Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 10:38:53

[كۆچۈرۈلمە]ئۈستەل يۈزى Linux سېستىمىسى نېمىشقا مەغلۇپ بولىدۇ

(نۇر تورىدىن چاپلاندى)

ئۈستەل يۈزى Linux سېستىمىسى نېمىشقا مەغلۇپ بولىدۇ

http://www.nur.cn/news/2012/05/66338.shtml

Linuxسېستىمىسى مۇلازىمىتىر ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى كومپىيوتېرنىڭ ھۆكۈمرانى ، لېكىن ئۈستەل يۈزى سېستىمىسى بازىرىدا ئىزچىل %1دىن تۆۋەن بازار ئىگىلەش نىسبىتىنى ساقلاپ كەلدى .  Windowsقا سېلىشتۇرغاندا Linux ئۈستەل يۈزى سېستىمىسى ھەقسىز ، بىخەتەر ، ۋىروستىن يوقۇملىنىشى ئىنتايىن ئاز ، لېكىن Linux ئۈستەل يۈزى سېستىمىسى نېمىشقا مەغلۇپ بولىدۇ ؟ Linux كومپىيوتىرى گەرچە ئەرزان بولسىمۇ ، لېكىن باشقۇرۇش ۋە ماسلىشىشچانلىق جەھەتلەرنى ئويلاشقاندا ، تىجەشلىك بولامدۇ يوق بۇنىڭغا بىرنىمە دeمەك تەس .

   مىسال قىلىپ ئېيتساق ، Windows 7ئائىلە يۇقىرى دەرىجىلىك نۇسخىسى ئالدىن قاچىلانغان Dell Latitude 2120نىڭ باھاسى 494دوللار ، Ubuntuسېستىمىسى ئالدىن قاچىلانغان ئوخشاش كومپىيوتېرنىڭ باھاسى 434دوللار ، پەقەت 60دوللارلا ئەرزان . مەسىلە شۇكى ھەقسىز Linuxپەقەت بىريىللا يېڭىلاش ۋە يوچۇقلارنى ئېتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ ، ھەر يىلى ئىشلەتكۈچى سېستىمىسىنى چوقۇم يېڭى نەشىرگە كۆتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ ، لېكىن ھەربىر  Windows نەشىرى 10يىلدىن ئارتۇق قولاشقا ئېرىشەلەيدۇ ، ئىشلەتكۈچىنىڭ ئارتۇق پۇل خەجلىشىنىڭ ھاجىتى يوق .

namsez يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 11:03:46

linux      

               windowsبىلەن unix  نىڭ ئارىلىقىدىلا مەۋجۇد بۇلۇپ تۇرىۋاتىدۇ ، ھامىنى ۋەيران بولغۇسى !

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 11:32:10

1- قەۋەتتىكى namsezنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

      linux      

               windowsبىلەن unix  نىڭ ئارىلىقىدىلا مەۋجۇد بۇلۇپ تۇرىۋاتىدۇ ، ھامىنى ۋەيران بولغۇسى !

ناتايىن، ھازىر ئۇبۇنتۇنى ئىشلىتىدىغانلار كۈنسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ.

شۇنداق دېيىشىڭىزگە ئاساس قويۇپ باقسىڭىز.

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 11:33:11

ئۇندقتا Uyghurix \"\"

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 12:01:23

باچكا،

لىنۇكس مەسىلىسى تېخنىكىدىكى مەسىلە ئەمەس، بەلكى پۇلدىكى مەسىلە.

ئىمزايىڭىزغا قارىساق، بىزگە ھازىر 1000 خىل ئۇيغۇرچە كىتاپ لازىم ئىكەن. سىز بىلەن بىز كامىدا 100 خىل كىتاپ يازالايمىز، تۈزىيەلەيمىز، لېكىن گەپ پۇلدا. بىز بىكارغا ئىشلەپ يۈرسەك، ئائىلىمىزنى قانداق باقىمىز؟ بىزدە 1000 خىل كىتاپنىڭ بولماسلىقى، شۇ كىتاپنى يازغۇدەك بىلىم-ئۇچۇرنىڭ بولماسلىقى ئەمەس، بەلكى شۇ كىتاپلارنى يېزىش جەريانىدا قوساقنى قانداق بېقىش مەسىلىسى.

ئالدىنقى قېتىم، ئۇ ك ئى ج ھەقسىز ياساپ تارقاتقان ئۇيغۇرچە فونتلاردىن مەسىلە چىقتى. بۇنى تۈزىتىشكە باش-ئاخىرى بولۇپ 3-4 يىل كەتتى. ناۋادا ئۇيغۇرسوفت پۇلغا ساتقان ئەلكاتىپتىن مۇشۇنداق مەسىلە چىققان بولسا، ئۇيغۇرسوفت بۇنى 1 سائەتتە تۈزىتىپ بولىتى. بۇ يەردىمۇ تېخنىكىدىكى مەسىلە ئەمەس، بەلكى پۇلدىكى مەسىلە.

