rohqin يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 00:50:24

سۈۋەرەكنى قانداق يۇقاتقىلى بۇلىدۇ ؟

ئۆيىمىز بىنا ئۆي ئىدى. يېقىندىن بىرى ئۆينى سۈۋەرەك قاپلاپ كەتتى ئاڭلىغان، كۆرگەن ھەرقانداق ئامالنى قىلىپ باقتۇق. داڭلىغان دورىلارنى چېچىپ ئىشىك دېرىزىنى ئىتىپ بۇسلاپ باقتۇق، سىرتقا قوغلاپ باقتۇق ئەمما بىرسى ئۆلسە ئونى  كۆپىيىپ زادى قۇتۇلغىلى بولمىدى.

بەك ئىرەنشىپ كەتمەپتىمەن   بايا ئەمدىلا ياتاي دەپ بېشىمنى ياستۇققا قۇيىشىم قۇلاق تۈۋۈمدە بىرنەرسە مىدىرلىغاندەك قىلىۋىدى بېشىمنى كۆتۈرشۈمگە قۇلۇقۇمغا كىرىپ كەتتى.  قۇلاققا ھاشارەت كىرۋالسا قولچىراق تۇتسا يۇرۇققا يېنىپ چىقىدۇ دەپ ئاڭلىۋىدىم قول چىراقمۇ تۇتۇپ باقتىم ئەكسىچە تېخىمۇ ئىچكىرلەپ كىرىپ كەتتى، قۇلۇقۇمدا ئايرۇپىلان ئۇچقاندەك غوڭۇلداپ قۇلۇقۇمنى تاتىلاپ بەك بىئارام قىلىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن دۇختۇرخانىغا بارسام دورا تېمىتىپ قىسقۇچ بىلەن قىسىپ ئېلىۋىدى يوغان سۈۋەرەكتىن بىرسى چىقتى.

دۇختۇرخانىدىن كىرىپلا بۇ تىمىنى يېزىۋاتىمەن. مەنغۇ قۇلۇقۇمغا بىرنەرسە كىرىپ كەتكەننى بىلىپ دۇختۇرغا كۆرنۈپ ئالدۇرالىدىم ناۋادا ئۈچ ئايلىق بولغان قىزىمنىڭ قۇلىقىغا كىرىپ كەتكەن بولسا قانداقمۇ قىلار ئىدۇق . . . . مەن ھەقىقەتەن ئەنسىرەپ قالدىم .

كۆپچىلىكنىڭ مۇشۇ ھەقتە بىلىدىغانلىرى بولسا پايدىلىق ساۋاتلار بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن

keyum007 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 05:49:18

ئەمىن  سۈۋەرەكخورى  خېلى  ئۈنۈملۈككەن ،  ئېشلىتىپ  بېقىڭ

kawullar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 07:18:26

ئاڭلىشىمچە بۇ سۇۋەرەك مايلىق نەرسىلەرگە ،ھاراققا، بۇلۇپمۇ پېۋىغا بەك ئامراق كەنمىش(بىر كىتابتىن كۆرگەن ھازىر ئىنىق ئىسىمدە قالماپتۇ).مىنىڭ ئۆيىمدىمۇ شۇنداق بوپ كەتكەن.كېيىن مەنمۇ دورىلارنى چىچىپ باقتىم ،پەقەتلا ئۈنۈمى بولمىدى.بولماي ئەمىن سۇۋەرەكنىمۇ ئىشلىتىپ باقتىم.يەنىلا بولمىدى، ئاخىر ئويلاپ باقسام ئاستىنقى قەۋەتتە تۇرىدىغان ئاداش كۈندە «شورپا»ئىچىۋالىدىكەن ،شۇڭا مەن قانچىلىك قوغلىساممۇ بۇ دەييۈزلەر ھەرگىز كەتمىگۈدەك.  {:107:}

pidayi يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 07:29:20

پۈتۈن بىنا بويىچە «سۈۋەرەك جېڭى» قوزغىمىسىڭىز بۇ نەرسە ئۆلمەيدۇ .. بىرلا ئۆيدە سۈۋەرەك بولىدىكەن، پۈتۈن بىنا بويىچە چوقۇم بار.   پۈتۈن بىنا ھەرىكەتكە كىلىڭلار، بىزنىمۇ بەك ئاۋارە قىلغان، ئۆينى ئاستىن -ئۈستىن قىلىپ دورىلارنى چېچىپ، نەچچە كۈن يوقاپ كېتىپ قايتىپ كەلسەك يوقىغاندەك قىلغان، لېكىن بۇ «يۈزى قېلىن سۈۋەرەكلەر» نەچچە كۈندىن كېيىن يەنە پەيدا بولدى ... ئەسلىدە باشقا قوشنىلارنىڭكىدە مېھمان بولۇۋېتىپتىكەن،   ئاخىرى بۇ ئۆيدىنمۇ كۆچۈپ كەتتۇق.... ئىشىنىڭ، بۇ بىر ئۇزۇنغا سوزۇلغان جەڭ...روھىي تەييارلىق ياخشى بولسۇن

