RGB يوللانغان ۋاقتى 2012-5-1 11:13:08

تارقىيا (داخىيەنزى) ئۇرۇشىنىڭ ھەقىقىي تەپسىلاتى















داخىيەنزى①(تارقىيا) ئۇرۇشىنىڭ ھەقىقىي تەپسىلاتى

(تارىخىي قىسسە)

(17-قېتىم تۇلۇقلىنىشى)

نۇرمۇھەممەت توختى (مەرگەن)



ــــــــ تارىخ بۈگۈننىڭ جاۋابى،كەلگۈسىنىڭ ئەينىگى.

مەزكۇر ئەسلىمەمنى داخىيەنزى(تارقىيا) ۋە يۈنچىخو (سامساقباينىڭ قورىقى)دكى ئۇرۇشلاردا، قەھىرمانلارچە قۇربان بۇلغان ھەر مىللەت ئوفىتسىر جەڭچىلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇققان قەۋمى -قىرىنداشلىرىغا بېغىشلايمەن.

1943-يىلى 8-ئاينىڭ باشلىرى بولۇپ، بۇ دەل بورتالانىڭ تالقان تۆكتى پەسلىنىڭ باشلىرى ئىدى.كىرىمبەگنىڭ (كىرىمبەگ خەنزۇ تىلغا ئۇستا ئادەم بۇلۇپ،بورتالا ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى شۇسىڭ تاۋنىڭ تەرجىمانى ئىدى ) ئۆيىگە يىراقتىن شەھەر ئاتلاپ بىر ياش مېھمان كەلدى- دە،ئۇنىڭ ئىشىكنى ئاستا چەكتى،ئاڭغىچە كىرىمبەگمۇ ئۈلگۇرۇپ بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى خۇددى قەدىناس دوستلاردەك چىڭ قۇچاقلىشىپ كۆرىشىپ كەتتى. مېھمان ئۆي ئىگىسىى تەرىپىدىن ناھايىتى ياخشى مىھمان قىلىنپ ئوبدان كۈتىۋىلىنغاندىن كىيىن، ئەتىسى كىرىمبەگ مېھماننى ئۆزىنىڭ ئەڭ يىقىن دوستى سادىق خۇيجاڭنىڭ ئۈيىگە باشلاپ بىرىپ ئۇنىڭغا بۇ مېھماننى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ: مۇنداق دىدى.

بۇ مىھمان ئىلگىرى ئۈرىمچىدە بىللە ئوقىغان ساۋاقدىشىم ئابدىكىرىم ئابباسۇپ بولىدۇ.سادىق خۇيجاڭمۇ ئوخشاشلا (خۇيجاڭ ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى دىگەن سۈزنىڭ قىسقارتىلمىسىى)مېھماننى قەدىرلەپ، بىر ئاخشام ئۆيىدە ئوبدان مىھمان قىلىپ ئەتىسى سادىق خۇيجاڭ ئابدىكىرىم ئابباسۇپنى بورتالادىكى يۇرت مۆتىۋەرلىرىگە تۇنۇشتۇرغاندىن كىيىن،يۇرت-جامائەت بۇ ئىزىز مېھماننى خۇددى سادىق خۇيجاڭدەك قىزغىن قارشى ئېلىپ، ئىزىز مېھمان قاتارىدا 3 كۈن مېھمان قىلىپ كۈتىۋالغاندىن كىيىن ئابدىكىرىم ئابباسۇپ ، ئۆي ئىگىلىرىگە رەھمەت-تەشەككۈر بىلدۈرۈپ،ئۈرۈمچىدە بىللە ئوقىغان ساۋاقدىشى كىرىمبەگنىڭ ئۆيىدە يەنە بىر قونۇپ ئەتىسى ئېتىغا مىنىپ ئارشاڭ ناھىيىسىگە يۈرۈپ كەتتى.

شۇ چاغدا مەن سادىق خۇيجاڭ ئارقىلىق سوۋىت ئېتىپاقى بىلەن شىڭشىسەي ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى، ۋە ئۈرۈمچى،ئالتاي، (1943-يىلى ئالتايدىكى قازاق خەلقى ئوسماننىڭ يىتەكچىلىگىدە گومىىنداڭغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن) غۇلجىدا بولىۋاتقان بەزى ئىشلاردىن ئازتۇلا خەۋەر تاپقان ئىدىم، 1943- يىلى 12- ئايدا سادىق خۇيجاڭنىڭ ئۆيىدە ھەم ئۇنىڭ تەشكىللىشى بىلەن،مەمتىمىن باي،بارات پالىۋان، قادىرەم، كىرىمبەگ،ئابدىرىھىم ياغاچچى، تۇراربەگ، ئابلىزقارى، مەخمۇت سۇپى، روزى مىراپ ، سىڭگە(مۇڭغۇل) قاتارلىق ياشلارنىڭ بىرلىككە كېلىشى بىلەن بورىتالادا تۇنجى قېتىم «بورتالا يەر ئاستى ئىنقىلابىي تەشكىلاتى» قۇرىلدى.ھەم بۇ تەشكىلات قۇرۇلۇپ 10 ئاي ئىچىدە تەشكىلاتقا رەسمىي ئەزا بولغان ئادەم سانى كۈپىيىپ 46 كىشىگە يەتتى ، بۇ چاغدا بورتالا يەرئاستى مەخپىي تەشكىلاتنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن سادىق خۇيجاڭ،بارات پالىۋان ئىككىنچى قېتىم تەشكىلات ئەزالىرىنى يەنە بىر يەرگە جەم قىلىپ ، 1944-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى بورتالانىڭ قاراتۇرۇق دىگەن يىرىدە مەخپى يىغىن ئېچىپ تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك ئافىراتىنى سايلاپ چىقىش،پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سايلام نەتىجىسىدە سادىق خۇيجاڭغا قول كۆتۈرگەن ئەزالارنىڭ سانى ھەممىدىن كۆپ بولدى . بىراق سادىق خۇيجاڭ سايلامدىن ئىستىپا بېرىپ مېنىڭ ئورنىمغا بارات چىقسۇن دەپ چىڭ تۇرىۋالغانلىقى ئۈچۈن، ئاخىرى بىز تالاش-تارتىش قىلىپ بۈرتالا يەرئاستى ئىنقىلابىي تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىكىگە بارات پالىۋاننى، پەخىرى رەئىسلىككە سادىق خۇيجاڭنى، ئورۇنباسار رەئىسلىككە ئابدۇريىم ياغاچچىنى سايلاپ چىقتۇق. سادىق خۇيجاڭ،شۇ كۈنى نەق مەيداندىلا ئۆزىنىڭ ھەرۋاقىت شەرىت -شارائىت پىشىپ يىتىلگەندە تەشكىلاتنىڭ ئارقا سەپ قۇرال- ياراق ئوزۇق- تۈلۈك كىيىم-كىچەك ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇ كۈنى تەشكىلات رەھبەرلىرى مەسلىھەتلىشىپ، ئالدى بىلەن غۇلجىدىكى ئابدېكىرىم ئابباسۇپ بىلەن ئالاقىلىشىپ،شەرىت-شارائىت پىشىپ يىتىلگەندە بىراقلا قۇراللىق قوزغىلاڭ كۆتىرىشنى بىكىتتى. بارات پالىۋان كىرىمبەگنىڭ تۇنۇشتۇرىشى بىلەن گومىنداڭ ئارمىيىسىگە ئۇن تارتىۋاتقان ئىمىناخۇنىڭ تۈگمىنىنى قۇغداش سالاھىتى بىلەن تۈگىمەنگە ئورۇنلىشىۋالغاندىن كىيىن ئىلگىرى تۈگىمەننى ساقلاشقا ئەۋەتىلگەن5 ئەسكەرنىڭ بىرسىنى خىزمەت ئىشلەپ ئۈزىگە مايىل قىلغاندىن كىيىن ئىككىسىى بىرلىشىپ شەھەردىن چەتىرەك تۈگىمەنلەرنى چارىلاپ چىقىپ ئىمىناخۇننىڭ تۈگىمىنىدە قۇنۇپ قالغان بىر ئىزۋۇت(بىرپەي) دۈشمەننىڭ بىر قول پىلىمۇتى بىلەن11 مىلتىغىنى تۇيدۇرماي ئېلىۋىلىپ، تۈگىمەندىن غايىپ بۇلىدۇ. بارات پالىۋان، ھېلىقى ئەسكەر بالا بىلەن تۈگىمەندىن قۇراللىق قېچىپ چىققاندىن كىيىن، غۇلجىدىكى ‹‹ئازاتلىق تەشكىلاتى›› نىڭ ئادەملىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈچۈن 1944-يىلى10-ئاينىڭ1-كۈنى تەشكىلات ئەزالىرىدىن تۇراربىك، توقسۇنبىكلەرنى تاغ يولى ئارقىلىق ئىلىغا ماڭدىرىدۇ. بىراق ئالاقىچىلار يىرىم يولغا بارغاندا چارلاپ چىققان گومىنداڭ ئەسكەرلىرىگە تۇتۇلۇپ قىلىپ، 1944-يىلى10-ئاينىڭ2-كۈنى تۇراربىك،بىلەن توقسۇنبىكلەرنى ئارشاڭغا ھەيدەپ ئاپىرىپ جىڭلىق جۇگىچى مەسۇم تاران، تۇيجە(مۇڭغۇل)،جىڭلىق ياقۇپ تۈمۈرچى،ساۋۇت ناۋاي،ئارشاڭلىقھاشىم سۇلتان، مۇراتېك(قازاق)، ئۆمەرباي، قوسمان (قازاق)، مۇزاقان، تۇرسۇن، قۇربان غالى (قازاق)، بۇرغاسىن (مۇڭغۇل)، قۇربان ئەلى (قازاق) قاتارلىق ھەرمىللەت ياشلىرى بىلەن قۇشۇپ 1944-يىلى 10 –ئاينىڭ 2- كۈنى ئارشاڭ تۈرمىسىگە ئاپىرىپ قامايدۇ، ئارشاڭلىق ھاشىم سۇلتاننى، شۇ جايدىكى جامائەت بۇ ئادەم ئېلىشىپ قالغان <ساراڭغا سوت يوق> دەپ سورىۋىلىپ ئۆلۈمدىن ئامان قالىدۇ . ئارشاڭدا تۇرىۋاتقان گومىنداڭ قىسىملىرى تۇراربەك بىلەن نوقسۇن بەگنى ئاكوپ پوتەي ياساش ئىشلىرىغا سىلىپ1944-يىلى12-ئاينىڭ26-كۈنى(گومىنداڭ قوشۇنلىرى ئارشاڭنى تاشلاپ بورتالاغا قاچقان كۈنى) ئارشاڭ تۈرمىسىدىكى تۇراربېگ،توقسۇنبېگلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13بالىنى ئارشاڭ ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن جۈجاڭى لۇپۇتەت، بالىلارنىڭ ئىسمىنى بىردىن چاقىرىپ سىرىتقا ئېلىپ چىقىپ ئاپتۇمات بىلەن ھەممىنى ئىتىپ تاشلايدۇ.شۇ كۈنى لۇپۇتەي، ئاتقان بىر پاي ئوق،بىر قازاق بالىغا چالا تەككەنلىگى ئۈچۈن ئۆلۈمدىن ئامان قالىدۇ. 1944-يىلى12-ئاينىڭ25-كۈنى (بورتالا يەر ئاستى ئىنقىلابىي تەشكىلاتى) نىڭ رەھبەرلىرىدىن بارات پالىۋان، ئابدىرىيىم ياغاچچى، ئىمىن پەرەڭ، ئابلىز قارى ، نۇراخۇن زەيدىنلەر، مەسلەھەتلىشىپ تەشكىلاتنىڭ مەخپى نامىنى قىسقارتىپ ، ‹‹ ب ئى ت›› ، غا ئۈزگەرىتتى،بۇ قېتىملىق يىغىلىشتا سادىق خۇيجاڭ، سۆز قىلىپ مۇنداق دىدى:

-بۇلتۇر8 –ئايدا مېنىڭ ئۆيىمگە ۋە باشقا دوستلىرىمىزنىڭ ئۆيلىرىدە مىھمان بولۇپ كەتكەن ھىلىقى يىگىت ئېسىڭلاردا بارمۇ-؟دەپ سورىدى.

ھەممىمىز بىردەك- ئىسىمىزدە بار! دىدۇق .سادىقخۇيجاڭ ھەممىمىزگە بىرقۇر قارىۋىتىپ ئەشۇ يىگىتنىڭ بورتالاغا نېمە سەۋەپتىن كەلگەنلىگىنى سىلەرگە دىمىگەن ئىدىم،ئەمدى ئۇنى سىلەرگە قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۈتەي ، ئەسلى ئۇ يىگىت غۇلجىدا تۇنجى قېتىم قۇرۇلغان « غۇلجا يەر ئاستى ئازاتلىق تەشكىلاتى›› نى تۇنجى قىتىم قۇرغان رەھبەرلەرنىڭ بىرى ئابدىكىرىم ئابباسۇپ، بولىدۇ. ئۇ شۇ قىتىم بورتالاغا ئاتايىن گومىنداڭغا قارشى ئىنقىلاپ ئۇرىقىىنى چاچقىلى كەپتىكەن، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئاخشام سۈھبەتلىشىپ شۇ چاغدىكى دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە مەملىكەت ئىچىدە بۇلۇۋاتقان مۇھىم ۋەقەلەردىن تولۇق خەۋەردار بۇلغان ئىدىم. ئەتىسىى ئۇنىڭ تەلىپى بويىچە ئىنىم مەمتىمىننىڭ (مەمتىمىن، سادىق خۇيجاڭنىڭ بىرتۇققان ئىنىسى بۇلۇپ ھەر ئىككىلىسىنىڭ بورتالادىكى يۇرت-جامائەت ئىچىدە يۈز ئابرويى يۇقۇرى ئادەملەر ئىدى) ئۆيىگە، ۋە بىزگە ئوخشاش ئىنقىلاپقا تەشنا دوستلارنىڭ ئۆيىگىمۇ ئاپارغان ئىدىم.ئۇ ئارشاڭغا ماڭىدىغان چاغدا، ماڭا غۇلجىدا قۇرۇلغان «ئازاتلىق تەشكىلاتى» نىڭ مەقسەت مۇددىئاسىنى ئىچكى جەھەتتىن تەشۋىق قىلىشىمنى تاپشۇرۇپ كەتكەن ئىدى، ئەمما شۇپىتى ئۇنىڭدىن خەۋەر كەلمىگەن، بۈگۈن بىر خەۋەرچى ئۇنىڭدىن جىددىي مەلۇمات ئىلىپ كەلدى-دىدى.

بۇگەپنى ئاڭلاپ يىغىندىكىلەر غۇلغۇلا قىلىشىپ ئۇ بالىنى ھەجەپ ئۇقماپتۇق ھە؟! ئەسلى ئۇ ئابدىكىرىمكەن ئەمەسمۇ؟ ئۇ بىزنى گومىنداڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن ئىنقىلاپ ئوتىنى تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن كەلگەنكەن ئەمەسمۇ - دىيىشىپ كەتتى.

خەپشۈك،مۆھتىرەم قېرىنداشلار تەشكىلاتىمىز قۇرۇلغاندىن بىرى ئىنقىلاۋىي پائالىيەتلىرىمىزگە بىردەك ئۇيۇشۇپ،ئىنقىلاپ مەشئىلىنى بالدۇرراق تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرۋاقىت تەشنا ئىكەنلىكىڭلارغا بارىكاللا ئېيىتماي تۇرالمايمەن، ئەمما شەرت-شارائىت تۇلۇق پىششىپ يېتىلمەي تۇرۇپ ئالدىراپ ھەركەت قىلىپ قويساق، خۇددى تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغاندەك بىر ئىش قىلىپ قويىمىزخالاس. ھازىر مەن غۇلجىدىكى رەخبىرىمىز ،ئابدىكىرىم ئابباسۇپ،ئالاقىچىدىن ئىۋەتكەن خەتىنى،ئوقۇپ بىرەي-دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى سادىق خۇيجاڭ ھەمدە خەتنى ئوقۇشقا باشلىدى،خەت مۇنداق يېزىلغان ئىدى،( مۇھتىرەم قېرىنداشلار سىزلەرگە كۈپتىن-كۈپ سالام، بۇلتۇرمەن 9-ئايدا غۇلجىدىكى ‹‹ئازاتلىق تەشكىلاتى››نىڭ خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقىنىمدا گومىنداڭ ئىشپىيۇنلىرى تەرىپىدىن سالاھىيتىم پاشبۇلۇپ قىلىپ،ھاياتىم خەۋىپ ئىچىدە قالغاندا،ئامالسىزلىقتىن،ۋاقتىنچە پاناھلىنىش،ئۈچۈن سوۋىت ئىتتىپاقىگە چىقىپ كەتكەن ئىدىم. ھازىر غۇلجىدىكى ئىنقىلاپقا قاتنىشىۋاتىمەن، پات يىقىندا ئىلى پارتىزانلىرى بورتالاغا يېتىپ بارىدۇ.....) .

بۇ خوش-خەۋەرنى ئاڭلاپ پارتىزانلار خوشاللىقىدىن ھۇررا !توۋلاشتى سادىق خۇيجاڭ: خەپشۈك قېرىنداشلار، ئابدىكىرىم ئابباسۇپ، بىزگە:‹ئىلى پارتىزانلىرى ئارشاڭغا يىتىپ بارمۇغۇچە سىلەر پۇرسەت كۆتۈپ ئورنىڭلاردا جىم تۇرۇڭلار›-دەپتۇ ھەم ئالاقىچىغا مۇشۇ سۈزنى جىكىلەپ قايتا-قايتا تاپىلاپتۇ دىدى. بۇ گەپلەرنى ھەممىمىز ئاڭلاپ خوشللىقىمىزنى باسالماي يەنە ھۇررا ! ھۇررا ! دەپ توۋلاشتۇق.

1945-يىلى1-ئاينىڭ1-كۈنى سادىق خۇيجاڭ،لەڭتەيدىكى نۇراخۇن زەيدىننىڭ ئۆيىگە بارات پالىۋان،ئابدىريىم ياغاچچى، ئىمىن پەرەڭ، ئابلىز قارىى،بالاجى قاسىم قاتارلىق بارلىق‹‹ ب ئى ت›› نىڭ ئەرالىرىنى چاقىرتىپ،ھەممەيلەن بىلەن ناھايىتى قىزغىن كۆرىشكەندىن كېيىن،سالماقلىق بلەن سۈز باشلاپ،مۇنداق دىدى- ئۆتكەندە مەن سىلەرنىڭ ئوتتورىغا قويغان قوزغىلااڭ كۈتىرىشتىن ئىبارەت يۈكسەك ئىرادەڭلەرگە قايىل بولغان ئىدىم، مانا بۈگۈن پۇرسەت پىششپ يىتىلدى، سىلەرگە مانا بۈگۈن مۇھىم بىر خەۋەرنى يەتكۈزگىلى كەلدىم،ھازىر سوۋىت ئىتتىپاقى ئارقىلىق قورغاس چىگىرىسىدىن ياردەمگە كىرىدىغان ئىسھاقبەك مونونوۋپنىڭ قۇراللىق ئادەملىرى،غۇلجىغا كىرىپ ھەرەمباغدىكى گومىنداڭ ئارمىيىسىنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ ئۇلارغا شىددەت بىلەن زەربە بېرىۋېتىپتۇ،ئىلىدىن بوتالاغا كېلىدىغان پارتىزانلامۇ بۈگۈن كەش ئارشاڭغا تېگىش قىلىدىكەن،بىزنى بۈگۈنلا سانتەيگە يېتىپ بېرىپ ئۇيەردىكى ئىلى پارتىزانلىرىگە ماسلىشىپ گومىنداڭنىڭ جىڭدىن غۇلجىغا ئەسكەر يۆتكەۋاتقان ئاپتومۇبىللىرىغا زەربە بىرىشنى تاپشۇرۇپتۇ.ھازىر ئۇرۇشقا ئاتلىنىسىلەردىدى.

سادىق خۇيجاڭ 46 پارتىزاننىڭ ھەممىسىگە بىردىن چەكمەن چاپان تارقىتىپ بېرىپ، جىڭ ۋە بورتالادا‹‹بالا مەرگەن››دەپ داڭقىسى چىققان ئاتاغلىق مەرگەن نۇراخۇن زەيدىنگە مەخسۇس تەييارلانغان بىر گىرمانكا مىلتىقنى ئۇنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ: ‹‹نۇراخۇن ساڭا پۇرسەت كەلدى، قېرىندىشىم بۇ مىلتىغىمنى ساڭا500 تال ئوقىبىلەن سوۋغا قىلدىم ناۋادا ياخشى كۈنلەرنىڭ يامىنى بۇلۇپ قالسا غانجۇبېغىدا كۈرىشەرمىز››-دىدى دە پارتزانلارغا قاراپ- مۇھتەرەم قېرىنداشلىرىم سىلەرگە ئاللادىن نۈسىرەت تىلەيمەن قەدىمىڭلار خەيىرلىك بولسۇن دەپ دۇئاغا قول كۈتىردى. – دە بىز بىلەن خوشلاشتى.

بىزمۇ بۇ سۆيۈملۈك رەھبىرىمىزدىن ئايرىلىشقا كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا، چاپچىپ تۇرغان ئاتلىرىمىزغا مىندۇقتە سانتەي تەرەپكە بوراندەك يۈرىپ كەتتۇق.

1945-يىلى2-ئاينىك19-كۈنى ( چاغاننىڭ 15-كۈنى) بارات پالىۋان،لەڭتەيدىكى نۇراخۇن زەيدىننىڭ ئۆيىدە،مۇئاۋىن رەھبەر ئابدىريىم ياغاچچى، مۇشاۋىرلاردىن( مەسلىھەت بەركۈچىلەردىن)قادىرەم، ئىمىن پەرەڭ،نۇراخۇن زەيدىن،ئابلىزقارىلار، بىلەن كېڭىشىپ،سادىق خۇيجاڭنىڭ سوۋىت ئىتىپاقىدىن سېتىۋالىدىغان قۇراللارنىڭ(شۇ چاغدا سوۋىت ئىتپاقىگە 80 قوي، ياكى ياراملىق بىر ئات ئۆتكۈزسەك 500 تال ئوقى بىلەن بىر گىرمانكا مىلتىق بىرەتتى )ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن سادىق خۇيجاڭغا ئادەم ئەۋەتەيلى دەپ ئولتۇرساق، تەرجىمان كىرىمبەگ،خەۋەرچىدىن مۇھىم بىر مەلۇماتىنى كىرگۈزدى. ،خەتتە:‹دۈشمەننىڭ مۇنداق بىر پىلانلىغان سۈيقەسىتى يېزىلغان ئىكەن،گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن شىجاڭى خۇ 2-ئاينىڭ19-كۈنى بورتالا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى شۇسۇڭتاۋنىڭ ئىشخانىسىغا ،مۇئاۋىن ھاكىم خەنشۇسەن، ساخچى باشلىقى ۋۇياڭ، ناھىيىلىك گومىنداڭ پىرقىسىنىڭ باشلىقلىرىدىن رىۋەن، ھاشىموپ،ساقچى ئىدارىسىنىڭ شۈنگەنى ياسىنلارنى باشلاپ كىرىپ مەخپى يىغىن ئاچتى؛ يىغىننىڭ مەزمۇنى مۇنداق،ئۇلار ئۈزلىرىنىڭ ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىپ ھۈڭگىرەپ يىغلىشىپ كەتتى،بۇ مەخپى يىغىنغا قاتناشقان گومىنداڭ ھەربىي مەمۇرىي ئەمەلدارلىرى كەلگۈسى تەقدىرىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىگىدىن ئەنسىرشىپ، ئالدىنقى فېرونت (سەنتەي، سىتەي، ئۇتەي،ئاچال، ) تەرەپتىكى قوشۇنلىرىنىڭ ئىلى پارتىزانلىرى تەرىپىدىن يېڭىلىپ جىڭ ناھىيىسىگە چېكىنىپ كەتكەنلىگى،جىڭ ناھىيىسىنىڭ چوڭ كۈۋرىگىنى يېقىندا جىڭ پارتىزانلىرى تەرىپىدىن پارتىلىتىۋىتىلگەنلىگى ھەم جىڭ تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىدىغان تېلفون سىم يوللىرىنىڭ ئۈزىلگەنلىگى ۋە جىڭغا بارىدىغان قاتناش يوللىرىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن قولايسىز ئىكەنلىگىنى، بۈكە يامۇلىغا قامىلپ قالغان ج پالكوۋنىكنىمۇ، قورشاۋدىن قۇتقۇزۇپ چىقىشقا ھېچبىر ئۈمۈت قالمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىپ بىر-بىرسىگە زارلىنىپ يىغلاشتى.نىجاتلىق يۇلى ئىزدەپ، تالاش-تارتىش قىلىشىپ ئاخىرىدا ئۆزلىرىنىڭ نىجاتلىق يولى جىڭ ياكى تارقىياغا قېچىپ بېرىۋىلىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ، قېچىشنىڭ يۇشۇرۇن پىلانىنى تۈزۈشۈپ، بورتالا ناھىيىلىك ھۈكۈمەت ئەمەلدارى لىدۇسەن ئۆزى شەخشەن سۈيقەست پىلانلاپ، ئەل جامائەت ئىچىدە ئالاھىدە يۈز ئابرويى بار گۇمانلىق دەپ قارىغان تۈۋەندىكى كىشىلەرنى ، ھاشىمباي، قوسمانىيە (قازاق) ھېمىتھاجى،ئۇلۇغ شاڭيۇ، قاسىمقان (قازاق)، شىڭگە (مۇڭغۇل) شىرموللا، ئوسمانباي، قاتارلىق12ئادەمنى 2-ئاينىڭ20-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت.0 0: 4دە سادىق خۇيجاڭنىڭ ئۈيىگە يىغىلىڭلار جىڭدا ئىچىلىدىغان مەجلىس بار دىگىنى يالغان. ئۇلار سىلەرنى سادىق خۇيجاڭنىڭ ئۈيىگە يىغىپ جىڭغا ئالداپ ئاپىرىپ ھەممىڭلارنى قەتلى قىلماقچى بۇلىۋاتىدۇ دەرھال قىچىپ قۇتۇلىڭلار››دەپ ئىنىق يازغان ئىكەن.

1945-يىلى2-ئاينىڭ19 -كۈنى. بۇ مۇھىم ئاخباراتنىڭ مەزمۇنىدىن ۋاقىپ بولغان بارات پالىۋان دەرھال تەدبىر قۇللىنىپ ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئابدىريىم ياغاچچى، ،ئىمىن پەرەڭ،نۇراخۇن زەيدىن،ئابلىز قارىلار بىلەن كېڭىشىپ ھەركەتكە كىلىدۇ-دە،بورتالادىكى جامال ئاخۇننىڭ تۈگمىنىدە پارتىزانلارغا جىددى يىغىن ئېچىپ، بورتالادىن، تارقىيا، يۈنچىخو، جىڭ، قاتارلىق جايلارغا تۇتۇشىدىغان بارلىق يوللاردىكى كۆۋرۈكلەرنى تامامەن پارتلىتىپ(شۇقىتىملىق كۈۋرىك پارتلىتىش ئۇرۇشىغا بايچۇرىننىڭ(تاتار) پارىتلىتىش دورىسى بىلەن نەمىنلىشى ئارقىسىدا، توختى مەرگەن باشچىلىغىدىكى جىڭ پارتىزانلىرى جىڭ ناھىيىسىنىڭ چوڭ كۈۋرىگىنى ئوڭۇشلۇق پارىتلىتىۋەتكەن) تىلىفون سىملىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، گومىنداڭ قوشۇنلىرى ئۆتىدىغان يوللارنى قامال قىلىپ دۈشمەنگە تۇيۇقسىز زەربە بىرىش بۇيرىقىنى چۈشىرىدۇ. شۇ كۈنى تەرجىمان كېرىمبەگ (2-ئاينىڭ19-كۈنى) ئۆزىگە كېلىدىغان خەۋىپ-خەتەرگە قارىماي، يۇشۇرۇن ھالدا تۈن يېرىمدا سادىق خۇيجاڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ،ئۇنى ئويغۇتۇپ،‹‹ ئەتە مائاۋىن شىجاڭ خۇنىڭ جىڭغا يىغىنغا بارىمىز دىگىنى يالغان،ئەتە گومىنداڭچىلار بورتالادىن پۈتۈنلەي قاچىدۇ، چۈشتىن كىيىن سائەت تۈتتە سىزنى ھەم ئۆيىڭىزگە چۈشكەن مىھمانلىرىڭىزنى قوشۇپ قەتلى قىلماقچى بولىۋاتىدۇ دەرھال قىچىپ قۇتۇلۇڭلار›› دەپ قۇيۇپلا قورادىن تېز چىقىپ كىتىدۇ.سادىق خۇيجاڭنىڭ سارىيىدا ئەتىكى جىڭدا ئىچىلىدىغان يىغىنغا بارىمىز دەپ ھىچ ئىشتىن خەۋىرى يوق بەخۇزور ئۇخلاۋاتقان ۋەكىللەر ئەتىسى ئەتتىگەندىلا بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ تەرەپ-تەرەپكە قىچىپ،كىتىدۇ. بارات پالىۋانمۇ،شۇ كېچىسى سادىق خۇيجاڭغا ئاتايىن ئادەم ئەۋەتىپ؛قىرىندىشىم دۈشمەنلەر2-ئاينىڭ20-كۈنى چۈشتىن كىيىن ساەت4.00 دە سىزگە ھەم ئۆيىڭىزدىكى بارلىق مېھمانلىرىڭىزغا قەست قىلماقچى بولىۋتپتۇ ، ھازىر بىز جامال ئاخۇننىڭ تۈگىمىنىدە سىزنىڭ قايتىپ كىلىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىمىز،ئەھۋال خەتەرلىك ئىكەن تېزىراق يېنىپ چىقىڭ،›› -دەپ خەت كىرگۈزگەن بولسىمۇ قانداقتۇر سادىق خۇيجاڭ،بۇ شۇم خەۋەرگە بىپەرۋالىق قىلىپ،-مىنىڭمۇ بۇ ئىشتىن خەۋىرىم بار سۈيقەستتىن ئاگاھ بۇلۇشنىڭ ئامالىنى ئويلىشۇپ قويدۇم-دەپ بىپەرۋالىق قىلپ خەۋەرچىنى نائۈمىت قايتۇرىدۇ. 1945-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەتتىگەن سائەت 5.00 دە بۆرتالادىكى گومىنداڭنىڭ ھەربىي مەمۇرىي ئەمەلدارلىرى ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرى مۇئاۋىن شىجاڭ خۇنىڭ قۇماندانلىقىدا500 دەك ئەسكەرىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىگىدە جىڭغا قاچىدۇ،لېكىن دۈشمەنلەر ئويلىمىغان يەردىن جىڭ كۈۋرىگىنى پارتىزانلار ئاللاقاچان پارىتلىتىۋەتكەنلىگىنى كۆرۈپ ئارقىغا قېچىپ تارقىياغا(داخېيەنزىگە) بېرىۋالىدۇ.ئەتتىگەندىلا خۇ سىجاڭنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ھۇدۇقۇپ قېچىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن سادىق خۇيجاڭ تېخىمۇ گۇمانلىنىپ،ئۆزىگە كېلىدىغان خەۋىپ-خەتەرنى تۇيۇپ دەرھال ئۆيىنىڭ باغ تەرىپىدىكى ئات ئېغىلىغا يانداش سېلىنغان يەم خەشەك ئۆيىگە كىرىپ تۆمۈر ئارىنى قۇلىغا ئېلىپ كەچ سائەت تۈت يىىرىمغىچە مۈكۈنۈپ ئولتۇرىدۇ. ئاخىرى ئۇ ھىچ ئىش يوق ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ ئۆيىگە كىرىپ كەتمەكچى بۇلۇپ بېغىدىن ھويلىسىغا كىرگەندە ،رىۋەن دەرۋازىدىن مىلتىق تۇتقان ھالدا ھويلىغا باستۇرۇپ كىرىدۇ ھەم ئۇنى ئاتماقچى بولىدۇ، سادىق خۇيجاڭ، ئۇنىڭدىن چاققان كىلىپ رىۋەننى ئاستىغا بېسىۋىلىپ، ئۇرىۋاتقاندا ، لىدۇسەن كىرىپ قېلىپ سادىق خۇيجاڭنى مىلتىق بىلەن ئېتىپ تاشلايدۇ. شۇكۈنى بارات پالىۋاننىڭ 46پارتىرانى داخىيەنزىگە تۇتىشىدىغان بارلىق يوللاردىكى كۆۋرۈكلەرنى پارتلىتىۋىتىپ يولدا يۇشۇرۇنۇپ يېتىپ داخىيەنزىگە قېچىۋاتقان دۈشمەنگە ئالدىدىن تۇيۇقسىز زەربە بىرىپ ئۈچ مىلتىق بلەن30گىرانەتنى ئولجا ئالدۇق، ھەمدە قاچقان دۈشمەننى بورتالانىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى تەسىرقايدىكى ھىزىم باينىڭ قۇرىغىغىچە قوغلاپ بېرىپ، ئاتلارنى دەم ئالدۇرۇپ ئولتۇرساق، داخىيەنزى،تەرەپتىن نۇراخۇن سادىق، ئابدۇقىيۇم، ھاشىم ياغاچچى، تۇرسۇن ياقۇپ، (تۇرپانلىق ساتىراش بالا ئىدى) ئىسمايىل پەتەك، قۇتلۇق قارى (يىتىمچى بالا ئىدى) ، تاجاخۇن ئەمەت،(1) قۇپپاخۇن ، ھېلىم تامچى، مەھەممەت قاراجى، جىڭلىق ئىسمايىل تۈگىمەنچى، قاتارلىق10ئادەم، ئۆزلۈگىدىن پىدائىي بولۇپ سېپىمىزگە قۇشۇلدى. ئۇقۇشىمىزچە ئۇلار 1944-يىلى12 –ئايدىكى قاچ-قاچتا گومىنداڭ ئارمىيىسى تەرىپىدىن سەيسىگە تۇتۇلۇپ قېلىپ،تارقىياردىكى گومىنداڭ ئارمىيىسىىگە ئوت-سامان، ئوتۇن-ياغاچ تۇشۇش ئىشلىرىغا ساپتۇ،بۈگۈن ئەتتىگەن ئۇلارنى گومىنداڭ ئەسكەرلىرى بۇ جايغا ھەيدەپ كېلىپ، پارتىزانلار كېسىۋەتكەن تېلىفۇن سىملىرىنى ئۇلىتىۋاتقاندا،بىزنى گومىنداڭ ئەسكەرلىرى يىراقتىن كۈرۈپ قىلىپ تارقىيا تەرەپكە قاچقاندا سىملارنى ئۇلاۋاتقان بالىلار پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ بىز تەرەپكە قېچىپ كەلگەن ئىكەن. بىز مۇشۇ ‹‹تەسىرقايدا›› 5 كۈن تۇرغاندىن كىيىن باراتنىڭ قۇرىغىغا يۈتكىلىپ بىرىپ 10كۈندىن كىيىن بارات پالىۋان، ئابدىريىم ياغاچچى،ئىمىن پەرەڭ،نۇراخۇن زەيدىن، قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن مەسلەھەتلىشىپ خەنزۇ تىلىنى ئاز-تۇلا بىلىدىغان تاجاخۇننى، دۈشمەن تەرەپكە ئەلچى قىلىپ ‹‹ بىزگە تەسلىم بۇلۇڭلار›› دىگەن مەزمۇندا خەت پۈتۈپ، ماڭدۇردى. لىكىن تاجاخۇن شۇ كىرىپ كەتكەنچە جىم-جىتلا يوقاپ كەتتى. بارات پالىۋان تاجاخۇننىڭ 12كۈنگىچە ئىز-دىرەكسىز يۇقاپ كەتكەنلىگىدىن گۇمانلىنىپ دەر-غەزەپكە كەلدى- دە:-ھۇ ؟؟؟؟؟؟؟ لومۇدى گۇيلار« ئەلچىگە ئۆلۈم يوق» تۇرسا تاجاخۇننى نىمە قىلدىڭ دەپ-ئۆز ئۆزىگە كايىپ كەتتى.

