yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 12:05:00

سىن: uyghur Ubuntu 12.04 نى قاچىلاش

Uyghurix مەشغۇلات سىستېمىسنى سىناشقا قاتنىشىڭ دىكى
چاقىرىققا بىنائەن بۇنى بايا قاچىلاپ باقتىم.







بۇنى قاچىلاش «ئۇيغۇرچە قوشۇلغان GhostXP» نى قاچىلاشتەكلا
ئاسانكەن.  نۇر دىسكىدىن قوغزاتسىڭىز بۇ كۆزنەك چىقىدۇ.  ئىككى خىل قاچىلاش
ئۇسۇلىدىن بىرنى تاللاپ enter نى باسسىڭىزلا بولىدۇ.



سىستېما خەت نۇسخىسى، تىل رايۇنى ئۇيغۇرچەگە تەڭشەگلىك
ھالەتتە قاچىلىنىدۇ.

مەن ھازىر مەۋھۇم كومپيۇتېردا سىناپ بولدۇم، جەرياننى
سىنلاپ بوشلۇققا چىقىرىۋاتىمەن.  بۇنى قاچىلاشقا دەرس كۆرۈش كەتمىگۈدەك.



ئىشەنمىسىڭىز بۇ سىننى كۆرۈڭ



بۇنى بېسىپ چوڭ ھالەتتە كۆرۈڭ



مەنبەنى ئەسكەرتمەي باشقا توربەتلەردە تەۋسىيە
قىلسىڭىز بولىدۇ ( رەسىمنى خاتىرجەم ئۇلىنىش قىلىڭ، نورمال كۆرۈنۈۋېرىدۇ)  

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 18:46:03

قىياس دۇنياسى تورى  ، Uyghurix
نى بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرىسى تەمىنلىدى. بۇنى
بېسىپ چۈشۈرۈڭ

yasinjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 18:58:33

مەۋھۇم كومپيوتېرغا قاچىلىسام بولدى، لىكىن مەشغۇلات راۋان ئەمەس، ھەقىقى كومپيوتېرغا قاچىلاي دېگەن، iso ھۆججەتنى يەشكەندىكىن قاچىلاش پروگراممىسى يوققۇ؟ ۋۇبى دېگەن دىتالدا قاچىلىسام قاچىلاشتىن بۇرۇن تىل تاللايدىغان يەردە ئۇيغۇرچە يوقكەن، قاچىلاپ بولغاندىن كېيىنمۇ سېستىما خەت نۇسخىسىنى ئۆزگەرتەلمىدىم، قارىغاندا ئۇيغۇر ئىكىسنىڭ سېستىما خەت نۇسخىسىنى ئۆزگەرتمىسىمۇ بولىدىغان ئوخشايدۇ، يەنە بىر قىسىم دىتاللار قوشۇۋىتىلگەندەك،

مۇشۇ ئۇبۇنتۇنى قاچىلاپ بىرتال ناخشىمۇ قويالمىدىم، يۇمشاق دېتال چۈشۈرەي دېسەم چۈشۈشى بەك ئاستىكەن، ساقلاپ زىرىكىپ كېتىدىكەنمەن،

مۇشۇ ئۇيغۇر ئىكىسنى ھەقىقى كومپيوتېرغا قانداق قاچىلاشنى بىلىدىغانلار دەپ بەرسەڭلار، رەھمەت!

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 19:06:27

2- قەۋەتتىكى yasinjan0997نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەۋھۇم كومپيوتېرغا قاچىلىسام بولدى، لىكىن مەشغۇلات راۋان ئەمەس، ھەقىقى كومپيوتېرغا قاچىلاي دېگەن، iso ھۆججەتنى يەشكەندىكىن قاچىلاش پروگراممىسى يوققۇ؟ ۋۇبى دېگەن دىتالدا قاچىلىسام قاچىلاشتىن بۇرۇن تىل تاللايدىغان يەردە ئۇيغۇرچە يوقكەن، قاچىلاپ بولغاندىن كېيىنمۇ سېستىما خەت نۇسخىسىنى ئۆزگەرتەلمىدىم، قارىغاندا ئۇيغۇر ئىكىسنىڭ سېستىما خەت نۇسخىسىنى ئۆزگەرتمىسىمۇ بولىدىغان ئوخشايدۇ، يەنە بىر قىسىم دىتاللار قوشۇۋىتىلگەندەك،

مۇشۇ ئۇبۇنتۇنى قاچىلاپ بىرتال ناخشىمۇ قويالمىدىم، يۇمشاق دېتال چۈشۈرەي دېسەم چۈشۈشى بەك ئاستىكەن، ساقلاپ زىرىكىپ كېتىدىكەنمەن،

مۇشۇ ئۇيغۇر ئىكىسنى ھەقىقى كومپيوتېرغا قانداق قاچىلاشنى بىلىدىغانلار دەپ بەرسەڭلار، رەھمەت!

نۇر دىسكىغا ئويۇپ، كومپيۇتېرنى نۇر دىسكىدىن قوزغىتىپ قاچىلايسىز.


ھازىرچە سىستېمىلا قاچىلىنىدۇ، قوشۇمچە دىتالللارنى ئايرىم قاچىلايمىز.


بۇنىڭ كېيىنكى نۇسخىسى يۇمشاق دىتال بىلەن بىللە قاچىلىنىدىغان قىلىپ ياسالماقچى.


يادىڭىزدا بولسۇنكى، قاچىلاش ئۈچۈن 10 گ دىن چوڭ ئايرىم دىسكا رايۇنىنى تەييارلاپ قويۇڭ. ئىچى قۇرۇق بولغىنى ياخشى.


بۇ يەردىكى سۇئال- جاۋاپلارنى تەپسىلىي بىر كۆرۈۋەتكەيسىز.

yasinjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 19:22:13

سۇئال-جاۋپلارنى ئوقۇدۇم، نۇر دىسكىغا ئويمايمۇ قاچىلىغىلى بولامدۇ؟ نۇر دىسكىغا ئويۇپ نۇر دىسكا قوزغاتقۇچقا سالغاندىمۇ ئادەتتە شۇ بىر ئاپتوماتىك قوزغۇلىدىغان ھۆججەتنى قوزغىتىپ بېرىدىغۇ؟

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 19:24:20

4- قەۋەتتىكى yasinjan0997نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سۇئال-جاۋپلارنى ئوقۇدۇم، نۇر دىسكىغا ئويمايمۇ قاچىلىغىلى بولامدۇ؟ نۇر دىسكىغا ئويۇپ نۇر دىسكا قوزغاتقۇچقا سالغاندىمۇ ئادەتتە شۇ بىر ئاپتوماتىك قوزغۇلىدىغان ھۆججەتنى قوزغىتىپ بېرىدىغۇ؟

ھازىرقى نۇسخىسىدا بولمايدۇ، كېيىنكىلىرىدا شۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز مۇمكىن.
بەت: [1]
: سىن: uyghur Ubuntu 12.04 نى قاچىلاش