matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-4-25 10:40:35

ﮬﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﺷﻜﻪ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺳﺎﻧﻼﺭ

ھامىلدار بولۇپ قالسىڭىز ، تۆۋەندىكى قىزىقارلىق سانلارنى بىلىۋېلىڭ :



.1     ھامىلىنىڭ بالىياتقۇدىكى ۋاقتى : 40 ھەپتە ، يەنى 280 كۈن بولىدۇ .

. 2    مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت ۋاقتىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى : شۇ قېتىملىق ھەيز كۆرگەن ئاي سانىغا ئۈچنى قوشۇپ ياكى شۇ ئاي سانىدىن ئۈچنى ئېلىۋېتىپ ، چېسلاغا يەتتىنى قوشۇش.

.3    ھامىلدار ۋاقتىدىكى تۇنجى قېتىملىق تەكشۈرتۈش ۋاقتى : ھەيز توختىغاندىن كېيىنكى ئۈچ ئاي .

.4    ھامىلدار ۋاقتىدىكى تۇنجى قېتىملىق تەكشۈرتۈش ئارىلىق : ھامىلدار بولۇپ بەش ئاي ئىچىدە 1-2 ئايدا بىر قېتىم ، 6-7 ئاي بولغاندا ھەر ئايدا بىر قېتىم ، سەككىز ئايدىن كېيىن ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ، ئەڭ ئاخىرقى ئايدا ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ، ئەڭ ئاخىرقى ئايدا ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ، ئالاھىدە ئەھۋال بولسا ھەرۋاقىت تەكشۈرتۈش كېرەك .

.5    ھامىلدار ئايالنىڭ ھەر ھەپتىدە نورمال ئېشىش ئېغىرلىقى 0.5 كىلوگرامدىن ئاز بولۇشى كېرەك .

.6    تەبىئي بويىدىن ئاجراش ۋاقتى : ھامىلدار بولۇپ بەش ئاي ئىچىدە، كۆپىنچە ئۈچ ئاي ئىچىدە بالا تەبىئي چۈشۈپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ .

.7    بالىنى چۈشۈرۈۋېتىشنىڭ مۇۋاپىق ۋاقتى : ھەيز توختىغاندىن كېيىنكى ئىككى يېرىم ئاي .

. 8   ئوتتۇرا مەزگىلدە بالىنى ئالدۇرۇۋېتىشكە بولىدىغان مۇۋاپىق ۋاقىت : ھامىلدارلىقنىڭ 14-17-ھەپتىلىرى .

.9    ھامىلە تەۋرەشكە باشلايدىغان ۋاقىت : ھامىلىدارلىقنىڭ 16-20-ھەپتىلىرى .

.10    ھامىلە ئەڭ كۆپ تەۋرەيدىغان ۋاقىت : ھامىلىدارلىقنىڭ 28-34-ھەپتىلىرى .

.11    ھامىلىنىڭ نورمال تەۋرەش قېتىم سانى : ھەر 12سائەتتە 30-40 قېتىم ئەتراپىدا بولىدۇ . 15 قېتىمدىن ئاز بولۇپ قالماسلىقى كېرەك .

.12    بالدۇر تۇغۇپ قويۇش ۋاقتى : ھامىلدارلىقنىڭ 28-37-ھەپتىلىرى .

.13    ھامىلە يۈرىكىنىڭ نورمال سوقۇش قېتىم سانى : مىنوتىغا 120-160 قېتىم .

.14    ھامىلدارلىقنىڭ ۋاقتى مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت ۋاقتىدىن ئېشىپ كەتكەن كۈن سانى : 14 كۈن .

.15    بوۋاقنى ئېمىتىش ۋاقتى : تۇغۇپ 2---6 سائەت ئىچىدە .





بۇ ماقالە ماتېماتىكا بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى، ئەسلى ماقالە ئادرىسى :  http://matimatik.blogbus.com/logs/80486040.html


matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 09:36:51

14- قەۋەتتىكى sal_manنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

9- قەۋەتتىكى yapraqنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھامىلدارلىق مەزگىلى ئاياللارنىڭ ئەڭ گۈزەل مەزگىلىمىش \"\" .

شۇ چاغدا بىلىسىز.  

قىززىق.............

桃花 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-25 12:42:52

مۇشۇ ھامىلدار بولغاندا خەنزۇ خەق ئوغۇلمۇ قىزمۇ دەپ بەك ئەھمىيەت بېرىدىكەن.ھەم قوساق كۆتۈرۈش ئالامەتلىرىدىن مۆلچەرىي قىز ئوغۇللىقىنى دىيىشىدىكەن.بىز ئۇيغۇرلارمۇ بەزىلىرى شۇ.بۇ ئاللاھنىڭ ئىلكىدىكى ئىش!لېكىن قوساق كۆتۈرگەندە ئۇچلۇق بولسا ئوغۇل،يۇمىلاق بولسا قىز دەيدىكەن.يەنە ئوڭ تەرەپ بەكەرەك تەۋرىسە ئوغۇل بولمىسا قىز بولىدىكەن.سىزىكلىكتىكى ۋاقىتتا تاتلىق ئاچچىق نەرسىگە سىزىك بولسمۇ قىز دەيدىكىن.بۇلارنىڭ بىرەر ئىلمىي ئاساسىي بارمۇ قانداق!!راسمىدۇ؟؟

