atella يوللانغان ۋاقتى 2012-4-25 22:31:25

تەكلىماكان چۆلىدە قەدىمى شەھەر بايقالدى![كۆچۈرۈلمە]

مەنبەسى: ھىندىستان زېى خەۋەرلىرى گېزىتى تور بېكىتى

ئىنگىلىز تىلىدىن تاھىر ئىمىن تەرجىمە قىلدى.



چىرا،شىنجاڭ: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان جۇڭگولۇق ئارخئولوگلار بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ چوڭ چۆللۈكتە بىر قەدىمى شەھەرنىڭ ئىزلىرىنى بايقىدى.

‹‹65مىڭ كۋادرات مېتر دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ شەھەر ئۆتكەن ھەپتە تەكلىماكان چۆللۈكىنىڭ خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيىسى بۆلىكىدە بايقالدى .››- دېدى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېميىسى شىنجاڭ ئارخىئولوگيسى بۆلۈمى مۇدىرى دوكتۇر ۋۇ شنخۋا جۈمە كۈنى .

بىنالارنىڭ ئىزنالىرى ۋە جايلىشىش ئەھۋالىدىن ھۆكۈم قىلغاندا، ۋۇ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى شەھەرنىڭ تارىخىنى غەربى خەن سۇلالىسى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 206-يىلىدىن مىلادىيە 220-يىلىغىچە) دەۋرىگىچە سۈرۈشكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. دوكتۇر ۋۇ مۇنداق دېدى:كۆپ قىسم ئىزنالار قۇمغا كۆمۈلۈپ كەتكەن، بىراق شەھەرنىڭ تۆت تېمىنى ھېلىھەم كۆرگىلى بولىدۇ.

شەھەرنىڭ ئەڭ ئىچكى تىمى جەنۇبتىن شىمالغا 17.8 مېتىر، شەرقتىن غەرپكە 14.6 مېتىر بولۇپ، دوكتۇر ۋۇ:‹‹شەھەرنىڭ ئىچكى ئايلانمسنىڭ شەرقى جەنۇبى بۆلىكىدە بىر بىنانىڭ ئىزنالىرى بايقالدى››-دېدى.

‹‹ئىككىنچى تام يېقىلغان تۈۋرۈكلەر، لىم، قېزىل ساپاللار ئورنىتىلغان 4مىڭ كۋادرات مېتىرلىق شەھەر مەركىزىنى ئوراپ تۇرىدۇ.››-دوكتۇر ۋۇ.

‹‹ئۈچىنچى تام بولسا ئىھتىمالەن ‹‹دەرەخلىك يول›› بولۇشى  مۇمكىن، بۇ تام ئاستىدىن نۇرغۇن مىقداردىكى كاربونلاشقان چىلان دەرىخى ۋە دەرەخ ئۇرۇقلىرى قېزىۋېلىنغان.››

‹‹دەرەخلىك يول بىلەن تاشقى تام ئوتتۇرىسىدا بىر قىسم تۇرالغۇ قۇرۇلمىلىرى، قومۇشلۇق چىتلاق  بايقالغان.››

ۋۇ مۇنداق دېدى:‹‹بۇ ئىزنالار 1949-يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بېرى بايقالغان ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان ئىزنالاردۇر. پەرەز قىلىشىمىزچە، بۇ يەر ياكى بىر ئەسكىرى قورغان ياكى بىر كاتتاباشنىڭ تۇرالغۇسى بولۇشى مۇمكىن.››

ئارخئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى دوكتۇر تاڭ جىخۇا شەھەر ئىزنالىرىدىن بايقىغان دەرەخ ۋە ئۆسۈملۈك ئەۋرشكىلىرىنى بىيجىڭغا ئاپىرىپ تەجرىيە قىلىش ئۈچۈن ئالدى. ‹‹بىز ئۇلارغا تارىخ بېكىتىش ئۈچۈن كاربون 14 ئشلىتىمىز››- دېدى جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيسى گېئولوگىيە ۋە گېئوفىزىكا ئىنۇستېتۇتى تەتقىقاتچىسى تاڭ.

قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى ئارسىدىن بايقالغان مول ئۆسۈملۈك ۋە ياغاچ ماتىرياللىرىغا ئاساسەن دوكتۇر تاڭ مۇنداق دىدى: -ھازىر يىل بويى سۇسز تۇرىدىغان بۇ رايون خەن سۇلالىسى دەۋرىدە مول سۇ بايلىق مەنبەسىگە ئىگە بولغان بولۇشى كېرەك.

تارىختىكى ئاساسى سودا يولى بولغان قەدىمى يپەك يولىنىڭ جەنۇبى چىگېرسى تەكلىماكان چۆللۈكىدىن بويلاپ ماڭغان. ناھايتى رەڭگارەڭ بولغان مەدەنىي مىراسلار ھازىر ‹‹ئۆلۈم دېڭىزى››دەپ نام ئالغان تەكلىماكانغا كۆمۈلگەن.

