تارىم ناخشىسى - قەدىمىي قەشقەر
ئۇيغۇر ناخشىچى دىلبەر يۇنۇسنىڭ تارىم ناملىق ناخشىسىكەن ، كۆرۈنۈش ئانارخان فىلىمىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىدەك قىلىدۇ ، يەنىلا مۇشۇ فىلىمدىكى كونا قەشقەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرى ئېسىل كۆرۈنىدىكەن ، قايتا - قايتا كۆرۈپ چىقتىم
كىرىشتۇرۇپ قويغان ئىكەن .ئاۋۇ فىلىم كونا فىلىم ئىكەن ، ناخشىسى ئۆزگەرتىلگەن يېڭى نۇسقىدىكىسى سەل كىلىشمەي قاپتۇ . ئەسلىدىكى تارىم ناخشىسىنى كىرىشتۇرگەن بولسا بەك تەبىئى چىقاتتى . پولۇنى چوكا بىلەن يىگەندەكلا بىلىنىدىكەن. لاي ئا ئاي ..لاي ئا لاي ...
تارىم سۈيى لاي ئا لاي
بىر يىل دىگەن ئون ئىككى ئاي
ساقلاپ تۇرۇڭ مەن باراي ناخشغا ئەمەس ، فىلىمگە دىققەت قىلىڭلار ، كونا قەشقەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرىكەن ھۈنەرۋەنلەر، سېتىقچىلار...نامرات بولسىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان قاينام بازار.
ياش بولسۇن قېرى بولسۇن ئاياللار ئاساسەن ھىجابلىق، لىچەكلىك يۈرەتتىكەن. تېخى ئاياللارمۇ ئېشەككە مىنىپ بازارغا كىرەتتىكەن.
بىريەرلەردە نەغمە-ناۋا قىلىۋاتقاندا، نامازغا ئەزان چىقتى.
ئاۋۇ سەللە يۆگىۋالغان بىر نەچچىسىنىڭ گۆش-پولو يېيىشلىرىنى بەكلا ئاشۇرىۋېتىپتۇ.
يوللاردا توپلۇشۇپ راۋاپ چېلىپ، ئۇسۇل ئويناۋاتقان ياشلارمۇ چېلىقتى، ئەتەي شۇنداق ئشلەنگەنمۇ ياكى ئەينى ۋاقىتتا شۇنداق ئىشلار بارمىدى؟
---
مۇشۇلار كاللامغا كەلدى.
5- قەۋەتتىكى _Imkanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھۈنەرۋەنلەر، سېتىقچىلار...نامرات بولسىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان قاينام بازار.
ياش بولسۇن قېرى بولسۇن ئاياللار ئاساسەن ھىجابلىق، لىچەكلىك يۈرەتتىكەن. تېخى ئاياللارمۇ ئېشەككە مىنىپ بازارغا كىرەتتىكەن.
بىريەرلەردە نەغمە-ناۋا قىلىۋاتقاندا، نامازغا ئەزان چىقتى.
ئاۋۇ سەللە يۆگىۋالغان بىر نەچچىسىنىڭ گۆش-پولو يېيىشلىرىنى بەكلا ئاشۇرىۋېتىپتۇ.
يوللاردا توپلۇشۇپ راۋاپ چېلىپ، ئۇسۇل ئويناۋاتقان ياشلارمۇ چېلىقتى، ئەتەي شۇنداق ئشلەنگەنمۇ ياكى ئەينى ۋاقىتتا شۇنداق ئىشلار بارمىدى؟
---
مۇشۇلار كاللامغا كەلدى.
ئانارخان فىلىمىنىڭم كېسىلمىسى. {:107:} {:106:} ھەي قەدىمى قەشقەر..................
ئەينى ۋاقىتتا چوڭلاردىن ئاڭلىشىمىزچە ھىيىتگاھ ئەتراپىدا ئاياللار يۇزىنى ياپمىسا يۇزۇڭنى ياپ دەپ قامچا بىلەن ئۇرىدىغان ئىشلار باركەن........
ئۇ ناخشىدىكى ئانارخان فىلىمى ئىكەن.....ھازىرمۇ قەشقەردە ئەزان چىققاندا نەغمە -ناۋا قىلىش ئەمەس،ئەزان ھۆرمىتى ئۇچۇن قىلىۋاتقان گىپىنى توختىتىپ تۇردىغانلارمۇ خىلى كۆپ....! ئەي، شىنجىن شەرىگە كەتتىم،
سۆيگەن يارلار خوش ئەمدى.
دەپ ئوقۇۋاتامدىكىن شىنجىنغا بارغانلار.
بەت:
[1]