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-25 13:04:31

ئوغۇل بولسىمۇ قىز بولسىمۇ مېنىڭچە چوقۇم بەك شېرىن بولىدىغۇ دەيمەن... بوۋاق بالا تۇغۇلغاندا پەرىشتىلەردەك پاك ھەم سەبىي تۇغۇلىدىكەن، ئاللاھنىڭ ماكانىدىن كېلىدىكەن... شۇ دەملەر بەلكىم ئەڭ تەسىرلىك، ھاياجانلىنارلىق بولىشى مومكىن \"\" ھېچبولمىغاندا ئاللاھىمىزنىڭ ماكانىدىن كەلگەن ئوماق، سۆيۈملۈك بىر ھاياتلىقنى كۈتۈۋالىمىز ئەمەسمۇ \"\"

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2012-4-25 13:04:46

ئوغۇلغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن جۇڭگودا ئەرلەرنىڭ نىسپىتى ئاياللاردىن كۆپ بۇلىۋاتىدۇ.

carbon يوللانغان ۋاقتى 2012-4-25 14:41:43

ئوغۇللىرىغا ئەھمىيەت بەرگىنى بىلەن ئاشۇ ئارزۇلىغان ئوغۇللىرى كېچىلىرى ئاياللىرىنىڭ پۇتىنى يۇيىدۇ..........

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-25 14:56:45

ئاۋۇ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى تەكشۈرۈش بەك كۆپ بولۇپ كەتتىمۇ نىمە.ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ھامىلدارلىق ۋاقتىدا بەك كۆپ تەكشۈرتىۋەتسە بالىغا زىيانلىقكەن.بۇلۇپمۇB超غا كۆپ چۈشىۋەتسە بالىغا بولغان رادىئەتسىيىسى كۈچلۈككەن.

ئېسىمدە قېلىشىچە ئايالىم ھامىلدار ۋاقتىدا جەمئىي بەش قېتىمدەك تەكشۈرۈشكە ئاپارغانتىم.

tayirt يوللانغان ۋاقتى 2012-4-25 15:49:07

ئايالىم يەڭگەي دەپ قالدى . تەپسىلى ھېساپلاپ باقاي . قايسى كۈنى تۇغۇلدىغانلىقىنى پەرەز قىلغىلى بۇلۇشى مۇمكىن .

پىلانلىق تۇغۇتقا بېرىپ توغقىچە 5 قېتىم تەكشۈرتىشكە قاتنىشىدىغاننىڭ گىپىنى ئاڭلىغان .

B超 غا 3 قېتىم چۈشۈردۇق . بالىنىڭ ئوغۇل قىزلىقىنى بىلمەيمىز دەيدۇ . مەنمۇ كوچىلاپ سورۇغۇم كەلمىدى. ئاللا بەرگەننى تۇغىدۇ، ئالدىن بىلسەك بوۋاققا لازىملىق نەرسە كېرەكلەرنى ئالغاچ تۇراتتۇق .

sevinch يوللانغان ۋاقتى 2012-4-25 16:06:07

قوشنامغا ھەمرا بولۇپ دوختۇرغا بارسام ھەr قىتىم بالىسنىڭ يۇرەك سوقىشىنى ئاڭلىتىدۇ،شۇنداق ھاياجانلىنىپ كىتىمەن.



ۋەتەندە ھەر قىتىم تەكشۇرگەندە B超 غا چۇشۇرمەس؟ماۋۇ يەردە تەكشۇرتكىلى بارسا ھەر قىتىم سۇيدۈك تەكشۇرۇش قىلىدىكەن،قورساقنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى ئۆلچەيدىكەن.يۇرەك سوقىشىنى تىڭشايدىكەن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-4-25 16:08:37

نىمانداق جىق سانلار بۇ \"\"

قۇرساقتىكى بالىغا ئۆگەتمىسە تىخى

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2012-4-25 18:06:54

ھامىلدارلىق مەزگىلى ئاياللارنىڭ ئەڭ گۈزەل مەزگىلىمىش \"\" .

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-25 19:02:26

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-4-25 19:02:40

ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا يۇقۇملۇق كېسەللىك بارمۇ يوق، كىچىك تەرەتتە ئاقسىل، قان بارمۇ يوق، قان ئازلىق بارمۇ يوق دىگەندەك بىر قانچە تۈرلۈك مۇھىم تەكشۈرۈشنى قىلىپ كۆڭۈلدە سان بولغىنى ياخشى. بولۇپمۇ RH مەنپى قان تىپىدىكى ئاياللار قان ئاز بولۇپ قىلىش ئەھۋالىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-25 21:14:29

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 09:53:44

بالىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە بولمايدۇ. بالىنى چۈشۈرۈۋېتىش ئۆز پۇشتىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىق ھېسابلىنىپ، بىر ئۆمۈر ۋىجدان ئازابى تارتقۇسى ۋە كېيىنكى ئالەمدە بۇ ئەشەددىي قاتىللىقنىڭ جاۋابىنى بەرگۈسى!

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 18:12:22

9- قەۋەتتىكى yapraqنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھامىلدارلىق مەزگىلى ئاياللارنىڭ ئەڭ گۈزەل مەزگىلىمىش \"\" .

شۇ چاغدا بىلىسىز.

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-4-16 08:46:09

sal_man يوللىغان ۋاقتى  2012-4-26 18:12 static/image/common/back.gif
9- قەۋەتتىكى yapraqنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھامىلدارلىق مەزگ ...

قىززىق ئىنكاس!
بەت: [1]
: ﮬﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﺷﻜﻪ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺳﺎﻧﻼﺭ