dilara يوللانغان ۋاقتى 2012-5-6 18:47:12

4 خىل مەنىۋى كېسەللىك ۋە داۋالاش رېتسىپلىرى


تۆت خىل مەنىۋى كېسەللىك ۋە ئۇنى داۋالاش رېتسىپلىرى




كېسەللىك مىكروبى پەقەت ئىنساننىڭ بەدىنىدە، جىسمانىيىتىدە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ روھىي دۇنياسى، مەنىۋىيىتىدىمۇ ساقلانغان بولىدۇ. مەنىۋىيەتتىكى بۇ كېسەللىك مىكروبلىرىغا توغرا دىئاگنۇز قويۇپ ۋاقتىدا داۋالاپ ساقايتقاندا، دۇنيا ۋە ئاخىرەت ھاياتىدىكى ساغلاملىققا، بەخت-سائادەتكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. چۈنكى، بەدەن چەكلىك ياشىسىمۇ، روھ مەڭگۈ ياشايدۇ، روھ ئۆلمەيدۇ. شۇڭا، مەنىۋى ساغلاملىق بەزىدە جىسمانىي ساغلاملىقتىنمۇ بەكرەك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇندىن 900 يىل بۇرۇن ياشىغان ئىمام غەززالىي، پەخرىددىن رازى قاتارلىق ئالىملار ئۆز ئەسەرلىرىدە بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختالغان بولۇپ، بۇ يازما شۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ئاساسىدا قىسقارتىپ تەييارلاندى. ئىنسان مەنىۋىيىتىدە كۆپ ئۇچرايدىغان تۆت خىل كېسەللىك مىكروبى بولۇپ، بۇنىڭ بىرىنچىسى، مال-مۈلۈك سۆيگۈسى؛ ئىككىنچىسى، ئەمەل-مەنسەپ سۆيگۈسى؛ ئۈچىنچىسى، رىياخورلۇق؛ تۆتىنچىسى ماختىلىشقا ئامراق بولۇپ، تەنقىتتىن قېچىش. بۇ تۆت خىل مىكروپ ئىنساننىڭ مەنىۋىيىتىنى كېسەل قىلىپ، ئاللاھتىن غەپلەتتە قالدۇرىدىغان بولغاچقا، بۇنى ۋاقتىدا بايقاپ داۋالاش زۆرۈر.



1-مال-دۇنياغا ئامراقلىق ۋە ئۇنى داۋالاش رېتسىپى



مال-دۇنيا بىر ۋاستە بولۇپ، ئۇنى ھەم ياخشى ئىشقا ھەم ناچار ئىشقا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. مال-دۇنيانى ئىلىم ئېلىش، گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەندە بۇ ماختىلىدۇ. ئەگەر ئۇنى ھاۋايى-ھەۋەس ئۈچۈن، نەپسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتسە، بۇ كىشىگە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا، مال-دۇنيا مەسىلىسىدە دىققەت قىلىش كېرەك.


مال-دۇنياغا ھەددىدىن زىيادە ئامراقلىق كېسىلىنىڭ ئىككى ئالامىتى بار بولۇپ، بۇنىڭ بىرى ئاچكۆزلۈك ، يەنە بىرى پىخسىلىق.


مال-دۇنيا توپلاشقا ئامراقلىق «ئاچكۆزلۈك» دېيىلىدۇ.


بۇ مال-دۇنيانى قولدا چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ، قولدىن چىقارغىلى ئۇنىماسلىق، خەجلەشكە كۆزى قىيماسلىق «پىخسىقلىق» دەپ ئاتىلىدۇ.


ئاچكۆزلۈك ۋە پىخسىقلىق كېسىلىنىڭ ئاساسىدا مال-دۇنياغا ئامراقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ كېسەلنى داۋالاش ئۈچۈن ئۇنىڭ تۈپ مەنبەسىگە قاراش كېرەك. مال-دۇنياغا ئامراقلىقنىڭ ئىككى سەۋەبى بار:


1) مال-دۇنيا ئادەمنىڭ كۈچ-قۇدرەتلىك بولۇشىنىڭ سەۋەبىدۇر. كۈچ-قۇدرەتلىك بولغاندا كىشى قولىنى نەگە ئۇزاتسا ئۇزىتالايدۇ. شۇڭا كىشىلەر كۈچ-قۇدرەتلىك بولۇشنى ئارزۇلايدۇ، بۇنىڭغا سەۋەب بولغان مال-دۇنيانىمۇ بىللە ياخشى كۆرىدۇ.


2) مال-دۇنيا كىشىنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىدۇ. كىشىلەر ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى ئارزۇ قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭغا يارەمچى بولىدىغان مال-دۇنيانىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مال-دۇنيا ۋاستىسىدە قاندۇرغىلى بولىدىغان شەھۋانى ئىستەكلەر ۋە خىلمۇ-خىل نەپسانىي ئارزۇلارمۇ مال-دۇنياغا ئامراقلىقنى كۆلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


مال-دۇنياغا ئامراقلىق كېسىلى دېگەنلىك ئەمىلىيەتتە ئاچكۆزلۈك ۋە پىخسىقلىق كېسىلى بولۇپ، بۇنى داۋالاش رېتسىپى تۆۋەندىكىچە:


(1) ئىنساننىڭ ئېھتىياجى تۈگىمەيدۇ. شۇڭا، ئىمكانقەدەر ئاچكۆز بولماي توق كۆز بولۇش، ئۆلۈمنى ئويلاش، ھەر بەندىنىڭ رىسقى بىلەن قوشۇپ يارىتىلغانلىقىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك.


(2) مەرتلىك، سېخىلىق ماختالغان ئايەتلەرنى تەپەككۈر قىلىش، ئىنسانلارنىڭ سېخى، مەرت ئادەملەرنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى، ئاچكۆز، پىخسىقلارنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى ئويلاش كېرەك.


(3) مال-دۇنيانىڭ بەدەنگە بولغان پايدىسىنىڭ كۆپ ئەمەسلىكى، نەپسانىي ئارزۇلارنى تەلتۈكۈس قاندۇرالمايدىغانلىقىنى ئويلاش كېرەك.


(4) مال-دۇنياغا ھەددىدىن زىيادە بېرىلىپ، ئۇنى چىڭ تۇتقاندا بۇ دۇنيادا ئەيىپلىنىش، ئۇ دۇنيادا جازادىن باشقىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاش كېرەك.


(5) مەرت، سېخى ئادەملەر پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار، ئېسىل ئادەملەر بىلەن دوست بولالايدۇ. پىخسىقنىڭ دوستى پەقەت پىخسىق. مەرت ئادەمنى ھەممە كىشى ماختايدۇ. ئۇ پۇل-مېلىنى قوللىنىپ مەنىۋى جەھەتتە يۇقىرى دەرىجىگە چىقالايدۇ. رۇھلار ئالىمىدىمۇ يۈكسەك مەرتىۋىگە نائىل بولىدۇ. پىخسىقلار بولسا پەس دەرىجىگە چۈشىدۇ.


(6) مەرت، سېخى كىشىنى ھەممە ئادەم ياخشى كۆرگەچكە، ئۇنداق ئادەملەر بار يەردە خۇشال-خوراملىق بولىدۇ. ئاچكۆز، پىخسىق بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ.


(7) پىخسىق ئادەم جان ھەلقۇمغا كەلگەندە پۇل-مېلىمنى خەجلەي دەپمۇ خەجلىيەلمەيدۇ.


(8) پىخسىق ئادەم نامەلۇم بىرەر سەۋەب تۈپەيلى مال-مۈلكىدىن ئايرىلىپ قالسا، قاتتىق دەرت-ھەسرەت چېكىدۇ. پىخسىق ئادەم داۋاملىق مال-دۇنيا يىغىشنىڭ كۇيىدا يۈرىدۇ. مال-مۈلۈكنى تۇتۇپ تۇرۇش ئاسان ئەمەس، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا زور بەدەل تۈلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئىنساننىڭ رىسقى ئۇ تۇغۇلۇشتىنلا پىشانىسىگە يېزىلىدىغان بولغاچقا ئاچكۆز ۋە پىخسىق بولۇشنىڭ ھېچ ھاجىتى يوق.