1945-يىلى3-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەتتىگەنلىك چىيىمىزنى ئىچىپ بولۇپ تۇرساق، بارات پالىۋان: ‹‹مۇھتەرەم قېرىنداشلار. بۈگۈن بىز دۈشمەنگە ئۆزىمىزنى بىر تۇنۇتۇپ قۇيايلى. ئېتىڭلارنى تۇقۇپ تەييار بۇلۇڭلار!››دەپ ئىككى ماۋزۇرنى بېلىغا قىستۇرغان ھالدا چەبدەسلىك بىلەن ئېتىغا مىندى.پارتىرانلارنىڭ جەڭگىۋار ھالىتىنى كۆرگەن بورتالالىق 70 ياشلىق بوقاڭكاممۇ:‹‹مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە جەڭگە كىرىمەن!›› دەپ ماڭغان ئىدى، بارات پالۋان: ‹‹بوقاڭكا سىز ياشىنىپ قالغان ئادەم ئۇيەرگە بارماڭ!››، دىگەن بۇلسىمۇ ئەمما بوقاخۇن، ئاكا ‹‹كىرىمەن››دىدىممۇ كىرىمەن دەپ چىڭ تۇرىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى توسۇپ قالالمىدۇق. شۇ كۈنى بىز بارات پالىۋانغا ئەگىشىپ دۈشمەننىڭ مۇداپىئەدە تۇرىۋاتقان، 2000 دىن ئارتۇق مۇنتىزىم ئارمىيىسىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، تارقىياغا ئاتلىق ھۇجۇم بىلەن كىردۇق.دەسلەپتە گومىنداڭ قوشۇنلىرىغا ھەيۋە كۈرسىتىش مەقسىتىدە ئۇلار كۆرگىدەك يەردىن تارقىيانى ئايلىنىپ ئات چاپتۇردۇق، گومىنداڭ قوشۇنلىرى بىزگە ئوق چىقارماي جىم تۇرىۋالدى،كەچ بولغاندا بىزگە قارىتىپ پىلىمۇت بىلەن ئوق ئاتقان ئىدى،بىزگە ئەگىشىپ چىققان بوقاخۇن ئاكىنىڭ كارنىيىگە ئوق تېگىپ، شۇيەردىلا ئاتتىن يىقىلدى. شۇ كۈنى بىز باراتنىڭ قورىغىغا قايتىپ كىلىپ كەچلىك چىيىمىزنى ئىچىپ بۇلۇپ ئولتۇرساق تۇيۇقسىزلا ئىشىك ئىچىلىپ بارات پالىۋان،جىددى ھالدا ئۈيگە كىرىپ كەلدىدە بىزكە تىكىلىپ قاراپ: ‹‹بۈگۈن كىچە دۈشمەنگە تۇيۇقسىز زەربە بىرىمىز دەرھال تەييارلىنىڭلار!›› دەپ جىددى بۇيرۇق چۈشۈردى.بىز ئەجەپلەنگەن ھالدا تارقىيارنى ساقلاپ ياتقان2000دىن ئارتۇق تولۇق قۇراللانغان گومىنداڭ ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىشنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىگىنى ۋە بۇرنىمىزغا ئۈلۈمنىڭ ھىددى پۇراۋاتقادەك چەڭگە جىددى تەييارلىق قىلىۋاتقىنىمىزدا ،خەۋەرچى بالاجى دىگەن بالا ،كېرىپ،(بالاجى شۇچاغلاردا يىشى ئەڭ كىچىك پارتىزان بۇلۇپ قۇشۇمچە بارات پالىۋاننىڭ كاتىپلىقىنى قىلاتتى)‹‹بارات ئاكا توختى مەرگەن، ئىككى ئادىمى بىلەن كەپتۇ ئۇ سىزبىلەن كۆرىشىمەن مۇھىم گېپىم بار›› دەپ غورۇ ئالدىدا تۇرىدۇ! دەپ دوكىلات يەتكۈزدى.(شۇ چاغلاردا قورۇ غا كىرىدىغان تام تۈۋىگە ئۈچيەردىن تۈشىك ئىچىلغان ئىككى ياغاچنى ئورنىتىپ ئۈچتال بادرىنى ئۈچ يەردىن توغرىسىغا ئۆتكۈزىپ قۇيۇپ،ئىشىك ئورنىدا ئىشلىتەتتى.)

بارات پالىۋان :-كىرسۇن دېگەندىن كېيىن، توختى مەرگەن، ئىككى ئادىمىنڭ ھەمراھلىقىدا بارات پالىۋان بىلەن قۇل ئىلىشىپ كۆرۈشۈپ تېنچ- ئامانلىق سوراشقاندىن كىيىن، ئىككەيلەن قىزغىن سۆھبەتلىشىپ كەتتى، سۈھبەتلىشىش جەريانىدا توختى مەرگەن بارات پالىۋاننىڭ بۈگۈن كېچە دۈشمەننىڭ تۇرارگاھىغا يۇشۇرۇن تىگىش قىلىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن: ‹‹بارتىكا، تارقىيادىكى دۈشمەننى ھەرگىز سەل چاغلىغىلى بۇلمايدۇ، يەنە كېلپ دۈشمەننىڭ جىڭدىكى كۈرەشچى ئايرىپىلانلىرى كۈندە بىر قېتىم بۇيەرنى چارلاپ تۇرىۋاتىدۇ، شۇڭا بۈگۈن دۈشمەننىڭ تۇرارگاھىغا تىگىش قىلىش پىلانىڭىزدىن ۋاز كېچىپ، ۋاختىنچە15~20 كۈن تەخىر قىلىڭ، ئاڭلىشىمچە پات يىقىندا ئىلى پارتىزانلىرى بۇيەرگە يىتىپ كىلىدىكەن شارائىت پىششىپ يىتىلگەندە ھەممىمىز بىرلىشىپ بىراقلا تىگىش قىلايلى،››ئاڭلىشىمچە تارقىيالىق پارتىزانلىرىڭىز سىپىڭىزگە يىڭىدىن قۇشۇلۇپتۇ ئۇلار قۇرال ئىشلىتىشنى،دۈشمەندىن قانداق مۇداپىيىلىنىشنى بىلىشى ھەم ھەربى مەشىقكە قاتنىشىشى كىرەك،ئۇرۇشتا پەم-پاراسەت ھەممىدىن مۇھىم كونىلاردا: «ئۇرۇشنىڭ بىرى جەڭ، تۇققۇزى رەڭ» دىگەن گەپ بار دەپ مەسلىھەت بىىرىدۇ. ئەمما بارات پالىۋان ئۆزىنىڭ گىپىدە چىڭ تۇرىۋىلىپ توختى مەرگەننىڭ مەسلىھەتىگە قۇلاق سالمايدۇ. توختى مەرگەن، ئەمدىلا 27-28 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان گەۋدىلىك قەددى قامىتى كىلىشكەن چىۋەر-چەبداس يىگىت بۇلۇپ تۇرىقىدىن غەيرەت-جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئەزىمەت ئىدى.ئۇ 1943-يىلى6-ئايدا ئاكىسى يۈسىپ ئەمەت، بىلەن بىللە غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە كىتىۋىتىپ جىڭ ناھىيىسىگە كەلگەندە ئاكىسى بىلەن ئوۋچىلىققا قىزىقىپ قىلىپ جىڭدا تۇرۇپ قالغان ئىدى. (شۇ چاغلاردا جىڭ ناھىيىسىنىڭ تاغ ئىدىرلىرىدا ياۋايى ھايۋانلار ئىنتايىن كۈپ بۇلۇپ جەرەن،بۈكەنلەرنىڭ ماكانى بۇلۇپ 40~50 گى بىر توپ بۇلۇپ ئوتلايتى) ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر بۇ ئاكا-ئۇكا مەرگەنلەرنىڭ نىمە سەۋەپتىن غۇلجىدىن جىڭغا كىلىپ تۇرۇپ قالغانلىقىنى بەلكىم بىلگىڭلار كىلەر ۋەقەنىڭ تەپسۇلاتىغا قىزىقساڭلار 1943-يىلى غۇلجىدا بۇلۇپ ئۈتكەن ھەقىقىي بىر ۋەقەدىن باشلاشقا توغرا كىلىدۇ؛

1996-يىلى ئەتىيازدا دادام رەھمەتلىك تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ ئۆيدە ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. بىر يەكشەنبە كۈنى دادامنى يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىغا بارسام: «كەل بالام، تېخى سېنى يېنىمغا چاقىرتاي دەپ تۇراتتىم، ئۆزۈڭ يوقلاپ كەپسەن» دەپ ياستۇقنىڭ ئاستىدىن بىر كونىراپ كەتكەن كىنىشكىنى ئېلىپ ئىچىدىن ئىككى سۇڭلۇق رەسىمنى چىقىرىپ: «مۇشۇ رەسىمنى چوڭايتىپ سىزىپ بەرگىن» دېدى. قولۇمغا ئېلىپ سىنچىلاپ قارىسام بۇ دادامنىڭ ھەربىيچە كىيىم بىلەن چۈشكەن رەسىمى ئىكەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كونىراپ يېرىمى دېگۈدەك بۇزۇلۇپ كەتكەن ئىكەن. رەسىمنى ئۆرۈپ قارىسام «1949-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ماناس دەرياسى بويىدا» دېگەن خەتلەر چېلىقتى. مەن دادامغا: «رەسىمنى ياخشى ساقلىيالماپسىز جىق يېرى بۇزۇلۇپ كېتىپتۇ» دېدىم. دادام: «راست دەيسەن بالام، ئاتالمىش ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى›دىكى قالايمىقانچىلىقتا بۇ رەسىمنى ياخشى ساقلىيالمىدىم. بۇ رەسىمنى ھەر بىر قېتىم كۆرسەم ئەشۇ 53 يىلنىڭ ئالدىدىكى بىر ۋەقە كۈز ئالدىمغا كىلىدۇ » دەپ كۆزىگە ياش ئالدى. دادام كۆز يېشىنى قول ياغلىقى بىلەن ئېيتىۋېتىپ: «1971-يىلى دۇپۇگەيدە بۇ رەسىمنى يەرگە كۆمۈۋېتىپ ساقلىغان ئىدىم، كېيىن كۆمگەن يەردىن ئېچىپ ئالسام نەم يەردە تۇرۇپ رەسىمنىڭ يېرىمى بۇزۇلۇپ كېتىپتۇ» دېدى. ئارىلىقتىن ئۈچ كۈن ئۆتۈپلا دادامنىڭ رەسىمىنى قارا قېرىنداش بىلەن 19 سۇڭ چوڭلۇقتا سىزىپ قېشىغا ئەكىردىم. دادام رەسىمنى قولىغا ئېلىپ: «ياش ۋاقتىمغا ئەينەن ئوخشىتىپ سىزىپسەن» دەپ كۆڭلى يەنە بۇزۇلۇپ يىغلاپ كەتتى. مەن: «دادا كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ» دەپ تەسەللي بەرگەندىن كېيىن، يىغىسىنى توختىتىپ: «بالام، بۇ رەسىمنى ھەقىقەتەن ياخشى سىزىپسەن، شۇڭا رەسىمگە قاراپ ياش ۋاقتىمدىكى بىر ئىش ئېسىمگە كېلىپ ئۆزۈمنى تۇتالماي قاپتىمەن» دېدى. مەن دادامغا تەسەللي بېرىپ: «دادا سىز ئوڭايلىقچە يىغلىمايدىغان ئادەم ئىدىڭىز ئەجەپ بۈگۈن يىغلاپ كەتتىڭىزغۇ؟»؟ دىدىم. ئىلگىرى دادامنىڭ دائىم خۇلۇم-خوشنا، ئەل- ئاغىنىلىرىگە ئۆزىنىڭ بىشىدىن ئۈتكەن تىللاردا داستان بۇلغىدەك ئاجايىپ ۋەقەلىكلەرنى ۋە «دۇپىگەي»ھەركىتىدە ئادىمىي ھەيۋانلارنىڭ ئۈزىنى خارلىغانلىقى تۇغرىسىدىكى ئىشلارنى سۆزلەپ بەرگەندىمۇ ھەرگىز يىغلىمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم،شۇڭا- دادا سىز نىمە ئۈچۈن يىغلايسىز بەك قەيسەر ئادەم ئىدىڭىزغۇ؟ دەپ سەۋەبىنى كوچىلاپ تۇرىۋالغاندىن كىيىن ، دادام قۇشىمىسىنى تۈرىپ بىر؟؟؟؟؟ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن: «بولىدۇ بالام،سۆزلەپ بىرەي دەپ، سۈزىنى باشلىدى: -بۇ ئىچىنىشلىق ۋەقە ئاشۇ زوراۋانلىق، زۇلمەتلىك تەڭسىزلىك، يىللاردا غۇلجا شەھىرىدە بۇلغان، ھەقىقىي ۋەقە ئدى، ساڭا سۆزلەپ بېرەي» دەپ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى سۆزلەشكە باشلىدى: «مەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىشتىن ئىلگىرى غۇلجىدا روزاجىم ئىسىملىك ئاتۇش ئاغۇلۇق بىر باينىڭ مالىيى بولغان ئىدىم ۋە ئۇنىڭ پەيتۇنىنى (روسىيىدىن كىرگەن ئۈستى يېپىق تۆت چاقلىق ھارۋا) ھەيدەيتىم ھەمدە باينىڭ تاپشۇرغان ئىشلىرىنى ياخشى ئورۇنداپ ئىشلىگەنلىكىم ئۈچۈن ئۇنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلىگەن ئىدىم. شۇ چاغلاردا خوجايىنىمنىڭ ئۆيىگە ئانچە يىراق بولمىغان باياندايدىكى ئايدۇرۇمدا گومىنداڭنىڭ 40~50 نەپەردەك ئۇچقۇچىلاردىن تەركىپ تاپقان بىر ئايروپىلان ئىستانىسى بار ئىدى. ئۇچقۇچىلار ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن ياش بالىلار بولۇپ مائاش تەمىناتى ئالاھىدە يۇقىرى ئىدى. ئۇلار 1942-يىلىغا كەلگەندە ھەر خىل ۋاستىلەرنى قوللىنىپ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق ئەڭ چىرايلىق فىروتكا (شۇ چاغدا ئاتا-ئانىسىدىن بىرەيلەن ئورۇس ياكى خەنزۇ شالغۇت قىزلارنى «فىروتكا» دەپ ئاتايتتى) قىزلارنى ياتىقىغا ئالداپ ئاپىرىپ نومۇسىغا تىگەتتى. 1943-يىلىغا كەلگەندە ئۇلار تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ غۇلجىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر بايلارنىڭ ئەڭ چىرايلىق قىزلىرىغا ئۇچۇقتىن-ئۇچۇق ھاياسىزلارچە قۇلئىشارىسى قىلىپ ئالدىنى تۇساتتى، ھەتتا بەزى كۈنلىرى غۇلجىنىڭ تار كۇچا-كويلىرىدا پوسىتتا تۇرغان بۇلىۋىلىپ يالغۇز مىڭىپ قالغان چىرايلىق ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئالدىنى تۇسىۋىلىپ قىلچە تەپتارتماستىنلا مەخسىدىنى قۇل ئىشارىسى ئارقىلىق دەيتى،ئەگەر قىزلار ئۇنىمىسا مەژبۇرى ھالدا پەيتۇنغا ئولتۇرغۇزۇپ ياتىقىغا ئاپىرىپ ئاياغ-ئاستى قىلاتتى... شۇ چاغلاردا باياندايدىكى ئايرودۇرۇمدا ئۆزىنى ئۇچقۇچىلارنىڭ باشلىقى دەپ ئاتىۋالغان تەلەتى سەت تاز چىراي، بوينى كالتە، جۇياڭفۇ ئىسىملىك 40 ياشلار چامىسىدىكى بىلىگە دائىم تاپانچا ئىسىۋىلىپ يۈرىيدىغان ئىنتايىن پەسكەش،ئنتايىن رەزىل، بىر ئادەم بولۇپ،ئۇ ھەرخىل ۋاستىلەرنى قوللىنىپ ئەمدىلا 16-17 ياشلارغا كىرگەن ئۇيغۇر قىزلىرىغا زورلۇق-زۇمبىلىق ئىشلىتىپ ياتىقىقا،ئاپىرىپ ياكى بايلارنىڭ سارايۋەنلىرىگە ناخشا ئىيتىپبىرىسەندەپ ئالداپ ئاپىرىپ خالىغانچە نۇمۇسىغا تىگەتتى.بىرنەچچە قىتىم مەقسىتىگە يېتىۋالغاندىن كېيىن، ئەمدى ياتىقىمغا ئۈزەڭ كىلىسەن دەپ قۇرقىتىپ مەجبۇرلايتى. ھەتتا ئۇ كۈپ قىتىم ئاياغ-ئاستى قىلغان*** ئىسىملىك قىز ئۇنىڭدىن ھامۇلدار بۇلۇپ قىلىپ ئىلى دەرياسىغا ئۈزىنى تاشلاپ ئۈلىۋالغان ئىدى. جۇياڭپۇ قىزلارغا زىيانكەشلىك قىلغىنىنىى ئازدەپ يەنە ئۇيغۇر بايلىلىرىنىڭ نى-نى چىرايلىق قىزلىلىرىنى مەژبۇرى پەيتۇنغا ئولتۇرغۇزۇپ ئىلى دەرياسىنىڭ توقايلىقىقا ئاپىرىپ خالىغىنىنى قىلاتتى... ئېسىمدە قېلىشىچە، 1943-يىلى 6-ئاينىڭ باشلىرى بولسا كېرەك، ئەتىگەندە پەيتۇننى ھەيدەپ كېتىۋاتسام جۇياڭفۇ مەھەلەمدىكى بىر ئۇيغۇر باينىڭ چىرايلىق قىزنىڭ ئالدىنى توسۇۋاپتۇ، قورقۇپ كەتكەن قىز يۈگۈرۈپ كېلىپ پەيتۇنىمغا چىقىۋالدى-دە: «تېز بولۇڭ! ئۆيۈمگە ئاپرىىپ قويۇڭ» دېدى. مەن ئاتنىڭ تىزگىنىنى كەينىگە بۇراي دەپ تۇرىشىمغا جۇياڭفۇ ماڭا ۋارقىراپ: «توقايلىققا ھەيدە!» دەپ تاپانچىسىنى تەڭلىدى. ھەم ئۆزىمۇ پەيتۇنغا زورلىق بىلەن چىقىۋىلىپ قىزنى مەھكەم قۇچاغلىۋىلىپ يىنىدا ئولتۇرىۋالدى. مەن جۇياڭفۇنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن كۆڭلىمگە بىر ئىشنى پۈكۈپ قويدۇم-دە، ئۇلارنى توقايلىققا ئاپاردىم، جۇياڭفۇ پەيتۇندىن خۇشال ھالدا چۈشۈپ قىزنى چىڭ قۇچاقلىغىنىچە كۆتۈرۈپ توقايلىققا ماڭغان ئىدى، قىز ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ تېپچەكلەشكە باشلىدى.دەل شۇ دەقىقىدە جۇياڭفۇنىڭ بېلىگە ئاسقان يان قورالى غىلىپىدىن ئاجراپ يەرگە چۈشۈپ كەتتى، ئەنە شۇ ئارىلىقتا قىز ماڭا ھۇمىيىپ قاراپ: نىمىگە قاراپ تۇرىسىز مىنى قۇتۇلدىرىۋىلىڭ!» دەپ ئۈنلىك ۋارقىرىدى.مەن ئوقتەك يۈگۈرۈپ بارغىنىمچە جۇياڭفۇنىڭ سول قۇلىقىغا مۇشت بىلەن كېلىشتۈرۈپ بىرنى ئۇردۇم، جۇياڭفۇ بىرلا ۋارقىراپلا يىقىلدى. ئۇنىڭ تاپانچىسىنى يەردىن ئېلىپ قوينۇمغا سالدىم-دە، قورقۇپ كەتكەن قىزنى كۆتۈرۈپ پەيتۇنغا ئولتۇرغۇزۇپ شەھەرگە قاراپ يۈرۈپ كەتتىم، يولدا كېتىۋېتىپ ئۇنىڭدىن بولغان ئىشلارنىڭ تېگى-تەكتىنى سورىغان ئىدىم، ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ: «ئەتىگەن مەكتەپكە كېتىۋاتسام ئۇ يولۇمنى توسۇۋىلىپ مەن بىلەن ماڭ، ساڭا جىق پۇل بېرىمەن» دەپ يانچۇقىدىن بىر تۇتام پۇلنى چىقىرىپ ماڭا تەڭلىدى. پۇلنى ئالمىسام تاپانچىسىنى چىقىرىپ پىشانەمگە تىرەپ تۇرۇپ: «ماقۇل دېمىسەڭ ئېتىپ تاشلايمەن» دەپ قورقىتىپ تۇرۇۋالدى. قورقۇپ كەتكەنلىكىمدىن نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي تۇرغۇنىمدا بەختىمگە يارىشا سىزكىلىپ قالدىڭىز شۇڭا سىزدىن ئۈمۈت كۈتىپ پەيتۇنىڭىزغا چىققان ئىدم.ئۇ پەسەندى ئەبلەخ ئۈتكەن يىلى ئەشۇنداق رەزىل ئۇسۇللار ئارقىلىق بىزنىڭ مەھەلىدىكى رەھىمكامنىڭ ئەمدىلا 16ياشقا كىرگەن***دىگەن بىچارە قىزىنى ياتىقىغا ئالداپ ئاپىرىپ بەختىگە ئولتۇرغان ئىدى دەپ،***غا، ئىچى ئاغىرىپ يىغلاپ كەتتى. مەنبۇ نامى مەشھۇر سائىپچامال قىزنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ ھەيران قالغان ھالدا؛ ...‹‹بۇ قىز غۇلجا شەھىرى بۇيىچە ئەڭ چىرايلىق قىزلارنىڭ بىرى ئىدى ھەي ئىسىت›› دىدىم.‹د› يغىسىنى تۇختىتىپ: ‹‹توۋا قىلدىم خۇدايىم قىزلاردىن ئاڭلىشىمچە ***تەغدىرىم ئەشۇنىڭ قۇلىغا ئۈتىپ قالدى ھەم بۇغۇلۇقمۇ... بۇپ بۇلدى، ئەمدى يۈزىمنى قانداقمۇ كۈتىرىپ يۈرەرمەن،ئۇنىڭ بىلەن ئىشكىرى ئۈلكىگە بىللە كەتىمەكتىن باشقا ھىچبىر ئامالىم يوق دەۋاتقىدەك... چۈنكى ئۇ قىز چۇ ئەبلەق تەرىپىدىن ، ئاللىقاچان ھا.... –توختىكا بۈگۈن سىزگە ئۈمۈىد باغلاپ ھەم ئىشىنىپ .پەيتۇنىڭىزغا چىقىپ ئولتۇرغىنىم خۇيمۇ ياخشى بوپتىكەن سىزگە كۆپ رەھمەت! ئاخىرقى ھىساپتا ئۈمىدىمنى يەردە قويماي ئۇ يىرىتقۇچ ھايۋاندىن مىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالدىڭىز ياخشىلىقىڭىزنى مەڭكۈ ئۇنتىيالمايمەن دەپ، ئەگەر ئۇ ئەبلەق ئۈلمەي قىلىپ بۈگۈن يۈز بەرگەن ئىشلارنى ساقچىلارغا مەلۇم قىلسا بىز قانداقمۇ قىلارەىز ھە سىز...» دەپ يىغلىدى. مەن: «مۇبادا ئۇ ئۆلمەي قېلىپ ساقچىلارغا مېنى مەلۇم قىلسا سىز ئۇ پەيتۇنكەشنى تونىمايمەن دەڭ، سىزگە ھېچ ئىش بولمايدۇ.» دېدىم. شۇ كۈنى ئۇ ماڭا مەسلىھەت بېرىپ: «سىز بىر مەزگىل يۇقارقى پەنجىمگە قېچىپ تۇغقانلىرىمىزنىڭ ئۆيىدە يوشۇرنۇپ تۇرۇڭ، كېيىن ئەھۋالدا ھېچ ئىش بولمىسا، سىزگە خەۋەر بېرىمىز شەھەرگە كىرىپ بىزنىڭ قورودا ئىشلەڭ، دادام چوقۇم ماڭا قىلغان ياخشىلىقىڭىزنى ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ، سىز بۈگۈن مېنى بىر مەلئۇننىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپقالدىڭىز، شۇڭا بۈگۈنكى ئىشنى ئاتا-ئانامغا دەيمەن» دېدى. شۇ كۈنى ئۇنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇپ قايتاي دەپ تۇرسام ئۇ يانچۇقىدىن بىر تاۋار قولياغلىقنى ئېلىپ خاتىرە ئۈچۈن ماڭا بەردى. ئۇ قىز بىلەن خوشلىشىپ تۇرار جايىم روزاجى باينىڭ ئۆيىگە كەتتىم. ئەتىسى خوجايىنىغا: «ئاغرىپ قالدىم» دەپ ھېچ يەرگە چىقماي ئۆيدە ياتتىم. ئۆگىنى بۇ ئىشنى ئاكامغا دەپ نېمە قىلىشنى مەسلىھەتلىشەي دەپ كېتىپ بارسام قىزنىڭ ئاكىسى مېنىڭ قېشىمغا كېلىۋاتقان ئىكەن. ئىككىمىز يولدا ئۇچۇرۇشۇپ قالدۇق. ئۇ جىددىيلەشكەن ھالدا: «سىز غۇلجىدا تۇرماڭ، يىراق يەرلەرگە كېتىڭ، ساقچىلار سىزنى ئىزدەۋاتىدۇ، ھەرگىز ئۇلارغا تۇتۇلۇپ قالماڭ، يىراقلارغا كېتىپ پاناھلىنىپ، كېيىن ئىشلار بېسىققاندا قايتىپ كېلىپ بىزنى ئىزدەڭ. سىڭلىمغا قىلغان ياخشىلىقىڭىزنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمىز» دەپ قولۇمنى چىڭ سىقتى ۋە: «كۆرۈشكىچە ئامان بولۇڭ!» دەپ خوشلىشىپ كېتىپ قالدى. شۇ ئاخشىمى مەن ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا غۇلجىدىكى غىلاجىدىن باينىڭ ئېتىزىدا ئىشلەۋاتقان ئاكامنى تېپىپ، بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا ئېيىتتىم. ئاكام ئەھۋالنىڭ يامانلىشىپ بۇ دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى ئۇقۇپ بىر؟؟؟؟؟ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن: «يۇرتقا قايتىپ كېلەيلى» دېدى. ئاكامنىڭ سۆزىگە مەنمۇ قوشۇلدۇم. ئاخىرى مەسلىھەتلىشىپ خوجايىنىمىزدىن ئىش ھەققىمىزنى ئېلىپ ئۈرۈمچى يولى ئارقىلىق ئانا يۇرتىمىز ئاتۇش كاتتايلاققا كەتمەكچى بولدۇق. شۇ كۈنى ئاكام خوخايىنى بىلەن خوشلىشىپ ئۈچ يىللىق ئىش ھەققى ئۈچۈن ياراملىق بىر ئات ئالدى. شۇ كۈننىڭ ئەتىسى مەنمۇ خوجايىنىم روزاجى باي بىلەن كۆرۈشۈپ تاسادىبىي يۇرتۇمغا قايتماقچى بولۇپ قالغانلىقىمنى ئېيتقان ئىدىم. ئۇ ئادەممۇ ئوخشاشلا ئۈچ يىللىق ئىش ھەققىم ئۈچۈن ياراملىق بىر ئات ۋە يۇرتىغا بارغىچە يولدا خىراجەت قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ كەمنىڭ پۇلىغا ئالتە يۈز سومغا تەڭ كەلگىدەك پۇل بەردى. بىز ئاكا-ئۇكا ئىككىمىز خوجايىنلىرىمىز بىلەن خوشلىشىپ، 1943-يىلى 6-ئاينىڭ باشلىرىدا غۇلجىدىن ئاتلىق يۇلغا چىقىپ ئاچالدىن ئۈتۈپ جىڭ ناھىيىسىگە يىتىپ بارغاندىن كىيىن،بۇيەرنىڭ ئوۋچىلىق قىلىشقا ماس كىلىدىغان شارائىتىنى بىلگەندىن كىيىن ، ھېلىقى ئولجا ئالغان ئىنتايىن نەپىس ھەم چىرايلىق تاپانچىنى جىڭدىكى بىر مۇڭغۇل باينىڭ بەشئاتار مىلتىقىغا تېگىشىۋالدىم،شۇنىڭ بىلەن ئاكا-ئۇكا ئككىمىز جىڭدا بىريىل ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ . يۇرتىمىزغا كېتەيلى دەپ تۇرساق، جىڭ ناھىيىسىدىكى خەلىق ئىچىدە ئالتايدىكى قازاقلار كومىنداڭغا قارشى توپىلاڭ كۈتىرىپتۇ ئۈرىمچىدىكى ھۈكىمەت پەرمان چىقىرىپ ياشلارنى مەزبۇرى ئەسكەرلىككە تۇتىۋىلىپ ئالتايغا يۈتكەۋىتىپتۇ دىگەن مىش -مىش گەپ -سۈزلەر تارقىلىپ كىتىپ يا ئالدىغا-يا كەينىگە ماڭالماي تۇرۇپ قالدۇق، 1944-يىلى6-ئايدا جىڭ ناھىيىلىك گومىنداڭ ھۆكۈمىتى جىڭ ناھىيىسىنىڭ ھەرقايسى يىزا كەنىتلىرىگە بىرىپ 300 دەك ياش بالىلارنى ھەربىي مەكتەپكە مەژبۇرى تۇتىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە،ئاكام بىلەن ئىككىمىزمۇ ئەسكەرلىككە تۇتۇلۇپ قىلىپ ھەربى مەشىقكە قاتناشتۇق شۇچاغ بۇ مەكتەپنى كىشىلەر ‹‹جۈنشوۋ›› دەپ ئاتايتىى، (ھەربىي مەكتەپ) ھەر قايسى يېزا-كەنتلىرىدىن يىغىۋالغان ھەر مىللەت بالىلار جىڭ ناھىيىسىنىڭ مەركىزىدە يۈگىرىش، ،نەيزىۋازلىق،قىلىچۋازلىق، چوڭ-كىچىك قۇراللارنى قارىغا ئىتىشنى مەشىق قىلىپ، ئۈچئاي بۇلغاندا قانداقتۇر كومىنداڭ ھۆكىمىتى ھەربىي كۇرسىنى توختىتىپ بىزنى تارقىتىۋەتتى. بىز تارقىلىپ كىتىپ ئازغىنە كۈندىن كىيىن، يەنى 1944-يىلى 10-ئايدا جىڭدا كىشىلەر ھەيران قالغۇدەك ئاجايىپ گەپ-سۆزلەر تارقىلىشقا باشلىدى. بۇ گەپلەر قۇلاقتىن-قۇلاققا ئاڭلىنىپ: «يېقىندا نىلقا تاغلىرىغا پىشانىسىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا بىر كۆزى بار گىگانىت ئادەم پەيدا بولۇپ قاپتۇدەك، ئۇ ئادەمگە ئوق قىلىچ ئۆتمەيدىكەن، يامان نىيەتلىك ئادەملەر ئۇ ئادەمنىڭ يېنىغا بارسا غايىپ بولۇپ كەتكىدەك،ياخشى نىيەتلىك ئادەملەر ئۇ ئادەمنىڭ يېنىغا بارسا ھېچ نېمىدىن قورقماس بولۇپ كەتكۈدەك،ھازىر ئۇ ئادەمنىڭ يېنىغا توپلاشقان ئادەملەرنىڭ سانى 3000غا يېتىپتۇ.ھەممىسى ھەر يەردىن تاللىنىپ توپلانغان باتۇرلار ئىمىش.ئۇلارنىڭ ئاتقان ئوقى ھەرگىز زايە كەتمەيدىكەن،ھۆكۈمەت بىر كۆزلۈك ئادەمنى تۇتۇڭلار دەپ 10مىڭ ئەسكەر چىقارغان بولسىمۇ ھەممىسى باتۇرلارنىڭ ئوقىدا ھالەك بۇلۇپ ئۆلۈپتۇدەك...»دېگەندەك مەزمۇنلاردا ئىدى.

