xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 08:40:54

گۈللۈك كۆڭلەك(شەھلا)




گۈللۈك كۆڭلەك




سەن ئازاپنى تېتىپ باققانمۇ ؟

يىغلاپ تۇرۇپ كۈلۈپ باققانمۇ ؟

يۈرۈكىڭگە سانچىلسا خەنجەر ،

چىداپ تۈرۈپ يۇلۇپ باققانمۇ ؟



ھايات شۇنداق پۈتۈكسىز پۈتۈك،

ئازاپلاردا دىللىرىڭ ئۈزۈك.

قىمار كەبى باشلايسەن ھايات،

قەيسەر قەددىڭ ،جىسمىڭ بەك نازۈك.



باردۇر بەلكىم گۈللۈك كۆڭلۈكۈڭ ،

ساقلىۋالغان يالغۇز كۈنلۈكۈڭ .

گۇۋاھ قىلىپ ئەستىلىكلەرگە،

پەرۋىش قىلغان پىنھان گۈللۈكۈڭ .   



كىيىپ ئامراق گۈللۈك كۆڭلەكنى ،

ساھىللارغا بارامدۇق بىللە .

تاشلاپ قويۇپ ھايات غېمىنى ،

جىمجىت تۈندە بولامدۇق تەلۋە .



سەنمۇ سۈرگىن ئۆز خىيالىڭنى ،

مەنمۇ يازاي ئۆزەمگە رومان .

بۈگۈن شۇنداق كەيپىم چالغىيدۇ ،

سەن پىنھاندا مەن گويا تۇمان.

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 08:58:39

نېمىدىگەن چىرايلىق ئەتتىرگۈللەر ئۇ \"\" .مۇزىكا بىرلىشىپ  تېما تېخىمۇ يورۇپتۇ.

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 10:07:36

ئېسىل،ئېسىل!   ناھايتىمۇ ئېسىل مىسرالار. \"\"

jaldag يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 18:13:53

بەك چىرايلىقكەنغۇ

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 23:47:40

{:87:}
بەت: [1]
: گۈللۈك كۆڭلەك(شەھلا)