خوش، ئەمدى لىنۇكىسقا كەلسەك، جاھاندىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر كومپيۇتېرغا ئانچە ئۇستا ئەمەس. ئۇلار تەييار سىستېمىنى ئىشلىتەلىگەن بىلەن، بىرەر مەسىلە چىقسا، باشقىلارنى ئىزدەپ تېپىپ سوراپ ھەل قىلىدۇ. ۋىندوۋز پۇلغا سېتىلغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ساتقان ئىگىسىنى تاپقىلى بولىدۇ. لېكىن لىنۇكستا ئىگىسى يوق. شۇڭا لىنۇكسنىڭ بىكارلىق ئۈستەل يۈزى نەشرى دەل شۇ «بىكارلىق» بولغان ئەجەللىك ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئومۇملىشالمايۋاتىدۇ. لېكىن كومپيۇتېرغا خېلە پىششىق، باشقىلارغا ھاجىتى چۈشمەيدىغانلار ئۈچۈن، لىنۇكس ۋىندوۋستىن نەچچە ھەسسە ئەۋزەل.

ئەمدى ئۇيغۇرلار لىنۇكسقا دۈشمەن كۆزى ۋە ياكى مەسخىرە كۆزى بىلەن قارىماي، بەلكى ئۇنى قانداق قىلغاندا ئۆزىمىزگە لايىقىدا خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئويلانساق شۇ ئەۋزەل.

باشقىلار قانداق قىلدى؟

غەرپ ئىرانغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈپ، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىراندىن چەكلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىرانلىقلار دۆلەت، شىركەت ۋە شەخسلەر مىقياسىدا لىنۇكسقا كۆچتى. ئۇلار ھەقسىز لىنۇكىسنى پارىسچىغا ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەتتى. كومپيۇتېر شىركەتلىرى قۇرۇلدى. ئۇلار پارىسچە لىنۇكسنى كىشىلەرگە ھەقسىز بېرىپ، لېكىن سىستېما مۇلازىمىتىنى پۇلغا ساتتى. بۇ يول بىلەن دۆلەت، شىركەت ۋە شەخسلەر ئېمبارگو ئالدىدا قىلچە تەسىرگە ئۇچرىمىدى. ھازىر ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرى پۈتۈنلەي لىنۇكستا ماڭىدۇ. ۋىرۇسسىز، ئامېرىكا ۋە دۈشمەنلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ...

بىزچۇ؟

ئالدىنقى 10 نەچچە يىلدا، ئۇيغۇر يېزىقىنى كومپيۇتېرغا، ۋىندوۋزقا تونۇتۇشتا بەك قىينىلىپ كەتتۇق. ھەر قەدەمدە مىكروسوفتنىڭ شاپائىتىگە قاراپ قالدۇق. ھەممەيلەن قىينالدى، تىل-يېزىقىمىزمۇ قىينالدى. ناۋادا شۇ ۋاقىتتا لىنۇكسنىمۇ ئويلاشقان بولساق، باشقىچە بىر جۇشقۇن كەيپىيات، مەنزىرە، نەتىجىنى كۆرەتتۇق.

ھالال-ھارامنى شۇنداق ئايرىيدىغان بىز كومپيۇتېر ساھەسىگە كەلگەندە ھارامغا بوينىمىزغىچە چۆكۈپ كەتتۇق. نۇرغۇنلىغان ھالالنى تەشۋىق قىلىدىغان ماتىرياللار ھارام سىستېمىدا ئىشلەپ چىقىلدى. ئىشلەتكۈچىلەر ھارامغا چۆككەن، ياشلىرىمىز خىزمەتسىز، شىركەتلىرىمىز سودىسىز. ئۇنىڭدىن كۆرە بىزدىمۇ لىنۇس مۇلازىمىتى قىلىدىغان ئۇيغۇر شىركەتلىرى قۇرۇلسا، ياشلار ئىش تاپسا، ئىشلەتكۈچىلەر ھارامدىن ھالالغا كۆچسە، بۇ ھەممەيلەنگە پايدىلىق ئەمەسمىدى؟

بۇرۇن مىكروسوفت بىزنىڭ گېپىمىزنى ئانچە ئاڭلاپ كەتمەيتتى. «ھەقسىز لىنۇكس ۋە ئىشخانا دېتاللىرىنى ئۇيغۇرچە ئۆزلەشتۈرۈپ بولدۇق، ئالمىمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا كەپ بولدى. ئەمدى سىلەرنىڭكىنى قانداق قىلىمىز؟» دەپ 2 يىل بۇرۇن خەت يازساق، شۇ دەقىقىدە دەرھال جاۋاپ يېزىپ، «بىز تەييار، دەرھال ئىش باشلايلى» دەپ جاۋاپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئالدى-كەينى 1 كۈن ئىچىدە ئىمزا ئېتىشىپ، تامغا-مۆھۈر بېسىشىپ، توختام تۈزىلدى.

