tirixqan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-1 17:25:50

1000 دانە يانفۇن ياساتماقچى ئىدىم

        ئازراق ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ بىر مەسلەھەت بەرسەڭلار :

       مەن ئۆزەم بىر ماركا ئىلتىماس قىلىپ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدىيەت سەۋيىسى ،ئۆرۇپ ئادىتى ، قىزقىشغا ماسلاشتۇرۇپ    سىرىتقى كۆرنىشى ، يومشاق دىتاللىرىنى ۋە ئىقتىدارلىرىنى  ئۆزەم لايھەلەپ  1000 دانە يانفۇن ياسىتىپ شىنجاڭدا توپ تارقىتىپ ساتماقچى ئىدىم  ، ئىچكىردىن موشۇنداق ياساپ بىرەلەيدىغان بىرەر ئىشەنچىلىك  زاۋۇت تاپقىلى بولارمۇ ؟ تىلفۇن ئاددىراق بولسا ئادەتتە ھەر بىرىنى نەچچە پۇلدىن ياساپ بىرەر ؟

ئەگەر ئىزدىنىشتا ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلار بولسا ھەمكارلاشساق بولۇدۇ ، چ چ : 121526819

Ay_parchisi يوللانغان ۋاقتى 2012-5-1 21:07:02

شىنجىنغا بىرىڭ.

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2012-5-1 22:09:04

يۇقىرىدىكى يولداشنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىمەن! \"\"

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-5-1 22:18:58

@hawaskar مىيەگە بى چىرىڭلا.

تېما ئىگىسى، بۇ ياقنىڭ پېشىگە چىڭ ئېسىلىڭ، ۋاقتى بولسا ياردەم قىلىدۇ.

ھە راست، @tashadem نىڭمۇ جىق تەجرىبىسى باردەك قىلىدۇ.

namsez يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 00:19:58

ئىچكىرىدىكى ئەبجەش زاۋۇتلارغا تايانماي ئۇيغۇرلار بىرەر مەھسۇلات چىقىرالمايدۇ -دە ... نەگە باسىڭىز بېرىڭە ~

alshah يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 01:14:12

ئايرىم ماركا ئىلتىماس قىلىپ ئىشلەپ بەر دىسىڭىز سىز زاكاس قىلغان مال سانى ئىنتايىن تۈۋەن بۇلۇپ قالغۇدەك، قۇراشتۇرۇپ بەرمەكچى بولغان زاۋۇت تەرەپ قۇشۇلغان تەقدىردىمۇ  تەنەرخى سىزگە قىممەت توختاپ قالىدۇ ...مىنىڭچە سىز ئاۋال بازارنى ياخشى تەتقىق قىلىپ زاكاس سانىنى سەل كۆپەيتىڭ، بۇنداق بولغاندا ئازراق بولسىمۇ ئىقتىسادى ئۈنۈم ھاسىل قىلالايسىز، ھازىر شىنجاڭدا 99 ناھىيە، شەھەر، رايۇن بار. ھەر بىر ناھىيە ياكى رايۇندا 100 دانىدىن ساتالىسىڭىزمۇ 10مىڭ دانە يانفۇن بۇلىدۇ دىگەن گەپ .

ئۇزۇن يىللىق تەجرىبەمگە ئاساسلانغاندا ھازىرقى دىيارىمزىدىكى ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزۈلگەن يانفۇنلارنىڭ مەن كۆرگەن ۋە زاپچاسلىرىنى تەكشۈرگەنلىرى ھەرخىل تىپ نۇمۇرلىرى بىلەن قۇشۇلۇپ 30 خىلدىن ئېشىشى مۇمكىن، بىراق ھېچقايسىسى يۇقىرىدا سىز دىگەندەك ئۆلچەمدە ئەمەس،  ھەممىسى دېگۈدەك پەقەت تىل بولىقى  بىلەن قېپى سىرتىدىكى ماركىسىنى، ئوراپ قاچىلىغان قېپىنى، ۋە ئىشلىتىش قوللانمىسىنىلا ئۇيغۇرچە قىلىپ ئۆزگەرتىپ بازارغا سالغان.  كۆپ يانفۇنلار سۈپەتسىز تەرجىمە قىلىنغان بۇلۇپ مۇلازىمىتىر بىلەن ئالاقىسى يوق بولغان تىل ھۆججەتلىرىمۇ تەرجىمە قىلىنمايلا بىر يەرلىرى ئېنگلىز تىلىدا، بىر يەرلىرى خەن تىلىدا ئېلىنغان، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىگۈدەك ياخشى يېرى بولسا ھازىرقى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنغان يانفۇنلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئېنقسىز زاۋۇتلاردا قۇراشتۇرۇلغان بولسىمۇ شۇ تىپتىكى يانفۇنلارنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىكلىرىنى، بازىرى ياخشى، سۈپەتلىك، سىگنالى يۇقىرىلىرىنى تاللاپ تەرجىمە قىلىپ بازارغا سالغان. شۇڭا ئادەتتە ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنغان يانفۇنلارنىڭ بۇزۇلۇش نىسبىتى تۈۋەن بۇلىدۇ.

(يۇمشاق دىتال دىگىنىڭىز يانفۇن سىستىمىسىنى كۆرسىتەمدۇ ؟ سىرىتقى قېپى ، ئىقتىدارىنىمۇ ئۆزۈم لاھىيلەپ دىگىنىڭىزگە قارىغاندا شۇنداق دەپ تەسەۋۋۇر قىلدىم.  )

ناۋادا سىزنىڭ ئىقتىسادى ئاساسىڭىز بەكلا ياخشى ۋە سىستىما لاھىيلەشتە ئاساسىڭىز بولسا لاھىيلەپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ، ناھايتى ئېنىقكى بىز ئۇيغۇرلاردا تېخى بۇنداق يانفۇن سىستىمىسىنى لاھىيلەيدىغانلار بۇلۇپ باقمىغان، بۇ بىر بوشلۇق، ھەتتا يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئۇيغۇرچە يانفۇنلارنىڭ سىستىما تىل بولىقىمۇ   مۇكەممەل تەرجىمە قىلىنمىغان، ئەگەر سىزنىڭ راستىنلا شۇنداق تېخىنىكىڭىز بار بولسا بۇ بىر خۇشاللىنارلىق ئىش.(بىر يانفۇننىڭ سىستىمىسىنى لاھىيلەشكە نۇرغۇن ئىقتىساد كېتىدۇ، كۆچۈرۈپ تەرجىمە قىلىش باشقا گەپ) ناۋادا ئىقتىسادى ئەھۋالىڭىز بەك ياخشىدىن تۈۋەنرەك (مىلىيونىربولمىسىڭىز )سەل ياخشىراق بولسا ھازىرقى بازار تېپىۋاتقان ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىۋاتقان ئاندروئىد سىستىمسىنى تەرجىمە قىلىپ، ئۆزىڭىز لاھىيلىمەكچى بولغان يانفۇنغا ئىشلەتىڭىز بۇلىدۇ، بىراق يانفۇن قېپىنى لاھىيلەشمۇ باش قاتۇرىدىغان قىيىن مەسىلىلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ خېلى كۆپ ئىقىساد تەلەپ قىلىدۇ.

سىزگە سەمىمى تەكلىپىم بولسا ھازىر شىددەت بىلەن بازار تېپىۋاتقان شياۋمى يانفۇنلىرىنى تەرجىمە قىلىپ بازارغا سېلىش تەكلىبىنى بىرىمەن. بۇ يانفۇننىڭ باھاسى مۇۋاپىق، سىرىتقى كۆرىنىشىمۇ كۆركەم، ئەقلى ئىقتىدارلىق بولغاچقا ئۆزىڭىز مۇستەقىل يۇمشاق دىتالنى كىيىن لاھىيلەپ بازارغا سالسىڭىزمۇ، توردا تارقاتسىڭىزمۇ ياكى سىسىتىما يېڭىلاش كۆزنىكىگە تور بەت ئاددېرسىڭىزنى قىستۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. لىكىن بۇ يەردىكى مەسىلە سىز ئەڭ تۈۋەن بولغاندىمۇ 10،000  دانە زاكاس قىلسىڭىزئاندىن سىز ئېيىتقاندەك ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنغان سىستىمىنى قاچىلاپ، سىرىتقى قېپىغا، باتارىيەسىگە ئۇيغۇرچە خەت قۇشۇپ قۇراشتۇرۇپ بېرىشى مۇمكىن، ئورالما قېپى بىلەن ئىشلىتىش قوللانمىسىنى قانداق يەردە زاكاس قىلسىڭىز بۇلىۋېردۇ . بۇنداق تەكلىپ بىرىپ قىزغىنلىقىڭىزغا سوغۇق سۇ سېپىپ قويغۇم يوق، شۇڭا ھازىرچە يانفۇننىڭ قېپى، سىستىمىسىنى ئۆزىڭىز لاھىيلەپ بازارغا سالسىڭىز شۇ قىسقىغىنە (بىر ئىككى يىل ) ئىچىدە شۇ بىر خىل مەھسۇلاتىڭىز ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا ياخشى بازار تاپقان شارائىتتىمۇ  شىركىتىڭىزدىن قىزىل رەقەم كۆرىنىشى مۇمكىن. ھازىرقى ئىلىكترونلىق مەھسۇلاتلارنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتىنى دىمىسەممۇ بىلىسىز، شۇڭا ھازىرقى شارائىتىمىزدا ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلغىنىمىز تۈزۈك. دەسلەپكى قەدەمدەمنى ئىھتىيات بىلەن پۇختا ئېلىش كىيىنكى تەرەققىيات ۋە قىزغىنلىقىڭىزغا ئاساس بۇلىدۇ.