(9) شۇڭا ئىنسان ئاچكۆزلۈك ۋە پىخسىقلىق كېسىلىدىن قۇتۇلماقچى بولسا، نامرات، كەمبەغەللەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىپ تۇرۇش، ئۇلارغا ياردەم قىلىشى كېرەك. كەيپ-ساپاغا بېرىلگەن ھەشەمەتچى بايلاردىن ئۇزاق تۇرۇش كېرەك، چۈنكى كىشىگە مۇھىت تەسىر قىلىدۇ. «يامانغا يولۇقساڭ يارىسى، قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار» دېگەن ماقال-تەمسىل بىكارغا چىققان ئەمەس.


(10) مال-دۇنيانى ئاللاھ رازى بولىدىغان يولدا ئايىماي خەجلەش كېرەك.


يۇقارقىلارنى قىلغاندا ئاچكۆزلۈك ۋە پىخسىقلىق كېسلىنى ساقايتىش مۇمكىن.



2- رىياخورلۇق ۋە ئۇنى داۋالاش رېتسىپى



رىيانىڭ «ئۆزى سۆزى بىر ئەمەس، ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قاتارلىق مەنىسى بار. ئىمام غەززالىي رىيانى ئىزاھلىغاندا «ئىنسانلار ماڭا قايىل بولسۇن دەپ ئۇلارنىڭ كۆزىگە ياخشى كۆرۈنۈشنى ئارزۇلاش» دەپ چۈشەندۈرگەن. پەخرىددىن رازى بولسا «بىر كىشى ئەمەلىيەتتە  ئۆزىدە يوق بىر پەزىلەتنى باشقىلارنىڭ كۆزىگە باردەك قىلىپ كۆرسىتىشى رىياخورلۇق بولىدۇ» دەپ تەبىر بەرگەن.


رىياخورلۇق دۇنيا ۋە دىن ئىشلىرىدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. دۇنياۋى ئىشلاردىكى رىياخورلۇق ئەمەل-مەنسەپ تاماسى ۋە ھەشەمەتخورلۇقتا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مەسىلەن: بىر ئادەم ئەمەلىيەتتە باي بولمىسىمۇ، ئەمما بايلىققا ھەۋەس قىلىدىغانلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزىنى خۇددى ئىنتايىن بايدەك كۆرسىتىپ، ھەشەمەتچىلىك قىلسا رىيا بولىدۇ.


دىنىي ئىشلاردىكى رىيادا كىشى باشقىلار مېنى تەقۋاكەن، دىنداركەن دېسۇن دەپ تەركىدۇنيا بولۇپ، ئۆزىنى پۈتۈنلەي ئاللاھقا ئاتىغاندەك كۆرۈنىدۇ.


ئىمام غەززالىي رىيا بەش تۈرلۈك ۋاستە بىلەن قىلىنىدۇ دەيدۇ. بۇلار: بەدەن، كىيىم-كېچەك، قىياپەت، تاشقى كۆرۈنۈش، سۆز-ھەرىكەت ۋە سىرتقى ئىشلار. كىشى بۇ ۋاستىلارنى قوللىنىپ، ئۆزىدە ئەمىلىيەتتە يوق بولغان بەزى ئالاھىدىلىكلەرنى خۇددى باردەك قىلىپ كۆرسەتسە، كىشىلەرنى بۇنىڭغا ئىشەندۈرسە، رىيا قىلغان بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا كىشى يۇقارىقى ۋاستىلارنى پەقەت باشقىلارنىڭ كۆڭلىدىن ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن قوللانغان بولىدۇ.


مەسىلەن: بىر كىشى باشقىلارغا ئۆزىنىڭ تەقۋادارلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ساھابىلەر كىيگەندەك ئۇزۇن كىيىملەرنى كىيسە، كىيىمى يىرتىقمۇ؟ پاكىزىمۇ؟ ئەمەسمۇ؟ دىققەت قىلمىسا، بۇ ئىشلارنى ئۆزىنىڭ سۈننەتكە ئەگىشىپ قىلغانلىقىنى، سەلەفى سالىھلارنىڭ يولىدا مېڭىۋاتقانلىقىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن قىلسا، رىيا بولىدۇ. يەنە بەزى ئادەملەر تېخىمۇ كۆپ مال-دۇنيا ۋە ئەمەل-مەنسەپكە ئېرىشىش تاماسىدا قىممەت باھالىق گۈزەل كىيىملەرنى كىيىپ، ھەر خىل زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقىۋالسا، بۇمۇ بىر خىل رىياخورلۇق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


گەپ-سۆزدىكى رىياكارلىق ئەھلى دىن ۋە ئەھلى دۇنيا ئۈچۈن ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ: دىن ئەھلىنىڭ رىياكارلىقى ۋائىزلىق، ھەدىس سۆزلەش، كىشىلەرنىڭ ئالدىدا مۇنازىرلىشىپ قارشى تەرەپنى ئېغىز ئاچالماس قىلىۋېتىش ۋە ئۆزىنىڭ قالتىس بىلىملىك ئىكەنلىكىنى باشقىلارغا كۆرسىتىشتە ئىپادىلىنىدۇ. ئەگەر كىشى بۇلارنى پەقەتلا ئاللاھ ئۈچۈن قىلماي، كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ تەقۋاسىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلغان بولسا رىياكارلىق بولىدۇ. دۇنيا ئەھلىنىڭ گەپ-سۆزدىكى رىياكارلىقى شېئىر، ھېكايە، مەسەل، ھەجۋى سۆزلەپ ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ھەر ساھەدە بىلىملىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشتە ئىپادىلىنىدۇ.


ئىش-ھەرىكەتتىكى رىياكارلىقتا دىن ئەھلى كىشى باشقىلارنىڭ ئالدىدا نامازنى قەستەن ئۇزۇن ئوقىسا، روزا تۇتقانلىقى، ھەجگە بارغانلىقى، جىھاد قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ يۈرسە، لېكىن ئۆزى يالغۇز قالغاندا نامازنى ھاپىلا-شاپىلا ئوقۇپ، ئۆزىنىڭ ئەسلى ھالىتىگە قايتسا بۇ رىياكارلىق بولىدۇ.


سىرتقى ئىشلاردىكى رىياكارلىقتا كىشى ئىنسانلار مېنى كۈچلۈك، ئابرويلۇق بىلسۇن دەپ دۆلەت رەھبەرلىرى، يۇقىرى دەرىجىلىق زاتلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئەمەلدارلار بىلەن دوست بولسا، بۇمۇ رىياكارلىق بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ بۇ ئىشلار ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدە كۈچلۈك، ئابروي ئىناۋەتلىك بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.


بىر ئىشنىڭ رىيا ياكى ئەمەسلىكىنى ئايرىشنىڭ ئۆلچىمى نىيەتتۇر. ئەگەر كىشى سۆز-ھەركىتىدە باشقا ئىنسانلارنىڭ كۆزىگە ئۆزىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىدىن پەرقلىق ھالدا كۆرۈنۈشنى نىيەت قىلمىغان بولسا رىيا بولمايدۇ. ئۇنداق بولمىسا، رىيا بولىدۇ.


رىيا، رىياكارنىڭ نىيىتىگە ئاساسەن ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ:


1) ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى رىيا: ياخشى نامغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن كۆپ ئىبادەت قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ۋە بۇنىڭدىن خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ.


2) ئوتتۇرا دەرىجىدىكى رىيا: بۇ دەرىجىدىكى رىياكار ئادەم پەقەت كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشىنى ئەمەس، بەلكى ماختىلىشىنى، ھەر تەرەپتە نام چىقىرىشنى ئويلايدۇ.


3) يۇقىرى دەرىجىدىكى رىيا: رىياكار ئادەم رىيا ۋاستىسى بىلەن يېتىم-يوقسۇللار، كېسەللەر، مۇھتاج ئادەملەرنىڭ مال-مۈلكىنى ئىگەللىۋېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ دەرىجىدىكى رىياكارلار رىيا قورالىنى ئىشلىتىپ دىندا مەنئى قىلىنغان ئۇسۇلدا باشقىلارنىڭ قول ئىلكىدىكى نەرسىلەرنى ئېلىۋېلىشنى قەستلەيدۇ.


