niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2012-4-29 00:43:10

قارا تۈندىكى چاقماق - لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاقسۇدا

قارا تۇندىكى چاقماق - لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاقسۇدا


ئاپتور: غالىپ بارات ئەرىك




لۇتپۇللا مۇتەللىپ 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا چاقماق كەبى چاقناپ قارا تۈننى يورۇتقان ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابىي شائىر، ئۇ ئاران 23 يىللا ياشىغان بولسىمۇ، تەبىئىي تالانتى بىلەن كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى (شېئىر، دىراما، فېليەتون…) خەلقنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت نەزەرىيەسىگە ئائىت ماقالىلىرى، سىزغان رەسىملىرى ۋە ئوپېرالاردىكى رول ئېلىش سەنئىتى تېخى تەتقىق قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئىجادىي ئەمگەكلىرى خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە.


تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىم يەنى 1980-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا دەرسلىك كىتابتىكى «ياشلىق ئۆگەن»، «يىللارغا جاۋاب»، «پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئارقىلىق تونۇشقان ئىدىم. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئاخىرلىشىپ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ باھار شامىلىدا بارلىققا كەلگەن بۇ دەرسلىككە كىرگۈزۈلگەن يۇقىرىقى ئەسەرلەردىن چاقناپ تۇرغان ئىدىيە، جەڭگىۋارلىق مېنى تولىمۇ جەلپ قىلغان ئىدى. دېھقان ئائىلىسىدە چوڭ بولغان مەندەك سەھرا بالىسى ئۆتمۈش، كونا جەمئىيەت توغرىسىدا خەۋەرسىز بولغانلىقىم ئۈچۈن، خىيالى دۇنيانى رېئاللىق ئورنىغا قويۇپ كەلمەكتە ئىدىم. 1983-يىلى مەرھۇم ئابدۇللا تالىپ يازغان  بىيوگىرافىك رومان «قاينام ئۆركىشى» نى ئوقۇتقۇچى تاغامدىن ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇپ، ئۆتمۈش تارىخىمىز توغرىسىدا دەسلەپكى چۈشەنچىلەرگە ئېرىشىپ رېئاللىققا يۈزلەنگەن ئىدىم. مانا شۇندىن بېرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ قەلب تۆرۈمدىن ئورۇن ئەلىپ كەلمەكتە، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى يىغىپ ئۇنىڭ ھايات كەچمىشلىرىنى چۈشۈنۈشكە تىرىشماقتىمەن.


لۇتپۇللا مۇتەللىپ توغرىسىدا ئىزدىنىش ۋە ئىجادىيەتلەر خېلى كۆپ بولدى. قازاقىستاندا گ. ئاۋۇتۇۋا خانىمنىڭ «لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىجتىمائىي مىراسى» تېمىدا دوكتور نامزاتى دىسسېرتاتسىيەسىنى ياقلىغانلىقى مەلۇم. ئېلىمىزدىن تۇرسۇن ئەرشىدىن لۇتپۇللا مۇتەللىپ توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتقىنىغا ئوتتۇز يىل بولدى ھەمدە «لوتۇن»، «لۇتپۇللا مۇتەللىپ»، «تەڭرىتاغ دىيارىدىكى ئۆچمەس يۇلتۇز»، «لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى»، «ل.مۇتەللىپ» دېگەنگە ئوخشاش سەككىز-توققۇز كىتابىنى جامائەتچىلىككە تەقدىم قىلدى. مۆمىن مۇھەممىدى يازغان «شاۋقۇن» (رومان)، ژۇرنالىست ئەيسا يۈسۈپ يازغان «ئاقسۇدا 1945-يىل» (تارىخىي قىسسە) قاتارلىق كىتابلارمۇ ئۇنىڭ ھاياتىنى يۇرۇتۇپ بېرىشكە ئاتالغان. قازاقىستانلىق ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئەدىب خىزمەت ئابدۇللىن يازغان «لۇتپۇللا» ناملىق دىرامىسى سەھنىلەردە ئوينالغان. ئېلىمىزدە يەنە ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا «يىراقتىكى ئۇچقۇنلار» نامىدا فىلىم ئىشلەنگىنلىكى توغرىلىق ئۇچۇرلار بار. رايونىمىزدا ئۇنىڭغا ئاتالغان ناخشا-قوشاقلارمۇ ئېيتىلىپ كەلمەكتە. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى ۋاپاتىدىن كېيىن توپلام قىلىنىپ ئېلىمىز ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۇيغۇر، خەنزۇ، ئۆزبېك، رۇس تىللىرىدا نەشر قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ئۇ ئىجادىيەتلىرى بىلەن، ش ئۇ ئا ر دا تۈزۈلگەن ئەدەبىيات تارىخلىرىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالدى ھەمدە ئۇنىڭغا «1930-ۋە 1940-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى تارىخىنىڭ دەۋر بۆلگۈچ ۋەكىللىرىدىن بىرى» ، دەپ باھا بېرىلدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن،  يېڭى ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرىنى تەكشۈرۈپ، 1956-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى رەئىس ماۋزېدوڭ ئىمزا قويغان (شىنجاڭ 2-نومۇرلۇق) «ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بېرىلگەن شەرەپنامە» بېرىلگەن. «ئىنقىلابىي كۈرەشتە شەرەپ بىلەن قۇربان بولغان» . لۇتپۇللا مۇتەللىپ توغرىلىق خېلى كۆپ ئەسەرلەر يېزىلغان بولسىمۇ، تۇرسۇن ئەرشىدىن ئەپەندىنىڭ كىتابلىرىدىن باشقىلىرى  ئاساسەن ئەدەبىي ئەسەرلەر بولدى. تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ كۆپ مۇشەققەتلەر بىلەن لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھاياتىنى ناھايىتى تەپسىلىي يورۇتۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىگە ئاپىرىن ئيتىمىز. مۇندىن ئون يىللار ئىلگىرى ئەلىمىزنىڭ چاۋشىڭ رەقەملىك كۇتۇپخانىسى (超星数字图书馆) دا مۇشتەرىلەرنىڭ كۆرۈشىگە قويۇلغان، ئاقسۇ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئارخىبلىرىدىن 1957-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى تەرجىمە قىلىنغان بىر خەنزۇچە قوليازما ماتېرىيالنى كۆرۈپ، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرى توغرىسىدا كۆپ ئويلىنىشلاردا بولدۇم. بۇ ماتېرىيالنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تەكشۈرۈشلەر ھەمدە گومىنداڭ ساقچى ئىدارىسىدىن قالغان ئارخىبلار ئاساسىدا يېزىلغانلىقىدا شۈبھە يوق. مانا، ئىنقىلابىي شائىرنىڭ ۋاپات بولغىنىغا 66 يىل، مۇشۇ مەنبە قوليازمىنىڭ ھازىرلارنىغىنىغىمۇ 54 يىل بوپتۇ. «دۇنيادا ئېچىلمايدىغان سىر يوق» دەيدۇ دانالار. مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ قەلب تۆرۈمدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەن ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابىي شائىرنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى بىر قانچە يىلىنى يۇقىرىقى ئىشەنچلىك يازما ئاساسىدا قىسقىچە تونۇشتۇرۇشنى بۇرچ دەپ قارىدىم.


ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرۈپ، «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە ئىشلەۋاتقان لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىرى كۈنسېرى ئۆسۈۋاتقانلىقتىن، ئاقسۇدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» شۆبىسىگە باش مۇھەررىر ياردەمچىسى دېگەن نامدا سۈرگۈن قىلىنغان. بۇ ۋاقىت قانخور جاللاد شېڭ شىسەي ئۆزىنىڭ ئىلغارلىق نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھاكىمىيىتىگە ساداقەت بىلدۈرگەن ۋاقىت ئىدى. 1942-يىلى 8-ئايدا جياڭ جېشىنىڭ خانىمى سۇڭ مېيلىڭ ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن جۇ شاۋلياڭ، ۋۇ جوڭشىنلار بىلەن مەخپىي سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەلتۆكۈس ئۈزدى. شىنجاڭدا ئىشلەۋاتقان سوۋېت مۇتەخەسىسلىرىنى ۋە قۇمۇلنى ساقلاۋاتقان قىزىل 8-پولكنى شىنجاڭدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلىدى. ئەسلىدە ئۆزىنى كوممۇنىزمچى دەپ نىقابلاپ كەلگەن شېڭ شىسەي سوۋېت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزگەندىن كېيىن، گومىنداڭ پىرقىسىنىڭ ھەربىي، مەمۇرىي ئەمەلدارلىرى شىنجاڭدىكى مۇھىم ئورۇنلارغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى، گەرچە شېڭ شىسەي داۋاملىق مىللىتارىستلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىش نىيىتىدە بولسىمۇ، گومىنداڭنىڭ جيۇچۇەندە تۇرۇشلۇق 19-گۇرۇپپىۋوي ئارمىيەسىنىڭ قۇمۇلغا كىرىشى بىلەن بۇنداق ئىمكانىيەتلەردىن مەھرۇم قالدى. 1943-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى گومىنداڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك پىرقىسى قايتىدىن رەسمىي قۇرۇلدى. بۇ ۋاقىتتا شىنجاڭ ۋەزىيىتى تولىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن بولۇپ، شائىر نىمشېھىت يازغاندەك، ھەر بىر كىشىنى سەككىز-ئوندىن ئىشپىيون ماراقلايدىغان، ئىشپىيونلار ھەتتا دىلىڭىزدىكىنىمۇ يازالايدىغان دەرىجىگە يەتكەن، ھەممە يەرنى ئاق تېررورلۇق قاپلىغان ئىدى. مانا مۇشۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدا يېڭىدىن كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان شائىر، پائالىيەتچان ياش لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرى نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ ئاقسۇغا نامدا خىزمىتى يۆتكەلگەن، ئەمەلىيەتتە پالانغان. ئۇ كېچىككەندىمۇ 1943-يىلى 11-ئايدا ئاقسۇغا يېتىپ بېرىپ ئىشقا چۈشكەن، بۇنى ئۇنىڭ شۇ يىلى 11-ئايدا ئاقسۇدا يازغان «ھەسەن-ھۈسەن» دېگەن شېئىرى ئىسپاتلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاقسۇدا گومىنداڭ پىرقىسىنىڭ كۈچى ئاشقان، ئۇلار ھەر قايسى ئىدارە-جەمئىيەت ۋە يېزا قىشلاقلارغىچە گومىنداڭ پىرقىسىنى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭ ئىشپىيونلۇق تورىنى يايماقتا ئىدى. ئىدارە-جەمئىيەتلەردىكى ماركىسىزىمغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى يىغىۋېلىش بىلەن بىرگە، «كوممۇنىزم دىننىڭ دۈشمىنى» دېگەنگە ئوخشاش كىتابلارنى تارقىتىپ، مۇسۇلمان ئاممىسى بىلەن كوممۇنىستىك ئاڭ ئارىسىغا دۈشمەنلىك ئۇرۇقىنى چاچقان ئىدى. گومىنداڭ پىرقىسىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كومىتېتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىشپىيون-جاسۇسلىرىنى تۆت-بەش ھەسسە كۆپەيتىپ، چوڭراق ناھىيەلەردە بەشيۈزدىن، كىچىكرەك ناھىيەلەردە ئۈچيۈزدىن ئاشۇرۇۋەتكەن. مەكتەپلەردىكى سوۋېتتا بېسىلغان دەرسلىكلەرنى ئىشلىتىشنى چەكلەش بىلەن بىرگە ئىلغار پىكىرلىك ياشلار ۋە سودىگەرلەرنى تۇتۇش، قاماشنى جىددىيلەشتۈرۈىۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى، شۇ ۋاقىتتا گومىنداڭ پىرقىسىنىڭ سىياسەتلىرىگە قارشى چىققانلاردىن ئاقسۇدا يۈسۈپجان توختى ھاشىموف، تەۋەككۈل يۈسۈپ، ھەسەنوف، ھامۇتقارى، مەمتىمىنجان؛ تۆمۈر ئوچاق ياسايدىغان يۈسۈپجان، تىككۈچى سادىق ئاخۇن قاتارلىقلارنىڭ تۇتۇلغانلىقى ناھايىتى مۇھىم پاكىتلاردۇر. تۇتۇلغانلارنىڭ كۆپى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ قايتقان، بەزىلىرى سوۋېتقا سودا ئىشلىرى بىلەن چىقىپ قايتقانلار ئىدى. يەنە سوۋېت بىلەن سودا ئالاقىسى بار  سادىق ھاجى،   ئۇچتۇرپانلىق مەمتىلى، تۇراخۇن خەلپەت، ئىبراھىم   سەلىمجان (قىرغىز)، ئۇندىن باشقا سوۋېتتىن كەلگەن ئىمىن روزىيۇف، ئابدۇللا قاتارلىقلارمۇ تۇتۇلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە مەمەت سادىق ھاجى، تومۈر ئوچاق ياسايدىغان يۈسۈپجان، توختى ھاشىموف، ھامۇتقارى، مەمتىمىنجانلاردىن باشقىلىرى 1945-يىلى ئۆلتۈرۈلگەن.


مەن كۆرگەن يۇقىرىقى يازما مەنبەدە 1943-يىلى 6-ئايدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاقسۇدىكى گېزىتخانىغا باش مۇھەررىر ياردەمچىسى (تۇرسۇن ئەرشىدىن ياردەمچى مۇھەررىرلىك، دەپ يازغان) خىزمىتىگە ئەۋەتىلگەن، دېيىلگەن. شائىر ئەرمىيا ئېلىنىڭ 1970-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى يازغان «مەن ئەرمىيانىڭ تەرجىمىھالى» دا يېزىلىشىچە، 1942-يىلى 5-ئايدا ئاقسۇ «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ مۇھەررىرى تۇرسۇن ياسىننى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېتىپ، بۇ گېزىتخانىدا ئۆزى يالغۇز قالغان. «1943-يىلى 9-ئايلاردا ئۈرۈمچىدىن لۇتپۇللا مۇتەللىپنى تۇرسۇن ياسىننىڭ ئورنىغا تەھرىر قىلىپ ئەۋەتتى. 1945-يىلى 3-ئايغىچە لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن بىرگە ئىشلىدۇق» . مۇشۇ ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاقسۇغا 1943-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرى ياكى 10-ئاينىڭ باشلىرىدا يېتىپ بېرىپ خىزمەتكە چۈشكەن بولسا كېرەك. ئۇ ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇغا كەلگۈچە بولغان يولدا جاي ناملىرى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئۆگەنگەن ھەمدە سەپەر ھاسىلاتلىرىدىن «يۇلغۇنلۇقتا» ناملىق ھېكايىسىنى يېزىپ ئېلان قىلغان. ئۇ ئاقسۇدا خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن «ئاقسۇ گېزىتى» دە «جەنۇب شامىلى» ناملىق بەتنى تەسىس قىلىپ، ئاپتورلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، گېزىتنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتكەن. «ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق» قاتارلىق ئىنقىلابىي ئەسەرلىرىدىن بىر قىسمىنى شۇ بەتتە ئېلان قىلغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاقسۇغا كەلگەندىن كېيىن ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش، ئىجادىيەتچىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ھەم يېتەكلەش جەھەتتىن خېلى خىزمەتلەرنى ئىشلەپ قالماستىن، سانايى نەپىس ئىشلىرىغىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ «غېرىب-سەنەم»، «تاھىر-زۆھرە»… قاتارلىق ئوپېرا-دىرامىلارنى سەھنىلەشتۈرگەن ۋە رېژىسسور، دېكراتسىيە ئىشلىگۈچى، رول ئالغۇچى بولغان. «غېرىب-سەنەم» ئوپېراسى ئاقسۇ ۋە ئونسۇ  سەھنىلىرىدە كۆپ قېتىم ئوينالغان، ئۆزى يەنە غېرىبنىڭ رولىنى ئالغان. سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈپلا قالماستىن، زىيالىيلار ۋە كەڭ ئاممىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشتۈرگەن. ئۇنىڭ ئىناۋىتىنىڭ ئۆسۈشى ساقچى ئىدارىسىنىڭ نازارەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىگە سەۋەب بولغان. ئەمەلىيەتتە، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاقسۇغا يۆتكەلگەندە، ئۈرۈمچىدىكى ساقچى تارماقلىرى ئۇ توغرىسىدا توپلىغان نۇرغۇن ماتېرىياللىرىنى ئاقسۇ ساقچى ئىدارىسىگە يوللىغان بولغاچقا، ئىزچىل نازارەت قىلىپ كېلىنگەنىدى. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىجادىيەت، ئىش-پائالىيەتلىرىگە بولغان نازارەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ساقچى ئىدارىسى نازارەتچىلەرنى كۆپەيتكەن، كۆپەيتىلگەنلەر ئىچىدە ئاقسۇ گېزىتخانىسىدىن x (ئۇنىڭ شۇ تارىخىي شارائىتتا قانداق سەۋەب بىلەن ساقچىلارغا مەلۇمات يوللىغانلىقى بىزگە قاراڭغۇ، شۇڭا ئۇ كىشىنىڭ نام شەرىپىنى تىلغا ئېلىشنى لايىق كۆرمىدۇق)، ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئويۇشمىسىدىن كەلپىنلىك ئىمىن نىياز، گېزىتخانىدىن يەنە يۈسۈپ قارى بار بولۇپ، يۈسۈپ قارىدىن باشقىلار كۆز–قۇلاق بولۇپ مەلۇمات يوللاپ تۇرغان. يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە كۇچارلىق ئابلىمىت بۇرۇن دائىملا لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئارقىسىدىن پايلىغان. ئاياللارنىڭ ئىچىدىن مەسۇمبەگنىڭ خوتۇنى (لۇتپۇللا مۇتەللىپ تۇرغان ئۆينىڭ ئىگىسى) مەرىخان، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ خوتۇنى سوفىيە بايىزلار ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىپ، دائىم ساقچى ئىدارىسىگە ماتېرىيال يوللاپ تۇرغان. X نىڭ شۇ ۋاقىتتىكى مەخپىي نامى «ئەپەندى»، ئىمىن نىيازنىڭ بولسا «تېلىگىرامما» ئىدى. يۈسۈپ قارى ماتېرىيال يوللىمىغانلىقتىن كېيىن قولغا ئېلىنغان ھەمدە لۇتپۇللا مۇتەللىپلەر بىلەن بىرگە ئۆلتۈرۈلگەن. دارىلمۇئەللىمىننىڭ 24-سىنىپىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن بىرگە ئوقۇغان، كېيىن ئاقسۇ ساقچى ئىدارىسىدا ئىشلىگەن ئىمىن ئاقۇپنىڭ ئەسلىشىچە، شۇ چاغدا گېزىتخانىدا «ئەپەندى»، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىدا «كاڭجيەن» (ياسىن ئەزىز)، جەمئىيەتتە «گاڭبى» (ھېكىم نۇر) قاتارلىقلار لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاقسۇغا كېلىشتىن بۇرۇن، ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسى ئەۋەتكەن «لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئايرىم دېلوسى» غا ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان . ئېيتماق ھاجەتكى، تۇرسۇن ئەرشىدىن ئەپەندىنىڭ سوفىيە بايىز ۋە باشقىلاردىن ئىگىلىشىچە، ئۇلار توي قىلىپ «ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي سوفىيە ساقچى باشلىقى مېڭ دوڭچاۋ تەرىپىدىن چاقىرتىلىپ تېرگاۋ قىلىندى. بۇ ئىش لۇتپۇللا مۇتەللىپتىن يوشۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. چۈنكى دەل ئەنە شۇ چاغلاردا گومىنداڭ ساقچى رازۋېدچىكلىرىنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۈستىدىكى نازارىتى كۈچەيتىلگەنىدى. سوفىيە ساقچى باشلىقىدىن ئىبارەت بۇ قورقۇنچلۇق ھەم دەھشەتلىك كىشىنىڭ تەھدىتى، ئالداپ ئازدۇرۇشلىرىدىن تولىمۇ يۈرەكزادە بولدى. ئۇنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۈستىدىن مەلۇمات بېرىپ تۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ۋە بۇيرۇقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بەدەنلىرى شۈركۈنۈپ، يۈرىكى ئورنىدىن قوزغىلىپ كېتەيلا دەپ قالدى . لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن توي قىلغاندا سوفىيە بايىز ئاران ئون ئالتە ياشتا بولۇپ، ساقچى ئىدارىسىنىڭ تەھدىت ۋە بېسىمى ئاستىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ توغرىسىدا ساقچى ئىدارىسىگە مەلۇمات يوللىغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن سوفىيە بايىزنىڭ تويى ئەرمىيا ئەلىنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەن، لۇتپۇللا مۇتەللىپكە ئۇيغۇر ئويۇشمىنىڭ باشلىقى قادىر ۋاڭ، سوفىيە بايىزغا ئەرمىيا ئەلى ئاتا بولغان، بۇ تويمۇ ساقچى ئىدارىسىنىڭ سۈيقەستلىرى (ئۇنى كېچە كۈندۈز نازارەت قىلىشنى پىلانلىغان بولۇشى مۇمكىن) سىڭگەن ھالدا بولغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن. لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن سوفىيە بايىزنىڭ تويىنىڭ ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى شۇ ۋاقىتتىكى ئاقسۇ ساقچى ئىدارىسىدا ئىشلىگەن ئىمىن ئاقۇپنىڭ ئەسلىشى بويىچە ئالغاندا، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھەر بىر ئىش-ھەرىكىتى ئاقسۇ ساقچى ئىدارىسىدىن ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىگە يوللىنىپ تۇرغان، ئۆلكىلىك ساقچى «ئىدارىسىدىن سىلەر پەقەت كۈندۈزدىكى ئىش ھەرىكىتىنىلا نازارەت قىلىپسىلەر، ئۇنىڭ كېچىدە نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيسىلەر، شۇڭا كېچىسىمۇ نازارەت قىلىڭلار» دېگەن يوليورۇقىغا ئاساسەن ئاقسۇ قىزلار پېداگوگىكا مەكتىپىدىن سوفىيە بايىزنى نامزاتلىققا تاللىغان. سوفىيە بايىز شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلگەن بايىز تۇردىنىڭ قىزى بولۇپ، ھېكىم نۇر تونۇشتۇرغۇچى بولۇش بىلەن بىرگە لۇتپۇللانى كۆپ قېتىم توي قىلىشقا دەۋەت قىلغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپ توي قىلغۇدەك پۇلى يوقلۇقىنى ئېيتسا، ھېكىم نۇر ساقچى ئىدارىسىگە مەلۇم قىلىپ، پۇل ئېلىپ كېلىپ تويۇڭغا ياردىمىم دەپ بەرگەن . ئومۇمەن ئالغاندا، لۇتپۇللا مۇتەللىپ سوفىيە بايىز بىلەن توي قىلغاندىن باشلاپ كېچە-كۈندۈز ئىدارە، تالا-تۈز ۋە ئۆيىدە نازارەت قىلىنىپ تۇرغان.