(

بۇ شىياۋمى يانفۇنىنىڭ ئورگان تور بىكىتى.

小米科技有限责任公司

http://order.xiaomi.com/

بۇ يىڭخۇدا كارخانىسىنىڭ ئورگان تور بىكىتى .

英华达科技有限公司

http://www.e-vada.com/

)

ئەگەر سىز ھازىرقى بازاردىكى ئىككى ـ ئۈچ يۈز يۈەنلىك ئۇيغۇرچە يانفۇنلارنى كۆزدە تۇتۇپ يۇقىرىقى تىمىنى يازغان بولسىڭىز بۇ پىلانىڭىزدىن ۋاز كىچىڭ، ھازىرقى بازار رىقابىتىدە سىزنىڭ يانفۇنىڭىز ئەڭ ئالدى بولمىغان تەقدىرمۇ ‹‹ئوتتۇرىچە سەۋىيە›› دىن تۈۋەن بولماسلىقى كىرەك، بولمىسا ئوخشاشلا ۋەيران بۇلىسىز، شۇڭا شىركەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ قالسىڭىزمۇ ئاندروئىدنىڭ 3.0دىن يۇقىرى نەشىردىكى سىستىمسىنى تەرجىمە قىلىشنى ئويلىىشڭ. ئاندروئىد ھەقسىز سىستىما، ھەركىم خالىغانچە ئىشلەتسە بۇلىۋېردۇ، نەشىر ھۇقۇقىدىن ئەنسىرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.سۈپەتلىك لاھىيلەنسە،  بەلكىم زاۋۇتتىن پۈتۈپ چىقىشى بەك يۇقىرى بۇلۇپ كەتكەندىمۇ 800 يۈەندىن ئاشماسلىقى مۇمكىن، ئارىلىقتا 3 ۋاكالەتچى بۇلىدۇ دەپ پەرەزقىلساق خېرىدارلارنىڭ قۇلىغا 1000 يۈەن ئەتراپىدا تىگىشى مۇمكىن، بۇ باھانى ھازىر خەلقىمىزمۇ قۇبۇل قىلالايدۇ. ئەلۋەتتە يۇقىرىقى باھا ئەڭ تۈۋەن مۆلچەر، ھازىر نۇرغۇنلىغان تىپ نىڭ ئۇيغۇرچە رومى ھەقسىز  تارقىتىلدى، بۇ ئەھۋالدا سىزنىڭ يانفۇنىڭىزنىڭ باھاسى پەرقى يۇقىرى بولسا كىشىلەر يەنىلا ئەسلىسىنى سېتىۋېلىپ ئۆزىمۇ ئۇيغۇرچە قىلالايدۇ.

شىياۋمى يانفۇنلىرىنى يىڭخۇادا گوروھى قۇراشتۇرىدىكەن، ئۇلارنىڭ تەيبى،شاڭخەي،نەنجىن،نەنچاڭ، شى ئەن، گۇڭجۇ، شېنجىن ... قاتارلىق جايلاردا تارماق شىركەتلىرى بار.باشقا ئۇچۇرلىرىنى تۈۋەندىكى ئاددېرستىن كۆرۈۋېلىڭ.

يۇقىرىدا تەمىنلەنگەن سانلىق مەلۇماتلار تورلاردىن يىغىلغان  ۋە باشقىلاردىن ئاڭلىغانلىرىم، ئەمەلى ئۆلچەم، ياكى ئىشەنچىلىك سانلىق مەلۇمات قاتارىدا چۈشەنسىڭىز بولمايدۇ، ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىپسىز، ئىشلىرىڭىزنىڭ خەيرلىك بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.ۋاقتىڭىز يار بەرسە شېنجىنغا بېرىپ شۇ يەردىكى زاۋۇتلارنىڭ ھەممىسىنى بىر قۇردىن كۆرۈپ بېقىپ بىر قەدەر ئىشەنچىلىك  دەپ قارىغان ۋە سىزنىڭ تەلىپىڭىزنى ئالدىن ئويلىشىدىغان ، ئۆز ئىقتىسادىڭىزغا لايىق كەلگۈدەك زاۋۇتلار بىلەن ھەمكارلىشىڭ.

tirixqan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 11:12:41

ھۆرمەتلىك توردىشىم ئەلشاھقا ۋە باشقا مەسلەھەت بەرگەن  تورداشلارغا كۆپتىن كۆپ  رەھمەت ،

مەن ئەقلى ئىقتىدارلىق ئلىغار تىلفۇنلارغا قىزىقمايدىكەنمەن ، ئوتتۇرا تۈۋەن قاتلامدىكى ئىستىمالچىلارنى كۆزدە تۇتۇپ لايھە ۋە ئىقتىدارلىرى ئۆزگىچە قىلىپ ياساتماقچى ، مەن ئاۋال ئۆرۈمچىگە بىرىپ بىر نەچچە تۈرگە پاتېنتىت ئىلتىماس قىلۋىلىپ ئىككىنچى قەدەمدە زاۋۇتقا بارماقچى ئاڭغىچە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ تىپىپ پىلانلىغاچ تۇرىمەن ،

ھازىر سەل ئالدىراش بوپ قالدىم ،ياساتماقچى بولغان تىلفۇننىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى جەھەتتە يەنە تەپسىلى ئىنكاس يىزىپ تورداشلار نىڭ پىكىر تەكلىپىنى ئاڭلايمەن  ،

yulghun0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 14:12:55

تىرىشچان بۇرادەر،،ئەگەر سىز ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇنلارغا قىزىقمىسىڭىز ئەمىسە بۇ نىيىتىڭىزدىن يىنىڭ...چۈنكى ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇن بۇندىن كىيىنكى مۇقەررەر يۈزلىنىش،،تىلفۇن دىگەندە سۆزلەشكىلى بولسىلا بولدى دەيدىغان زامان بارغانسىرى كەلمەسكە كىتىدۇ...

سىز دىگەندەك تاشقى قىپىى ئۇيغۇرچە(ھەرقانچە ئۆزىڭىز لاھىيلىسىڭىزمۇ)،ئىشلەنگەن زاۋۇتى ئىنىق ئەمەس،ئاۋازىنى ئون مىتىر نىرىدىن ئاڭلىسا قۇلاقتىن قاس چىقىرىۋىتىدىغان ئۇنداق يانفۇننى جاپا تارتىپ سىز ياساپ يۈرمىسىڭىزمۇ دىيارىمىزنىڭ كونا تىلفۇن بازارلىرىدا 70-80 يۈەندىن ئىلىم-سىتىم بولۇۋاتقانلقىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز...

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 14:26:04

4- قەۋەتتىكى namsezنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىچكىرىدىكى ئەبجەش زاۋۇتلارغا تايانماي ئۇيغۇرلار بىرەر مەھسۇلات چىقىرالمايدۇ -دە ... نەگە باسىڭىز بېرىڭە ~

سىز بىر زاۋۇت قۇرسىڭىز ھەممىمىز شۇ يەردە ياساتساقمۇ بولاتتى بولمىسا.

Batush يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 15:32:02

شىركەتنى تاپماق تەسمۇ ئەمەس .

ئۆتكەندە مەن خۇاۋىيدىكىلەر بىلەن ئالاقىلاشقان ، شىنجاڭ بازىرىغا مەخسۇس ئۇيغۇرچە قوللايدىغان قىلىپ خۇاۋىينىڭ مەلۇم بىر خىل تىپلىق تېلفونىنى ياسىتىشقا .