بۇ كېسەلگە مۇبتىلا بولغان كىشى چوقۇم داۋالىنىشى كېرەك. بۇنىڭ داۋاسى ھەققىدە ئىمام غەززالىي بىلەن پەخرىددىن رازى مۇنداق دەيدۇ: «كىشى ئاۋۋال ئاللاھنى ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇپ، قەلبىنى پاكلىشى ۋە كۈچلەندۈرۈشى كېرەك. بولمىسا، دىن ۋە دۇنيادا قاتتىق زىيان تارتىدۇ. ئەڭ چوڭ زىيانلار تۆۋەندىكى تۆت تۈرلۈك بولۇپ،


(1) رىياكار ئادەم قىلغان ئىشىدا ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىمىگەن بولغاچقا، بۇ باشقا نەرسىلەرنى ئاللاھتىن ئۈستۈن كۆرگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.


(2) كىشى رىياكارلىق قىلىش بىلەن، مەسىلەن: پادىشاھلارنى ماختاش بىلەن، ئاللاھنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ مەخلۇقاتلىرىنى ماختىغان، مەخلۇققا ھەمدۇ-سانا ئېيتقان بولىدۇ.


(3) كىشى ئاغزىدا «مەن ئاللاھقا بويسۇندۇم» دەپ قويۇپ، قەلبىدە باشقىلارغا ئىتائەت قىلغان بولسا، بۇ قىلمىشى ئاللاھنى مازاق قىلغانلىق، ئۇنى كۆزگە ئىلمىغانلىق بولىدۇ.


(4) ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئويلاپ، رىيانى قەلبتىن پۈتۈنلەي چقىرىپ تاشلاش كېرەك.


لېكىن، رىيادىن ئۇزاق تۇرىمەن دەپ، ئاللاھ ئالدىدىكى شەخسىي مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلماسلىق، باشلىق بولماسلىق، ئاخۇنۇم بولماسلىق، جەمىيەت ئالدىدىكى ئىجتىمائىي ۋەزىپىسىنى تاشلاپ قويۇش قەتئىي توغرا ئەمەس. ئاللاھنىڭ ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ قەلبىنى كۆزىتىپ تۇرغانلىقىنى ئۇنۇتمىغان ھالدا قەلبىنى، نىيىتىنى پاكلاپ ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. قىلغان ياخشى ئىشلىرىنى باشقىلار بىلىپ ماختىغاندا، بۇنىڭغا بەك خۇشال بولمىسا، رىيادىن ساقلانغىلى بولىدۇ.




3-ئەمەل-مەنسەپكە ئامراقلىق ۋە داۋالاش رېتسىپى



داۋالاش ئەڭ تەس بولغان رىيا ئەمەل-مەنسەپكە ئامراقلىقتۇر. ماختىلىشنى ياخشى كۆرۈش، تەنقىتتىن قېچىش ۋە خەقنىڭ قولىدىكى نەرسىلەرنى ئارزۇلاش قاتارلىقلارمۇ بۇ دائىرىگە كىرىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئەمەل-مەنسەپنى ئارزۇ قىلىشىنىڭ سەۋەبىمۇ مال-دۇنيانى ئارزۇ قىلىشىنىڭ سەۋەبىگە ئوخشايدۇ. لېكىن، ئىنسانلار ئەمەل-مەنسەپنى مال-دۇنيادىنمۇ بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى، ئەمەل-مەنسەپ تۇتۇپ، يەنى باشقىلارنى باشقۇرۇپ تۇرۇپ مال-دۇنياغا ئېرىشىش، ئىشلەپ تېپىشتىن تېخىمۇ ئاسان. ئەمەل-مەنسەپ دېگەنمۇ ئۆسۈپ تۇرىدۇ. كىشىنىڭ نام-شۆھرىتى ئاشقانسىرى ئەمەل-مەنسەپلىرىمۇ ئۆسىدۇ. ئەمەل-مەنسەپ تۇتقانلار مال-دۇنياسىنىمۇ مۇھاپىزەت قىلالايدۇ. شۇڭا ئىنسانلار ئەمەل-مەنسەپنى مال-دۇنيادىن بەكرەك ئارزۇلايدۇ.


ئەمەل-مەنسەپمۇ دۇنيا ھاياتىدىكى بىر ۋاستە بولۇپ، بۇنىڭ ھەم ياخشى ھەم خەتەرلىك ئىككى تەرىپى بار. ياخشى تەرىپى شۇكى، ئەمەل-مەنسەپ بىر كۈچ-قۇۋۋەت بولۇپ، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كۆپلەپ ياخشى ئىشلارنى قىلىش تامامەن مۇمكىن. خەتەرلىك تەرىپى، ئەمەل-مەنسەپ كىشىنى رىياخورلۇققا يېتەكلەپ سېلىشىمۇ مۇمكىن.


مال-مۈلۈك ۋە مەنسەپ تاجى كىشىلەرنىڭ بېشىغا ئۆزلىگىدىن كېلىپ قونۇشىمۇ مۇمكىن. مەسىلەن: پەيغەمبەرلەر، راشىد خەلىپىلەر، تابىئىنلارغا شۇنداق بولغان. مال-مۈلۈك، ئەمەل-مەنسەپنى كىشىلەر ئىشلەپ، تىرىشىپ-تىرمىشىپ قولغا كەلتۈرۈشىمۇ مۇمكىن. بۇ دىنىي ۋە دۇنياۋى ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. دىنىي جەھەتتە: ئىشەنچىلىك، بىلىملىك، تەقۋادار دىنىي ئۈلىمالارنىڭ ئەمەل-مەنسەپ تەلەپ قىلىشى زۆرۈر. دۇنياۋى ئىشلاردىمۇ ئېھتىياجىغا يېتىدىغان مال-مۈلۈككە ئىگە بولۇش ۋە ئۇنى قوغداش ئۈچۈن ئەمەل-مەنسەپ لازىم. دىننىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى ئورۇنلاش، ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن مال-مۈلۈك، ئەمەل-مەنسەپكە ئېھتىياج بار. لېكىن، رىياخورلۇق ۋە يالغانچىلىق قاتارلىق ۋاستىلار بىلەن ئەمەل-مەنسەپنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئورۇنۇش قەتئىي توغرا ئەمەس. شۇنداقلا ئەمەل-مەنسەپكە ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇنى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ نەپسى، شەخسىي ئىشلىرى ئۈچۈن، تېخىمۇ يۇقىرى ئەمەل-مەنسەپكە ئۆرلەش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان كىشىلەر ئەمەل تۇتماسلىقى كېرەك.


ئەمەل-مەنسەپنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرى تۆۋەندىكىچە:


1) ئەمەل-مەنسەپ كىشىنىڭ «ھۆكۈمدە، ھاكىمىيەتتە، ئۈستۈنلۈكتە يالغۇز بولغانلىقىنى» كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئۇنىڭغا ئۆكتە قوپىدىغانلار چىقىدۇ، قېرىشىدۇ، ھەتتا ئەمىلىدىن چۈشۈرۋېتىشنىڭ كۇيىغا كىرىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىپ ئىشلىرىنى بوزۇشقا ئورۇنىدۇ.


2) ئەمەل مەنسەپ خوشلۇقى كىشىنىڭ سىرتقى دۇنيادىكى ئىقبالى دېگەنلىك بولىدۇ. سىرتقى دۇنيادىكى ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولغان ئادەم ئۆزىنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى ئىقبالى ۋە مەنىۋى يۈكسىلىش قاتارلىقلارغا كۆپ ۋاقىت ئاجرىتالمايدۇ.


3) ئەگەر بىر كىشى ئەمەل-مەنسەپ تۇتۇپ ئادەملەرنى باشقۇرسا، نۇرغۇن كىشىنى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىگە ئىتائەت قىلدۇرسا، بۇنىڭ قانچىلىك ئۇزۇن داۋاملىشىشىدىن قەتئىنەزەر، ھامان بىر كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. ئەمەل-مەنسىپىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نەچچە مىڭ خىل چارە ئامال قوللانسىمۇ بىكار، ھەتتا مۇشۇنداق قىلىپمۇ كۆپ جاپا تارتىدۇ.


ئەمەل-مەنسەپكە ئامراقلىق كېسىلىنى ساقايتىش ئۈچۈن ماختىلىشنى ياخشى كۆرۈش، تەنقىتتىن قېچىش، باشقىلارنىڭ قولىدىكى نەرسىلەرنى ئارزۇلاش كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتىشمۇ كۆپ مەنپەئەتلىك.