ئۆتمۈشتىكى نۇرغۇن خاتا قەدەملەرنىڭ جاپاسىنى ئاز تارتمىدۇق. ئەمدى بولسىمۇ ساۋاق ئالايلى. ئەرەپچە ۋە لاتىنچە ئۇيغۇرچىنى 10 يىل سوقۇشتۇرۇپ ئوينىدۇق. ئەمدى كەلگەندە، ۋىندوۋز بىلەن لىنۇكسنى سوقۇشتۇرۇپ ئوينىمايلى. بۇنىڭ ھەر ئىككىلىسى بىزگە پايدىلىق، قىلچىمۇ زىيىنى يوق. شۇڭا بىرسىنى ھەسەل، يەنە بىرسىنى زەھەر كۆرسىتىشكە تىرىشمايلى. بولمىسا بۇنىڭ دەردىنى يەنە ئۇزۇنغىچە تارتىمىز.

Teddy يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 12:14:06

linux نى مەغلۇب بولىدۇ دەپ ياكى بازار تاپالمايدۇ دەپ 10 يىلنىڭ ئالدىدا شۇنداق ئويلىغان، ئەكسىچە تېخىمۇ ئاۋۇپ كېتىپ بامامدۇ؟ بىر نېمە دېيىشكە ئالدىرىغىلى بولماس.

snake يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 12:26:51

ubuntu100% تەرجىمە قىلىنىپ بارلىق يېتەرسىزلىكلەر تۈزتۈلسە ئاندى ئىشلىتىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىدۇ ، ئەڭ مۇھىمى كۆنۈش مەسىلىسى ، كۆزنەك مەشغۇلاتى نىمىلا قىلمىسۇن بىزگە 20نەچچە يىل ھەمرا بولدى دە .

AVAR يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 12:39:10

. مەسىلە شۇكى ھەقسىز Linuxپەقەت بىريىللا يېڭىلاش ۋە يوچۇقلارنى ئېتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ ، ھەر يىلى ئىشلەتكۈچى سېستىمىسىنى چوقۇم يېڭى نەشىرگە كۆتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ ، لېكىن ھەربىر  Windows نەشىرى 10يىلدىن ئارتۇق قولاشقا ئېرىشەلەيدۇ ، ئىشلەتكۈچىنىڭ ئارتۇق پۇل خەجلىشىنىڭ ھاجىتى يوق .

---------------------------

ماۋۇ قىپقىزىل يالغان گەپقۇ؟ يىلدا بىر قېتىم ئەمەس، 2-3 كۈندە apt-get update & apt-get upgrade قىلسام ياماقلار بولسا قاچىلايدۇ.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 13:47:42

ئوقۇشماسلىق بولمىسۇن، مەن بۇنى ئۇلىنىش تورىدىن كۆرۈپ قىزىقىپ چاپلاپلا قويغان، ئۇلىنىشمۇ ئاساسەن تەرجىمە قىلىپ چىقىرىدۇ، پەقەت كۆرۈپ باقسۇنلا دىگەن، ئادرىسىنىمۇ قالدۇردۇم. تېمام لىنۇكىس تېمىسىنىڭ كەينىگىلا چۈشۈپتىكەن، ئەنسىرىگەنتىم..

مېنىڭ لىنۇكىسقا نىسبەتەن ئەزەلدىن كەمسىتىش قارىشىم يوق، بولۇپمۇ ئىشلىتىپ كۆرگەن ئادەمدە ئۇنداق كۆز قاراش بولمايدۇ.

ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار چوقۇم لىنۇكىسنى سىناپ ئىشلىتىپ، مۇمكىن بولسا پروگرامما تۈزۈپ ئۆگىنىپ قويۇشى كېرەك، بۇنىڭغا يېتەكچى كېتىدۇ.

@avar ئاۋۇ يېڭىلاش توغرىسىدىكى گەپ مېنىڭ چۈشەنچەمدە بىر يىل ئىچىدە دىگەن گەپقۇ، مەن ئۆتكەن ئون يىل ئىچىدە بىرەر لىنۇكىسنى قاچىلىغان پېتى بىر يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشتۇرۇپ باقمىغاچقا بىلمەيمەن، بىلگەنلەر ئېنىق چۈشەندۈرۈپ قويسا بولاتتى. ھېچ بولمىسا  بىز بىراقلا قايتا قاچىلاپ سالىمىز.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 13:50:51

2- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى namsezنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

linux

windowsبىلەن unix نىڭ ئارىلىقىدىلا مەۋجۇد بۇلۇپ تۇرىۋاتىدۇ ، ھامىنى ۋەيران بولغۇسى !

ناتايىن، ھازىر ئۇبۇنتۇنى ئىشلىتىدىغانلار كۈنسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ.

شۇنداق دېيىشىڭىزگە ئاساس قويۇپ باقسىڭىز.

