Uyghurix مەشغۇلات سىستېمىسنى سىناشقا قاتنىشىڭ
Uyghurix مەشغۇلات سىستېمىسنى سىناشقا قاتنىشىڭئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،بۇنىڭدىن 4 يىل بۇرۇن مۇشۇ كۈنلەردە ئۇيغۇر كومپىيوتىر
ئىلىمى جەمىيىتى ۋە بىلىك تورىنىڭ باشلامچىلىقىدا بىر تۈركۈم ئوت يۈرەك
مىللەت سۈيەر كىشىلىرىمىزنىڭ باشلامچىلىقىدا ئوبۇنتۇ سىستېىمسىنى تەرجىمە
قىلىش ۋە ئاخىرىدا شۇ ئوبۇنتۇ سىستېىمىسى ئاساسىدا ساپ ئۇيغۇرچە بولغان
ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ ئىشلىتىشگە تېخىمۇ ماسلاشقان ،ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى
سىستېمىنى ياساپ چىقىش ئۈچۈن تۇنجى قەدەم تاشلانغان ئىدى.ئەڭ ئالدى بىلەن
بۇ سىستېمىنى تەرجىمە قىلىشقا قاتناشقان ۋە ھەرقايسى جەھەتلەردىن قوللاپ
قۇۋەتلىگەن مىللەت سۈيەر ئەزىمەتلەرگە پۈتۈن ئۇيغۇر خەلىقى نامىدىن چىن
قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.مانا بۈگۈنگە كىلىپ بۇ ئىش ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى
.يەنى بۈگۈن ئوبۇنتۇ سىستېىمى ئاساسىدىكى ساپ ئۇيغۇرچە بولغان ئۇيغۇر
ئىكىس (Uyghurix) نامىدىكى كومپىيوتىر مەشغۇلات سىستېىمسىنىڭ تۇنجى سىناق
نۇسخىسى تارقىتىلىدى.
بۇ قېتىم تارقىتىلىغان نۇسخا سىناق نۇسخا بۇلۇپ بۇنىڭ ئالاھىدىلىكى :
بۇ قېتىم تارقىتىلغىنى سىناق نۇسخا بۇلۇپ بۇ سىستېىمنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپلا
ئىشلىتەلەيسىز .قاچىلاش جەريانى پۈتۈنلەي ئۇيغۇچە ،قاچىلانغاندىن كيېنكى
سىستېىما تىلى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە .سىستېمىنى تور سىز مۇھىتىمۇ قاچىلاپ
ئىشلىتىشكە بۇلىدۇ.سىستېما قاچىلانغاندىن كېيىن زۈرۈز بولغان قاچىلاشقا
تىگىشلىك ياماقىلا سىستېمىغا قىتىۋىتىلىگەن.سىز قوش سىستېما ياكى قاتتىق
دىسكىغا قاچىلاش ئارقىلىق ۋە ياكى بارماق دىسكىغا ئۇيۇپ خۇددى ئوبۇنتۇ
سىستېمىنى قاچىلاپ ئىشلەتكەندەك قاچىلاپلا ئىشلىتەلەيسز.
بۇ قېتىم تارقىتىلىغان نۇسخىسى سىناق نۇسخا بۇلۇپ كەمچىلىكلەردىن خالى
بۇلماسلىقى تەبىئى ،شۇڭا تورداشلارنىڭ سىناش جەرىياندىكى ئۇيغۇرئىكىس
كومپىيوتىر مەشغۇلات سىستېىمىغا بولغان ھەرقانداق تەكلىپ پىكىرى بولسا
ئايماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.تەكلىپ پىكىرىڭز بولسا ئۇيغۇر كومپىيوتىر
ئىلىمى جەمىيتى تورى ،بىلىك تورى ،قۇتبەگ بىلوگى،ئۇيغۇر ئوبۇنتۇ بىلوگى
قاتارلىق ئۇرۇنلاردا ئىنكاس شەكىلىدە بىۋاستە ئىنكاس قىلسىڭز بۇلىدۇ.
