adwukat يوللانغان ۋاقتى 2012-5-4 07:46:11

جياۋ باۋخۇاغا ئۆلۈم جازاسى بىرىلدى

جياۋ باۋخۇاغا ئۆلۈم جازاسى بىرىلدى



2012 – يىلى 4 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ سابىق دائىمى ئەزاسى ، غۇلجا شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى جياۋ باۋخۇانىڭ پارە ئىلىش ، ھوقۇقىنى كەلسە – كەلمەس ئىشلىتىش جىنايى ئىشلار 1 – سوت دىلوسىنى سوت ئىچىپ قاراپ چىقتى . 4 – ئاينىڭ 27 – كۈنى سوت مەھكىمىسى جياۋ باۋخۇانى پارە ئىلىش جىنايىتى ، ھوقۇقىنى كەلسە – كەلمەس ئىشلىتىش جىنايىتىنى بىر نەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاپ ، ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بىرىپ ئىككى يىل كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش قوشۇمچە بارلىق خۇسۇسىي مۈلىكىنى مۇسادىرە قىلىش توغرىسىدا 1 –سوت ھۆكۈمى چىقاردى .


سوت مەھكىمىسى سوت قىلىپ قاراپ چىقىپ : 2003 – يىلى 4 – ئايدىن 2011 – يىلى 4 – ئايغىچە ، جاۋاپكار جياۋ باۋخۇا غۇلجا شەھىرىنىڭ پارتكوم شۇجىسى ۋە ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ دائىمى ئەزاسى بولۇپ تەيىنلەنگەن مەزگىلدە ، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ ھەمدە ۋەزىپىسىدىن شەكىللەنگەن تەسىردىن پايدىلىنىپ ، ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ كۆپ قېتىم باشقىلاردىن مال – تەلەپ قىلغان بولۇپ ، ئومومى قىممىتى 34 مىليون 650 مىڭ يۈەنگە يەتكەن . ئۇنىڭدىن باشقا جاۋاپكار جياۋ باۋخۇ 2000 – يىلى 5 – ئايدىن 2010 – يىلى 7 – ئايغىچە ، ئۇ ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونۇم ناھىيەلىك پارتىكومنىڭ شۇجىسى ، غۇلجا شەھىرىنىڭ پارتكوم شۇجىسى ھەمدە ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستلىق پارتىكوم دائىمى ئەزاسى بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە ، ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىپ ، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى زور زىيانغا ئۇچرىتىپ ، جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلغان .


سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى : جاۋاپكار جياۋ باۋخۇا دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەتچىسى تۇرۇپ ، زور مىقداردا پۇل – مالنى پارە ئالغان ، ھوقۇقىنى كەلسە – كەلمەس ئىشلىتىپ دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان بولۇپ ، جىنايى قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىز بولغان . جاۋاپكار جياۋ باۋخۇانىڭ ئۆزلىكىدىن بارلىق جىنايى پاكىتىنى تاپشۇرغانلىقى ، بولۇپمۇ ئەدلىيە ئورگانلىرى تىخى ئىگەللەپ بولالمىغان پارە ئىلىش قىلمىشىنى تاپشۇرغانلىقى ھەمدە زاڭ مالنى ئاكتىپلىق بىلەن تاپشۇرغانلىقى ، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىش ئىپادىسى بار بولۇپ ، ئەھۋالغا قاراپ يېنىك جازا بىرىلسە بولىدۇ دەپ قاراپ يۇقارقىدەك 1 – سوت ھۆكۈمنى چىقارغان .




مەنبە :



http://news.ifeng.com/mainland/detail_2012_05/04/14303020_0.shtml


http://news.iyaxin.com/content/2012-05/04/content_3460128.htm

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-4 16:54:06

puresherrif يوللانغان ۋاقتى 2012-5-4 16:57:19

جاۋ باۋخۇانى پارا ئالدى دەپ يىغىشتۇرمىدى، ئەكسچە ئۆزىنىڭ گەپلىرىنى قانۇننىڭ ئورنىغا دەسسىتىۋالغانلىقى ئۈچۈن شامىلىنى يىغقان گەپ.