ھەي يوليار، مەن نامسىزنىڭ ئىنكاسىنى ئەستايىدىل يازغان دەپ ئويلىمىدىم، بەلكىم ئىشلەتكەن تەسىراتىمۇ يوقتۇ، ئاساس قويالىشى ناتايىن\"\". ئەستايىدىل بوپ كەتمەڭ مەنچە..

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 14:14:02

9- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نامسېزنى خېلى چۈشۈنۈپ قالدىم دەپ قارايمەن.

~~~~~~~~~~~~~~~~

نۇر تورى  باشقىلارنى  قىزىقتۇرغىدەكلا نەرسە بولسا نېرى- بېرىسىنى سۈرۈشتۈرمەك يوللاۋىرىدۇ.

ئۇ يەردىكى نەرسىدىن تاللاپ- شاللاپ تەۋسىيە قىلغان ياخشى.

namsez يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 15:40:28

9- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى namsezنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

linux

windowsبىلەن unix نىڭ ئارىلىقىدىلا مەۋجۇد بۇلۇپ تۇرىۋاتىدۇ ، ھامىنى ۋەيران بولغۇسى !

ناتايىن، ھازىر ئۇبۇنتۇنى ئىشلىتىدىغانلار كۈنسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ.

شۇنداق دېيىشىڭىزگە ئاساس قويۇپ باقسىڭىز.

ھەي يوليار، مەن نامسىزنىڭ ئىنكاسىنى ئەستايىدىل يازغان دەپ ئويلىمىدىم، بەلكىم ئىشلەتكەن تەسىراتىمۇ يوقتۇ، ئاساس قويالىشى ناتايىن\"\". ئەستايىدىل بوپ كەتمەڭ مەنچە..

    تورغا ئولىمىغان كومپىېيوتىردا  ئۇ سېستىمىنى مەشغۇلات قىلىپ باققان  ( ئېنگىلىزچە ھەرپنى قانداق يازىدۇ ...)  ،     ئادەتتە مەن توردا تور ئۇيۇنلىرىنى كۆپىرەك ئوينايمەن ، لىنۇكىسنىڭ قاتتىق دېسكىغا بولغان تەلىپىمۇ يوقىرى ئەمەس ، يومشاق دىتاللارمۇ ۋىندۇسنىڭكىدەك مول ئەمەس ، نۇرغۇن يومشاق دىتاللارنى لىنۇكوس قوللىمايدۇ ،   مەن يا مولازىمىتىر قۇرۇپ باشقا ئىش قىلمىغاندىكىن باشتىن ئاخىر شۇ ۋىندۇۋس xp نى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن ، ۋىستا ، ۋىندۇسىت 7 دىگەنلەرنىمۇ ئىشلىتىپ باقمىدىم ھازىرغىچە ....

سىز ئۆزىڭىزمۇ بىلمىگەن ھەم خەۋىرىڭىز يۇق نەرسىلەرنى بىر كۆزىڭىزنى تېڭىپلا يوللاۋېرىپسىزدە ...  ئاۋۇ يەدە شۇ پاراڭ بوپتىكە دەپ قوياپ   \"\"

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 15:45:28

10 يىلنىڭ ئالدىدا دىگەن بولسا ئاقاتتى ماۋۇ گەپ. يەنە بىرىگە يازغان ئادەم تۈزۈك ئىزدەنمەيلا يىزىپتۇ. ئۇبۇتۇ چىققاندىن تارتىپ ھەر ئىككى يىلدا بىر دىگۈدەك LTS نۇسخىسى چىقىرىدۇ، *.04 نۇسخىلىرى ئادەتتە، بۇ نۇسخىسى تور بەتتە ئەسكەرتىلگەن بولىدۇ.  LTS= long term support دىگىنى، يەنى ئۇزۇن ۋاقىتلىق قوللاش نۇسخىسى. ئەڭ يىڭى چىققان 12.04 نۇسخىسى مۇشۇ تىپتىكىسى، 5 يىلغىچە قوللايدۇ. مەن 2008-يىلى ئىشلەتكەن 8.04لتس نۇسخىسى 3 يىللىق ئىدى. يازغۇچى ئادەم مۇشۇ نەرسىنىمۇ بىلمىگىنىگە قارىغاندا تۈزۈك ئىزدەنمەيلا يىزىپتۇ، ياكى باشقا مەقسىدى باردەك. يەنە بىرىگە ھەر قىتىم نۇسخا يىڭىلانغاندا چوقۇم يىڭىسىنى ئىشلىتىشىڭىز ھاجەتسىز. خۇددى ۋىندوۋس xpنى ھازىرغىچە نۇرغۇن ئادەم ئىشلەتكەندەك. مۇلازىمەت توختىتىلغان بولسىمۇ يەنىلا كۆپ ساندا كىشىلەر ئىشلىتىۋاتىدىغۇ. لىنۇكسمۇ ئوخشاش، ئىشلەۋىرىدۇ سېستىما يىڭىلاپ تۇرمىسڭىزمۇ!

