niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2012-4-30 11:51:47

ياڭ زېڭشىننى كىم ئۆلتۈرگەن؟


ياڭ زېڭشىننى كىم ئۆلتۈرگەن؟



مەسئۇت خالىت








دەم ئېلىشقا چىققىنىمدىن بۇيان، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە خەنزۇ تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان «پايدىلىنىش ئارخىپلىرى» (档案参考)، «كونا خەۋەرلەر» (旧闻)، «كونا رەسىملەر» (老照片)، «كلاسسىك كونا خەۋەرلەر» (经典旧闻)، «كلاسسىك ئەسلىمىلەر» (经典回顾) قاتارلىق گېزىتلەر دىققىتىمنى تولىراق تارتىدىغان بولۇپ قالدى. چۈنكى بۇ گېزىتلەردە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىي ئوقۇرمەنلەر زادىلا ئاڭلاپ باقمىغان ئىشلار جۈملىدىن جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىغا ئائىت خىلمۇخىل ۋەقەلەر، جۇڭگو ۋە دۇنيادىكى ئىجابىي-سەلبىي شەخسلەر ھەققىدە تىلغا ئېلىنمىغان ئىشلار… قاتارلىق تولىمۇ قىزىقارلىق ماقالىلەر، ئەسلىمىلەر ئېلان قىلىناتتى.


2007-يىلىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ بىرى، مەن «كونا خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ 2007-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان «شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ‹7-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىشى›» («发生在新疆的七七政变» − تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «سىياسىي ئۆزگىرىش ناملىق ماقالە» دەپ ئېلىنىدۇ) سەرلەۋھىلىك ماقالىنى ئۇچرىتىپ تولىمۇ ھەيران بولدۇم. ماقالىدا 1911-يىلىدىن 1928-يىلىغىچە شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ياڭ زېڭشىننىڭ قەتل قىلىنىش ئەھۋالى بايان قىلىنغانىدى. شۇغىنىسى، بۇ ۋەقەنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، پىلانلىغۇچىسى، ئىجرا قىلغۇچىسى قاتارلىقلار مەن بۇ ھەقتە ئىلگىرى ئوقۇغان ئەدەبىي ۋە تارىخىي ئەسەرلەردىكىدىن خېلىلا پەرقلىنەتتى.


20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى چارىكىدە شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ياڭ زېڭشىننىڭ قەتل قىلىنىشى 80-يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان ئەدەبىي-تارىخىي ئەسەرلەرنى ئوقۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئۈچۈن ناتونۇش ۋەقە ئەمەس. بۇ ۋەقە ئەڭ دەسلەپ 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەسەرلىرى تەھرىرلىك ئىشخانىسى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان قەرەلسىز ئەدەبىي ژۇرنال − «چولپان» دا «ياڭ زېڭشىننىڭ ئۆلۈمى» دېگەن ماۋزۇ بىلەن ئېلان قىلىنغان (ئېسىمدە قېلىشىچە، ژۇرنالغا يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئويغانغان زېمىن» رومانىدىن پارچە بېرىلگەن). ئەسەردە «ئۈرۈمچى ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى، قوشۇمچە جاڭجۇڭ يامۇلىنىڭ ھەربىي ۋە خارجى ئىشلار مەھكىمە باشلىقى (ئەسەردە شۇنداق ئېلىنغان) فەن ياۋنەننىڭ ئالدىنئالا پىلانلاش ئارقىلىق ياڭ زېڭشىننى ئۆلتۈرۈرۈپ، سىياسىي ئۆزگىرىش پەيدا قىلغانلىقى، تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ تاسادىپىي ھالدا تەييارغا ھەييار بولغان مەمۇرىي ئىشلار نازىرى جىن شۇرېننىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشنى بۆشۈكىدىلا يىغىشتۇرۇپ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋاقىتلىق رەئىسى ۋە قوماندانى بولۇۋالغانلىقى بايان قىلىنغان. ئەسەردە يەنە فەن ياۋنەننىڭ ئىلغار پىكىرلىك تەرەققىيپەرۋەر زات ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئىلغار ئىدىيەسىنىڭ ياڭ زېڭشىننىڭ مۇستەبىت ۋە قالاق ئىدىيەسى بىلەن زادىلا سىغىشالمىغانلىقى سۆزلەنگەن. بۇ ئۇنىڭ «شىنجاڭغا جۇمھۇرىيەت نۇرى يېتىپ كەلمەپتۇ. مانجۇ خان ئاغدۇرۇلغان بىلەن ئۇنىڭ خۇنۈك ئەرۋاھى شىنجاڭنى قاراڭغۇ جاڭگالغا ئايلاندۇرۇپ قويۇپتۇ. بۇ يەردە نە مائارىپ، نە مەدەنىيەت، نە خەلقچىللىقنىڭ قىلچە ئەسىرى يوق ئىكەن. ئىچكىرىدىن چىققان ئەمەلدارلار شىنجاڭغا چۆنتەك توشقۇزۇشقىلا كېلىدىكەن. ئۇلار خۇددى دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ ۋە باغۋارانلىرىنى ۋەيران قىلىپ، قورسىقى تويغاندىن كېيىن قومۇشلۇققا كىرىپ كېتىدىغان ياۋا توڭگۇزلارغا ئوخشايدىكەن» دېگەن سۆزلىرىدە ئىپادىلىنىدۇ.①


فەن ياۋنەننىڭ ياڭ شېڭشىننى يوقىتىپ سىياسىي ئۆزگىرىش قىلماقچى بولغانلىقىغا ئائىت مەزمۇنلار بۇرھان شەھىدىنىڭ «شىنجاڭنىڭ 50 يىلى» دېگەن يىرىك ئەسلىمىسىدىمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ ئەسىلىمىدىمۇ ياڭ زېڭشىننىڭ ئىستىبداتلىقى، زالىملىقى، خەلقنى نادانلاشتۇرۇش ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئەمىن تۇتۇشقا ئۇرۇنغانلىقى، ئىلغار ئىدىيەنى، تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەرنى باسىدىغانلىقى، چەكلەيدىغانلىقى، شۇ تۈپەيلى فەن ياۋنەن باشچىلىقىدا مۇۋەپپىيەتسىز بولغان 7-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىشى بارلىققا كەلگەنلىكى سۆزلىنىدۇ.  