ماركىسىمۇ خۇاۋىي بولاتتى ، لىكىن قويغان تەلىپى مېنى ناھايتى بەك چۆچۈتىۋەتتى (نەچچە ئون مىليوننىڭ گېپىنى قىلىدۇ ، ئەلۋەتتە بىرلا قتىىمدا ئەمەس، شۇ مەھسۇلاتنى بولدى ئىشلەتمەيمەن دېگۈچە ، تەخمىنەن 6_10 يىلغىچە)

ئەلۋەتتە باشقا ئۇششاق شىركەتلەرمۇ ناھايتى جىق . مەبلەغلام بولسا ، ئىشلەپ بېرىدىغانلارنى تاپماق تەس ئەمەس .

ئەقلى تېلفون ياساتمايتتىم دېسىڭىز ، ئۇنداقتا يۇقاردىكى تورداشلار دېگەندەكلا توختاپلا قىلىڭ .

مېنىڭ بىر بۇرادىرىم بۇندىن 4-5 يىل مۇقەددەم تۇتۇش قىلغانىدى مۇشۇ ئىشقا ، ئاخىرىدا تېلفوننىڭ ئەڭ جان يېرىدىن مەسىلە چىقىپ ئاران يۇغۇشتۇردى (بۇرادىرىمنىڭ ھىكايىسىدىن).

ئەگەر سىزدە ھەقىقىي تېخنىكا -- قاتتىق دىتال (توك يولى تاختىسىنى لاھىيەلەش ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلار) يۇمشاق دىتال (MTK سۇپىسىدا لاھىيەلەيسىز ھەقىچان) تېخنىكىلىرىڭىز ھەم تېخنىكلىرىڭىز بولسا ، بۇنىڭ ئىشى ئاسان .

ئەگەر OEM قىلىپ ياسىتىمەن دېسىڭىز بۇمۇ بولىدۇ ، ئەمما چوقۇم ئەقىلىي تېلفون ياساتسىڭىز بولىدۇ ، بولمىسا ئاشۇ ساددا كىشىلىرىمىزنىڭ بەزى ئاغرىنىشلىرىدىن قۇتۇلالمايسىز ، ئەلۋەتتە، خۇددى سىز ئۇلارنى ئالدىغاندەكلا بولۇپ قالىدۇ .

ئەگەر Android 4.0سىستىمىلىق تېلفون ياكى تاختا كومپىيۇتېر ياسىتىمەن دېسىڭىز ، سىز پەقەت سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەتنىلا ياخشى قىلالىسىڭىز ، قالغان يۇمشاق دىتال ۋە قاتتىق دىتالدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ . ھازىر شېنجىن بازارلىرىدا 4.0سىستىمىلىق تاختا كومپىيۇتېرلارنىڭ سېتىلىش باھاسى 1000يۈەن ئەتراپىدا (بازار باھاسى )، شەكلى ۋە سۈپەت جەھەتتە شۇنداق ياخشى ، لىكىن شۇ ماركىسى يوق .

4.0سىستېمىلىق ئەقلى ئۈسكۈنىلەر ئۇيغۇرچىنى نىگىزىدىن قوللايدىغانلىقىنى ھەممەيلەن ئاساسەن بىلىمىز . شۇڭا مېنىڭچە بۇ ئەڭ ئاقىلانە ھەم زۆرۈر تاللاش .

بۇرۇنقى ئاددى جاۋا قوللايدىغان تېلفونلارنىڭ بازىرى ئۆتتى ، ھەم شىنجاڭدا مېنىڭچە بۇ بازارغا سېڭىپ كېرىمەن دېسىڭىز ناھايتى تەسمىكىن .

ئەگەر بۇ ئىشقا راستىنلا تۇتۇش قىلماقچى بولسىڭىز دەرھال ھەركەتكە كېلىڭ . چۈنكى  ‹‹5-باشقارمىمۇ ھەركەتتە!...››!...  \"\"  \"\"

ئەگەر ئۆزىڭىز ئۇزۇندىن بىرى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بىرەر ئۆزگىچە ئۇيغۇرچە سۇپىڭىز بولسا قانداقكى، بولمىسا يەنە شۇ ئەمگەك تەكرارلىقىدىن باشقا ئىش ئەمەس .

ئەمما ئاۋۇ سىرتقى كۆرۈنۈشى، يۇمشاق دېتاللىرىنى ۋە ئىقتىدارلىرىنى ئۆزۈم لاھىيەلەپ بەرسەم ... دېگەن گېپىڭىز سەل مۈجىمەل بولۇپ قاپتۇ ؟

1.  نۆلدىن باشلاپ لاھىيەلەمسىز ياكى تەرجىمە قىلامسىز ياكى ....؟

2.ئىقتىدارلىرى دېگىنى نىمىلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ ؟ كۆك چىش، Wifi، كامىرا،باتارىيە .....؟

3.سىرتقى كۆرۈنۈشىنى ئۆزىڭىز نۆلدىن باشلاپ ، ھىچقايسىسىغا ئوخشىمايدىغان قىلىپ لاھىيەلىتىمەن دېسىڭىز بۇنىڭ تەننەرخى جىق ئېشىپ كېتەرمىكىن ؟

سىرتقى قىپىنى ياساشقا ئىشلىتىدىغان قىلىپ 模具 نىڭ ئۆزىلام نەچچە تۈمەندىن ئاشىدۇ .

ئەلشاھمۇ ناھايتى ياخشى پىكىر بېرىپتۇ .

مېنىڭ پىكىرىممۇ مۇشۇنچىلىك . قالغىنىنى ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن .

tirixqan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 19:45:26

ھەۋەسكار سىزنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ تىمامغا ئىنكاس يىزىپ مەسلەھەت بەرگىنىڭىزگە كۆپتىن كوپ رەھمەت ،

بىزنىڭ يان تىلفۇن توغرۇلۇق مۇلاھىزىمىز نۇرغۇن تەرەپلەرگە چىتلىدۇ ،

1- بىزنىڭ جەنۇبى شىنجاڭدا ئەقلى تىلفۇن ئىشلىتىدىغانلارتىلفۇن ئىشلەتكۈچلەرنىڭ ئىچىدە  1% نى ئىگەللەيدۇ ، ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلنالايدىغانلار تىلفۇن ئىشلەتكۈچلەر ئىچىدە 0.01% نى ئىگەللەيدۇ ، (بۇ ئەلۋەتتە پەرەز قىلىنغان سانلىق مەلۇمات ، مەن ئاساسەن توغرا دەپ قارايمەن ) ،مۇشنىڭغا ئاساسلانغاندا سۈپەتلىك ئۆزگىچە لايھەلەنگەن ئادەتتىكى تىلفۇنلارنىڭمۇ خىلى چوڭ ئىستىقبالى بار دەپ قارساق بولۇدۇ ،  ئەقلى تىلفۇندىن تولۇق پايدىلنالايدىغانلار ئەلۋەتتە خەنزۇ تىلىدا ئۆز ھاجىتىدىن چىقالايدىغانلار ، ئۇلار ئۈچۈن ئۇيغۇرچە يىزىق قوللايدىغان تىلفۇننىڭ ھاجىتى يۇق ، ھاجىتى بار دىگەندىمۇ بازاردىن داڭلىق ماركىلىق ئەقلى ئىقتدارلىق يانفۇنلارنى سىتىۋىلىپ ئۇيغۇرچە يىزىق تونۇيدىغان قىلىپ ئىشلەتسە بولىۋىردۇ ،

2- بىر كىشىنى بىر كۈندە 12 سائەت پائالىيەت ئىلىپ باردۇ دىسەك ، خىزمەت قىلىدۇ ياكى ئوقۇيدۇ ، تاماق يەيدۇ ، ئاتا - ئانا دوستلىرى بىلەن پاراڭلىشىدۇ ، تورغا چىقىدۇ ، ...... قاتارلىقلار ، ئۇنداقتا تىلفۇن ئىشلىتىشكە قانچىلىك ۋاقىت ئاجىرتىدۇ ؟ بىر سائەت دىسەك قانداق بولار ؟  ھازىرچە شۇنداق دەپ پەرەز قىلىپ تۇرايلى ، تىلفۇن ئىشلەتكۈچى چوقۇم مۇشۇ بىر سائەتتىن ئەڭ ئۈنۈملۇك پايدىلنىشى كىرەك .

