ئۇيغۇرچە تاماقلارنىڭ كالورىيە ئۆلچىمى؟
سىمىزلەپ مانچە يۈز كىلوغا كىتىپ قالماي دەپ ئورۇقلاشقا ھەپىلىشىۋاتقان، يامان ئەمەس بۇلۇۋاتىدۇ،لېكىن كۈندە قانچىلىك مىقداردا تاماق يەۋاتىمەن ھىساپلىيالماي قالدىم. چېنىقىش بىلەن تاماقنى ماسلاشتۇراي دەپ ئۇيغۇرچە تاماقلارنىڭ كالورىيە مىقدارى قانچىلىكتۇ بىلىپ باقاي دىسەم ھىچبىر ئىزدەپ تاپالمىدىم. ئىشەنچلىك ئورۇنلار تەكشۈرۈپ بىكىتكەن ئۇيغۇرچە تاماقلارنىڭ ئۇزۇقلۇق مىقدارى ئۇچۇرلىرى بولسا يوللاپ قويساڭلار تەڭ پايدىلانساق.
ماي باھاسى ئامىرىكىدىمۇ ئۆسۈپ كەتكەندىكىن جىقراپ مېڭىپ بېرىلى، بولسا سۇ ئۈزۈش بەك پايدىلىق، ئۆيگە يېقىن بولغان بىلەن ئىشتىن چۈشۈپ كەلگىچە تاقايدىغان ۋاقتى بولۇپ ھەپتە ئاخىرلىرىدا ئانچە مۇنچە چۈشۈپ قويۇپتىمەن. ئاندىن ئەڭ مۇھىم نەرسە ئۇسسۇلۇق-ئىچىملىكلەرگە دىققەت !!!قىلساق بولىدىكەن. مايلىق بولمىسىلا گۆشتىن جىق پەرھىز قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ ئەمەسكەن. بۇ بىزدەك گۆشخورلارغا ياخشى خەۋەر.
بۇلار مېنىڭ 10 كىلوگىرام ئورۇقلاشتىكى تەجرىبەم، يەنە بەش كىلوگىرام چۈشۈرۈمەن خۇدايىم بۇيرۇسا.

مەنچە بولغاندا ئەرلەر قورساق سېلىپ يۈرسە ئۆزىگە بىر خىل سالاپەت قوشالايدۇ دەپ قارايمەن.ئەڭ ياخشىسى ئورۇقلىماڭ، {:90:} لەغمەن يېمەيدىغان ئادەممۇ سەمىرىيدىكىنا، لەغمەن يىسە قانچىلىك سەمىرىپ كىتەر {:136:} ھەرقانداق نەرسىنىڭ چەكتىن ئاشقىنى ياخشى ئاقىۋەت كەلتۈرمەيدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. ھەرخىل تائاملارنى مۇۋاپىق مىقداردا يىيىش، چىنىقىشنى ئۈزۈكسىز داۋاملاشتۇرۇش، ئىچىملىكلەرنى (ئىسپىرت مىقدارى يوق ) ئاز ئىستىمال قىلش، تاماق يەپلا ئۇخلاشتىن ساقلىنىش مىنىڭ سەمىرىپ كەتمەسلىكتىكى ئەمەلىي تەجىربەم. ئالدىرماي كۆرىۋېلىڭلار.
http://wenku.baidu.com/view/c5a289bef121dd36a32d8282.html
گۆشنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن ئوتتا قاقلاپ پىشۇرۇلغان گۆشنىڭ كالورىيەسى چوڭ ئىكەن.
肉类(每100所含热量)
牛肉:181
羊肉:177
鸡肉:136
鸭肉:176
叉烧:274
烧肉:313
鲮鱼:91
生鱼:87
大鱼:72
红杉鱼:106
虾:83
带子:93
鱿鱼:72
مېنىڭ ھىس قىلغانلىرىم ئادەمنى سەمىرىتىدىغان يىمەكلىكلەر ياكى ئۇزۇقلۇقلار: قەنتلەر، ياغلار، سۇ.
ئاقسىل ئادەمنى سەمىرىتىمەيدۇ، شۇڭا گۆش يىسە ئادەم سەمىرىيدۇ دىگەن سەپسەتىگە ئىشەنمەڭلار.
2- قەۋەتتىكى natonuxنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەركىشى دىگەن سېمىز تۇرسا يارىشىدۇ،قورساقنى چاپاننىڭ سىرتىغا چىقىرىپ قوياپ مانداق،شۇنداق ئادەملەرنى كۆرۈپ بىر خىل ھەۋىسىم كېلىپ قالىدۇ.سېمىز كىشىلەرنىڭ تولىسى ماڭا بىر خىل ئاق كۆڭۈل،ھۆرمەتكە سازاۋەردەك كۆرۈنىدۇ،ئەمما يەنە بەزىللىرى بولسا ئاچكۆز،تويماس،پارىخورلاردەك كۆرۈنىدۇ.
مەنچە بولغاندا ئەرلەر قورساق سېلىپ يۈرسە ئۆزىگە بىر خىل سالاپەت قوشالايدۇ دەپ قارايمەن.ئەڭ ياخشىسى ئورۇقلىماڭ،![]()

سېمىز بولسا كېسەلگە مۇپتىلا بولىدۇ دىگەن گەپنى تۇنجى بولۇپ سىزدىن ئاڭلىشىم تاماقنى ۋاقتىدا، نورمال يەپ. كۈندە نورمال بەدەن چېنىقتۇرۇپ بەرسە. تاپقاندا بۇرنىدىن چىققۇدەك يېمەي، تاپالمىغاندا ئاچ يۈرمەي. ئوزۇقلۇقنى تەڭشىسە سەمىرىپ كېتىشتىن ئەنسىرمىسىمۇ بولىدۇ. سىمىزلىك ئەگەشمە كىسەللىكنىڭ باشلىنىشى.......ئىشقىلىپ ئۇششاق كىسەللەر جىقيىدۇ. اللە ئىگەم كېسەلنى بەرسە بېرىۋېرىدۇ،سېمىزلىكنى بەرسە بېرىۋېرىدۇ كەچلىگى خېلىغىچە داۋاملىشىدىغان سۇرۇنلار ئادەمنى بەك تىز سەمەرتىدىكەن..
ئاغىنىلەر بىلەن كەچتە سىرتقا چىقماي تۇرغان ياخشى، بىلمەيلا ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن يەپ قويىدىغان ئىش چىقىدىكەن. نورمال كەچلىك تاماقتىن كېيىن خۇپتەنلىك يىگۈسى كېلىپ كەتسە بىرەر تال ئالما يىسە بېسىقىپ قالىدۇ.
ئەر كىشى سېمىزرەك بولسا دەپ كۈلگۈمنى كەلتۈرمەڭلار ئاغىنىلەر، سىلەر سەمىرىگەننىڭ دەردىنى بىلمەيسىلەر.سېمىزلىك ھايۋاندىن باشقىسىغا ياراشمايدۇ.خەنجەردەك بېجىرىم ۋاقلىرىمنى بەك سېغىندىم، خۇدايىم بۇيرۇسا يىراق ئەمەس.
قەتتىي ئورۇقلايمەن دەپ ئىرادىگە كەلگەن ئادەم ئاخشىمى تاماقتىن پەرىز تۇتىشى كېرەك. مۇنداق بىر گەپ باتىغۇ ، ئەتىگەندە بايدەك، چۈشتە پادىشاھدەك، كەچتە دىۋانىدەك ئوزۇقلان دەيدىغان. كەچتە مېۋىنى ئاساس قىلىپ ئوزۇقلانسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ ئەتىگەندە ياكى ئاخشامدا چېنىقىپ بەرسە، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. مەن شۇنداق بىر مىسالنى بىلمەن ، 120 كىلو كېلىدىغان بىرسىنڭ ھەم ئاخشىمى تاماقتىن پەرىز تۇتۇپ ھەم بىر يىل ھەر كۈنى دېگۈدەك چېنىقىپ 85 كىلوغا چۈشكەنلىكىنى كۆرگەنمەن. كەچلىك تاماقنى ئامال بار بالدۇر ھەم ئاز يىيىش كېرەككەن . ئىككى ئايدا ئاران 5 كىلو ئۇرۇقلىغان بولساممۇ، كەچتە تاماقنى جىق يەۋىلىپ بىئارام بولۇشتىن قۇتۇلدۇم. كەچلىك تاماقنىڭ گېپى بولدىغاندەك، بىلمنى كۇلىدا باغلاپ ئورۇقلاشقا نىيەت قىلدىم. سېمىزلگەنسىرى ھورۇنلىشىپ چېنىقشمۇ خوشياقمايدىغان ئىشكەن.
100گىرام سۇ يېغى---700كالورىيە،
100 گىرام قوي يېغى--900كالورىيە،
1 دانە تۇخۇم-------45كالورىيە،
100 گىرام يېسىۋىلەك-19كالورىيە،
مۇشۇ تەرتىپتە ھىساپلاپ چىقىپ تاماق قىلىپ يەڭ، خىزمەتتىكى ئادەمگە كۇنىگە1800كالورىيە قۇۋۋەت لازىم بولىدۇ،ئېغىر ئىش قىلغۇچىلارغا4000 دىن تاكى6000 كالورىيەگىچە قۇۋۋەت لازىم بولىدۇ.
كۇكمۇچنى يىمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىمەن، چۇنكى ئۇنى يەپ زۇكام بولسىڭىز يەنە شۇنى يېيىش ئارقىلىق يېشىلىدىغان گەپ،يەنە كىلىپ چىراينى بۇزىدۇ، چۇنكى ئاچچىقنى يىگەنسىرى چىراي قورۇلىدۇ ۋە ئاخىرىدا سەتلىشىپ قالىسىز، لازىنى جىق يەپ گۇزەللەشكەن خەن نى كۇرۇپ باقمىدىم

بەت:
[1]
2