يۇقىرىقى مەزمۇنلار بۇ ئىككى كىتابتىلا ئەمەس، سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ «ئۆمۈر داستانلىرى» ناملىق ئەسلىمىسىنىڭ 1-كىتابى «زۇلۇم زىندانلىرىدا»، ليۇ زىشياۋ يازغان «ئۇيغۇر تارىخى» (ئىككىنچى قىسىم ‹2›)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى» (3)… قاتارلىق كىتابلاردىمۇ ئۇچرايدۇ. لېكىن ھەممىسىدىلا سىياسىي ئۆزگىرىشنى فەن ياۋنەننىڭ پىلانلىغانلىقى، دىخۇا رۇسچە قانۇن-سىياسىي مەكتىپىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى جاڭ چۈنشىنىڭ بۇ ئىشتا فەن ياۋنەنگە ھەمكارلاشقانلىقى… قەيت قىلىنىدۇ. بەزى كىتابلاردا ھەتتا «فەن ياۋنەننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە زىياپەت ئەمدى باشلانغان چاغدا ئۇنىڭ بىر ئادىمى ياڭ زېڭشىنغا ئوق چىقارغانلىقى، شۇنىڭدىن كېيىن بىرنەچچە ئادەم ئۇنىڭغا داۋاملىق ئوق ئاتقانلىقى، يىقىلىپ ئۆلگەن ياڭ زېڭشىننى ئۆلمەي قالمىسۇن دەپ فەن ياۋنەننىڭ ئۆزى تۆپىلەپ ئىككى پاي ئوق ئاتقانلىقى»② سۆزلىنىدۇ.


قىسقىسى، يۇقىرىقى كىتابلارنىڭ ھەممىسىدىلا ئىلغار پىكىرلىك فەن ياۋنەننىڭ مۇستەبىت ياڭ زېڭشىن بىلەن چىقىشالمىغانلىقى، فەن ياۋنەن شىنجاڭدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ياڭ زېڭشىننى يوقىتىپ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا مەجبۇر بولغانلىقىدىن ئىبارەت مەزمۇن تۈرلۈك شەكىللەردە بايان قىلىنىدۇ. خۇلاسە كالام، مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى بۇ ۋەقەنىڭ تېگى-تەكتىدىن شۇنچىلىكلا خەۋەردار، خالاس.


شۇنى تەكىتلەش زۆرۈركى، مەن يۇقىرىدا نامى تىلغا ئېلىنغان نوپۇزلۇق كىتابلاردىن قۇسۇر تاپماقچى ئەمەس. مېنى تەئەججۈپكە سالغىنى شۈكى «سىياسىي ئۆزگىرىش ناملىق ماقالىدە فەن ياۋنەننىڭ بۇ سىياسىي ئۆزگىرىشتىن قىلچە خەۋىرىنىڭ يوقلۇقى، ئەمەلىيەتتە ياڭ زېڭشىننىڭ ئۇنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەنلىكى ھەتتا ئۆزىنىڭ ئىزباسارى قىلىش ئېھتىمالىمۇ بولغانلىقى.


ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «فەن ياۋنەن يارىلانمىغان بولسىمۇ، توساتتىن پەيدا بولغان ئۆزگىرىشلەردىن ئېسىنى يوقىتىپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى. ئۇ ئېسىنى يىغقاندا مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى قېچىپ كېتىپ، تۆت-بەشلا ئادەم قالغانىدى. فەن ياۋنەن ھەرھالدا ھەربىي ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى بولغاچقا، قېپقالغان مۇھاپىزەتچىلەرنى قوراللاندۇرۇپ نەق مەيداننى قوغداشقا باشلىدى…»


ماقالىدا يەنە مۇنداق دېيىلىدۇ: «فەن ياۋنەن ئىككى ئادەمنى نەق مەيداننى ساقلاشقان قالدۇردى-دە، قالغانلارنى باشلاپ جىن شۇرېن بىلەن كېيىنكى ئىشلارنى مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەھكىمىسىگە قاراپ يۈگۈردى. بۇ چاغدا جىن شۇرېن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەھكىمىسىگە ئىككى باتاليون ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرغانىدى. فەن ياۋنەن ئۇ يەرگە بارسا قولغا چۈشمەي قالمايتتى.»


ماقالىدە يەنە فەن ياۋنەننىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەھكىمىسىگە بېرىپ جىن شۇرېننى تاپالمىغانلىقى مەھكىمە قورۇسىدا جىن شۇرېننى چاقىرىپ توۋلىغانلىقى، ئۇنىڭغا ھېچكىم جاۋاب بەرمىگەنلىكى، لېكىن ئۇ ھۆكۈمەت مەھكىمىسىگە كىرىشىگىلا جىن شۇرېننىڭ ئادەملىرى ئىشىكنى ئىچىدىن قۇلۇپلىۋالغانلىقى بايان قىلىنغان.


شۇ ئەسنادا جىن شۇرېن پەيدا بولۇپ، فەن ياۋنەننى سوراققا تارتىدۇ. فەن ياۋنەن گەرچە گۇمانلىق ئىش-ھەرىكەتتە بولمىغان، جىن شۇرېننىڭ سوراقلىرىغا ئورۇنلۇق جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ، جىن شۇرېن قايىل بولماي ئۇنى قولغا ئالىدۇ. فەن ياۋنەن قاتتىق قىيىن-قىستاققا ئۇچرايدۇ، ئاخىرىدا جىن شۇرېن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ.


ماقالىنىڭ مەزمۇنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، فەن ياۋنەن سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش قەستىدە بولماستىن ياڭ زېڭشىن بىلەن ئەپ ئۆتكەن. ياڭ زېڭشىن ئۇنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ھەربىي ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرلىقىغا، ھۆكۈمەت ئەزالىقىغا ھەمدە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەھكىمىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىقىغا تەيىنلىگەن.