ئەگەر تەپسىلىي بىلمەكچى بولساڭلار خەنزۇچە مەنبەلەردىن ئىزدىسەڭلار بولىدۇ.

yamhur يوللانغان ۋاقتى 2012-5-4 16:58:35

مۇشۇھارام پۇل تاپاپالايدىغانلارنى ھۆكمىتكامئەپلەشمەي تۇرۇپ جىق پۇل تاپقاندا بىراقلا جايلايدىكەن ...مۇشۇنداق مال-مۈلكى مۇسادىر قىلىنغان ،ھەرخىل جەرىمانە ھەريىلى ھۆكمەتكە خېلى جىق ئىقتىسادى قىممەت يارتىپ بىردىكەن ...

alif يوللانغان ۋاقتى 2012-5-4 17:18:36

24- قەۋەتتىكى halik_puliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇسابايوفلارنىڭ زاۋۇتىنىڭ شۇ بىر تۇرخۇنىلا قالغان (ئۈستىگە 1907 دەپ يېزىقلىقتى). ئۇيغۇرنىڭ تۇنجى زامانىۋى زاۋۇتىنىڭ يالدامىسى بولغاچ ۋاقتىم چىققاندا بېرىپ شۇ تەرەپلەرنى ئايلىنىپ كېلەتتىم (مۇسابايوفلار جەمەتىدىن بولغان بىر تونۇشۇمنىڭ دېيىشىچە، زاۋۇتنى چېقىپ بولۇپ، شۇ تۇرخۇنىنى چاقىدىغان چاغدا، ئەينى ۋاقىتتا زاۋۇتتا ئىشلىگەن ئىشچى يولداشلار مەركەزگىچە ئەرز قىلىپ، زاۋۇت تۇرخۇنىنى «مەدەنىي يادىكارلىق» سۈپىتىدە ساقلاپ قېلىشنى ئىلتىماس قىپتىكەن. شۇ سەۋەپتىن ۋاقتىنچە چېقىلماپتىكەن). بىر شەنبە كۈنى مەكتەپتىن قايتقاندا كۆرۈپ ئۆتكەن، ئەتىسى كەشقۇرۇن شۇ تەرەپكە بىر ئىش بىلەن ئۆتسەم تۇرخۇن يوق. يېرىم كېچىدە تۈزلىۋېتىپتۇ. \"\"



ئھتىمال ئۇ مۇسابايۇفلارنىڭ زاۋۇتىنىڭ تۇرخۇننىمۇ ئاشۇ ئاداش پارا ئېلىپ چىقىۋەتكەندۇ. بولمىسا بىر مىللەتنىڭ سانائەت ۋەكىلى سۈپتىدىكى بىر زاۋۇتنىڭ تۇرخۇنى ئانىسنىڭ نېرىگە تاقاشقان.

motiwarlar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-4 08:49:35

قېنى غۇلجىلىق تورداشلار! جىياۋ باۋ خۇا دىگەن ئەبلەخنىڭ قىلىمىش -ئەتمىشلىرىنى سۆزلەپ باقمامىلەر؟ ئەمما مىنىڭ ئاچچىق كۈلگۈم كەلگىنى 2 يىل كېچىكىپ ئىجرا قىلىمىش. بۇ، سەن بەرىبىر ئۆلمەيسەن، دىگىنى ئەمەسمۇ؟ تەلىيى كىلىپ تۈرمە باشلىقى بىلەن چىقىشىپ قالسا مېھمانخانىدا ياتقاندەك ياتىدۇ دەڭلار ئۇ يەردە.

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2012-5-4 08:53:59

دۆلىتىمىزدە پارخۇرلۇق بەك ئېغىر .غەرب ئەللىرىدە بۇنچىلىكمۇ ئەمەستۇ \"\"

elwida يوللانغان ۋاقتى 2012-5-4 08:56:01

پارىخورلار پارتىكوم شۇجىسىدىن جىقراق چىقىدىكەن . خۇددى باشقا مەنسەپتىكىلا پارىنى جىق ئالالمايدىغاندەك   {:92:}    شۇجى دىگەننىڭ ئەمىلى چوڭ ئوخشىمامدۇ ؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-5-4 08:56:26

ھەتتەڭەي، ئىككى يىلىغىچە نىمە ئىش بولىدۇ، خۇدايىم بىلىدۇ. سوت ئاچقان سوتچى يۆتكىلىپ كېتەر، ياكى بەزى ئىشلارغا يېڭى ئىسپاتلار تېپىلار... ئەلەي بەلەي. ئوق پۇلىنى تۆلىگۈدەك بايلىقىمۇ باركەنتۇق بولمىسا، ئىسسىقىدا بىر تەرەپ قىلىۋەتمەي، تالايلىغان بىچارىلەرنى قىڭغىر قاقشاتقان بولغىيدى.

elwida يوللانغان ۋاقتى 2012-5-4 09:02:40

ئىككى يىل كىچىكتۇرۇپ ئۇلۇم جازاسى بىرىش ، دىگەن ئۇلۇم جازاسىنى ئىجرا قىلماسلىق دىگەن گەپمىكى دەيتمىيا باللا   {:107:}

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-5-4 09:08:49

يولداشلارلا بولىدىكەن پارىخورلۇق ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.



@elwida جان، سېلىنىڭ مەھەللىدە يامغۇر ياغمىدىما؟ ما شەھەردە يوللار سۇ بوپكەتتى ھازىر.

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-5-4 09:15:02

2- قەۋەتتىكى yapraqنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دۆلىتىمىزدە پارخۇرلۇق بەك ئېغىر .غەرب ئەللىرىدە بۇنچىلىكمۇ ئەمەستۇ \"\"



كىنولاردا كۆرمىگەنما؟


بىلىدىغاننى بىلەلمىسە، كۆرىدىغاننى كۆرەلمىسە، كىرىدىغانغا كىرەلمىسە نەق مەيداندىلا، شالاق - شۇلۇق دوللار بەرگىنىنى. ئۇلار نەق مەيداندىلا بەرگەندىكىن پارا ھېسابلانمامدىكىن يا؟

zapar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-4 09:26:53

34 مىليۇن.... ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومېتىدىكلەر ۋاقتىدا بايقاپتۇ ھە!

loituma يوللانغان ۋاقتى 2012-5-4 09:37:03

ئالدىنقى كۈنى بىر خەۋەر كۆرگەن.ئامرىكىدا بىر ئەجدىرھا پۇشتىدىن بولغان لوڭ فامىللىك ئوقۇغۇچى ئۆي ئىجارە ئېلىش جەريانىدا ئۆي ئىگىسىگە زورلاپ پوخۇرلۇق قىلىپ ئاخرىدا ئۆي ئىگسىگە تەھدىت سېلىپ بۇ ئىشنى مەلۇم قىلماسلىققا بولمىسا ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقى ئېيتىپ چىقىپ كىتىپتۇ.ئەجدرىھا پۇشتى ئۆيدىن چىكىتىشىگە ئۆي ئىگىسى ساقچىغا مەلۇم قىلىپتۇ. ئۇنى قولغا ئېلىپ سولاپ قويۇپتىكە جوڭگودىكى ئاتا-ئانىسى بالىسىنى سولاپ قويغان تۈرمىگە بېرىپ خېلى جىق پۇلنى تۇتقۇزۇپ قويۇپتىكە تۈرمە باشلىقىغا.تۈرمە باشلىقى خورلۇق ھىس قىلىپ سوتقا ئەرز سۇنۇپ ئۈچىنى بىراقلا سولىۋىتپتۇ.......{:92:}

iksak يوللانغان ۋاقتى 2012-5-4 09:45:54

34 مىلىيون دىگەن جىق پۇلغۇ بۇ ؟ كىچىكتۈرۈپ ئاتىمىز دىگەن كىيىن قاراپ باقايلى دىگەن گەپ .....

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-4 09:46:29

ئىچكىرىدە كىچىكتۈرۈپ ئاتىدۇدىگەنلىكنىڭ مەنىسىنى 15 يىلدا چىقىدۇ دەپچۈشىنىدۇ يولداشلار...

carbon يوللانغان ۋاقتى 2012-5-4 09:55:23

يولداش شىياۋخۇا پارتىيە ئىچىگە سۇقۇنۇپ كىرىۋالمىغان بولسا بۇنداق بوپ كەتمەيتى ئىشقىلىپ .... ھازىر تۈرمە ئىچىدە يېتىۋتقان موللاق ئېتىۋاتقان كامىنىست رەھبەرلىرىمىز ئاز ئەمەس... مۇشۇلار پارتىيىنىڭ يۈزىنى خۇددى ئاشپەز ئېشىپ قالغان مەنتەڭنى تۆككەندەك تۆكىۋاتىدۇ..



يولداش شىياۋخۇا ئەدىلىيە ئورگانلىرى تېخى ئېنىقلاپ بولالمىغان جىنايەتلىرنىمۇ پاش قىلىپتۇ ئاينا... كامىنىست روھى.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-4 09:59:30

قانداقلا بولمىسۇن تۈرمىگە كىرگىنى ياخشى بۇلۇپتۇ.

بەيدۇ قامۇسىدكى ئارخىپىغا قاراپ باقسام بۇ مەھبۇس سابىق شۇجى بىلەن يۇرتداش ئىكەن.

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-5-4 10:09:19

بۇ چوشقىنىڭ ئىشلىرى جىق تىخى ،مەن ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن ،چوڭلار بىلەن بۇ توغىرسىدا گەپ ئاڭلىمىغىلى ئۇزۇن بولدى.

salapat يوللانغان ۋاقتى 2012-5-4 10:09:39

8- قەۋەتتىكى zaparنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

34 مىليۇن.... ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومېتىدىكلەر ۋاقتىدا بايقاپتۇ ھە!





يىپنىئۇزۇنقويىۋېتىپ ، بېلىقنىڭسېمىزىنى ، ئۆزىنىيەۋەتكۈدەكھالەتتەسەمىرتىپتۇتقىنىبۇ\"\"
بەت: [1] 2 3 4 5
: جياۋ باۋخۇاغا ئۆلۈم جازاسى بىرىلدى