لاتا شىئېرى (22) 30 ياشقا كىرگۈچە ، نىمە قىلار ئەركەكلەر
ئەسلى تېما :
https://uyghur-archive.com/izdinix/forum.php?mod=viewthread&tid=47318
نىمە قىلار ئەركەكلەر ، ئوتتۇز ياشقا كىرگۈچە ،
يېزىپ قۇياي راست گەپنى ، يالغان ئېيتىپ يۈرگۈچە .
ئونبەش ياشتا باشلانغان ، پاھىشخانىغا قاتىراش ،
تۈزەلمىدى ھېلى ھەم ، نەۋرە يۈزى كۆرگىچە .
مۇھەببەتتىن تۆتى بار ،( ئاشنىلارنىڭ سانى يوق )،
يىڭىسىنى تاپىمىز ، خوتۇن ئۇنى بىلگۈچە .
زىمىن ئېلىپ ئۆي سېلىپ ، يا ئۆي ئېلىپ يۈرمىدۇق ،
ئۆلەپ قالار جاھانغا ، جاننى قىيناپ يۈرگىچە .
ھاراق ئىچىپ ،بەڭ چىكىپ ، قىمار ئويناپ ياشايمىز .
ئوقەت قىلىپ ، يەر تېرىپ ، جان قىينايمۇ ؟ ئۆلگۈچە .
ئاچ قالمايمىز ھەر ھالدا ، كومپارتىيە دەۋرىدە ،
تۆۋەن تۇرمۇش پۇلى بار ، يىتەر كىلەر ئايغىچە .
ئاياغ مايلار باللىرىم ، قەغەز ساتار دوقمۇشتا ،
سېلىپ قويدۇم ئوقەتكە ، ئۆيدە بىكار قويغىچە .
كىسەللىككە ئىسپات بار ، قالدۇرۋالدىم مەكتەپتىن ،
بازار ئويناپ چوڭ بولسۇن ، ئاتىزىمچى بولغۇچە .
غەيۋەت -تۆھمەت تۇقۇدۇم ، ئادەم چېقىپ پۇل تاپتىم ،
چۈنكى شۇ پۇل بولغاندا ، كاۋاپ يەيمەن تويغۇچە .
مارىشاغا پۇل لازىم ،( خوتۇن مەيلى ئاچ قالسا )،
خەجلەپ راھەت ياشايمەن ، باللىرىمغا قويغۇچە .
قىرىق ياشتىن ئاشقاندا ، ئان چىقارمەن مەسجىدكە ،
ھاجىم بۇلۇپ كىلەرمەن ، ئاتمىش ياشتىن ئاشقىچە .
*************************************
*************************************
مىنى ئارتۇق تىللىماڭ ، بىز ھەممىمىز مۇشۇنداق ،
ئەگەر لاتا بولمىساق ، ياشار ئىدۇق باشقىچە .
چاقماقتەك ئىلھام دەمدۇق مانى.....
تاۋارنى كۆرسىتىپ ساتماپسىز ماتا،
سۆزلەپسىز دائىما ئىشقىۋازلىقنى،
ياكى سىز شۇنداقمۇ كۆڭلىڭىز كاتا.
مازلىرى ئۇچمىسا لاتا بولسىمۇ،
بەك زورلاپ ساتمىسا ماتا بولسىمۇ،
سەپەردە ھارمىسا دەيمىز مەيلىغۇ،
گەرھاڭڭا بولمىسا، مادا بولسىمۇ،
ئونبەش ياشقا توشمايلا، پاھىشخانىغا قاتراپسىز،
بالىخ بولماي تۇرپلا، قېرى قىزدىن ئاتلاپسىز،
بىلىپ قالدىم ئەمدى سىز، تۈزەلمەيسىز ئۆلگۈچە،
تۆۋەن تۇرمۇش پۇلىغا چېچىڭىزنى مايلاپسىز.
ھەركىم ئۆز تارىخىنى سۆزلەيدۇ... بۇ دۇنيادا قىلساڭ ئىبادەت، باقى ئالەمدە كورەرسەن شاپائەت. ساۋاپ ئىزلە قىلما مىننەت، تۇرار جايىڭ بىھىش، جەننەت. رەببىم ئاسان قىلغىن تەس قىلمىغىن. راستىنى دىسەم ئىلھام باريەردە پەيدۇ بىلەن تۇرۇپ كىتىدىكەن جۇمۇ .
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ ،
يولداش لاتا غا ئىزدىنىشتىكى دۇنيادا تەڭدىشى يۇق ساتراچى دىگەن نام بىرىلدى ، ئېسىل ساتىرا !

قوللىرىڭىز دەرت كۆرمىگەي . قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن. دەششەت كەن جۇمۇ
