tirkax يوللانغان ۋاقتى 2012-4-28 16:41:59

ئىككى يېرىم ياشلىق ئاققان كېسىلىگە گىرىپدار بولغان قىز نەيىمەن بىزنىڭ ياردىمىمىز

2012 - يىلى 4 - ئاينىڭ 26 -كۈنى سەھەردە ، نەيىمەننىڭ دادىسى تاشمەمەت ئەپەندىنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ قىلغان تېلىفۇنىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق ،


تېلىفۇندا ئۇ ئۆزىنىڭ قىزىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقى ، جىددىي ياردەمگە مۇھتاجلىقى ، ئەڭ ئاخىرقى 2000 يۈئەن پۇلنى بۇگۈن دوختىرخانىغا تاپشۇرۇپ بېرىۋىتىپ قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي ،بىزگە تېلىفۇن قىلغانلىقنى ئىيتتى ....


بىز دەرھال بالىلار بىلەن دوختىرخانىغا بېرىپ  كىچىككىنە بىر قىزچاقنىڭ  قاننى ئاسما ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇپ ئولتۇرغان ھالىتىنى كۆرۈپ بىر قىسمىلا بولۇپ قالدۇق، سەبى قىزچاق نەيىمەن ئاران ئاران ئاۋاز چىقىرىپ ئۆزىنىڭ بىئاراملىقىنى ئىپادىلەپ  ماغدۇرسىز بەدەنلىرىنى  كۆتىرەلمەي ياتاتتى...


بىز ئەھۋاللارنى بىر قۇر بىلگەندىن كىيىن مۇناسىۋەتلىك قىلىپ بىر قىسقا فىلىم ئىشلەپ بارلىق ساخاۋەتچى تورداشلارغا سۇندۇق ....


ئالدىنقى قېتىپ ياردەم قىلغان مەرفۇئەمۇ ھازىر تورداشلارنىڭ ياردەم قىلغان 500 مىڭ يۈئەن پۇلى بىلەن ياخشى داۋالاش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ ، ھەمدە بۇ فېلىمدا تورداشلارغا رەھمەت سۆزىنى ئىيتىپ ئۆتتى ،  تورداشلارنىڭ يەنە بىر كۈچەپ  بۇ  يەنە بىر كىچىك سىڭلىمىز نەيىمەنگە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.....بۇ كىچىك سىڭلىمىزمۇ ئاققان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ ، ئائىلە ئىقتىسادىي ھازىر داۋالىتىشقا قەتتىي ئامال بولماپتۇ ....


بۇ ئائىلىلىك غۇلجىدىن كەلگەن بولۇپ ، ئۇلارنىڭ يەنە بىر كىچىك ئوغلى ئىگە چاقىسىز ھالدا ھازىر غۇلجىدىكى ئۆيىدە سوغوق سۇغا نان چىلاپ يەپ كۈن ئۆتكىزىۋىتىپتۇ .....

نەيىمەننىڭ خۈنۈك كۆزلىرىدىن يەنىلا ھاياتقا ،ئائىلىسىگە بولغان مۇھەببىتى ۋە ئۆزىگە ياردەم بېرىشنى خالايدىغان ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ چىقىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ; *

ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئازابىنى ئازىراق بولسىمۇ يېنىكلىتىشىگە ياردەم قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

يۈز تۇرانە ياردەم قىغۇچىلار شىنجاڭ تىبىي ئىنىستۇتى قارمىقىدىكى بىرىنچى دوختىرخانا  2 - بىنا  8 - قەۋەت  1 - رايون 8- كارۋاتقا كېلىپ ھال سۆرىسىڭىز بولىدۇ ...


دادىسىنىڭ تېلىفۇن نومۇرى :13579704421


تەپسىلاتى مۇشۇ تور بىكەتتە باركەن . قىسقا فىلىمنى كۆرسىڭىز كۆزىڭىز نەملەشمەي قالمايدۇ .

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-28 18:42:59

Horma يوللانغان ۋاقتى 2012-4-28 19:30:45

بانكا كارتىسى دېگەندەك ئۇچۇرلار يوقمىكەن ؟

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2012-4-28 20:12:32

مۇشۇ تور بىكەتتە تەپسىلى باركەن http://www.tap114.com/yardam/


\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"كارتا ئىسمى : 塔什买买提·麦如甫


پۇل ئۇرغان ۋاقتىڭىزدا ئوتتىرىدىكى چىكىتكە دېققەت قىلىڭ ، ئەگەر خاتا دەپ تۇرۇۋالسا باشقا چىكىتكە ،ياكى ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمىنىڭ ئوتتىرىدىكى چىكىتنى كۆچۈرۈپ چاپلىسىڭىز بولىدۇ.


كارتا بىجىرگەن ئورۇن : جوڭگو سودا سانائەت بانكىسى


كارتا نومۇرى : 6222023002019579070


كارتا بىجىرگەن ئورۇن : جوڭگو بانكىسى


كارتا نومۇرى : 6216618300003475831


كارتا بىجىرگەن ئورۇن : يىزا كوپىراتىپ بانكىسى


كارتا نومۇرى : 6210088431155876


ئادىرىس : شىنجاڭ تىبىي ئىنىستۇتى قارمىقىدىكى بىرىنچى دوختىرخانا  2 - بىنا  8 - قەۋەت  1 - رايون 8- كارۋات


ئاپىسىنىڭ تېلفۇن نومۇرى :13579704421

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-4-28 20:15:09

ئاھ خۇدا، مۇشۇ نەچچە كۈندە ۋاقىت چىقىرىپ بىر يوقلاپ كېلەي.

Horma يوللانغان ۋاقتى 2012-4-28 20:30:36

ئاللاھ شىپالىق ھەم ئاسانلىق بەرسۇن !

Tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-28 22:56:42

مۇشۇ كېسەلنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى نېمىدۇ؟

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2012-4-29 03:25:29

ئاللاھ ئىگەم ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي، شىپالىق بەرگەي!

keyser01 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-29 14:45:45

مېنىڭمۇ مۇشۇ بالا بىلەن تەڭلا بالام بار، ئۇلارنىڭ ئازابىنى چۈشىنىمەن، ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن ، كېسەللەردىن ساقلىسۇن.

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-29 17:44:49

kalipdax يوللانغان ۋاقتى 2012-4-30 16:10:21

ھەممىمىز ئازراقتىن كۆچ چىقارساق بۇ قىزچاقنى كىسەلدىن قۇتقۇزالىشىمزغا ئىشەنچىم بار
بەت: [1]
: ئىككى يېرىم ياشلىق ئاققان كېسىلىگە گىرىپدار بولغان قىز نەيىمەن بىزنىڭ ياردىمىمىز