(تەكرار مۇراجەنتامە) ئىنىمىز ئىلياسقا يەنە بىر ياردەم قىلىلى باللا
شۇ تاپتا ئەمدىلا 13 ياشقا كىرگەن ئىنىمىز، قېرىندىشىمىز كېسەل كارۋىتىدا تەسۋىرلىگۈسىز ئازاپتا قىيلىنىۋاتىدۇ قېرىنداشلار!
تورداشلارنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك، ئالدىنقى ھەپتە ئاغىرىپ يولدا يېرىپ قالغان بىر ئانىغا ياردەم قىلىش مەقسىتىدە ئىئانە توپلىغان ئىدۇق. نەتىجىدە خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى توردىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇ ئانىنى ھامىيلىقىغا ئېلىپ بارلىق داۋالاش، تۇرمۇش چىقىملىرىنى كۆتۈرگەن بولغاچقا، شۇ ئانا ئۈچۈن يېغىلغان پۇللارنىڭ ھەممىسىنى شۇ پۇلغا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق يەنە بىر بىمار ئىنىمىز ئېلىياسقا بېرىشنى قارار قىلغان ئىدۇق. شۇ تېمىنى يازغۇچى توردىشىمىز ئۆمەرجان، مەن ۋە @tumaris ئۈچىمىز پۇلنى يەتكۈزۈپ بەرمەكچى بولۇپ ماڭغىنىمىزدا، يەنە بىر ئاكىمىزنىڭ 3000 سوم ياردەم قىلماقچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تېىپ، تۆتەيلەن دوختۇرخانا ئالدىدا ئۇچىراشتۇق. ئىلىياسنى يوقلاپ كىرىپ، يېغىلغان جەمئىي 8100 سومدەك پۇلنى ئىلىياسنىڭ دادىسىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قايتىپ چىققاندۇق. دادىنىڭ ئېسەدەپ ياش تۆكۈشلىرى، ياتاقتىكى باشقا ئانىلارنىڭ كۆز ياش قىلىشى بىزنى بىلەكچىلا تەسىرلەندۈرىۋەتكەنىدى. شۇ كۈندىن كېيىن مېنىڭ 支付宝 ھېسابىمغا يەنە 100 يۈەن كىرگەنىكەن، ئۇ پۇلنىمۇ يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئويلاپ تۇرىۋاتقىنىمدا، مۇنبىرىمىزدىكى ۋاپادارىم(ئەيساجان)نىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، بىللە بېرىشقا كېلىشتۇق ۋە تۈنۈگۈن چۈشتە دوختۇرخانىغا يەنە باردۇق.
بىز نەق ئىلىياسنىڭ دورىسىنى ئالماشتۇرىۋاتقان ۋاقىتقا ئۈلگۈرۈپ بېرىپ قاپتىكەنمىز، دوختۇر سىرتتا ساقلاپ تۇرۇشنى ئېيتتى. كارىدوردا كۈتتۇق، بالىنىڭ ئىڭرىغان، چىرقىرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپلا تۇردى. بىر يېرىمىزگە تىكەن چاغلىق نەرسە كىرىپ كەتسە، قانچىلىك ئاغرىيدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان، ئىلىياس بولسا پۈتۈن بەدىنى دىگۈدەك كۆيۈپ شۇنىڭ دەردىنى تارتىۋاتاتتى.
شۇ ۋاقىتتا كارىدوردا بىر توپ ياشلار پەيدا بولدى، ئۇقساق ئۇلارمۇ ئىلىياسنى يوقلاپ كەلگەنلەر ئىكەن. بىرەيلەننىڭ قولىدىكى كونۋېرتتا لىق پۇل تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ تېخىمۇ مىننەتتار بولۇپ كەتتىم. ئالاھىزەل يېرىم سائەتتىن كېيىن، دورىنى ئالماشتۇرۇپ بولدى، ياتاققا كىردۇق، ئىلىياس يىغلامسىراپ ياتاتتى. دادىسى بىلەن ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن، بېرىدىغان پۇلنى بېرىپ، ئۇزاق تۇرۇشقا چىدالماي، خوشلىشىپ ياتاقتىن قايتىپ چىقتۇق. قايتىشىمىزدا كارىدوردا ياتقان كېسەللەرنىڭ بىزگە قارىغان مىننەتدارلىق كۆزلىرى، مېنى باشقىچە ھاياجانلاندۇرۇپ قويدى.