لىنۇكس تىخى ئەمدىلەتىن كىشىلەرنىڭ نەزىرىگە چىلىقىۋاتىدۇ. مانا ئىزدىنىشتىمۇ لىنۇكس تېمىلىرىنىڭ كۆپىيىشى بۇ سىستىمىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئىپادىسى. ئەلۋەتتە، كىشىلەر ئارىسىدا لىنۇكس ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۆپىيىشى ما دۆلەت ۋە بەزى شىركەتلەرنى ئارامسىزلاندۇرىدۇ. بىرىگە دۆلەت ئۇنى ئىناق جەمىيەتكە تەسىر قىلىدۇ دەپ قارايدۇ، بۇرۇن ئىشلەپ ھەم ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئۆي مارايدىغان دېتاللار ئىشلىمەي خەق ئىرىشمەكچى بولغان ئۇچۇرغا ئىگە بولالمايدۇ. ۋىروسخۇر ئىشلەيدىغان شېركەتلەر خىرىداردىن ئايرىلىپ قالىدۇ، تىڭشۈن دەك شىركەتلەرنىڭ ئىلانچىلىق كىرىمى ئازىيىدۇ. شۇنداقلار ئەلۋەتتە كۆزى ياخشى بولمىغاچقا كۆرەلمەي تەتۈر مۇقام توۋلايدۇ.

تۆۋەندىكى دىئاگراممىدا ھازىرقى يۇمشاق دېتال ئاچقۇچى كىشىلەرنىڭ سىستىما تاللاش يۈزلىنىشى، مۇشۇنىڭغىلا قارىساق خىلى بىر نەرسىلەرنى چۈشىنىپ قالىمىز.

http://asset2.cbsistatic.com/cnwk.1d/i/tim//2010/06/09/Primary_OS_-_Development_540x393.png

يەنە بىرىگە، لىنۇكس ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئاز بولۇشىمۇ ئەسلى بىر ياخشى ئىش؛)

namsez يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 15:52:03

2- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى namsezنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

linux

windowsبىلەن unix نىڭ ئارىلىقىدىلا مەۋجۇد بۇلۇپ تۇرىۋاتىدۇ ، ھامىنى ۋەيران بولغۇسى !

ناتايىن، ھازىر ئۇبۇنتۇنى ئىشلىتىدىغانلار كۈنسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ.

شۇنداق دېيىشىڭىزگە ئاساس قويۇپ باقسىڭىز.

    linux  نى unix نىڭ يەنە بىر نوسخىسى دېيىشكە بولىدۇ ، بۇنىسى ھەممىمىزگە ئايانغا ، مەنچە بۇ ئىككى سېستىمىنىڭ تۈزۈك پەرقى يۇق ، ھەممىسىنىڭ قوللايدىغان يومشاق دېتالى ، پرۇگرامما تۈزۈش مۇھىتى ، تور ئالاھىدە ئىقتىدارلىرى ھەممىسى ئوخشىشىپ كېتىدۇ ، linux شۇ unix ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان، مۇشۇنىڭغا ئاساسەن دەيمىنا ...

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 16:02:34

11- قەۋەتتىكى namsezنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

    ...    ئادەتتە مەن توردا تور ئۇيۇنلىرىنى كۆپىرەك ئوينايمەن ، لىنۇكىسنىڭ قاتتىق دېسكىغا بولغان تەلىپىمۇ يوقىرى ئەمەس ، يومشاق دىتاللارمۇ ۋىندۇسنىڭكىدەك مول ئەمەس ، نۇرغۇن يومشاق دىتاللارنى لىنۇكوس قوللىمايدۇ ،   

قاراڭ، ئالمىدا سىز ئالما ئۈچۈن ئىشلەنگەن دېتال ئىشلىتىسىز، ۋىنۋوستا ۋىندوۋسنىڭ. لىنۇكس يۇمشاق دېتال قوللىمايدۇ دىگەن قانداق گەپ؟ گەپنى مۇنداق دەيمىز: ۋىندوۋس ئۈچۈنلا ئىشلەنگەن يۇمشاق دېتاللار لىنۇكس ئەمەس ئالما كومپيۇتېرىدىمۇ ئىشلىمەيدۇ. لىكىن بۇ لىنۇكىستا دېتال ئاز دىگەڭە تەڭ بولمايدۇ. تىخى ھازىرنىڭ ئۆزىدە لىنۇكستا ئىشلەيدىغان دېتاللارنىڭ كۆپلۈكىدىن بەزىدە تاللاپ بولالماي ھىرىپ قالىمەن. مەن ئەر كىشى، ئەر كىشىلەرنىڭ كىيىمىنى ئالاتتىم دەپ قويۇپ ئاياللارنىڭ كىيىمىنى ساتىدىغان دۇكانغا كىرۋىلىپ بۇ كىيىملەرنى كىيەلمەيدىكەنمەن دىگەندەك گەپ قىلۋاتىسىز بىلسىڭىز. توغرا دۇكانغا كىرىڭ ئالدى بىلەن...