خوش، ئەمىسە بۇ ۋەقەنى كىم پەيدا قىلدى؟ ئۇنىڭ يىلتىزى زادى نەدە؟ ماقالىدا «7-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىشى» نىڭ شىنجاڭدىكى كىشىلەر ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي سىرت ئۆلكىلەردىكى كىشىلەر تەرىپىدىن پىلانلانغان ھەرىكەت ئىكەنلىكى سۆزلىنىدۇ. ماقالىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: «شىنجاڭدا ‹7-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىشى› نىڭ يۈز بەرگەنلىكى قارىماققا جىن شۇرېن شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن پىلانلىغان ئىشتەك بىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ۋەقەنىڭ كەينىگە ھەرقايسى گۇرۇھ مىللىتارىستلىرىنىڭ شىنجاڭنى تىزگىنلەش ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈش يولىدىكى تۈرلۈك زىددىيەتلىرى يوشۇرۇنغان.» ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، گومىنداڭ 2-گۇرۇپپىۋوي ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى، غەربىي شىمال چېگرا مۇداپىئە دۇبەنى فېڭ يۈشياڭ شىنجاڭغا خېلى بۇرۇنلا كۆز تىكىدۇ، جۈملىدىن ياڭ زېڭشىننى يوشۇرۇن يوقىتىپ شىنجاڭنى ئۆزىنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ئىچىگە كىرگۈزۈش قەستىدە بولىدۇ. ئۇ شۇ مەقسەتتە 1923-يىلىلا يوشۇرۇن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن شىنجاڭغا ئادەم كىرگۈزىدۇ. 1928-يىلى 2-ئايدا شىنجاڭغا ئەۋەتكەن ئىككى ئادىمىنىڭ ياڭ زېڭشىننىڭ قولىغا چۈشۈپ ئېچىنارلىق ئەھۋالغا قالغانلىقى، ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئۆلۈپ، بىرىنىڭ شىنجاڭدىن قوغلانغانلىقى③ فېڭ يۈشياڭنىڭ ياڭ زېڭشىننى يوقىتىشتىكى ئاساسلىق باھانىسى بولۇپ قالىدۇ. نەتىجىدە، فېڭ يۈشياڭنىڭ شىنجاڭغا يوشۇرۇن كىرگۈزگەن ئادىمى، دىخۇا رۇسچە قانۇن-سىياسىي مەكتىپىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى جاڭ چۈنشى ياڭ زېڭشىننى يوشۇرۇن يوقىتىش ئۈچۈن پائال ھەرىكەتكە كېلىدۇ. ئۇ بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا خەلق ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى جىن شۇرېن بىلەن ھەمكارلىشىدۇ. لېكىن ھىيلىگەر جىن شۇرېن ھەرىكەتكە بىۋاسىتە قاتناشماي، جاڭ چۈنشىنى ئاستىرتتىن قوللاش بىلەنلا چەكلىنىدۇ. ھەتتا ۋەقە يۈز بېرىدىغان زىياپەت ئۈستىدىمۇ «ھۆكۈمەت ئىشى چىقىپ قالغانلىقى» نى باھانە قىلىپ سورۇندىن كېتىپ قالىدۇ. كېيىنچە ۋەقەنى بېسىقتۇرغۇچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ فەن ياۋنەن، جاڭ چۈنشى قاتارلىقلارنى ئۆلتۈرىدۇ ھەمدە شىنجاڭنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە قوماندانى بولۇۋالىدۇ. بۇ جەرياندا جاڭ چۈنشى جىنايەتچى سۈپىتىدە جازاغا تارتىلغان بولسىمۇ، گۇناھسىز فەن ياۋنەن ئەخمەق قىلىنىدۇ، تۆھمەتنىڭ قۇربانى بولىدۇ.


ۋەقە 7-ئاينىڭ 7-كۈنى يۈز بېرىدۇ، فەن ياۋنەنمۇ شۇ كۈنى كۈندۈزى قولغا ئېلىنىپ كېچىسى ئۆلتۈرۈلىدۇ. لېكىن جاڭ چۈنشى گەرچە ھېچ نەگە قېچىپ كەتمەي بەخىرامان يۈرگەن بولسىمۇ ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى قولغا ئېلىنماي 7-ئاينىڭ 9-كۈنى قولغا ئېلىنىدۇ، 13-كۈنى ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى جىن شۇرېن جاڭ چۈنشى بىلەن شېرىك بولغاچقا دەسلەپتە ئۇنى قولغا ئالمايدۇ، ھەتتا ئۆلتۈرمەيدۇ. بۇ ئۇنىڭ فېڭ يۈشياڭ سىستېمىسىغا بەيئەت قىلىش ياكى نەنجىڭغا بويسۇنۇش ئوتتۇرىسىدا ئىككىلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ نەنجىڭ تەرەپ بۇ ۋەقەگە قارىتا ئاشكارا پوزىتسىيە بىلدۈرىدۇ. جىن شۇرېن شۇ چاغدىلا ئاۋۋالقى خوجايىنى فېڭ يۈشياڭدىن يۈز ئۆرۈپ جاڭ چۈنشىنى قەتل قىلىدۇ..


ۋەقەدىن كېيىن جىن شۇرېن شىنجاڭنىڭ رەئىسى ۋە باش قوماندانى بولۇش سۈپىتى بىلەن تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى كەڭ تۈردە ئىشقا سېلىپ جامائەت پىكرى توپلايدۇ ۋە جۈملىدىن «فەنياۋنەن سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ياڭ جياڭجۈننى ئۆلتۈردى» دېگەن خەۋەرنى پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىتىدۇ. بۇ خەۋەر ئەينى زاماندا نۇرغۇن مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىدۇ، تۈرلۈك ئارخىپ ماتېرىياللىرى ھەمدە تارىخىي ماتېرىياللاردىن ئورۇن ئالىدۇ، ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈش جەريانىدا كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا چوڭقۇر سىڭىدۇ. ئەنە شۇ تەرزدە بىزنىڭ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كېلىدۇ.


مەن بۇ ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن چوڭقۇر ئويغا چۆمدۈم: ھەقىقەتەنمۇ «7-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىشى» نىڭ باش پىلانلىغۇچىسى فەن ياۋنەن بولماستىن فېڭ يۈشياڭمىدۇ؟ «7-ئىيىل سىياسىي ئۆزگىرىشى» ناملىق ماقالىدە تىلغا ئېلىنغاندەك، ھەقىقىي ئەھۋال پۇرسەتپەرەست، ھىيلىگەر جىن شۇرېن تەرىپىدىن بۇرمىلىنىپ كەتكەنمىدۇ؟ چۈنكى، جىن شۇرېن ھاكىمىيەت ئۈستىدە بولغانلىقتىن ھەقىقەتنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە. ئۇ كاتتا ھوقۇق ۋە ئەمەلىي كۈچ ئارقىلىق ئاقنى قارا، قارىنى ئاق قىلىۋېتەلەيدۇ. قەدىمدىن تارتىپ «تارىخنى مەغلۇپلار ئەمەس، غالىپلار يازىدۇ» دېگەن گەپمۇ بارغۇ؟


ئەمەلىيەتتە، «ئويغانغان زېمىن» رومانى ياكى «شىنجاڭنىڭ 50 يىلى»، «ئۆمۈر داستانى»، «ئۇيغۇر تارىخى» قاتارلىق كىتابلار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسىدىلا فەن ياۋنەن ئىلغار پىكىرلىك تەرەققىيپەرۋەر كىشى سۈپىتىدىلا ئوتتۇرىغا چىققان. شۇغىنىسى بۇ كىتابلارنىڭ ھېچقايسىسىدا ئۇنىڭ ياڭ زېڭشىننى ئۆلتۈرۈشكە ئالاقىدار كونكرېت تەييارلىقى ياكى بىرەر ئېغىز گەپ –سۆزى تىلغا ئېلىنمىغان.


ئېھتىمال ئۇ ئەسلىدىكى ئاپتورنىڭ جىن شۇرېننىڭ تەشۋىقاتىنى بويلاپ قاناتلاندۇرغان ئوي-خىيالىدۇ ياكى قىياسىدۇ؟ نۆۋەتتە بۇنى يەنىمۇ دەلىللەپ بېرىدىغان ئىسپات تېپىلمىدى. بۇنى ئېنىقلاش ئۈچۈن شۇ دەۋردىكى تەپسىلاتلارنى خېلى ئۇزاق ئۆگىنىش-تەتقىق قىلىش ۋە باش چۆكۈرۈپ ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.