شۇ چاغدا يەنە بەزى ئادەملەر«بىر كۆزلۈك ئادەم ئاچالغا كەپتۇ» دېسە يەنە بەزى ئادەملەر : بىر كۈزلىك ئادەم «داخېىيەنزىگە كەپتۇ» دېگەندەك گەپ سۆزلەرنى ھەر كۈنى يۇشۇرىن تارقىتاتتى.يۇقىرقىدەك ئاجايىپ گەپ-سۆزلەر قۇلاقتىن – قۇلاققا ئاڭلىنىپ يەنە بەزىلەر تېخى ئاخىرقى زامان بولغىدەك دىيىشەتتى. مۇشۇنداق ئاجايىپ گەپلەرگە ئىشەنگەن بەزى بايلار ئەمدى ئۇرۇش بولىدىغان بولدى، دەپ مال دۇنياسىنى ئېلىپ چەت ياقىدىكى تاغلىق يېزا-قىشلاقلارغا قىچىپ چىقىپ يوشۇرۇنغان ئىدى. 1944-يىلى 10-ئاينىڭ2-كۈنى جىڭ دەرياسىنىڭ يۇقارقى تەرىپىدىكى تۇغ بەلچىدىكى ئۆيىمىزدە مەن، (ئاكام) يۈسۈپ ئەمەت، ئاغىنىلىرىمىزدىن قۇۋانمەرگەن،ھېكىم`مۆمىن،قۇناخۇن،ساۋۇرجان،ھېيتاخۇن،ئەمەتمەرگەن،نۇۋامەرگەن،ساۋۇرجان،دەمرىنجاپ،(مۇڭغۇل) قاتارلىق11 ئادەم ئۆز-ئارا مەسلىھەتلىشىپ مەخپى ھالدا مەسلىھەتلىشىپ زالىم مۇستەبىت گومىنداڭ ھۈكىمىتىگە قارشى«جىڭ يەر ئاستى ئىنقىلابىي تەشكىلات» تى قۇردۇق. مەن تەشكىلاتنىڭ ئالاقىچىلىك خىزمىتىگە مەسئۇل بولدۇم.تەشكىلاتىمىزنىڭ ۋەزىپىسى ئىلغار پىكىرلىك قورقماس ياراملىق ياشلارنى ئۆزىمىزگە تارتىپ توپلاپ تەشكىلاتىمىزدىكى ياشلارىنڭ سانىنى كۈندىن -كۈنگە كۈپەيتىپ ۋاختى-سائىتى كەلگەندە گومىنداڭغا قارشى پارتىزانلىق ئەتىرىتىنى قۇرۇش ئىدى. مانا بۇ ئىنقىلاۋىي تەشكىلاتىمىزنىڭ دەسلەپكى باشلىنىش نۇقتىسى بۇلۇپ، تەشكىلاتىمىز قۇرۇلۇپ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدىلا دەسلەپكى11 ئادەمدىن كۆپىيىپ كىيىن31 ئادەمگە يەتتى. بۇ چاغ ، ئاكام يۈسىپ، ئىككىمىز تۇغ بىشىدىكى ئۆيىمىزدە(ھازىرقى جىڭ دەرياسىنىڭ يۇقارقى تەرىپىدىكى ناھىيىلىك شۇ ئىلىكتۈر ئىستانزىسىنىڭ تۈۋەن تەرىپىگە توغرا كىلىدۇ) 2-قېتىم يەنە مەخپىي يىغىن ئېچىپ تەشكىلاتىمىزنىڭ رەخبەرلىك ئاپىراتىنى سايلاپ چىقتۇق. سايلامدا ،‹‹جىڭ يەرئاستى مەخپى تەشكىلات››نىڭ بىرىنچى قۇل رەخبەرلىگىگە توختى مەرگەننى(مىنى) مۇئاۋىن رەخبەرلىكگە قۇۋان مەرگەننى(قۇۋانقالماق دەپمۇ ئاتايتى) ،قۇل كۈتىرىپ،سايلاپ چىقتى. شۇچاغ يەرئاستى ئىنقىلاۋىي تەشكىلاتىمىزغا،ئەزا بۇلۇپ كىرگەنلەرنىڭ ئىسمى تۈۋەندىكى ياشلار ئىدى.توختى مەرگەن، يۈسۈپ مەرگەن، قۇۋان مەرگەن، رېھىمجان، ئىمىرياقۇپ، مۇھەممەت تەدان،قۇناخۇن،ياسىنجان خۇدابەردى، ئىبراھىمجان، قاسىمجان روزى،تايىرجان،ساۋۇرجان،نىياز ھۇشۇر،ياسىن ياغاچچى، ھېلىم ھاپىز،ئىمىنجان سېتىۋالدى،دەمىرىنجاپ، (مۇڭغۇل)قۇرمانغالى، (قازاق) ھېيتاخۇن،نۇۋامەرگەن، قاتارلىقلار بولۇپ،تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى جەنۇبى شىنجاڭدىن كەلگەن يىتىمچى بالىلار ئىدى .شۇ چاغدا جىڭ ناھىيىلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى ئابدىۋەلى خۇيجاڭ بىلەن دائىم ئالاقىلىشىپ تۇراتتىم.ئۇ دائىم ماڭا شەھەردە بولۇۋاتقان مۇھىم ئىشلار تۇغرىسىدا مەخپى مەلۇمات يەتكۈزۈپ تۇراتتى. 1944يىلى10-ئاينىڭ10-كۇنى يەنى قۇربان ھىيىت نامىزىنى شەھەردىكى چوڭ چەمە مەسچىتىدە جامائەن بىلەن بىرگە ئوقۇپ بۇلۇپ؛ مەسچىت ئالدىغا چىقساق مەسچىتنىڭ سۇل تەرىپىدىكى ئىگىز تامغا چاپلاپ قۇيغان خەتكە نۇرغۇن ئادەملەر ئولىشىۋاپتۇ.ئۇلارنىڭ يېنىغا يېقىن بارسام ئېگىز بويلۇق بىر ئادەم تامدىكى خەتنى ئوقۇۋاتقان ئىكەن. ئېسىمدە قېلىشىچە خەت مۇنداق يېزىلغان ئىكەن: «مۆھتەرەم ئېزىلگۈچى قېرىنداشلار! قۇلقىڭلارنى دىڭ تۇتۇپ شوئارىمىزنى ئاڭلاڭلار،گومىنداڭ مۇستەبىت ھۆكۈمىتىنىڭ دەرشەتلىك ئىكىسپۇلاتسىيە زۇلۇمى چېكىگە يېتىپ خەلقىمىزنىڭ سەۋىر قاچىسى تېشىپ،تاقىتى-تاق بولۇپ چىكىگە يەتتى، پىچاق سۆڭەككە يەتكەندە زالىملارغا قارشى تۇرماي قۇل-قۇيۇشتۇرۇپ سۈكىتتە تۇرۇشنىڭ ئۈزى ئىغىر گۇناھتۇر، بىلىپقۇياڭلاركى،بۇ غەپلەت ئۇيقىدا ياتىدىغان چاغ ئەمەس! ئەتىراپقا كۈزىمىزنى يوغان ئىچىپ قاراپباقايلى پۇرسەت پىششىپ يتىلدى،ئەمەسمۇ قىرىنداشلىرىم، ۋاقىت غەنىمەت،ئۈز تەغدىرىمىزنى ئۈزىمىز بەلگىلەيدىغان دەۋىر يىتىپ كەلدى، ئورنۇڭلاردىن دەس تۇرۇپ،كۈرەشكە تەييار بولۇڭلار ! پات يېقىندا نىلقىدىكى ئىنقىلاپ يالقۇنى پۈتۈن ئۆلكىمىزگە تۇتىشىدۇ، «چىرىكلەشكەن زالىم مۇستەبىت گومىنداڭ ھۆكۈمىتى گۇمران بولۇشقا ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت قالمىدى»باتۇر ئولانلىرىم.ئىنقىلاپ يالقۇنى بىزنى چىللىماختا... خەت ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ھەممىمىز بىر-بىرىمىزگە مەنىلىك قاراشتۇق.بەزىلەر ئارىمىزدىن ئاستا سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ ئالاقىزادە بولۇشۇپ،قاياققىدۇر غايىپ بولۇشتى.بىردەم ئۆتمەيلا ناھىىيىلىك ساقچى ئىدارىسى تەرەپتىن قارا كىيىملىك بىر توپ ساقچىلارنىڭ يۈگۈرۈشۈپ كېلىۋاتقانلىقى كۆرۈپ ھەممىمىز ئۆزىمىزنى دالدىغا ئېلىشتۇق.شۇ چاغدا شەھەر ئىچى چۆللىشىپ قالغان بولۇپ، گومىنداڭ ئىشپىيونلىرى ھەممە يەرنى ئاختۇرۇپ تىمسىقلاپ يۈرەتتى.شەھەر ئىچىدىكى دۇكانلارنىڭ تولىسى تاقىۋىتىلگەن بولۇپ ،كونا بازارنىڭ دوقمۇشىغا جايلاشقان جىڭ ناھىيلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ئىشپىيۇنلار خۇددى ماشكىدەك مارىشپ يۈرەتتى.ئابدۇۋەلى خۇيجاڭ بىلەن كۆرۈشەلمىدۇق.شۇ كۈنى خۇددى جىڭ ناھىيە بازىرى گويا سېھرىگەر سېھىرلىۋەتكەندەك كىشىلەر بىربىرسىگە ئۈنلۈك گەپ-سۆز قىلىشمايتتى.ھىمىشەم كونا بازاردىكى قاتار كەتكەن ئاۋات ئاشپۇزۇللاردا ، ئۇستاملارنىڭ-مانتا-مانتا بەش مانتا،مانتا، مانتا،ئون مانتا دەپ ئۈنلىك خىرىدار،چاقىرىشلىرى،ساماۋەرخانىلاردا قاتار ئۇلتۇرۇپ دۇتتار چىلىپ،ناخشا ئىيتىشلىرى كۈرىنمەيتى،نىمىشقىدۇر كوچىلاردا ساقچىلار كۈپىيىپ كەتكەن بۇلۇپ،ئۇلار گۇمانلىق،دەپ قارىغان ھەرقانداق بىر ئادەمنى تۇتۇۋىلىپ،تۈرمىگە ئاپىرىپ تاشلايتى.شۇڭلاشقىمۇئادەملەر كوچىدا بەك شالاڭ.ھەم دۇككانلارنىڭ تۇلىسى تاقىلىپ كەتكەن.كۇچىلاردا ئاندا-ساندا ئۇچىراپ قالىدىغان كىشىلەرمۇ گويا بىرەرسى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغاندەك كوچىدا توپلىشىپمۇ ماڭمايتتى. شۇ كۈنى تەشكىلات ئەزالىرىمىزدىن تايىرنى، ئىزدەپ ئۇنىڭ تۇرار جايىغا بارسام ئۆيىدە يوق ئىكەن.قۇۋان دەريا دېگەن كىشى ئۇچراپ قېلىپ:«تايىرنى ئىزدەپ كەلدىڭمۇ؟» دەپ سورىدى.مەن : «ھەئە» دېسەم ئۇ ئاستا يىنىمغا كېلىپ قۇلقىمغا پىچىرلاپ:«تۈنۈگۈن ئىبراھىمجان ئوقۇتقۇچى، ھېلىم ھاپىز (بۇ ئادەم ئاتاقلىق ناخشىچى ئىدى) تايىر، قاتارلىق بالىلارنى ساقچىلار تۇتۇپ كەتتى» دېدى. شۇ كۈنى تۇغ بېشىدىكى ئۆيىمگە دەرھال يىتىپ بېرىپ ئاكام بىلەن مەسلىھەتلىشىپ يەر ئاستى تەشكىلاتىمىزدىكى بارلىق ياشلار بىلەن، قۇربان ھىيىتنى بىللە ئۈتكۈزىپلا دەرھال نىلقا تەرەپكە ئۈتۈپ كىتەيلى دىدىم.ئاكاممۇ قۇشۇلدى بۇچاغ دا مەن مەخپى تەشكىلاتىمىزغا يىڭىدىن پىدائىي بۇلۇپ كىرىۋاتقان ياشلارغا خىزمەت ئىشلەپ،ئۇلارغا ھەرخىل قۇراللارنى ئىشلىتىشنى ئۈگىتىۋاتاتتىم. ئەنە شۇكۈنلەرنىڭ بىرىدە ،گومىنداڭ ئىشپىيۇنى توختى گەجاڭ ، تەشكىلاتىمىزنىڭ سىرىنى بىلىپ قىلىپ ، جىڭ ناھىيىلىك ساخچى ئىدارىسىكە بىزنىڭ ئىسمىمىزنى مەلۇم قىلىدۇ. 1944-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈنى ناھىيىلىك ساخچى ئىدارىسى مەخپى يىغىن ئىچىپ بىزنى شۇ ئاخشىمى سائەت 10 دا ئالدى بىلەن مىنى ئاندىن تەشكىلاتىمىزدىكى بارلىق ياشلارنى بىراقلا قۇلغا ئالماخچى بۇلىدۇ، ھەم جىڭ ناھىيىلىك ساخچى ئىدارىسىنىڭ تەرجىمانى سىيىت(شاڭيى)غا تۇپۇلاڭ كۈتىرمەكچى بۇلغان ئوغرىلارنىڭ ئىسىم فامىلىسى ۋە ئادىرىسىنى ئىنىقلاپ چىقىشنى تاپشۇرىدۇ. بۇ خەتەرلىك مەخپىيەتلىكنى بىلىپ قالغان سىيىت شاڭيۇنىڭ ئىچى تىتىلداپ تۇرغاندا، جىڭ ناھىيىلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدىۋەلى خۇيجاڭ، يىڭىدىنلا قۇلغا ئىلىنغان ئىبراھىمجان ئوقۇتقۇچىنى كېپىللىككە سورىۋىلىش ئۈچۈن ساخچى ئىدارىسىگە كىرىپ قالىدۇ ؛ سىيىت شاڭيى، بۇ پۇرسەتتىن يايدىلىنىپ بۈگۈن ئاخشام قولغا ئىلىنىدىغان ئادەملەرنىڭ تىزىملىگىنى ئابدىۋەلى خۇيجاڭ بىلەن قىزغىن كۈرىشكەن بۇلىۋىلىپ قۇلىغا بىرىدۇ. ئابدىۋەلى خۇيجاڭ،ۋە سىيىت شاڭيۇلار ئىلغار پىكىرلىك زاتلار بۇلۇپ بىزنىڭ ئىنقىلاۋىي پائالىيەتلىرىمىزنى ئىچكى جەھەتتىن قۇللايتى. شۇڭا ئابدىۋەلى خۇيجاڭ دەرھال ئادەم سەپلەپ ،شۇ ۋاقىتنىڭ ئۈزىدىلا خەتەرلىك ئەھۋالنى ماڭا مەلۇم قىلدى. مەن شۇ كۈنى دەرھال ھەركەتكە كىلىپ تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنى جىڭ دەرياسىنىڭ يۇقۇرىسىدىكى ئۈيىمىزگە جىددى چاقىرتىپ ، داندىغاي قۇملىقىنىڭ يۇقىرىسىدىكى قۇلانساينى كىسىپ ئۆتۈپ ئاچال يۇلى بىلەن نىلقىغا ئۈتۈپ كەتمەكچى بۇلۇپ،جىڭلىق ھېكىم مۈمىن بىلەن ھىيتاخۇنگە جىددى بۇيرىق چۈشىرىپ -ئىككىڭلار، شەھەرگە كىرىپ بارلىق تەشكىلات ئەزالىرىغا مىنىڭ چىددى بۇيرىقىمنى يەتكۈزىڭلار خەۋەر يەتكەن ھامان بالىلار مۇشۇ تۇغبەلچىدىكى ئۈيىمىزگە دەرھال يىتىپ كەلسۇن دىدىم دە ، يول يۈرۈش تەييارلىقىنى قىلدىم. ئۇزۇن ئۆتمەي تەشكلاتىمىزدىكى 28نەپەر ئادىمىمىز ئۆيىمىزگە جەم بولدى.ياسىن ياغاچچىنىڭ ئايالى ئېغىر ئاياغ بولغانلىقى ئۈچۈن تەشكىلاتىمىزدىن چېكىندى. بىز مىڭىشقا بەلگىلىگەن ۋاقتىمىز توشۇپ ئالاقىچى،ھېيتاخۇن دەل ۋاقتىدا شەھەردىن قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ ئەمما ھېكىم مۆمىن، شەھەردىن قايتىپ كەلمىدى. شۇڭا بىز ئۇنىڭ كىلىشىنى ساخلىمايلا مەخپىيى يىغىنىمىزنى باشلىۋەتتۇق يىغىندا مەن : -مۇھتىرەم قىرىنداشلار بىزنىڭ تاشكىلاتىمىز مۇناپىقلار تەرىپىدىن ئاشكارىلىنىپ قاپتۇ ئەتتىگەن ھىلىم قۇراي،بىلەن تايىرجاننى،ساخچىلارقۇلغا ئاپتۇ ، بۈگۈن كەشې بىزنىمۇ قولغا ئالىدىكەن شۇڭا بىز بۈگۈن كەش قولىمىزدىكى ئون ئىككى دانە مىلتىق بىلەن ھازىرلا نىلقا تەرەپكە ئاتلىنىپ ھىلىقى پىشانىسىنىڭ ئوتتىرىدا بىر كۆزى باركەن دىگەن باتۇرنى ئىزدەپ تىپىپ(كىيىن پىشانىسىنىڭ ئوتۇرىدا بىر كۈزىباركەن دىگەن ئادەمنىڭ دەل غېنى باتۇر ئىكەنلىگىنى بىلدۇق)شۇنىڭ توپىغا قوشۇلۇپ كىتەيلى دېدىم.بۇ سۆزۈمگە ھەممىسى بىردەك قوشۇلىمىز دەپ- ھۇررا !! توۋلىدى . بىز تۇغبەلچىدىن نىلقا تەرەپكە ئاتلىنىپ ماڭغاندا قوشنىلىرىمىزدىن سۇ بېشىدىكى ھوشۇر تاشچى، موللاخۇن تۆمۈرچى، ھەسەنبەگ،توختى مانجۇ، قاتارلىق كىشىلەر بىزنى ئۇزاتقىلى چىقىپ:«سىلەر ئۇلۇغ ئىشلار ئۈچۈن كېتىۋاتىسىلەر،ئاللا سىلەرنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي،ئامىن!زەپەر قۇچۇپ كىلىشىڭلارنى بىر ئاللادىن تىلەيمىز دەپ قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشتى.(يۇقىرىدا مەن ئاچالغا مېڭىش ئالدىدا ھېكىم مۈمىننىڭ قايتىپ كەلمىگەنلىكى توغرسىدا توختالغان ئىدىم.بۇ ئىش توغرىلىق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي،ھېكىم مۈمىن، مېنىڭ بۇيرۇقىمنى 1944-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان بارلىق تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىگە يەتكۈزۈپ بولۇپ جىڭنىڭ تۈۋەن تەرىپىدىكى ‹‹بەش تىرەك››دىگەن جايدىكى كەرىم توختارنىڭ ئۈيىدىن ئەڭ ئاخىرىدا چىقىپ تۇغ بىشىغا ئالدىراش كىتىۋاتقاندا كۈن كەچ بۇلۇپ كىتىپ شەھەر ئەتىراپىدىكى تۈگىمەنلەرنى چارلاشقا چىققان گومىنداڭنىڭ بىر ئىزۋۇت( بىرپەي) ئەسكىرىگە ئۇچىراپ قىلىپ،كومىنداڭ پەيجاڭى ھىكىم مۈمىننى- كىچىدە ئالتە ئوغرى تەرىپىدىن ئىۋەتىلگەن پايلاقچىسى دەپ گۇمانلىنىپ، ھىكىم مۈمىننىڭ قۇلىنى كەينىگە قايرىپ باغلاپ شەھەردە تۇرۇشلۇق گومىنداڭ ھەربىي باش شىتابىغا تاپشۇرۇپ بىرىدۇ،سوراق قىلىش جەريانىدا ھېكىمنىڭ جىڭغا يەرلىك بالا ئىكەنلىگى ئىسپاتلىغاندىن كېيىن،ھېكىم مۈمىننى ئەسكەرلككە تۇتىۋىلىپ،شۇ يىلى 12-ئايدا مەجبۇرى شىخۇغا ھەيدەپ كېتىدۇ.ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، بىز يول يۈرۈپ قالماق كېچىكى (بۇ ئۆستەڭنى يەرلىك كىشىلەر «ساجانىڭ ئۆستىڭى»دەپمۇ ئاتايتتى) دېگەن يەرگە كەلگەندە داندىغاي تەرەپتىن چاڭ-تۇزاڭ توزىتىپ بىز تەرەپكە ئات چاپتۇرۇپ كېلىۋاتقان گومىنداڭنىڭ بىرتوپ ئاتلىق ئەسكەرلىرىنى يىراقتىن كۆرۈپ قالدمدە. دەرھال پارتىزانلارغا بۇيرۇق بىرىپ ئۆستەڭ بويىدىكى قېلىن چاتقاللىق ئىچىگە يوشۇرۇنۇپ دۈشمەننى ئۈستەڭگە ئات سىلىپ ئۈتىۋاتقاندا يىقىن يەردىن ئىتىشنى بۇيرىدىم. بىز چاتقانلىق ئىچىگە يۇشۇرنۇپ مىلتىقلىرىمىزنى دۈشمەنگە بەتلەپ ئولتۇردۇق. ئۇلار جەمئىى 18 ئاتلىق ئەسكەر بولۇپ،قالماق كېچىكىدىن ئات سىلىپ ئۆتىشىگىلا ھەر قايسىمىز بۆلىشىۋالغان نىشان بويىچە ئوق ئۈزۈپ،8 دۈشمەننى ئاتتىن يقىتتۇق قالغان 10 دۈشمەن جىڭ تەرەپكە ئات چاپتۇرۇپ قىچىپ قۇتۇلدى. بىز ئات ۋە قۇرالغا ئرىشكەندىن باشقا يەنە بىر دۇربۇنغىمۇ ئىرىشپ، قالماق كىچىگىدىن ئۈتىپ داندىغاي تەرەپكە قاراپ يەنە يۇلىمىزغا راۋان بۇلدۇق. بىز داندىغاي قۇملىقىنىڭ جەنۇبىي چىتىگە يىقىنلاشقاندا يەنە ئاچال تەرەپتىن چاڭ-تۇزاڭ تۇزىتىپ ئات چاپتۇرۇپ كىلىۋاتقان دۈشمەن ئەسكەرلىرىنى يىراقتىن كۈرۈپ قالدۇق،دۈشمەنمۇ بىزنى كۈرىپ ئىتىنىڭ بىشىنى شىمال تەرەپكە بۇراپ داندىغاي قۇملۇقىنىڭ شەرىق تەرىپىنى ياقىلاپ دۇساجىمنىڭ سايلىقى تەرەپكە قاراپ قاچتى. مەن ئاتنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپلا كەينى-كەينىدىن ئوق ئۈزۈپ2 دۈشمەننى ئاتتىن يىقىتتىم، يەنە 3 دۈشمەننى پارتىزانلار ئىتىپ ئاتتىن يۇمۇلاتتى، ئەمما ئوننەچچە دۈشمەن ئېتىنى چاپتۇرۇپ قېچىپ قۇتۇلدى.كېيىن ئۇقۇشىمىزچە، ئۇلار ئەسلى كۆكۈرچىندىكى (مۇڭغۇلچە كەپتەر داۋىنى دېگەن گەپ) پارتىزانلاردىن يېڭىلىپ قاچقان ئەسكەرلەر ئىكەن.بىز يەنە ئات ۋە قۇرللارغا ئېرىشكەندىن كېيىن يولىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ،كىچىك داندىغاي،ۋە چاغان مۇرگىن قاتارلىق جايلاردا ئىككى كۈن ئەھۋال ئىگەللىگەش يىڭىدىن پىدائىيلىققا قۇبۇل قىلىنغان قادىرۋاڭغا مىلتىق ئىتىشنى ئۈگەتتىم. بۇ يەردىكى مۇڭغۇل قېرىنداشلاردىن مەلۇم بۇلۇشىچە ، ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا،قۇشئەمچەك تەرەپتىن ئىلىياس ئاقىلاقچىنىڭ 15تەك پارتىزانلىرى بۇيەرگە كىلىپ بۇ يەرنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىنى ئىگەللەپ گەتكەنلىگىنى ھەمدە مۇڭغۇل چارۋىچىلارغا بۇيەردە تۇرماڭلار خەتەرلىك : «سىلەر نىلقا تەرەپكە كۆچۈپ كىتىڭلار›› دەپ، نىلقا پارتىزانلىرىنىڭ ئۇلاستايدىكى جەڭ غەلىبىسىنى سۆزلەپ بېرىپ،قۇشئەمچەك تەرەپكە كېتىپ قاپتۇ. بىز تۇنۇش-بىلىش مۇڭغۇل چارۋۇچىلارنىڭ ئۈيىدە قۇنۇپ ئەتىسى سەھەردىلا ئورنىمىزدىن تۇرۇپ قارىساق قادىرۋاڭ ئۈيدىن سىرىتقا ئەدەپكە چىققان بۇلۇپ خائىنلارچە بىزدىن يۈز ئۈرىپ ئىتىغا مىنىپلا جىڭ تەرەپكە قىچىپ كىتىپتۇ. ئۇ بىزنىڭ ھىرىپ-ئىچىپ ئۇخلاپ قالغان ۋاختىمىزدىن پايدىلىنىپ مىلتىغىنى ئالمايلا قاچقان ئىكەن. شۇ كۈنى بىز مۇڭغۇل قىرىنداشلىرىمىزنىڭ يول كۈرسەتمىسى بۇيىچە تاڭ سەھەردىلا يۈك تاقىلىرىمىزنى ئاتلارغا ئارتىپ چۈش قايرىلغاندا قۇشئەمچەككە يىتىپ بىرىپ ئىلىياس، ئاقىلاقچىنىڭ بىزنى قارشى ئىلىپ ئالدىمىزغا چىققان40تەك قۇراللىق پارتىزانلىرى بىلەن قىزغىن سالاملىشىپ كۈرىشتۇق ئۇلار بىزنى قىزغىن قارشى ئىلىپ قۇي سۇيۇپ مىھمان قىلدى. ئەتىسى سەھەردىلا ئىلىياس ئاقىلاقچى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئاچال تەرەپكە يۈرىپ كەتتۇق،ئۇيەردە نىلقا پارتىزانلىرىنىڭ ئادىمى بارلىقىنى ئۇقۇپ، ئاچالدا تۇرىۋاتقان قازاق پارتىزانلاردىن ئەھۋال ئۇقۇپ ئاندىن نىلقا تەرەپكە ئۈتۈپ كەتمەكچى بۇلۇپ،ئىلىياس ئاقىلاقچىنىڭ پارتىزانلىرى بىلەن ئاچالدىكى ئەڭ ئىگىزچوقىغا(ھازىر بۇ جاينى يەرلىك كىشىلەر قاراۋۇل دەپ ئاتايدۇ) چايلاشقان20دەك نىلقا پارتىزانلىرى بىلەن ئەمدىلا سالاملىشىپ چاي ئىچەيلى دەپ تۇرساق، ئاچالنىڭ شەرىق تەرپىدىكى تاغدىن بىرتوپ كەپتەر ھۈركىپ ئۇشتى. مەن ئەھۋالنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىگىنى سىزىپ دەرھاللا شەرىق تەرەپتە دۈشمەن بارئىكەن يۇشۇرۇنۇپ يىتىڭلار!؟ دىدىم. 30مىنۇت ئۈتىپلا كۇمىنداڭ ئەسكەرلىرى شەرىق تەرەپتىن ئاتلىق كىلىپ مىڭ مارال تەرەپكە ئۈتىدىغان يۇلغا قاراپ بۇرىلىشىغىلا پارتىزانلىرىمغا – ئىتىڭلار !دەپ جىددىي بۇيرۇق بەردىم . شۇئانلا ئۈچتەرەپتىكى 97 پارتىزانلار شىددەت بىلەن تەڭلا دۈشمەنگە ئوق ياغدۇرۇپ ئوتتۇزدەك دۈشمەننى يىقىتتۇق 15مىنۇت ئۈتمەيلا دۈشمەنلەر كەينىگە قاراپ قاشتى.-كۈنچىقىش تەرەپكە قاراڭلار دەپ ۋارقىرىدىم پارتىزانلار ئاڭقىچە ئەپلىك جايغا ئورۇنلىشىۋالغاندى شەرىق تەرەپتىكى دۈشمەنلەرگىمۇ شىددەت بىلەن زەربە بەردى،يەنە ئون نەچچە دۈشمەن يىقىلدى،قالغان دۈشمەنلەر توقايلىققا قىچىپ كىرىۋالدى. ئەمما مەن دۇربۇن بىلەن ئەتىراپنى كۈزىتىپ،شەرىق تەرەپتىن مىنامىيوتچى ئەسكەرلىرىنىڭ بىز تەرەپنى نىشانلاۋاتقانلىقىنى كۈرىپ قالدىم-دە -ئورنىڭلاردىن يۈتكىلىپ يۇشۇرىنىڭلار!! دەپ توۋلىدىم، ئاڭغىچە دۈشمەنلەر بىز يۈتكىلىپ كەتكەن ئادەم يۇق تەرەپكە قارىتىپ غالجىرلارچە مىنامىيوت ئاتقىلى تۇردى.ئۇلار بىزدىن تۈپىلىكنى تالىشىپ ئىگىز چوقغا ياماشسا.يەنە بىر تەرەپتىن يامغۇردەك ئوق ياغدۇراتتى. -ئىتىڭلار!دىدىم-بۇ نۈۋەت بارلىق پارتىزانلار يەنە شىددەت بىلەن ئوت ئاچتى.دۈشمەنلەر تىك چوقىغا ھۇجۇم قىلىپ چىقىشنىڭ ئۈزلىرى ئۈچۈن ئۈلۈمدىن باشقا نەپ بەرمەيدىغانلىقىنى سىزىپ قىلىپ،يەنە تۈۋەنگە قاراپ قاچتى.بىزمۇ دۈشمەننىڭ تاختىكا جەھەتتە پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشىپ قالغانلىقىنى سىزىپ دەرھال ھۇررا !!دەپ ھۇجۇمغا ئۈتتۇق. ئارقىدىنلا ئىلىياس ئاقىلاقچىنىڭ پارتىزانلىرىمۇ ئەپلىك يەر تۈزىلىشىدىن پايدىلىنىپ دۈشمەننى قوغلاپ ،ھۇررا دەپ ھۇجۇمغا ئۈتتى. ،دۈشمەننىڭ ئۈلگىنى ئۈلىپ ئاز ساندىكىلىرى شەرىق تەرەپكە قاراپ قاچتى. مەن دۈشمەننى قوغلاپ كىتىۋىتىپ بىر فىلۇمۇتنى ئولجا ئالدىمدە بىر تاشنىڭ ئۈستىگە قۇرىۋىلىپ قاشقان دۈشمەنگە قارىتىپ شىددەت بىلەن ئاتتىم. شۇ كۈنىدىكى ئۇرۇشتا ئىلىياس`ئاقىلاقچى`ۋە نىلقا پارتىزانلىرى ئولجا ئالغان قۇرال`–ياراقتىن`سىرىت،دۈشمەندىن بىر دانە قۇل فىلىمۇتى،يىگىرمەبەش دانە مىلتىق، مىڭتال ئوق، ئولجا ئالدۇق. ‹‹ ئاچال قاراۋۇلى››دىكى جەڭ غەلبىلىك ئاخىرلاشقاندىن كىيىن،غەلبىنى تەبرىكلەپ نىلقىنىڭ ئۇلاستاي دىىگەن يىرىدىكى ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىۋاتقان غىنى باتۇر،ئەكبەرباتۇر، پاتىق باتۇرلار، بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈچۈن ئىلىياس ئاقىلاقچى،ئىككى ئادىمىنىڭ ھەمرالىقىدا ئاتلىق يۈرىپ كەتتى.شۇچاغ دۈشمەنلەرنىڭ ئىسكەر سانى بىزدىن ئۈچ ھەسسە كۈپ بۇلسىمۇ. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن بىزنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجىمىمىزغا ئۇچىراپ مەغلۇپ بۇلغان ئىدى.) قادىر`ھۇشۇر،قەشقەرمەكىتلىك ئادەم بۇلۇپ،جىڭدىكى دوسھاجىمنىڭ مالىيى ئىدى. ئۇ تىخى بىزگە پىدائىي بۇلۇپ كىرىپ بىر ھەپتىمۇ بۇلماي. 11ئاينىڭ18-كۈنى بىزدىن يۈز ئۈرىپ جىڭغا قىچىپ بىرىپ ئەتىسىلا ، جىڭ ساخچى ئىدارىسىنىڭ ئىشپىيونى توختى گەجاڭ،ئۇنى تۇتىۋىلىپ ،جىڭ ساخچى ئىدارىسىگە ھەيدەپ ئاپىرىپ تۈرمىگە تاشلايدۇ.قادىر ھۇشۇر. سوراققا تارتىلغاندىن كىيىن ئۇ،خائىنلارچە دۈشمەننىڭ قۇچىقىغا ئۈزىنى ئىتىپ،-مەن ئىزىپتىمەن توختى مەرگەن،مىنى مەژبۇرى تۇتىۋىلىپ نىلقىغا قاچماخچى بۇلغان ئىدى،مەن تويلا يىزىسىنىڭ داندىغاي دىگەن يىرىگە بارغاندا ، ئۇلارنىڭ ئۇخلاپ قالغان ۋاختىدىن پايدىلىنىپ جىڭغا كىچىلەپ قىچىپ كەلدىم. توختى مەرگەن، تاڭ ئاتسىلا، ئادملىرىنى باشلاپ نىلقا تەرەپتىكى توپىلاڭ كۈتۈرگەن ئالتە ئوغرىنىڭ توپىغا قىچىپ بىرىپ قۇشۇلۇپ كىتىمىز دىگەن ئىدى دەپ دۈشمەنگە يىڭى مەلۇمات يەتكۈزىدۇ. گومىنداڭنىڭ جىڭ ناھىيىسىدە تۇرۇشلۇق 45-دىۋىزىيىسنىڭ گىنىرالى گۇئوجى،بۇ يڭى ئاخباراتقا ئىرىشكەندىن كىيىن تارقىيادىكى كومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ پولكاۋنىگى جۇغا دەرھال تىلىفۇن بىرىپ–توختى مەرگەن، 25ئوغرىنى ئەگەشتۈرىپ نىلقىغا قاشتى دەرھال ئەسكەر چىقىرىپ كەينىدىن ئىز قوغلاپ بىرىپ ئوغرىلارنى پۈتىنلەي يۇقىتىڭلار دەپ جىددى بۇيرۇق بىرىدۇ،جۇ`پولكاۋنىك قۇل ئاستىدىكى خا**لەنجاڭغا دەرھال 300دەك ئاتلىق ئسكەر سەپلەپ بىرىپ ئاچالغا ماڭدىرىدۇ، خا لەنجاڭ تارقىيادىكى ياقۇپ دىگە بىر دىخاننىڭ ئاقۇپچان،دىگەن بالىسىنى ئىشىگىنىڭ ئالدىدىلا مەژبۇرى تۇتىۋىلىپ بىزنى ئاچالغا باشلاپ بارىسەن دەپ تارقىيادىن قۇلىنى باغلاپ ئاتنىڭ ئالدىغا سىلىپ،ئۈزلىرىگە مەژبۇرى يۇل باشلاتقۇزۇپ قۇش ئەمچەككە`ھەيدەپ`ئاپىرىدۇ، ئۇيەردىكى قازاق چارۋۇچىلاردىن جىڭدىن ئاچالغا قاشقان ئوغرىلارنى كۈردىڭلارمۇ؟ دەپ سۇرايدۇ،چارۋۇچى قىزايلار–ئولار بىر سائەتنىڭ ئالدىدا ئاچال تەرەپكە ئۈتۈپ كەتتى. دەپ جاۋاپ بىرىدۇ. كومىنداڭنىڭ ئەسكەرلىرى دەرھال ئاچالغا يىتىپ بىرىپ .دۈشمەن قۇماندانى خا*پارتىزانلارنى ئالدىن ئالا كۈزىتىش ئۈچۈن ئۈچ ئەسكىرىنى رازۋىتچىلىققا (ئويغاقچىلىققا) ئىۋەتىدۇ ئويغاقچىلار ئەڭ تىك چۇقىنىڭ يىنىغا كەلگەن بۇلسىمۇ پارتىزانلارنى كۈرەلمەي قايتىپ كىلىپ –ئۇ تەرەپتە ئادەم يۇق ئىكەندەپ دۇكىلات بىرىدۇ. دۇشمەن باشلىقى ئاقۇپجانغا قاراپ- سەن دەرھال ئۈيىڭگە كەت مەن 10 نى سانىغىچە ئاۋۇ تاشنىڭ كەينىگە ئۈتىۋال ئەگەر ۋاختىدا بارالمىساڭ سىنى ئىتىپ تاشلايمەن دەپ تاپانچىسىنى قۇلىغا ئىلىپ قۇرقىتىدۇ،ئاقۇپچان دەرھال تىز قىچىپ دۈشمەندىن قۇتىلىدۇ. ئەمما دۈشمەن يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك ئاقىۋەت بىلەن پارتىرانلار يۇسۇرىنىپ ياتقان تىك چۇقىدىكى پىستىرمىغا چۈشىپ قىلىپ مەغلۇپ بۇلىدۇ... ئىلىياس ئاقىلاقچى، شۇكۈنى پاتىخ باتۇرنىڭ، (تاتار) پارتىزانلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كىيىن نىلقا پارتىزانلىرى ئۇنى پاتىق باتۇرنىڭ،قۇماندانلىق ئىشتابىىغا باشلاپ بارىدۇ ، پاتىخ باتۇر،شۇچاغدا ئاراش تەكچىسى دىگەن جايدا ئۆزىنىڭ پارتىزانلىرىغا قۇماندانلىق قىلىۋاتقان ئىكەن ، ئۇ كىشى ئىلىياس ئاقىلاقچىنىڭ قۇشئەمچەكتىن گەلگەن پارتىزان ئادەم ئىكەنلىگىنى بىلگەندىن كىيىن دەرھال ئلاقىچىنىڭ ئالدىغا چىقىپ قىزغىن قارشى ئالىدۇ،ھەم كۈپ تەشەككۈر بىلدۈرگەندىن كىيىن،ھازىر بىز ئۇرۇش قىلىۋاتىمىز سىز ئاچالغا قايتىپ بىرىپ توختى مەرگەنگە ئىيتىڭ ئۇ سىز بىلەن ھەمكارلىشىپ جىڭدىن كىلىدىغان دۈشمەننىڭ ئالدىنى سىز بىلەن بىللە تۇسۇپ زەربە بەرسۇن. دەپ ئالدىراش ،ئالاقىچى بىلەن خۈشلىشىدۇ. پاتىق باتۇر، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پارتىزانلىرى بىلەن غۇلجىدىن چىققان كومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئالدىنى تۇسۇپ جەڭ قىلىپ دۈشمەننى مازار كەنىتىگىچە قوغلاپ بىرىپ چېكىندۈرىدۇ. ھەم پارتىزانلىرىنىڭ كۈچىنى مەركەزلاەشتۈرۈپ دۈشمەننى قۇغلاپ تار-مار قىلىپ8مىلتىق8ئات غەنىيمەت ئالىدۇ. شۇندىن كىيىن بىرنەچچە كۈن ئىچىدە كومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ نىلقىغا كىرىشكە ئۇرۇنغان ئەسكەرلىرىنى،مازار،ئاچال،قاتارلىق جايلاردا 3~4 قىتىم ئالدىنى تۇسۇپ جەڭ قىلىدۇ10-ئاينىڭ 19-كۈنى كىچىدە سىباتبىك -دىگەن كىشى ئىيىنتالغا دىگەن جايدىن 20ئادەمنىڭ ھەمرالىقىدا 20 دانە مىلتىق،10مىڭ تال ئوق ئېلىپ كىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پاتىخ باتۇرنىڭ،پارتىزانلىرى 90دەك قۇرالغا ئىگە بولىدۇ. پاتىخ بىلەن ئەكبەر باتۇر مەسلىھەتلىشىپ ،پەيىتنى قۇلدىن بەرمەي-نىلقا شەھەر ئىچىگە ھۇجۇم قىلىش كېرەك دىگەن قارارغا كىلىدۇ ۋە سەبداشلىرىنىڭ ماقۇللىقىنى ئىلىپ، جىددى تەييارلىق قىلىپ،نىلقا شەھەر ئىچىگە ئۈچ تەرەپتىن ھۇجۇم قىلماقچى بۇلۇپ،ئۈچ ئەتىرەتكە بۆلىنىپ، غېنى باتۇر، نۇر، سىباتبېك،يىتەكچىلىكىدىكى ئەتىرەت كىلەڭنى بىسىپ ئۆتۈپ، تاشكۈۋرۈىك ئارقىلىق؛ئەكبەر،سىيىت،رەخبەرلىگىدىكى ئەتىرەت تۈرۈك مەھەلىسىنى بىسىپ ئۆتۈپ، چاغان ئامبى ئارقىلىق؛خەمىت،ئىۋان، (روس)رەخبەرلىگىدىكى ئەتىرەت شەھەرنىڭ غەرىپ تەرىپىدىن كونا بازار ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىپ كىرىدىغان ۋە بۇلارنىڭ ھەرقايسىسىغا ئۆزلىرى بىسىپ ئۆتكەن جايلارنىڭ خەلقى قۇشۇلۇپ،سىرىتتىن چۇقان سىلىپ مەدەت بەرمەكچى بۇلۇپ پىلان تۈزىشىدۇ . يۇقۇرىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن كىيىن 10-ئاينىڭ 20-كۈنى كىچىسى500 دەك پارتىزان تەرەپ-تەرەپتىن يولغا چىقىپ 21-ئۆكتەبىر تاڭسەھەردە 6~7يۈزدەك خەلىق ئاممىسى نىڭ قۇللىشى ۋە مەدەت بىرىشى ئارقىسىدا نىلقا شەھىرى ئىچىگە ھۇجۇم قىلىدۇ. كومىنداڭ ئەكسيەتچىلىرىنىڭ بۇيەردىكى ئەسكەر سانى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ مۇستەھكەم ئىستىكاملىرىغا تايىنىپ كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. ئۇرۇش بىر سوتكا داۋاملىشىپ پارتىزانلار ناھىيىلىك ھۈكىمەت بىناسىنى ئىشغال قىلىدۇ .ھۈكىمەت باشلىقلىرى بىرقىسىم ئەسكەرلىرى بىلەن ناھىيىلىك ساخچى ئىدارىسىگە بىكىنىۋالىدۇ.پارتىزانلار ئەكبەر بىلەن خەمىتنىڭ رەخبەرلىگىدە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ،ناھىيىلىك ساخجى ئىدارىسىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىدۇ ئەمما ساخچى ئىدارىسىنىڭ تاملىرى 5مىتىر ئىگىز ھەم تاملىرى مۇستەھكەم 15مىتىرئىگىزلىكتە 2پوتەي سىلىۋالغان ئىكەن شۇڭا دۈشمەن فىلىمۇتلىرىدىن ئۈزۈلدۈرمەي ئوق ياغدۇرۇپ پارتىزانلارغا بوي بەرمەيدۇ.بۇنداق جىددى شارائىتتا خەمىت باتۇر،بىرنەچچە پارتىزاننى باشلاپ بىرىپ ساخچى ئىدارىسىنىڭ يىنىدىكى پوتەي تۈۋىگە يانداش دەرۋازىغا كىرسىن چىچىپ ئوت قۇيىدۇ بىراق دەرۋازا ئىچىگە قۇم خالتا قۇيىۋەتكەن بۇلغاشقا ئوت دەرۋازىغا ياخشى تۇتاشماي قالىدۇ.خەمىت باتۇر ئۆزلىرىگە يىقىن جايغا چۈشكەن ئىككى كىراناتنى قايتۇرۇپ ساخچى قۇراسىغا ئاتىدۇ.3-قىتىم چۈشكەن كىراناتنى ئىلىپ قايتۇرۇپ ئاتىدىغان چاغدا كىرانات پارىتلاپ كىتىپ،ئىغىر يارىلىنىدۇ.سەبداشلا ئۇنى قورونىڭ كەينى بىلەن باش ئىشتاپقا ئاپارغان بۇلسىمۇ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 23-ئۆكتەبىر كۈنى قۇربان بۇلىدۇ. 1944-يىلى21-ئۆكتەبىر كۈنى نىلقا شەھىرى پارتىزانلار تەرىپىدىن ئازات قىلىندى.شۇ كۈنى ئۇلاستايدىكى باش شىتاپتا تۇرىۋاتقان پاتىخ باتۇردىن گومىنداڭنىڭ بىر باتالىئون ئەسكىرى ئاچالدىن ئۈتۈپ ھازىر تاشداۋانغا يىقىنلىشىپتۇ ئىلىياس ئاقىلاقچى،بىلەن توختى مەرگەننڭ پارتىزانلىرى چىكىنىپ تۇرۇپ دۈشمەنگە زەربە بىرىۋىتىپتۇ دىگەن خەۋەر يىتىپ كىلىدۇ. ئەكبەر،سىيىت،غىنى،باتۇرلار مەسلىھەتلىشىپ كومىنداڭ ئەسكەرلىرىگە زەربە بىرىش ئۈچۈن ئۇرۇشقا ئاتلىنىدۇ. پارتىزانلار تاشداۋانغا يىتىپ بىرىپ دۈشمەن بىلەن كەسكىن جەڭ قىلغان بۇلسىمۇ،ئەمما دۈشمەننى ھىچ قوزغىتالمىدى.بۇ نۇقتىنى كۈزدە تۇتقان ئەكبەر باتۇر،يىڭى تاختىكا قۇللىنىپ،دۈشمەن بىلەن تەرەپ-تەرەپتىن شىددەتلىك جەڭ قىلىپ ئاندىن ئۇلاستاي تىغىغا قاچقان بۇلۇپ تاغ ئىچىگە يۇشۇرۇنىدى،دۈشمەن قوغلاپ كەلگەندە پاتىزانلار تەرەپ-تەرەپتىن دۈشمەننى قۇرشىۋىلىپ زەربە بەرگەندىن كىيىن گاڭگىراپ، قالغان دۈشمەنلەر قاش دەرياسى تەرەپكە چىكىنىپ قاچىدۇ،بۇجەرياندا بىرمۇنچە دۈشمەن يۇقىتىلىدۇ بەزىلىرى دەريادىن ئۆتۈپ،ئاقتۈبەك،چۈنچە،قاتارلىق جايلار بىلەن قاچىدۇ ، يەنە بىرمۇنچىلىرى مىلتىغىنى دەرياغا تاشلاپ، توقايلىققا مۈكىۋالىدۇ. بۇنداقلارنىڭ بەزىلىرى خەلىقنىڭ قۇلىغا چۈشىدۇ. بەزىلىرى دەريادا ئىقىپ كەتكەنلىگى مەلۇم بۇلىدۇ دىمەك ،پارتىرانلار بۇقىتىمقى جەڭنى ئۇڭۇشلۇق ئىلىپ بىرىپ،دۈشمەنگە قاتتىق زەربە بىرىپ بىرقىسىم قۇرال-ياراقنى غەنىيمەت ئالدى.پاتىق باتۇر،ئىلىياس ئاقىلاقچى،بىلەن ئىككىمىزگە ئالاھىدە رەخمەت ئىيتىپ مىنىڭ قۇلۇمنى چىڭ تۇتقان ھالدا سىزگە كۈپ رەخمەت سىز يەنىلا جىڭدىن كىلىدىغان كومىنداڭ ئارمىيىسىنڭ ئالدىنى تۇسىۋىلىپ زەربە بىرىڭ. بىز ئازغىنا كۈندىن كىيىن .غۇلجا شەھىرىگە ئۇمۇمىيۈزلىك ھۇجۇم باشلايمىز، ئاچال بىز ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم جاي ھەرگىزمۇ ئۇ جاينى قۇلدىن بىرىپ قۇيماڭ دەپ بىزنى چەكسىز كەتكەن قىيىنزارلىق ئىچىدە ئاچال داۋىنىغا ئۇزۇتۇپ قۇيدى.بىز ئاچالغا بىرىپ2ئايدىن كىيىن غۇلجدىن بىر روس ئوفىتسىرنىڭ يىتەكچىلىگىدىكى بىر روتا پارتىزانلار ئەتىرىتى بىز تۇرغان چوقىنىڭ كۈنپىتىش تەرىپىدىكى چۇقىغا ئۇرۇنلاشتى.ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى گەۋدىلىك كەلگەن بىر ئادەم مىنىڭ بىلەن ئايرىم كۆرىشىپ توختى مەرگەن دىگەن ئادەم سەن بۇلامسەن دىدى ،شۇنداق مەن بۇلىمەن دىدىم بۇچاغ 1944-يلى12-ئاينىڭ 22-كۈنى بۇلۇپ1- چىللە كىرگەن چاغ ئىدى.مەن بايچۇرىن بۇلىمەن يىڭىدىن قۇرۇلغان ھۆكىمەتىنىڭ ئەزاسى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن سىزگە مۇھىم بىر ۋەزىپىنى تاپشۇرىمەن سىز چۇقۇم بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلىيللايسىز دىدى. مەن قانداق ۋەزىپە ئىدى؟دىدىم بايچۇرىنغا تىكىلىپ قاراپ سىز جىڭ ناھىيىسىنىڭ چوڭ كۈۋرىگىنى پارىتلىتىۋىتىسىز، پارىتلىتىش دورىسىنى ئىلىپ كەلدۇق،ھازىردىن باشلاپ تەييارلىق قىلسىڭىز بۇلىدۇ.مەن بۇ مۈشكىل ۋەزىپىنى ئككىلەنمەي ئۆز ئۈستىمگە ئىلىپ، 1944-يىلى12-ئاينىڭ23-كۈنى- تاڭ سەھەردە ئۆزۈم پارتىرانلار ئىچىدىن تاللىۋالغان9نەپەر پالىۋاننى ئەگەشتۈرۈپ جىڭ چوڭ كۈۋرىگىنى يۇشۇرۇن كۈزەتتىم كۆۋرۈك ئىنتايىن چىرايلىق سىلىنغان بۇلۇپ شەكلى بەكمۇ كۈركەم ئىدى كۆۋرۈكنىڭ ئۇزۇنلىغى تەخمىنەن 140مىتىرچە كىلىدىغان بۇلۇپ، ماتېرىيال قۇرۇلمىسىنىڭ %90ياغاچ بۇلۇپ كۆۋرىكنىڭ5تۈۋرىگى ئاستىغا قۇيغان تاشقىلا ئۈچ مىتىر ئىگىزلىكتە سىمۇنىت بىرىلگەن ئىكەن.گومىنداڭنىڭ غۇلجىدىكى ئەسكەرلىرى مىللى ئارمىيە تەرىپىدىن ھەرەم باغقا قامىلىپ قىلپ ئۈرۈمچىدىن ياردەمگە كېلىدغان بىروۋنىك قىسىملىرىغا تەلمۈرۈپ تۇرىۋاتقان چاغلىرى بۇلۇپ غۇلجا ھەرەمباغ ئۇرۇشىنىڭ ھايات-ماماتلىق تەغدىرىنى مۇشۇ كۈۋرۈك بەلگىلەيتى.بۇ كۈۋرىك تۇغرىلىق تىخى ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا مۇنداق بىر غەلىتە گەپ تارقالغان ئىدى. نىلقا تىغىدا غەلىتە گىگانىت ئادەم پەيدا بولۇپ،قاپتىدەك ئۇ قولىغا قۇرال ئېلىپ جەڭگە كىرسە گومىنداڭ قۇشۇنلىرى قورقىپ كىتىپ تېرە-پېرەڭ بولۇپ قاچىدىكەن ئۇ غەلىتە ئادەمنى- ھۆكىمەت تۇتىمىز دەپ ناھايىتى كۈپ ئەسكەر چىقارغان بۇلسىمۇ ئۇ ئادەم غاپىپ بۇلۇپ كىتىپ تۇتالماپتىمىش دېگەن گەپلەر ھەممە يەرگە تارقىلىپ كەتكەن بۇلۇپ، كىشىلەر ئاخىرقى زامان بولغىدەك دىسە يەنەبەزىلەر بىر كۈزلىك ئادەم 8ئۆيگە كەپتۇ دىسە يەنە بەزىلەر بىركۈزلىك ئادەم جىڭنىڭ كۈۋرىگىگە كىلىپ بىر ۋارقىرىغان ئىكەن،كومىنداڭنىڭ ھەممە ئەسكەرلىرى كۈۋرىكنى تاشلاپ، ھەر تەرەپكە قىچىپ كىتىپتۇدەك دىيىشكىنىنى ھەركۈنى ئاڭلاپ تۇراتتۇق،گومىنداڭ قۇشۇنلىرى جىڭ كۆۋرۈگىنىڭ ئەتىراپىغا پۈتۈنلەي مىنا ئورۇنلاشتۇرىۋەتكەن بۇلۇپ،بىر باتالىئۇن ئەسكەر كۆۋرۈكنى كىچە-كۈندۈز مۇئاپىزەت قىلاتتى، يەنە كىلىپ كۆۋرۈكنى بىر ئىزۋۇت(بىرپەي) ئەسكەر،كىچە-كۈندۈز كۈۋرەك ئەتىراپىنى چارلايتى.شۇڭا كۆۋرۈككە يېقىنلىشىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بىز ئىككى قېتىم مەخپى ھەرىكەت قىلىپمۇ كۆۋرۈككە يىقىللىشالماي بىشىمىز قاتتى. كېيىن مۇشۇ كۆۋرۈك ئەتىراپىدا 70يىل ياشىغان ھەم مۇشۇ كۈۋرۈك ياساش قۇرۇلىشىغا قاتناشقان ھەسەنبەك ئىسىملىك بۇۋاينى تېپىپ مەسلىھەت سورىدۇق. ئۇ ئادەم تارىختىن بۇيان ھەر يىلى 1-ئاينىڭ 14-15 – كۈنلىرى يەنى 3-چىللە كىرگەندىن كېيىن جىڭ دەرياسىنى قۇيۇق تۇمان باسىدىغانلىغى ، بولۇپمۇ سۇغۇق كۈچەيگەندىن كىيىن تۇمان ناھايىتى كۈچيىدىغانلىقىنى بۇ يىلمۇ ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە تۇمان باسىدىغانلىغى ئېھتىمالغا يېقىن. ئەگەر مۇشۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ھەرىكەت قىلساڭلار دۇشمەنلەر سىلەرنى سېزەلمەيدۇ. ئىككىنچىدىن قاتتىق سۇغۇقتا دەريانى بىر قەۋەت مۇز قاپلاپ كەتكەچكە كۈۋرۈك ئەتىراپىغا كۆمگەن مىنادىن ئۆتكەندە پارتىلىمايدۇ دەپ بۇ ياخشى پۇرسەتتىن پايدىلانىساڭلار چۇقۇم غەلبە قىلىسىلەر دىدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ توپ-توغرا 23كۈن دەريانىڭ تۇمان قاپلىشىنى كۈتتۈق.3- چىللا كىرىشى بىلەنلا راس دىگەندەك دەريانى قويۇق تۇمان قاپلاشقا باشلىدى.مەن دەرھال پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پارتلاتقۇش دورىنى تۇمان قاراڭغۇسىدىن پايدىلىنىپ دۇشمەننىڭ مۇداپىئەسى ئاجىز بولغان كۆۋرۈكنىڭ شەرق تەرپىدىكى بىرىنچى تۈۋرىگىگە پارتلاتقۇچ دورىنى ئاپىرىپ كاپسۇلنى ئوڭۇشلۇق ئۇلاپ بولۇپ،( ئەينى ۋاقىتتا دەريانىڭ ئىككى تەرىپىدە قېلىن چاتقاللىق بولۇپ، ئىچىدە ياۋا توشقانلار ناھايتى كۆپ ئىدى.) دۈشمەنلەرگە سەزدۈرمەي دەريا ياقىسىدىكى قىلىن چاتقاللىق ئىچىگە يوشۇرنۇپ تۇرۇپ ، كېلىشىۋالىغىنىمىز بويىچە پارتىزانلارغا ياۋا توشقاننى دوراپ پارول بەردىم. پارتىزانلارنىڭ بىرىدە پارتلاتقۇچ دورىغا ئۇلانغان سىمنىڭ ئۇچى بۇلۇپ،باتارىيە كۇنۇپكىسىنى بۇرىسىلا ئوت ئىلىپ دورىغا تۇتىشاتتى،«گۇمباڭ!!!» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ كۆۋرۈكنىڭ شەرىق تەرىپىدىكى ياغاچلار ئاسمانغا ئۇچۇپ چىقىپ كۈۋرىك پارىتلىتىۋىلدى. دۈشمەنلەر مىلتىقلىرىدىن نىشانسىز ئوق چىقىرىپ ۋارقىراشتى. بىز چاتقانلىق ئىچىدە يۇشۇرۇنۇپ يۈگىرىپ كۈۋرىكتىن يىراقلاشقاندىن كىيىن ئاتلىرىمىزغا مىنىپ ئاچال تەرەپكە تىزدىن يۈرۈپ كەتتۇق. كۆۋرۈكنىڭ پارتىلىتۋېتىلىشى گومىنداڭ قوشۇنلىرىغا ئەجەللىك زەربە بولدى. ئۇلار يەتتە مىڭ كىشىلىك ئەسكىرىي كۈچى بىلەن بىروۋنىۋىك تانكىلىرىنى ۋاقتىدا ئىلىغا يۆتكىيەلمىگەنلىكتىن غۇلجىدىكى ھەرەمباغ ئۇرۇشى زور غەلىبگە ئىرىشتى. ئەينى يىللاردىكى مىللىي ئارمىيە. ھۆكۈمىتى بىزگە شۇ قېتىمقى تۆھپىىمىزگە يارىشا يۇقىرى باھا بىرىپ «باھادىرلىق ئوردىنى» بەردى. (جىڭنىڭ كونا كۆۋرىكى 1937-يىلى 6-ئايدا پۈتۇپ رەسمىي قاتناش باشلانغان بولۇپ ، 1945يىلى 9- ئاينىڭ 8- كۈنى جىڭ ناھىيىسى ئىلىنغاندىن جىڭ ناھىيىلىك ھۈكىمەت تەرىپدىن ، كۆۋرۈكنىڭ بۇزۇلغان قىسمى رېمونىت قىلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئىدى .ئەپسۇسكى 2001-يىلى2 –ئاينىڭ 21- كۈنى يول قۇرۇلۇشىغا دەخلى يەتتى دىگەن بانا بىلەن بۇ كۈۋرىك چېقىۋېتىلدى) (شۇچاغدىكى جىڭ پارتىزانلىق ئۇرۇشىغا زور تۈھپە قۇشقان25 پارتىزان ئاللىقاچان ئالەمدىن ئۆتكەن بۇلسىمۇ،يەرلىك كىشىلەر ئۇلارنىڭ خەلىققە بۇلغان چۇڭقۇر مىھرى-مۇھابىبتىنى ھازىرمۇ تىللاردا دەستان قىلىشىپ تەرىپلىشىدۇ .شۇچاغ جىڭ پارتىزانلىرىنىڭ قۇراللىرى سەرخىل بۇلۇپ ئۇيغۇر، مۇڭغۇل، قازاق،تاتار، مەرگەنلەردىن تەركىپ تاپقان خىللانغان چەبدەس ئادەملىرى بار ئىدى. بۇلار كىچىگىدىنلا ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ياشلار بۇلۇپ، مۇشۇ توختى مەرگەننىڭ پارتىزان ئەتىرىتىگە دەسلەپتىلا پىدائىي بۇلۇپ قۇشۇلغانلاردىن قۇۋان مەرگەن، ئەمەت مەرگەن نۇۋا مەرگەن قاتارلىق ياشلار 1944-يلى6-ئايدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جىڭ ناھىيىسىنىڭ مەركىزىدە تۇنجى قېتىم ئاچقان‹‹زىۋىيتۈئەن›› (ئۆزىنى-ئۆزى قوغداش پولىگى) ئەسكەرلىرىنى مەشىقلەندۈرۈش نامىدىكى ئۈچ ئايلىق ھەربىي تەلىم-تەربىيە كۇرسىغا توختى مەرگەن،بىلەن بىرگە قاتنىشىپ ھەربىي ئىلىم جەھەتتە ئاز-تۇلا ساۋاتلىق بولغان مەرگەنلەر ئىدى. (بۇ مەرگەنلەر كېيىنكى چاغلاردا تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بۇلغاندىن كىيىنمۇ خەلق ئىچىدە ئۇلارنىڭ نامى تاكى ھازىرغىچە مەرگەن لەقىمى بۇيىچە ئاتىلىپ كەلمەكتە .) شۇچاغلاردا،توختى مەرگەن،قۇۋان مەرگەن، يۈسۈپ مەرگەن،ئەمەت مەرگەن،نۇۋا مەرگەن،گەجۇ مەرگەن (مۇڭغۇل)،كۆكىرچىنلىك سۇلتانبىك مەرگەن، تارقىيالىق روزى ئىسلام، مەرگەن، قاتارلىق مەرگەنلەر تاللىنىپ توپلاشقان بۇلۇپ ئۇلار كۆپىنچە غۇلجىغا ئۆتىدىغان مۇھىم جاي ئاچالنى بازا قىلىپ تۇرۇپ، جىڭدىن، چىققان گومىنداڭ ئارمىيىسىگە تاغ ئىچىدە يۇشۇرۇنۇپ تۇرۇپ تۇيۇقسىز زەربە بىرىپ دۈشمەننىىڭ-ئىلىغا ئۈتىدىغان يۇلىنى تۇسۇۋىلىپ جەڭ قىلاتتى. توختى(مەرگەن)شۇ كۈنى بارات پالىۋان بىلەن بىرلىشىپ كىتىش مەقسىتىدە ئاتايىن بارات دېھقاننىڭ قورىقىغا بارغان ئىكەن،بىراق بارات پالىۋان،بۈگۈن كەشتە تارقىياغا، تېگىش قىلىمەن دەپ چىڭ تۇرىۋالغانلىقى ئۈچۈن توختى مەرگەن ،تارقىيادىن چىكىنپ چىقىشقا مەجبۇر بۇلغان ئىكەن. ئۇ تارقىيادىن قايتىپ چىقىۋاتقاندا، تاشبۇلاقتا تۇرىۋاتقان، قىرىقتەك قىزاي پارتىزانلىرىنىڭ ئاتامانى ئىلياس ئاقىلاقچىغا ئۇچىراپ قېلىپ توختى (مەرگەن) دىن-سەن قاياقتىن كېلىۋاتىسەن؟ دەپ سورايدۇ، توختى مەرگەن سۆزىنى قىسقارتىپلا بارات ئاكامنى تارقىياغا كىرىپ ئۇرۇش قىلىشىتىن تۇسۇپ قالالماي قايتىپ كېلىۋاتىمەن- دەيدۇ. ئۇ ئادەم تارقىيارغا قاچان تېگىش قىلىمەن دەيدۇ؟ دەپ سورايدۇ،ئىلىياس ئاقىلاقچى توختى(مەرگەن)دىن: ئۇ ئادەم بۈگۈنلا تارقىياغا تىگىش قىلىمەن دەيدۇ،بەلكىم ئۇلار بۇ چاققىچە قازاق مەكتەپكە بېرىپ بولغاندۇر دەپ ئېغىر ئۇھ تارتىدۇ. ئىلياس ئاقىلاقچى بۇ گەپنى ئاڭلاپ: ۋاي باي ئاقساقال بارتېكە ئوتلاپتىغوي(ئېزىپتۇ)،ئول كىسىنى ئۆزۈم بارىپ تۇسۇۋالامىن دەپ دەرھال ئېتىغا مىنىپ،قول ئاستىدىكى قۇراللىق بەش پارتىزانىنى ئەگەشتۈرۈپ قازاق مەكتەپ تەرەپكە ئىتىنى چاپتۇرۇپ كىرىپ كەتتى. ئىلياس ئاقىلاقچى، قازاق مەكتەپكە يېتىپ كەلگەندە ئەپسۇسكى مەكتەپ ئىچىدىن ئاتلارغا قاراۋاتقان بىر پارتىزان بالا چىقىپ،-بارات ئاكام تارقىياغا پارتىزانلار بىلەن كىرىپ كەتكىلى بىرەر سائەت بۇلۇپ قالدى-دىدى. ئىلياس ئاقىلاقچى:-ھايىت دىگىناي (ئىسىت) كىشىگىپ قاپتىمەنغۇي،سول قاپاغىم تارتىپ چاتۇر،ھاي....جامان بولدى.قايران جىگىتتەردى قۇداي ساقتاسىن دەپ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ بىرپەس ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن، قەئىي نىيەتكە كېلىپ (شۇ چاغدا بارات پالىۋان قازاق مەكتەپتىكى پارتىزانلارنىڭ ئاتلىرىغا قاراش ئۈچۈن ياسىن دۇختۇر،ماخمۇت سۇپى،قاتارلىق پارتىزانلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى.) قاتمۇ – قات پوتەيلەر سىلىنغان دۈشمەن ئۇۋىسىغا 5 پارتىزانى بىلەن بارات پالۋانغا، يېتىشىۋىلىش ئۈچۈن خەتەرگە قارىماي ئېرىق ئىچىدە ئۆمىلەپ مېڭىپ دۈشمەننىڭ بارگاھىغا شامالدەك كىرىپ كېتىدۇ.دەل ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئۇتتۇرىسىدىكى ئىككى پوتەي ئارىلىغىدىن ئۆتىۋاتقاندا ئېرىقنى تۈزلىۋەتكەن جايغا دۇچ كېلپ قېلىپ تېز ئۆتىۋاتقاندا،دۈشمەن پىلموتچىكى كۆرۈپ قېلىپ، ئۆمىلەپ مېڭىۋاتقان پارتىزانلارغا پىلىموت بىلەن ئوق ياغدۇرۇپ ئىلىياس ئاقىلاقچى قاتارلىق 5 پارتىزاننى بىراقلا قىرىپ تاشلايدۇ. ( ئىلگىرى دۈشمەنلەر پارتىزانلار قۇربان بولغان جايدىكى ئىرىقنىڭ قىرلىرىنى ئالدىن-ئالا تۈزلىۋەتكەن بۇلغاچقا دۈشمەنلەر پارتىزانلارنى، كۆرۈپ قالغان ئىكەن .)

1945-يىلى 3- ئاينىڭ 16- كۈنى قاراڭغۇ چۈشىشى بىلەنلا بارات پالىۋاننىڭ،بۇيرىقى بىلەن ئاتلارنى قازاق مەكتەپكە يوشۇرۇپ قۇيۇپ داخىيەنزى ساقچىخانىسىنىڭ غەربىي تەرىپىدىن يۇشۇرۇن، ئۆتۈپ (ھازىرقى داخىيەنزى بازارلىق ساقچىخانىسىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى كونا خام مالنىڭ ئورنى)دۈشمەن پوتەيلىرىگە يىقىنلاشتۇق، دۈشمەن خۇددى ئۇخلاپ قالغاندەكلا جىمجىت ئىدى.پەقەتلا يىراق كەنىتلەردىكى ئىگىسىز قالغان ئىتلارنىڭ ئەنسىز قاۋاشلىرىلا كېچىنىڭ جىمجىتلىقنى بۇزۇپ تۇراتتى. خۇددى دۈشمەننى بىرسى سىھىرلەپ قويغاندەكلا ئىدى. بىرىنچى پوستىنمۇ تېنچ-ئامان ئۆتۈپ كەتتۇق. بىزدە ھىچقانداق قورقۇنۇش يوق ئىدى. بىز ئۆمىلەپ ئازراق ئىلگىرلىگەندىن كېيىن بىر دېھقاننىڭ تاشلاپ كەتكەن قورۇسىغا كىردۇق.قورۇنىڭ ئىچىدە قاتار كەتكەن 12 ئىغىزلىق ئۆي بارئىكەن. بىز مۇشۇ قورۇنى بازا قىلىپ تۇرۇپ دۈشمەن بىلەن ئېلىشماقچى بولدۇق-دە، ئۆي ئىچىگە كىرىپ دۈشمەن تەرەپتىكى تامنى نۇراخۇن ئىككىمىز مىلتىق ئىشتىگى بىلەن سانجىپ تۆشۈك ئاچتۇق. ئازراق تۈشۈك ئېچىلغان ئىدى،بىر پاي ئوق تۈشۈكنىڭ قىرىغا تېگىپ،چاچراپ چىققان توپا كۆزۈمگە كىرىپ كەتتى-دە،ئوڭ كۆزۈمنى ئاچالماي قالدىم. نۇراخۇن زەيدىن:- ھەي بالىلار تۈشۈك ئۇدۇلىدا تۇرماڭلار- دەپ تۇرۇشىغا،تالىۋاخۇن دېگەن جىڭلىق بالا ھىچ-گەپ يوققۇ دەپ يېقىن كېلىشى بىلەنلا دۈشمەن تەرەپتىن ئاتقان يەنە بىر پاي ئوق ئۇنىڭ پىشانىسىگە تېگىپ جىنىنى ئالدى.دۈشمەنلەر،ئاخشام تارقىيانى ئايلىنىپ ئات چاپتۇرغانلىقىمزدىن گۇمانلىنىپ بۈگۈن كېچە بىزگە تېگىش قىلىشى مۈمكىن دەپ بىزگە پىستىرما قۇيۇپ بىراقلا يۇقىتىمىز دەپ تەييارلىنىپ تۇرغاندا،بىز قومانداننىڭ ئاتالمىش بۇيرۇقى بىلەن ئۇلارنىڭ بارگاھىغا خاتا كىرىپ قامىلىپ قالدۇق ، دۈشمەنلەر بىزگە ئۈچ تەرەپتىن سا-سا !! دەپ چۇقان سىلىپ بارغاسىرى قورشاۋنى كىچىكلىتىپ مۈلدۈردەك ئوق ياغدۇرۇشقا باشلىدى. ھەم شۇ ئارىلىقتا بىزنى كۈيدۈرىپ ئۈلتۈرىش ئۈچۈن، بىز كىرىۋالغان ئۆينىڭ ئەڭ چىتىگە ئوت قۇيىۋەتتى. تەلىيىمىز كاج كېلىپ، دۈشمەن تەرەپتىن شامالمۇ بىللە كېلىپ ئوت تېخىمۇ ئۇلغىيىپ كەتكەنلىگى ئۈچۈن.بىز بۇ قورۇدىن پاناھلىنىش ئەمەس ئەمدى جاننى ئالقانغا ئېلىپ‹يا ئۆلۈم يا كۆرۈم›دەپ قورشاۋدىن بۆسۈپ چىقىپ كەتمەكتىن باشقا ھىچ ئېلاجىمىز يوق ئىدى،ھەممىمىز بۇ رەھىمسىز ئۈلۈم كۈتىۋاتقان ئۈيدىن قانداق قۇتۇلۇپ چىقىپ كېتىش ئۈستىدە باش قاتۇراتتۇق. دۈشمەنلەر تېخىمۇ غالجىرلىشىپ پىلموت،مىنامىيوتلىرىنى بارغانسىرى ئىشقا سېلىپ،بىزگە توختىماي ئوق ياغدۇراتتى.ھەم مىنامىيۇتلىرىنى ئشقا سىلىپ قورۇ ئىچىنى كەينى-كەينىدىن توپقا تۇتاتتى. ئەنە ئەشۇنداق ھالقىلىق پەيىتتە بارات پالىۋان ھويلىغا چۈشۈپ پارىتلىغان مىنامىيوتنىڭ پارچىسى تېگىپ ئوڭ قۇلى زەخمىلەندى، يېقىن كېلىپ ئۇنىڭ يارىسىنى تېڭىپ قۇيۇش ئۈچۈن دالدا بولغىدەك جاي تاپالماي قورۇنىڭ بىر بۇلىڭىدىكى بىر گەمىنى ئۇچرىتىپ قالدىم-دە(دېھقانلار تاشلاپ كەتكەن كەمىكەن) بارات پالىۋاننى گەمىگە چۈشۈرۈپ، بىلىگىدە تۇرۇپ قالغان مىنا پارچىسىنى ئاۋايلاپ تارتىپ چىقىرىۋېتپ داكا بىلەن ئاۋايلاپ تېڭىپ قويدۇم.ئاڭغىچە ئىمىن پەرەڭمۇ گەمىگە چۈشىپ: يائاللا-يائاللا بارات،جان بىلەن ئويلاشمايلا بۇ دۇزاققا كىرىپ قاپتۇق، بىئەجەل ئۆلۈپ كىتەرمىزمۇ؟ دىدى. مەن گەمىدىن چىقىپ يەنە پارتىزانلار بار ئۈيگە كىرسەم بورتالالىق قادىرەم ، بىلەن نۇراخۇن مەرگەن ئىككىسى دۈشمەننى يىقىن كەلتۈرمەي گىرمانكا مىلتىق بىلەن ئېتىپ يىقىتىۋاتقان ئىكەن.(نۇراخۇن ناھايىتى داڭلىق مەرگەن بۇلۇپ دۈشمەنگە ئاتقان ئوقى ھەرگىز زايا كەتمەيتى).ئۇ ھەر دائىم دۈشمەننى قارىغا ئىلىشتىن بۇرۇن ئوق ئىتىۋاتقان تۈشىككە ئۆزىنىڭ تۇمىقىنى تۇتۇپ بېرىپ خۇددى بىر ئادەم تۆشۈكتىن قاراۋاتقاندەك ھىلە ئىشلىتىپ، دۈشمەن ئوق ئېتىپ بولغاندىن كىيىن، چاققانلىق بىلەن دۈشمەنگە ئوق چىقىرىپ يەر چىشلىتەتتى. تاڭ ئېتىشقا ئازقالغاندا،پارتىزانلار كۈيۈۋاتقان ئىس-تۈتەك ئىچىدە قالىدۇ ، ئاخىرى 1- ئۆيدىن تۇتاشقان ئوت نۇراخۇن زەيدىن دۈشمەننى قارىغا ئېلىۋاتقان ئۆيگە تۇتىشىدۇ، نۇراخۇن زەيدىن ئوت تۇتۇشۇپ كەتكەن ئۆيدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ، گەمىگە يۇشۇرىنىۋالغان بارات پالىۋاننى چاقىرىپ : بىز ئاللىقاچان ئاشكارىلىنىپ قالدۇق، بۇ يەردە ئۆلۈمنى كۈتمەي تېزراق چىقىپ كېتىڭلار، مەن سىلەرنى قوغداپ تۇراي،ھويلىغا سۇ كىرىدىغان سۈڭگىش بار ئىكەن شۇيەردىن چىقىپ كىتىڭلار، ھەرگىز ئۆرە تۇرۇپ يۈگىرمەڭلا،ھازىردىن باشلاپ تاكى بۇيەردىن چىكىنىپ چىقىپ كەتكىچە ئۆمىلەپ مېڭىڭلار،دۈشمەن چېكىنگەنلىگىمىزنى ھەرگىز سىزىپ قالمىسۇن،مەن ئۇلارنىڭ پىلىموتچىگىدىن ئىككىنى ئۇجۇقتۇردۇم يەنە بىرسىنى ئۇجۇقتۇرساملا سىلەرنى ئامان-ئىسەن قوغداپ ئېلىپ چىقىپ كېتىمەن، يىنىڭلاردا ئارتۇق ئوق بۇلسا ماڭا قالدۇرۇپ دەرھال چىقىپ كېتىڭلار، ئەگەر شىھىت بولۇپ كەتسەم غانجۇبىغىدا كۈرىشەرمىز قىرىنداشلىرىم –دەپ،ئۆزى يالغۇز دۈشمەنگە قەھىرمانلارچە تاقابىل تۇردى. بارات پالىۋان گەۋدىسى كەڭ بولغاچقا سۈڭكۈشتىن ئەچىقىپ كېتىش قۇلايسىز بۇلدى، ئۇ ماڭا قاراپ:-روزى مىراپ سەن ھۇششار بالا ئالدىدا سەن چىقىپ ئاتلارغا قارا-دىدى.مەن:-بۇلىدۇ ئاكا -دەپ ھويلىغا سۇ كىرىدىغان سۈڭگۈشتىن ئەڭ ئالدىدا ئۆمىلەپ مېڭىپ سىرىتقا چىقتىم، كەينىمدىن مەھەممەت مۇتەك، تۇرسۇن ساتىراش، مەھەممەت ئۇلۇق،( قاراجى) نۇراخۇن مۇددوز، ، نىياز تۆمۈرچى، قاتارلىق پارتىزانلارمۇ ماڭا ئەگىشىپ ئۆمىلەپ ماڭدى. مەن ھويلىغا سۇكىرىدىغان ئېرىق بىلەن ئۆمىلەپ مېڭىپ دۈشمەننىڭ بىرىنچى قاراۋۇلىدىن تېز ئۈتۈپ كەتتىم،ئەمما كەينىمدىن كېلىۋاتقان بالىلارنى دۈشمەنلەر كۆرۈپ قېلىپ، بىزگە قارىتىپ پىلىمۇتلىرىدىن ئوق ياغدۇردى. ئەمدى گەپنى،مۇشۇ قېتىملىق ھايات- ماماتلىق چېكىنىش جەريانىدا بىزگە ھاياتلىق ئاتا قىلغان،قەھرمانىمىز ۋە نىجاتچىمىز،نۇراخۇن زەيدىندىن ئاڭلااڭ.

