىنى تۇتۇۋىلىش نى بىلىدۇ.بۇخىلدىكى كىشىلەر ئادەتتە تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق غىزالار بىلەن ئوزۇقلانسا مۇۋاپىق .



ھۆل سۇغاق مىزاج:بۇ خىل مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ رەڭگى ئاق ،لەۋلىرى تومراق ،تېرە ئاستى ماي قاتلىمى كۆپ ،بەدىنى يۇمشاق ھەم سۇغۇقراق كېلىدۇ،بۇ خىلدىكى كىشىلەر ئېغىر- بىسىق بىغەم كېلىدۇ ،ئاسان ھاياجانلانمايدۇ ،جىسمانىي ھەم ئەقىل -پاراسەت جەھەتتە قۇرۇق ئىسسىق مىزاج كىشىلاردىن ئاجىزراق بولىدۇ .بۇنداق كىشىلەر سۇغۇقتىن بۇلىدىغان كىسەللىكلەر ،يەنى بۇغۇم ئاغرىقلىرى ،پالەچ كىسەللىكلىرىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ،



ھۆل ئىسسىق مىزاج:بۇخىل مىزاجدىكى كىشىلەر بەدىنى چىڭ ،ئورۇقراق كېلىدۇ ،تىرە ئاستى ماي قاتلاملىرى بەكمۇ تەرەققى قىلمىغان بۇلۇپ ،ئۇيقۇسى ئاز بولىدۇ ،بۇ خىلدىكى كىشىلەر ئاسان تەسىرلىنىدىغان ،خىيالپەرەس ،ھىسياتى كۇچلۇكرەك بۇلغاچقا ،ئەمىلىيەتتىن يىراق پىكىرلەنى قىلىدۇ،سەلبىي پىكىر قىلىشقا ۋە روھى ئازاپ چىكىشكە مايىل كېلىدۇ .بۇ خىلدىكى كىشىلەر روھىي كىسەل ۋە نىر ۋا خاراكتىرلىك يۇرەك كىسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ .



-مەنبە-غازىباي ئۇيغۇر تىبابىتى مۇنبىرى

xipagar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-8 20:24:23

تىبابىتىمىزنىڭ تەرەقىياتى ئۇچۇن داۋاملىق تىرىشايلى   \"\"

arislan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-9 10:34:47

بىر سوئالغا جاۋاب بەرسەم قانچە پۇل؟



ھەممىگە جاۋاب بەرسەمچۇ ؟
بەت: [1]
: ئۇيغۇر تېبابىتى نەزەرىيە ئاساسلىرىدىن سوئاللار