     يەردە گىلەم بولسا ئېلىۋىتىپ تۇرۇڭ، گىلەمنىڭ گۈللىرى  سۈۋەرەكنى پەرق ئېتىشىڭىزگە تەسىر يەتكۈزىدۇ،  ساپما كەش، قېلىن كىتاب، پالاق، قايناقسۇ دىگەنلەرنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ ....  



بىنانىڭ ئاستىدا ئاشخانا ئاچقانلار بارمۇ؟  ئاشخانىلاردىن چىقىش ئېھتىمالى ئىنتايىن يۇقىرى،  ھە راست، ئۆي نەم بولۇپ قالمىسۇن، ئاشخانا، ھاجەتخاننىنى پەۋقۇلئادە پاكىز تۇتۇڭ، سۈرتكۈچ دىگەنلەرنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ، قۇرۇق ساقلاڭ...

    بالىڭىز ئۇڭلىغاندا بېشىغا ھىم پوسما كىيدۈرۈڭلار، قۇلاقنى يېپىپ تۇرىدىغان....

hiyal999 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 07:49:58

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم،چوڭراق تاللا بازىرىغا بارسىڭىز،تۈگمە شەكلىدە ،چاپلاپ قويغىلى بولىدىغان بىر خىل سۈۋەرەك دورىسى بار،ئاشخاننىنىڭ پەس تەرەپكە يەرگە تەككۈزۈپ تامغا چاپلايسىز،تازىلىق ئۆيىگىمۇ چاپلايسىز،بۇنىڭ ئۈنۈمى ياخشى،ئاشخانىنى ناھايىتى پاكىزە تۇتۇڭ،ئاشخانىدىكى،تازىلىق ئۆيىدىكى سۇ چىقىرىش يولىنىڭ ئەتراپىغا جىقاراق چاپلاڭ،بالىلارغا تاپىلاڭ،ئۇنى تۇتمىسۇن،ئوينىمىسۇن.سۈۋەرەك جېڭىدە  غەلبە قىلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

qutghur يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 08:09:19

بۇ جانۋار كۆچمەنما؟ئىلگىرى پەقەت ئۇقمايدىكەنمە ،ئاشلىققا چۈشىدىغان مىتىنى شەلىكلە سۈۋەرەك دەيدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن تېخى .خىزمەتكە چۈشسەم ئىدارىدا سۈۋەرەك يوقىتىمىز دەپ سەپەرۋەر قىلغاندا ئاندىن بىلدىم ، كۆرسەم دەسسىمۇ ئولمەيدىغان كۆرۈمسىز نىمىكەن  \"\"

ئۆي پاكىز تۇتۇلسا  ئۆزلىگىدىن يوقايدۇ . ئۇنىڭغا پانالىق ،يىمەكلىك بېرىپ ئەمىنىنى ئىشلەتسىمۇ بىكار.

agah يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 08:19:20

پايىز بىلەن ئىچكىرىدىن  شىنجاڭغا كەلگەن دەپ ئاڭلىغان .ئىلگىرى شىنجاڭدا يوقكەنتۇق .

مېنىمۇ بەدۋەھشى ئاۋارە قىلىۋاتقان .شۇ ئەمىن سۈۋەرەك خورىنى ئىشلىتىۋىدىم سەللىمازا يوقاپ كەتتى .سىز سۈپەتسىزرەكنى ئىشلىتىپ قالدىڭىزمۇ يا؟