4-ماختىلىشنى ياخشى كۆرۈش، تەنقىتتىن قېچىش ۋە داۋالاش رېتسىپلىرى



ئىنسان ماختىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما تەنقىتلىنىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ماختالغان كىشى ئۆزى ئىگە بولغان كۈچ-قۇۋۋەتنى ھېس قىلىدۇ. ئۇنداقتا، ماختىلىشقا ئامراق بولۇش ياخشى ئىشمۇ؟ ئەمەسمۇ؟ زىيانلىق تەرىپى بارمۇ-يوق؟


پەخرىددىن رازىينىڭ قارىشىچە، ماختىلىشنى ياخشى كۆرۈش كىشىنى باشقىلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئىش قىلىشقا ئۈندەپ، رىيا كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، بۇ كېسەلنىمۇ داۋالاش كېرەك. داۋالانغۇچى كېشى ئاۋال شۇلارنى ئويلاش لازىم: ئەگەر ھەقىقەتەن ماختاشقا ئەرزىگۈدەك بىر ئىش قىلغان بولسام، بۇ ئاللاھنىڭ ھېكمىتى، نېئمىتى بولۇپ، بۇنىڭغا شۈكۈر قىلىشىم لازىم. ئىنسان لايىقىدا شۈكۈر قىلالمايدىغان بولغاچقا ماختالغانغا خوش بولۇپ كەتمىسىمو بولىدۇ. ماختالغانغا خوشال بولۇش بەزىدە كىشىنى ئاللاھتىن ئۇزاقلاشتۇرۇپ، باشقا ئىشلارغا يۆنەلدۈرىدۇ. ماختاشقا لايىق ئىش قىلمىغان ھالەتتە كىشى ماختاشقا ئېرىشكەن بولسا، بۇنداق ئەھۋالدا خوشال بولۇش ساراڭلىق.


تەنقىتتىن خاپا بولۇش كېسلىنى داۋالاشتا مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋال بار: بىرى، تەنقىتلىگۈچى كىشى ئەگەر توغرا، راست سۆزلىگەن بولسا، تەنقىتلەنگۈچى بۇنى ئۆزىگە قىلىنغان بىر ياخشىلىق دەپ قاراپ، خاتالىقى، كەمچىلىكىنى تۈزىتىشى كېرەك. ئىككىنچىسى، تەنقىتلىگۈچى ئەگەر پاكىتسىز يالغان گەپ قىلغان بولسا، تەنقىتلەنگۈچى بۇنىڭغا ئاچچىقلانماسلىقى، گەرچە تۆھمەتكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، بەزىبىر ئەھۋاللارنى ئويلاپ، بۇنىڭدىن پايدىلىنىش كېرەك:


(1) ناھەق تەنقىتلەنگۈچى كىشىنىڭ بۇ ئىشتا خاتالىقىنىڭ يوقلۇقى، ئۇنىڭ باشقا ئىشلاردىمۇ قىلچىلىك خاتالاشمىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. يامان نىيەتلىك تەنقىتلىگۈچى بۇلارنى تېخى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش كېرەك.


(2) تۆھمەتكە ئۇچرىغاندا ئاللاھقا تېخىمۇ يېقىنلىشىش كېرەك.


(3) تەنقىتلەنگۈچى كىشىنى ئاللاھ پاكلايدۇ. ئاللاھنىڭ پاكلىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن خۇشاللىقنى تەنقىتلىنىش ئازابىدىن ئۈستۈن تۇتۇش كېرەك.


يىغىنچاقلىغاندا، ماختىلىشقا ئامراقلىق، تەنقىتلىنىشكە ئۆچلۈك قىلىش كىشىنى ئاللاھتىن ئۇزاقلاشتۇرىدىغان بولغاچقا، كىشى ئۆزىنىڭ كۆڭلىدە باشقا ئىنسانلارنىڭ مال-مۈلكى، كىرىمى قاتارلىقلارغا قىلچە يەر بەرمەسلىكى، ئۇلارغا كۆز سالماسلىقى لازىم.


كۆپىنچە ئىنسانلار ماختىلىش تاماسىدا، تەنقىتلىنىش قورقۇسىدا ياشايدىغان بولغاچقا، بۇنى داۋالاش دەرھال ئۆنۈم بەرمەسلىكى مۇمكىن. بۇ جەھەتتە ئىنسانلار تۆۋەندىكى بەش دەرىجىگە ئايرىلىدۇ:


1-دەرىجە: ماختالسا خوش بولىدۇ، تەنقىتلەنسە ئازابلىنىدۇ. بۇلارغا داۋالاش بەك پايدا قىلمىغان. كۆپ سانلىق كىشىلەر بۇ تۈرگە كىرىدۇ.


2-دەرىجە: ماختالسا خوش بولمايدۇ، ئەمما تەنقىتكە ئۇچرىسا ئازابلىنىدۇ. بۇ خىل ئىنسانلار ئېغىزىنى ۋە بەدەن ئەزالىرىنى باشقۇرالايدۇ.


3-دەرىجە: ماختىلىش بىلەن تەنقىتلىنىشنى ئوخشاش كۆرىدۇ. ماختالغاندا شاتلىنىپ، تەنقىتلەنگەندە ئازابلىنىپ كەتمەيدۇ. بۇنىڭ ئۆلچىمى شۇكى، ئۆزىنى ماختىغان كىشىگە قىلغان ياردەمدىن ھېس قىلغان خوشاللىق، ئۆزىنى تەنقىتلىگۈچىگە قىلغان ياردەمدىن ھېس قىلغان خوشاللىقتىن ئارتۇق بولماسلىق. بۇنداق ھالەتكە كېلىش ئالدىنقى ئىككى دەرىجىگە قارىغاندا تەسرەك.


4-دەرىجە: ماختالغاندا خوش بولمايدىغان، ئەمما تەنقىتلەنگەندە خوش بولىدىغانلار. بۇ خىل روھىي ھالەتتىكى كىشى ماختىلىشنىڭ ئۆزىنى ئاللاھتىن ئۇزاقلاشتۇرۇپ، مەخلۇقاتلارغا يېقىنلاشتۇرغانلىقىنى، تەنقىتلىنىشنىڭ بولسا ئۆزىنىڭ خاتالىقلىرىنى تونۇۋېلىشىغا ياردەم قىلغانلىقى، مەخلۇقاتلاردىن ئۇزاقلاشتۇرۇپ ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئويلايدۇ.


5-دەرىجە: بۇلارنىڭ ماختىلىش ۋە تەنقىتلىنىش بىلەن قىلچىلىك كارى يوق. بۇلار پۈتۈنلەي ئاللاھ رازىلىقىنىلا كۆزلەيدىغان ئىنسانلار بولۇپ، بۇلار قىلغان ئىشىنى ئىنسانلار ماختامدۇ؟ تەنقىتلەمدۇ؟ چاتىقى يوق، قەلبىدە پەقەت ئاللاھتىن باشقىنى ئويلىمايدۇ. بۇ ئەڭ مۇكەممەل دەرىجىدۇر.


قىسقىسى، مال-مۈلۈك، ئەمەل-مەنسەپكە ئامراقلىق، رىياخورلۇق، ماختىلىشنى ياقتۇرۇپ، تەنقىتلىنىشنى ياقتۇرماسلىق قاتارلىق روھىي ھالەتلەر ئىنساننىڭ ئەخلاقىي-پەزىلەتلىك بولۇشىدىكى تۇسالغۇ، يەنى، كېسەللىك مىكروبى بولۇپ، بۇنى ۋاقتىدا داۋالاپ ساقايتىش زۆرۈر. بۇ دېگەنلىك، پۇل، مال-دۇنيا، ئەمەل-مەنسەپتىن تامامەن يىراق تۇرۇڭ دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى بۇلارنىڭ دۇنيا ھاياتىدىكى بىر ۋاستە ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماڭ دېگەنلىكتۇر. چۈنكى بۇلار ھاياتىنىڭ مەقسىدى ئەمەس، بەلكى ھاياتتىكى بىر قۇرال ياكى  ۋاستىدۇر. بۇ ۋاستىدىن پايدىلىنىپ ھەم ياخشى ئىش قىلغىلى بولىدۇ، ناچار ئىش قىلغىلىمۇ بولىدۇ. مەقسەت بۇ ۋاستىنى ناچار ئىشقا ئەمەس، ياخشى ئىشقا، ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىشلارغا ئىشلىتىشتىن ئىبارەت خالاس.