3- ھازىرقى ئەقلى تىلفۇنلار بارغانچە كومپىيۇتىرغا ئوخشاپ قىلۋاتىدۇ ، ئەمما تىلفۇن ھەجىمنىىڭ كىچىكلىگىلا توسقۇنلۇق بولۋاتىدۇ ، ھەم مەڭگۈلۇك توسقۇنلۇق بولۇدۇ ، بىز مۆشۇكنى زورلاپ زورايتىپ يولۋاسقا ئايلاندۇرغىچە يولۋاسنى يولۋاستەك مۈشۈكنى مۈشۈكتەك پىتى ئىشلەتسەكلا بولمدىمۇ ؟

تىلفۇن دىگەندە تىلفۇندا بولۇشقا تىگىشلىك ئەڭ زۈرۈر ئىقتىدارلار بولسا ، قالغان ئىشلارنى كومپىيۇتىردا ئىلىپ بارساقلا بولمىدىمۇ ؟ بۇنداق بولغاندا ھەم قۇلايلىق ، ھەم ئىقتىسادچىل بولالايمىز ،  ھازىر كومپىيۇتىرنىڭ باھاسى تىلفۇندىن ئەرزان ياكى تەڭ دىگۈدەك بولۇپ قالغىلى تۇرۇپتۇ ، نەگىلا بارساق كومپىيۇتىر بار ، ئۆيلىرمىزدە ، ئىشخانىلاردا ، تورخانىلاردا .....

4- كومپىيۇتىر بولسا بىرخىل تەڭداشسىز ئۇچۇر قۇرالى ئۇنىڭ ئىقتىدارى توغرۇلىق سۆزلەپ ئولتۇرشىمىنىڭ ھاجىتى يۇق ، يانفۇن توغرۇلۇق سۆزلەشكە توغرا كىلىدۇ ،

5- بىز يانفۇندىن پايدىلىنىپ نىمە ئىشلارنى قىلىمىز ؟

1) ئاۋازلىق پاراڭلىشىپ ئالاقە ئىلىپ بارىمىز  ،

2) خەتلىك ئۇچۇر ۋە رەسىملىك ئۇچۇر ئەۋەرتىشىمىز ، (بۇلار تىلدا سۆزلىشىش قۇلايسىز بولغاندا ۋە بەزى قارشق تەرەپنى بىرەر نەرسىنىڭ سۈرىتى بىلەن تەمىنلەش زۈرۈر بولغاندا ئىنتايىن قۇلايلىق )

3) ئاۋاز قويۇش ۋە ئاۋاز ئىلىش ،(زىرىككەندە ئانچە مۇنچە ناخشا ئاڭلاش ، لىكىن بۇمۇ سۈپەتلىك ئاۋاز ياڭراتقۇ بىلەن كومپىيۇتىردا ئاڭلىغانغا يەتمەيدۇ م لىكىن تەكرار زىرىكىشلىك جىسمانى ئەمگەك قىلغۇچىلار نائوشنىك بىلەن ناخشا ئاڭلىسا ، ئۈنگە ئىلۋالغان ئازازلىق ئۇچۇرلاردىن بەرىمان بولسا ، ئوقۇغۇچىلار تىل ئۈگەنسە ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولۇدۇ ، يەنە ئاۋاز ئىلىش ئىقىتدارىدىن پايدىلىنىپ موھىم بولغان ئاۋازلىق ئۇچۇرلارنى ساقلىۋالسا بۇمۇ بەك ياخشى بولۇدۇ ،

4) سىنغا ئىلىش ۋە سىن قويۇش ، (مەن يانفۇننىڭ بۇ خىل ئىقتدارىنى قوللاپ كەتمەيمەن بەربىر كەسپى ئۈسكىنىلەرنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ )

5) سۈرەتكە تارتىشۋە سۈرەت كۆرسىتىش  ، (بىز  يانفۇننىڭ بۇخىل ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ موھىم بولغان تەسۋىرلەرنى ساقلىۋالساق بولۇدۇ ، مەسىلەن : سۈرەتكە چۈشسەك ، ياكى موھىم كۈرۈنۈش ، موھىم ھۆججەتلەرنى تىز سۈرئەتتە ساقلىۋالالايمىز ) ،

6) ئويۇن ئويناش ، (يانفۇننىڭ بۇخىل ئىقتدارىنمۇ قوللاشقا بولمايدۇ دەپ قارايمەن ، چۈنكى بۇخىل ئىقتىدارىمۇ مەيلى سۈپەت مەيلى تۈرى مەيلى قۇليلىقلىق جەھەتتە ، كومپىيۇتىرنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ ھەم كىچىك ئىكرانغا قاراپ ئويۇن ئويناش كۆزگە ئەلۋەتتە زىيانلىق ،ئىلىكتۇرۇنلۇق ئويۇننى كۆپ ئويناش تەنتەربىبلىك ئويۇنلارنى ئوينىغانداك ياخشى ئىش ئەمەس ، بۇنى بىرخىل ۋاقىتنى ھاياتنى قەدىرلىمگەنلىك دەپ قارايمەن ، )

7) تورغا چىقىش ،بۇخىل ئىقتىدارىنىمۇ قوللاپ كەتمەيمەن ، چۈنكى  كومپىيۇتىردىمۇ ئادەم تورغا چىقىش ۋاقتىنى تىزگىنلەش كىرەك ، يانفۇندا تىخمۇ قولايسىز ئاۋارچىلىق ، سۈپەتسىز بولۇدۇ ، بەكلا زۈرۈر بولمىسا يەنىلا كومپىيۇتىردا چىققان ياخشى دەپ قارايمەن ،

يىڭى ياساتماقچى بولغان يانفۇننىڭ  ئاساسلىق ئارتۇقلىقى جەھەتتە كىيىنچە توختىلىپ ئۆتىمەن ،

يانفۇننىڭ زۈرۈر بولمىغان ئىقتىدارلىرىنى چىقىرۋىتىپ ئاددى، موھكەممەل ، ئىشەنچىلىك،سىرىتقى كۆرنىشىنى كۆركەم ، باھاسىنى موۋاپىق قىلىپ ئىشلەپ چىقساق بولماسمۇ ؟

داۋامىنى يەنە يوللايمەن ، ......

ilyaruk يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 20:22:09

ماۋۇ گەپلىرىڭىز ئېقىمغا قارشى مۇقام بوپ قاپتىمۇ -نىمە ؟

selma يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 21:38:10

ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، شېنجېنغا بېرىپ،  ئۇلارنىڭ شىۋىسى بويىچە فاچىياڭبېي، ئەسلىسى خۇاچىياڭبېيغا بېرىپ  تېلفون  بازىرىنى  ئوبدان  ئايلىنىڭ. دۇنيادىكى تېلفوننىڭ ھەممىسى  تېپىلىدۇ، شۇ يەردىن زاپچاس  ئەكىلىپ  تېلفون  قوراشتۇرۇش نىيىتىغا كېلىپ قالامسىز تېخى. مەن 2009 - يىلى  ئىيولدا شۇ يەردە نەچچە ھەپتە تۇرۇپ  قالغان. شۇ بازارنىلا ئايلىناتتىم.

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 22:51:52

ۋېي شىننىڭ شۇنچىۋالا ئومۇملاشقىنىغا قارىسام ئا پەرەزلىرىڭىز ئانچە توغرا ئەمەستەك.

loituma يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 23:49:13

10- قەۋەتتىكى tirixqanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەۋەسكار سىزنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ تىمامغا ئىنكاس يىزىپ مەسلەھەت بەرگىنىڭىزگە كۆپتىن كوپ رەھمەت ،

بىزنىڭ يان تىلفۇن توغرۇلۇق مۇلاھىزىمىز نۇرغۇن تەرەپلەرگە چىتلىدۇ ،

1- بىزنىڭ جەنۇبى شىنجاڭدا ئەقلى تىلفۇن ئىشلىتىدىغانلارتىلفۇن ئىشلەتكۈچلەرنىڭ ئىچىدە  1% نى ئىگەللەيدۇ ، ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلنالايدىغانلار تىلفۇن ئىشلەتكۈچلەر ئىچىدە 0.01% نى ئىگەللەيدۇ ، (بۇ ئەلۋەتتە پەرەز قىلىنغان سانلىق مەلۇمات ، مەن ئاساسەن توغرا دەپ قارايمەن ) ،مۇشنىڭغا ئاساسلانغاندا سۈپەتلىك ئۆزگىچە لايھەلەنگەن ئادەتتىكى تىلفۇنلارنىڭمۇ خىلى چوڭ ئىستىقبالى بار دەپ قارساق بولۇدۇ ،  ئەقلى تىلفۇندىن تولۇق پايدىلنالايدىغانلار ئەلۋەتتە خەنزۇ تىلىدا ئۆز ھاجىتىدىن چىقالايدىغانلار ، ئۇلار ئۈچۈن ئۇيغۇرچە يىزىق قوللايدىغان تىلفۇننىڭ ھاجىتى يۇق ، ھاجىتى بار دىگەندىمۇ بازاردىن داڭلىق ماركىلىق ئەقلى ئىقتدارلىق يانفۇنلارنى سىتىۋىلىپ ئۇيغۇرچە يىزىق تونۇيدىغان قىلىپ ئىشلەتسە بولىۋىردۇ ،

2- بىر كىشىنى بىر كۈندە 12 سائەت پائالىيەت ئىلىپ باردۇ دىسەك ، خىزمەت قىلىدۇ ياكى ئوقۇيدۇ ، تاماق يەيدۇ ، ئاتا - ئانا دوستلىرى بىلەن پاراڭلىشىدۇ ، تورغا چىقىدۇ ، ...... قاتارلىقلار ، ئۇنداقتا تىلفۇن ئىشلىتىشكە قانچىلىك ۋاقىت ئاجىرتىدۇ ؟ بىر سائەت دىسەك قانداق بولار ؟  ھازىرچە شۇنداق دەپ پەرەز قىلىپ تۇرايلى ، تىلفۇن ئىشلەتكۈچى چوقۇم مۇشۇ بىر سائەتتىن ئەڭ ئۈنۈملۇك پايدىلنىشى كىرەك .

3- ھازىرقى ئەقلى تىلفۇنلار بارغانچە كومپىيۇتىرغا ئوخشاپ قىلۋاتىدۇ ، ئەمما تىلفۇن ھەجىمنىىڭ كىچىكلىگىلا توسقۇنلۇق بولۋاتىدۇ ، ھەم مەڭگۈلۇك توسقۇنلۇق بولۇدۇ ، بىز مۆشۇكنى زورلاپ زورايتىپ يولۋاسقا ئايلاندۇرغىچە يولۋاسنى يولۋاستەك مۈشۈكنى مۈشۈكتەك پىتى ئىشلەتسەكلا بولمدىمۇ ؟

تىلفۇن دىگەندە تىلفۇندا بولۇشقا تىگىشلىك ئەڭ زۈرۈر ئىقتىدارلار بولسا ، قالغان ئىشلارنى كومپىيۇتىردا ئىلىپ بارساقلا بولمىدىمۇ ؟ بۇنداق بولغاندا ھەم قۇلايلىق ، ھەم ئىقتىسادچىل بولالايمىز ،  ھازىر كومپىيۇتىرنىڭ باھاسى تىلفۇندىن ئەرزان ياكى تەڭ دىگۈدەك بولۇپ قالغىلى تۇرۇپتۇ ، نەگىلا بارساق كومپىيۇتىر بار ، ئۆيلىرمىزدە ، ئىشخانىلاردا ، تورخانىلاردا .....

4- كومپىيۇتىر بولسا بىرخىل تەڭداشسىز ئۇچۇر قۇرالى ئۇنىڭ ئىقتىدارى توغرۇلىق سۆزلەپ ئولتۇرشىمىنىڭ ھاجىتى يۇق ، يانفۇن توغرۇلۇق سۆزلەشكە توغرا كىلىدۇ ،

5- بىز يانفۇندىن پايدىلىنىپ نىمە ئىشلارنى قىلىمىز ؟

1) ئاۋازلىق پاراڭلىشىپ ئالاقە ئىلىپ بارىمىز  ،

2) خەتلىك ئۇچۇر ۋە رەسىملىك ئۇچۇر ئەۋەرتىشىمىز ، (بۇلار تىلدا سۆزلىشىش قۇلايسىز بولغاندا ۋە بەزى قارشق تەرەپنى بىرەر نەرسىنىڭ سۈرىتى بىلەن تەمىنلەش زۈرۈر بولغاندا ئىنتايىن قۇلايلىق )

3) ئاۋاز قويۇش ۋە ئاۋاز ئىلىش ،(زىرىككەندە ئانچە مۇنچە ناخشا ئاڭلاش ، لىكىن بۇمۇ سۈپەتلىك ئاۋاز ياڭراتقۇ بىلەن كومپىيۇتىردا ئاڭلىغانغا يەتمەيدۇ م لىكىن تەكرار زىرىكىشلىك جىسمانى ئەمگەك قىلغۇچىلار نائوشنىك بىلەن ناخشا ئاڭلىسا ، ئۈنگە ئىلۋالغان ئازازلىق ئۇچۇرلاردىن بەرىمان بولسا ، ئوقۇغۇچىلار تىل ئۈگەنسە ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولۇدۇ ، يەنە ئاۋاز ئىلىش ئىقىتدارىدىن پايدىلىنىپ موھىم بولغان ئاۋازلىق ئۇچۇرلارنى ساقلىۋالسا بۇمۇ بەك ياخشى بولۇدۇ ،

4) سىنغا ئىلىش ۋە سىن قويۇش ، (مەن يانفۇننىڭ بۇ خىل ئىقتدارىنى قوللاپ كەتمەيمەن بەربىر كەسپى ئۈسكىنىلەرنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ )

5) سۈرەتكە تارتىشۋە سۈرەت كۆرسىتىش  ، (بىز  يانفۇننىڭ بۇخىل ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ موھىم بولغان تەسۋىرلەرنى ساقلىۋالساق بولۇدۇ ، مەسىلەن : سۈرەتكە چۈشسەك ، ياكى موھىم كۈرۈنۈش ، موھىم ھۆججەتلەرنى تىز سۈرئەتتە ساقلىۋالالايمىز ) ،

6) ئويۇن ئويناش ، (يانفۇننىڭ بۇخىل ئىقتدارىنمۇ قوللاشقا بولمايدۇ دەپ قارايمەن ، چۈنكى بۇخىل ئىقتىدارىمۇ مەيلى سۈپەت مەيلى تۈرى مەيلى قۇليلىقلىق جەھەتتە ، كومپىيۇتىرنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ ھەم كىچىك ئىكرانغا قاراپ ئويۇن ئويناش كۆزگە ئەلۋەتتە زىيانلىق ،ئىلىكتۇرۇنلۇق ئويۇننى كۆپ ئويناش تەنتەربىبلىك ئويۇنلارنى ئوينىغانداك ياخشى ئىش ئەمەس ، بۇنى بىرخىل ۋاقىتنى ھاياتنى قەدىرلىمگەنلىك دەپ قارايمەن ، )

7) تورغا چىقىش ،بۇخىل ئىقتىدارىنىمۇ قوللاپ كەتمەيمەن ، چۈنكى  كومپىيۇتىردىمۇ ئادەم تورغا چىقىش ۋاقتىنى تىزگىنلەش كىرەك ، يانفۇندا تىخمۇ قولايسىز ئاۋارچىلىق ، سۈپەتسىز بولۇدۇ ، بەكلا زۈرۈر بولمىسا يەنىلا كومپىيۇتىردا چىققان ياخشى دەپ قارايمەن ،

يىڭى ياساتماقچى بولغان يانفۇننىڭ  ئاساسلىق ئارتۇقلىقى جەھەتتە كىيىنچە توختىلىپ ئۆتىمەن ،

يانفۇننىڭ زۈرۈر بولمىغان ئىقتىدارلىرىنى چىقىرۋىتىپ ئاددى، موھكەممەل ، ئىشەنچىلىك،سىرىتقى كۆرنىشىنى كۆركەم ، باھاسىنى موۋاپىق قىلىپ ئىشلەپ چىقساق بولماسمۇ ؟

داۋامىنى يەنە يوللايمەن ، ......

نىمانداق چولتا پىكىر؟ كومپيۇتىر كومپيۇتىر......دەپلا ........ئايفون چىققاندىن كېيىن بۇ ساھە سز دىگەن <پەقەت سۆزلىشش>ئىقتدارلىق تېلفۇنلارغا خاتىمە بىرىلدى.سىزنىڭ ھازىرقى كاللىڭزدا بۇ ئىشنى قىلسىڭز ئۇزۇنغا قالماي ۋەيران بولمسىڭزمۇ خەقنىڭ تىللىشىغا سازاۋەربۇلاسىزمىكى.....

ئەقلى تىلفۇندىن تولۇق پايدىلنالايدىغانلار ئەلۋەتتە خەنزۇ تىلىدا ئۆز ھاجىتىدىن چىقالايدىغانلار ، ئۇلار ئۈچۈن ئۇيغۇرچە يىزىق قوللايدىغان تىلفۇننىڭ ھاجىتى يۇق

  ماۋۇ گېپىڭزنى ئالدىمدا دىگەن بولسىڭز ئاغزىڭزغا تۈكۈرۈپ قوياتتىم.

7) تورغا چىقىش ،بۇخىل ئىقتىدارىنىمۇ قوللاپ كەتمەيمەن —————ئەينى ۋاقىتتا بىل گايتىس پۈتۈن دۇنياغا پەقەت 5كومپيۇتىر بولسىلا يىتىدۇ دەپتىكە.

loituma يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 23:51:55

2- بىر كىشىنى بىر كۈندە 12 سائەت پائالىيەت ئىلىپ باردۇ دىسەك ، خىزمەت قىلىدۇ ياكى ئوقۇيدۇ ، تاماق يەيدۇ ، ئاتا - ئانا دوستلىرى بىلەن پاراڭلىشىدۇ ، تورغا چىقىدۇ ، ...... قاتارلىقلار ، ئۇنداقتا تىلفۇن ئىشلىتىشكە قانچىلىك ۋاقىت ئاجىرتىدۇ ؟ بىر سائەت دىسەك قانداق بولار ؟ ھازىرچە شۇنداق دەپ پەرەز قىلىپ تۇرايلى ، تىلفۇن ئىشلەتكۈچى چوقۇم مۇشۇ بىر سائەتتىن ئەڭ ئۈنۈملۇك پايدىلنىشى كىرەك .

شىمالى كورىيەدە تۇغۇلغاندەك گەپ قىلدىغان بالىكەنسىز \"\"

patriot2 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-3 08:22:43

خەنزۇلاردا بىر گەپ بار: 萝卜白菜各有所爱

شۇنداق ئىقتىدارى ئاددى تېلفۇنلارغا ھاجىتى بارلارمۇ چىقىپ قالىدۇ. مەسىلەن، ياشانغانلار، مەكتەپ بالىلىرى ئىشلەتسە بولىدۇ.

ياخشى پىكىرلەر چۈشۈپتۇ، ئىزدىنىپ باققىلى قويايلى.

eltikin يوللانغان ۋاقتى 2012-5-3 13:52:32

سىز تۇرۇۋاتقان ئۇرۇن بەلكىم بەك چەت بولسا شۇنداق ئويلاپ قالغان بۇلۇشىڭز مومكىن ،لىكىن ئۇنداق تىلىفۇن ياستىمەن ھەم ساتمەن دسىڭز چۇقۇم زىيان تارتىسز.چۈنكى مېىنڭمۇ دىھقانچلىق بىلەن دائىم ئېتىزىدىن كىرمەيدىغان دىھىقان ئاكاممۇ جىندا تىلفۇندا تورغا چىقىمەن دەپ ئاۋەر بۇلۇپ يۈرۋاتسا يانا  ئۇنداق تۈۋەن سەۋىيدىكى تىلىفۇنلارنى كىم ئىشلىتىدۇ..............

ئاڭلىسام ھارىر ئۈرۈمچىدە مايلامچىلىق قىلىدىغان باللار ئايفۇن ۋە ئايپەدىلەرنى ئاستىغا قۇيۇپ تىجارەت قىلغۇدەك...........

بىزنىڭ بۇ يەردىمۇ يول سۈپۈردىغان تازىلىق ئىشچىلىردىمۇ بار ئەقلى ئىقتىدارلىق تىلفۇن دېگەن .................شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بازارنى تازا ياخشى كۈزىتىپ يەنە بىر قانچە قېتىم ئاساسى قاتلامغا چۇڭقۇر چۈكۈپ ئاندىن  قايسى خىلىدىكى تىلىفۇنلانىڭ ئالقىشلانغانلىقىنى بىلىپرەك بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىڭ.

بىز ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭلقلارنى قانچىلىك تىز قۇبۇل قىلىپ مۇدا ئىقىمىغا ئايلاندۇرۋالدىغانلىقمىزنى ئۇنتۇپ قالمىغانسىز.يېڭلىقلارنى بەك تىز قۇبۇل قىلىمىز يەنە بىر قانچە يىلىدا چۇقۇم 30% ئەتىراپىدا ئەقلى ئىقتىدارلىق تىلىفۇنلار ئۇمۇملىشىپ بۇلىدۇ.ھازىرمۇ ئۇنداق تىلىفۇنلار بىلەن تۇنۇشمىغانلار پەقەت شۇ دىھقانلىرىمز قالغان بۇلۇشى مومكىن،ئازراق ئۇقۇغان كىشلەرنىڭ ھەممىنسىڭ قوللىردا شۇ ئەقلى ئىقتىدارلىق تىلىفۇنلار ساپلا...............

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-3 14:26:34

بىر مۇنچە گەپ يىزىپ بولۇپ ئۆچۇرۋەتتىم ، بولدىلا سىز باشقا ئىش قىلىڭ ، سىزنىڭ بازار چۇشەنچىڭىز بەك كەمچىلكەن .

alshah يوللانغان ۋاقتى 2012-5-3 16:01:48

10- قەۋەتتىكى tirixqanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەۋەسكار سىزنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ تىمامغا ئىنكاس يىزىپ مەسلەھەت بەرگىنىڭىزگە كۆپتىن كوپ رەھمەت ،

بىزنىڭ يان تىلفۇن توغرۇلۇق مۇلاھىزىمىز نۇرغۇن تەرەپلەرگە چىتلىدۇ ،

1- بىزنىڭ جەنۇبى شىنجاڭدا ئەقلى تىلفۇن ئىشلىتىدىغانلارتىلفۇن ئىشلەتكۈچلەرنىڭ ئىچىدە  1% نى ئىگەللەيدۇ ، ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلنالايدىغانلار تىلفۇن ئىشلەتكۈچلەر ئىچىدە 0.01% نى ئىگەللەيدۇ ، (بۇ ئەلۋەتتە پەرەز قىلىنغان سانلىق مەلۇمات ، مەن ئاساسەن توغرا دەپ قارايمەن ) ،مۇشنىڭغا ئاساسلانغاندا سۈپەتلىك ئۆزگىچە لايھەلەنگەن ئادەتتىكى تىلفۇنلارنىڭمۇ خىلى چوڭ ئىستىقبالى بار دەپ قارساق بولۇدۇ ،  ئەقلى تىلفۇندىن تولۇق پايدىلنالايدىغانلار ئەلۋەتتە خەنزۇ تىلىدا ئۆز ھاجىتىدىن چىقالايدىغانلار ، ئۇلار ئۈچۈن ئۇيغۇرچە يىزىق قوللايدىغان تىلفۇننىڭ ھاجىتى يۇق ، ھاجىتى بار دىگەندىمۇ بازاردىن داڭلىق ماركىلىق ئەقلى ئىقتدارلىق يانفۇنلارنى سىتىۋىلىپ ئۇيغۇرچە يىزىق تونۇيدىغان قىلىپ ئىشلەتسە بولىۋىردۇ ،

2- بىر كىشىنى بىر كۈندە 12 سائەت پائالىيەت ئىلىپ باردۇ دىسەك ، خىزمەت قىلىدۇ ياكى ئوقۇيدۇ ، تاماق يەيدۇ ، ئاتا - ئانا دوستلىرى بىلەن پاراڭلىشىدۇ ، تورغا چىقىدۇ ، ...... قاتارلىقلار ، ئۇنداقتا تىلفۇن ئىشلىتىشكە قانچىلىك ۋاقىت ئاجىرتىدۇ ؟ بىر سائەت دىسەك قانداق بولار ؟  ھازىرچە شۇنداق دەپ پەرەز قىلىپ تۇرايلى ، تىلفۇن ئىشلەتكۈچى چوقۇم مۇشۇ بىر سائەتتىن ئەڭ ئۈنۈملۇك پايدىلنىشى كىرەك .