بۈگۈن337,000كۋادىرات كىلومېتر كىلىدىغان تەكلىماكان چۆلىنىڭ نامى ھەمىشە‹‹بارسا كەلمەس›› دېگەن مەنىدە تەرجىمە قىلىنماقتا.

1901-يىلى ئەنگىليەلىك ئېكسپىدىتسيچى مارك ئاۋرىل ستەيىن ئۇزۇن يوللارنى بېسپ ئۆتۈپ، شۇ يىللىرى پومپىيە شەھىرىگە ئوخشايدىغان، تېخى ئۆيلەر، بۇددا مۇنارى، بۇتخانا، ساپال خۇمدان، مېۋىلىك باغ، قەبرستانلىق، سۇ يولى ۋە توسما بار بولغان بۇ يىراق قۇملۇقتىكى نىيە خارابىلىقىغا يېتىپ كەلگەن.

بۇ يېڭى بايقالغان خارابە قەدىمقى نىيە شەھىرىدىن 100 كېلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان.

خەۋەر ئادېرسى: http://zeenews.india.com/news/eco-news/ruins-of-ancient-town-found-in-taklamakan-desert_770835.html



تاھىر ئىمىن يازما ۋە تەرجىمىلىرى:

http://www.uyghurology.com/a/uyghurshunasliq/uyghurshunaslar/2012/0421/80.html

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 01:09:29

جۇڭگۇلۇقلار بايقىدى،ھىندىستانلىقلار خەۋەر قىلدى.  {:92:}

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 09:16:26

خەتنى ئوقۇغۇچىلى بولمىدى. ئەلكۈيىدىكى گەپ شۇدۇ؟

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 09:19:51

ئوقۇپ بولغۇچە كۆز كادىن چىقتى.

heqquli يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 09:29:31

ھىم...  تەكلىماكاننىڭ باغرى يىرتىلدى...

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 09:50:15

خەنزۇچە مەنبەلەردە، تەكلىماكان قۇملۇقىدىن غەربىي خەن دەۋرىگە ئائىت «خەنزۇچە ئۇسلۇبدىكى قەدىمىي شەھەر، 汉式风格古城» خارابىسى بايقالدى، دەپ خەۋەر قىلىنىپتۇ.

مەنبە: شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى تېڭشۈن مىكروبلوگى.

alif يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 09:51:28

4- قەۋەتتىكى heqquliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھىم... تەكلىماكاننىڭ باغرى يىرتىلدى...



يېرتىلسا مەيلى، ھېلىمۇ نېفىت ئالىمىز دەپ يېرتىپ بولغان تۇرسا، يەنە قانچىلىك يېرتاركېن كۆرلى!

heqquli يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 09:56:55

5- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خەنزۇچە مەنبەلەردە، تەكلىماكان قۇملۇقىدىن غەربىي خەن دەۋرىگە ئائىت «خەنزۇچە ئۇسلۇبدىكى قەدىمىي شەھەر، 汉式风格古城» خارابىسى بايقالدى، دەپ خەۋەر قىلىنىپتۇ.

مەنبە: شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى تېڭشۈن مىكروبلوگى.

خەنزۇچە ئۇسلۇبدىكى قەدىمىي شەھەر،  دەپتۇ دەڭ؟ ۋاي يۈزۈم...

lopnuri يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 10:24:49

بۇنىڭدىن كېيىنكى تېپىلغان بارلىق شەھەرلەرنىڭ 汉式风格古城  مۇشۇنداق ئۇسلۇبتىكى شەھەرلەر بولىدىغانلىقى ئېنىق.ئۇنداق بولمىسا، ئېچىلماي كۈمۈكلۈك پېتى قالىدۇ.

tayirt يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 11:26:37

جوڭگۇ بايقىسا  ھېندىستان خەۋەر بىرىپتۇ دىسە .

قارىغاندا 汉式风格古城 ئۇسلۇپتىكى شەھەر تەزكىرىسىنى يىزىش بىلەن ئالدىراش بۇلۇپ كىتىپ ئاخپارات ئورۇنلىرىغا دەپ قۇيۇشنى ئۇنتىغان چېغىۋا .

karkat يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 12:25:20

7- قەۋەتتىكى heqquliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

5- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خەنزۇچە مەنبەلەردە، تەكلىماكان قۇملۇقىدىن غەربىي خەن دەۋرىگە ئائىت «خەنزۇچە ئۇسلۇبدىكى قەدىمىي شەھەر، 汉式风格古城» خارابىسى بايقالدى، دەپ خەۋەر قىلىنىپتۇ.

مەنبە: شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى تېڭشۈن مىكروبلوگى.