مانا ماۋۇ لىنۇكس نىڭ دېتال دۇكىنى، مۇشۇ يەردىن ئىزدەيسىز كېرەك بولسا:

http://sourceforge.net/

يەنە بىرىگە، توردا ياكى كومپيۇتېردا ئويۇن ئوينايدىغانلار ئۈچۈن لىنۇكس ھەقىقەتەن قاملاشمىغان سىستېما، ئۇنتۇپلا كىتىڭ شۇ زامان ئەگەر كومپيۇتېردا قىلىدىغان ئىشىڭىز ھەم بىلىدىغان ئىشىڭىز شۇ بولسا. شەخسەن ھىچقاچان ئۇنداق ئويۇن ئويناپ خۇدايىم بەرگەن ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلمايمەن، ھەم باشقىلارغىمۇ شۇنداق نەرسىلەر بىلەن ھاياتىنى بىھۇدە ئۆتكۈزمەسلىكىنى قاتتىق تەۋسىيە قىلىمەن. شاھماتقا ئوخشاش تەپەككۇر ئاچىدىغان دېتاللار لىنۇكستىمۇ بار.

namsez يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 16:17:13

14- قەۋەتتىكى oghuzkbنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

  سىز ئالدى بىلەن تــۆت  ئىشنى قىلىڭ ... ....

بىرىنجىسى ، كۆز ئەينىكىڭىزنى ئېلىڭ .

ئىككىنجىسى ، كۆز ئەينەكنى ئېيتىڭ .

ئۈچىنجىسى ، قايتىدىن تاقاڭ

تۆتىنجىسى ، قايتىدىن ئۇقۇپ چىقىڭ ئا خەتلەنى .

    لىنۇكوسنىڭ يومشاق دىتالى ۋىندۇسنىڭكىدەك مول ئەمەس دىدىم ، ئاندىن ۋىندۇست قوللىغان نورغۇن  يومشاق دېتاللارنى لىنوكىس قوللىمايدۇ دېدىم ،  خاتاسى يوقتۇ ...     ئەمدى مەن تور ئويونى ئوينامدىم ئوينىمامدىن ئو ئۆزەمنىڭ ئىشى ، تۇغرىدۇ ؟!   ھە ...ئەمدى بىرىپ ئېشىڭىزنى قىلىڭ ھە ،   ئا كۆز ئەينەكنى يەنە بىر ئېيتىۋىتىڭ ، كېيىىم دوكىنىغىغۇ خاتا كېرىپ قاپسىز ، ئەمدى ئاياللار ھاجەتخانىسىغا كىركىتىپ قالماڭ ...       بىلىملىك بولغان ياخشى ئىش ، ئا كۆزنى ئايايلى .....

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 17:04:00

15- قەۋەتتىكى namsezنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

  ...

    لىنۇكوسنىڭ يومشاق دىتالى ۋىندۇسنىڭكىدەك مول ئەمەس دىدىم ، ئاندىن ۋىندۇست قوللىغان نورغۇن  يومشاق دېتاللارنى لىنوكىس قوللىمايدۇ دېدىم ،  خاتاسى يوقتۇ ...     .....

ئەپەندىم! بىلگەن ئادەم گىپىڭىزنى چۈشەنگىنى بىلەن، سىستېما ھەققىدە چۈشەنچىسى ئىنىق بولمىغان ئادەمگە گەپلىرىڭىز شۇنداق باشقىچە مەنا بىرىدۇ، خۇددى لىنۇكس سىستىمىسى مۇلازىمەتتېرلىكتىن باشقا ھىچ ئىش قىلالمايدىغاندەك، مەن شۇنى كۆزدە تۇتىۋاتىمەن. لىنۇكىسنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان قىرىنداشلىرىمىز نۇرغۇن، بۇنداق ئىنىقسىز گەپ بىلەن ئۇلارغا خاتا چۈشەنچە بەرمەيلى دەۋاتىمەن شۇ. مىسالەن، office-word لىنۇكستا ئىشلىمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ۋىندوۋس ئۈچۈن ئىشلەنگە دېتال. لىنۇكستا openoffice ياكى Libre بولسا office-word قىلغان ئىشنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ.

توغرىسىنى ئىيتساق دېتال بىلەن سىستىما قوللاش-قوللىماسلىق مۇناسىۋىتىدە ئەمەس، مەلۇم بىر دېتال بىر سىستىما ئۈچۈنلا ئىشلىنىدۇ. دېتال سىستىمىغا بىقىنىدىغان نەرسە، بۇ يەردە قوللاش دىگەن گەپنى ئىشلەتكىنىڭىزنىڭ ئۆزى خاتا ئۇقۇم پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا شۇنداق گەپ قىلدىم. سىز بىر دېتالنى يا ۋىندوۋس ئۈچۈن ئىشلەيسىز يا لىنۇكس ئۈچۈن. پەقەت ۋىندوۋس ئۈچۈن ئىشلەنگەن دېتالنى ھىچقاچان باشقا سىستىما قوللىمايدۇ! تىخىمۇ ئىنىقىراق ئىيتساق: سىز بىر دېتالنى ئىشلەپ بولۇپ ئاندىن بۇ دېتالنى قايسى سىستىما قوللايدىكىن دەپ ئۆزىڭىزگە سۇئال قويمايسىز، بەلكى باشتىلا قايسى سىستىما ئۈچۈن ئىشلەيدىغىڭىز ئىنىق بولغان بولىدۇ.  

