ھاياتىمدىكى ئەڭ ................
1.ئۈزۈمنى ئۈزۈم ئەڭ ئۈندەيدىغان ئىش ؛ بىلگەنگە ئەمەل قىلىش بىلمىگەننى بىلىشكە تىرىشىش ،ۋاقىتنى قەدىرلەش .........
2.نەزىرىمدىكى ئەڭ چىرايلىق ئۇقۇم ؛ ئاق كوڭۈل ،ھايالىق كوڭلى ياخشىلىق .....................
3.نەزىرىمدىكى ئەڭ يىرگىنىشلىك ئۇقۇم ؛ ئىچى قۇتۇر ، نۇمۇسنى بىلمەيدىغان ،تەخسىكەش ، غەيۋەتخور ، شىلامچى ...............
4. ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سۆزۈم ؛ تۇرمۇشقا كۈلۈپ قارىسىلا بۈسۈپ ئۆـكىلى بولمايدىغان تۇساق يوق .
5.ئڭ قورقىدىغان ،بىئارام بۇلىدىغان سۈزۈم ؛ ئۈلۈم ھەقىقەت ،بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ....................
6.ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ھىكمەتلىك سۆزۈم ؛ ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان توختـاپ قالغان بەك يامان ........
7.ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان شېئىرىم ؛ قىز بۇلۇپ تۇغۇلغان بولساممۇ گەرچە ،
غەيرەتتە ئەرلەردىن ئېشىپ ياشايمەن .
غۇرورۇم ھۇكۇمران سەبى قەلبىمدە ،
بىر ئۆمۈر نۇمۇسنى بىلىپ ياشايمەن .
8.نەزىرىمدىكى ئەڭ بەخىتلىك كىشىلەر ؛ بەخىتنىڭ نىمىلىكىنى بىلەلەيدىغان ، مەن < بەخىتلىك > دەپ ئېيتىيالايدىغان كىشىلەر .......
9.نەزىرىمدىكى ئەڭ بەخىتسىز كىشىلەر ؛ ھەقنى تۇنىمايدىغان ، بەخىت ئىچىدە تۇرۇپمۇ بەخىت ئىزدەيدىغان كىشىلەر .............
10.ئۈزۈم ئەڭ تــەلپۈنىدىغان ئىش ؛ ئىناق ئائىلە ، كۈيۈمچان ھەمراھ ،ياخشى سەپداش ،ياخشى شارائىت ،غەم - قايغۇسىز ياشاش ...
ئاۋۇ شېئىرنى مەنمۇ بەك ياقتۇرىمەن

ئۆلۈم ھەقىقەت .بۇ تولا دەيدىغان گىپىمكەن بۇ شېئىرنى ھەممە قىزلار ئۆزىگە ئۈلگە قىلسا بۇلىدۇ دەپ ئويلايمەن

ياخشى يازما
4- قەۋەتتىكى lenovo1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ياخشى يازما
![]()
ھە ماقۇل ئاگاھلاندۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت . دىققەت قىلاي .

مېنىڭچە ئۆزىنىڭ بەخىتلىك ئىكەنلىكىنى داۋراڭ قىلمايدىغان ھەمدە بەخىتسىز مەن دەپ قاخشىمايدىغان كىشىلەرلا ئەڭ بەخىتلىك كىشىلەر.
ئۆزىنىڭ بۇ دۇياغا نىمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلىپ ئۆزىنى تـەكشۈرەلىگەن ۋە ئۆزىنىڭ قەستەن _ سەھۋەن قىلغان ياخشى -يامان ئىشلىرىدىن ھىساپ ئالالىغان كىشىمۇھەم ئەڭ بەخىتلىك


ھاياتىڭ ھەرگىز قورساق تويغۇزۇش ۋە شەھۋىتىڭنى قاندۇرۇشقىلا بېغىشلانمىسۇن، چۈنكى قورساق بىلەن شەھۋەت غېمىدىن باشقا غېمى يوق ئادەمنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ ئىككى جايىدىن چىققان نەرسىدىن ئارتۇق بولمايدۇ. يەنە بىر كۆز قارشىمنى ئوتتۇرغا قۇياپ باقاي ؛
ھايات 4نەرسە بىلەن تۇلۇقلىنىدۇ .1. تاللاشنى بىلىش ، 2. ۋاز كىچىشنى بىلىش ، 3. جىمجىتلىققا چىداشنى بىلىش ، 4. ئازاپنى يىڭىپ ئارزۇسى ئۈچۈن تىرىشىشنى بىلىش .

بۇ تىمامدىكى مەزمۇنلار 2011- يىلدىكى كۇندىلىك خاتىرەمنىڭ باش بېتىدىكى ئۆزەنىڭ تۇنۇشتۇرۇش قىسمىغا قوشۇپ قويغان ھايات توغرىسىدىكى ئۆزەمگە تەدبىقلىغان كۆز قارشىم ۋە يەكۈنۈم ئىدى . بۇ دۇنياغا ئاپرىدە بولغان 19 يىل جەريانىمدا تۇنجى قېتىم ئۇچراتقان چوڭ بىر زەربىگە مانا بۇ تىمام يار يۈلەك بۇلۇپ قاتتىق سەبىر بىلەن بۇ ئۆتكەلدىن ئۇڭۇشلۇق ھالدا ئۈتۇپ كەتتىم . ھەي ......................... ھايات يوللىرى نىمانچىۋالا ئەگرى تۇقايدۇ ھە !؟