لۇتپۇللا مۇتەللىپ ھەققىدىكى ماتېرىيال بىۋاسىتە گومىنداڭ  ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋە بۆلۈم باشلىقىغا يوللىنىپ تۇرغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ خوتۇنى سوفىيە بايىز بىۋاسىتە ساقچى باشلىقى مېڭ دوڭچياۋغا يەتكۈزگەن ۋە بىۋاسىتە ئۇنىڭدىن كۆرسەتمە ئالغان، گاۋ فۇتوڭ تەرجىمانلىق قىلغان. ئاقسۇ ساقچى ئىدارىسى لۇتپۇللا مۇتەللىپنى 1944-يىلى 5-ئايدا تۇنجى قېتىم تۇتۇپ ھەپتە قامىغاندىن كېيىن قويۇۋەتكەن.


لۇتپۇللا مۇتەللىپلەر «غېرىب-سەنەم» ئوپېراسىنى سەھنىلەشتۈرگەندىن كېيىن كەڭ ئاۋامنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن، شۇڭا كۇچار قاتارلىق ناھىيەلەرگە بېرىپ قويماقچى بولغان، غېرىبنىڭ رولىنى ئالغان  لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ناھىيەلەرگە بېرىپ ئويۇن قويۇش پۇرسىتىدە قېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن  ساقچى ئىدارىسى، گېزىتخانىنىڭ خىزمىتى ئالدىراش دېگەننى باھانە قىلىپ ناھىيەلەرگە بېرىشىغا يول قويمىغان، كېيىن ئۇنى ساقچى ئىدارىسى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ كەنجى لېيتېنانت (شاۋۋېي) دەرىجىلىك مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقلىقىغا تەيىنلىگەن ۋە ساقچى فورمىسى بەرگەن. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ قانداقلارچە ساقچى ئىدارىسى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بولۇپ قالغانلىقى توغرىلىق ئىمىن ئاقۇپ ئەسلەپ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مېڭ دوڭچاۋنىڭ خەنزۇلار مۇھىتىدىن ئېلىنغان بىر ئۇزۇن ھېكايىنى سۆزلەپ دەرھال ھەپتە ئىچىدە سەھنە ئەسىرى قىلىپ ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇغانلىقى (نەق مەيداندا پىچانلىق ئىمىن ئاقۇپ، تۇرپانلىق مۇھەممەد ئەرشىدىن، قەشقەرلىك قاسىم ۋە تەرجىمان زۇنۇن قاتارلىقلار بار)، ئۇنىڭ ئەتىسى يۇقىرىقى ھېكايىنى «نۇرلۇق يولغا قەدەم» دېگەن تېمىدا سەھنە ئەسىرى قىلىپ يېزىپ كەلگەنلىكى، مېڭ دوڭچاۋنىڭ مەمنۇن بولغانلىقى، ئۇندىن كېيىن ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ «لۇتپۇللا مۇتەللىپ سەككىز يىللىق قاماققا ئېلىنسۇن» دېگەن بۇيرۇقىنى كۆرسىتىپ، ئەگەر ساقچى ئىدارەسىنىڭ سەنئەت ئۆمىكىگە يېتەكچىلىك قىلسا قاماققا ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى ماقۇل كەلتۈرگەن.  ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مېڭ دوڭچياۋ ئۆز ئېغىزى بىلەن لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ناھىيەلەرگە ئويۇن قويغىلى بېرىشتىن پايدىلىنىپ قېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىنى ئېيتقان. زومېڭ (زۇنۇن) ۋە دوڭ گۇاڭكەيلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ساقچى ئىدارىسىدە بۆلۈم باشلىقى دەرىجىسى بېرىلگەن بولسىمۇ، بۆلۈمگە بېرىپ ئىشلىشىگە يول قويۇلمىغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ناھىيەلەرگە بېرىپ ئويۇن قويۇشىغا يول قويۇلمىغان، لېكىن  ساقچىنىڭ سەنئەت ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋەزىپىسىگە قويۇپ، ئەتراپىغا جاسۇسلانى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ماتېرىيال توپلىغان، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاتالمىش ئارتىسلار جاسۇس بولۇپ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىشقا، ناخشا ئېيتىشقا تەكلىپ قىلىشىپ يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ زىيادە نازارەت قىلىپ تۇرغان. ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئارتىس نامىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان جاسۇسلاردىن بەزىلىرى ھەتتا ئۇنىڭ قەلبىنى ئۇتۇشقا يەنى مۇھەببەتلىشىشكە ئۇرۇنغان، دائىم ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تاماق ئېتىپ يېيىش ۋە شۇ ئارقىلىق ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنغان، لېكىن لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇلارغا نورمال مۇئامىلە قىلىپ تاپتىن چىقىدىغان ئىشلارنى قىلمىغان. كېيىن ساقچى ئىدارىسى ئۇنىڭ زىناخورلۇق ياكى تاپتىن چىققان ئىشلىرىنىڭ بار يوقلۇقىنى مەخسۇس تەكشۈرگەن بولسىمۇ، ھېچقانداق ناشايان قىلمىشى بايقالمىغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۇ ھەقتە ماتېرىيال يىغقان ئارتىس خوتۇن-قىزلاردىن خەرنىسا (ئېردېشىڭ)، زورەم (سۇزوپېي)، زۆھرە (زولىجەن)، خەيىرنىسا (خەيلىشىڭ)، ھاۋاخان، ئايشەم، دۆۋلەتخان، ئايتۇرسۇن، گۈلسۈم، روزىخان قاتارلىقلار بار. ئاقسۇ ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىشلىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ روھىيىتىگە قاتتىق زەربە بەرگەنلىكتىن، بۇ ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ رېپېتىتسىيە ئىشلىرىغا كۆپ قاتناشمىغان، ئىككى يانچۇقىغا قولىنى سېلىپ ئۇيان–بۇيان مېڭىپ يۈرگەن، بەزىدە مۆيدىن جۈجاڭ دېگەن كىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ساز چالغان.


1944-يىلى 10-ئايدا «تاھىر–زۆھرە» ئوپېراسىنى رېپېتىتسىيە قىلىشقا باشلىغان، 11-ئايدا بىر تەرەپتىن رېپېتىتسىيە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن دېكراتسىيەسىنى سىزغان. بۇ ئوپېرا 12-ئايدا سەھنىدە ئوينالغان، لۇتپۇللا مۇتەللىپ تاھىرنىڭ رولىنى ئالغان. دىرامىنىڭ تەسىرى ناھايىتى ياخشى بولغانلىقتىن ئاۋات ۋە ئۇچتۇرپان ناھىيەلىرىگىمۇ بېرىپ ئورۇنلانغان.


لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىقلار گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلاشقان زۇلۇمىنى ئاغدۇرۇپ خەلقنى پاراۋان تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش، جۇڭگو دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا يېقىندىن ماسلىشىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن، 1945-يىلى 4-ئايدا دوستلىرى بىلەن «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» دېگەن تەشكىلاتنى قۇرغان. مۇنىرىدىن خوجا تەشكىلاتنىڭ باشلىقى بولغان، بۇ ۋاقىتتا لۇتپۇللا مۇتەللىپ ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە بولغانلىقتىن سىرتتىن ياردەم قىلغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپ 5-پولكتىكى ئودىلكوم (ئوتدىلىنىيە كومانىدىرى، بەنجاڭ) ئوسمانجان (ۋۇجەنگوڭ) قاتارلىق بەزى ئىلغار پىكىرلىك ياشلارنى تەشكىلاتقا تارتقان. ئوسمانجان لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، ئۆز-ئارا دوستلاشقان. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇنىڭغا ئۆزلىرى قۇرغان گومىنداڭغا قارشى تەشكىلاتقا قاتنىشىشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما ئىلتىماس يېزىپ ئىمزا قويۇشنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئارمىيە ئىچىدە ئەزا كۆپەيتىشكە ياردەملىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. كېيىن ئۇ پولكنىڭ ئات دوختۇرى مۇسا ئەلىنى تونۇشتۇرغان. مۇسا ئەلى (قازاق) تەشكىلاتقا كىرىپ ئۇزۇن بولماي قولغا ئېلىنىپ ئۈلتۈرۈلگەن. شۇ يىلى 7-ئايدا ئوسمانجان ئۆز ئوتدىلىنىيەسى بىلەن مۇزداۋاندا تۇرۇۋاتقان بولۇپ يەنە خاچېڭ (ئودىلكوم) ئوتدىلىنىيەسى قاتارلىق ئالتە ئوتدىلىنىيە مۇزداۋاندا تۇراتتى، ئوسمانجان خاچېڭغا كۆپچىلىك بىرلىكتە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش تەكلىپىنى بېرىپ، سىزنىڭ بىر ئوتدىلىنىيە، مېنىڭ بىر ئوتدىلىنىيە كىشىلىرىم بار، بىرلىكتە قوزغىلاڭ كۆتۈرەيلى، دەيدۇ، لېكىن خاچېڭ رەت قىلىدۇ. مىللىي ئارمىيە مۇز داۋانغا يېقىنلاشقاندا، ئۇلار ئاقسۇغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن. ئوسمانجان يەنە خاچېڭغا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش تەكلىپىنى بەرگەن بولسىمۇ رەت قىلغان. ئۇلار يەنە مۇز داۋانغا ئەۋەتىلگەن بولۇپ يولدا كېتىۋېتىپ، ئوسمانجان بىر ئەسكەرنى مىللىي ئارمىيە بىلەن ئالاقە قىلىشقا ئەۋەتكەن، بۇ ئەسكەرنىڭ ئىسمى ئابدۇللا بولۇپ باي ناھىيەسىدە قارىبەگ دېگەن باۋجاڭ تۇتۇۋېلىپ گومىنداڭ ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ باشلىقى جاۋ خەنچىڭ ئۇنى سوراق قىلغاندا، ئۇ قورقماستىن «ئىلى تەرەپكە ئۆتۈپ، ئۇلارنى باشلاپ كېلىپ كاللاڭنى ئالغىلى ماڭغان، ھازىر سەن مېنى تۇتۇۋالدىڭ، قانداق قىلساڭ شۇنداق قىل» دېگەن.  بۇ ۋەقەلەر 1945-يىلى 8-ئايدا بولغان. 8-ئاينىڭ ئاخىرى مىللىي ئارمىيە مۇز داۋانغا كەلگەندە ئوسمانجان ئوتدىلىنىيەسىنى باشلاپ مىللىي ئارمىيە تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن.


«ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» پىلان، نىشانى بولغان تەشكىلات بولۇپ ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتىگە ماسلىشىپ، خەلقنى گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى مەقسەت قىلاتتى، شۇنداقلا پۈتۈن جۇڭگونىڭ ئازادلىق ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. ئۇلار ئىنقىلابىي ئىدىيەگە ئىگە ياشلارنى تەشكىلاتقا قوبۇل قىلغان، بۇلاردىن يۈسۈپجان، تەۋەككۈل، يۈسۈپجان ئابدۇكېرىم، ئارىپوف قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. يۈسۈپجان باي ناھىيە ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، ئۇيۇشمىدىكى ھامۇت ئەزىزنى، ھامۇت ئەزىز  ھاكىم ھېكىم نۇرنى قوبۇل قىلغان. ھامۇت ئەزىز ئۇيغۇر ئويۇشمىسىغا باشلىق ۋاقتىدا  ھاكىم ھېكىم نۇر ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن ئىدى. ھاكىم بۇ ئىشلارنى ئۇققاندىن كېيىن ساقچى 2-بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خا يىۋېنغا مەلۇمات يوللىغان. «مەن ئۇلارنىڭ تەشكىلاتىغا قوبۇل قىلىندىم، مەن سىلەرنى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيمەن، مەن ھاكىم بولغاندىن كېيىن ھېچقانداق نەتىجە ياراتمىدىم، ئۇلارنىڭ تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن ماتېرىيال توپلاپ سەمىمىيىتىمنى بىلدۈرسەم»، دەپ دوكلات يازغان. كېيىن بۆلۈم باشلىقى خا يىۋېن ئۇيغۇرچە بىر پارچە خەت يېزىپ، ياسىن ئەزىزدىن ئەۋەتىپ بەرگەن. خەتتە «سىز ئۇلارنىڭ تەشكىلاتىغا كىرسىڭىز بولىدۇ، دائىم بىزگە ماتېرىيال يوللاپ تۇرۇڭ، قانچىلىك پۇل لازىم بولسا بېرىمىز»، دېيىلگەن ئىدى. ياسىن ئەزىز خەتنى ھاكىمنىڭ ئۆيىگە ئەلىپ بارغاندا، ھاكىم ئابدۇللا داۋۇت، مامۇت ئەزىز، يۈسۈپجان قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ شاراب ئىچىۋاتقان ئىكەن. ياسىن ئەزىز ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، يۈسۈپجان يالغاندىن مەست بولۇۋېلىپ كارىۋاتتا ياتقان ئىكەن. ياسىن ئەزىز ھاكىم قۇيۇپ بەرگەن بىر رومكا ھاراقنى ئىچىپ بولۇپ، يېنىپ ئىشىك ئالدىغا چىققاندا ھاكىممۇ چىقىپ ساقچى ئىدارىسىىنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. ئۇ خەتنى كۆرۈپ بولۇپ ياسىن ئەزىزگە «ماڭا پۇل لازىم ئەمەس، مەندە پۇل بار، پەقەت خىزمەت قىلدىم، ئازراق كۈچ چىقاردىم، بۇندىن كېيىن دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرايلى، بۇندىن كېيىن سىز بىر ئادەملا كېلىڭ، باشقىلار كەلمىسۇن، بولمىسا باشقىلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويىمىز»، دېگەن. شۇندىن كېيىن  ھېكىم نۇر دائىم ماتېرىيال يوللاپ تۇرغان، ئۇ يوللىغان مەلۇماتلارنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق:


1) تەشكىلات قۇرۇش توغرىلىق مۇزاكىرەنىڭ مەزمۇنى.


2) تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلىدىغان ۋاقتى ۋە ئورنى (قىزىل كۆۋرۈكنىڭ سىرتىدىكى ئورمانلىق).


3) تەشكىلاتنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ ئەھۋالى، تەشكىلاتنىڭ نامى ۋە تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالى، جۈملىدىن تەشكىلاتنىڭ «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئىكەنلىكى، مۇنىرىدىن خوجىنىڭ سېكىرىتار، ئابباسوف يۈسۈپجاننىڭ تەشكىلات بۆلۈم باشلىقى، كەسىف ئىۋان (رۇس) نىڭ كاتىب،  ئۆزىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى، ئوسمان مۇھەممەد تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ كاتىپى، ئابدۇللا داۋۇتنىڭ تارىخ تەتقىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقى ئىكەنلىكى، بۇ تەشكىلاتقا سىياسىي جەھەتتىن لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقى، يەنە ئابدۇللا روزىنىڭ ئەھۋالىنى دوكلات قىلغان.


4) يەنە مۇشۇ تەشكىلاتتىكى 5–پولكنىڭ ئات دوختۇرى مۇسا ئەلىنىڭ ئەھۋالى.


5) تەشكىلاتنىڭ مۇددىئاسى، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزا كۆپەيتمەكچى بولغانلىقى، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئىلى ئىنقىلابىغا ياردەم قىلىپ، ئاقسۇنى ئازاد قىلىش قاتارلىق سىياسىي ئەھۋاللار.


6) 15 كۈن ئۆتكەندە ساقچى ئىدارىسىگە مەلۇمات يوللاپ، ئۇلارنىڭ گۇمانلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى سەۋەب قىلىپ، 11 ~ 12 ياشلاردىكى سىڭلىسى پاتەمنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ماتېرىيال يوللىغان. كېيىن بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلغانلىقى، 1-قېتىم يىغىن ئاچقانلىقى، تەشكىلاتنىڭ پىلانى، يىغىندا بۆلۈم باشلىقلىرىدىن باشقا مال دوختۇرخانىسىنىڭ ئادىمى ئەلى ئاخۇن، يۈسۈپ قاتارلىقلارنىڭ بارلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى دوكلات قىلغان. ھاكىم ئۇچتۇرپانغا بېرىپ ئابدۇكېرىم ئايۇپوف، تەۋەككۈل يۈسۈپ قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلغان، قادىر ئېلى (ئەرمىيا ئېلىنىڭ ئىنىسى) نى تېپىپ خىزمەت پىلانىغا ئىمزا قويدۇرغان.


«ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» نىڭ باشتىكى ئەزالىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مۇنىرىدىن خوجا، (سېيىت) ئابباسوف، يۈسۈپجان، ئابدۇللا داۋۇت، ھۈسەيىنوف، ئوسمانجان مۇھەممەت، ئەلى ئاخۇن (مال دوختۇرى)، مۇسا ئەلى (مال دوختۇرى)، ئابدۇللا روزى، تەۋەككۈل يۈسۈپوف، ئابدۇكېرىم ئايۇپوف، ئىۋان، قادىر ئەلى، ئىبراھىم ئىدرىس، ئابدۇرەھىم مۇھەممەت، بىلال ئەزىزى، جالالىددىن ئاخۇن، مەۋلانجان تۇردى، رەھمەت يۈسۈپ، ئوسمان قاسىم، ئوسمان يۈسۈپ.


ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقىدىكى ئەزالارنىڭ قولغا ئېلىنىشى  


«ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئەزالىرىنى بەلگە قىلغان ھالدا ئىنقىلابىي ياشلار بىر قانچە تۈركۈمگە بۆلۈپ قولغا ئېلىنغان. ئەڭ ئالدى بىلەن مۇسا ئەلى، 2-قېتىمدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ، 3-قېتىمدا بىلال ئەزىزى، 4-قېتىمدا مۇنىردىن خوجا، 5-قېتىمدا باشقا ئەزالار قولغا ئېلىنغان. «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىنىشىدا، مۇشۇ تەشكىلاتنىڭ تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى بولۇۋالغان ئاقسۇ كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ قورچاق ھاكىمى ھېكىم نۇر ئالاھىدە «چوڭ خىزمەتلەرنى» ئىشلىگەن. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا تەشكىلاتنىڭ بارلىق ماتېرىياللىرىنى تەمىنلەش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى قولغا ئالىدىغان پەيتنىمۇ بېكىتىپ مەلۇم قىلغان. يۇقىرىقى تۆھپىلىرى ئۈچۈن يىگىرمە مېڭ سوم مۇكاپات ئالغان. ھېكىم نۇر ئۆزىنىڭ خائىنلىقىنىڭ خەلق تەرىپىدىن سېزىپ قېلىنىشىدىن قورقۇپ ئۆزىنىمۇ قولغا ئېلىشنى تەلەپقىلىپ، ئەۋزەل شارائىتلىق تۈرمىدە بىر ئاي ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك يېتىپ، ئۆزىنى نىقابلاپ، تارىخنىڭ سورىقىدىن قاچماق بولغان بولسىمۇ، «ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك» بولغانلىقتىن تارىخنىڭ سورىقىدىن قۇتۇلالمىغان ۋە ئازادلىقتىن كېيىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. يۇقىرىقى ماتېرىيالدا «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ئەزالىرىنىڭ قولغا ئېلىنىش ئەھۋالى قىسقىچە بايان قىلىنغان.


ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى قۇرۇلۇپ بىر يېرىم ئاي بولغاندا 5-پولكنىڭ مال دوختۇرى مۇسا ئەلى قولغا ئېلىنغان. 7-ئايدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ قولغا ئېلىنغان. 3-قېتىمدا ئاقسۇ كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى بىلال ئەزىزى ساقچى ئىدارىسىدە بىر قانچە كۈن نازارەت قىلىنغاندىن كېيىن رەسمىي قولغا ئېلىنغان. بىلال ئەزىزىنىڭ قولغا ئەلىنغاندىكى ئەھۋال مۇنداق: ئەينى ۋاقىتتىكى ئاقسۇ ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ  خادىمى ئۆمەر بىلال ئەزىزگە «ئىككىمىز ئىلگىرى ساۋاقداش ئىدۇق، شۇڭا بۇرۇندىنلا تونۇشىمىز، ئىلگىرى ھەممىمىز ھەققانىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئىدۇق، ھازىر نۇرغۇنلىغان يولداشلىرىمىز قولغا ئەلىندى. بىز دائىم لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن ئىنقىلاب مەسىلىلىرىنى سۆزلىشەتتۇق، ھازىر ئۇ قولغا ئېلىندى، سەنمۇ ئويغۇنىشىڭ كېرەك، بۇ ژۇرناللارنى كۆپرەك كۆر»، دەپ 4-5 پارچە «شەرق ھەقىقىتى» ژۇرنىلىنى بەرگەن، ئۇندىن كېيىن ئۇنىڭغا ژۇرناللارنى ساقچى ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىر پارچە ماتېرىيال يېزىپ ئىلگىرى خاتا قىلغانلىقىنى ئېيتسا، ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئۇنى قولغا ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىلال ئەزىزى ماتېرىيال يېزىپ ژۇرناللار بىلەن بىرگە ئاقسۇ ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىگە تاپشۇرغاندىن كېيىن ئۇنى ئاقسۇ ساقچى ۋىلايەتلىك ئىدارىسىگە يۆتكەپ ئاپىرىپ نازارەت قىلىپ ئون نەچچە كۈندىن كېيىن قولغا ئالغان.


8-ئايدىكى بىر يەكشەنبە كۈنى ھېكىم نۇر ساقچى ئىدارەسىگە كېلىپ ئۇلارنى تۇتىدىغان ۋاقىتنىڭ بولغانلىقىنى ئېيتقان، شۇندىن كېيىن ساقچى ئىدارەسىنىڭ باشلىقى كوناشەھەر ناھىيەسىگە چىقىپ ئىنقىلابىي ياشلارنى تۇتۇشقا بۇيرۇق قىلغان. ھېكىم نۇر نۇرغۇن ئادەمنى ئاشكارىلىغان. ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇئاۋىنىنى ئەۋەتىپ ياردەملەشتۈرگەن. ھېكىم نۇر ئۇلارغا «سىلەر ماڭغاندا مەندىن يىراقراق يۈرۈڭلەر، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا مۇنىرىدىن خوجا ساتىراشخانىدا چاچ ياسىتىۋېتىپتۇ، ئاۋۋال ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كۆرۈپ باقايلى، ئەگەر ئۆيىدە بولمىسا قاۋاس ساتىراشخانىسىغا بېرىپ قاراپ باقايلى، سىلەر ئاۋۋال بېرىپ ساتىراشخانىنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇڭلار، مەن كىرىپ كەتكەندىن كېيىن سىلەر ئەگىشىپ كىرىڭلار، ئاۋۋال ئۇنىڭ يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇپ خىزمەت پىلانىنى قولغا چۈشۈرۈڭلار، شۇنىڭ بىلەن ئىش تامام»، دېگەن. يۇقىرىقى گەپلەرنى ئېيتىپ بولۇپ ھېكىم نۇر ئاۋۋال مۇنىرىدىن خوجىنىڭ ئۆيىگە، ئۇندىن كېيىن قاۋاس ساتىراشخانىسىغا بارغان. ساتىراشخانىغا كىرىشتىن بۇرۇن قول ئاستىدىكىلەرگە «مەن ئۇنى چىققىلى قويماي تۇتۇپ تۇرىمەن، سىلەر مۇنىرىدىن خوجىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئاختۇرۇڭلار، ئەگەر خىزمەت پىلانىنى تاپالىساڭلار دەرھال ئېلىۋېلىڭلار، ئۇندىن كېيىن ئامال قىلىپ ئۇنى تۇتىمىز». ھېكىم نۇر يۇقىرىقى ئىشلارنى تاپىلاپ بولغاندىن كېيىن ساتىراشخانىغا كىرىپ كەتكەن. ساقچى ئىدارىسىدىكى زۇنۇن (زومېڭ)، ياسىن، نىيازۇف، ھىمىتلار مۇنىرىدىن خوجىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئالدىن تەييارلىۋالغان ئاچقۇچى بىلەن ئۇنىڭ قۇلۇپىنى ئاچماقچى بولغان، لېكىن ئېچىلمىغانلىقتىن كالتەك تېپىپ كېلىپ قايرىپ ئاچقان. ئۇلار مۇنىرىدىن خوجىنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇپ خىزمەت پىلانىنى تېپىپ چىقىپ تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن زۇنۇنغا بەرگەن. ئۇلار يەنە بېرىپ مۇنىرىدىن خوجىنى قولغا ئالغان ۋە ئىككى كۈن ئۆتكەندە ئۇنى سوراق قىلغان. سوراقتا «سېنىڭ ھەممە ئىشلىرىڭنى بىلدۇق، سىلەرنىڭ تەشكىلاتىڭلارنىڭ خىزمەت پىلانىغىمۇ ئېرىشتۇق، تەشكىلاتىڭلارنىڭ ئەھۋالى يېزىپ چىق»، دەپ ئۇنىڭغا بىر ۋاراق قەغەز بەرگەن. مۇنىرىدىن خوجا ھېچنەرسىنى يوشۇرۇپ قالماستىن يېزىپ چىققان، شۇندىن كېيىن ئۇ قاماققا ئېلىنغان. مۇنىرىدىن خوجا قاماققا ئېلىنغاندىن كېيىن ساقچى ئىدارىسى قالغان ياشلارنى قولغا ئەلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئادەم تۇتۇشقا بارغانلار − ياسىن ئەزىز، شىن باۋشەن، مىجىت، لىن يۈشەن، ياڭ شۈنخەيلەر دەرھال  قوراللىنىپ بېرىپ ئۇلارنى تۇتقان. ياسىن ۋە شىن باۋشەنلەر يۈسۈپجان، ئابدۇللا داۋۇت، ئوسمان مۇھەممەد، ئېلاخۇن دوختۇر، ئابدۇللا روزى قاتارلىقلارنى تۇتقان. يەنە بىر توپ كوناشەھەر ناھىيەسىگە ئەۋەتىلىپ ئابدۇللا ئارىپۇف، تەۋەككۈل يۈسۈپۇف، ئىبراھىم ئىدرىس، ئابدۇرەھىم ئەھمەد قاتارلىق كىشىلەرنى تۇتۇپ قارا ماشىنا بىلەن ساقچى ئىدارىسىگە ئاپىرىپ قامىغان. ھېكىم نۇر ئەينى چاغدا ساقچى باشلىقىغا «مېنىمۇ قاماڭلار، بولمىسا ئۇلار مەندىن گۇمانلىنىدۇ ۋە سالاھىيىتىم ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ، جاسۇس دېگەن قالپاقنى كەيگۈم يوق»، دېگەن. شۇنداق قىلىپ ئۇمۇ تۈرمىگە ئېلىپ كىرىلىپ ياسىداق ئۆيگە قامىغان ۋە خوتۇنىنىمۇ ئېلىپ كىرگەن، سىرتتا بولسا ئۇنىمۇ قولغا ئاپتۇ دېگەن گەپ تارقالغان، ئەمەلىيەتتە ئۇ ناھايىتى ياخشى شارائىتتىن بەھرىمەن بولغان ھەمدە يىگىرمە مىڭ سوم مۇكاپات ئالغان. 1945-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى مىللىي ئارمىيە ئاقسۇدىن چېكىنگەندىن كېيىن «تۈرمىدىن چىققان»، ئۇنىڭغا كەنجى لېيتېنانت (شاۋۋېي) ئۇنۋانى بېرىلىپ ساقچى ئىدارىسى 2-بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان.


«ياش ئۇچقۇنلار ئىتتاقى» تەشكىلاتىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئىنقىلابىي ياشلارنى تۇتقۇن قىلىش 1945-يىلى 5-ئايدا باشلىنىپ 8-ئايدا تاماملانغان، ئۇلار تۈرمىگە ئاپىرىلغاندا ھەممىسىگە ئىشكەل سېلىنغان، پەقەت لۇتپۇللا مۇتەللىپكىلا كىشەن سېلىنمىغان، ياشلارنىڭ ھەممىسى تۇتۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغىمۇ كىشەن سېلىنغان. ئىنقىلابىي ياشلارنىڭ ھەممىسى بىر كامېرغا سولانغان، لېكىن لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۈچ كىشى بار ئايرىم كامېرغا سولانغان، لېكىن ئۇ ئۈچ كىشى ئۇلارنىڭ تەشكىلاتىنىڭ ئادىمى ئەمەس ئىدى، شۇنداقلا بۇ ئۈچ كىشىنىڭ نېمە كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ تۈرمىدە دائىم گۇندىپايلارنىڭ قارشىلىقىغا قارىماستىن «غېرىب-سەنەم»، «تاھىر-زۆھرە» ئوپېرالىرىدىكى كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان ناخشىلارنى ئېيتقان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ تۈرمىدىمۇ خېلى كۆپ ئەسەرلەر يازغان. ئىنقىلابىي ياشلار يىراق-يىراق كامېرلارغا قامالغان بولغاچقا ئۆزئارا خەۋەر ئېلىشالمايتتى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىنقىلابىي ھېكايىلەر تارقىلىپ تۇراتتى. ئۇ ھېكايىلەردە جەمئىيەتتىكى تەڭسىزلىك، پەسكەشلىكلەر قامچىلىنىپ سوتسىيالىزم تەشۋىق قىلىنغان. ئابدۇللا روزى، بىلال ئەزىزى، يۈسۈپجانلارمۇ دائىم ئىنقىلابىي ناخشىلارنى ئېيتقان. ئۇلارنى ھەر كۈنى شامالداشقا ئېلىپ چىققاندىمۇ ئۆزئارا كۆرۈشۈشكە يول قويۇلمايتتى، ئۇلارنى سىرتقا ئېلىپ چىققاندا بېشىغا خالتا كىيگۈزۈلەتتى. كېيىن ئۇلار پات-پات سوراق قىلىنغان. ئۇلارنى سوراق قىلغان سوراقچىلار: ۋۇ شاۋبىن، خا يۈۋېن، ھەسەنبېك، ما باۋيىڭ، لى چېڭگۇي، ئاۋۇت، ۋاڭ زىجاڭ.


ئىنقىلابىي ياشلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى


«ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» نىڭ ئەزالىرىنى يادرو قىلغان ھالدا ئىنقىلابىي ياشلار ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ ئۆلتۈرۈلگەن. دانالار «يىلان ئۆلىدىغاندا بەك چاقىدۇ» دېگىنىدەك، مىللىي ئارمىيە ۋە پارتىزانلارنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ قالغان گومىنداڭچىلار خەلق ئوغلانلىرىدىن ئۆچ ئېلىشقا باشلىغان. مەن پايدىلانغان يۇقىرىقى مەنبەدە 1-قېتىم مىللىي ئارمىيە ئاقسۇ شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالغاننىڭ ئەتىسى گۇگۇمدا، يەنى 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى قانلىق قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ، ئۆزلىرى تۇتۇپ قامىغان ئىنقىلابىي ياشلاردىن بىر قىسمىنى ئۆلتۈرگەن.


9-ئاينىڭ 8-كۈنى گۇگۇمدە ۋۇ شاۋبىن، ۋاڭ زىجاڭ، دۇ كاڭكەي، خايۈۋېن، زۇنۇن (زومېڭ)، ياسىن رۇزى، ۋۇ جىڭشەن، شىن باۋشەن، نىياز، لى خېفېڭ، ياڭ شۈنپېي، ما دېفۇ، جاڭ جاۋجى، لىن شاۋشەن، ياۋ شىخەن، شاۋ چېڭياۋ، لۇ چاڭگو، شى يۈسەي، لى چېڭگۇي، ما باۋيىڭ ۋە 2-بۆلۈمنىڭ خېلى كۆپ ئادەملىرى ئىنقىلابىي ياشلارنى ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقان. ئۇلار تۈرمىگە كەلگەندىن كېيىن تۈرمە باشلىقى گۇەن ۋېيلۇ، ئابدۇللا سادىقلارنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگەن. ئۇلار كىرگەندىن كېيىن ۋۇ شاۋبىن قولىغا بىر ۋاراق قەغەزنى ئېلىپ «يۇقىرىدىن تېلىگىرامما كەلدى» دېگەن. ئۇ ئۈستەلنىڭ قارشى تەرىپىدە ئولتۇرغان، سول يېنىدا خا يۈۋېن، ئۇنىڭ يېنىدا دوڭ گۇاڭكەي، ئوڭ يېنىدا زۇنۇن (زومېڭ)، ۋاڭ زىجاڭ قاتارلىقلار، سىرتتا يەنە نۇرغۇن ئادەم ئولتۇرغان. شۇ ۋاقىتتا ۋۇ شاۋبىن تۈرمە باشلىقى گۇەن ۋېيلۇ، ئابدۇللا سادىقلاردىن «ئازگاللار كولىنىپ بولدىمۇ؟»، دەپ سورىغان. تۈرمە باشلىقى كولىنىپ بولغانلىقىنى دوكلات قىلغان. شۇنداق قىلىپ ھەممە ھازىرلىق پۈتكەندىن كېيىن، لى شيۇپىڭ، ياڭ سۈيپېي، (يەنە بىرەيلەننىڭ ئىسمى تۇتۇق بولغاچقا ئوقۇش ئىمكانىيىتى بولمىدى) قاتارلىقلار تۈرمە باشلىقىغا ياردەملىشىپ ئادەملەرنى باغلىغان. ۋۇ شاۋبىن تىزىملىككە قاراپ ئىسمىنى ئوقۇشقا باشلىغان. ئىسىملىك بويىچە تۇنجى قېتىم يۈسۈپجان باغلىنىپ ۋۇ شاۋبىننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىنگەن، ۋۇ شاۋبىن «بۈگۈن ساڭا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىمىز»، دەپ جاكارلىغان، زۇنۇن تەرجىمە قىلغان. ۋاڭ زىجاڭ پاختا ياكى رەخت تېپىپ ئېغىزىغا كەپلەپ قويۇشنى ئېيتقاندىن كېيىن، پاختا تېپىپ كېلىپ ئېغىزىغا تىقماقچى بولغاندا، يۈسۈپجان تىققىلى قويمىغان، ساقچىلار باش كۆزلىرىگە مۇشتلاپ پاختىنى ئېغىزىغا كەپلىگەن، شۇندىن كېيىن ۋۇ شاۋبىن ئۇنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇق قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىكى غالچىلار ئۇنى جاللاتلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. جاللاتلار يۈسۈپجاننى ئازگالنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ پىچاق بىلەن ئۆلتۈرگەن. شۇندىن كېيىن ئارىپۇف، قادىر ئەلى، يۈسۈپجان، ئوسمانجان مۇھەممەد، ئوسمان ھاسىم، ھۈسەنجان ھاپىز داموللا، ئابدۇللا روزى، مۇسا ئەلى، ئېلاخۇن، ئابدۇللا داۋۇت، مۇنىردىن خوجا، ھەسەنۇف، ئىبراھىم ئوبۇل، جالالىددىن ئاخۇن قاتارلىقلار بىردىن-بىردىن ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ ۋاقىت دەل مىللىي ئارمىيە ئاقسۇنى قورشىۋالغان 2-كۈنى ئىدى، ئۇلار ئازگالنىڭ ئەتراپىغا چىراغ ياققان ئىدى، سىرتتا مىلتىق ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، بەزىدە ئوق باشتىن ئۇچۇپ ئۆتەتتى، ئۇرۇش ناھايىتى كەسكىن بولۇۋاتاتتى.


گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ 2-قېتىملىق قىرغىنچىلىقى ھەققىدە مۇندىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان ماتېرىياللاردا لۇتپۇللا مۇتەللىپ، بىلال ئەزىزىلەرنى بەلگە قىلغان ھالدا 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى بولغان، دەپ قارىلىدۇ. بۇ قېتىمقى قىرغىنچىلىق ماتېرىياللاردا ئومۇمىيۈزلۈك قوللىنىلىدىغان قاراشتىن ئىبارەت. شۇنداقتىمۇ قىسمەن ماتېرىياللاردا بەزى پەرقلەر بار، مەسىلەن: شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىنى يېزىش-تەھرىرلەش كومىتېتى تۈزگەن «شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» دە 9-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە بولغان ۋەقەلەردە 7-كۈنى ئاتلىق پارتىزانلارنىڭ ئاقسۇنى قورشىۋالغانلىقى، ئەتىسى ھۇجۇم باشلىغانلىقى، ئاقسۇنى ساقلاۋاتقان قوشۇن جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى ھەمدە لۇتپۇللا مۇتەللىپ باشلىق 28 ياشنى ئۆلتۈرگەنلىكى يېزىلغان . بۇ ماتېرىيال شەكسىزكى تۇنجى تۈركۈمدە قىرغىن قىلىنغان ياشلارنى كۆرسەتكەن. ئەمما قولۇمدىكى ماتېرىيالدا لۇتپۇللا مۇتەللىپلەرنىڭ 8-سېنتەبىر ئەمەس، 18-سېنتەبىرمۇ ئەمەس، 21-سېنتەبىر گۇگۇمدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى يېزىلغان. ئەمدى 18-سېنتەبىر كۈنى دېگەن قاراشنىڭ مەنبەئىينى سېلىشتۇرۇپ، قايسى كۈن ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش مۇشۇ ھەقتە ماتېرىيالى بار قېرىنداشلارنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر، ئەلۋەتتە.