مەن بارلىق پارتىزانلارنى چېكىندۈرېۋىتىپ، باراتنى قوغداپ ئەپچىقىپ كەتمەكچى بۇلدۇم-دە ،ئۈنى ھويلىنىڭ تېمىدىن ئارتىلدۈرۇپ سىرىتقا چىقىرىۋەتتىم. ھويلىنى ئىس تۈتەك قاپلاپ كەتكەنلىگى ئۈچۈن دۈشمەنلەر باراتنى كۆرمەي قالدى،مەن پارتىزان بالىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا سۈڭگۈچتىن قورا سىرتىغا چىققاندا،ئۆيلەرنىڭ ياغاچ تېشى كۆيۈپ تۈگەپ ئىس تۈتەككە ئايلانغان ئىدى.مەن تامنىڭ دالدىسىدا دەرھال قارا تاشلىق جۇگامنى تەتۈر كىيىپ ھويلىغا سۇ كىرىدىغان ئېرىق ئىچىدە بارات ئىككىمىز ئۆمىلەپ مېڭىپ ئىككى يۈز مېتىر ماڭغاندىن كېيىن ساقچىخانا ئالدىدىكى ئىككى پوتەي ئوتتۇرسىدىن ئۆمىلەپ ئۆتىۋاتقىنىمىزدا دۈشمەن تۇيۇپ قېلىپ،ئالدىمىزدا ئۆمىلەپ كېتىۋاتقان بالىلارنى پىلىمۇتقا تۇتتى،ئەنە مۇشۇ جايدا دۈشمەننىڭ پىلىمۇت ئوقى بىلەن بىھۇدە قىرىلىپ كىتىۋاتقان قىرىنداشلىرىغا چىداپ تۇرالمىغان مەھەممەت تۇردى،(مىلىجىن)پوتەينى پارىتلىتىۋىتىش ئۈچۈن پىلىمۇت ئىتىۋاتقان پوتەيگە گىرانەت بىلەن ئۈمىلەپ كىتىۋاتقاندا ئوق تىگىپ شىھىت بولىدۇ.2-قىتىممۇ قاسىمجان مېھمان،مەھەممەت (كەنچەندى)ۋاسىلى(روس)قاتارلىق-ئەزىمەتلەرمۇ پوتەي يىنىغا ئۈمىلەپ بىرىپ گىرانات يىپىنى تارتىۋاتقاندا دۈشمەننىڭ فېلىمۇت ئوقى تىگىپ كەينى-كەينىدىن شىھىت بۇلدى.شۇ كۈنى سەھەردە يەنى دەل مۇشۇ جايدا بىزنى خەتەرلىك ئۇرۇشتىن تۇسىۋالىمىز دەپ تاش بۇلاقتىن ئاتايىن كەلگەن ئىلىياس ئاقىلاقچىمۇ،5 ئادىمى بىلەن بىراقلا فىلىمۇت ئوقىدا شىھىت بولغان ئىدى.قۇلۇمدا گىرمانكا مىلتىغىم بۇلغاشقا ،ئوڭدا يېتىپ تۇرۇپ مىلتىغىمنى تىزىمغا قويدىم-دە پىلىمۇت ئوقى چىقىۋاتقان پوتەي تۈشىكگە قارىتىپ ئوق ئاتتىم،شۇئان دۈشمەن پىلىمۇتچىگى ئۇجۇقتى.يەنە ئۆمىلەپ ئۈچيۈزمېتىر ماڭغاندا،دۈشمەن يەنە پىلىمۇت ئاتقىلى تۇردى،بۇ چاغدا،بىز دۈشمەندىن خېلىلا يىراقلاپ كەتكەندۇق،شۇنداق بولسىمۇ مەن مىلتىغىمغا ئوقنى بەتلەپ ھەم ئالدىمچىلاپ ھەم كەينىچىلاپ ئۆمىلەپ چېكىنىۋەردىم.دۈشمەننىڭ پوتەيلىرىدىن ئۈزۈلمەي چىقىۋاتقان ئوقلار يىنىمىزغا ۋىژىلداپ چۈشۈپ قارلارنى توزىتاتتى شىھىت بولغان16بالىنىڭ جەسىتىنى كۆرگەن دۈشمەن مەغرۇللىنىپ كەتتى بولغاي،ئۇلار يەنە ئۇگىسىدىن چىقىپ سا-سا-دەپ بىز تەرەپكە قاراپ پارتىزانلارنى تىرىك تۇتىمىزدەپ يۈگىردى.دەل شۇ چاغدا سېپىمىزگە يېڭىدىن پىدايى بۇلۇپ قوشۇلغان تارقىيالىق پىدايى بالىلار ئالدىراپ كېتىپ ئۆرە تۇرۇپلا يۈگۈردى،دۈشمەن پىلىموتلىرىدىن مۆلدۈردەك چىقىۋاتقان ئوقلار بالىلارنى كەينى-كەينىدىن يىقىتتى، مەن مىلتىغىمنى يەنە تىزىمغا قويدۇم-دە ئوڭدا يىتىپ تۇرۇپ باستۇرۇپ كېلىۋاتقان دۈشمەننى چەنلەپ تۇرۇپ ئېتىۋەردىم.بەش دۈشمەننى يەر چىشلەتكەندىن كىيىن يېنىمدىكى ئوق تۈگىگەن ئىدى ،ئالدىمدا كېتىۋاتقان ئىسمايىل تۈگىمەنچى،ماڭا:-مىلتىقىمغا بەشتال ئوق سېلىپ قويدۇم مىنىڭ بەش ئاتارىمدا ئات-دەپ مىلتىقىنى ماڭا سۇندى.مىلتىقنى تىزىمغا قۇيۇپ يەنە ئىككى دۈشمەننى ئېتىپ يىقىتقان ئىدىم،دۈشمەنلەر ئارقىسىغا چېكىنىپ ئۇگىسىغا كىرىپ كەتتى.چېكىنىپ كېتىۋىتىپ قۇتلۇق قارى، ،تۇرسۇن ساتىراش،ھوشۇر جۇگازچى،قۇنەم قۇتلۇق،مەۋلانجان،ھوشىرەم قاتارلىق17بالىلارنىڭ ئاپپاق قار ئۈستىدە قىپ-قىزىل قانغا بويۇلۇپ ياتقانىقىنى كۆردۈم،ئېچىنىشلىق يېرى ئۇلارنىڭ قولىدا توقماق،كالتەكتىن باشقا تۈمۈرنىڭ سۇنىقى يوق ئىدى.بۇلارنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە ھېچ بىر ئامالىمىزمۇ يوق ئىدى.مەن دۈشمەندىن 500 مىتىر يىراقلاشقاندىن كېيىن دۈشمەنلەر يەنە پارتىزانلارنى تىرىك تۇتىمىز دەپ سا-سا دەپ بىز تەرەپكە يۈگۈرۈپ كېلىۋىدى،بۇ چاغدا قادىرەممۇ كەينىمدىن ماڭا ئەگىشىپ كىلىپ باستۇرۇپ كىلىۋاتقان دۈشمەنگە مەن بىلەن تەڭ كەينى-كەينىدىن ئو چىقىرىپ3 دۈشمەننى يىقىتقان ئىدى.بىزنى تىرىك تۇتىمىز دەپ يۈگىرىپ كىلىۋاتقان دۈشمەنلەر يەنە كەينىگە قاراپ چېكىندى.ئەمما بۇ قېتىمقى خەتەرلىك ئۇرۇشتا جېنىمىزنى دوغا تىكىپ تۇرۇپ دۈشمەن بىلەن كەسكىن جەڭ قىلغان بۇلساقمۇ 56 پارتىزاندىن ئاران 20 ئادەم ھايات چىقىپ كېتەلىگەن ئىدى. شۇ قېتىم بۇ پاجىئەلىك تارقىيا ئۇرۇشىدا. پەم-پاراسەتلىك ئالدىن بىلەر باتۇر قازاق يىگىتى ئىلاىياس ئاقىلاقچى، ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىنىڭ ھاياتىنى ئۈزىنىڭ ھاياتىدىن ئەۋزەل بىلىپ،داخىيەنزى ئۇرۇشىدا ئۆزلىرى شىھىت بۇلۇپ كەتكەن6قازاق يىگىتى بىلەن جەمى42پارتىزان بېھۇدە ھاياتىدىن ئايرىلدى.ئەگەر ئۇلار ماڭا ئوخشاش ھايات قالغان بۇلسا بۈگۈنكى كۈندە نەۋرە-چەۋرىلىك، ھەتتا ئەۋرىلىك بۇلاتتى.

ئەمدى گەپنى، ئەڭ ئالدىدا ماڭغان روزى مىراپتىن ئاڭلايلى. بىز ئۆمىلەپ مېڭىپ،قورشاۋدىن 200 مېتىر يىراقلاشقاندا، دۈشمەنلەر بىزنى كۆرۈپ قېلىپ،پىلىموت بىلەن ئوققا تۇتتى.ئوق يانپىشىمنى سىجاپ ئۆتۈپ كەتكەن بۇلسىمۇ،ئاغرىققا چىداپ، ئالدىغا قاراپ ئۆمىلەپ مېڭىۋەردىم،نۇراخۇن زەيدىن، بىزنى تىرىك تۇتىمىز دەپ كەينىمىزدىن يۇپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان دۈشمەننى قەيسەرلىك بىلەن يېقىن كەلتۈرمەي كەينى-كەيىنىدىن ئېتىپ يىقىتاتتى. مەن يەنىلا ئۆمىلەپ مېڭىۋەردىم. ئاخىرى ئاتلىرىمىزنى باغلاپ قويغان قازاق مەكتەپكە يېتىپ باردىم-دە،ئورنۇمدىن تۇرۇپلا مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ھويلا ئىچىگە يۈگۈرەپ كىردىم.تامنىڭ كەينىدە يۇشۇرۇنۇپ تۇرغان بىر گومىنداڭ ئەسكىرى ماڭا ئوقتەك ئېتىلىپ كېلىپ مىلتىقنىڭ ئىشتىگىنى سا دەپلا سانجىماقچى بولغاندى، مەن چاققانلىق بىلەن ئۆزۈمنى سول تەرەپكە ئېلىپ قاچقان ئىدىم. ئۇنىڭ مىلتىقنىڭ ئىشتىگى كۆكسىمنى سەلپەل سىجاپ ئۆتۈپ كەتتى.مەن چاققانلىق بىلەن قولۇمدىكى تۆمۈر ئارىنى ئۇنىڭ قورسىقىغا كۈچەپ تىقتىمدە،مىلتىقىنى ئولجا ئېلىپ يەنە تام ياقىلاپ يۈگۈردىم،تام ئارقىسىدىن ئاتقان دۈشمەننىڭ بىر گىرانىتى يەرگە پوك قىلىپلا چۈشۈشى بىلەنلا دۈم يېتىۋالدىم،گىرانات ئۈچ مېتىر نېرىدا پارىتلاپ يۇتام ئازراق زەخمىلەندى. دۈشمەنلەر، تامنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ئاتلارغا قاراۋاتقان پارتىزانلار بار دەپ ئويلاپ، گىرانات تاشلىغان ئىكەن،تەلىيىم ئوڭدىن كېلىپ ئۆلۈمدىن ئامان قالدىم . ئاڭغىچە دۈشمەنلەرمۇ بىزدىن قورقۇپ قېچىپ كەتتى. ئاتلارمۇ ساق-سالامەت تۇرۇپتۇ،ئاتلارغا قاراشقا قالدۇرۇپ كەتكەن پارتىزانلاردىن ياسىن دوختۇر، بىلەن ماخمۇت سۇپى،قاپتۇ. ‹‹ تارقىيا ئۇرۇشىغا كىرىشتىن ئىلگىرى قۇش ئەمچەكتىن سىلەرگە ياردەم بىرىمىز دەپ كەلگەن ئوننەچچە روس بىز تارقىياغا تىگىش قىلىمىز دىگەن ئاخشىمى-بىزگە ئۆلكۈن ھۆكىمەتتن جاۋ بىلەن سوغۇش قىلىڭدەر دىگەن سىياقتا پىركەز جۇق(بۇيرۇق يوق) ئىتىڭلارغا قاراپ بىرەيلى دەپ قەپقالغان روسلارنىڭ بىرىمۇ قالماي قىچىپ كىتىپتۇ. مەن قازاق مەكتەپكە چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن ئارقامدىن مەھممەت مۇتەك، نۇراخۇن سادىق،مەھەممەت ئۇلۇق قاراجى، بارات پالىۋان،بالاجى قاسىم، قاتارلىق ئوننەچچە پارتىزان قايتىپ چىقتى.پارتىزانلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا چىققان پەم-پاراسەتلىك ئەزىمەت نۇراخۇن زەيدىن كۈڭلى يىرىم بولغان ھالدا:- ھەي ئىسىت بۇ ئۇرۇشقا خاتا كىرىپ قاپتىمىز- دىدى.شۇ كۈنى قازاق مەكتەپتە ھەممىمىز جەم بولغاندا،56پارتىراندىن ئاران 20پارتىزان ھايات قاپتۇق ، قالغان 36 پارتىزاننىڭ ھەممىسى شىھىت بۇلۇپ كىتىپتۇ . بىز پارتىزانلارنىڭ جەسىدىنى ئالالماي ئۇلارنىڭ مىنىپ كەلگەن ئاتلىرىنى يېتىلەپ مېڭىپ تاش بۇلاققا بېرىپ ئىلىياس ئاقىلاقچى قاتارلىق 6 پارتىزاننىڭ ئاتلىرىنى ئىلىياس ئاقىلاقچىنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، تارقىيانىڭ غەربىي تەرىپىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، باراتنىڭ قورىغىغا ( باراتنىڭ قورىغى تارقىيا بىلەن بورتالا ئوتتۇرىسىدىكى جاي بولۇپ ، يەرلىك كىشىلەر باراتنىڭ قارىغىچى دەپمۇ ئاتايدۇ)قايتىپ كەلدۇق. پارتىزان بالىلار ئىگىسىز قالغان 36 ئاتقا قاراپ يىغى-زارە قىلىشتى.

1945-يىلى3-ئاينىڭ21 – كۈنى لىسكىن، ئۇتەيدىن باراتنىڭ قورقىغا پارتىزانلارنى كۈزدىن كەچۈرگلى كېلىپ،بارات پالۋاننىڭ بېلىگە ئاسقان قوش تاپانچىسىنى كۆرۈپ كۈلۈپ كېتىپ: ‹‹بارات ئاكا بېلىڭىزگە ئىككى تاپانچىنى قاچاندىن بۇيان ئېسىۋالدىڭىز؟ قوش تاپانچىنىڭ ھېكايىسىنى بىلمەمتىڭىز؟ 1943-يىللىرى گومىنداڭ ئوفىتسىرلىرى كوچىغا قوش تاپانچا ئېسىپ چىقىپ كىمنىڭ قىزى چىرايلىق بۇلسا شۇنى تاپانچا بىلەن قۇرقۇتۇپ مەجبۇرى ئاياق-ئاستى قىلاتتى. سىز ئاشۇ چاغدىكى گومىنداڭ ئوفىتسىرلىرىگە ئوخشاپ قالمىغانسىز-ھە››-دەپ چاقچاق قىلغان ئىدى.

شۇ يىلى باش ئەتىياز يەنى 1945-يىلى3-ئاينىڭ 5 -كۈنى بارات پالۋان،ئابدىرىھىم ياغاچچى،ئىمىن پەرەڭ،نۇراخۇن زەيدىنلەربىلەن مەسلىھەتلىشىپ، تارقىيالىق ساۋۇت ياغاچچىنىڭ ئۆگەي ئوغلى تاجاخۇننى دۈشمەن تەرەپكە يەنى تارقىيادىكى گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ سىجاڭى خۇ، گە ئەلچى قىلىپ خەت كىرگۈزگەنلىگى تۇغرىسىدىكى بايانىمنى باشتا سۈزلەپ ئۆتكەن ئىدىم،ئەمدى داۋامىنى ئاڭلاپ بىقىڭ:

شۇكۈنى تاجاخۇن خەتنى كۆتۈرۈپ دۈشمەن ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى خۇ سىجاڭغا: بىزگە تەسلىم بۇلۇڭلار دىگەن خەتنى ئەكېرىدۇ خەتتە: مۇنداق يىزىلغان ئىدى: خۇ قوماندان ھازىر سىلەر پۈتۈنلەي بىزنىڭ قورشاۋىمىزدا قالدىڭلار.تۆنۈگۈن سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ2000 كىشىلىك مۇنتىزىم ئارمىيىسى ئۇتەيگە يېتىپ كەلدى، پاتيىقىندا ئۇلارنىڭ بىروۋنىك قىسىملىرى بىز بىلەن بىر ۋاقىت ئىچىدە سىلەرگە قورشاپ ھۇجۇم قىلماقچى بۇلىۋاتىدۇ، بىزنىڭمۇ تولۇق قۇراللانغان 2000 ئەسكىرىمىز بار، بىز بىھۇدە قان تۆكۈلىشنى خالىمايمىز مەسىلىنى ئەڭ ياخشىىسى تېنىچ يول بىلەن ھەل قىلايلى، سىلەر قول كۆتۈرۈپ تەسلىم بۇلساڭلارلا ھاياتىڭلارغا ۋە مال-مۈلىكىڭلارغا كېپىللىك قىلىمىز بۇرۇنقى ئىشلار ھەرگىزمۇ سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ . دەرھال جاۋاپ بىرىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.گىنىرال ئىسھاقبەگ. مىلادىيە 1945-يىلى 3 – ئاينىڭ5–كۈنى.› (بىز دۈشمەننى تەسلىم قىلىش ئۈچۈن گېنىرال ئىسھاقبەك گىنىرالنىڭ، نامىدىن خەت كىرگۈزگەن ئىدۇق) خۇ سىجاڭ تاجاخۇن، ئەكىرگەن خەتكە ئىشەنمەي تاجاخۇننى-يالغان ئېيىتتىڭ راستىڭنى ئېيىت؟دەپ قىيىن-قىستاققا ئېلىپ ئېغىز ئاچقۇزالماي ئۇرۇپ قىيناپ ئاخىرى قىلىچ بىلەن چىپىپ ئۆلتۈرىۋىتىدۇ. 1945-يىلى4-ئاينىڭ 12–كۈنى كەچتە مەنسۇر لۇمىيسوپنىڭ خۇيزۇ،ئۇيغۇر،تاتار،روس،قىرغىزلاردىن تەركىپ تاپقان 5-ئا تلىق خۇيزۇ دىۋىزىئونى بىلەن پىدايوپنىڭ باتالىئونى ئۇتەيگە يېتىپ كېلىپلا ، كەچتە بىر دۈڭنىڭ ئارقىسىدا بىر ماشىنىنى ئالدىغا ماڭغاندا چىرىغىنى ياندۇرۇپ، كەينىگە ماڭغاندا ئۆچۈرۈپ، تەكرار ئالدى-كەينىگە تاڭ ئاتقىچە ماڭدۇرۇپ ، بىر ماشىنىنى 100 ماشىنىدەك كۆرسۈتۈپ چىراق ھىلىسى تەدبىرىنى قوللاندى.بىز شۇكۈنى ئاخشام تارقىيا دەرياسىنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدە تۇرۇپ يىراقتىن ماشىنا چىرىغىنى كۈزۈتۈپ تۇردۇق. ئەتىسى تارقىيا تەرەپنى كۈزەتسەك دۈشمەننىڭ تۇرارگاھىنىڭ مورىلىرىدىن كۈندىكىدەك قاپ -قارا قۇيۇق ئىس-تۈتەكلەر كۆرۈنمىدى. بىز دۈشمەنلەرنىڭ قېچىپ كەتكەنلىگنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن تارقىياغا كىرسەك دۈشمەنلەر ئالىقاچان جىڭ تەرەپكە قېچىپ كەتكەن ئىكەن.بىز ئازتۇلا ئولجىغا ئېرىشكەندىن كىيىن،توختى مەرگەننىڭ پارتىزانلىرىمۇ ئارقىمىزدىن يېتىپ كەلدى.بىز دۈشمەننىڭ تۇرارگاھىنى ئېگەللىگەندىن كېيىن تارقىيانىڭ شىمالى تەرىپىدىكى چىغلىق بۇلاق، دىگەن يىرىدىن يالغۇز بىز ئادەمنىڭ بىز تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدۇق، سىنچىلاپ قارىساق ئۇ ئادەم كۆك ماتادىن كىيىم كەيگەن 50 ياشلار ئەتىراپىدىكى چوڭ ئادەم ئىكەن.ئۇ ئەپكەچتە سېۋەت كۆتىرىۋالغان بۇلۇپ ھىچ ئىش بۇلمىغاندەكلا بىز تەرەپكە قاراپ خاتىرىجەم ماڭاتتى. بىز ئۇنى بارات پالۋاننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدۇق.بارات پالىۋان: -نىمە ئادەمسەن؟ بۇيەردە نىمە ئىش قىلىپ يۈرىيسەن-؟ دىۋىدى ،ئۇ: مەن بىر ئاشپەز-دىدى سېۋىتىنى يەرگە قۇيۇپ. بارات پالىۋان سىۋەتنى ئىشارە قىلىپ ؛- سېۋىتىنى ئاختۇرۇڭلار دىدى ، ئاختۇرۇپ قارىساق پۈتۈنلەي چىنە-چەينەك ئىكەن . بارات پالىۋان:–ئۇرۇش بۇلىۋاتسا نىمە قىلىسەن بۇنى؟ دەپ سورىۋىدى،ئۇ: ئاخشام ئەسكەرلەرگە يىرىم كىچىگىچە تاماق ئېتىمەن دەپ ھېرىپ كىتىپ ياتىغىمغا كىرىپلا ئۇخلاپ قاپتىمەن،ئەتتىگەن ئۇيغىنىپ قارىسام ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى قېچىپ كېتىپتۇ. يېنىمدا پۇلۇم يوق مۇشۇ نەرسىلەرنى يولدا سېتىپ يۇرتىمغا كېتەي دەپ ماڭغان ئىدىم-دىدى بارات پالىۋان؛ بىز بىرئاينىڭ ئالدىدا باشلىغىڭلارنىڭ ئالدىغا بىر ئادىمىمىزنى ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن ئىدۇق،بۇ ئىشتىن خەۋىرىڭ بارمۇ-؟-دەپ سورىدى، ئۇ: بىلىمەن خەۋىرىم بار ئۇ ئادەم بەك قەيسەر ئادەم ئىكەن، ئۇلار ئۇ ئادەمنى بەك قىينىۋەتكەن بۇلسىمۇ، سىلەر توغرىلىق ھىچنىمىنى دەپ بەرمىدى،ئاخىرى ئۇ ئەبلەخلەر ئۇنىڭ ئېغىزىنى ئاچۇرالماي،قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۋەتتى دىدى.بارات پالىۋان-بىز دۈشمەنگە ئىشىنىپ كېتىپ تاجاخۇننىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەپچى بوپتۇق- دەپ بىر ئۇلۇق كىچىك تىندى ۋە ئاشپەزنى ئىشارە قىلىپ: مۇنۇ ئادەم راس گەپ قىلدى. قۇيۇپ بېرىڭلار! چىنە- چەينەكلىرىنى سېتىپ جېنىنى باقسۇن دىدى. بىز تارقياغا كىرىپ 2 سائەتتىن كېيىن مەنسۇر لومىيسوف يېتەكچىلىگىدىكى5 –ئاتلىق تۇڭگان دىۋىزىئونى يېتىپ كېلىپ ئالدى بىلەن تارقىيا ساقچىخانىسى ئالدىغا بايراق تىكلىدى( ئاڭلىشىمچە بارات پالىۋان بالدۇر بايراق قادىمىغانلىقى ئۈچۈن تارقىيانى تۇڭگانلار ئازات قىلغان دەپ ئەنگە ئېلىنغان ئىكەن)شۇ كۈنى بىز تارقىيا ئۇرۇشىدا شىھىت بولۇپ كەتكەنلەرنىڭ جەسىدىنى تارقىيالىق نەسىرىدىن،ۋە جىڭلىق روزاخۇن ھارۋىكەش،قاتارلىق كىشىلەرنىڭ يىتەكچىلىگىدە ئېتىزدىن تېپىپ شىھىتلارنىڭ مۇردىسىنى پىرىچكا ھارۋا ۋە زەمبىل بىلەن تۇشۇپ تارقىيا،قەبرىستانلىقىغا ئاپىرىپ يەرلىكىگە قۇيدۇق. لەنىتى ئەبلەخلەر تاجاخۇن ئەمەت،بىلەن ئىلىياس ئاقىلاقچىنىڭ بېشىنى قىلىچ بىلەن چېپىپ تېنىدىن جۇدا قىلىۋەتكەن ئىكەن، 1944- يىلى12 -ئاينىڭ13-كۈنىدىكى دۈشمەن ئايرۇپىلانىنىڭ بومباردىمان قىلىشىدىن قۇرقۇپ تەرەپ-تەرەپكە پىتىراپ قېچىپ كەتكەن پۇقرالار تارقىيادىكى ئۆي-ماكانلىرىغا قايتىپ كېلىشكە باشلىدى. 1945-يىلى 4-ئاينىڭ14-كۈنى بورتالادا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ،ھاكىمى ھاشىم ئوسمان تارقىياغا يېتىپ كېلىپ، تارقىيالىق مامۇتخان ئاللاقۇل ھاجى ئاۋۇتنى، تارقىيا رايۇنلۇق خەلق كومىتېتىنڭ رايىكوملىقىغا قۇشۇمچە،رايىكوملىق ساخىچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا، ئەۋزىنى(تاتار) كاتىپلىققا بەلگىلىدى. ھەم شۇ كۈنى رايۇنلۇق ھەربى كومىتېت تەسىس قىلىىنپ، يەرلىك ئاھالىدىن ئەسكەر قۇبۇل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېلان چىقاردى. توختى مەرگەن يېتەكچىلىگىدىكى جىڭ پارتىزانلىرى بىلەن باراتنىڭ پارتىزان ئەتىرتى ئۆز-ئارا قۇشۇلۇپ كەتتى. تويلا،جىڭ، تارقىيا،ئالاتاغ، قۇشئەمچەك، قۇمتاغ (ساسەنزە) قىزىلتۇز،قاتارلىق جايلاردىكى پۇقرالارنىڭ بالىلىرى رايۇنلۇق ھەربىي بۆلىمگە بەس-بەستە كىرىپ ئۆزلىرىنى ئەسكەرلىككە تىزىملاتتى. (شۇچاغ جىڭ ناھىيىسى تېخى ئازات بۇلمىغانلىقى ئۈچۈن جىڭ، تويلا، قۇمتاغ، ئالاتاغ، ئېغىزى قاتارلىق جايلاردىكى قېچىپ يۈرگەن پۇقرالار تارقىياغا يىغىلغان ئىدى). شۇچاغ تارقىيادا يېڭىدىن ئەسكەرلىككە قۇبۇل قىلىنغانلاردىن جىڭلىق كۈزدىباي مەخسۇت،(قازاق) تىلىۋالدى مامۇرباي،(قازاق)تاشاخۇن روزى، جۇماخۇن ھۈسەن، ئابدىريىم ياقۇپ، قۇۋان تۇردىئاخۇنباي، جىڭلىق يۈسۈپ دوساجىم، غۇپۇرجان تۆمۈر،مەھەممەت سىيىت،قۇمۇشبۇلاقلىق،خۇدابەردى ئوسمان - قاتارلىق 20بالا ئۆزلىگىدىن پىدائىي بۇلۇپ سېپىمىزگە قۇشۇلدى.نۇراخۇن زەيدىن پارتىزانلار ئەتىرىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى . توختى مەرگەن يەنىلا 25 ئادىمىگە ئىزۋوت كاماندىرى بۇلدى . ئۇرۇشتا قۇربان بۇلۇپ كەتكەن پارتىزانلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ھۈكۈمەت خادىملىرى تەرىپىدىن تىزىمغا ئېلىنىپ كېيىن ئىگە-چاقىسىگە تېگىشلىك نەپىقە بىرىلدى.

1945-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى بارات پالىۋان پارتىزانلىرىنى رەتلەپ تۇلۇقلىغاندىن كىيىن،يۇقۇرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بۇيىچە قۇمۇش بۇلاققا يۈرۈپ كەتتۇق. قۇمۇش بۇلاققا يېتىپ بارغاندا جىڭلىق ئىسمايىل تۈگمەنچىنىڭ ئېتى بۇشىناپ كېتىپ ئۈزى تۇغۇلۇپ چۇڭ بۇلغان دۈشمەن ئىشغالىيىتىدە تۇرىۋاتقان سەككىزئۆي كەنىتى تەرەپكە كىشنىگەن پېتى يۈگىرىپ ئۆتۈپ كەتتى. بارات پالۋان ئىسمايىل تۈگىمەنچىنىڭ تارىقىيادا قالغان ئۇششاق بالىلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنىڭغا بىر ئات بېرىپ ئائىلىسىگە قايتۇردى.(ئازادلىقتىن كېيىن توختى مەرگەن ئىسمايىل تۈگىمەنچىگە كىژ ئوغۇل بولدى).

ئىزاھات: ئەسەردىكى يىزا-كەنىتلەرنىڭ نامى ۋە ئاتالغۇلىرى ئەينى يىللاردىكى نامى بۇيىچە ئېلىندى. 1945-يىلى يۈنجىخو كەنىتىنى يەرلىك كىشىلەر« سامساق باينىڭ قورۇقى» دەپمۇ ئاتايتى.

.........................يۈنچىخودىكى جەڭ







«بۇيەرنىڭ ھەربىر غىرىچ يىرىگە قەھىرمانلارنىڭ قىنى تۈكىلگەن»

1945–يىلى4–ئاينىڭ20–كۈنى تارقىيا(داخېيەنزى) دىكى چىغىمدا، مەن ئەتتىگەندىلا پارتىزان بالىلارنى ھەربى مەشىقى قىلدۇرىۋاتاتتىم،روتا كاماندىرىمىز بارات پالىۋان،⑴ پارتىزانلارنىڭ ھەممىسىنىى تارقىيا ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا چاقىرتىپ:

-مۆھتىرەم قېرىنداشلىرىم يۇقىردىن بۇيرۇق كەلدى،باش ئشتاپىنىڭ ئورونلاشتۇرۇشى بۇيىچە بۈگۈندىن باشلاپ مەڭسۇرنىڭ 5–ئاتلىق دىۋزىيونىغا تارقىيانى، تاپشۇرۇپ بېرىپ،تويلىدىكى قۇمۇش بۇلاققا بېرىپ ئورۇنلىشىمىز،دەرھال ئېتىڭلارنى توقۇپ،مەن بىلەن ئاتلىنىڭلار!–دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى.

بىز قۇمۇش بۇلاققا بارغاندا،پارتىزان ئەتىرىتىمىزدە 65 نەپەر پارتىزان بار بۇلۇپ پەقەت 41 نەپەر پارتىزاننىڭ قولىدا گىرمانكا مىلتىق بار ئىدى.ئۇندىن باشقا پارتىرانلارنىڭ قولىدا ئوۋ ئوۋلايدىغان قارا مىلتىقلار بار بۇلۇپ، ئوق–دورا، ئوزۇق–تۈلۈك، كىيىم–كېچەك بىلەن تەمىنلەيدىغان ھىچقانداق بىر ئارقا سەپ خادىملىرىمىز يۇق ئىدى. ھەتتا پارتىزانلارغا ئوق تېگىپ يارلانسا يارىسىنى تېڭىپ قويىدىغان سېستىرالىرىمىزمۇ يوق ئىدى.بىز 1945–يىلى4–ئاينىڭ20–كۈنى تويلىنىڭ قۇمۇش بۇلاق دىگەن يىرىگە يېتىپ بىرىپ ئورونلاشتۇق ھەم شۇ كېچىسى يۈنجىخودىكى دۈشمەنلەرگە تۇيۇقسىز ئوت ئېچىپ، دۈشمەننىڭ ئەسكىرىي كۈچىنى سىناپ باقتۇق.گومىنداڭ قوشۇنلىرى يۈنجىخوغا پولات ئىستھكام قۇرۇۋالغان بۇلۇپ،زامانىۋى خىل قۇراللىرى بىلەن بىزگە قارىتىپ پېلىمۇت بىلەن ئوق ياغدۇردى. ئەگەر ئۇلار ئادەم سانىمىز، قۇراللىرىمىزنىڭ ناچارلىقىنى سېزىۋالسا، بىزنى قورشېۋىلىپلا يوقىتاتتى.(مۆلچەرىمىزچە يۈنجىخو مۇداپىئەسىدە دۈشمەننىڭ تەخمىنەن 2000 دەك ئەسكىرىي كۈچى بولۇپ يۈنجىخو كەنىتى بىلەن 8ئۆي كەنىتىنىڭ ئارىلىغى4كىلومىتىر، يۈنچىخو كەنىتى بىلەن قۇمۇش بۇلاقنىڭ ئارىلىغى 8 كىلومېتىر كېلەتتى. گومىنداڭ ئارمىيىسى يۈنجىخۇ كەنتىنىڭ ئەتىراپىدىكى توغراقلىق ۋە جىگدە قاتارلىق تەبىئىي ئورمانلارنى كېسىپ تاشلاپ، كەنت ئەتىراپىدىكى قېلىن ئۆسكەن قۇمۇشلىققا ئوت قۇيىۋەتكەن ئىدى.

شۇ ئاخشىمى بىز يېرىم كېچىگىچە ئېتىشىپ دۈشمەننىڭ ئاساسى ئوت كۈچىنى بىلىۋالدۇق–دە ،ئارقىمىزغا چېكىنىپ،قۇمۇش بۇلاققا قايتىپ كەلدۇق. بىز قۇمۇش بۇلاقتا تۇرغان 0 3كۈن ئىچىدە دۈشمەن بىلەن 6 قېتىم جەڭ قىلىپ دۈشمەن ئىستىھكامنى ئالالمىدۇق.دۈشمەن بىلەن كۈچ سېلىشتۇرما جەھەتتە پەرقىمىز زور بولغاچقا،ھەم گومىنداڭنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ھەركۈنى دىگۈدەك ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ،پېلىمۇت بىلەن ئوق ياغدۇرۇپ بىزنى باش كۆتۈرگۈزمەيتى. غالجىرلاشقان گومىنىداڭنىڭ ھاۋا ئارمىيسى مەيلى توغراقلىق ئىچىدە پارتىزانلىرىمىز بولسۇن،مەيلى يەر يۈزىدە قېچىۋاتقان پۇقرالار بولسۇن مەيلى تۈقايلىقتا توپلىشىپ قىچىۋاتقان قوي –كالىلار بۇلسۇن ئوخشاشلا پېلىمۇت بىلەن ئوققا تۇتاتتى.شۇ چاغ ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، 1945–يىلى5–ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى ھاۋا ئىنتايىن ئوچۇق، ئاسماندا بىرمۇ بۇلۇت يوق ئىدى،جىڭ تەرەپتىن يەنە ئۈچ ئايروپىلان كۆتۈرلۈپ كېلىپ،پارتىزانلار ئىشغالىيتىدىكى قۇمۇشلۇقنى بومباردىمان قىلدى.پارتىزان ئەتىرىتىمىزنىڭ مۇئاۋىن قۇماندانى ئاتاقلىق مەرگەن نۇرئاخۇن زەيدىن ⑵(يەرلىك كىشلەر نۇرئاخۇننى بالا مەرگەن دەپمۇ ئاتىشاتتى)بىر يوغان جىگدىنىڭ تۈۋىگە بېرىپ گومىداڭنىڭ بىر ئايرۇپىلانىنى ئادەتتىكى بىر مىلتىق بىلەن ئېتىپ چۈشۈرىۋەتكەن ئىدى.شۇندىن كېيىن گومىنداڭنىڭ ھاۋادىن كېلىدىغان ھۇجۇمى سەل پەسلەپ قېلىپ،ئازات رايۇنلىرىمىزغا كىرەلمەيدىغان بولدى. بىز ئەنە شۇنداق تىركىشىپ تۇرۇۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، يەنى 1945– يىلى5– ئاينىڭ20– كۈنى ئەتتىگەندىلا پارتىزانلارنىڭ چېكىنىش سىگىنالى چېلىندى . ھەممىمىز چېكىنىپ قۇمۇش بۇلاققا يىغىلدۇق. يېنىغا ماۋئوزۇر ئاسقان بارات پالىۋان ، بىزنى كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن ئۇ خۇشال ھالدا:

مۆھتىرەم قېرىنداشلار سىلەرگە بىر خوش خەۋەرنى يەتكۈزىدىغان بولدۇم،قېرىنداشلىرىم،غۇلجىدىن بۇيرۇق كەلدى،مىللىي ئارمىيەنىڭ باش شىتابى بىزنىڭ قىينچىلقىمىزنى كۆزدە تۇتۇپ،ئالاھىدە ئېتىبار قىلىپتۇ،بىز ھازىرلا ماشىنىغا ئولتۇرۇپ غۇلجا باياندايدىكى ھەربى مەكتەپكە قاراپ ماڭىمىز – دىدى. يېنىدا تۇرغان يۈنچىخولۇق نۇۋا مەرگەن، نېمىشقا بارىدىكەنمىز ئۇيەرگە؟دىدى.

بارات پالۋان كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: ئۇلار بىزنىڭ ھەربىي تەلىم تەربىيىىگە قاتناشمىغانلىقىمىزنى كۆزدە تۇتۇپ،بىزنى ھەربىي مەكتەپتە ئوقىتىدىكەن -دىدى. پارتىزانلارنىڭ ھەممىسى ھۇررا!،ھۇررا! دەپ ئۆز خۇشاللىقىنى بىلدۈردى.

1945-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە بۇياندايغا ماشىنا بىلەن بېرىپ ئىككى ئايدىن كۆپرەك ھەربى تەلىم تەربىيىگە قاتناشقاندىن كېيىن،بىزگە ھەربىيىچە كىيىم-كىچەك تارقىتىپ بەردى.ئەنە شۇ چاغدا مىللىي ئارمىيىگە رەسمىي ئوفىتسىر بولغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇش بولغان چىغىمدا، 1943-يىلى بوياندايدا مەن بىلەن بىللە پەيتۇن ھەيدىگەن سېلىماخۇن بىلەن ئۇچىرىشىپ قېلىپ ئۇنىڭدىن مۇنداق بىرشۇم خەۋەرنى ئاڭلىدىم،غۇلجىدىكى روزاجىم باينى مەن كېتىپ، ئازغىنە ۋاقىتتىن كېيىن مۇستەبىت شېڭ شىسەي ئۈرۈمچىگە يىغىنغا چاقىرتىپ ئەكىتىپ ئۆلتۈرۋىتىپتۇ. مەن بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپلا يۈرىگىم بىر ئىشنى تۇيغاندەك بۇلۇپ ھەربى مەكتەپ مۇدىرىدىن رۇخسەت ئىلىپ 1943-يىلى6-ئايدا جۇياڭپۇنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ قالغان ھېلىقىXXXدىگەن قىزنىڭ ئۆيىگە باردىم ،XXX خانىم مىنى كۈرۈپلا ئۈنسىلىپ يىغلاپ-سەن كۈتكەن توختىكاڭ كەلدى قىزىم نىجاتكارىڭ شۇ يىگىت كەلدى قىزىم. مەنمۇ خانىمگە ئىسىلىپ تۇرۇپ قىزنىڭ نامىنى ئاتاپ ئۈن سىلىپ يىغلىدىم ۋە خانىمغا تەسسەللى بەردىم.بالام دەپ سۈز باشلىدى خانىم؛ئەشۇ يىلى سىز كەتكەندىن كىيىن روزاجىمنى خائىن دەپ قۇلغا ئىلىپ ئۈرىمچىگە ئەكىتىپ شىڭدۇبەن ئۈلتىرىۋەتتى. رەخمەتلىك قىزىم سىزنىڭ گىپىڭىزنى تۇلا قىلاتتى-دەپ يەنە ئېسەدەپ يىغلايتى مەن خانىمگە كۈيۈنىش ئىلكىدە بىرمۇنچە تەسەللى بىرىپ، ھەربى تۈزىم بۇيىچە ئۈز ئورنىمغا بارىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىپ خانىم بىلەن خوشلاشتىم. شۇكۈنى مەن مەرھۇم خۇجايىنىم روزاجىمنىڭ ئۈيىگە بىرىپ ئۈلۈم پەتىسى قىلغان چىغىمدا ئۇنىڭ تۇل قالغان ئايالى يىغلاپ تۇرۇپ شۇچاغ XXXقىز سىز كىتىپ قالغاندىن كىيىن ئىزدىرىگىڭىزنى بىلەلمەي مەندىن توختىكام نەگە كەتتى دەپ نەچچە قىتىم سوراپ كەپتىكەن،دىگەن چاغدا ئۈزىمنى تۇتىۋىلالماي يىغلاپ كەتكەن ئىدىم. ئۇ يەنە كۈڭلى يېرىم بولغان ھالدا توختىكامنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى قايتۇرالمىدۇق دىگەن ئىكەن.1944-يىلى گومىنداڭغا سېتىلغان ھەم نۇرغۇن قىزلارنى ئازدۇرۇپ بەختىگە ئولتۇرغان چايخانا دۇككىنى ئاچىدىغان سارىخان، ئىسىملىك بىر دەللال ئۇ قىزغا كۈزى چۈشكەن بىر كومىنداڭ ئوفىتسىرىنىڭ پۇلىنى ئىلىپ، XXX قىزنىڭ غورورىغا تىگىپ داۋىسىنى ئىشىتكەنلىگى ئۈچۈن ئاخىرى ئۇ قىزغا تۈھمەت چاپلاپ بۇ سەتەڭنىڭ «توپىلاڭچى ئوغرلار بىلەن گىپى بىر دەپ» ئۇنى ھىلىقى بەتنىيەت گومىنداڭ ئوفىتسىرىگە مەجبۇرى تۇتۇپ بەرگەن ئىكەن.ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، 1945-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى ھەرەمباغ ئېلىنغاندا ھېلىقى بىچچارە قىزنىڭ جەسىتى ھاجەتخانىدىن چىقىپتۇ.شۇ چاغدا نەق مەيداننى كۆرگۈچىلەرنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، غالجىرلاشقان گومىنداڭ ئوفىتسىرـ ئەسكەرلىرى ئالدى بىلەن قىزغا نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىپ،ئاندىن چېتىنى يېرىپ ھەرەمباغ ھاجەتخانىسىغا تاشلىۋەتكەن ئىكەن. شۇ چاغدا بۇ قىزنىڭ ئانىسى ھەرەمباغدىكى كەڭ مەيداندا جەسسەتلەر ئىچىدىن قىزنىڭ مۇردىسىنى تۇنۇۋېلىپ، ئۇنىڭ مۇردىسىغا ئۆزىنى تاشلاپ ئېچىنىشلىق يىغلاپ ھوشىدىن كېتىپتۇ. 1945-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى بۇياندايدىكى ھەربىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ كەڭساي3-پولىك يەنى لىسكىننىڭ پولىگى 1- باتالىيۇن 1- روتا 2-ئىزۋۇتىنىڭ كاماندىرى بۆلدۇم ،بارات پالىۋان،ئالمىشىپ 1-روتىنىىڭ خۇجىلىق مۇدىرى بۇلدى. ئۇنىڭ ئورنىغا غۇلجىلىق دانىيارۇف(ئۇيغۇر) دېگەن كېىشى بىزنىڭ 1- روتىغا كوماندىر بولدى. مەن ئۇنىڭ قۇل ئاستىدا ئىزۋۇت كاماندىرى بۇلدۇم. (،بارات پالىۋان شۇ 1-رۇتىنىڭ ئارقا سەپ خوجىلىق مۇدىرى بۇلۇپ ئىشلەپ مىللى ئارمىيە ئالتاينى ئازات قىلغان چاغدا ئۇ بىر ھاھىپجامال ئايالنى ياخشى كۈرىپ قىلىپ شۇ ئايال بىلەن توي قىلىپ، ھەربىي سەپتىن ئالتاي ۋىلايەتلىك باژ ئىدارىسىگە يۈتكىلىپ بىرىپ شۇيەردە قەپقالغان ئىدى.). بىزئالتاي،چۆچەكنى ئازاد قىلىش فىرۇنىتىغا ماڭغان كۈنى بىزنى ئۇزىتىپ قۇيۇش ئۈچۈن،بۇياندايدىكى ھەرمىللەت خەلىقى ھەربى مەكتەپنىڭ ئالدىدا دۇخاۋىي ھەربىي ئوركىستىرنىڭ داغ-دۇغۇلۇق ساداسى ئىچىدە ئۇزاتقان ئىدى. بىز تۆۋەندىكى ھەربىي مارشىنى توۋلاپ ھەيۋەت بىلەن ماڭدۇق:

كۈچلۈك قوللاردا مەدەنى قۇرال ،

پۇلاتقا ئايلاندى مۇشتۇملارىمىز.

بىزدە يېڭىلىش يوق چوقۇم بولمايدۇ ،

چۈنكى ئۆسمەكتە قوشۇنلارىمىز.



يۈرىڭلار دوستلار فىرونىت سىپىگە ،

ئاتاكا قىلايلى دۈشمەننى قوغلاپ.

ئېتىپ فىلىمۇتنى تاشلاپ گىراناتنى،

دۈشمەنگە ئاچايلى قۇدرەتلىك ئوتنى.



بۇلۇتلار ئارىلاپ ئىگىز ئۇچماقتا،

ئەنە ئاسماندا لاچىنلارىمىز.

يەردە تانكىلار مىنا زەمبىرەكلەر،

دۈشمەنگە قارشى زەربە بىرىمىز.

بىز رەئس ئېلىخان تۆرە ئالدىدا قەسەم قىلىپ پولىك بايرىقىنى تاپشۇرىۋالغاندىن كىيىن، ئىلىخانتۆرە يىتەكچىلىگىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قىزغىن ئۇزىتىپ قويۇشى بىلەن ئالدىنقى فىرونىت چۈچەكنى ئازات قىلىشقا يۈرۈپ كەتتۇق.

ئەمدى تەپسۇلاتىمىزنى« يۈنچىخودىكى جەڭ»گە قايتۇرۇپ كېلەيلى :

يۈنجىخودىن،بارات پالۋان يېتەكچىلىكىدىكى پارتىزانلار ئەتىرىتى بويانداي ھەربىي مەكتىپىگە يۈرۈپ كەتكەندىن كېيىن ، غۇلجىدىن ئۇلارنىڭ ئورنىغا كاپىتان بايىنتونىڭ قوماندانلىقىدا ئىككى روتا شىبە ئەسكەرلىرى بىلەن كاپىتان ئالىكساندىر ئۈشمەڭكى(روس) قۇماندانلىقىدىكى ئىلى زاپاس پىيادىلەر پولىكىنىڭ ئىككى روتىسى ھەم تارقىيانى ساقلاپ تۇرىۋاتقان مەڭسۈر(خۇيزۇ) ھەم كېرىمھاجى(خۇيزۇ) قۇماندانلىقىدىكى 5– ئاتلىق دىۋىزىئونىنىڭ ئىككى مۇستەقىل ئاتلىق ئىسىكادىرىئونى(بىر ئىسكادىرىئوندا 45~60-گىچە ئاتلىق ئەسكەر بولىدۇ ) يۈنجىخوغا يېتىپ كېلىپ قۇمۇش بۇلاققا ئورۇنلاشتى. بۇ ئىسكادورۇننىڭ تەركىبىدە ئۇيغۇر،تاتار ،روس، قىرغىز قاتارلىق ئوفىتسىر جەڭچىلەرمۇ بار ئىدى.شۇ چاغدا،گومىنداڭ ئارمىيسى كونا يۈنجىخوغا يەنە تەبىئىي پوتەي سېلىۋالغان ئىكەن.مىللىي ئارمىيە قىسىملىرى يۈنجىخونىڭ غەربى تەرىپىدىكى قۇمۇش بۇلاققا جايلاشتى.(يۈنچىخو كەنىتى ھازىر جىڭ ناھىيە تولى يېزىسىغا قارايدىغان بۇلۇپ،ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 20كىلومېتىر كېلىدۇ،بۇ كەنىتتە ئەسلىدە 60ئۆيلۈك ئۇيغۇر،قازاق، ئاھالىسى بۇلۇپ،1944–يىلى12–ئايدىكى قاچ–قاچتا بورتالا تەرەپكە قېچىپ كەتكەن ،كېيىن گومىنداڭ ئارمىيسى كېلىپ مەكتەپ بىلەن ئاق مەسچىتدىن باشقا پۇقرالارنىڭ ھەممە ئۆيىگە ئوت قۇيۇۋەتكەن ئىدى ).

يۈنجىخو كەنىتى جىڭ ناھىيسى بىلەن تارقىيارنى، تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان كونا ھارۋا يۇلىنىڭ تۈگۈنى بۇلۇپ، شىمالىي تەرىپى توغراقلىق،قۇمۇشلۇق،جەنۇبى تەرىپى قۇملۇق جاي ئىدى.مىللىي ئارمىيە بۇ يەرنى ئىشغال قىلغاندا،بىر مەسچىت، بىر مەكتەپتىن باشقا ھەممە ئۆيلەرنى چېقىپ تۈزلىۋەتىلگەن ، ھەتتا غالجىرلاشقان دۈشمەنلەر 1945– يىلى7– ئاينىڭ22–كۈنى مىللىي ئارمىيەدىن يېڭىلىپ 8 ئۆيگە قاچقاندا، يۈنجىخودىكى چوڭ قۇدۇققا زەھەر تاشلاپ،ئەكىتەلمەي قالغان پۇقرالارنىڭ ئورىسىدىكى بۇغداي،قۇناقلارغا ئوت قۇيۇپ بېرىپ قاچىدۇ.يۈنجىخو كەنىتىنىڭ مەركىزىدە يەنى كونا قۇدۇقنىڭ يىنىدا ئىككى ئادەمنىڭ قۇچىغى يەتمەيدىغان بىرتۈپ چوڭ قارا ياغاچ بۇلۇپ پاشا، كۇمۇتا،كۆكۈيۈننىڭ ماكانى ئىدى. ياز كۈنلىرى بولغاچقا،ھاۋا ئىنتايىن ئىسسىق بۇلۇپ،جەڭچىلەرنى پاشا،كۆكۈيۈنلەر چېقىپ بىئارام قىلاتتى.

گومىنداڭنىڭ ئالدىنقى سەپ قاراۋۇلى يۈنجىخو كەنىتى بىلەن8ئۆي كەنىتىدە ئىدى.بۇ ئىككى كەنىتنىڭ ئارىلىغى 4كىلومېتىرلا كېلەتتى.گومىنداڭنىڭ ئايروپىلانى كۈندە بىر قېتىم كېلىپ، يۈنچىخودىكى مىللىي ئارمىيە تۇرۇۋاتقان جايغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلاتتى.

1945–يىلى1–ئاينىڭ29–كۈنى غۇلجا ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا تەسلىم بولغان 80دەك گەنسۇلۇق خۇيزۇ ئەسكەرلەر بىز بىلەن يۈنجىخوغا بىللە كەلگەن ئىدى.ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ ئەبلەخ قاراۋۇللىققا چىققان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ،8 ئۆي تەرەپتىكى دۈشمەن بازىسىغا قېچىپ بېرىپ،قۇمۇش بۇلاقتىكى مىللىي ئارمىيەنىڭ ئورۇنلاشقان جايى،ئادەم سانى قاتارلىق مۇھىم مەخپىيەتلىكنى ئاشكارلاپ قۇيىدۇ. 1945–يىلى9–ئاينىڭ4-كۈنى ئالدىنقى قاراۋۇللۇق نۆۋىتى بىزنىڭ ئىزۋوتقا كەلگەن بۇلۇپ،دەل شۇ چاغدا،شىبە مۇستەقىل ئاتلىق ئەسكەرلەر ئىسكادىرونى پوستا تۇرۇش نۆۋىتىنى بىزگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، خاتىرجەم دەم ئېلىۋاتاتتى.بۇ كۈن ئەمدىلا ئۇپۇقتىن كۆتۈرۈلگەن چاغ بۇلۇپ،ئىزۋوتىمىزنىڭ بىرىنجى قاراۋۇللۇق نۆۋىتىگە مۇقاش ئىسمايىل(قىرغىز)قاراۋۇللىققا چىقىدۇ.ئۇ ئىنتايىن سەزگۈر ئىزۋوت كوماندىرى بولۇپ،8 ئۈي تەرەپتىن يۇپۇرلۇپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن دۈشمەننى سېزىپ قالىدۇ–دە،دەرھال روتا كوماندىرى شاكىرغا خەۋەر قىلىدۇ.ئەمما شاكىر بىپەرۋالىق قىلىپ،دەرھال تەدبىر قوللانماي،ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ.مۇقاشنىڭ ئىچى تىتىلداپ قاراۋۇللىققا ئالمىشىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان پېلىمۇتچىك تايەمگە دەرھال بۇيرۇق چۈشۈرۈپ،شىتاپنىڭ جەنۇبى تەرىپىدىكى بىر ئىگىز دۆڭگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ.يەنەبىر پېلىمۇتچىك ۋالىم مۇبارەكنىمۇ يەنە بىر دۆڭنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئۆزى شىمال تەرەپتىكى كونا ھارۋا يولىدىن ئۆتۈپ،دۈشمەنگە قارىتىپ ئوت ئاچىدۇ.ئاڭغىچە، دۈشمەنلەرمۇ ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ.بۇچاغدا روتا كوماندىرى شاكىر چۆچۈپ ئويغۇنۇپ،ئەھۋالنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يىتىپ دەرھال ئېتىغا مىنىشىگە، يېقىنلاپ كەلگەن دۈشمەنلەرنىڭ ئوقىدا يەرگە يىقىلىدۇ.بۇ چاغدا ئىزۋوت كوماندىرى مۇقاش يەنە دەرھال ئادەم سەپلەپ،شىبە جەڭچىلەرگە خەۋەر يەتكۈزمەكچى بولىدۇ،ئەپسۇسكى شىبە جەڭچىلەرئاللىبۇرۇن دۈشمەن قورشاۋىدا قالغان ئىدى.ئاڭغىچە مۇقاش ئىسمائىل چەبدەسلىك بىلەن يىڭى تەدبىر قوللىنىپ،تاشيولنىڭ بىقىنىغا جايلاشقان يەنى،دۈشمەنلەر كىلىۋاتقان تەرەپكە ئۇدۇل سېلىنغان روزى لويىنىڭ دېڭىنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ بىر گىرمانكا پېلىموتنى قۇرۋېلىپ،8 ئۆي تەرەپتىن باستۇرۇپ كېلىۋاتقان دۈشمەنلەرگە تازا كىلشتۈرۈپ ئوت ئاچىدۇ. بۇ چاغدا باتالىيون كوماندىرى ئالىكساندىر ئۈشمەڭكىمۇ(روس) يېتىپ كېلىپ،مىللىي ئارمىيەگە ئوموميۈزلۈك قۇماندانلىق قىلىدۇ.ئۇ پېلىموتچىك مۇقاشقا ئالدىراپ ئوق يەتكۈزۈپ بېرىۋاتقان باتىرانچىك (پېلىمۇتقا ئوق قاچىلىغۇچى)ھاجىبولس نۇرجانغا قاراپ:

- پېلىموتچىك ئورۇننى ياخشى جايدىن تاللاپتۇ، دەرھال ئوقلارنى يۆتكەپ كېلىڭلار–دەيدۇ ھەمدە،شېرىپنى چاقىرىپ :-مۇقاشنىڭ پېلىموتىغا سەن ئوق توشۇپ بەر-دەيدۇ.مۇقاش سۈيدۈڭلۈك بالا بۇلۇپ،ناھايتى ماھىر پېلىموتچىك ئىدى.ئۇلار پېلىمۇت بىلەن ئوت ئاچقاندىن كېيىن،دۈشمەنلەر باش كۆتۈرەلمەي،ئالتە كۆۋرۈك تەرەپكە چېكىندى.(ئالتە كۆۋرۈك 8 ئۆي بىلەن سامساقباينىڭ قۇرىغى ئارلىقىدىكى كونا يول كۆۋرۈكى).ئەمدى شۇنىمۇ ئالاھىدە ئېغىزغا ئېلىپ ئۆتۈشكە بۇلىدۇكى،ئالدىنقى قاراۋۇلدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىگە ئوق تېگىپ قۇربان بولدى. ئەڭ مۇھىم ئابرون قولدىن كېتىش ئالدىدا،شىر يۈرەك قىز رىزىۋان مۇھىيدىن كۆكرەك كېرىپ بىرىپ،ياردار پېلىمۇتچىك ياقۇپنىڭ قۇلىدىكى نېمىس پېلىمۇتىنى يوغان بىر جىگدىنىڭ دالدىسىغا ئاپىرىۋىلىپ،ئەپلىك ئورۇنلىشىۋالغاندىن كېيىن،دۈشمەنگە قارىتىپ يالغۇز ئوت ئاچىدۇ.بۇ جەسۇر قىز تاكى ياردەمچى قۇشۇنلىرىمىز يىتىپ كەلگۈچە بەرداشلىق بېرىپ،ئىستىراتېگىيلىك جەھەتتە مۇھىم بولغان ئورۇننى ساقلاپ قالىدۇ. (رىزىۋان مۇھىيدىن غۇلجا تاقىچىلق مەھەللىسىدىن بۇلۇپ،ئۈرۈمچىدە ئوقۇغان قىز ئىدى، شۇ چاغدىكى ۋاقىتلىق ھۆكىمەت، رىزىۋان مۆھىدىنگە، ئۇرۇشتا كۆرسەتكەن تۆھپىسىگە يارىشا بىرىنچى دەرىجىلىك ئالتۇن ئوردېننى بەرگەن. ئازاتلىقتىن كېيىن رىزىۋان مۇھىيدىن سابىق ئىلى ۋىلايەتلىك خەلق بانكىسغا ئورۇنلاشقان).ئاڭغىچە، خۇيزۇ مىنامىيوتچىلار ئىزۋوتىنىڭ كوماندىرى پوتپىروۋچىك مۇھەممەر (خۇيزۇ)جەڭچىلەرنى باشلاپ،چوڭ تاشيول بۇيىغا يەنى8 ئۆي بىلەن تارقىياغا قاتنايدىغان كونا يولغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. گومىنداڭ ئەسكەرلىرى 2–قېتىم يۇپۇرلۇپ كېلىپ،جەنۇبى ئىگىزلىك داندىغاي قۇملىقىنىڭ(72–ئىگىزلىكنىڭ)بىر قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللىي ئارمىينى قورشىۋالىدۇ.ئەنە ئاشۇنداق ھالقىلىق پەيىتتە تەدبىرلىك رازۋىتچى ئىسلام دۈشمەننىڭ يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوقلىرىغا قارىماي،يۇلغۇنلۇق،قۇمۇشلۇق ئىچىدىن يول تېپىپ مىڭ بىرتەسلىكتە،تارقىياغا سالامەت يېتىپ بېرىپ،دىۋزىئون كوماندىرى مەڭسۇر لومويسۇپقا خەتەرلىك ئەھۋالنى مەلۇم قىلىدۇ.

9–ئاينىڭ 4- كۈنى دۈشمەننىڭ كۈرەشچى ئايرۇپىلانلىرى جىڭ تەرەپتىن يەنە كۆتۈرۈلۈپ كەلدى.مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى ھەم ئايرۇپىلانغا قارىتىپ ئوق ئاتسا،ھەم بارغانسىرى قورشاپ كېلىۋاتقان دۈشمەنلەر بىلەن جان تىكىپ سوقۇشۇپ، ھايات –ماماتلىق ئۇرۇشنى باشلايدۇ. ئەپسۇسكى،دۈشمەننىڭ بۇنداق تۇيۇقسىز ھوجۇمىدىن خەۋەرسىز قالغان 20دەك شىبە جەڭچىلىرىمىز دۈشمەننىڭ قولىغا تىرىك چۈشۈپ كەتتى.تۇلىمۇ ئەپسۇس،بۇ جەڭچىلىرىمىز ئاساسەن 20ياش ئەتىراپىدىكى ياش بالىلار بۇلۇپ،1945–يىلى4–ئاينىڭ8–كۈنى مىللىي ئارمىيە غۇلجىدا قۇرۇلۇپ،پاراتتىن ئۆتكەندە ئارمىيە مارشىغا مۇزىكا چالغان دىخوۋېي ئوركىستىىرىنىىڭ ئاساسلىق مىزگانچىلىرى ئىدى.شۇ چاغ كاپىتان بايىنتۇ دۈشمەننىڭ قولىغا تىرىك چۈشۈپ كەتكەن جەڭچىلەرنى قۇتقۇزىۋىلىش ئۈچۈن دەرھال قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ،دۈشمەن ئىچىگە كىرىپلا كېتىدۇ.ئارقىدىن،خۇيزۇ مۇستەقىل ئاتلىق ئەسكەرلەر دىۋزىئونىنىڭ 1–،2–ئىسكادۇرۇنلىرىمۇ شىبە جەڭچىلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئاتلىنىدۇ.شۇ كۈنى بايىىنتۇ يېتەكچىلىكىدىكى شىۋە جەڭچىلەر دۈشمەننى قوغلاپ كېتىۋاتقاندا جەڭچىلەر بىر ئازگالدا قىلىچ بىلەن چاناپ،پارە –پارە قىلىۋىتىلگەن 20شىبە جەڭچىسىنىڭ جەسىدىنى كۆرۈپ قېلىپ،ناھايىتى ئېچىنىشلىق يىغلاپ،جەسەتلەرنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلاپ قاتتىق قايغۇرىدۇ.كاپىتان چەكسىز غەزەپلەنگەن ھالدا، ئۈنلۈك ۋارقىراپ : دۈشمەن بىلەن ئاخىرقى بىر تامچە قېنىمىز قالغۇچە جەڭ قىلايلى!– دەپ دۈشمەن ئىچىگە ئېتىلىپ كىرىپ،قۇچاقلاشما جەڭنى باشلىۋىتىدۇ.جەڭدە دۈشمەن تەرەپنىڭ ئەسكىرى سانى كۆپ بۇلۇشتەك ئەھۋالنى بايقىغان بايىنتۇ دەرھال تەدبىر قوللىنىپ:-بىز سىلەرگە تەسلىم بولدۇق!،ئوق چىقارماڭلار،بىز قۇرال تاشلايمىز-دەپ ئۈنلۈك ۋاقىرايدۇ.دۈشمەن تەرەپنىڭ بىر پاكار ئوفىتسىرى 200دەك ئەسكىرى بىلەن يېقىنلاپ كەلگەندە،ئارقا سەپتە قۇراللىرىنى يوشۇرۇپ تۇرغان شىبە جەڭچىلەر نىمىس ئاپتۇماتى بىلەن ئوق ياغدۇرۇپ بارلىق دۈشمەننى قىرىپ تاشلايدۇ.بۇنى كۆرۈپ تۇرغان دۈشمەن قۇشۇنلىرى قىساس ئېلىش ئۈچۈن ھۇجۇمنى تېزلىتىپ،غالجىرلارچە "شا-شا!"دەپ ئىلگىرلەپ كېلىدۇ.دەل شۇ چاغدا،غۇلجا پىيادە ئەسكەرلەر زاپاس پولىگىنىڭ1 –باتالىونى پىدايۇپنىڭ قۇماندانلىقىدا ھۇررا-ھۇررا ! دەپ توۋلاپ ياردەمگە كېلىپ قالىدۇ.ئارقىدىنلا تاشيولنىڭ تۈۋەن تەرىپىدىن مەڭسۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى 5–ئاتلىق خۇيزۇ دىۋىزىئونىنىڭ 3–،4–ئىسكادورونى ياردەمگە يېتىپ كېلىدۇ.فىدايوپنىڭ باتاليونى ئاساسلىق كۈچىنى گومىنداڭنىڭ يۈنجىخونى قايتۇرۋالغان قىسمىلىرىغا قارىتىپ ھۇجۇم قىلىپ،بىرىنچى زەمبىرەكچى روتىسىنى دۈشمەننىڭ غەرىبى تەرىپىدىكى پوتەيلىرىنى(زوتلىرىنى) بۇمباردىمان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.ئىككىنچى مىنامىيوتچىلار روتىسىنى يۈنجىخونىڭ شىمال تەرىپىدىن بۇمباردىمان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.مەڭسۇرنىڭ ئىككى ئىسكادورونى تاشيولنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىن ماسلشىپ،قورشاۋغا ئېلىۋاتقان دۈشمەنلەرگە زەربە بېرىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق،دۈشمەننىڭ سول قانات ۋە ئوڭ قانات قۇشۇنلىرىنى بىتچىت قىلىپ، دۈشمەننى8ئۆيگىچە قوغلاپ بارىدۇ. دۈشمەنلەرنىڭ ئۆلگىنى ئۆلۈپ600دىن ئارتۇق دۈشمەن ئەسىرگە چۈشىدۇ. ئاز ساندىكى دۈشمەن جىڭ تەرەپكە قېچىپ قۇتۇلىدۇ.شۇ كۈنى كۆپ مىقداردىكى ئوق–دورا،ئېغىر تىپتىكى6 پىلىمۇت ۋە 600دانە مىلتىق، 120مىللىمىتىرلىق 30دىن ئارتۇق مىناميۇت غەنىمەت ئېلىندى. ئۇرۇشتىن كىيىن جەڭ بولغان ئورۇنلار ئېنىقلىنىپ مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىدىن يۈنجىخودىكى جەڭدە40ئادەم قۇربان بولغانلىقى،8 ئۆيدىكى قۇچاغلاشما جەڭدە شىبە جەڭچىلەردىن 70ئادەم، قۇمۇشبۇلاقتىكى جەڭدە 20 ئادەم قۇربان بولغانلىقى ئېنىقلاندى.يۇقىردا بايان قىلىنغان 40 نەپر چەڭچىنىڭ17سى ھازىرقى يۈنچىخو مەسچىتىنىڭ غەربى تەرىپىگە قۇيىۋىتىلگەن بۇلۇپ (ھازىر بۇ جايغا ئۈستەڭ چۈشتى) قالغان. 23 بالىنىڭ مۇردىسىنى ، جەڭچىلەر بورىغا يۆگەپ ئاپىرىپ 1945– يىلى 9– ئاينىڭ5- كۈنى يۈنجىخو ، بىلەن 8ئۆي ئارلىقىدىكى سۇلتان باينىڭ دېڭىنىڭ يېنىدىكى ئىگىز قۇملۇققا كوللىكتىپ دەپنە قىلىنىدى . ھازىر بۇيەر تۈزلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ دەپنە قىلىنغان ئورنىغا تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە 5تۈپ توغراق ئۈنۈپ چىقىپ،4 مېتىر ئېگىزلىكتە قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.

مەزكۇر ئەسلىمەمنى مۇۋاپىقىيەتلىك يىزىپ رەتلەپ چىقىش ئۈچۈن 1990-يىلىدىن تا ھازىرغىچە ئىزدىنىۋاتىمەن، ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئازاتلىق يولىدىكى قانلىق كۈرەشلىرىنى تىخىمۇ تولۇقلاپ،يىزىپ چىقىش ئۈچۈن دىيارىمىزدىن(بورتالا، جىڭ، ئارىشاڭ) ناھىيىلىرىدىن ئاتلاپ، غۇلجا، چۈچۈك، ئالتاي، قاتارلىق جايلارغا بىرىپ پىشقەدەم جەڭچىلەر ئاغزىدىن خام ماتىرىيال توپلاپ ئەسلىمەمنىڭ داۋامىنى يېزىۋاتىمەن. يازغانلىرىم ئۆزىم توپلىغان ۋەقەلىكنىڭ تېخى ئوندەن بىر قىسمى. سالامەتلىگىم يار بەرسە ئەسلىمەمنىڭ داۋامى بىلەن ئەزىز خەلقىم پات يېقىندا يۈز كۈرۈشكۈسى. ئاخىرىدا دىمەكچى بۇلغىنىم مەن ئازاتلىقتىن كىيىن تۇغۇلغانلىغىم ئۈچۈن ئەسەرنى يېزىپ،توپلاش ۋە رەتلەش جەريانىدا بەزىبىر خاتالىقلاردىن خالى بولالماسلىقىم تەبىئى، شۇڭا كەڭ ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ قىممەتلىك پىكىر بېرىشلىرىنى ۋە تۈزىتىپ ئوقۇشىڭىزلارنى ئۈمۈت قىلىمەن، ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ‹‹تارقىيا ئۇرۇشىنىڭ ھەقىقىي تەپسۇلاتى››نى يېزىپ چىقىش جەريانىدا مېنى قىممەتلىك ئاغزاكى ماتىرىيال بىلەن تەمىنلىگەن ھۈرمەتكە سازاۋەر پىشقەدەم جەڭچى، ۋە ‹‹تارقىيا ئۇرۇشىنىڭ››ھايات شاھىدلىررىنىڭ بىرى شۇنداقلا جامائەت ئەرباپلىرىمىزدىن 92 ياشلىق ،روزى مۇرات ياسىن، يەنى 95 ياشلىق ،مۇھەممەت ئۇلۇق،( قاراجى) 96 ياشلىق ھەسەنبەك روزى،ئەبەيدۇللا ئەيسايۇپ، بارات پالىۋاننىڭ بالىلىرىدىن سەيدۇللا بارات، مەھەممەت بارات،96ياشلىق تولاتبېك قۇتىكەي، (قازاق) تارقىيالىق 92ياشلىق ھۈرمەتلىك ئانىمىز سىكىنىخان ئەمەت، ، قاتارلىق ئۇستاز ۋە ئانىلارغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت ئۆمىرىنىڭ ئۇزۇن بۇلۇشىنى تىلەيمەن.ئىلگىرى تارقىيا، يۈنچىخو،8 ئۆي قاتارلىق جايلاردىكى ئۇرۇشلارغا باشتىن ئاخىر قاتناشقان رەھمەتلىك تاغام نۇراخۇن زەيدىن قىممەتلىك ئۇرۇش ئەسلىمىلىرىنى سۈزلەپ بەرگەندى. ھەم رەھمەتلىك دادام توختى مەرگەنمۇ، تارقىيا ئۇرۇشى توغۇرلۇق نۇرغۇنلىغان ۋەقەلىكنى سۈزلەپ بىرىشتىن سىرىت ‹‹يۈنجىخو ئۇرۇشى››ناملىق قۇل يازمىسىنى ماڭا قالدۇرۇپ ئالەمدىن ئۈتتى. مانا 15 يىلدىن بۇيان بۇ قىممەتلىك1- قۇل يازمىنى ساقلاپ كىلىۋاتىمەن.رەخمەتلىك دادام توختى مەرگەننىڭ ماڭا قالدۇرۇپ كەتكەن ئەشۇ1945-يىللاردىكى ئۇرۇش خاتىرىسىدىن قارىغاندا تارقىيا ئۇرۇشىدا پارتىزانلار گەرچە بىر قىتىملىق ئۇرۇشتا خاتا كىرىپقىلىپ چىقىم تارتىپ چىكىنگەن بۇلسىمۇ كىيىنكى چاغلاردا تارقىيادىكى دۈشمەنلەرنىڭ ئالدىنىپ تارقىياردىن يۈنچىخوغا قىچىپ كىتىشىگە تۈرىتكىلىك`رول`ئوينىغانكەن، چۈنكى1945-يىلى3-ئاينىڭ5-كۈنىدىكى پارتىزانلار تەرىپىدىن ئەلچىلىككە كىرگەن تاچاخۇن ئەمەتنىڭ، تارقىيادا تۇرىۋاتقان خۇ سىجاڭغا، ئەكىرگەن خىتىگە دەسلەپتە جاھىل دۈشمەنلەر ئىشەنمىگەن بۇلسىمۇ1945-يىلى4-ئاينىڭ12-كۈنى كىچىدە مىللى ئارمىيە چەڭچىلىرى بىر ماشىنىنىڭ چىرىغىنى100ماشىنا كۆرسىتىش ھىلىسىگە ئىشىنىپ تاچاخۇننىڭ لوموزىلار(روسلارنى دىمەكچى)كەلدى دىگىنى راس ئىكەن دەپ يۈنچىخوغا قاچقانلىغى كىيىنكى چاغلاردا ئەمىلىيەت ئارقىلىق ئىسپاتلانغان پۇلاتتەك پاكىت ئىدى. تارقىيا ئۇرۇشىغا باشتىن-ئاخىرغىچە قاتناشقان روزى مىراپ، ئاكا ئەشۇ يىللاردىكى ئۈزىنىڭ بىشىدىن ئۈتكەن خەتەرلىك كۈچىرمىشلىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ:

يېقىنقى زامان تارقىيا ئۇرۇشى بۇلغىنىغا بۇيىل توپتوغرا 67 يىل بۇلدى.بۇيىل92ياشقا كىرگەن بۇلساممۇ تارقىيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان شاھىتلارنىڭ بىرى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن شۇ قېتىمقى ئۇرۇشنىڭ تەپسۇلاتىنى خۇددى ھازىر كۆرگەندەك ئېنىق بىلىمەن. بەزىلەر 1945-يىللاردىكى تارقىيا، ئۇرۇشىنى يازدى. بۇ ياخشى ئەھۋال، بىراق سادىغاڭ كىتەي،قىرىنداشلىرىم ئۈزىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ سەركەردىسى دىۋالغان بىر ياش يازغۇچى ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىغا تايىنىپ مەن ئىنىق بىلىدىغان بىر ۋەقەنى قەستەن بۇرمىلاپ خاتا يېزىپ ھازىرقى زامان نەشىرىياتچىلىقىمىزدا تەپ تارىتماستىن نەشىرىياتتا ئېلان قىلدۇردى. ئۆتكەن يىلى مەن، بورتالادىكى بەزى يازغۇچىلارغىمۇ بۇ ئەھۋالنى ئېنىق چۈشەندۈرگەن ئىدىم.ئۆزىنى ئاتاقلىق يازغۇچى دەپ ئاتىۋالغان ئۇ مەۋھۈم يازغۇچى، 67يىلدىن بۇيان ھىچقايسىمىزنىڭ چۈشىگىمۇ كىرىپ باقمىغان بىر ساختا ۋەقەنى خىيالەن ئۆزى توقۇپ چىقىپ، 1945-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى پولكوۋنىك لىسكىننىڭ(روس)بارات پالۋانغا،قارىتىپ ئېيتقان يەنى يۇقۇرىدا بايان قىلپ ئۆتكەن لىسكىننىڭ، چاقچىقىنى،پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ ھەم لىسكىننىڭ، نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ مۇنداق يازغان :

پولكوۋنىك لىسكىن، داخىيەنزىگە كېلىپ بارات پالۋاننى، مەدھىيلەپ بارات ئاكا«سىلەر تارقىيا سوقۇشىدا يۈزگە يېقىن دۈشمەننى يوقىتىپ يەنە دۈشمەندىن قىساس ئالىمىز دەپ ئۇلارنى قۇغلاپ ئالغا قاراپ ماڭدىڭلار» ۋاھاكازالار دەپ بىلجىرلاپ يېزىپتۇ، ئەمەلىيەتتە بىز شۇقىتىمقى ‹‹تارقىيا ئۇرۇشىغا›› پۈتۈنلەي تەييارلىقسىز ھەم پىلانسىز كىرگەنلىگىمىز ئۈچۈن، يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ئىنتايىن پاجىئەلىك ئاقىۋەت بىلەن تالاپەتكە ئۇچىراپ بىھۇدە قان تۈكۈپ ئاران 20ئادەم چىكىنىپ چىققان ئىدۇق. تۈۋەندە مەن ئەينى يىللاردىكى رەھبەرلىكنىڭ كالتە پەملىك خاتالىقلىرىنى مۇنداق 3-باسقۇچ بۇيىچە شەرھىلەپ ئۆتىمەن. 1945-يىلى3-ئاينىڭ17-كۈنىدىكى‹‹تارقىيا ئۇرۇشى›› نىڭ پاجىئەلىك مەغلۇپ بۇلۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرى تۈۋەندىكىچە : 1945-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى پاجىئەلىك تارقىيا ئۇرۇشى- بىرىنچىدىن، شۇ چاغدىكى رەھبەرنىڭ تۆھپە قوغلىشىپ، يۇقىرىنىڭ رۇخسىتىنى ياكى مەسلىھەتىنى ئالماي تۇرۇپلا باشباشتاغلىق قىلىپ، كۈچ سېلىشتۇرما جەھەتتە پەرق ئىنتايىن زور بولغان كۈچلۈك دۈشمەنگە قاراملىق بىلەن، ھۇجۇم قىلىپ كىرىشتىن بولغان. ئىككىنچىدىن، بورتالا، جىڭ، داخىيەنزى قاتارلىق جايلاردىن تەركىب تاپقان پارتىزان ئەترىتىنىڭ باشلىقى بارات پالۋان ۋە يېڭىدىنلا پىدائىي بولۇپ كىرگەن پارتىزان ياشلارنىڭ ئىلگىرى ھېچقانداق جايدا ئەتراپلىق ھەربىي تەلىم تەربىيىگە قاتناشمىغانلىقى ۋە ئىلگىرى ھېچقانداق بىر خەتەرلىك مۇنتىزىم ئۇرۇشقا قاتناشمىغانلىقىدىن ھەم ئۇرۇش قىلىش تەجرىبىسىنىڭ يوقلىقىدىن بولغان. ئۈچىنچىدىن، زامانىۋى قوراللار بىلەن قاتمۇ-قات مۇداپىئەدە تۇرۇۋاتقان 2000دىن ئارتۇق مۇنتىزىملاشقان ئەسكىرىي كۈچى بار ۋە جىڭ تەرەپتىن ھەر كۈنى ياردەمگە كېلىپ ھاۋادىن بومباردىمان قىلىدىغان ئايرىپىلانى بار كۈچلۈك دۈشمەنگە، بارى يوق 15دانە مىلتىق، ئىشلەتكىلى بۇلىدىغان 7 گىرمانكا مىلتىق، ئوقى يوق 8دانە بەردەڭكە مىلتىق،يەنە بىر ئوقى يوق قۇل پىلىموتى بىلەن 41 دېھقان بالىلىرىنىڭ قولىغا ئارا، كالتەك، توقماق، تۇتقۇزۇپ ئۇرۇشقا كىرگۈزگەنلىكىدەك (ئاتىلىشتىلا پارتىزان) ئەمەلىيەتتە يولدىن قوشۇلغىلى 15-20 كۈن بولغان قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقى يوق دېھقان بالىلىرىنىڭ، جېنىنى دوغا تىكىپ ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىش پۈتۈنلەي ئۇرۇش قىلىش دەستۇرىغا چۈشمەيدىغان، ھەتتا پارتىزانلىق ئۇرۇشىغىمۇ ئەسلا توغرا كەلمەيدىغان قالاق ئۇرۇش ئىدى، خالاس. ئەمدى قاتمۇ-قات پوتەيلىرى بار دۈشمەن قورشاۋىغا چۈشۈپ قېلىپ، ئىلگىرى-ئاخىرى 42پارتىزاننىڭ قۇربان بۇلىشىغا بىھۇدە سەۋەپچى بۇلۇپ ، 5 پارتىزاننى ئېغىر دەرىجىدە يارىدار قىلىش بەدىلىگە دۈشمەننىڭ ئوقى مۆلدۈردەك چۈشۈۋاتقان قورشاۋىدىن 20 پارتىزاننىڭ ھايات چىقىپ كېتىشىنىڭ ئۆزىنى بىر مۆجىزە دىيىشكە بولىدۇ خالاس. ئەمما تارىخ ئالدىدا يالغانچىلارنى دوراپ ھەرگىزمۇ غەلىبە قىلدۇق دېيەلمەيمىز دەپ ھەقىقىي ئەھۋالنى بايان قىلغان ئىدى؛ ئاخىرىدا دېمەكچى بولغىنىم، 1945-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى تارقىيا ئۇرۇشى ھەرگىزمۇ غەلىبە قازانغان ئۇرۇش ئەمەس. ھەقىقىي گەپنى قىلسام، 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى غۇلجىدىن ئۇتەيگە ماشىنىلىق كەلگەن مىللىي ئارمىيە قوماندانلىرىنىڭ كېچىدە بىر ماشىنىنىڭ چىرىقىنى 100 ماشىنا كۆرسىتىپ، بىر پاي ئوق چىقارمايلا تارقىيانى ئازاد قىلغانلىقىدەك پەم-پاراسىتىنى ھەقىقىي غەلىبە دېيىشكە تامامەن ھەقلىقمەن. گومىنداڭ دائىرلىرى شۇ كۈنى كېچىدە سوۋىت ئارمىيىسىنىڭ برونىۋىك قىسمى ئوغرىلارغا(گومىنداڭ ھۈكۈمىتى شۇچاغلاردا مىللىي ئارمىيىنى كەمسىتىپ ئوغرىلار دەپ ئاتايتى) ياردەمگە كەپتۇ دەپ چۈشىنىپ، 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى تۈن يېرىمىدا داخىيەنزىدىن 2000دىن ئارتۇق ئارمىيىسى بىلەن جىڭ تەرەپكە قاچقان ئىكەن.

مەزكۇر ئەسلىمىنى رۇياپقا چىقىرىش ئۈچۈن 22 يىل ئىزدىنىپ ئاخىرى تارقىيا ئۇرۇشىنىڭ ھەقىقىي تەپسۇلاتى›› نى 2011-يىلى4-ئاينىڭ13-كۈنى يىزىپ تاماملاپ نەشىرىياتقا سۇنغان بولساممۇ ئەپسۇسكى ئەسىرىم مەلۇم تەشىرىياتتا يۇقۇلۇپ كىتىپ، بۇ نۆۋەت يەنە 2-قىتىم قايتىدىن يېزىپ چىقتىم.

بۇ قىتىم ئەسلىمەمدىكى بايان قىلىنغان پاجىئەلىك‹‹ تارقىيا ئۇرۇشى›› غا باشتىن-ئاخىر قاتناشقان پىشقەدەم جەڭچى شۇنداقلا ھۆرمەتكە سازاۋەر جامائەت ئەرباپلىرىمىزدىن نۇراخۇن زەيدىن، روزى مىراپ ياسىن قاتارلىق تاغىلارنىڭ ئۇرۇش يىللىرىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىق تۈھپىسىنىى تىخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئالاھىدە ئىزدىنىپ يازدىم. يەنى ئەينى يىللاردا تارقىيا ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان تاجاخۇن ئەمەت، ھۇشۇر جۇگازچى، مەھەممەت مىلىجىن، تۇرسۇن ساتىراچ، مەھممەت كەنچەندى،قاتارلىق ئىنقىلاۋىي قۇربانلارنىڭ ئۇلۇق ۋەتىنىمىز جۇڭخۇاخەلىق جۇمھۇرىيىتىگە قوشقان ئۆچمەس تۆھپىسنى تىخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا يىزىپ چىقىشقا تىرىشىتىم .

بارات پالىۋان،1950–يىلىدىن1958–يىلىغىچە جىڭ ناھىيىسىنىڭ مەركىزىدە بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ رايۇن باشلىقى بولغان. 1959–يىلى رەھبەرلىكتىن قالدۇرۇپ جىڭ ناھىيىسىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان يىزائىگىلىك دىخانچلىق سەكرەش مەيدانىغا ئادەتتىكى كادىر قىلىپ چۈشۈرېۋىتىلگەن.1962-يىلى ئەتىيازدا خىزمەتتىن بۇشۇتۇلغاندىن كىيىن بالا–چاقىلىرىنى ئېلىپ سۈيدۈڭ ناھىيسىدىكى تۇققانلىرىنىڭ يېنىغا پانا ئىزدەپ بارغاندا، 30 –ماي ۋەقەسىگە دۈچ كېلىپ قېلىپ مىراسخۇر تۇققانلىرى تەرىپىدىن، بارات پالۋانغا تۆھمەت چاپلاپ،بىزنى سوۋىتكە قېچىشقا قۇتۇراتتى دەپ ناھىيلىك ساقچى ئىدارسىغا چېقىپ قولغا ئالدۇرۋىتىدۇ. 6 ئاي تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن 1962 -يىلى 12 -ئايدا بارات پالىۋاننى تۈرمىدىن چىقىرىپ سۈيدۈڭ ناھىيە ئۆكتەبىر يىزا پارلاق كەنت 3–گۇرپىغا 8يىللىق رېجىم ئاستىغا چۈشۈرىۋىتىدۇ. بارات پالۋان، رېجىم ئاستىىغا چۈشۈپ 11 ئايدىن كېيىن يەنى 1963-يىلى11-ئاينىڭ14 –كۈنى كەنت كادىرلىرى بارات پالۋاننىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇپ، ‹ بۇزۇق ئۇنسۇرنىڭ چاپىنىدىن رۇسچە خىتى بار ئوردېن چىقتى ›دەپ(ئۈچ ۋىلايەت ھۈكىمىتى بەرگەن باھادىرلىق ئوردېننى دېمەكچى)ئۆيىدىكى بارلىق مال-مۈلىكىنى ھەتتا يوتقان-كۈرپە،كىيىم-كېچەكلىرىدىن تارتىپ مۇسادىرە قىلىپ ئەپچىقىپ كېتىدۇ.بارات پالۋاننىڭ ئېغىر-ئاياق ئايالى مەرەمساخان،شۇكۈنى قۇرقۇپ كەتكەنلىكتىن ،36يىشىدا ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئۇزۇن يىللىق سىياسىي كۈرەش ۋە نازارەت ئاستىدىكى بارات پالىۋان، 13يىل كۈنىگە ئون نەچچە سائەتلەپ جىسمانى ئەمگەككە سېلىنغانلىق تۈپەيلىدىن1975-يىلى7-ئايدا ئېتىزدا يىقىلغان پىتى ئورنىدىن تۇرالماي ئاغىرىپ يىتىپ قىلىپ،1976–يىلى 5ئاينىڭ26–كۈنى سابىق ئۆكتەبىر گۇڭشى پارلاق كەنىتىنىڭ3 –گۇرۇپىسىدىكى ئاددىغىنە سوقمىتام ئۆيىدە 68 يىشىدا مەڭگۈلۈك كۆز يۇمۇپ ئالەمدىن ئۆتتى.بارات پالىۋان،ئالەمدىن ئۆتۈپ 4 يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ خاتا جازالانغانلىقى ئېنىقلىنىپ نام-شەرىپى ئەسلىگە كەلگەنلىگى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرىلدى.

نۇراخۇن زەيدىن(ئىمام): ( نۇراخۇن مەرگەننىڭ دادىسى زەيدىن موللام، شۇ چاغلاردا بۆرتالا لاڭتەي كەنىتىنىڭ ئىمامى ئىدى) 1945-7-ئاينىڭ28 –كۈنى كەڭ سەي3 – ئاتلىق پولىگى غۇلجىدىن بۆرتالاغا يىتىپ كەلگەندە پولىك كاماندىرى لىسكىن، نۇراخۇن زەيدىننىڭ ئاىلە قىيىنچىلىقىنى كۈزدە تۇتۇپ ئۇنى ئائىلىسىگە قايتىشىغا رۇخسەت قىلغان ئىدى. ئۇ ئازاتلىقتىن كېيىن بۆرتالا غالىبىيەت گۇڭشى غالىبىيەت كەنىتىنىڭ(ھازىرقى ئويتاغ كەنىتى) پارتىيە ياچىكا سىكىرتارى بۇلۇپ ئۇزۇن يىل ئىشلەپ، 1958 –يىلى 6- ئايدا مەملىكەت بويىچە ‹‹ئەمگەك نەمۇنچىسى›› دىگەن نام بىلەن، پايتەختىمىز بېيجىڭغا قۇربان تۇلۇم بىلەن بېرىپ دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ مەيدىسىگە ئالتۇن ئوردېن تاقاپ كېلىپ،1975-يىلى دەم ئىلىشقا چىقىپ 1991–يىلى9–ئاينىڭ2-كۈنى بۆرتالا شەھىرى لەڭتەي كەنىتىدە 89 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

توختى مەرگەن : 1916 -يىلى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاتۇش شەھىرى كاتتايلاق يېزا لەڭگەر كەنتىدىكى موللاياسىن داۋۇت،(كارناي) ئىسىملىك دىننىزات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ، ئۇ كىچىگىدىن تارتىپلا،ئوۋ ئوۋلاشقا قىزىقىدىغان بالا بۇلۇپ دائىم دادىسى بىلەن ئوۋ –ئوۋلاشقا بىللە چىقاتتى. كىيىنچە دادىسى ئۇنى ئەقىللىق بالا بۇلدۇڭ دەپ ئۇنى ئوقى دەپ ئۆز يىزىسىدىكى بىر دىننىي مەكتەپكە ئوقۇشقا بەرگەن ئىدى ئۇ دىننىي مەكتەپتە ئىككى يىل ئوقۇغاندىن كىيىن 1934-يىلى9 –ئايدا ئاتاغلىق مائارىپچى،شائىر،كومپازىتور، مەمتىلى ئەپەندى (تەۋپىق)تەسىس قىلىپ ئاچقان يىڭىچە پەننىي مەكتىپىدە يەنە ئىككى يىل ئوقۇپ، كېيىن تاغىسى رېھىم پاۋانگە (جەنۇبىي شىنجاڭدا مەرگەننى پاۋان دەپ ئاتايدۇ ) ئەگىشىپ چاقماغلىق قارا مىلتىق بىلەن ئوۋ ئوۋلاشنى ئۆگەنگەن. ئۇ ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن چىغىدىلا يۇرت ئىچىدە نامى چىقىپ توختى پاۋان دەپ ئاتالغان،1936-يىلى ئۇ ئاتۇشلۇق سودىگەرلەرنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن مۇز داۋان ئارقىلىق ئىلىغا ئۆتۈپ مۇڭغۇلكۈرە، تېكەس، يۇلتۇز، كۈنەس، نارات، غۇلجا، بايانداي، قاتارلىق جايلاردا شەمشىدىن شاڭزۇڭ، سەلىياخۇن، تۇداخۇن، رازاجىم قاتارلىق بايلارنىڭ ئۆيىدە يىللىقچى ۋە ھارۋىكەش بولۇپ ئىشلەپ .1943-يىلىدىن1944-يىلىغىچە جىڭ ناھىيىسىدە ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ1944-يىلى10 -ئايدا گومىنداڭغا قارشى يەر ئاستى پارتىزانلىق تەشكىلاتى قۇرغان ۋە جىڭ،ناھىيىسىدىكى قوشئەمچەك، كۆكۆرچىن، قۇمتاغ،(ساسەنزى) ئاچال، ئۇلاستاي،يۈنچىخۇ، قاتارلىق جايلاردىكى پارتىزانلىق ئۇرۇشلارغا قوماندانلىق قىلپ. 1945-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىگە قوشۇلۇپ شىمالىي يۆنىلىش تەركىبىدە ئالتاي، چۆچەك، قۇۋۇق،قاتارلىق ئۇرۇشىغا باشتىن ئاخىر قاتنىشىپ ئىزۋۇت،ۋە رۇتا،كاماندىرلىق ۋەزىپىسىنى قەھىرمانلارچە ئورۇنداپ؛«باھادىرلىق» «پىدائىيلىق» «ئازاتلىق»، «ساداقەتلىك» ئوردېنلار بىلەن مۇكاپاتلانغان. ۋە« توختى مەرگەن» دېگەن نام بىلەن پۈتۈن مىللىي ئارمىيىگە تونۇلغان ئىدى.

ئۇ 1949-يىلى12-ئايدا «توختى مەرگەن»دىگەن نامى بىلەن ھەربى سەپتىن بۇشۇنۇپ جىڭ ناھىيىسىگە قايتىپ كېلىپ8ئۆي كەنىتىگە كەنىت باشلىقى بۇلغان،سەككىز ئايدىن كېيىن كەنىت باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، 1956-يىلىغىچە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ. 1957-يىلى جىڭ ناھىيىلىك قىزىل بايراق رېمۇنىت زاۋۇتىغا ئىشچى بۇلۇپ كىرىپ، 1966-يىلىغىچە جاپالىق ئىشلەپ شۇيىلى9-ئايدا ھىچبىر سەۋەپسىزلا ئىشتىن بۇشىتىۋەتتى.ئۇ4يىل،ئىش-ئورۇنسىز قىلىپ، 1970-يىلى3-ئايدا مىڭبىر تەسلىكتە سابىق ماڭدام بۇلاق يىزا خاڭگۇڭ كەنىتىگە ئورۇنلىشىپ تۆمۈرچىلىق ۋە دىھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنپ - .1980.-يىلىدىن كىيىن خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىش تۇغرىلىق يۇقىرىغا قايتا-قايتىلاپ ئەرىز سۇنغان بۇلسىمۇ سۇنغان ئەرزىسى ھەل بۇلماي ئاخىرى 1997-يىلى1-ئاينىڭ6-كۈنى تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بىلەن بۇ رەھىمسىز پانى ئالەمدىن- باقى ئالەمگە مۈڭگۈلىك سەپەر قىلىپ ۋە مەڭگۈلىك كۈز يۇمۇپ..يۇرىت ئىچىدە«توختى مەرگەن»دىگەن شەرەپلىك نامىنى خەلقىمىزگە،چۈملىدىن بىزگە قالدۇرۇپ 81يېشىد ئالەمدىن ئۆتتى.

ئىبراھىمجان ئەپەندى ــــ 1931-يىلى سوۋىت ئىتىپاقىدىن جىڭ ناھىيىسىگە كۈچىپ كەلگەن ئالىمجان ئىسىملىك ئادەمنىڭ ئوغلى بۇلۇپ1937- يىلىدىن 1944-يىلىغىچە جىڭ ئالتە ئۇيغۇر مەكتىۋىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1944-يىلى 10-ئايدا جىڭ ناھىيىلىك قازاق ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى كەرىم توختار،قۇنانباي،دۈنەنباي،قاتارلىق زىيالىلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ يۇشۇرۇن ھالدا ئىنقىلاۋىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان،ئىلغار پىكىرلىك زىيالى ئىدى شۇ يىلى10- ئاينىڭ17-كۈنى جىڭ ناھىيىلىك ساخچى ئىدارىسى تەرىپىدىن قۇلغا ئالغان چاغدا. جىڭدىكى يۇرىت-جامائەت ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار جىڭ ناھىيىلىك ساخچى ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا توپلىشىپ بىرىپ ساخچى ئەمەلدارلىرىدىن ئىبراھىمجان ئەپەندىنى كىپىللىككە سۇرىۋىلىپ تۈرمىدىن ئەچىقىۋالغان ئىدى. ئىبراھىمجان ئەپەندى، كىيىنكى چاغلاردا غۇلجا پىيادىلەر3- پولىگىنىڭ پولكاۋنىگى بۇلغان ئىدى.

رىزىۋان مۆيدىن ھاپىز، 1925-يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ تاقىچى مەھەلىسىدىكى مۆھىدىن ھاپىز ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1944-يىلى11-ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىغا پىدايى بۇلۇپ قاتنىشىپ سانتاركىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.1945-يىلى8-ئايدا جىڭ ناھىيىسىنىڭ قۇمۇش بۇلاق،دىگەن يىرىدىكى جەڭدە خىزمەت كۈرسىتىپ،ۋاقىتلىق ھۆكىمەتنىڭ ،1-دەرىجىلىك ئالتۇن ئوردىنىغا ئىرىشكەن.ئازاتلىقتىن كىيىن ئىلى ئوبلاستلىق خەلىق بانكىسىدا ئىشلىگەن. 1962-يىلى5-ئاينىڭ20-كۈنى قانۇنلۇق ھالدا سوۋىت ئىتىپاقىگە ئۆتۈپ كەتكەن،1996-يىلى قازاق ئىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە 71يىشىدا ئالەمدىن ئەتتى.

زوت– تەبىئيى دۆڭگە ئوخشىتىلغان يۇشۇرۇن پوتەي.

تايەم–18ياش، ئاتۇش بۇيامەتلىك يىتىمچى بالا ئىدى،يۈنچىخو ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان.

ئابدۇللام–18ياش،غۇلجا ئايدۆڭدىن، يۈنچىخو ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان.

كامىل بارات–20ياش،غۇلجا جىگدىلىك مەھەللىسىدىن، يۈنچىخو ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان.

ئىسراپىل–19ياش،غۇلجا تار مەھەللىسىدىن،يۈنچىخو ئۇرۇشىدا داخېيەنزىگە مۇھىم خەۋەر ئېلىپ كېتىۋىتىپ قۇربان بولغان.

ئىبلا(خۇيزۇ)–21ياش، يۈنجىخو ئۇرۇشىدا باش شىتاپقا خەۋەر يەتكۈزۈش ئۈچۈن كېتىۋاتقاندا قۇربان بولغان.

ئابدۈشكۈر ئابدۇللا–20ياش، قەشقەر پەيزىۋاتتىن، يۈنچىخو ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان.

قۇربانجان–19ياش،سۈيدۈڭلۈك، يۈنچىخو ئۇرۇشىدا قۇربان بۇلغان.

ئۇخامىڭ– شىبە،88 ياش، 8 ئۆيدىكى قۇچاقلاشما جەڭگە قاتناشقان، تارىخى ۋەقەلىكنىڭ بىردىنبىر شاھىدى بۇلۇپ،ھازىر

ھايات،ئۈرۈمچى ھەربىي رايۇن 4–تارماق ھەربىي ئائىلە تاۋاباتلار ئولتۇراق رايۇنىدا ئولتۇرىدۇ.

1945–يىلى9–ئاينىڭ1-كۈنى گومىداڭنىڭ يۈنچىخودا تۇرۇشلۇق بىر باتالىيون ئەسكىرى مىللىي ئارمىيە تەرىپىدىن يېڭىلىپ، 8 ئۆيگە قاچقان بولسىمۇ،9–ئاينىڭ4-كۈنى ئومومىيۈزلۈك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ يۈنجىخونى يەنە قايتۇرۇۋالغان ئىدى، شۇكۈنى يەنە قەھىرمان مىللىي ئارمىيە تەرىپىدىن يېڭىلىپ 8ئۆيگە يەنە قېچىپ كېتىدۇ.

سۇلتان باي–1945–يىلدىن بۇرۇن يۈنچىخو كەنتىدە دەڭ ئاچاتتى.غۇلجىدىن ئۇن ئەكەلگەن ھارۋىكەش تارانچىلار مۇشۇ دەڭگە چۈشۈپ ئۆتەتتى.

1945–يىلى9–ئايدا جىڭ ناھىيسى 8 ئۆيدە قۇربان بولغان 90شىبە جەڭچىنىڭ جەسىدى يەرلىكىدىن ئېچىپ ئېلىنىپ غۇلجىغا ئېلىپ كېتىلدى.

مەزكۇر ئەسلىمىنى دەلىل-ئىسپاتى بىلەن يېزىپ چىقىشىمغا رەھمەتلىك دادام توختى ياسىن (مەرگەن) 1970-يىللاردىن باشلاپ نۇرغۇن خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن بولسىمۇ، دەلىل-ئىسپاتنى يەنىلا تولۇقلاش ئۈچۈن ئىزچىل 22 يىل ئىزدەندىم. بولۇپمۇ 1990-يىلى 8-ئايدا جىڭ ناھىيىسىنىڭ تولى ①تارقىيا رايونىغا بېرىپ ئون نەچچە كۈن ئىزدىنشىش ئارقىلىق، 1945-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى پاجىئەلىك تارقىيا ئۇرۇشىدا ھايات قالغان يۇقۇردىكى ۋەقەلەرنى تولۇق بىلىدىغان شاھىدلار بىلەن كۆرۈشۈشىكە مۇۋەپپىقەت بولدۇم.ئۇلارنىڭ ئىسمى تۈۋەندىكىچە قاراجى مۇھەممەت، ئابدۇرېھىم (ئىسكىلاتچى)، ئىمىن سادىق، توختى كەكە، نۇراخۇن موزدوز، مۇھەممەت مۇتەك، بالاھاجى قاسىم، مۆمۈن (چاڭجاڭ)بۇ ۋەقەنى يۈنجىخو ئۇرۇشىغا قاتناشقان رەھمەتلىك دادام توختى مەرگەننىڭ ئەينى يىللاردا يېزىپ قالدۇرۇپ كەتكەن ‹‹يۈنچىخو ئۇرۇشى››ناملىق قۇل يازمىسىدىن پايدىلىنىپ يازدىم .

ئەسكەرتىش: يەرجاي ناملىرىنى شۇ چاغدىكى ئاتالغۇلار بۇيىچە ئالدىم، ئۆزگەرتىشكە بۇلمايدۇ . ① داخېيەنزىنىڭ قەدىمقى ئاتىلىشى ، قەدىمكى تۈركى تىل بولۇپ ، « مول ، باياشات» دىگەن مەنىدە . (شىنجاڭغا ساياھەت خاتىرسى ، 84- بەت ، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى ، 165- بەتكە قارالسۇن .) 1945-يىللىرى يەرلىك كىشىلەر داخىيەنزىنى (تارقىيا) دەپمۇ ئاتايتى.

پايدىلانغان كىتابلار :

2009- يىلى 9- ئايدا شىنجاڭ گۈزەل – سەنئەت نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان « شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ھەقىقىي ئىشلار خاتىرىسى» ناملىق كىتاپنىڭ 240-بىتىنىڭ260-بىتىگىچە يىل –ئاي كۈن،سان-سىپىرلىرىدىن يەنى1995-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ خەلىق نەشىرىياتى نەشىر قىلغان ،«شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى»ناملىق كىتاپتىن. 2000 –يىلى 11 –ئايدا شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى تەرىپىدىن ئىلان قىلدۇرغان ئەخمەت تۇردىيۇپنىڭ «جەڭگاھ خاتىرىلىرى»ناملىق كىتاۋىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىدىن،- 1993-يىلى3-ئايدا بورتالا مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاسىتلىق كومىتىتى تارىخ ماتىرىياللىرى تەتقىقات ھەيئىتى «بۈرىتالا تارىخ ماتىرىياللىرى»نىڭ 2-سانى11-بىتىدە «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئارشاڭدىكى يالقۇنى»ناملىق ئەسلىمىسىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىلىرىدىن پايدىلاندىم.

جىڭ ناھىيىلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى : نۇرمۇھەممەت توختى (مەرگەن) يانفۇن نومۇرى: 15209095427 ........................... تىلىفۇن 5331954


Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-5-1 22:44:31

بۇ ئەسەرنى نەشرىياتقا تاپشۇرۇش ئۈچۈن خېلى كۈچىمىسە بولمىغۇدەك،ئىملا خاتالىغى بەك جىق،كۆپ جايلاردا جۈملىلەر باغلاشمىغان .

لېكىن مۇھىم تارىخى ۋەقە ئىكەن،ئاپتورنىڭ ئەجرىگە رەھمەت !

......................

ياقۇپنىڭ، قۇلىدىكى نېمىس فېلىمۇتىنى يوغان بىر جىگدىنىڭ دالدىسىغا ئاپىرىۋىلىپ،ئەپلىك ئورۇنلىشىۋالغاندىن كېيىن،دۈشمەنگە قارىتىپ يالغۇز ئوت ئاچىدۇ.

ئىككىنچى  دۇنيا  ئۇرۇشى  مەزگىلىدىكى گېرمانىيەنىڭ  ئوت كۈچى  ئەڭ زور،ئەڭ نوچى  پىلىموتى   MG42


\"\"


lion17 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 05:51:01

تارىخ- تارىخ \"\"

Deqyanus يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 07:42:22

ساقلاپ قويۇشقا تىگىشلىك ماقالە.

lenovo1 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 08:02:36

رەھمەت سىزگە. ھېچ بولمىغاندا    تارقىيا (داخىيەنزى) دېگەننى بىلىۋالدىم.

zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 09:39:46

ئۇرۇش كىشىلەرنى قۇرقۇمسىز ،رەھىمسىز قىلۋىتىدىغان ئۇخشايدۇ ............  {:106:}

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 09:50:28

ئۇيغۇر جەمىيىتى نىمە ئۈچۈن ئابدۇكىرىم ئابباسۇفنى ئەڭ ئەسكى مۇناپىقتىنمۇ يامان كۆرىدىغانلىغىنى چۈشەنمەي قالىمەن . مۇشۇ ھەقتە گەپ قىلىپ بەرسەڭلار يىنى يىتىپ ئوقۇپ بىر چۈشىنىۋالسام بۇلاتتى .

zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 09:56:10

6- قەۋەتتىكى ozhalنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇيغۇر جەمىيىتى نىمە ئۈچۈن ئابدۇكىرىم ئابباسۇفنى ئەڭ ئەسكى مۇناپىقتىنمۇ يامان كۆرىدىغانلىغىنى چۈشەنمەي قالىمەن . مۇشۇ ھەقتە گەپ قىلىپ بەرسەڭلار يىنى يىتىپ ئوقۇپ بىر چۈشىنىۋالسام بۇلاتتى .


---دۇتتارنى چىلىشتىن  تارىنى تەڭەشيىدىغاننى نىمە دەيىتتى؟؟


ساز قىلۋالاي دەمتى ،،ھەجەپ ئىسىمگە كەلمىدا،،،\"\"

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 10:10:04

تېمىغا ئەلا كەتتى .......

ئالدىرماي بىر ئوقاي بۇنى.........

puresherrif يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 11:15:45

تېمىنى يازغۇچىغا رەھمەت، بۇ يەرگە يوللىغان RGB ئاغىنەمگىمۇ رەھمەت.



18ياش، 19 ياش، 20 ياش....قۇربانلارنىڭ گۈلدەك چاغلىرى ئىكەندۇق، نېمە دەيمىز؟ ئېسىت...

RGB يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 12:43:07

ئەسەرنى ئوقۇغىنىمدا خۇددى ئۆزۈمنى ئاشۇ جەڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئاشۇ ئەزىمەتلىرىمىز بىلەن بىللە جەڭ قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ كەتتىم ، شۇنچە مۈشكۈل كۈنلەردە ، دۈشمەنگە تىز پۈكمەي ، مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ قېرىنداشلىرىنىڭ ئازاتلىقى ، ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئىسسىق قېنىنى كەڭرى زىمىنغا ئاققۇزغان ئاشۇ قەھرىمانلارغا چوڭقۇر ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن ، ئۇلارنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي ..

ئەسلى ئاپتۇر جىڭ ناھىيلىك 4–ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ گۈزەل–سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى ، يەنى مېنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچۇم ئىدى ، ھازىر پىنسىيەگە چىقتى ، دادام رەھمەتلىكنىڭ يېقىن ئاغىنىسى ئىدى ، فوتوگرافلىق ۋە گۈزەل - سەنئەتكە ئۆزىنىڭ ھاياتىنى بېغىشلىغان ، ئۆزىنىڭ مۇشۇ يولدىكى ئىزدىنىشى تۈپەيلى ھازىرغىچە توي قىلمىدى (شەخسىي تۇرمۇشى بولسىمۇ ، ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك دەپ ئويلىدىم) ، ئاپتورنىڭ سىزغان رەسىمى «ماناس دەرياسىدىن قايتىش» دىگەن كىتابنىڭ مۇقاۋىسىغا چىقىرىلغان ، ئۇنىڭ يەنە « فرونتتىن يانغاندا » ناملىق بىر گۈزەل -سەنئەت ئەسىرى مۇكاپاتلانغان . ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا ئائىت ماترىيال توپلاش ئۈچۈن غۇلجا تەۋەسىدە بارمىغان جايلىرى قالمىغان ، ئۇشبۇ ئەسەر ئەينى چاغدىكى شۇ جەڭگە قاتناشقان ئادەملەرنىڭ ھەقىقىي كەچۈرمىشى ئاساسىدا يېزىلغان ، بۇنى ئاپتورنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىدىن بىلىۋېلىشقا بولىدۇ : ئاپتور سۆزى

مەزكۇر ئەسلىمىنى دەلىل-ئىسپاتى بىلەن يېزىپ چىقىشىمغا رەھمەتلىك دادام توختى ياسىن (مەرگەن) 1970-يىللاردىن باشلاپ نۇرغۇن خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن بولسىمۇ، دەلىل-ئىسپاتنى يەنىلا تولۇقلاشقا تىرىشتىم ۋە ئىزچىل 20 يىل ئىزدەندىم. بولۇپمۇ 1990-يىلى 8-ئايدا جىڭ ناھىيىسىنىڭ تولى ① (داخىيەنزى) رايونىغا بېرىپ ئون نەچچە كۈن ئىزدىنشىش ئارقىلىق، 1945-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى پاجىئەلىك تارقىيا ئۇرۇشىدا ھايات قالغان يۇقۇردىكى ۋەقەلەرنى تولۇق بىلىدىغان شاھىتلار بىلەن كۆرۈشىشىكە مۇۋەپپىق بولدۇم.

ئۇلارنىڭ ئىسمى ئاتالغانلارنىڭ ئىچىدە ھازىر قاراجى مۇھەممەت، (ئابدۇرېھىم) ئىسكىلاتچى، ئىمىن سادىق، (توختى كەكە)، (نۇراخۇن) موزدوز، مۇھەممەت مۇتەك، بالاھاجى قاسىم، (مۆمۈن) چاڭجاڭ ياش. يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغانلارنىڭ ئىچىدە ھازىر قاراجى مۇھەممەت ئىسىملىك ئادەم ھايات، قالغانلىرى ئالەمدىن ئۆتتى.

تارىخي گۇۋاھچىلارنىڭ ئادرىسى، يىشى شۇ چاغدىكى ۋاقىت بويىچە خاتىرلەنگەن.

ئاپتور ھەققىدە يەنىمۇ ئىچكىرلىگەن ئاساستا بىلمەكچى بولسىڭىز ، 5331954-0909 .15209095427 تېل قىلىپ بىۋاستە ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ ياكى بورتالا ئۇچۇر تورىغا كىرىڭ

مەنبە : http://meripet.jx.xinjang.net

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 13:49:45

6- قەۋەتتىكى ozhalنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇيغۇر جەمىيىتى نىمە ئۈچۈن ئابدۇكىرىم ئابباسۇفنى ئەڭ ئەسكى مۇناپىقتىنمۇ يامان كۆرىدىغانلىغىنى چۈشەنمەي قالىمەن . مۇشۇ ھەقتە گەپ قىلىپ بەرسەڭلار يىنى يىتىپ ئوقۇپ بىر چۈشىنىۋالسام بۇلاتتى .

  


بىرىنجى تەسىرات ئايالىنىڭ خەن ئىكەنلىكى. ئاندىن قالسا ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن بىللە كومپارتىيە بىلەن كۆرۈشكەن دېگەن قۇرلار بولىشى مۇمكىن. لېكىن بۇ سۆھبەتتە نېمە تىلغا ئېلنغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس دەپ قاراشقا بولىدۇ.



مەن سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ <<ئۆمۈر داستانى>> دا ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ قۇرغان يەر ئاستى پارتىيەلىرىنىڭ باش پىروگراممىلىرىنى كۆرۈپ باشقىچە نېيەتتە بولۇشتىن شۈبھىلىنىپ قالغان ئىدىم. بىز ئويلاۋاتقان ئابدۇكېرىم ئابباسوف بىلەن ئاۋۇ قۇرغان پارتىيەنىڭ پىروگراممىسىدا چوڭ زىددىيەت بار ئىدى. خالىسىڭىز <<ئۆمۈر داستانى>> نىڭ تەڭرىتاغدا گۈلدۈرماما قىسمىنىڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا مۇناسىۋەتلىك بايانلارنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. باش پىروگراممىسىنى تاپالايسىز. تارىخ ئەڭ ياخشى باھا بەرگۈچىدۇر.



RGB يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 14:32:23

11- قەۋەتتىكى chewendazنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى ozhalنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇيغۇر جەمىيىتى نىمە ئۈچۈن ئابدۇكىرىم ئابباسۇفنى ئەڭ ئەسكى مۇناپىقتىنمۇ يامان كۆرىدىغانلىغىنى چۈشەنمەي قالىمەن . مۇشۇ ھەقتە گەپ قىلىپ بەرسەڭلار يىنى يىتىپ ئوقۇپ بىر چۈشىنىۋالسام بۇلاتتى .

  


بىرىنجى تەسىرات ئايالىنىڭ خەن ئىكەنلىكى. ئاندىن قالسا ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن بىللە كومپارتىيە بىلەن كۆرۈشكەن دېگەن قۇرلار بولىشى مۇمكىن. لېكىن بۇ سۆھبەتتە نېمە تىلغا ئېلنغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس دەپ قاراشقا بولىدۇ.



مەن سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ <<ئۆمۈر داستانى>> دا ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ قۇرغان يەر ئاستى پارتىيەلىرىنىڭ باش پىروگراممىلىرىنى كۆرۈپ باشقىچە نېيەتتە بولۇشتىن شۈبھىلىنىپ قالغان ئىدىم. بىز ئويلاۋاتقان ئابدۇكېرىم ئابباسوف بىلەن ئاۋۇ قۇرغان پارتىيەنىڭ پىروگراممىسىدا چوڭ زىددىيەت بار ئىدى. خالىسىڭىز <<ئۆمۈر داستانى>> نىڭ تەڭرىتاغدا گۈلدۈرماما قىسمىنىڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا مۇناسىۋەتلىك بايانلارنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. باش پىروگراممىسىنى تاپالايسىز. تارىخ ئەڭ ياخشى باھا بەرگۈچىدۇر.





ئەينى چاغدا ، ئەخمەتجان قاسىمى ، ئابدۇكېرىم ئابباس بىلەن نەنجىڭگە بېرىپ ، جىياڭ جېشى بىلەن يۈزتۇرا نە ئولتۇرۇپ سۆھبەتلىشىپتىكەنغۇ ؟


11 ماددىلىق بېتىمنى ئۈرۈمچىدە تۈزۈپتىكەن ، يەنە قانداق سىياسىي نەيرەڭلەر بولغان ؟ نۇرغۇنلىرى تېىخ سىرغۇ ؟

nurmuhemmet يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 14:47:28

10- قەۋەتتىكى RGBنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

فوتوگرافلىق ۋە گۈزەل - سەنئەتكە ئۆزىنىڭ ھاياتىنى بېغىشلىغان ، ئۆزىنىڭ مۇشۇ يولدىكى ئىزدىنىشى تۈپەيلى ھازىرغىچە توي قىلمىدى (شەخسىي تۇرمۇشى بولسىمۇ ، ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك دەپ ئويلىدىم)



ئۇ كىشى بىر قېتىم ئەمەس، بىر نەچچە قېتىم توي قىلغان.  (باشقىلارنىڭ شەخسى تۇرمۇشى ھەققىدە سۆز ئېچىش ئەخلاقسىزلىق ئىدى، بىراق، خاتانى تۈزەتمەي بولمايدۇ)



chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 14:49:54

نەنجىڭغا بارغانلىقىمۇ بار. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كومپارتىيە ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەن دېگەن گەپمۇ بار. كۆپۈنچى ئادەمنىڭ كاللىسىدىن مۇشۇ ئىش ئۆتمەيدۇ. لېكىن باغلاپ كۆرۈپ باقساق بۇنى سوۋىت كومپارتىيىسى تەلەپ قىلغانمۇ يوق؟ بۇنىڭ ھېچبىرى تىلغا ئېلىنمىغان. نېمىشقا كۆرۈشكەنلىكى ۋە سۆھبەتتە نېمە دېيىشكەنلىكلىرى توغرىسىدا تولۇق خەۋەردار ئەمەسبىز.

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 15:21:21

ئانا يۇرت رومانىنى ئوقۇغاندىن كېىين ئابباسوپقا باشقىچە قارايدىغان بولغان ئىدىم


ئېلىخان تۆرىنىڭ قاتتىق رەنجىگەن يېرى بار

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 15:53:12

ئۈمۈر داستاننىمۇ ئوقۇغان . ئانا يۇرىتنىمۇ شۇ . لىكىن ئىنقىلاپ قىلىپ . قان تۈكۈپ ئەجىر قىلىپ ئۈلۈشتىن باشقا ئىش قولىدىن كەلمىگەن بىر ئادەمگە ئۇۋال قىلىنغاندەك ئويلاپ قالىمەن بەزىدە شۇڭا سورىغان سۇئال ئىدى . ئەگەر ئەخمەق بولسا شۈنچە خەلىق ئەرگىشەرمىدى ؟ بەزىلىرىڭلار دەرھال جاۋاپ بىرىسىلەر ھەقچان . خەلىق ئەرگەشكەننىڭ ھەممسى قەھرىمان ئەمەس دەپ . ئۇنداقتا قەھرىمان دىگەن قانداق بۇلىدۇ دەپ سورىسام جاۋاپ بىرىسلەر ئەل ۋەتەننى دەپ قۇربان بولغانلاردەپ . ئۇنداقتا ئابدىكىرىم ئابباسۇف نىمە ئۈچۈن ئىنقىلاپ قىلغان ؟  بۇ يەردە ھەممىڭلار ئازراق توختاپ قىلىشىڭلار مۈمكىن . ئەمما يەنە بىر گەپ چىقىدۇ گەپ قىلغانغا ئاتمىغاندىن كىين   {:92:}

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 16:42:17

ئابدۇكېرىم  ئابباسوفنىڭ يەر ئاستى تەشكىلاتى خەلقچىل ياشلار ئىتتىپاقىنى  قۇرۇشىنىڭ  ئۆزىلا  مۇناپىقلىق .  ئابدۇكېرىم  ئابباسوفنىڭ بۇ  بۆلگۈنچىلىك،خائىنلىق  قىلمىشى   ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى  رەھبەرلىق قاتلىمىنى قاتتىق  غەزەپلەندۈرگەن .

ئىشقىلىپ مەنبۇئاتلىرىمىزدا  ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى تارىخى ھەققىدە ئاشكارا ئېلان  قىلىنغان ماتىرىياللاردا  ئابدۇكېرىم  ئابباسوفنىڭ يەر ئاستى تەشكىلاتى خەلقچىل ياشلار ئىتتىپاقى ھەققىدە  دىيىلگەن  گەپلەر  بەك  ئاز . سەۋەبى  ھەممىمىزگە  ئايان .لېكىن  بۇ  ئادەمنىڭمۇ  ئايرۇپىلانغان  چىقىپ  قالغىنى  قىزىقتە .

makansiz يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 17:43:10

17- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئابدۇكېرىم  ئابباسوفنىڭ يەر ئاستى تەشكىلاتى خەلقچىل ياشلار ئىتتىپاقىنى  قۇرۇشىنىڭ  ئۆزىلا  مۇناپىقلىق .  ئابدۇكېرىم  ئابباسوفنىڭ بۇ  بۆلگۈنچىلىك،خائىنلىق  قىلمىشى   ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى  رەھبەرلىق قاتلىمىنى قاتتىق  غەزەپلەندۈرگەن .

ئىشقىلىپ مەنبۇئاتلىرىمىزدا  ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى تارىخى ھەققىدە ئاشكارا ئېلان  قىلىنغان ماتىرىياللاردا  ئابدۇكېرىم  ئابباسوفنىڭ يەر ئاستى تەشكىلاتى خەلقچىل ياشلار ئىتتىپاقى ھەققىدە  دىيىلگەن  گەپلەر  بەك  ئاز . سەۋەبى  ھەممىمىزگە  ئايان .لېكىن  بۇ  ئادەمنىڭمۇ  ئايرۇپىلانغان  چىقىپ  قالغىنى  قىزىقتە .



  دىمىسىمۇ ئابباسوپنىڭ ئايروپىلاندا بوپ قالغىنىغا مەنمۇ بەزىدە ھەيران بوپ قالىمەن.


بەلكىم ئەخمەتچان قاسىمى ۋە باشقىلارنى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن قوربانلىق قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن.

puresherrif يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 22:44:30

سەيپىدىن ئەزىزى دېگەن ئابدۇكېرىمكامنىڭ تۇغقىنى، شۇڭا ھەرقانچە بولسىمۇ مېنىڭ تۇغقىنىم ئانداق ئىدىيەي مۇنداق ئىدىيەي دەپ يازماس؟



@chewendaz
بەت: [1] 2 3
: تارقىيا (داخىيەنزى) ئۇرۇشىنىڭ ھەقىقىي تەپسىلاتى