3- ھازىرقى ئەقلى تىلفۇنلار بارغانچە كومپىيۇتىرغا ئوخشاپ قىلۋاتىدۇ ، ئەمما تىلفۇن ھەجىمنىىڭ كىچىكلىگىلا توسقۇنلۇق بولۋاتىدۇ ، ھەم مەڭگۈلۇك توسقۇنلۇق بولۇدۇ ، بىز مۆشۇكنى زورلاپ زورايتىپ يولۋاسقا ئايلاندۇرغىچە يولۋاسنى يولۋاستەك مۈشۈكنى مۈشۈكتەك پىتى ئىشلەتسەكلا بولمدىمۇ ؟

تىلفۇن دىگەندە تىلفۇندا بولۇشقا تىگىشلىك ئەڭ زۈرۈر ئىقتىدارلار بولسا ، قالغان ئىشلارنى كومپىيۇتىردا ئىلىپ بارساقلا بولمىدىمۇ ؟ بۇنداق بولغاندا ھەم قۇلايلىق ، ھەم ئىقتىسادچىل بولالايمىز ،  ھازىر كومپىيۇتىرنىڭ باھاسى تىلفۇندىن ئەرزان ياكى تەڭ دىگۈدەك بولۇپ قالغىلى تۇرۇپتۇ ، نەگىلا بارساق كومپىيۇتىر بار ، ئۆيلىرمىزدە ، ئىشخانىلاردا ، تورخانىلاردا .....

4- كومپىيۇتىر بولسا بىرخىل تەڭداشسىز ئۇچۇر قۇرالى ئۇنىڭ ئىقتىدارى توغرۇلىق سۆزلەپ ئولتۇرشىمىنىڭ ھاجىتى يۇق ، يانفۇن توغرۇلۇق سۆزلەشكە توغرا كىلىدۇ ،

5- بىز يانفۇندىن پايدىلىنىپ نىمە ئىشلارنى قىلىمىز ؟

1) ئاۋازلىق پاراڭلىشىپ ئالاقە ئىلىپ بارىمىز  ،

2) خەتلىك ئۇچۇر ۋە رەسىملىك ئۇچۇر ئەۋەرتىشىمىز ، (بۇلار تىلدا سۆزلىشىش قۇلايسىز بولغاندا ۋە بەزى قارشق تەرەپنى بىرەر نەرسىنىڭ سۈرىتى بىلەن تەمىنلەش زۈرۈر بولغاندا ئىنتايىن قۇلايلىق )

3) ئاۋاز قويۇش ۋە ئاۋاز ئىلىش ،(زىرىككەندە ئانچە مۇنچە ناخشا ئاڭلاش ، لىكىن بۇمۇ سۈپەتلىك ئاۋاز ياڭراتقۇ بىلەن كومپىيۇتىردا ئاڭلىغانغا يەتمەيدۇ م لىكىن تەكرار زىرىكىشلىك جىسمانى ئەمگەك قىلغۇچىلار نائوشنىك بىلەن ناخشا ئاڭلىسا ، ئۈنگە ئىلۋالغان ئازازلىق ئۇچۇرلاردىن بەرىمان بولسا ، ئوقۇغۇچىلار تىل ئۈگەنسە ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولۇدۇ ، يەنە ئاۋاز ئىلىش ئىقىتدارىدىن پايدىلىنىپ موھىم بولغان ئاۋازلىق ئۇچۇرلارنى ساقلىۋالسا بۇمۇ بەك ياخشى بولۇدۇ ،

4) سىنغا ئىلىش ۋە سىن قويۇش ، (مەن يانفۇننىڭ بۇ خىل ئىقتدارىنى قوللاپ كەتمەيمەن بەربىر كەسپى ئۈسكىنىلەرنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ )

5) سۈرەتكە تارتىشۋە سۈرەت كۆرسىتىش  ، (بىز  يانفۇننىڭ بۇخىل ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ موھىم بولغان تەسۋىرلەرنى ساقلىۋالساق بولۇدۇ ، مەسىلەن : سۈرەتكە چۈشسەك ، ياكى موھىم كۈرۈنۈش ، موھىم ھۆججەتلەرنى تىز سۈرئەتتە ساقلىۋالالايمىز ) ،

6) ئويۇن ئويناش ، (يانفۇننىڭ بۇخىل ئىقتدارىنمۇ قوللاشقا بولمايدۇ دەپ قارايمەن ، چۈنكى بۇخىل ئىقتىدارىمۇ مەيلى سۈپەت مەيلى تۈرى مەيلى قۇليلىقلىق جەھەتتە ، كومپىيۇتىرنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ ھەم كىچىك ئىكرانغا قاراپ ئويۇن ئويناش كۆزگە ئەلۋەتتە زىيانلىق ،ئىلىكتۇرۇنلۇق ئويۇننى كۆپ ئويناش تەنتەربىبلىك ئويۇنلارنى ئوينىغانداك ياخشى ئىش ئەمەس ، بۇنى بىرخىل ۋاقىتنى ھاياتنى قەدىرلىمگەنلىك دەپ قارايمەن ، )

7) تورغا چىقىش ،بۇخىل ئىقتىدارىنىمۇ قوللاپ كەتمەيمەن ، چۈنكى  كومپىيۇتىردىمۇ ئادەم تورغا چىقىش ۋاقتىنى تىزگىنلەش كىرەك ، يانفۇندا تىخمۇ قولايسىز ئاۋارچىلىق ، سۈپەتسىز بولۇدۇ ، بەكلا زۈرۈر بولمىسا يەنىلا كومپىيۇتىردا چىققان ياخشى دەپ قارايمەن ،

يىڭى ياساتماقچى بولغان يانفۇننىڭ  ئاساسلىق ئارتۇقلىقى جەھەتتە كىيىنچە توختىلىپ ئۆتىمەن ،

يانفۇننىڭ زۈرۈر بولمىغان ئىقتىدارلىرىنى چىقىرۋىتىپ ئاددى، موھكەممەل ، ئىشەنچىلىك،سىرىتقى كۆرنىشىنى كۆركەم ، باھاسىنى موۋاپىق قىلىپ ئىشلەپ چىقساق بولماسمۇ ؟

داۋامىنى يەنە يوللايمەن ، ......

ئەگەر سىزنىڭ پىكىرىڭىز بۇ بولسا ، سىز يەنە كەم دىگەندە ئىلگىركى بەش يىللىق يانفۇن تېخىنىكا ساھەسىنى ياخشى چۈشىنىپ، (تىرىشىپ ئۈگىنىپ) كەلگۈسىدىكى بەش يىللىق سېتىلىشنى تەتقىق قىلىپ ئاندىن بازارغا چىقسىڭىز بولغىدەك.

سىز جەنۇبى شىنجاڭنىڭ قەيىرىدە ؟

مەنمۇ جەنۇبى شىنجاڭدا، بۇ يەردە(قەشقەر ۋىلايىتى) 2003 ـ يىلى يانفۇن دىگەن ئۇقۇم دىيارىمىزغا سىڭىپ كىرىشكە  باشلىغان، ئۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ ياخشى يانفۇنلار ئۆزى كچىك، شەكلى، كۆركەم، چىرايلىق ھىسابلىنىپ، ئىلگىركى داگېدا دىگەن يانفۇنلارنىڭ ئورنىنى ئالغان، بىراق بۇ يانفۇنلاردا ئۇچۇر يوللىغىلى بولغان بىلەن رەڭسىز ئىكرانلىق ئىدى، star,lenowo,nic,tcl,motorola,samsung, panasonic قاتارلىق ماركىلارنىڭ رەڭلىك ئىكرانلىقلىرى چىقىشقا باشلىدى، بۇ ۋاقىتتا خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىمۇ 2G مۇلازىمەت سۇپىسىنى تەمىنلەپ بولغان.  بۇلاردىن star  ماركىسى ناھايتى تىزلا خەلقىمىزنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن، بۇ تەخمىنەن 2005-يىللىرى ئىدى. چۈنكى بۇ يانفۇندا wap  تورىغا چىققىلى بۇلاتتى، خالىغانچە مۇزىكا چۈشۈرگىلى بۇلاتتى، كېيىن 天时达 يانفۇنلىرى بازار تاپتى، بۇ يانفۇندا يۇقىرقى ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغاندىن باشقا يەنە كامىرا قۇشۇلغانىدى، ئۇنىڭدىن كېيىن يانفۇن ساھەسى ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىپ، ھەر يىلى بىر ئىقتىداردىن قۇشۇلۇپ ماڭدى.   يانفۇن ساھەسىگە نەزەر سالساق،  تەرتىپ بىلەن، سىمسىز،  رەڭلىك، كامىرالىق، بوشلۇق تەمىنلەنگەن (مۇزىكا قوشقىلى)، mp3قوللايدىغان، سىغىم كارتىسى سەپلىگىلى بۇلىدىغان،  قوش كارتا، سىزىمچان ئىكران، 3G  قوللايدىغان، ئەقلى ئىقتىدارلىق ... دىگەندەك ئىقتىدارلىرى مۇكەممەللەشكەنسىرى شۇ دەۋردىكى باشقا يانفۇنلارغا جەڭ ئېلان قىلىپ، شىددەت بىلەن بازار تاپقان .

دىيارىمىزدا ھازىر سىز كۆزدە تۇتۇۋاتقان ئىستىمالچىلار بولسا 70- يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان، مەدەنىيەت سەۋىيىسى تۈۋەن، سۆزلىشىشتىن باشقا ئىشى يوقلار ئۈچۈنلا لاھىيلىمەكچىدەك قىلىسىز، بۇنداق قىلسىڭىز يانفۇنلىرىڭىزبازار تاپالمايدۇ. ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ سىز لاھىيلىگەن باشقا ئىتقىدارلارنىڭ كېرىكى يوق، ئۇلارغا سىگنالى ياخشى، باتارىيەسى ئۇزۇن يېتىدىغان، ئاۋازى يۇقىرى بولسا، ئۇلار ئېتىزدا ئىشلەپ ھارغاندا ناخشا ئاڭلاپ ھاردۇقىنى چىقىرالىسا يانفۇندىن رازى بۇلىدۇ. بۇ مىنىڭ بەش يىل جەريانىدا ھىس قىلغان شۇ توپتىكى ئىستىمالچىلارنىڭ  ئىھتىياجى.

ئەگەر قارارىڭىزدا چىڭ تۇرسىڭىز مەن سىزگە بۇ كىشىلەرنىڭ ئىھتىياجىنى تەپسىلى دەپ بىرەي، بىراق بۇ قارارىڭىزنى بەك قوللاپ كەتمەيمەن.

بۇ خىل كىشىلەر ئەڭ دەسلەپتە  samsung 628  ماركىلىق يانفۇننى كۆپ ئىشلەتكەن، .ئاۋازى يۇقىرى، رەڭسىز ئىكرانلىق. بۇ خىل يانفۇن سىلكىنىشكە، ئالاھىدە چىداملىق، سۇغا چۈشۈپ كەتسە ۋاقتىدا بايقيالىسا چوڭ تەسىرى يوق. باھاسىمۇ مۇۋاپىق.

كېيىن رەڭلىك ئىكرانلىق يانفۇنلار چىققاندىن كېيىن  star  ماركىسىنىڭ 888،889 ، دىگەندەك يانفۇنلىرىنى كۆپ ئىشلەتكەن،  كېيىن يەنە شۇ سىتار ماركىسىنىڭ top  دەپ بىر تارماقچىسى چىقىپ بۇ يانفۇنلارنىمۇ كۆپ ئىشلەتكەن. بۇ يانفۇنىڭ ئاۋازى يۇقىرى، لاھىيلىنىىش كۆركەم، سۈرئىتى تىز،  بولغاندىن تاشقىرى ئاساسى تاختىسىكى مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچى(中央处理器)، ھەرپ ئىسكىلاتى (字库), مەنبە (电源) ... قاتارلىق بىر قىسىم زاپچاسلىرىغا  يىلىم چاپلانغان بولغاچقا سىلكىنىشكە ئالاھىدە چىداملىق بۇلۇپ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن بۇ يانفۇننىڭ شۇ ۋاقىتتىكى باھاسىمۇ 1000 يۈەن ئەتراپىدا ئىدى.....

يۇقىرىدىن ئازراق بولسىمۇ بىلىۋالدىڭىز ھەقىچان، بۇ توپتىكى كىشىلەر ئەڭ ئىھتىياجلىق ئىتىدارلىرى

1. سىلكىنىشكە چىداملىق بۇلۇشنى ئالدىنقى شەرت. (يۇقىرىدا دىگەن ئاساسى زاپچاسلىرىغا يىلىم قۇشۇلىشى كىرەك )

2. ئاۋازى يۇقىرى، باتارىيەسى چىداملىق بۇلىشى كىرەك.

3. شەكلى بەك چوڭ بۇلۇپ كەتسىمۇ ھېچقىسى يوق، بىراق سىپتا لاھىيلىنىشى كىرەك، چاكىنا بۇلۇپ قالمىسۇن

4.كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرىشى مۇۋاپىق، ۋە تۇلۇق بۇلىشى، كامىرا، مۇزىكا قويغۇچلىرىغا يان تەرەپتىن كىچىك كۇنۇپكا تەمىنلەپ بىرىلىشى كىرەك، يان تەرەپتىكى ئاۋاز كۇنۇپكىسىمۇ يوقاپ كەتمىسۇن.

5. سۆزلىشىش ئاۋازىغا سۈپەتلىك ياڭراتقۇ ئىشلىتىلىشى، ئاۋازى ھەرگىزمۇ تۈۋەن بۇلۇپ قالماسلىقى، قۇلاق ئاغرىتقۇدەك دەرىجىدە يۇقىرى بولماسلىقى كىرەك.

6. ئىكرانى سۈزۈك، چوڭراق، ئورۇنلاشتۇرىلىشى، خەت شەكلىمۇ چوڭ بۇلىشى،

7. يانفۇن كەلگەندە، ئۇرغاندا، سۆزلىشش خاتىرىسىنى تەكشۈرگەندە نۇمۇر ھەرگىزمۇ سىيرىلىپ تۇرىدىغان بولماسلىقى كىرەك. بەزى يانفۇنلارنىڭ بۇيەرلىرىدىن نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەر زېرىكىپ بىزگە جىم تۇرىدىغان قىلىپ بېرىشىنى ئېيتاتتى، لىكىن بىز ئامالسىز.

8. ئىقتىدار تىزىملىكىگە مۇجمەل سۆزلەر ئىشلىتىلمەسلىكى، كىرەك،  چۈنكى بەزىدە يانفۇن ئىقتىدارلىرىنى تەڭشىگەندە ئۇيغۇرچە تاپالماي، خەنچە قىلىۋېلىپ تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇيغۇرچە قىلىپ ئىشلىتىدىغانلار نۇرغۇن.  10 دىن كۆپ كەسپدىشىمنىڭ  ئۇيغۇرچە ساۋادى بولسىمۇ ئۇيغۇرچە يانفۇننىڭ ۋاقتىنى تەڭشىيەلمەي، خەنچە قىلىپ ئاندىن تەڭشەيتى، ياكى مىنىڭ يېنىمغا كىلىپ خەنچە قىلدۇرۇپ ئۆزى بىلمەيدىغان خەنچە ھالەتتە تەڭشەش ئېلىپ باراتتى.

9.سۇ كىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىشى، يانفۇننىڭ ياڭراتقۇ، usb ئېغىزلىرى ياخشى ئورۇنلاشتۇرىلىشى، قىسمەن سۇ كىرىپ كەتسىمۇ  ئىچىگە ۋاقتىنچە ئۆتمىگۈدەك بۇلىىشى، كىرەك، يانفۇنلاردا قىسقا تۇتىشىش ھادىسىسى كۆرۈلگەندە ئاپتۇماتىك ئۈچۈپ قالدۇ، بۇ ۋاقىتتا سانلىق مەلۇماتلىرى يۇقاپ كەتمىسە ئۇلار ناھايتى خۇشال بۇلىدۇ. شۇڭا بۇ يەرلىرىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىشى كىرەك.

ھازىر بۇ توپتىكىلەر ئەڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىۋاتقان ماركىلىق يانفۇنلار changhong  شۇڭا سىز بۇ يانفۇننڭ بىر نەچچە تىپلىرىنى ياخشى تەتقىق قىلىڭ.

مانا مۇشۇنداق ، ئەگەر سىزنىڭ يانفۇن رىمۇنىت قىلىدىغان تۇنۇشلىرىڭىز بار بولسا 2004دىن ھازىرغىچە بولغان يانفۇنلار تەرەققىياتىنى، ئاساسى زاپچاسلىرىنى، ئىشلەتكۈچىلەر ئىھتىياجىنى تامامەن بىلەلەيسىز، مەن تەپسىلى قالدۇرۇپ قۇياي دىسەم، ۋاقتىم بەك قىس، ھەم بەرىر سىزنىڭ پايدىلىنىپ ئىشلىتەلىشىڭىزمۇ ناتايىن، يەنىلا ئۆزىڭىز بېرىپ ئەھۋال ئىگەللەپ باققانغا يەتمەيدۇ.

بەت: [1] 2
: 1000 دانە يانفۇن ياساتماقچى ئىدىم