قايتىپ چىقىۋاتساق بىر ئاكىمىز ئۇچراپ نېمىگە كەلگىنىمىزنى بىلگەندىن كېيىن، يانچۇقىغا قولىنى سېلىپلا 100 سوم پۇلنى قولىمىزغا تۇتقۇزۇپ، ماۋۇ مېنىڭ كۆڭلۈم دەپلا كېتىپ قالدى، ئۇياقمۇ ئەسلىدە دوختۇرخانىدا ئانىسىنى داۋالىتىۋاتقانىكەن.
شۇنداق، ئاڭلىغانلا كىشىلەر ياردەم بېرىۋاتىدۇ. لېكىن ئىلىياس يەنىلا ئاغرىقنىڭ دەردىنى تارتىۋاتىدۇ، ئىنىمىز تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج. شۇڭا دېمەكچىمەنكى شۇ ئىنىمىزغا يەنە بىر قېتىم ياردەم قىلساق. سىز ياردەم قىلغان 100 سومنىڭ بالىنىڭ بىرتال ئۇكۇلىغا ياردىمى بولىشى، سىز ياردەم قىلغان 1 سوم بالا يەيدىغان بىر نان ئۈچۈن رول ئوينىشى مۈمكىنغۇ؟ ئاز- كۆپ دېمەي ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى قېرىنداشلار.
بىۋاستا ياتاققا بېرىپ ياردەم قىلماقچى بولغانلارغا:
بالىنىڭ ياتىقى: ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، بالنىست بىناسى 2-قەۋەت 11-كارۋات.
تۈنۈگۈن بارغىنىمىزدا كارتا نومۇرىنى سورىۋېلىشنى ئۇنتۇپتىمىز، ئەگەر پۇل سالماقچى بولساڭلار ئالدىنقى قېتىمقىلارغا ئوخشاشلا مېنىڭ 支付宝 ھېسابىمغا يوللاپ بەرسەڭلار بولىدۇ، پۇلنىڭ جايىغا تېگىشىگە ئىمانىم بىلەن كېپىللىك قىلىمەن.
支付宝: kainam12@163.com
安外尔.艾麦尔
ئەگەر بانكىدىن پۇل يۆتكىمەكچى بولساڭلار، مەن بېرىپ كارتا نومۇرىنى سوراپ كەلسەممۇ ياكى قوشۇلساڭلار مېنىڭ كارتامغا ئۇرساڭلارمۇ مەيلى. مەيلى دېسەڭلار كارتا نومۇرۇمنى قالدۇرىمەن.
ئىلىياس ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى نامىدىن ياردەم قىلغان ۋە ياردەم قىلماقچى بولغان بارلىق قېرىنداشلارغا رەھمەت ۋە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
2012-4-27
بۇ تېما ئىزدىنىشتىن باشقا ھەر قانداق تور بەتتە ئېلان قىلىنسا مەن بىلەن ئالاقىسى يوق.
مۇشۇ تېمىنى ئەلالاپ چوققىغا چىقىرىلى باللا، ئۇزۇنراق تۇرسۇن.
ئەمىسە ئازراق كۆڭلۈم كەتتى .