ھەرقايسى تور بەت باشلىقلىرى ۋە بىلوگىر دوستلارنىڭ بۇ يېڭى تۇغۇلغان
ئۇيغۇرچە كومپىيوتىر مەشغۇلات سىستېمنى تېخىمۇ كۆپ كىشلەرگە تەشۋىق قىلىش
ئۈچۈن بۇ يازمنى تور بەت ۋە بىلوگلىردا ئېلان قىلىشنى ۋە تەشۋىق قىلىپ
قۇيۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
ئۇيغۇر ئىكىس نامىدىكى تور بەت ھازىر ياسلىۋاتىدۇ .تور بەت تېخى پۈتمىگەن
بولغاچ بىلوگدا بۇ يازمىنى يوللاپ تۇردۇق.ئۇيغۇر ئىكىس كومپىيوتىر مەشغۇلات
سىستېمىسى ئورگان تەرەپ تور بەت پات ئارىدا كەڭ ئۇيغۇر ئىكىس مەشغۇلات
سىستېمىسى ئىشلەتكۈچىلىرى بىلەن يۈز كۈرىشىدۇ.
ئۇيغۇر ئىكىس مەشغۇلات سېستىمسى چۈشۈرۈش ئادىرېسى:
http://kuai.xunlei.com/d/FUIQSJCFCCSI
ئۇيغۇر ئىكىس مەشغۇلات سىستېىمىسى تەشۋىقات رەسىمىلىرى (رەسىملەر پەقەت شەخسى بىلوگىر نىڭ قارشى بۇيىچە ئىشلەندى )
ئۇيغۇرچە سىستېما ئىشلىتىشكە قىزىقىدىغان دوستلارنىڭ شۇنداقلا ئۇيغۇر
تىل-يېزىقىنى سۈيدىغان مىللەت سۈيەر كىشلەرنىڭ بۇ سىستېمىنى چۈشۈرۈپ
ئىشلىتىپ بىقىشنى تەكىلىپ پىكىرلىرى بولسا ئايماسلىقنى ئۈمىد قىلىمىز.
سەمىمى ئەسكەرتىش:بۇ يازمىنى بارلىق تور بەت ،مۇنبەر ۋە بىلوگلاردا تەشۋىق قىلىپ قۇيۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
يازما ئەسلى ئادرېسى :
http://www.qutbeg.com/?p=740
قۇتبەگ بىلوگى
سىناپ باقاي. مۇبارەك بولسۇن! كىشىلىرىمىزنىڭ شېفىرى ئوچۇق دېتاللارغا بولغان تونۇشىنىڭ تىخىمۇ ئۈسۈشىنى تېلەيمەن، ھەقىقەتەن تۈگىمەس بىر غەزىنە بىز ئۈچۈن ئىشلىتىپ باقمىغان ئادەمگە بەك غەلىتە تۇيلىدىكەن بۇسىستىما ،مۇشۇ سىستىما توغرىلىق تەپسلى چۈشەندۈرۈلگەن ئۇيغۇرچە يازما بولسا شۇنى بىر كۈرۈپ باقدىغان ئىشمىكىن،،،،لىنكۇس ئىسلەتكەنلەر بەك داڭلايدىكەن كۈنۈپ قالسا باشقىسنى ئىشلەتكۈسى كەلمەيدۇ ،ۋىروس ئاسان يۇقمايدۇ،ۋىندوسنىڭ ئوغرى نەشرىدىن بۇ مىڭ ياخشى دەپ . ياخشى ..سېستىما ئىشلىرى ھەل بولاي قالدى ئاخىرى.. مانا مۇشۇنداق تەرەققى قىلغۇلۇق
2- قەۋەتتىكى oghuzkbنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شېفىرى ئوچۇق دېتاللارغا
ئېنىقراق چۈشەندۈرگەندە، شىفىرى ئوچۇق دىمەيمىز، ئەسلى كودى ئۇچۇق دەيمىز. سىستېمىنىڭ ئۇچۇق كودلىرىنى جۈملىمۇ- جۈملە كۆرگىلى بولىدۇ، لېكىن ھەممە ھۆججەت شۇنداق شەكىلدە دىگەنلىك ئەمەس.
سىستېما خەت نۇسخىسى، تىل رايۇنى ئۇيغۇرچەگە تەڭشەگلىك
ھالەتتە قاچىلىنىدۇ.
مەن ھازىر مەۋھۇم كومپيۇتېردا سىناپ بولدۇم، جەرياننى
سىنلاپ بوشلۇققا چىقىرىۋاتىمەن. بۇنى قاچىلاشقا دەرس كۆرۈش كەتمىگۈدەك.
سىناپ باقاي ئاپىرىن ! ئەلا باھالايمەن ! قاچىلاپ ئىشلىتىمەن !
بەت:
[1]