شىنجاڭدا يۈز بەرگەن «7-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىشى»


مېڭ دۇڭ


(«كونا خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ 2007-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى سانىدىن مەسئۇت خالىت تەرجىمىسى)








1928-يىلى (مىنگونىڭ 17-يىلى) 7-ئاينىڭ 6-كۈنى مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيەنىڭ باش قوماندانى جياڭ جيېشى، ھەرقايسى گۇرۇپپىۋوي ئارمىيە قوماندانلىرىدىن فېڭ يۈشياڭ، لى زۇڭرېن، يەن شىشەن ھەمدە ھەرقايسى يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلار بېيجىڭنىڭ شياڭشەن دېگەن يېرىدىكى بىيۈن ئىبادەتخانىسىغا يىغىلىپ مەرھۇم زۇڭلى سۇن جۇڭشەن ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت ئۆتكۈزدى. ئاشكارا ئېلان قىلىنغان دۇئا-تىلاۋەت ئاخباراتىدا «مىللىتارىستلارنى يوقىتىپ، شىمالغا يۈرۈش قىلىشنى ئورۇندايلى» دېگەن شوئار يۈكسەك دەرىجىدە تەكىتلەندى.


دۇئا-تىلاۋەت ئاخباراتىنىڭ سىياسى قۇرۇماي تۇرۇپلا قانلىق ۋەقە ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ ۋەقە شۇ كۈننىڭ ئەتىسى يەنى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى يۈز بەردى. ۋەزىپىگە ئولتۇرغىلى ئەمىدىلا يەتتە كۈن بولغان مىللىي ھۆكۈمەت شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ياڭ زېڭشىن ھەمدە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شىنجاڭغا ئالاھىدە خادىم قىلىپ ئەۋەتكەن فەن ياۋنەن قاتارلىقلار شىنجاڭ خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ نازىرى جىن شۇرېن تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى. غەربىي شىمالدىن تارقالغان بۇ خەۋەر پۈتكۈل دۆلەتنى زىلزىلىگە سېلىپ «7-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىشى» دەپ ئاتالدى. بۇ ۋەقە مىنگونىڭ 17-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى يۈز بەرگەچكە «3.7 سىياسىي ئۆزگىرىشى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.


بۇ ۋەقە ھەققىدە شىنجاڭ دائىرىلىرى: «دىپلوماتىيە ئالاھىدە خادىمى فەن ياۋنەن ياڭ زېڭشىننى ئۆلتۈردى» دېدى؛ بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا: «خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ نازىرى جىن شۇرېن قانلىق ۋەقە پەيدا قىلىپتۇ»، «جىن شۇرېن فەن ياۋنەننى ئۆلتۈرۈپتۇ» دېگەن گەپلەر تارقالدى. قىسقىسى، بىر-بىرىگە زىت خىلمۇ خىل گەپلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى قاتمۇقات تۇمانلار قاپلىۋالدى.


شۇ يىلى 6-ئايدا شىمالغا يۈرۈش ئاخىرلىشىپ، جۇڭگو ۋەزىيىتىدە قايتىدىن بىرلىككە كېلىش بارلىققا كەلدى. سابىق شىمالىي مىلىتارىستلار ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ياڭ زېڭشىن شۇ ئاينىڭ 6-، 10-، 16-كۈنلىرى نەنجىڭغا ئارقىمۇ ئارقا تېلېگرامما ئەۋەتىپ مىللىي ھۆكۈمەتكە بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەسلىدە، ياڭ زېڭشىن ئانچىمۇ كۆپ تىلغا ئېلىنمايدىغان شەخس ئىدى. شۇغىنىسى، مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا تارقالغان «شەرقتە يۈەن (شىكەي)، غەربتە ياڭ (زېڭشىن) دىن ئىبارەت ئىككى نوچى بار» دېگەن گەپتىن ئۇنىڭ ئەينى زاماندا خېلى نامى چىققانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى. 6-ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭدا يېڭى تۈزۈم يولغا قويۇلدى، ياڭ زېڭشىن يەنىلا شىنجاڭنىڭ رەئىسى بولدى. ئەسلىدىكى ھەربىي ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى فەن ياۋنەن ياڭ زېڭشىن تەرىپىدىن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەزالىقىغا ھەمدە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەھكىمىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىقىغا تەيىنلەندى. فەن ياۋنەن كۆپتىن بۇيان بېيجىڭغا قايتىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇشنى ئويلايتتى. شۇڭا ياڭ زېڭشىن ئۇنىڭ خالىغان چاغدا ئەمىلىدىن ئىستېپا بېرىپ قايتىشىغا قوشۇلغانىدى. ئەينى زاماندا شىنجاڭدىكى قوراللىق كۈچ ئون مىڭدىن ئاشمايتتى. شۇڭا ھەربىي ئىشلار نازارىتى بۆلۈم دەرىجىسىگە چۈشۈرۈلۈپ خەلق ئىشلار نازارىتىنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇرۇلغانىدى. ئۇنى جىن شۇرېن باشقۇراتتى. ياڭ زېڭشىن بۇ ھەقۇقنىڭ ئۆزىنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدى.


7-ئاينىڭ 1-كۈنى، يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغانلىقى رەسمىي جاكارلاندى، «قىزىل، سېرىق، كۆك، ئاق، قارا» رەڭلىك بايراق چۈشۈرۈلۈپ، كۆك ئاسمان، ئاق كۈن، قىزىل يەر بەلگە قىلىنغان بايراق چىقىرىلدى. شۇ ئاينىڭ 7-كۈنى قانلىق ۋەقە يۈز بەردى. جىن شۇرېن نەنجىڭغا تېلېگرامما يوللاپ ئۆزىنىڭ رەئىس بولغانلىقىنى بىلدۈردى. تېلېگراممىدا فەن ياۋنەننىڭ ياڭ زېڭشىننى ئۆلتۈرۈپ پارتىيەگە ئاسىيلىق قىلغانلىقىمۇ تىلغا ئېلىندى.


پەردە ئارقىسىدىكى قوماندان كىم؟


شىنجاڭدا «7-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىشى» نىڭ يۈز بەرگەنلىكى قارىماققا جىن شۇرېن شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن پىلانلىغان ئىشتەك بىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ۋەقەنىڭ كەينىگە ھەرقايسى گۇرۇھ مىلىتارىستلارنىڭ شىنجاڭنى تىزگىنلەش ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈش يولىدىكى تۈرلۈك زىددىيەتلىرى يوشۇرۇنغان.


1926-يىلى 7-ئايدا «غەربىي شىمال چېگرا مۇداپىئە دۇبەنى» فېڭ يۈشياڭ تېلېگرامما يوللاپ شىمالغا يۈرۈش قىلىشقا ئاۋاز قوشتى. مىللىي ھۆكۈمەت ئۇنى مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيە 2-گۇرۇپپىۋوي ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئەزاسى، مىللىي ھۆكۈمەت ئەزاسى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرگە تەيىنلىدى. كېيىنچە، فېڭ يۈشياڭ جياڭ جيېشىغا شىنجاڭ ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى 2-گۇرۇپپىۋور ئارمىيەسىنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئېيتتى. جياڭ جيېشى فېڭ يۈشياڭنىڭ كۈنسېرى زورىيىۋاتقان كۈچىدىن قورقاتتى. شۇڭا ئۇ فېڭ يۈشياڭغا شىنجاڭنى ئىككى ياكى ئۈچ ئۆلكىگە بۆلمەكچى بولۇۋاتقانلىقى، جەنۇبىي شىنجاڭنى فېڭ يۈشياڭغا بېرىشكە قوشۇلىدىغانلىقى، بىراق ئۇنىڭ يەن شىشەننىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.


فېڭ يۈشياڭنىڭ غەرىزى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى قولغا كىرگۈزۈش ئىدى. ئەلۋەتتە، ئۇ شىنجاڭغا ئىگە بولۇشتا «ئۇرۇش قىلماي ئادەمنى تىز پۈكتۈرۈش» ئۆزىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، «ياڭ زېڭشىن بىلەن ئۇرۇش قىلماي، بەلكى ئۇنى يوقىتىش ھېيلىسىدىن پايدىلانماقچى بولۇۋاتاتتى. ياڭ زېڭشىن فېڭ يۈشياڭنىڭ قەستىدىن خەۋەردار ئىدى. شىنجاڭنىڭ ئەسكىرىي كۈچى ئاجىز بولۇپ، دۈشمەنگە تاقابىل تۇرالمايتتى. شۇڭا ياڭ زېڭشىن ئۆزىنى قاچۇرۇش تاكتىكىسىدىن پايدىلىنىپ، كۈچلۈك دۈشمەندىن ئامان قېلىشنى ئويلايتتى.


1928-يىلى 2-ئايدا، فېڭ يۈشياڭنىڭ قول ئاستىدىكى جاۋ مىياۋچۈەن، شۇ جىزەنلەر گەنسۇدىن شىنجاڭغا قاراپ ماڭدى. ئۇلار ئارايۇلتۇز (شىڭشىڭشيا) غا كەلگەندە قولغا چۈشۈپ، دىخۇا (ئۈرۈمچى) غا ئېلىپ بېرىلدى. ياڭ زېڭشىن ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئىككىيلەن دۇبەن مەھكىمىسىنىڭ كۇتۇپخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئۇلارنىڭ سىرتقا چىقىشىغا يول قويۇلمايتتى، ئەمەلىيەتتە، نەزەربەندتە ئىدى. 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىككىيلەن ئوت قويۇپ قاچماقچى بولدىيۇ، ئىش ئەپلەشمىدى. نەتىجىدە، ئۇلار دىخۇا سولاقخانىسىغا يۆتكىۋېتىلدى. بۇ چاغدا، فېڭ يۈشياڭنىڭ قىسمى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن شەھىرىگە يېتىپ كەلگەنىدى. فېڭ يۈشياڭ قول ئاستىدىكى ئادەملىرىنىڭ قاماپ قويۇلغانلىقىغا ئاشكارا پوزىتسىيە بىلدۈرمىدى. لېكىن ئۇنىڭ بەش يىل ئىلگىرى شىنجاڭغا يوشۇرۇن كىرگەن ئادىمى جاڭ چۈنشى بىلەن مەخپىي ئالاقىسى بار ئىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، جاڭ چۈنشى «ياڭ زېڭشىننى يوقىتىش» مەخپىي ھەرىكىتىنى كۈچەيتىشكە باشلىدى. شۇ چاغدا، جاڭ چۈنشى دىخۇا رۇسچە قانۇن-سىياسىي مەكتىپىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى ئىدى. جاڭ چۈنشى ئۆزى بىلەن ھەمكارلىشىشقا جىن شۇرېننى تاللىدى. جىن شۇرېن ياڭ زېڭشىننىڭ مۇرىتى بولسىمۇ، كەيپ-ساپا، قانۇنسىزلىق ۋە پارىخورلۇقتا ئۇچىغا چىققانىدى. شۇغىنىسى، ياڭ زېڭشىن جىن شۇرېننى ھامان قانات ئاستىغا ئالاتتى. ئەسلىدە، جىن شۇرېننىڭ ياڭ زېڭشىننى ئۆلتۈرۈشى ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش ئىدى. ياڭ زېڭشىن ئىستېپا بەرگۈدەك بولسا، جىن شۇرېن ئۆزىنى تولۇق ھوقۇقلۇق ۋارىس ھېسابلايتتى. ھالبۇكى، ياڭ زېڭشىن ئۆزىگە ۋارىس تاللاشتا جىن شۇرېننى ئويلاشمىغانىدى. مۇبادا ياڭ زېڭشىن شىنجاڭدىن كېتىپ قالغۇدەك بولسا ئۇنىڭ ئورنىغا باشقىلار ئولتۇراتتى. بۇنداق بولغاندا جىن شۇرېنغا ياخشى كۈن يوق ئىدى. جىن شۇرېن ئۆزىنىڭ غېمىنى يېيىش ئۈچۈن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنى قارار قىلدى. ئۇ ياڭ زېڭشىننىڭ ۋارىسى دەپ ھېسابلانغان فەن ياۋنەننىمۇ يوقىتىلىدىغان ئوبيېكت دەپ قارىدى. شۇ ۋەجىدىن، ئۇ جاڭ چۈنشىنىڭ پىلانىنى تەبىئىي قوللاپ قۇۋۋەتلىدى. جىن شۇرېن پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە جاڭ چۈنشى ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلسا بولىدۇ، ئادەم قانچە كۆپ قاتناشسا مەخپىيەتلىك شۇنچە ئاسان ئاشكارىلىنىدۇ دەپ قارىدى. لېكىن پۇرسەتنى تېپىش تولىمۇ تەس بولۇۋاتاتتى. چۈنكى جىن شۇرېن بىۋاسىتە قاتنىشىشنى رەت قىلىپ، جاڭ چۈنشىنى ئاستىرتتىن قوللاشنى خالايتتى. جاڭ چۈنشى ھەدەپ پۇرسەت ئىزدەيتتى. لېكىن پىلانلانغان ئىش يەنىلا سۆرىلىپ كېتىۋاتاتتى. 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا، جاڭ چۈنشى جىن شۇرېنغا رۇسچە قانۇن-سىياسىي مەكتىپى 7-ئاينىڭ باشلىرىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلار تۇنجى قارارلىق ئوقۇغۇچىلار بولغاچقا، ياڭ زېڭشىن ئادەتتە مەكتەپكە بەكمۇ كۆڭۈل بۆلەتتى. شۇ قېتىم ئۇنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئېھتىمالى تولىمۇ زور ئىدى. جاڭ چۈنشى بۇنى تاپقىلى بولمايدىغان بىر پۇرسەت دەپ قارىدى، جىن شۇرېن جاڭ چۈنشىنىڭ ھەرىكەت پىلانىغا قوشۇلدى. جاڭ چۈنشى شەخسەن ئۆزى ھەرىكەت قىلماقچى بولغىنىنىڭ سەۋەبى شۇكى، باشلىقنىڭ يوليورۇقىدىن تاشقىرى، بەش يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ شىنجاڭدا زادىلا تەلىيى ئوڭ كەلمەيۋاتاتتى. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ شارائىتىنى ئۆزگەرتىدىغان ھەرىكەت قوللىنىش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ باقماقچى بولدى.


قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن چاغدىكى ھەقىقىي ئەھۋال


7-ئاينىڭ 7-كۈنى دىخۇا رۇسچە قانۇن-سىياسىي مەكتىپى تۇنجى قارار ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى ليۇ ۋېنلوڭ ياڭ زېڭشىنغا ۋاكالىتەن خىزمەتلەردىن دوكلات بېرىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەتكەچكە، جىن شۇرېن مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرىغا ۋاكالىتەن ياڭ زېڭشىننى مۇراسىمغا تەكلىپ قىلدى. ياڭ زېڭشىن تەكلىپكە بىنائەن سورۇنغا يېتىپ كەلدى. مۇراسىم ئاياغلاشقاندىن كېيىن كۆپچىلىك بىرلىكتە خاتىرە ئۈچۈن سۈرەتكە چۈشتى. ئاندىن كۆپچىلىك خۇشال-خۇرام ھالدا سىنىپقا كىرىپ تاماققا تۇتۇش قىلدى. جىن شۇرېن ياڭ زېڭشىن بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇردى. زىياپەت داۋاملىشىۋاتقاندا جىن شۇرېن «ھۆكۈمەت ئىشى چىقىپ قالدى» دەپ سورۇندىن ئايرىلدى. ياڭ زېڭشىن ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپمۇ كەتمىدى. تاماققا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆزئارا تونۇش بولغاچقا، ياڭ زېڭشىننىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى قوشنا خانىغا توپلىشىپ ھاراق ئىچىشكە باشلىدى. ھاۋا تولىمۇ ئىسسىق ئىدى. قەدەھ ئۈچ ئايلانغاندىن كېيىن مۇھاپىزەتچىلەر قوراللىرىنى يانغا قويۇپ، چاپانلىرىنىڭ ئالدىنى ئېچىۋەتتى. جاڭ چۈنشى ساھىپخان سۈپىتىدە مېھمانلارغا ھاراق تۇتتى. ئۇ ياڭ زېڭشىننىڭ ئالدىغا كەلگەندە توساتتىن ھاراق بوتۇلكىسىنى ئۈستەلگە قويدى. شۇ ھامان ئوق ئاۋازى ياڭرىدى، ياڭ زېڭشىن يەتتە پاي ئوق يەپ نەق مەيداندا ئۆلدى. قۇرۇلۇش نازارىتىنىڭ نازىرى يېن يۈشەن ئېغىر يارىلىنىپ، يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلدى. ئوق ئاۋازى ياڭراشقا باشلىغاندا كىشىلەر مۇراسىمنى تەبرىكلەپ پوجاڭزا ئېتىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئېرەڭشىمىدى. شۇ ئارىدا بىرەيلەن: «بىرى ياڭ جياڭجۈنگە قەست قىلدى!» دەپ ۋارقىرىدى. تەرتىپ بۇزۇلۇپ مالىمانچىلىق يۈز بەردى. فەن ياۋنەن يارىلانمىغان بولسىمۇ توساتتىن پەيدا بولغان ئۆزگىرىشلەردىن ئېسىنى يوقىتىپ، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى. ئۇ ئېسىنى يىغقاندا مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى قېچىپ كېتىپ، تۆت-بەشلا ئادەم قالغانىدى. فەن ياۋنەن ھەرھالدا ھەربىي ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى بولغاچقا، قېپقالغان مۇھاپىزەتچىلەرنى قوراللاندۇرۇپ، نەق مەيداننى قوغداشقا باشلىدى. جاڭ چۈنشى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ ئاللىقاچان قېچىپ كەتكەنىدى.


فەن ياۋنەن ئىككى ئادەمنى نەق مەيداننى ساقلاشقا قالدۇردى-دە، قالغانلارنى باشلاپ، جىن شۇرېن بىلەن كېيىنكى ئىشلارنى مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەھكىمىسىگە قاراپ يۈگۈردى. بۇ چاغدا، جىن شۇرېن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەھكىمىسىگە ئىككى باتاليون ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرغانىدى. فەن ياۋنەن ئۇ يەرگە بارسا قولغا چۈشمەي قالمايتتى.


فەن ياۋنەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەھكىمىسىنىڭ شەرقىي ھويلىسىغا جايلاشقان خەلق ئىشلار نازارىتىگە بېرىپ جىن شۇرېننى تاپالمىدى. جىن شۇرېننىڭ غەربىي ھويلىدىكى تۇرالغۇسىغىمۇ باردى، جىن شۇرېن ئۇ يەردىمۇ يوق بولۇپ چىقتى. فەن ياۋنەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەھكىمىسىنىڭ قورۇسىدا: «ياڭ جياڭجۈن ئۆلتۈرۈلدى!»، «بۇرادەر دېئەن (جىن شۇرېننىڭ تەخەللۇسى) سىز قەيەردە؟» دەپ توۋلىدى. ھېچكىم جاۋاب بەرمىدى. لېكىن ئۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەھكىمىسىگە كىرىشىگىلا، جىن شۇرېننىڭ ئادەملىرى ئىشىكنى ئىچىدىن قۇلۇپلىۋالدى.


−قوراللىق ئادەملەرنى باشلاپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەھكىمىسىگە كېلىشتىكى مەقسىتىڭىز نېمە؟−سورىدى جىن شۇرېن تەئەددىي بىلەن.


−ياڭ جياڭجۈن (قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ياڭ زېڭشىننى ياڭ جياڭجۈن دېيىشەتتى) جاڭ چۈنشى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى،−دېدى فەن ياۋنەن ئۆزىنى ئاقلاپ،−نازىر يېن يۈشەن ئېغىر يارىلاندى. مەن سىز بىلەن كېيىنكى ئىشلارنى مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن كەلدىم.


جىن شۇرېن مەسخىرە بىلەن كۈلدى:


−كېيىنكى ئىشلارنى مەسلىھەتلىشىش دېگەن نېمە ئۇ، ئېنىقكى، سىز جاڭ چۈنشى بىلەن بىرلىشىپ ياڭ جياڭجۈننى ئۆلتۈردىڭىز، ئەمدى مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىسىز.


فەن ياۋنەن چۆچۈپ كەتتى.


−جاڭ چۈنشى ئوق چىقىرىپ ياڭ جياڭجۈننى ئۆلتۈردى. سورۇندىكى ھەممەيلەن ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. سىز مېنى قانداقلارچە قاتىل دەپ قالدىڭىز؟−دېدى ئۇ.


−لېكىن سورۇنغا قاتناشقان ھۆكۈمەت مەھكىمىسىدىكى خادىملاردىن سىزلا يارىلانماپسىز. بۇ سىزنىڭ جاڭ چۈنشىنىڭ شېرىكى ئىكەنلىكىڭىزگە يېتەرلىك ئىسپاتقۇ؟−دەپ پەيلىنى بۇزدى جىن شۇرېن.


−قاتىل بىلەن قېچىپ كەتمەي ئۇنى قوغلىغان ئادەم قاتىلنىڭ شېرىكى بولامدىكەن؟−فەن ياۋنەن ئۆزىنى ئاقلاشقا گەپ تاپالماي قالدى.


جىن شۇرېن ئۆز گېپىنى يورغىلىتىۋەردى:


−فەن ئەپەندىمنىڭ قاتىلنى قوغلاپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەھكىمىسىگە كەلگەنلىكى كۈلكىلىك ئەمەسمۇ؟


−مەن بۇ يەرگە قاتىلنى قوغلاپ ئەمەس، بەلكى قاتىلنى قانداق قىلىپ تۇتۇش ئۈستىدە سىز بىلەن مەسلىھەتلەشكىلى كەلدىم،−دېدى فەن ياۋنەن ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشى ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ.


جىن شۇرېن فەن ياۋنەننى ئۆزلۈكىدىن ئىقرار قىلدۇرماقچى بولۇپ ئېغىز ئاچتى:


−مەسلھەتلىشىش ئۈچۈن تولۇق قوراللانغان ئەسكەرلەرنى باشلاپ كېلىش ھاجەتمىكەن؟


−مالىمانچىلىقتا ئۆز ئامانلىقىم ئۈستىدە ئويلىشىشقا مەجبۇر بولدۇم، شۇڭا ئەسكەر باشلاپ كەلدىم،−دېدى فەن ياۋنەن قىلتاققا دەسسىگۈسى كەلمەي.


جىن شۇرېن قولغا چۈشكەن ئولجىنى قويۇۋەتكۈسى كەلمىدى:


−سىزگە مالاللىق يەتكۈزۈپ قويىدىغان بولدۇم، مۇھىم ئىشلارنى توغرا چۈشىنەرسىز، ئىشلار ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن سىزنى قويۇۋېتىمەن.


−ئىشلار بەكمۇ جىددىي، ھېسسىياتىڭىز بويىچە ئىش تۇتسىڭىز بولمايدۇ،−دەپ نەسىھەت قىلدى جىن شۇرېنغا ئىشلارنى جىددىيلەشتۈرگۈسى كەلمىگەن فەن ياۋنەن.


−فەن ئەپەندى تولا ئېغىز ئۇپراتمىسىمۇ بولىدۇ، قانداق قىلىشنى ئۆزۈم بىلىمەن،−دېدى جىن شۇرېن ۋە ئەسكەرلەرگە فەن ياۋنەننى يالاپ مېڭىشقا بۇيرۇدى.


ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي فەن ياۋنەننىڭ تاياق يېگەن چاغدىكى ئېچىنىشلىق توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. يەنە بىر پەستىن كېيىن بىرەيلەن كىرىپ جىن شۇرېنغا فەن ياۋنەننىڭ زادىلا ئىقرار قىلمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. لېكىن ياڭ زېڭشىنغا قەست قىلىشقا ئالاقىدار ھېچقانداق ئىسپات تېپىلمىدى. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى چاتاق چىقىشتىن قورققان جىن شۇرېن شۇ كۈنى كېچىدىلا فەن ياۋنەننى قەست قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ قەتل قىلىۋەتتى. ياڭ زېڭشىننىڭ كاتىپى جىن شۇرېننىڭ فەن ياۋنەننى نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈستىدە توختىلىپ: «ھەرقايسى نازارەت، ۋىلايەتلەردە فېئودال ئىدىيىسى كۈچلۈك ئادەملەر كۆپ. ئۇلار يېڭىدىن كەلگەن فەن ياۋنەن بىلەن ئىدىيە جەھەتتىن ماسلىشالمىدى» دېگەنىدى. ياڭ زېڭشىن فەن ياۋنەننى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەنلىكىمۇ جىن شۇرېن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە ھەسەت قوزغىغانىدى.


سۇيىقەستنىڭ ئاساسلىق پىلانلىغۇچىسى جاڭ چۈنشى دىخۇداىن قېچىپمۇ كەتمىدى. جىن شۇرېن ئۇنى شۇ ئاينىڭ 9-كۈنى قولغا ئالدى، 13-كۈنى ئۆلتۈردى. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ياڭ زېڭشىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن گەنسۇدىكى فېڭ يۈشياڭ سىستېمىسىغا تەۋە ليۇ يۈفېن قىسىملىرىنىڭ شىنجاڭغا يېقىنلاپ قالغانلىقىنىڭ خەۋىرى كەلدى. جىن شۇرېن « فېڭ يۈشياڭ سىستېمىسىغا بەيئەت قىلىش» ياكى «نەنجىڭغا بويسۇنۇش» ئوتتۇرىسىدا ئىككىلىنىپ قالدى. كېيىنچە، نەنجىڭ تەرەپتىن ئاشكارا يوليورۇق كەلدى. شۇنىڭ بىلەن جىن شۇرېن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ جاڭ چۈنشىنى قەتل قىلدى.


ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئسى بولۇۋېلىش


7-ئاينىڭ 9-كۈنى جىن شۇرېن مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى نامى بىلەن نەنجىڭ ھۆكۈمىتىگە مۇنداق دەپ تېلېگرامما يوللىدى: «مۇشۇ ئاينىڭ 7-كۈنى رەئىس ياڭ زېڭشىن دىخۇادىكى رۇسچە قانۇن-سىياسىي مەكتىپىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى. دىپلوم تارقىتىلىۋاتقاندا ئەسكەرلەر سابىق دىپلوماتىيە ئالاھىدە خادىمى فەن ياۋنەننىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن رەئىسكە ئوق چىقاردى. رەئىس ياڭ زېڭشىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شۇ كۈنى قازا قىلدى. فەن ياۋنەن ۋە ئۇنىڭ قاتىل ئەسكەرلىرى قولغا ئېلىندى. يەرلىك ھۆكۈمەت جىددىي يىغىن ئېچىپ، جىن شۇرېننى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە رىياسەتچىلىك قىلىشقا تەيىنلىدى.» 7-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭ، شاڭخەيدىكى ھەرقايسى نوپۇزلۇق گېزىتلەر جىن شۇرېننىڭ يەنە بىر تېلېگراممىسىنى ئېلان قىلدى. تېلېگراممىدا مۇنداق دېيىلگەنىدى: «مالىمانچى گۇرۇھنىڭ كاتتىۋېشى فەن ياۋنەن لۈكچەكلەرنى باشلاپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە باستۇرۇپ كىردى. ئۇلار 3-زالنى ئىشغال قىلىۋېلىپ، جىددىي ۋەزىيەت پەيدا قىلدى. بۇ لۈكچەكلەر ئارمىيە، ھۆكۈمەت، جامائەتچىلىك ھەمدە سودىدىن ئىبارەت ھەرقايسى ساھەنىڭ قاتتىق غەزىپى ۋە ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. جامائەتچىلىك كەمىنە جىن شۇرېننى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىگە ھەمدە باش قوماندانلىققا تەيىنلىدى. بۇنى رەت قىلىشقا ئىمكان بولمىدى. چۈنكى ئازراقلا بوشاڭلىق قىلىنسا جەمئىيەت قالايمىقانلىشىپ، پۈتكۈل شىنجاڭ زىلزىلىگە كېلىشى مۇقەررەر ئىدى. كەمىنە جىن شۇرېن جامائەتچىلىكنىڭ ئىلتىماسىغا بىنائەن ئۇشبۇ مۈشكۈلاتنى زىممەمگە ئېلىپ، قوشۇننى ھەرىكەتلەندۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇم. مالىمانچى گۇرۇھنىڭ كاتتىۋېشى فەن ياۋنەن ۋە ئۇنىڭ 21 شېرىكى نەق مەيداندا قولغا چۈشۈرۈلۈپ قانۇن بويىچە قەتل قىلىندى. كوماندىر-ئەسكەرلىرىمىزدىن بەش كىشى قازا تاپتى، ئون نەچچە كىشى يارىلاندى. پېقىرنىڭ تالانتى ۋە ئىقتىدارى تولىمۇ تۆۋەن. چېگرا رايوننى قوغداپ غەربىي شىمالنى ئەمىن تاپقۇزۇشقا تېزلىكتە ئەقىل كۆرسىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ۋە باش قوماندانى جىن شۇرېن.» جىن شۇرېن پاكىتنى يوشۇرسىمۇ، بۇ ئىككى تېلېگراممىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭدا ئۆزئارا زىددىيەتلىك جايلارنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. ليۇ يۈفېن 7-ئاينىڭ 23-كۈنى جىن شۇرېننىڭ تېلېگراممىسىغا قارىتا نەنجىڭگە «جىن شۇرېن مۈلكىي خادىملارغا تەۋە، ئىقتىداردا ياڭ زېڭشىندىن تولىمۇ تۆۋەن، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالالمايدۇ» دەپ تېلېگرامما يوللىدى ھەمدە شىنجاڭنىڭ قالايمىقان ۋەزىيىتىنى تۈزەش ئۈچۈن «چېنىققان، پاك ئادەملەرنى ئەۋەتىش كېرەك» دەپ تەكلىپ بەردى. يۇقىرىقىلاردىن ليۇ يۈفېن جىن شۇرېننىڭ نەنجىڭ تەرەپكە ئېغىپ كەتكەنلىكىدىن تولىمۇ نارازى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.


جىن شۇرېن يەنە شىنجاڭدىكى ھەر ساھە زاتلىرىنى بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ، نەنجىڭ ھۆكۈمىتىدىن ئۆزىنى رەئىسلىككە تەيىنلەشنى ئىلتىماس قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈردى. لېكىن مىللىي ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى تەن يەنكەي جىن شۇرېن قانلىق ۋەقەگە قاتناشقان دەپ قاراپ تەيىنلىمىدى. 10-ئاينىڭ 10-كۈنى جياڭ جيېشى تەن يەنكەينىڭ ئورنىغا مىللىي ھۆكۈمەتكە رەئىس بولدى. شۇ ئاينىڭ 31-كۈنى جياڭ جيېشى جىن شۇرېننىڭ ماتېرىيالىنى قايتا «مۇزاكىرە» قىلىش ئۈچۈن تەستىقلاپ دۆلەت مەجلىسىگە چۈشۈردى. جياڭ جيېشىنىڭ قاتنىشىشى ئارقىلىق جىن شۇرېننىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ئاخىرىدا ماقۇللاندى. گومىنداڭنىڭ پېڭ چاڭگۇاڭ، جاڭ جىبىن، جۇ شۇلېي قاتارلىق مۇھىم ئەربابلىرى بۇ ئىشقا ئاشكارا قارشى تۇردى، فەن ياۋنەنگە ئۇۋال بولدى دېيىشتى. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇنىڭغا قارىتا «ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ئېتىبار بېرىش كېرەك»، «جىن شۇرېن ئۆستۈرۈلۈشى لازىم، ئۇنىڭ ئورنى فېڭ يۈشياڭنىڭكىدىن تۆۋەن بولۇپ قالماسلىقى كېرەك» دەپ ئىنكاس بىلدۈردى.


1933-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى شېڭ شىسەي ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاپ جىن شۇرېننى دىخۇادىن ھەيدىۋەتتى. بۇ خۇددى «ياخشىلىق قىلساڭ ياخشىلىق كۆرىسەن، يامانلىق قىلساڭ يامانلىق» دېگەندەك ئىش بولدى. ئەينى زاماندا بيېجىڭدا چىقىدىغان «سەھەر گېزىتى» نىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا «جىن شۇرېن ياڭ زېڭشىننى يوقاتتى، شېڭ شىسەي جىن شۇرېننىڭ ھىيلە-مىكىرىدىن پايدىلاندى، ئاخىرىدا ئۇنى يوقاتتى.»








ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


① ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر: «ئويغانغان زېمىن» 4-بەتكە قاراڭ.


② سەيپىدىن ئەزىزى: «ئۆمۈر داستانلىرى» 1-كىتاب 169-بەتكە قاراڭ.


③ بۇرھان شەھىدى: «شىنجاڭنىڭ 50 يىلى» 23-، 234-بەتلەرگە قاراڭ.



"ئىلى دەرياسى" ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى





koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-4-30 14:28:19

بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ھەقىقىي تارىخىي ۋەقەلىك ئىكەن!

جىن شۇرېن تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىن پايدىلىپ، ئاشۇنداق تارقاتقاندىكىن، ئۇيغۇر يازمىلىرىدىمۇ ئاشۇنداق ئېلىنغان بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭچە، بۇ ماقالە ھەقىقىي تارىخىي رىئاللىقنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ئەھمىيەتلىك يازما ئىكەن!

tujjar365 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-30 18:18:28

ئىت ئتنىڭ  گۆشىنى يەپتۈ  .

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-5-1 00:48:16

ئامانلىق ژۇرنىلىدىغۇ دەيمەن. بىر ماقالىنى ئوقىسام ياڭزىڭشىننى شىنجاڭنىڭ بىرلىكىنى، مۇقۇملىقىنى قوغدىغان مىللى قەھرىمان دەپ ماختاپ شۆلگىيى ئېقىپ كېتىپتىكەن بىر خەنسونىڭ...

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-1 01:21:40

ئىشنىڭ ئەسلى ماھىتىنى يورۇتقان ياخشى ماقالىكەن.

gherip يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 21:15:20

بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشلار ئىكەن...

karahan0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 21:24:05

پەن ياۋنەننىڭ تەيۋەندە ياشاۋاتقان نەۋرسى كىتاپ يېزېپ چوڭ دادسىنى ئاقلاپتۇ .

GHURUR1992 يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:01

جاھاننىڭ ئىشلىرىغا بىر نېمە دەپ بولمايدۇ.
بەت: [1]
: ياڭ زېڭشىننى كىم ئۆلتۈرگەن؟