ئەسكەرتىش: يۇقاردىكى دېتال سۆزى پەقەت پىشىشىقلاپ ئىشلەنگەن ئەڭ ئاخىرقى نۇسخىدىكى دېتالغا قارىتىلىدى، دېتالنىڭ ئەسلى پروگراممىسىغا قارىتىلمىدى.

namsez يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 17:20:48

16- قەۋەتتىكى oghuzkbنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

    ھە ......   ئەمدى بىر ئۇقۇغان ئادەمدەك گەپ قىلدىڭىز !   

AVAR يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 18:03:39

باچكنىڭ windows غا  بولغان مۇھەببىتىنىزە   {:92:}

Sahran يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 22:13:01

4- قەۋەتتىكى Azizنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

باچكا،

لىنۇكس مەسىلىسى تېخنىكىدىكى مەسىلە ئەمەس، بەلكى پۇلدىكى مەسىلە.

ئىمزايىڭىزغا قارىساق، بىزگە ھازىر 1000 خىل ئۇيغۇرچە كىتاپ لازىم ئىكەن. سىز بىلەن بىز كامىدا 100 خىل كىتاپ يازالايمىز، تۈزىيەلەيمىز، لېكىن گەپ پۇلدا. بىز بىكارغا ئىشلەپ يۈرسەك، ئائىلىمىزنى قانداق باقىمىز؟ بىزدە 1000 خىل كىتاپنىڭ بولماسلىقى، شۇ كىتاپنى يازغۇدەك بىلىم-ئۇچۇرنىڭ بولماسلىقى ئەمەس، بەلكى شۇ كىتاپلارنى يېزىش جەريانىدا قوساقنى قانداق بېقىش مەسىلىسى.

ئالدىنقى قېتىم، ئۇ ك ئى ج ھەقسىز ياساپ تارقاتقان ئۇيغۇرچە فونتلاردىن مەسىلە چىقتى. بۇنى تۈزىتىشكە باش-ئاخىرى بولۇپ 3-4 يىل كەتتى. ناۋادا ئۇيغۇرسوفت پۇلغا ساتقان ئەلكاتىپتىن مۇشۇنداق مەسىلە چىققان بولسا، ئۇيغۇرسوفت بۇنى 1 سائەتتە تۈزىتىپ بولىتى. بۇ يەردىمۇ تېخنىكىدىكى مەسىلە ئەمەس، بەلكى پۇلدىكى مەسىلە.

خوش، ئەمدى لىنۇكىسقا كەلسەك، جاھاندىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر كومپيۇتېرغا ئانچە ئۇستا ئەمەس. ئۇلار تەييار سىستېمىنى ئىشلىتەلىگەن بىلەن، بىرەر مەسىلە چىقسا، باشقىلارنى ئىزدەپ تېپىپ سوراپ ھەل قىلىدۇ. ۋىندوۋز پۇلغا سېتىلغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ساتقان ئىگىسىنى تاپقىلى بولىدۇ. لېكىن لىنۇكستا ئىگىسى يوق. شۇڭا لىنۇكسنىڭ بىكارلىق ئۈستەل يۈزى نەشرى دەل شۇ «بىكارلىق» بولغان ئەجەللىك ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئومۇملىشالمايۋاتىدۇ. لېكىن كومپيۇتېرغا خېلە پىششىق، باشقىلارغا ھاجىتى چۈشمەيدىغانلار ئۈچۈن، لىنۇكس ۋىندوۋستىن نەچچە ھەسسە ئەۋزەل.

ئەمدى ئۇيغۇرلار لىنۇكسقا دۈشمەن كۆزى ۋە ياكى مەسخىرە كۆزى بىلەن قارىماي، بەلكى ئۇنى قانداق قىلغاندا ئۆزىمىزگە لايىقىدا خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئويلانساق شۇ ئەۋزەل.

باشقىلار قانداق قىلدى؟