تىمىدىكى دوۋزاخ ئازابى دىگىنىنى تەھرىرلىگىلى بولماسما
بۈگۈن تېخى بانكىغا بېرىپ تۇرسۇنجان قۇتلۇقنىڭ بانكار كارتىسىغا ئازىراق كۆڭلۈمنى ئەۋەتكەنىدىم ... ياردەمنى ئايىمايلى قېرىنداشلار ! ئازراق كۆڭلۈمنى يوللىۋەتتىم . : kainam12@163.comئاشۇ قىرىنداشلىرىمنىڭ بالدۇرراق ساقىيىشىنى ئۈمد قىلىمەن .
بىر سوم پىلانىنىڭمۇ ئالىپاي نومۇرى支付宝 بارمۇ ؟ بولسا ئۇقۇۋالسام بوپتىكەن . رەھمەت.
3- قەۋەتتىكى hawaskarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئازراق كۆڭلۈمنى يوللىۋەتتىم . : kainam12@163.com
ئاشۇ قىرىنداشلىرىمنىڭ بالدۇرراق ساقىيىشىنى ئۈمد قىلىمەن .
بىر سوم پىلانىنىڭمۇ ئالىپاي نومۇرى支付宝 بارمۇ ؟ بولسا ئۇقۇۋالسام بوپتىكەن . رەھمەت.
شۇنىڭغىمۇ مېنىڭ ھېسابىمنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمىز.
4- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
3- قەۋەتتىكى hawaskarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئازراق كۆڭلۈمنى يوللىۋەتتىم . : kainam12@163.com
ئاشۇ قىرىنداشلىرىمنىڭ بالدۇرراق ساقىيىشىنى ئۈمد قىلىمەن .
بىر سوم پىلانىنىڭمۇ ئالىپاي نومۇرى支付宝 بارمۇ ؟ بولسا ئۇقۇۋالسام بوپتىكەن . رەھمەت.
شۇنىڭغىمۇ مېنىڭ ھېسابىمنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمىز.
رەھمەت ، بىلىۋالدىم . ئاللاھ شىپاھ بەرسۇن.پايپال ئادرىسى بارلار بولسا قالدۇرۇپ قويسا شۇنىڭدىنلا سەپ بەرسەكمۇ بوپتىكەن.
1- قەۋەتتىكى tirkaxنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەمىسە ئازراق كۆڭلۈم كەتتى .
تىمىدىكى دوۋزاخ ئازابى دىگىنىنى تەھرىرلىگىلى بولماسما
ئۇ بالا يۈزلىرى، بەدىنىنىڭ ئاستىنقى قىسىمى تولۇق كۆيۈپ كەتكەن ھالەتتە ياتىدۇ، كۆيۈك يارىسىنىڭ قانچىلىك ئېچىشىدىغىنىنى كۆپىنچىمىز بىلىمىز. شۇڭا شۇنداق يازغان، ئارتۇق كەتكەن بولسا تەھرىلىسەك بولىدۇ.
بانكا كارتا نومۇرىمۇ قالدۇرۇپ قويۇلسا.قانچىلىك ياردەم قىلالىساق،شۇنچىلىك ياردەم قىلىپ،بۇ ئىنىمىزگە ياردەم قولىمىزنى سۇنساق. ياتاق ئادرىسى، ئاتا- ئانىسىنىڭ ئالە تېلېفۇنى دېگەنلەرنى قوشۇپ قويۇڭ.ئاللاھ شىپاتلىق بەرسۇن . مۇمكىن بولسا سودا سانائەت بانكا كارتىسىنىڭ نۇمۇرى بولسا قالدۇرۇپ قويغان بولساڭلار ... گۇدلاك، قۇرۇلۇش بانكا ھېسابات نومۇرىڭىز بارتىغۇ، شۇنى دەپ بېرىڭە.
7- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
1- قەۋەتتىكى tirkaxنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەمىسە ئازراق كۆڭلۈم كەتتى .
تىمىدىكى دوۋزاخ ئازابى دىگىنىنى تەھرىرلىگىلى بولماسما
ئۇ بالا يۈزلىرى، بەدىنىنىڭ ئاستىنقى قىسىمى تولۇق كۆيۈپ كەتكەن ھالەتتە ياتىدۇ، كۆيۈك يارىسىنىڭ قانچىلىك ئېچىشىدىغىنىنى كۆپىنچىمىز بىلىمىز. شۇڭا شۇنداق يازغان، ئارتۇق كەتكەن بولسا تەھرىلىسەك بولىدۇ.
تەھرىرلىمە .ئۇيغۇرلاردا ئۇنچىلىك گەپ بار . يول ئازابى گۆر ئازابى، ئاۋۇ كېسەلنىڭ دەردىدە دوزاخ ئازابىنى تارىتتىم دەيدىغان . پەقەت سىمۋول خاراكتىرلىك گەپلەر ئۇ . قالغىنى ھەممىمىزنىڭ نىيتى ئۆزىمىزگە ئايان . جەمئىيەتشۇناسلار جىقلاپ كىتىپ بارامدۇ نېمە ؟ توۋا دېمىسە.... ئەگەر 支付宝 ئىشلىتىش قولايسىز بولۇپ، بانكا كارتىسىغا سېلىشنى ئويلاشقانلار بولساڭلار، ماڭا ئۇچۇر قىلساڭلار مەن كارتا نومۇرۇمنى دەپ بېرەي. مەن قايسى كۈنى بىر يەردىن ئېلىياسجاننىڭ دادىسى تۇرسۇنجان قۇتلۇق ئاكىمىزنىڭ سودا-سانائەت بانكا ھېساب نۇمىرىنى كۆرگەن ۋە ئازراق كۆڭلۈمنى ئەۋەتكەن ئىدىم. خاتا بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن مەن ئۇ بانكا نۇمۇرىنى ۋە ئىسىمنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشىنى گۇدلاك قا ئۇچۈر شەكلىدە ئەۋەتتىم. كارتا ئىگىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ توغرىلىقىنى بىر تەكشۈرۈپ ئاندىن بۇ يەرگە يوللاپ قويسىڭىز. تورداشلاردىن بىر قانچىسى سورىغان ئىكەن.
بانكا ھېساباتىدىكى ئىسىمنىڭ ئوتتۇرىدىكى چېكىت چوڭ چېكىت ئىكەن، يەنى ئادەتتە ئۇيغۇرچە جۈملىنىڭ ئاخىرىدىكى چېكىت ئەمەس. بۇ چېكىت «·» مەن بۇ قېتىم بارغىنىمدا، تۇرسۇنجاننىڭ ئۆزىدىن سوراپ، كارتا نومۇرىنى مۇشۇ يەرگە قالدۇرۇپ قوياي.
كارتا نومۇرى ئالدىنىقى بىر تېمىدا باركەندۇققۇ .....
吐逊江。库吐鲁克
6222023002018942584
ATMدا بىۋاستە ھېساب يۆتكىسەڭلا ئوتتۇرىدىكى چىكىتنىڭ ئاۋارە قىلىشىغا ئۇچرىمايسىلەر، لىكىن ئىسىمغا دىققەت قىلىڭلار
گۇدلاك. ئالدىنقى تېمىدىكى كىچىك قىزنىڭ ئەھۋالى قانداقتۇ؟ بىلەمسىزكىن؟ ھىساباتىڭىزغا كىرگەن پۇلدىن مۇشۇ قىزغىمۇ ئازراق ئاتاپ قويغان بولىسڭىز بوپتىكەن
يېزا ئىگىلىك بانىكىسىنىڭ كارتا نۇمۇرىنى قالدۇرۇپ قويساڭلار
ئۇچۇرلارنى تولۇقلاپ «بۇ تېمىنى باشقا تور بەتتە ئېلان تەشۋىق قىلىپ بۇ ئىنىمىزغا يەردەم قىلايلى » دەيلى. @pidayi قايسى كىچىك قىزنى دەيسىز، مەن كۆرمىگەنىكەنمەن.