ھەر قانداق كىشى «مەن پۇل مېلىمنى، ئەمەل-مەنسىپىمنى ياخشى مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىمەن» دېيەلەيدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە دەيدىغانلار يوق دېيەرلىك. بۇ پەقەت ئېغىزدا دېگىلى بولىدىغان گەپ بولغاچقا، ھەقىقەتەن شۇنداق قىلدىمۇ-يوق؟ بەزى ئۆلچەملەر بىلەن ئۆلچەشكە توغرا كېلىدۇ:


كىشىدە مال-دۇنيا يىغىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولسا، بۇ ئاچكۆزلۈك بولىدۇ.


تاپقان مال-دۇنيانى قولدا چىڭ تۇتۇش ئارزۇسى كۈچلۈك بولسا پىخسىقلىق بولىدۇ.


مال-دۇنيانى ياخشى ئىشلار ئۈچۈن، گۈزەل-ئەخلاقى پەزىلەتنى ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن خەجلىگەن بولسا، بۇ سېخىلىق، مەرتلىك بولىدۇ.


باشقىلارغا ياخشى كۆرۈنۈش، خەقنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى ئارزۇلايدىغان خۇيىمىز بار بولسا، بۇ بىزنى خەقنىڭ كۆزىگە قاراپ ئىش قىلىشقا، «خەق نېمە دەپ قالار؟» پىرىنسىپى بويىچە ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۆزى بىلەن سۆزى ئوخشاش ئەمەس، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىدىن باشقىچە كۆرۈنۈش پەيدا قىلىش خەتىرى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇنداق قىلىش ئەخلاقىي جەھەتتىن ئىككى يۈزلىمىچىلىك، يەنى رىيا بولىدۇ.


شۇڭا، يۇقارقى تۆت تۈرلۈك مەنىۋى كېسەلنى داۋالاشتا، بۇنىڭدىن 900 يىل بۇرۇن ياشىغان ئىمام غەززالىي، پەخرىددىن رازىي قاتارلىق ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىدىن بەزى رېتسىپلارنى تىلغا ئالدۇق. بۇ رېتسىپلارنىڭ بەزىلىرى ناتوغرا بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ پايدىلىق تەرەپلىرىدىن پايدىلىنىشىڭلارنى كۆزدە تۇتۇپ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.







بۇ يازما ئىزمىر9-ئيلۈل ئۇنىۋېرسىتى ئىلاھىيەت پاكولتېتى پەلسەپە ۋە دىن بىلىملىرى بۆلۈمىدىكى دوتسىنىت دوكتۇر مەھمەت تۈركئەرى مۇئەللىمنىڭ «غەززالىينىڭ پەخرىددىن رازىيغا تەسىر قىلغان ئەخلاق چۈشەنچىلىرى» ناملىق تۈركچە ماقالىسىدىن پايدىلىنىپ يېزىلدى.



puresherrif يوللانغان ۋاقتى 2012-5-7 00:02:54

رىيانى خاتا ھۈشىنىپ كەپتىكەنمەن، رەھمەت!



رىياكار سوپىلار دېگەن گەپلەرنى بەك كۆپ ئاڭلايتتۇق.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-5-7 09:15:48

ھەسەتخورلۇق بۇلارنىڭ قايسىسىغا كىرىدۇ؟

turkex يوللانغان ۋاقتى 2012-5-10 13:50:29

ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىيدىكەن..مەن ھەممىدىن بەكراق ئەنسىرەيدىغىنىم رىيا...اللە ساقلىسۇن ئەشۇ رىياخورلۇقتىن \"\"

aytarim يوللانغان ۋاقتى 2012-6-10 16:43:19

ئوبدان تىمىكەن، مەنمۇ رىياكار دېگەن گەپنىڭ مەنىسىنى ئەمدى تولۇق چۈشۈنىۋالدىم. ئاللاھ رىياخورلقتىن بارچىمىزنى يىراق قىلغاي !!   ئىنكاس يېزپ ساقلىۋالاي.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-10 18:55:03

ئۆلەپلا كەتسە قۇتۇلدىكەنغۇ بۇ كېسەللەردىن .

يوللانغان ۋاقتى 2012-6-10 22:58:56

 «‏پەيغەمبەر تىبابىتى» دىگەم كىتابتا مەنىۋى كىسەللىكنى تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل بولىدۇ دىگەن:

بىرى ‏شۈبھە ۋە مۇناپىقلىق كىسىلى.



‏ بۇنىڭغا دەلىل، اللە تائالا قۇرئاندا مۇنداق دىگەن:« ئۇلارنىڭ دىللىرىدا كىسەل (يەنى مۇناپىقلىق ۋە شەكلىنىش) بار، اللە ئۇلارنىڭ كىسىلىنى كۈچەيتىۋەتتى» 【سۈرە بەقەرە، 10-ئايەتنىڭ بىر قىسمى】.«دىللىرىدا كىسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلار)، كاپىرلار: < بۇ مىسالدىن اللە نىمىنى ئىرادە قىلىدۇ> دەيدۇ»【سۈرە مۇدەسسىر، 31-ئايەتنىڭ بىر قىسم】. «ئۇلارنىڭ دىللىرىدا (مۇناپىقلىق) ئىللىتى بارمۇ؟»【سۈرە نۇر،50-ئايەتنىڭ بىر قىسمى】

‏يەنە بىرى شەھۋەت ۋە ئازغۇنلۇق كىسىلى.



‏بۇھەقتە اللە تائالا مۇنداق دىگەن:« ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! سىلەر باشقا ئاياللارنىڭ ھېچ بىرىگە ئوخشىمايسىلەر، سىلەر يات ئەرلەرگە سۆز قىلغاندا نازاكەت بىلەن سۆز قىلماڭلار، دىلىدا كىسەك(نىفاق) بار ئادەم (سىلەرگە قارىتا) تەمەدە بولۇپ قالىدۇ»【سۈرە ئەھزاب، 32-ئايەتنىڭ بىر قىسمى】



‏شۈبھە نى داۋالاشنىڭ يولى اللەنى سەمىمى ھالدا تونۇش. ئەلبەتتە اللە خالىغان بەندىسىنى ھىدايەت قىلىدۇ. لىكىن ھىدايەت تېپىش ئۈچۈن خالىس نىيەت ۋە ئەمەل بولىشى كىرەك. اللە ئادىلدۇر، ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. اللەنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكى ھەققىدە پىكىر قىلىش، تۆۋەنچىلىك بىلەن بويسۇنۇپ، اللە دىن ھىدايەت تىلەش اللە نىڭ قەلبىمىزدىكى شۈبھىنى يوق قىلىپ، بىزنى ھىدايەت قىلىپ، ئىخلاسمەن، ساغلام قەلب ئىگىسى قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.



‏مۇناپىقلىقنىڭ ئالامەتلىرى بولسا يالغان سۆزلەش، ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش، ئامانەتكە خىيانەت قىلىىش. مۇشۇلارنىڭ ئەكسىنى قىلىش مۇناپىقلىق ئىللەتلىرىدىن ساقلىنىش بۇ كىسەلنى ساقايتىشنىڭ چارىسى بولىشى مۇمكىن. ئەلبەتتە قەلبىدە تەكەببۇرلۇق بولمىسا اللەنىڭ بارلىق ۋە بىرلىكىگە شەك-شۈبھە سىز ئىشىنىش بۇ كىسەلنىڭ داۋاسى بولسا كىرەك. ئېنىقكى، اللە بىر ئىنساننى زورلاپ مۇناپىق قىلىپ قويمايدۇ. ئىشەنمەسلىك ۋە شۈبھە نىڭ مەنبەسى ئىككى، بىرى بىلمەسلىك ۋە پىكىر قىلماسلىق يەنە بىرى تەكەببۇرلۇق. بىلمىگەن بولساق، ئۆگىنىش ۋە ئويلىنىش ئارقىلىق ھىدايەت ئىشكىنى قاقالايمىز(ئىنشااللە)، لىكىن تەكەببۇرلۇق تولىمۇ ياماندۇر. ھەدىستە قەلبىدە زەررىچە تەكەببۇرلۇق بار ئادەم جەننەتكە كىرەلمەيدۇ، قەلبىدە زەررىچە ئىماننىڭ نۇرى بار ئادەم جەننەتكە كىرىدۇ دىيىلگەن. اللە بىزنى شۇ تەكەببۇرلۇقتى  ساقلىسۇن! ئامىين. 



‏شەھۋەت ۋە ئازغۇنلۇق كىسىلىگە نىسبەتەن، بۇ كىسەلنىڭ مەنبەسى تىزگىنسىزنەفىستۇر. نەفسىنى يامان ئارزۇلاردىن تىزگىنلەش بىزدىن اللەنىڭ ياردىمى بىلەن غايەت زور سەبر ۋە چىدامچانلىق بىلەن نەفسىمىزنى تەربىيلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىنساننىڭ نەفسى شەيتان ئۈچۈن ئەڭ ياخشى كوزۇر ۋە يەمچۈك. ئىنساندا مۇشۇ نەفىس بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ نەفسىنى يېڭىپ تەقۋالىق بىلەن ئىبادەت قىلىشى پەرىشتىلەرنىڭ ئىبادىتىدىنمۇ قىممەتلىكتۇر ھالبۇكى، پەرىشتىلەردە يىيىش- ئىچىش، جىنسى ئىستەك، ئۇخلاش، ... تەك نەفىسنىڭ ئېھتىياجلىرى يوق، ئىنساننىڭ شۇ نەفىس ئىھتىياجلىىرنى يېڭىپ، سىناقلاردىن ئۆتۈشى، ئىبادەت قىلىشى ئىنساننى پەرىشتىلەردى  ئۈستۈن قىلىدۇ. ئەمما يىيىش-ئىچىش، ئۇخلاش ۋە جىنسى ھەۋەس تەك نەفسىنىڭ تىزگىننى تۇتالماي شەيتاننىڭ دامىغا چۈشۈپ قالسا، شۇ نەرسىلەرنى ھەممىدىن ئۈستۈن چاغلىشى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن خىيال ۋە ئىش ھەرىكەتلەردە بولىشى ئىنساننى ھايۋاندىن بەتەر ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. دىمەك ئىنسان نەفسىنى كونترول قىلىش بىلەن نەفىسنىڭ ھەققىنى بىرىش ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىسا ساغلام روھى ھالەتتە بولىشى مۇمكىن. 

‏شەھۋەت ھايۋانى جىنسى ئىستەك بولۇپ، بۇنى تىزگىنلەشتە مۇستەكەم ئىمان بىلەن بىرلىكتە ياشلارنى قۇدىرىتى يەتسىلا بالدۇر ئۆيلىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈش، ئۇنداق بولمىسا نەفلى روزاتۇتۇش ( روزا نەفسىنى تىزگىنلەشنىڭ ياخشى قۇرالى بولۇپ نەفسنى باسىدۇ). كۆزىنى، قۇلقىنى نابابلىقلاردىن يىراق قىلىش، يول ماڭغاندا اللە نى ئەسلەپ تەسبىھ ئېيتىپ مېڭىش،... قاتارلىق چارىلەرنى قولىنىشقا بولىدۇ. قىز-ئاياللارنىڭ تولۇق يۆگىنىشى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىماسلىقى، باشقىلارغا ناز بىلەن گەپ-سۆزلەردە بولماسلىقى... قاتارلىقلار بۇ سىناقتىن ئۆتۈشنىڭ يولى بولسا كىرەك.  

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-10 22:59:47

ئېغىرلىرى ئەمەسكەن

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2012-6-10 23:15:25

«‏پەيغەمبەر تىبابىتى» دىگەم كىتابتا مەنىۋى كىسەللىكنى تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل بولىدۇ دىگەن:



1. شۈبھە ۋە مۇناپىقلىق كىسىلى.



‏ بۇنىڭغا دەلىل، اللە تائالا قۇرئاندا مۇنداق دىگەن:« ئۇلارنىڭ دىللىرىدا كىسەل (يەنى مۇناپىقلىق ۋە شەكلىنىش) بار، اللە ئۇلارنىڭ كىسىلىنى كۈچەيتىۋەتتى» 【سۈرە بەقەرە، 10-ئايەتنىڭ بىر قىسمى】.«دىللىرىدا كىسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلار)، كاپىرلار: < بۇ مىسالدىن اللە نىمىنى ئىرادە قىلىدۇ> دەيدۇ»【سۈرە مۇدەسسىر، 31-ئايەتنىڭ بىر قىسم】. «ئۇلارنىڭ دىللىرىدا (مۇناپىقلىق) ئىللىتى بارمۇ؟»【سۈرە نۇر،50-ئايەتنىڭ بىر قىسمى】



‏2. شەھۋەت ۋە ئازغۇنلۇق كىسىلى.



‏بۇھەقتە اللە تائالا مۇنداق دىگەن:« ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! سىلەر باشقا ئاياللارنىڭ ھېچ بىرىگە ئوخشىمايسىلەر، سىلەر يات ئەرلەرگە سۆز قىلغاندا نازاكەت بىلەن سۆز قىلماڭلار، دىلىدا كىسەك(نىفاق) بار ئادەم (سىلەرگە قارىتا) تەمەدە بولۇپ قالىدۇ»【سۈرە ئەھزاب، 32-ئايەتنىڭ بىر قىسمى】



‏شۈبھە نى داۋالاشنىڭ يولى اللەنى سەمىمى ھالدا تونۇش. ئەلبەتتە اللە خالىغان بەندىسىنى ھىدايەت قىلىدۇ. لىكىن ھىدايەت تېپىش ئۈچۈن خالىس نىيەت ۋە ئەمەل بولىشى كىرەك. اللە ئادىلدۇر، ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. اللەنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكى ھەققىدە پىكىر قىلىش، تۆۋەنچىلىك بىلەن بويسۇنۇپ، اللە دىن ھىدايەت تىلەش اللە نىڭ قەلبىمىزدىكى شۈبھىنى يوق قىلىپ، بىزنى ھىدايەت قىلىپ، ئىخلاسمەن، ساغلام قەلب ئىگىسى قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.



‏مۇناپىقلىقنىڭ ئالامەتلىرى بولسا يالغان سۆزلەش، ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش، ئامانەتكە خىيانەت قىلىىش. مۇشۇلارنىڭ ئەكسىنى قىلىش مۇناپىقلىق ئىللەتلىرىدىن ساقلىنىش بۇ كىسەلنى ساقايتىشنىڭ چارىسى بولىشى مۇمكىن. ئەلبەتتە قەلبىدە تەكەببۇرلۇق بولمىسا اللەنىڭ بارلىق ۋە بىرلىكىگە شەك-شۈبھە سىز ئىشىنىش بۇ كىسەلنىڭ داۋاسى بولسا كىرەك. ئېنىقكى، اللە بىر ئىنساننى زورلاپ مۇناپىق قىلىپ قويمايدۇ. ئىشەنمەسلىك ۋە شۈبھە نىڭ مەنبەسى ئىككى، بىرى بىلمەسلىك ۋە پىكىر قىلماسلىق يەنە بىرى تەكەببۇرلۇق. بىلمىگەن بولساق، ئۆگىنىش ۋە ئويلىنىش ئارقىلىق ھىدايەت ئىشكىنى قاقالايمىز(ئىنشااللە)، لىكىن تەكەببۇرلۇق تولىمۇ ياماندۇر. ھەدىستە قەلبىدە زەررىچە تەكەببۇرلۇق بار ئادەم جەننەتكە كىرەلمەيدۇ، قەلبىدە زەررىچە ئىماننىڭ نۇرى بار ئادەم جەننەتكە كىرىدۇ دىيىلگەن. اللە بىزنى شۇ تەكەببۇرلۇقتى  ساقلىسۇن! ئامىين. 



‏شەھۋەت ۋە ئازغۇنلۇق كىسىلىگە نىسبەتەن، بۇ كىسەلنىڭ مەنبەسى تىزگىنسىزنەفىستۇر. نەفسىنى يامان ئارزۇلاردىن تىزگىنلەش بىزدىن اللەنىڭ ياردىمى بىلەن غايەت زور سەبر ۋە چىدامچانلىق بىلەن نەفسىمىزنى تەربىيلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىنساننىڭ نەفسى شەيتان ئۈچۈن ئەڭ ياخشى كوزۇر ۋە يەمچۈك. ئىنساندا مۇشۇ نەفىس بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ نەفسىنى يېڭىپ تەقۋالىق بىلەن ئىبادەت قىلىشى پەرىشتىلەرنىڭ ئىبادىتىدىنمۇ قىممەتلىكتۇر ھالبۇكى، پەرىشتىلەردە يىيىش- ئىچىش، جىنسى ئىستەك، ئۇخلاش، ... تەك نەفىسنىڭ ئېھتىياجلىرى يوق، ئىنساننىڭ شۇ نەفىس ئىھتىياجلىىرنى يېڭىپ، سىناقلاردىن ئۆتۈشى، ئىبادەت قىلىشى ئىنساننى پەرىشتىلەردى  ئۈستۈن قىلىدۇ. ئەمما يىيىش-ئىچىش، ئۇخلاش ۋە جىنسى ھەۋەس تەك نەفسىنىڭ تىزگىننى تۇتالماي شەيتاننىڭ دامىغا چۈشۈپ قالسا، شۇ نەرسىلەرنى ھەممىدىن ئۈستۈن چاغلىشى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن خىيال ۋە ئىش ھەرىكەتلەردە بولىشى ئىنساننى ھايۋاندىن بەتەر ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. دىمەك ئىنسان نەفسىنى كونترول قىلىش بىلەن نەفىسنىڭ ھەققىنى بىرىش ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىسا ساغلام روھى ھالەتتە بولىشى مۇمكىن. 

‏شەھۋەت ھايۋانى جىنسى ئىستەك بولۇپ، بۇنى تىزگىنلەشتە مۇستەكەم ئىمان بىلەن بىرلىكتە ياشلارنى قۇدىرىتى يەتسىلا بالدۇر ئۆيلىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈش، ئۇنداق بولمىسا نەفلى روزاتۇتۇش ( روزا نەفسىنى تىزگىنلەشنىڭ ياخشى قۇرالى بولۇپ نەفسنى باسىدۇ). كۆزىنى، قۇلقىنى نابابلىقلاردىن يىراق قىلىش، يول ماڭغاندا اللە نى ئەسلەپ تەسبىھ ئېيتىپ مېڭىش،... قاتارلىق چارىلەرنى قولىنىشقا بولىدۇ. قىز-ئاياللارنىڭ تولۇق يۆگىنىشى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىماسلىقى، باشقىلارغا ناز بىلەن گەپ-سۆزلەردە بولماسلىقى... قاتارلىقلار بۇ سىناقتىن ئۆتۈشنىڭ يولى بولسا كىرەك.  

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2012-6-11 00:02:30

پىسخولوگىيە ئىلمى روھى كىسەللەرنىڭ مەنبەسى ۋە داۋاسىنى تەتقىق قىلىدۇ. بۇ پەندە دىيلىۋاتقان روھى كىسەللىك  بولسا ئىنساننىڭ نېرۋا سىستىمىسىنىڭ فۇنكىسسىيسىنىڭ بۇزۇلىشى ۋە تەڭپۇڭلىقىنى يوقىتىشىنى كۆرسىتىدۇ.  پىسخىك نورمالسىزلىق كۆپىنچە خاتا ئىشەنچتىن ۋە شۇنىڭدىن كىلىپ چىققان رىفلىكىسلىق ئادەت يەنى ئىنساندىكى يوشۇرۇن ئاڭنىڭ نورمالسىز ئادەتنى توغرا دەپ قوبۇل قىلىۋېلىشىدىن  ۋە نېرۋا سىستىمىسىدىكى قالايمىغانلىشىشتىن كىلىپ چىقىدۇ دەپ قارىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ پەن روھىيەتنى ماددا بىلەن چۈشەندۈرىدۇ، يەنى  نېرۋا ھۈجەيرىللىرى ماددىدۇر، ئۇلارنىڭ فۇنكىسسىيسى ماددىنىڭ رىئاكسىيسى، نورمال ۋە ساغلام رىئاكسىيە ساغلام بولغان روھى-ھالەتنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.  




پەندىكى روھى كىسەللىكلەردىن، ھەسەتخورلۇق، ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك (ۋە ياكى ئۆزىگە زىيادە مەپتۇن بولۇش)، شۆھرەتپەرەسلىك، چۈشكۈنلۈك،... قاتارلىقلارنى ساناش مۇمكىن،  لىكىن مۇشۇ كىسەللىكلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ ئېيتقاندا،  رەھمان تائالانى تونىماسلىق ۋە نەفسى-شەيتانغا ئەل بولۇشتىن كىلىپ چىقىدۇ دىيىشكە بولىدۇ. دۇنيادا قانچىلىغان ئادەمنىڭ روھى كىسەللىكلەرنىڭ ئازابىنى تىتىۋاتقانلىقىنى توردىن تەكشۈرۈپ سىتاستىكىلارغا قاراپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. پىسخىك نورمالسىزلىق  ۋە روھى ئىللەتلەر ھازىرقى بىسىمى زور، رېتىمى تىز، ئىشەنچ ۋە سەمىمىيلىك ئاز قالغان ئىنسانلارجەمىيتىنىڭ ئاساسلىق مەسىللىرىدىن بىرىى. ھىپنوز قىلىش، NLP، قورقۇنچ، ئىجـتىمايى بېسىم، غەم-ئەندىشە، خاتىرجەمسىزلىك، بىخەتەرسىزلىك،... مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ئىجتىمايى پىسخىك مەسىللەر ھەققىدىكى ئاچقۇچلۇق سۆزلەردۇر.




لىكىن شۇنىسى ئېنىقكى، اللەنى ھەقىقى تونىغان مۆمىن ئادەمنىڭ روھى بەك خاتىرجەم ۋە ئوچۇق ھاۋادىكى كۆل سۈيىدەك تىنىچ.  چۈنكى مۆمىن ئۈچۈن ئۆتمۈشتىن قايغۇرۇش ۋە كەلگۈسىدىن غەم قىلىش يوقتۇر،  ئۇنىڭغا بىرەر ياخشىلىق كەلسە بۇنى اللە تەرەپتىن كەلدى دەپ مەمنۇن بولىدۇ(ئۆزىدىن پەخىرلەنمەيدۇ)، بىرەر يامانلىق كەلسە بۇنى ئۆز نەفسىنىڭ يامانلىقىدىن كۆرىدۇ-دە، تەۋبە قىلىپ اللەغا دۇئا قىلىدۇ ياكى بولمىسا اللە تەرەپتىن كەلگەن سىناق دەپ بىلىپ سەبرى قىلىدۇ-،دە، كۆڭلى ئارام تاپىدۇ ( «ھەقىقەتەن دىللار اللە نى ئەسلەش بىلەن ئارام تاپىدۇ»). ئۆزىنى اللە غا تاپشۇرۇش، تەغدىرگە ئىشىنىش ئۇنى نۇرغۇن روھى بېسىم ۋە ئەندىشىلەردىن ساقلاپ قالىدۇ.  تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولىشىچە مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ھەرخىل پىسخىك كىسەللىكلىرىگە گىرىپتاربولۇش نىسبىتى غەيرى مۇسۇلمانلىرىنىڭكىدىن ئاز بولىدىكەن.  يەنە قايسى بىر يەردىن ئوقۇغىنىمدىن ئىسىمدە قېلىشىچە «اللە» دىگەن مۇبارەك ئىسىمنى كۆپ دىيىش نېرۋا سىستىمىسى ئۈچۈن پايدىلىقكەن.  اللە بىزلەرنى روھى ساپ ۋە ساغلام كىشىلەر قاتارىدىن قىلسۇن ( ئامىيىن)!