9-ئاينىڭ 21-كۈنى گۈگۈمدە جاۋ خەنچىڭ ساقچى ئىدارىسىگە كەلگەن، كېيىن ۋۇ شاۋبىن، نىياز، لى زىپىڭ، ياڭ شۈنپېي، جاۋ چېڭدې قاتارلىقلارنى باشلاپ كەلگەن. شۇندىن كېيىن زۇنۇن، ياسىن ئەزىز، خايۈۋېن قاتارلىق 2-بۆلۈمدىكى نۇرغۇن ئادەملەر كەلگەن. ۋۇ شاۋبىن لۇتپۇللا مۇتەللىپنى كۆرسىتىپ قاماللاپ كەلگەنلەرگە چىڭ تۇتۇشنى جېكىلىگەن ھەمدە ئۇنى ئېلىپ چىقىشقا بۇيرۇغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئېلىپ چىقىلىشى بىلەن ئابدۇللا سادىق ئۇنى تانا بىلەن باغلىغان، ئۇندىن كېيىن ئۇنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپنى ئېلىپ چىقىپ ئاشخانىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە يۈكۈنۈشكە بۇيرۇغان، بۇ ۋاقىتتا لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ چىرايى سارغايغان، چاچلىرىمۇ قالايمىقانلىشىپ كەتكەن ئىدى، بۇ ۋاقىتتا زۇنۇن (زومېڭ) ئۇنىڭ يېنىدا ئۆرە تۇرغان بولۇپ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇنىڭ كۆزىگە مىقتەك قادىلىپ قارىغان. بۇ ۋاقىتتا باشقىلار بىلال ئەزىزىنى ئېلىپ كېلىشكە كېتىشكەن. لۇتپۇللا مۇتەللىپ زۇنۇندىن «مېنى ئېلىپ چىقىپ نېمە قىلىدۇ؟»، دەپ سورىغان. ئۇ، «مەنمۇ ئۇقمايمەن، سېنى قويۇپ بېرەمدىكىن»، دېگەن، ئەمما لۇتپۇللا مۇتەللىپ بېشىنى چايقىغان. بۇ ۋاقىتتا بىلال ئەزىزى ئېلىپ چىقىلغان، ئارقىدىن ئىۋان، ئابباس قاتارلىقلارنى ئېلىپ كېلىپ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ قېشىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇشقا بۇيرۇغان. بىر دەمدىن كېيىن جاۋ خەنچىڭ چىقىپ ئۇلارغا «بۈگۈن سىلەر ئۆلتۈرۈلىسىلەر» دېگەن ھەمدە ئېلىپ چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن قولىنى شىلتىغان. نىياز ئۇلارنى تىللىغانلىقتىن مىلتىقنىڭ پەينىكى بىلەن ئۇرۇلغان. بۇ ۋاقىتتا لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئارقىسىغا قاراپ سەل ئاستا ماڭغان، نىيازنى مىلتىق پەينىكى بىلەن ئۇرغانلار تامنىڭ تۈۋىگە بېرىپ، ئۇلارنى رەت بولۇپ يۆكۈنۈپ ئولتۇرۇشقا بۇيرۇغان. بۇ ۋاقىتتا جاۋ خەنچىڭ مۇئاۋىنى لى چاڭچىڭغا ئېتىش بۇيرۇقىنى بەرگەن. لى چاڭچىڭ يان قورالىنى چىقىرىپ بىر-بىرلەپ ئاتقان. بۇ ۋاقىتتا ۋۇ شاۋبىننىڭ مۇھاپىزەتچىسى ئىككى رۇس ياشنى ئاتقان، بىراق ھېچكىم ئۇ ئىككى ياشنى ئېتىپ ئۆلتۈرەلمىگەن ئىدى، ئۇلار جاللاتلار تەرەپكە كەلگەندە لى چاڭچىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. كېيىن جاۋ خەنچىڭ بۇيرۇق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى سېپىل سىرتىغا تاشلىۋېتىشنى بۇيرۇق قىلىپ قايتىپ كەتكەن. ئابدۇللا سادىق ۋە گۇەن ۋېيلۇلار ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى سېپىلنىڭ سىرتىغا تاشلىۋەتكەن. پەقەت بىلال ئەزىزىگە ئوق تەگمەي ئۆلۈكلەر ئارىسىدا ياتقانلىقىنى بايقىغان گۇەن ۋېيلۇ كەتمەن بىلەن چاناپ ئۆلتۈرگەن. شۇ ۋاقىتتىكى تۈرمىدە ئوتدىلىنىيە باشلىقى بولغان غېنى مەھمۇدنىڭ ئېيتىشىچە، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئېلىپ چىقىلغاندىن كېيىن «تاھىر-زۆھرە» ئوپېراسىنىڭ ناخشىسىنى ئېيتقان. كېيىن ئۇنى ئاشخانىنىڭ يېنىغا ئەكېلىپ تىزلاندۇرۇپ، جاۋ خەنچىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ ۋاقىتتا لۇتپۇللا مۇتەللىپ: «قانداق قىلغۇڭ كەلسە شۇنداق قىل، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۆلسىمۇ، مېنىڭ يەنە ئەسەرلىرىم بار، ئادەم ئۆلسىمۇ ئۇنىڭ نامى ئۆچمەيدۇ»، دېگەن.  ئۇ يەنە كۆككە قاراپ: «قۇياش، سەن پۈتكۈل ئالەمگە نۇرۇڭنى چاچساڭمۇ مېنى يورۇتمىدىڭ، سەن مېنىڭ ئۆلگەنلىكىمگە ئىسپات بولغىن، مەن ئۆلسەممۇ مېنىڭ روھىم ئۆلمەيدۇ» دېگەن، مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇلارنى ئېتىش بۇيرۇقى بېرىلگەن. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاشخانىنىڭ قېشىغا ئېلىپ كېلىپ تىزلاندۇرۇلغاندا، يېنىدىكىلەر باشقىلارنى ئەكەلگىلى كەتكەندە، زۇنۇنغا قاراپ غەزەپ بىلەن: «سەنلەر ساتقىنلار، سىلەر پەقەت مۇشۇنداقلا قىلالايسىلەر، ئۇندىن باشقا نېمە قىلالايتتىڭلار» دېگەن. باشقىلار ئېلىپ كېلىنىپ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقى جاكارلانغاندىن كېيىن، ئەلى مەھمۇدنىڭ ئېغىز ئىقرارى ئوقۇلغان بولۇپ، خاچېڭ ۋە ئەلى مەھمۇدلارمۇ ئاڭلىغان. خاچېڭ بۇ ھۆججەتنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. لۇتپۇللا مۇتەللىپلەر ئېتىلغاندا، خاچېڭ بىلەن جاۋ خەنچىڭ سېپىل ئۈستىگە كۆرۈپ تۇرغان.


مەرھۇم ئەرشىدىن تاتلىق قاتارلىق پىشقەدەملەرنىڭ ئەسلىشىچە، 1945-يىلىدىكى سېنتەبىر ئايلىرىدا ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدە ئىنقىلابىي ياشلاردىن ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق كىشى قەتل قىلىنغان، بۇلار «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» نىڭ ئەزالىرىلا بولۇپ قالماستىن، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا ھېساشلىق قىلغان، ئۇلارنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان ياشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەسلىمىلەردە يېزىلىشىچە، ئۇچتۇرپان ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ يۈشۈن باشچىلىقىدىكى گومىنداڭچىلار ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن تۇراپ قارى، ئىبراھىم مۆمىن، ئۆمەر قاسىم، سىيىت ئابباس، ئارتۇق ئابباس، ئابدۇللا ياقۇپ، ئابلا ئىبراھىم قاتارلىق 16 ياشنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ئارمىيەسى ئىلگىرى كېيىن باي، ئاقسۇ كوناشەھەر ناھىيەلىرىنى ئازاد قىلغان، كېيىن قولدىن بېرىپ يەنە قايتىدىن ئىگىلىگەن ئىدى. ئۈرۈمچى تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولغانلىقتىن، يۇقىرى قوماندانلىق شتابىنىڭ بۇيرۇقىنى ئالغان مىللىي ئارمىيە 1945-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى مۇزات ئارقىلىق ئىلىغا قايتىپ كەتكەن. مىللىي ئارمىيەنىڭ قايتىپ كېتىشى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ خەلقتىن قىساس ئېلىشى، بۇلاڭچىلىق قىلىپ بايلىق توپلىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بېرىپ، يەنە بىر تۈركۈم گۇناھسىز ئاممىنىڭ قىرغىن قىلىنىشى، مۈلكىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشىغا پۇرسەت بەرگەن.