خەنزۇچە ئۇسلۇبدىكى قەدىمىي شەھەر،  دەپتۇ دەڭ؟ ۋاي يۈزۈ

بۇلار ئۇي سىلىشنى بىلدۇ ئەمەسمۇ ،،،،بىز  سىلىشنى ئۇقمايمىز ....گەپنى  بىرايلى بولدى ،،دىۋالمامدۇ ،،شۇ كونا شەھەردىن بىرەر  شىھىت چىقىپ  قالسا مىللىچە كىيىنگەن ،شۇ چاغدا چاۋىسى چىتقا يىيىلدۇ ،،،شۇ چاغدا  كۇرمەمدۇق\"\"

egemyar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 14:35:01

مۇشۇ يېقىنقى مەزگىللەرگىچە يىتىپ كەلگەن كونا تۇرالغۇلىرىمىزنى چىقىپ يېڭىدىن ئۆي سېلىشلار بوپ كەتمىدىمۇ. شۇ مەزگىللەردە ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن قالغان زېمىن، كونا ئۆي تاملىرىدىن كومزەك-كومزەك ئالتۇنلار چىققان، ئۇشبۇ بايلىقلارمۇ دۆلەتكە تەۋە دەپ ئېلىپ كېتىشمىدىمۇ.....



شۇ ۋاقىتتا يەنە كونا ئۆي، ئەسكى تاملارنىڭ باھاسى ئالامەت ئۆسۈپ كەتكەن. قانچە كونا بولسا شۇنچە قىممەت سېتىلغان. بىر قانچە تۈمەن خەجلەپ كونا ئۆيلەرنى سېتىۋالغان كىشىلىرىمىز نېمە قىلاتتى دېمەيسىز......ئۆي چاقاتتى، كونا تاملارنى ئۆرۈيتتى، يەرلەرنى كولايتتى......پايدا ئالغانلىرىمۇ زىيان تارتقانلىرىمۇ بولدى، يىغلاپ تۇرۇپ، دۆلەتكە ئىككى قوللاپ ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىرىمۇ بولغانتى......



شۇڭا ھازىر بۇنداق خەۋەرلەرنى ئاڭلىسام ئانچە تەمەمۇ قىلىپ كەتمەيدىغان بولدۇم.

elwida يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 16:10:06

سىۋىن ھىدىن بايقىماپتۇ دە !





تەكلىماكاندىكى تالاي قېتىمقى يادرو سىناقلىرىدا بۇنداق شەھەرنىڭ سىپىللىرىنىڭ تۇپراقلىرىمۇ قۇمغا ئارلىشىپ كەتكەندۇ !

Alkuyi يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 17:48:16

ئاللاھ نىڭ كۆزى بار، ھەقىقەت ھامان ئاشكارلىنىدۇ.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 12:16:01

ھۆكۈمەت تەرەپ باياناتىغا ئاساسلانغاندا شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى  ئەجدادلىرىمىز بۇ شەھەرنىڭ قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىكىنى   خەن سولالىسى قۇرۇلۇش شېركىتىگە بەرگەنىكەن ، دىمەك ئۇزۇنغا قالماي سېرىق چۇخەي ، بەسەي قاينىتىدىغان قازان ، سۇجۇنىڭ لاتا پۇتىلىرى چىقىدۇ ....

hazritili يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 14:23:00

14- قەۋەتتىكى uqkun1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھۆكۈمەت تەرەپ باياناتىغا ئاساسلانغاندا شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى ئەجدادلىرىمىز بۇ شەھەرنىڭ قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىكىنى خەن سولالىسى قۇرۇلۇش شېركىتىگە بەرگەنىكەن ، دىمەك ئۇزۇنغا قالماي سېرىق چۇخەي ، بەسەي قاينىتىدىغان قازان ، سۇجۇنىڭ لاتا پۇتىلىرى چىقىدۇ ....



ماۋۇ ئىنكاسقا بىر سائەت كۇلۇپتىمەن. ھەجەپ بالىلار باردە ، گەپ دېگەننى قىلىدېىغان

xark يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 23:42:56

、يەنە بىر مەزگىلدىن كېيىن پۇتى بوغۇلغان موماي ، تۈگمىسى ياندىن ئېتىلىپ دەپنە قىلىنغان ، قولىدا بامبۇك ياغىچىدىن ياسالغان يەلپۈگۈچ تۇتقان ئەپەندىمنىڭ جەسىدى چىقىشى مۈمكىن .

akbar0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-16 21:52:06

«دۇنيانىڭ سىرى تەكلىماكاندا»دەپ توغرا ئېيتىلغان.

akbar0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-16 21:52:10

«دۇنيانىڭ سىرى تەكلىماكاندا»دەپ توغرا ئېيتىلغان.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-6-16 22:16:12

غىپپىدە بېرىپ يان تېلېفوندىن بىرەنى كۆمۈپ قوياپ كېلىدىغان ئىشمىكىن
بەت: [1] 2
: تەكلىماكان چۆلىدە قەدىمى شەھەر بايقالدى![كۆچۈرۈلمە]