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-11 00:56:04

يۇرت ئاتلاپ ئاپتۇۋۇزدا كىتىۋاتىتىم، بىر سوپى ئاپتۇۋۇزدا ھەركەتلەرنى ئىشارە قىلىپ، ئايەتنى ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن قىرائەت قىلىپ، نامازشام ئوقۇدى، بۇ سوپىنىڭ بۇ قىلىقى ماڭا خۇددى رىيادەك بىلىنىپ كەتتى، دادام رەھمىتى بىلەن نۇرغۇن قېتىم سەپەرلەردە بولغاندا، ئاپتۇۋۇزدا ئىشارە بىلەن ناماز ئوقۇشقا توغرا كەلسە،  ھىچقانداق نامازنىڭ قىرائىتىنى ئۈنلۈك ئوقۇمايتى، تۇنجى قېتىم كۆرگەن بۇ ئەھۋال ماڭا رىيادەكلا بىلىندى، ئەمما راس رىيامۇ - ئەمەسمۇ بىلمىدىم.

elwida يوللانغان ۋاقتى 2012-6-12 19:00:18

ساقلاي ئىنكاس بىلەن

AVAR يوللانغان ۋاقتى 2012-6-12 19:04:01

پەرز ناماز دېگەن ھەممە ئادەمگە تەڭ يېزىلغان. ئۇ رىياغا كىرمەس. بەلكى باشقىلارغا ئىبرەت، ئەسكەرتىش بولىدۇ.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-12 21:59:55

ئىشارەت بىلەن ئوقۇسىمۇ ئۈنلۈك ئوقۇمدا؟

AVAR يوللانغان ۋاقتى 2012-6-12 22:31:28

مۇنداق بىر قائىدە بار «ھەركەتتىن ئاجىز كىشىدىن ھەركەت ساقىت بولىدۇ. گەپ - سۆز ساقىت بولمايدۇ » دەپ. ئىشارەت بىلەن ئوقۇشى ھەركەتتىكى ئاجىزلىق سەۋەبىدىن. قىرائەتنى ئۈنلۈك قىلىشتىن ئاجىز كەلسە ئۇمۇ ئابايقى ھۆكۈمگە تەۋە. ئۇنىڭدىن ئاجىز كەلمىسە ئۈنلۈك ئوقۇسا مەيلى. چۈنكى نامازشام ئۆزى ئەسلىدە ئۈنلۈك ئوقۇلىدىغان ناماز.

بىلىدىغىنىم مۇشۇ.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-13 11:44:46

ھەشقاللا، بىلىۋالدىم.

yasiman33 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-16 22:18:39

8- قەۋەتتىكى Biligنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پىسخولوگىيە ئىلمى روھى كىسەللەرنىڭ مەنبەسى ۋە داۋاسىنى تەتقىق قىلىدۇ. بۇ پەندە دىيلىۋاتقان روھى كىسەللىك  بولسا ئىنساننىڭ نېرۋا سىستىمىسىنىڭ فۇنكىسسىيسىنىڭ بۇزۇلىشى ۋە تەڭپۇڭلىقىنى يوقىتىشىنى كۆرسىتىدۇ.  پىسخىك نورمالسىزلىق كۆپىنچە خاتا ئىشەنچتىن ۋە شۇنىڭدىن كىلىپ چىققان رىفلىكىسلىق ئادەت يەنى ئىنساندىكى يوشۇرۇن ئاڭنىڭ نورمالسىز ئادەتنى توغرا دەپ قوبۇل قىلىۋېلىشىدىن  ۋە نېرۋا سىستىمىسىدىكى قالايمىغانلىشىشتىن كىلىپ چىقىدۇ دەپ قارىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ پەن روھىيەتنى ماددا بىلەن چۈشەندۈرىدۇ، يەنى  نېرۋا ھۈجەيرىللىرى ماددىدۇر، ئۇلارنىڭ فۇنكىسسىيسى ماددىنىڭ رىئاكسىيسى، نورمال ۋە ساغلام رىئاكسىيە ساغلام بولغان روھى-ھالەتنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.  




پەندىكى روھى كىسەللىكلەردىن، ھەسەتخورلۇق، ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك (ۋە ياكى ئۆزىگە زىيادە مەپتۇن بولۇش)، شۆھرەتپەرەسلىك، چۈشكۈنلۈك،... قاتارلىقلارنى ساناش مۇمكىن،  لىكىن مۇشۇ كىسەللىكلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ ئېيتقاندا،  رەھمان تائالانى تونىماسلىق ۋە نەفسى-شەيتانغا ئەل بولۇشتىن كىلىپ چىقىدۇ دىيىشكە بولىدۇ. دۇنيادا قانچىلىغان ئادەمنىڭ روھى كىسەللىكلەرنىڭ ئازابىنى تىتىۋاتقانلىقىنى توردىن تەكشۈرۈپ سىتاستىكىلارغا قاراپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. پىسخىك نورمالسىزلىق  ۋە روھى ئىللەتلەر ھازىرقى بىسىمى زور، رېتىمى تىز، ئىشەنچ ۋە سەمىمىيلىك ئاز قالغان ئىنسانلارجەمىيتىنىڭ ئاساسلىق مەسىللىرىدىن بىرىى. ھىپنوز قىلىش، NLP، قورقۇنچ، ئىجـتىمايى بېسىم، غەم-ئەندىشە، خاتىرجەمسىزلىك، بىخەتەرسىزلىك،... مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ئىجتىمايى پىسخىك مەسىللەر ھەققىدىكى ئاچقۇچلۇق سۆزلەردۇر.




لىكىن شۇنىسى ئېنىقكى، اللەنى ھەقىقى تونىغان مۆمىن ئادەمنىڭ روھى بەك خاتىرجەم ۋە ئوچۇق ھاۋادىكى كۆل سۈيىدەك تىنىچ.  چۈنكى مۆمىن ئۈچۈن ئۆتمۈشتىن قايغۇرۇش ۋە كەلگۈسىدىن غەم قىلىش يوقتۇر،  ئۇنىڭغا بىرەر ياخشىلىق كەلسە بۇنى اللە تەرەپتىن كەلدى دەپ مەمنۇن بولىدۇ(ئۆزىدىن پەخىرلەنمەيدۇ)، بىرەر يامانلىق كەلسە بۇنى ئۆز نەفسىنىڭ يامانلىقىدىن كۆرىدۇ-دە، تەۋبە قىلىپ اللەغا دۇئا قىلىدۇ ياكى بولمىسا اللە تەرەپتىن كەلگەن سىناق دەپ بىلىپ سەبرى قىلىدۇ-،دە، كۆڭلى ئارام تاپىدۇ ( «ھەقىقەتەن دىللار اللە نى ئەسلەش بىلەن ئارام تاپىدۇ»). ئۆزىنى اللە غا تاپشۇرۇش، تەغدىرگە ئىشىنىش ئۇنى نۇرغۇن روھى بېسىم ۋە ئەندىشىلەردىن ساقلاپ قالىدۇ.  تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولىشىچە مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ھەرخىل پىسخىك كىسەللىكلىرىگە گىرىپتاربولۇش نىسبىتى غەيرى مۇسۇلمانلىرىنىڭكىدىن ئاز بولىدىكەن.  يەنە قايسى بىر يەردىن ئوقۇغىنىمدىن ئىسىمدە قېلىشىچە «اللە» دىگەن مۇبارەك ئىسىمنى كۆپ دىيىش نېرۋا سىستىمىسى ئۈچۈن پايدىلىقكەن.  اللە بىزلەرنى روھى ساپ ۋە ساغلام كىشىلەر قاتارىدىن قىلسۇن ( ئامىيىن)!




ئىسلامنى بەكرەك چۈشەنگەندىن كېيىن ، بىرسى مىنى  ئالدىمدىلا ماختاپ كەتسە، قاتتىق بىئارام بولىدىغان بولىدىغان بولۇپ قالدىم.  شۇ ماختىغان ئادەمگە ئۆچلۈگۈم قوزغىلىپ كىتىدۇ.  


  بۇ نورمال ئەھۋالمۇ؟

yasiman33 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-16 22:21:39

ۋاي ئىزدىنىشتا «جاللات »دىسىلا « لەببەي»دەپ تۈرمىگە تاشلايدىغان بولڭپ كېتىپسىلەرغۇ؟تېما ئىگىسى خېلى ياخشى ئىنكاسلارنى يىزىپ يۈرەتتىغۇ؟

  يىقىندىن بۇيان نۇرغۇن ئەزالار تۈرمىگە كىرىپتۇ. سەل ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق؟

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 09:39:39

تېما ئىگىسى تۈرمىگە كىرسە تېمىسىنى ساقلىۋالغىلىمۇ بولمايدىكەن دىسە ، ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋالاي ئەڭ ياخشىسى.

atella يوللانغان ۋاقتى 2012-7-13 23:31:19

تېما ئىگسىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن...ئامىن
بەت: [1]
: 4 خىل مەنىۋى كېسەللىك ۋە داۋالاش رېتسىپلىرى