غەرپ ئىرانغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈپ، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىراندىن چەكلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىرانلىقلار دۆلەت، شىركەت ۋە شەخسلەر مىقياسىدا لىنۇكسقا كۆچتى. ئۇلار ھەقسىز لىنۇكىسنى پارىسچىغا ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەتتى. كومپيۇتېر شىركەتلىرى قۇرۇلدى. ئۇلار پارىسچە لىنۇكسنى كىشىلەرگە ھەقسىز بېرىپ، لېكىن سىستېما مۇلازىمىتىنى پۇلغا ساتتى. بۇ يول بىلەن دۆلەت، شىركەت ۋە شەخسلەر ئېمبارگو ئالدىدا قىلچە تەسىرگە ئۇچرىمىدى. ھازىر ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرى پۈتۈنلەي لىنۇكستا ماڭىدۇ. ۋىرۇسسىز، ئامېرىكا ۋە دۈشمەنلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ...

بىزچۇ؟

ئالدىنقى 10 نەچچە يىلدا، ئۇيغۇر يېزىقىنى كومپيۇتېرغا، ۋىندوۋزقا تونۇتۇشتا بەك قىينىلىپ كەتتۇق. ھەر قەدەمدە مىكروسوفتنىڭ شاپائىتىگە قاراپ قالدۇق. ھەممەيلەن قىينالدى، تىل-يېزىقىمىزمۇ قىينالدى. ناۋادا شۇ ۋاقىتتا لىنۇكسنىمۇ ئويلاشقان بولساق، باشقىچە بىر جۇشقۇن كەيپىيات، مەنزىرە، نەتىجىنى كۆرەتتۇق.

ھالال-ھارامنى شۇنداق ئايرىيدىغان بىز كومپيۇتېر ساھەسىگە كەلگەندە ھارامغا بوينىمىزغىچە چۆكۈپ كەتتۇق. نۇرغۇنلىغان ھالالنى تەشۋىق قىلىدىغان ماتىرياللار ھارام سىستېمىدا ئىشلەپ چىقىلدى. ئىشلەتكۈچىلەر ھارامغا چۆككەن، ياشلىرىمىز خىزمەتسىز، شىركەتلىرىمىز سودىسىز. ئۇنىڭدىن كۆرە بىزدىمۇ لىنۇس مۇلازىمىتى قىلىدىغان ئۇيغۇر شىركەتلىرى قۇرۇلسا، ياشلار ئىش تاپسا، ئىشلەتكۈچىلەر ھارامدىن ھالالغا كۆچسە، بۇ ھەممەيلەنگە پايدىلىق ئەمەسمىدى؟

بۇرۇن مىكروسوفت بىزنىڭ گېپىمىزنى ئانچە ئاڭلاپ كەتمەيتتى. «ھەقسىز لىنۇكس ۋە ئىشخانا دېتاللىرىنى ئۇيغۇرچە ئۆزلەشتۈرۈپ بولدۇق، ئالمىمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا كەپ بولدى. ئەمدى سىلەرنىڭكىنى قانداق قىلىمىز؟» دەپ 2 يىل بۇرۇن خەت يازساق، شۇ دەقىقىدە دەرھال جاۋاپ يېزىپ، «بىز تەييار، دەرھال ئىش باشلايلى» دەپ جاۋاپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئالدى-كەينى 1 كۈن ئىچىدە ئىمزا ئېتىشىپ، تامغا-مۆھۈر بېسىشىپ، توختام تۈزىلدى.

ئۆتمۈشتىكى نۇرغۇن خاتا قەدەملەرنىڭ جاپاسىنى ئاز تارتمىدۇق. ئەمدى بولسىمۇ ساۋاق ئالايلى. ئەرەپچە ۋە لاتىنچە ئۇيغۇرچىنى 10 يىل سوقۇشتۇرۇپ ئوينىدۇق. ئەمدى كەلگەندە، ۋىندوۋز بىلەن لىنۇكسنى سوقۇشتۇرۇپ ئوينىمايلى. بۇنىڭ ھەر ئىككىلىسى بىزگە پايدىلىق، قىلچىمۇ زىيىنى يوق. شۇڭا بىرسىنى ھەسەل، يەنە بىرسىنى زەھەر كۆرسىتىشكە تىرىشمايلى. بولمىسا بۇنىڭ دەردىنى يەنە ئۇزۇنغىچە تارتىمىز.

بۇرۇن مىكروسوفت بىزنىڭ گېپىمىزنى ئانچە ئاڭلاپ كەتمەيتتى. «ھەقسىز لىنۇكس ۋە ئىشخانا دېتاللىرىنى ئۇيغۇرچە ئۆزلەشتۈرۈپ بولدۇق، ئالمىمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا كەپ بولدى. ئەمدى سىلەرنىڭكىنى قانداق قىلىمىز؟» دەپ 2 يىل بۇرۇن خەت يازساق، شۇ دەقىقىدە دەرھال جاۋاپ يېزىپ، «بىز تەييار، دەرھال ئىش باشلايلى» دەپ جاۋاپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئالدى-كەينى 1 كۈن ئىچىدە ئىمزا ئېتىشىپ، تامغا-مۆھۈر بېسىشىپ، توختام تۈزىلدى.

ماندا گەپلەرمۇ بار دەڭلار؟!

بەت: [1] 2
: [كۆچۈرۈلمە]ئۈستەل يۈزى Linux سېستىمىسى نېمىشقا مەغلۇپ بولىدۇ