نوچى بوساڭ ماندا شېئىر ياز
قىمارۋازلىق قىلمىشىنى قامچىلايلى قەرەلسىز‹‹ق››ھەرپىدىن باشلانغان شېئىر
ئابلاجان راخمان تىكەن
قىمارۋازلىق قىلمىشىنى قامچىلايلى قەرەلسىز،
قەلىبلەرگە قونمىسۇن، قەلبى قاراقىمارۋاز.
قەبىھلەرچەقېدىرىپقامچىلايلى قەتئىلا،
قەدىناسنى قەرزگە قاتلىۋەتكەن قىمارۋاز.
ئانا تىلىمىزنىڭ گۈزەللىكىنى ما شېئىردىن ھىس قىمماي تۇراممايسىز. نوچى بوسىڭىز مۇشتا يىزىڭ.
قىمارۋازلىق قىلمىشىنى قامچىلايلى قەرەلسىز،
قەلبى قاقاس قەھرىتانقىزىلكۆزدۇرقىمارۋاز.
قىمارۋازلار قويماقچى قوتاندىكى قويلارنى،
قۇرۇلتايدا قانۇندا قامچىلاندى قىمارۋاز.
قىمارۋازلىق قىلمىشىنى قامچىلايلى قەرەلسىز،
قانۇنلارنى قوغدايلى،قولغا قاپلاپ قېلىچنى.
قەلبى قارا قۇياشسىز قارقۇيۇندۇر قىمارۋاز،
قامچىلايلى قەدرىسىز قىمارۋازلىق قىلمىشنى.
قىمارۋازلىق قىلمىشىنى قامچىلايلى قەرەلسىز،
قىمارۋازدىن قورقمايلى،قاماقخانىغا قامايلى.
قانۇنلارغا قاندۇرۇپ قۇل قىلايلى قەدىناس.
قىمارۋازنى قۇللىماي قەدرىمىزنى قىلايلى. ئەخلەت ئىكەنلىكىنى ماۋزۇسىدىنلا بىلگەنتىم... @ziyali يۇمۇر ھىساۋىدا تەستىقلاپ قويۇپتۇدە.{:92:} تۈنۈگۈن كۆرگەن بۇ شېئىرنى مەن،ھەممىلا يەردە تۆكمە بوپتىغۇ بۇ شېئىر{:92:}
@ziyaliنېمىنى ئويلاپ قالغاندۇ بۇ ئاداش @batman نوچىلىق بىلەن پوچىلىق جاننى قىينايدۇ . ئىملادىكى خاتالىقنى دېمىگەندە يامان ئەمەس چىقىپتۇ.
«ق» دىن باشلانغان سۆزلەردىن بۇنداق شېئىر قوراشتۇرۇشمۇ ئاسان ئەمەس.
3- قەۋەتتىكى Yurtbexiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تۈنۈگۈن كۆرگەن بۇ شېئىرنى مەن،ھەممىلا يەردە تۆكمە بوپتىغۇ بۇ شېئىر
@ziyaliنېمىنى ئويلاپ قالغاندۇ بۇ ئاداش
دېمەك، شېئىر بىلەن سىز ھەممىلا يەردە بار دېگەن گەپ. قارىسام ق بىلەن باشلانغان بىرمۇنچە گەپلەرنى دەپ كىتىپتىكەن
ئوقىمايلا تەستىقلاپ قويغان.
شۇنداق يۇمۇرلار بولىدىغانغۇ ب بىلەن باشلانغان سۆز ئۇيۇنى دىگەندەك
شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسە ئوخشايدۇ دەپتىمەن
ئەمەسمىكەن؟
@ziyali ما ھۇرۇنلۇق قىلغان گەپكەن مىنە ئۇقۇشقىمۇ ...............
زىيالىنىڭ ئىستىلىدا مەسىلە با ئوخشىمامدا ئەدلىيەلىك تەكشۇرۇش قىلمىسا ..........
ئوڭشىلىپ كېتىسىلە.http://tarimi.com/literature/lecture/2012/0506/672.html ياخشى يېزىپسىز ! داۋاملىق تىرىشىڭ.
ئانا تىلىمىزنىڭ گۈزەللىكى مانا مۇشۇنداق ئەسەرلەردە تېخىمۇ ئەكىس ئىتىدۇ.
7- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قارىسام ق بىلەن باشلانغان بىرمۇنچە گەپلەرنى دەپ كىتىپتىكەن
ئوقىمايلا تەستىقلاپ قويغان.
شۇنداق يۇمۇرلار بولىدىغانغۇ ب بىلەن باشلانغان سۆز ئۇيۇنى دىگەندەك
شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسە ئوخشايدۇ دەپتىمەن
ئەمەسمىكەن؟
ياخشى يازمىكەن. سەھىپىنىمۇ تاللاپ يوللاپتۇ ئەمەسمۇ؟
ئانا تىل>>>>>نوچى بوساڭ ماندا شېئىر ياز
مەن ئادەم بولاي.مەن تۈزىتەي «ق» ھەرپىدىن باشلانغان سۆزلەردىن تاللىنىپ يېزىلغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ شېئىرنىڭ ئىملاسىنىڭ خاتالىقى، رېتىمىنىڭ تەكشىسىزلىكى، قاپىيەسىزلىكى، رادىفنى قالايمىقان ئىشلىتىلىشى ... قاتارلىق مەسىلىلىرى ئۇشبۇ مۇنبەرنىڭ «ئانا تىل» سەھىپىسىگە ماس كەلمەيدۇ! لېكىن، مەزمۇنى بوپقالىدىكەن.ماۋزۇسىغا قاراپلا زورۇقۇپ يوللانغان تېما ئىكەنلىكىنى بىلگەنىدىم. تېمىنى ئوقۇماي يوللاش مەسئۇليەتسزلىلك !
14- قەۋەتتىكى aynuramنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تېمىنى ئوقۇماي يوللاش مەسئۇليەتسزلىلك !
تۆت تال خەتنىمۇ توغرا يازالماسلىق ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك ......
«ق» بىلەن باشلانغان سۆز ئويۇنى دېسىمۇ بولاتتىكەن . شېئىرنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرمەيلى . ئوخشاش ھەرىپتىن باشلانغان سۆزلەر بىلەن بىر نەرسە يېزىش تۈركىي تىلدىن باشقا تىلدا قاملاشمامدىكىن دەيمەن.تۈركىي تىل ھەقىقەتەن بىر سېھىرلىك تىل ئىكەن، شۇڭا باشقىلارنى ئاسانلا ئاسمىلاتسىيە قىلىپ كېتەلەيدۇ.
لېكىن شېئىر نوچى چىقىپتۇ! «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلمىغاننىڭ پىكىر قىلىش ھوقۇقى يوق» دېگەن گەپ بار كۆكتاش، بۇ خىل يېزىقچىلىق ئۇسۇلى دۇنيادىكى نۇرغۇن تىللاردا (بەلكىم ھەممە تىلدا) بار. ئېنگىلىزچىدا بۇنداق ئۇسلۇبنى alliteration دەيدۇ. مەسىلەن:
1. Dewdrops Dancing Down Daisies
By Paul Mc Cann
Don\"t delay dawns disarming display .
Dusk demands daylight .
Dewdrops dwell delicately
drawing dazzling delight .
Dewdrops dilute daisies domain.
Distinguished debutantes . Diamonds defray delivered
daylights distilled daisy dance .
2. Wisdoms Wings
By Paul Mc Cann
Wise words wait,
while whiskey with water
will whet Wexford
whistles wonderfully .
Wisdoms weaver works
with wit ,
while writing words
with whispering winds whooshing wildly .
Whiskey without water .
Without wondering,
why where words wasted .
Within walls .
While whiskey went well without water,
While wit was wringing wet .
Writing wisdoms wings
رۇسچىدىن يەنە نەچچە شېئىر يوللاپ قوياي دېسەم ئېرىنىپ قالدىم. رۇسچىنىڭ گرامماتىكىسغا باققاندا، بۇنداق شېئىرلارنى يازماق تېخىمۇ ئاسان. دېمەكچى، بىر تىل بولغانىكەن، ئۇنىڭمۇ مۇئەييەن بايلىقى ۋە شۇ بايلىقنى قازغۇچىلار بولىدۇ، تۈركىي تىللارغا ۋە تۈركىي تىللىق كىشىلەرگە ئوخشاشلا.
باش تېمىدىكى شېئىر تولىمۇ زورۇقۇپ يېزىلغان ناچار شېئىر بوپتۇ.
بەت:
[1]
2