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 08:32:12

بىزنىڭ ئۆيدىمۇ بىر ۋاقىتلاردا بەك كۆپ ئىدى،دورا چېچىپ ئۆينى دۈملىۋېتىپ ئەتىسى كەلسەك نۇرغۇن ئۆلگەن سۈۋەرەك پۇتىنى ئاسمانغا قىلىپ يېتىپ كېتەتتى،ئەمما بىر-ئىككى ھەپتىدىن كىيىن يەنە پەيدا بولۇپ قالاتتى.كىيىن ناھىيىدىن بۇ ئىشقا خېلى كۆڭۈل بۆلۈپ بىر خىل ئۇنغا ئوخشايدىغان سۈۋەرەك يۇقىتىش دورىسىنى پۇقرالارغا تارقاتتى.بىزنىڭ بىنادىمۇ ھەممە كىشى دىگۈدەك مۇشۇ دورىنى ئىشلەتكەن ئوخشايدۇ.ھازىر نەچچە يىل بولدى ئۆيدە سۈۋەرەك كۆرۈپ باقمىغىلى.

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 08:46:57

بىر قىز بالا باتتى، بىرەر كۆڭلى ئېلىشقۇدەك ياكى ئۆزى بىزار بولغۇدەك ئادەمنى كۆرسە سۈۋەرەك دەپ تىللايتتى  \"\" ... دوختۇرلاردىن سوراڭ، بىزمۇ دوختۇر ئاچاشتىن سورىساق بىر خىل دورا ئەكەپ بەرگەنتى، بىر كېچىدىلا ئاقتىمۇ يوق كۆكتىمۇ يوق.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 08:49:14

تۇتۇۋىلىپ تازا قوياڭ .

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 09:16:32

ئەمىن ھەسەن شىرىكخورى بەك يامانكەن، پۇشۇلدىتىپ تازا چېچىپ قۇيۇۋىدىم، ۋايجان دەپ قاچىدىغىنى قېچىپ، ئۈلىدىغىنى ئۈلۈپ، ئىككىنچى دەسسىمەس بولدى ئۇ گۇيلار، ماڭغاندا ئەمدى داپەنجى قورۇپ چىللىساڭمۇ كەلمەيمىز دىۋىدى، دىگىنىنى قىلدى.

چوڭ ئۆيدىمۇ تانكىدەك غاقىراپ يۈرۈپتىكەن ئۇبۇرنى بىلەن ئاشخانىدا، ھەسەن شىرىكخورىنى تەۋسىيە قىلغاندىم، ئاپام ھەجەپ ياخشى نەرسىكەن، ھازىر ئۆيدە ئۈلۈگىمۇ كۈرۈنمەيدۇ دەپ خوشال...

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 09:31:34

ئاياللىرىنى تۇتۇپ مەجبۇرىي ئۈزۈك سالدۇرسا يوقۇلىدۇ.

Horma يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 09:36:05

ئالدى بىلەن ئۆينى پاكىز تازلىۋېتىپ ،ماي داغلىرىنى چىقىرىۋېتىپ ،ئەمىن سۈۋەرەكخورىنى چېچىپ بېقىڭ ،چاچقاندا ،بوسۇغىغا ،قوشنا ئۆي بىلەن تۇرۇبا تۇتىشىدىغان جايغا چېچىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،ئاندىن ئاۋۇ ئۈستىدىكى تورداش دېگەندەك تۈگمە شەكلىدىكى چاپلاپ قويىدىغان سۈۋەرەك دورىسىنى ئاشخانا ۋە باشقا سۈۋەرەك بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى جايلارغا چاپلاپ قويۇڭ .دورىخانىلاردىمۇ ساتىدۇ،ماۋۇ رەسىمدىكىگە ئوخشايدۇ .


\"\"



بۇ ئاماللاردا يوقىسا بەك ياخشى ،ئاشخانا ئۆينىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىپ تۇرسا قايتا پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى بەك تۆۋەن .ئەگەر بۇنىڭدىمۇ يوقىمىسا ،ئەرزانلا بىر دورا بار ،كۈجىگە ئوخشاش كۆيدۈرىدىغان ،كۈندە بىردىن ئۆيگە كۆيدۈرۈپ دۈملەپ قويسىڭىز ،ئەتىسى بىر مۇنچە سۈۋەرەكلەرنىڭ ئۆلۈكىنى يىغىۋالىسىز .ماۋۇ رەسىمدىكىدەك دورا ،بۇ رەسىمدىكىسى پاشىنىڭكەن ،سىرتقى شەكلى مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ .


\"\"

qutghur يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 09:39:14

10- قەۋەتتىكى mayhanaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەمىن ھەسەن شىرىكخورى بەك يامانكەن، پۇشۇلدىتىپ تازا چېچىپ قۇيۇۋىدىم، ۋايجان دەپ قاچىدىغىنى قېچىپ، ئۈلىدىغىنى ئۈلۈپ، ئىككىنچى دەسسىمەس بولدى ئۇ گۇيلار، ماڭغاندا ئەمدى داپەنجى قورۇپ چىللىساڭمۇ كەلمەيمىز دىۋىدى، دىگىنىنى قىلدى.

چوڭ ئۆيدىمۇ تانكىدەك غاقىراپ يۈرۈپتىكەن ئۇبۇرنى بىلەن ئاشخانىدا، ھەسەن شىرىكخورىنى تەۋسىيە قىلغاندىم، ئاپام ھەجەپ ياخشى نەرسىكەن، ھازىر ئۆيدە ئۈلۈگىمۇ كۈرۈنمەيدۇ دەپ خوشال...



ھەسەن شىرىك ؟بۇنى ئاڭلىغان .ئەسلى ھەسەن شىرىك دەمدۇ بۇنى ؟!قارىغاندە يەرلىك سورتىمۇ باركەن-دە

heqquli يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 09:39:15

‹سۈۋەرەكنىڭ قىيامەت_قايىمى› دەپ بىر دورا بار ئىكەندۇق.(خەنسوچىسى ئېسىمدە قالماپتۇ.) مەن ئۇنى _بۇنى ئىشىلتىپ بېقىپ ،ئاخىردا ئاشۇ دورىنىڭ ئۈنۈمىنى كورگەنتىم.

izdinixazasi يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 09:50:04

چاچىدىغان سۇۋەرەك قۇرۇت - قوڭغۇزنى ئۆلتۇردىغان نەرسە ياخشىكەن .  بۇلتۇر ئۆي شۇنداق ئۇششاق جانۋار بوپ كېتىپ  شۇنى ئەتىگىنى چېچىپ كەشتە كىرسەم ھەمىسىنىڭ پۇتىنى ئاسمانغا قىپ قويۇپتۇ  \"\"

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 09:54:35

چاشقاندىن بىر،ئىككىنى باقىمىز سۈۋەرەكنى يەيدۇ!

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 10:18:54


16- قەۋەتتىكى baturkorxatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

چاشقاندىن بىر،ئىككىنى باقىمىز سۈۋەرەكنى يەيدۇ!



چاشقان سۈۋەرەك يەمدىكەن؟




79588010 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 10:51:14

سۈۋەرەك يەر شارىدىكى ئەڭ قەدىمقى جانلىقلارنىڭ بىرى......

مۇھىتقا ماسلىشىشچانلىقى ناھايىتى يۇقىرى....ھەتتا تاش توپىنىمۇ ھەزىم قىلالايدۇ دەپ كۆرگەن بىر ماتىرىيالدا...

ئەمىن سۈۋەرەكخورى ۋاقتى ۋاقتىدا نەشرىنى يۇقىرى كۆتۈرمىسە،سۇۋەرەكلەرنىڭ تەدرىجىي تەرەقىياتتىكى ماسلىشىشچانلىقىغا تەڭ كېلەلمەيدۇ...

بۇلار بىلەن بولغان جەڭ، كومپىيوتىر ۋىروسى بىلەن ۋىروسخور ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئوخشايدۇ....مۇتلەق غەلىبە قىىلغۇچى يوق

بىر نەچچە خىل دورىنى تەڭلا ئىشلىتىپ كۆرۈڭ.....ئۆيدە بالا بەركەن ...بىر نەچچە كۈن باشقا يەردە يېتىپ تۇرىدىغان ئىشمىكىن زەھىرى تارقىغۇچە

namsez يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 11:29:52

بۇنى يۇقىتىشنىڭ يولى ناھايىتى ئاسان ، ئاۋۋال سۈۋەرۈكنى بايقايسىز ، ئاندىن قوغلاپ تۇتىسىز ، ئاندىن تۇتىۋالغان سۈۋەرۈكنىڭ ئاغىزىنى تاتىپ ئىچىپ ‹‹  ئەمىن سۈۋەرۈك خورى›› نى چېچىۋەتسىڭىز سۈۋەرۈك پاك -پاكىز تۈگەيدۇ ...



  ئەسكەرتىش :  بۇ ئۈچ باسقۇچنىڭ ئىلگىرى كىيىنلىك تەرتىپىنى ئالماشتۇرۇپ قۇيماڭ ...
بەت: [1] 2
: سۈۋەرەكنى قانداق يۇقاتقىلى بۇلىدۇ ؟