مىللىي ئارمىيە ئاقسۇدىن چېكىنگەندىن كېيىن، گومىنداڭ ئارمىيەسى ئاقسۇ ۋە كوناشەھەردىكى ئۆيىدە مىللىي ئارمىيە تۇرغان، ئۇلارغا ياردەملەشكەن كىشىلەرنى تۇتۇپ، مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ ئۆيۋاقىسىغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن. شۇ قېتىم گومىنداڭ ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئىچىدە ساراي ئاچقان سەلەي ئاخۇن، مەھمۇد ھاجى ئوغلى ئابدۇقادىرخان قاتارلىقلار ئېتىلغان، كونا شەھەردە خېلىل قاتارلىقلارنى تۇتقان. نۇرغۇن كىشىلەرنى مىللىي ئارمىيەگە ياردەم قىلغان دەپ چارۋىلىرىنى مۇسادىرە قىلغان. مەسىلەن: موللا توختى بەگنىڭ بارلىق مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان، مۆيدىن ئاقساقال، سالى ئاخۇن، كوناشەھەردىكى ھېكىم ئاخۇن، يۇنۇس بەگ، سايىت قارىھاجى، ئابلىز جۇرۇن، كېرىم خۇيجاڭ، تۇردى شاڭزوڭلارنىڭ بارلىق مۈلكى ۋە چارۋىلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ ئۆزلىرىنى قولغا ئالغان ۋە كېيىن ئۆلتۈرۈۋەتكەن. قاراشەھەردىن توشۇپ كېلىنگەن بەش يۈز دەندىن ئارتۇق بۇغداينى مىللىي ئارمىيە ئىستېمال قىلىۋەتكەن دەپ، ئاقسۇدىن باشقا يەرگە يۆتكەپ ئاپىرىپ، جاۋ خەنچىڭ ۋە ۋۇ شاۋبىنلار  سېتىۋەتكەن.


لۇتپۇللا مۇتەللىپ 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئاسمىنىدا چاقناپ ئۆتكەن يورۇق يۇلتۇز ئىدى، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دا گومىنداڭ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن لۇتپۇللا مۇتەللىپ «گومىنداڭچى» دېگەندەك ناملاردا قارىلانغان ئىدى. يېقىنقى يىللاردا بەزى ۋالاقتەككۈرۈپلىرىمىز ئۇنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا تىزلىنىپ نىجادلىق تىلىگەنلىكىنى، ئەخلاقىي جەھەتتىن تاپتىن چىققان، شاللاق ياش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشقانلىرىدا يۈرىكىم ئېچىشىپ، كۆڭۈل خاتىرەمگە گۇمان چۈشكەن ئىدى. يۇقىرىقى مەنبە ماتېرىيالنى كۆرگەندىن كېيىن ئەمدىلا يىگىرمە ياشلارنىڭ ئالدى-كەينىدىكى لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تەبىئىي تالانتى، ئىنسانىي خىسلىتى، جەسۇرلۇقى قەلب كۆكىمدە پارلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنسانىي خىسلىتى، ئەخلاقىي پەزىلىتى، ئەدەبىي تالانتى، ھەر جەھەتتىن يېتىلگەن قابىللىقى بىلەن ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسىدۇر.


ئىزاھاتلار:


ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر ئەدەبىيات تەتقىقات ئورنى «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى (3)» مىللەتلەر نەشرىياتى 2006-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 414-بەت.


، تۇرسۇن ئەرشىدىن «لۇتپۇللا مۇتەللىپ» شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت – فوتو سۈرەت نەشرىياتى 1995-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 1-بەت.


ئەرشىدىن تاتلىق نەشرگە تەييارلىغان «نىمشېھىت ئەسەرلىرى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1995-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 56-بەت.


باي ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش «باي تارىخ ماتېرىياللىرى (1)» 1995-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 312-بەت.


،، ئەھمەد ئىمىن ئەلنەزەر «مەن بىلىدىغان لۇتپۇللا مۇتەللىپ» «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» 2006–يىللىق ئۇيغۇرچە 1–سان.


شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىنى يېزىش-تەھرىرلەش كومىتېتى تۈزگەن «شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» مىللەتلەر نەشرىياتى 2000-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 140-بەت.



"ئىلى دەرياسى" ژۇرنىلى 2012-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى.


tahirbeg يوللانغان ۋاقتى 2012-4-29 07:30:44

ئاقسۇدا 1945_يىل دىگەن كىتاپتا تەپسىلى تەسۋىرلەنگەن شائىرنىڭ ھاياتى

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2012-4-29 08:29:29

ئاپام ناھايتى كىچىك ۋاقتىمدا شادا پەنجىر ئىچىدىكى ھارۋىدا نەپىسگە ئېلىنىپ تۇرۇپ «تەنلىرىم ياپراق تىترەپ توختىدى، ..................» دىگەن شېئېرلارنى ئوقۇغان ل.مۇتەللىپنى كۆرگەنتىم، شۇ ۋاقىتلارگومىنداڭچىلار تۇتۇپ ھارۋىغا سولاپ ئېلىپ ماڭغان ۋاقتى ئوخشايدۇ دىگەن ئىدى. بۇ يازمىنى ئوقۇپ شۇنى ھېس قىلدىمكى ئۇ بەلكىم مەرھۇم ل.مۇتەللىپنىڭ «تاھىر-زۆھرە» ياكى «غېرىپ-سەنەم» دىرامىسىدا رول ئالغان كۆرۈنىشى بولسا كىرەك.

ئۆيگە قايتقاندا يەنە سوراپ باقسام بولغىدەك.

elqut يوللانغان ۋاقتى 2012-4-29 11:00:10

تىلمىش بىلىشىمچە تەنلىرىم ياپراق تىتىرەپ توختىدى دىگەن ناخشىنى مەرھۇم ناخشىچىمىز ئابدۇرەھىم ئەخمىدى(مۇرات ئەخمىدىنىڭ ئاتاسى) قازاقىستان تەرەپكە مۇساپىر بۇلۇپ ماڭغاندا ئىجات قىلىپ شۇ چاغدا ئىيتقان دەپ ئاڭلىۋىدىم ،لۇتفۇللا مۇتەللىپ ئىيتقان باشقا ناخشىمىكىن ،كىچىك ۋاقىتلىرىمدا مىنىڭ قۇچقار مۇمامنىڭ (مومامنىڭ ئانىسى )ئەسلەپ بىرىشىچە لۇتفۇللا مۇتەللىپنى جادوغا بىسىپ ئۆلتۇرگەن ۋە مومامنىڭ ئاكىسى قاتارلىقلارنى تىرىك كۆمگەنلىكىنى ئىيتىپ بىرەتتى

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2012-4-29 11:50:00

3- قەۋەتتىكى elqutنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تىلمىش بىلىشىمچە تەنلىرىم ياپراق تىتىرەپ توختىدى دىگەن ناخشىنى مەرھۇم ناخشىچىمىز ئابدۇرەھىم ئەخمىدى(مۇرات ئەخمىدىنىڭ ئاتاسى) قازاقىستان تەرەپكە مۇساپىر بۇلۇپ ماڭغاندا ئىجات قىلىپ شۇ چاغدا ئىيتقان دەپ ئاڭلىۋىدىم ،لۇتفۇللا مۇتەللىپ ئىيتقان باشقا ناخشىمىكىن ،كىچىك ۋاقىتلىرىمدا مىنىڭ قۇچقار مۇمامنىڭ (مومامنىڭ ئانىسى )ئەسلەپ بىرىشىچە لۇتفۇللا مۇتەللىپنى جادوغا بىسىپ ئۆلتۇرگەن ۋە مومامنىڭ ئاكىسى قاتارلىقلارنى تىرىك كۆمگەنلىكىنى ئىيتىپ بىرەتتى  

بولسا شۇ سىز ئاڭلىۋالغان ئەسلىمىلەردىنمۇ سۆزلەپ بەرمەمسىز. مەن «غېرىپ-سەنەم» ۋە «تاھىر-زۆھرە» ئوپىراسىدا شۇنداق شادا پەنجىرلەردە ئېلىپ ماڭىدىغان كۆرۈنۈش بارمۇ يوق بۇنى بىلمەيمەن. چوڭلار ئاشۇ ۋاقىتلاردا بەك كىچىك بولغاچقا بەزى نەرسىلەرنى ئارلاشتۇرۇپ قويغان بولىشى مۇمكىن.


مەنمۇ ناھايتى كىچىك ۋاقتىمدا «ئاقسۇدا 1945-يىل» دىگەن ناھايتى توم بىر كىتاپنى ئوقۇپ چىققان ئىدىم. شۇ ۋاقىتلاردا كىتاپتىكى بىلال ئەزىزى ماڭا ساقچى فورمىسى كىيگەن سۈرۈلۈك ئىنقىلاپچى تۇيغۇسىنى بىلدۈرەتتى. ئەمما بۇ تىمىدا رەھمەتلىك بىلال ئەزى توغۇرلۇق جىق مەزمۇنلار يوق ئىكەن. ئۇ كىتاپتا ئاۋۇ ھېكىم نۇر دىگەن كىشى توغۇرلۇق بايان جىق. ئەسلى ل. مۇتەللىپنىڭ ئەتراپىدا بۇنداق «ھېكىم نۇرلار»دىن كۈرمىڭى بار ئىكەندە.......


ل.مۇتەللىپنىڭ قەبرىسىگە پات-پات چىقاتتىم، ھازىر يۆتكەپ كەتكەنمىدۇ؟ ھەرقارىسام قەبرىدىكى بۇلۇڭ بۇشقاقلاردىكى قەغەزلەرگە «پالانى پالانى بىلەن پالانچى ئاينىڭ پالانچى كۈنى كەلدۇق» دىگەندەك خەتلەر كۆزۈمگە چېلىقىپ قالاتتى.


matros5 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-29 12:19:14

مەن  ئىلگىرى  چوڭلاردىن،  لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇچتۇرپاندىكى توققۇز بۇلاق باغچىسىدا كىشلەرگە نۇتۇق سۆزلىگەن.  نۇرغۇن كىشلەر يىغىلىپ ئاڭلىغان .  دېگەنلىرىنى ئۆز قۇلۇقۇم بىلەن ئىشىتكەن ئىدىم....   

ھەقىقەتەن پائالىيەتچان، ئۇمۇدۋار ياش ئىكەنتۇق . لۇتپۇللانىڭ تەرجىمھالىنى چوڭقۇرلاپ بىلگەنسىرى، شائىرنىڭ 23 ياشتا بۇ ئالەمدىن خوشلاشقىنىغا قاتتىق ئېچىنمەن....

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-29 12:33:31

تەنلىرىم ياپراق نىڭ تىكىستىنى مەرھۇم ت. ئەپەندى يازغان بولغۇيتى .
بەت: [1]
: قارا تۈندىكى چاقماق - لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاقسۇدا