ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 11:32:24

قەشقەردىكى كاۋا كاۋاپ

قەشقەردىكى كاۋا كاۋاپ










خەلق تورى(2012.05.02) ماقالىسى:

قەشقەرگە بارسىڭىز، كاۋا كاۋاپ چوقۇم ئىشتىيىڭىزنى ئاچىدۇ. كاۋا كاۋاپ قەشقەردە ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، يول-يوللاردا ھارۋىلارغا قويۇلغان كېسىپ پارچىلانغان كاۋالارنى كۆرىسىز. كاۋا كاۋاپنىڭ ئۆزگىچە پۇرىقى ھىچنەرسىگە ئوخشىمايدۇ.

كاۋا كاۋاپنى ئۇيغۇرلار نان ياقىدىغان تونۇردا پۇشۇرىدۇ، تونۇردا كاۋانڭ سىرتى كۆيۈپ. ئىچى يۇمران پىشىدۇ. كاۋا تونۇردا 2-3 مىنۇت تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن، پىچاق بىلەن كېسىپ، سوۋۇتۇپ يىيىلىدۇ. ھورى چىقىپ تۇرغان كاۋانىڭ مىزىلىك پۇرىقى ئادەمنى ناھايىتى جەلىپ قىلىدىغان بولۇپ. يىسىڭىز بۇ تەم ھەرگىزمۇ سىزگە كاۋادەك تېتىمايدۇ.

كاۋانىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ناھايىتى مول بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى كاۋانى كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ، كاۋانىڭ تەركىبىدىكى مېنىرال ماددىلار مول بولۇپ، تەركىبىدىكى كاروتىن ئادەم بەدىنىنىڭ فىزىئولوگىيەلىك تەرەققىياتىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار يەنە يۇقىرى قان بېسىمى ۋە سۈيدۈك سىستېمىسىدىكى كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلارغا ناھايىتى پايدىلىق.

كاۋا يەنە نەپەس يولى يەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. كاۋا سېرىق رەڭلىك كۆكتات تۈرىگە تەۋە بولۇپ، تەركىبىدە كاروتېن مول بولىدىكەن. بۇ ماددا بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن ۋىتامىن Aغا ئايلىنىپ، نەپەس يولى ھەم ئۈستۈنكى نەپەس يولىنىڭ شىللىق پەردىسىنى قوغداپ، نەپەس يولى يەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.





★★★★★

http://uyghur.people.com.cn/156010/15221517.html

★★★★★

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 13:39:18

ئەجەپ يىگۈم كەلدا~~!~~  {:90:}

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 13:44:31

كىچىك ۋاقتىمدا ئاپام تۇنۇرغا كۈمۈپ بىرىدىغان نان يېقىپ بۇلۇپ، ياڭيومۇ بار تېخى... \"\"

aziza97 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 13:56:11

مۇشۇنداق ئىشلاردىمۇ ئالدامچىلىق باركەن دەپ ئويلاپ قالدىم . ئۆتكەن يازدا قەشقەرگە بارغاندا سېتىۋاتقانلار پشۇرۇلغان كاۋىنىڭ يان تەرپىنى قەلەي قوشۇقتا ئازراق كىسىپ  تېتىپ بېقىڭلار دەيدىكەن يەپ باقساق شىكەردەك تاتلىق ، سېتۋېلىپ يېسەك ھەر بىر كسكنىڭ سىرتقى يۈزلىرى شىكەر يالتىپ قويغاندەك تاتلىق ،ئوتتۇرلىرىنىڭ تەممىمۇ يوقكەن .

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 14:12:09

ماڭا يەل كېلىدىكەن

snake يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 14:51:27

بىزنىڭ ئاقسۇدا ھەجەپ بىر يوقكىنا ما كاۋاپ ....

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 14:52:31

قەشقەرنىڭ ياۋاغدا كۆرگەندەك قىلىمەن ئۇ كاۋاپنى \"\"

qutghur يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 15:05:28

3- قەۋەتتىكى aziza97نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇنداق ئىشلاردىمۇ ئالدامچىلىق باركەن دەپ ئويلاپ قالدىم . ئۆتكەن يازدا قەشقەرگە بارغاندا سېتىۋاتقانلار پشۇرۇلغان كاۋىنىڭ يان تەرپىنى قەلەي قوشۇقتا ئازراق كىسىپ تېتىپ بېقىڭلار دەيدىكەن يەپ باقساق شىكەردەك تاتلىق ، سېتۋېلىپ يېسەك ھەر بىر كسكنىڭ سىرتقى يۈزلىرى شىكەر يالتىپ قويغاندەك تاتلىق ،ئوتتۇرلىرىنىڭ تەممىمۇ يوقكەن .



ئالدامچىلىق دىگىلى بولمايدۇ .ئىچىگە گۈلە -قاق ،چىلان -ياڭاق ،ئۈزۈم-يىمىش دىگەندەك نەرسىلەرنى سالغاندىكىن ئېتىنىڭ يۈز قىسىمى ئاز-تولا تاتلىق  بولىدىغان گەپ .ئازراق ناۋات سېلىپ پىشىرۇشمۇ بار ،بەل-پۇتقا پايدا قىلىدۇ دەپچۇ\"\" بىسمىللاھ دەپ يەۋېرىڭ .


دىھقانلارمۇ ئۇنۇم قوغلىشىپ خىميىلىكك ئوغۇت سېلىپ قويىشى مۈمۈكىن ،شۇڭا تەمى قەدىمقىدەك ئەمەستۇ .

danko يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 15:58:05

خوتەندىمۇ كۆرگەنتىم بۇنداق كاۋا كاۋاپنى. بەك يېيىشلىككەن

nazife يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 16:11:48

ھەجەپ يېگۈم كەلدى.

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 16:33:16

خوتەندە ئۇنى كاۋا كاۋاپ دېمەيدۇ، تۇنۇر كاۋىسى دەيىتتىغۇ! كاۋا كاۋاپ دېگەننى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم. خوتەندە يەنە قازان كاۋىسىمۇ بار. قاسقاندا مانتا پۇشۇرغاندەك پۇشۇرىدىغۇ دەيمەن.

salapat يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 16:48:40

كورلىدا  كاۋا  كاۋىپى  ئەمەس ، بۇنداق  كاۋىلارنىمۇ  ئاز  ئۇچرىتىمىز.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 17:45:37

كاۋا، مىڭ كېسەلگە داۋا. \"\"

lenovo1 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 18:01:04

«كاۋا كاۋاپ» دېگەن ئاتالغۇمۇ بولۇپ قالامدۇ نېمە؟

atella يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 23:25:59

قەشقەرگە قارىغاندا خوتەندە كۆپ ئۇچىراتتىم...

خوتەندە يەر شارى ئېلكتىرون مەيداننىڭ ئالدىدا بىر موماي غالتەككە شۇنداق قاملاشقان كاۋا كاۋاپلارنى تىلىپ شاپقىنى بەش كوي دەپ ساتقلى تۇرۇپتكەن، ئاغزىمغا سېرىق سۇ يىغىلىپ ئىككى شاپاق ئاپتىمەن، تەمنىنڭ تاتلقىلىقى ۋە شىرنسنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن بىرنى ئاران يىدىم، يەنە بىرنى خالتىغا قاچىلاپ ياتاققا قايتقاندا يەي،دەپ ئېلۋالدىم،كوچا ئاپتوبوسدا ساتقان بلەتنى يولۇچى چۈشكەن چاغدا قايتۇرۋالدىغان ئىش باركەن، مەن بىلەتنى يۈتۈپ كەتمىسۇن دەپ ئاغزىمدا چىشلىۋاپتىمەن، ما كارامەتنى كۆرۈڭ، ئاپتوزدىن چۈشىدىغان چاغدا بىلەتچى قىزغا بىلەتنى قايتۇرۇپ بېرەي دىسەم كالپۇكۇمغا چاپلشىپ قالغان بىلەت يا ئاجىرىمايدۇ، بىلەتچى قىز ھومىىيپ قارىۋالدى بىرقانچىنى..كۆچەپ بىرنى تارتىپتىكەنمەن، كالپۇكىمنىڭ بىر قەۋەت تىرىسنى سويۇۋاپتۇ،

كاۋا كاۋاپ يىگەنگەن توي، بىلەتنى چىشلىگەنگە توي دىدىم ئىچىمدە، ئامما ئاغىرىقنى ئۆزۈم بىلمەن،

ئىزدىنشتىكىلەر كاۋا كاۋاپ يىسەڭلار ھەرگىز قەغەزدە ئاغزىڭىلارنى سۈرتۈپ سالماڭلار....

puresherrif يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 23:32:02

ۋاي ما بالا نېماندا قىززىق گەپ قىلىدىغاندۇ؟

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-5-3 09:05:09

كاۋىنى قەشقەر بىلەن خوتەندە ئاقسۇدىن كۆپرەك ئىستىمال قىلامدۇ نېمە

qutghur يوللانغان ۋاقتى 2012-5-3 10:49:01

ھوي باللا ،بۇنىڭغا شۇنداق قىلىپ \"\"كاۋا كاۋاپ\"\" دەپ ئات قويدۇقما ئەمدى .قوقاستا پىشۇرغان كاۋا ،ياكى تونۇردا پىشۇرغان كاۋا دەيتۇق بۇنى . قارار قىلىپ بولمىغان بوساق \"\"تونۇركاۋىسى\"\" دەيلى بولمىسا ، ياكى \"\"كاۋا كۆمىچى\"\"دىسەكمۇ مەيلى .

ئوتتا پىشسىلا كاۋاپ دىسەك ناننى ئۇن كاۋىپى دەمدۇ يا خېمى كاۋىپى دەمدۇ

   \"\"

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2012-5-3 11:57:43

10- قەۋەتتىكى tursunnنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خوتەندە ئۇنى كاۋا كاۋاپ دېمەيدۇ، تۇنۇر كاۋىسى دەيىتتىغۇ! كاۋا كاۋاپ دېگەننى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم. خوتەندە يەنە قازان كاۋىسىمۇ بار. قاسقاندا مانتا پۇشۇرغاندەك پۇشۇرىدىغۇ دەيمەن.

شۇنداق ئىككى خىل پىشۇرىدۇ. تۇنۇردا چوغدا كۆمۈپ پىشۇرىدۇ، ھەم قاسقاندا مانتا پىشۇرغاندەك ھوردا پىشۇرىدۇ. لېكىن ماۋۇ كاۋا كاۋىپى دېگەن گەپنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم.

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-3 12:15:35

كاۋا بىلەن پەقەت خوشۇم يوقكەن دېسە ...
بەت: [1] 2
: قەشقەردىكى كاۋا كاۋاپ