fahru23 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-24 10:33:41

يەسلى مائارىپى توغرىسىدا ياردەم

ھازىر بالىلارنى كىچىكىدىنلا يەسلىگە بېرىش ئاساسەن ئوموملىشىپ قالدى . بەلكىم بۇ مۇنبەردىمۇ بالىلىرىنى يەسلىگە بېرىۋاتقان ئاتا-ئانىلارمۇ خېلى كۆپ . ئەمدى سىلەردىن سورايدىغىنىم ... بالىڭىزنى بەرگەن يەسلىدىن رازىمۇ سىز ؟بالىڭىزنى قانداقراق يەسلىگە بېرىشنى ئويلايسىز ؟

سىزچە يەسلى بالىلارنى قانداق شەكىلدە تەربىيلىسە مۇۋاپىق ؟

بەلكىم ئاتا-ئانا بولغۇچى بۇ ھەقتە ئاللىقاچان ئويلىنىپ باققان بولۇشى مۇمكىن ... شۇڭا تورداشلارنىڭ مۇشۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىنى ئەركىن ئوتتۇرغا قويۇپ بېرىشىنى سورايمەن ...

   يەنە بىرگە چەتئەلدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلار شۇيەردىكى يەسلىنىڭ تۈزۈمى ، ئوقۇتۇش پىروگراممىسى ، مۇھىتى ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بالا تەربىيلەشتىكى ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەردە ئارتۇقچىلىقلىرىنى قىسقىچە سۆزلەپ بەرگەن بولساڭلا ...

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-4-24 11:15:11

گۈلەن (نۇرخان) مائارىپ، تىل تەربىيلەش ئورنى، موھىتى بولىدۇ دەپ قارىدىم. قەشقەردىكى ئەڭ چوڭ باغچا يىنىغا جايلاشقان پەن-تېخنىكا سارىيىنىڭ باغچا تەرەپكە قارايدىغان بۆلىكىدىكى بۇ ئورۇننىڭ ھاۋاسى ساپ، ئوينايدىغان موھىتى گۈزەل ھەم كەڭرى...

يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ساپاسى ھەققىدە كۆپ نەرسىلەرنى بىلمىدىم لىكىن گۈلەن ئەپەندىم چوقۇم ساپالىق تەربىيچىلەرنى ئىشلىتىدۇ دەپ قارىدىم. بۇ يەردىكى تەربىيچىلەرنى تولىمۇ مىھرىبان، بالا تەربىيلەشتە خىلى ئىپى بار كۆردۈم. بالىلارنى ئوينىتىش ۋە ھەر خىل پائالىيەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتلەردىنمۇ ئوبدانلا قايىل بولۇپ قالدىم. ھەپتىدە بىر كۈن بالىلارنى كىتابخانىلارغا ئىلىپ بارىدىكەن....

ay~chiwar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-24 12:27:37

يەسلىگە ئوقۇتقۇچى ، تەربىيىچى تاللاىغاندا ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ بىلىمى ئەمەس ساپاسىنى ئالدىن ئويلاشسا، مىجەزى ياخشىراقلىرىنى ئىشلەتسە، بالىلار بىلەن يېقىنلىشالايدىغان ، پىسخىكىسى نورمالللىرىنى تاللاپ ئىشلەتسە مۇۋاپىقمىكىن دەيمەن .

بالىلاريەسلىدە ھەر خىل ئويۇن ئويناش ئارقىلىقمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالىدۇ .

qutghur يوللانغان ۋاقتى 2012-4-24 16:56:22

\"\"كالانىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بېشىغا كەپتۇ\"\" دىگەن شۇ ، بالا غېمىگە چۈشۈپسىزدە .

مانا مەن ھەممە قازاندا تولۇق قايناپ ،تاۋلىنىپ چىقتىم .باللىرىمنى ھەر قانداق يەسلىگە بىرىپ باقتىم .يەسلى چوڭ مەسىلە ئەمەس ،كۆرىدىغان باش قېتىمچىلىغى يەسلى پۇتكەندە .خەنزۇچىغا بىرەي دىسىڭىز كۆڭلىڭىزنىڭ بىر يېرى ئۇيغۇرچە سوقىدۇ .ئۇيغۇرچىغا بەرسىڭىز كۆرىسىز ئىشنىڭ كاتتىسىنى .مانا مەن \"\"مۇشۇ باللىرى خەنزۇچىدا ئوقىيالامدا؟(قاراڭلار ،گەپنىڭ تېگىدە گەپ بار)\"\" دىگەن ئاھەنەتنى ئاڭلاپ بالامنى ئۇيغۇرچە مەكتەپتىن چىكىندۈردۇم .

سىزگە كۆپ مەسلىھەتنىڭ كېرىكى يوق .

ئاۋال بالىڭىزنى ئىككى يىل ئۇيغۇرچە يەسلىگە بىرىۋېرىڭ .ئۇيغۇرچىغا پىشسۇن .ئاخىرقى يىلى خەنزۇچە يەسلىگە بىرىڭ .قوش تىل دىگىنى بىلەن خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقىغاننىڭ ئوقۇشلىغىدا ھىچ پەرق يوق .ئەگەر ئۇيغۇر مائارىپىغا كۆڭۈل بولىدىغان ئوقۇتقۇچىلار مەلۇم سالماقنى ئىگەلەيدىغان مەكتەپكە ئۇچراپ قالسىڭىز شۇ مەكتەپكە بېرىۋېرىڭ ،بۇ بەختىڭىز .ئەگەر تاپالمىسىڭىز ئۆزىڭىزنى بەزلەپ يۈرمەي خەنزۇچە مەكتەپكە بېرىڭ .

fahru23 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-24 23:05:08

3- قەۋەتتىكى qutghurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يەسلى ئاچماقچى ئىدۇق.شۇڭا مۇۋاپىق ئوقۇتۇش پىروگراممىسى تۈزۈۋېلىشقا پايدىسى بولار دىگەنمەقسەتتە بۇتىمىنى يوللىدۇق ...

تورداشلارنىڭ بىلگىنىچە كۆز-قاراشلىرىنى سۆزلەپ بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز ...

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-25 19:15:10

qutghur يوللانغان ۋاقتى 2012-4-25 19:36:29

4- قەۋەتتىكى fahru23نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يەسلى ئاچماقچى ئىدۇق.شۇڭا مۇۋاپىق ئوقۇتۇش پىروگراممىسى تۈزۈۋېلىشقا پايدىسى بولار دىگەنمەقسەتتە بۇتىمىنى يوللىدۇق ...

تورداشلارنىڭ بىلگىنىچە كۆز-قاراشلىرىنى سۆزلەپ بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز ...

ئۇنداقتا خاتىرجەم بولدۇم،باش قېتىمچىلىغى بوسا دەپ رېتسىپ يېزىپ كىتىپتىمە\"\" جوڭگوچە ئالاھىدلىككە ئىگە يەسلى ئاچىمىز-دە

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-4-25 19:54:09

3- قەۋەتتىكى qutghurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

\"\"كالانىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بېشىغا كەپتۇ\"\" دىگەن شۇ ، بالا غېمىگە چۈشۈپسىزدە .

مانا مەن ھەممە قازاندا تولۇق قايناپ ،تاۋلىنىپ چىقتىم .باللىرىمنى ھەر قانداق يەسلىگە بىرىپ باقتىم .يەسلى چوڭ مەسىلە ئەمەس ،كۆرىدىغان باش قېتىمچىلىغى يەسلى پۇتكەندە .خەنزۇچىغا بىرەي دىسىڭىز كۆڭلىڭىزنىڭ بىر يېرى ئۇيغۇرچە سوقىدۇ .ئۇيغۇرچىغا بەرسىڭىز كۆرىسىز ئىشنىڭ كاتتىسىنى .مانا مەن \"\"مۇشۇ باللىرى خەنزۇچىدا ئوقىيالامدا؟(قاراڭلار ،گەپنىڭ تېگىدە گەپ بار)\"\" دىگەن ئاھەنەتنى ئاڭلاپ بالامنى ئۇيغۇرچە مەكتەپتىن چىكىندۈردۇم .

سىزگە كۆپ مەسلىھەتنىڭ كېرىكى يوق .

ئاۋال بالىڭىزنى ئىككى يىل ئۇيغۇرچە يەسلىگە بىرىۋېرىڭ .ئۇيغۇرچىغا پىشسۇن .ئاخىرقى يىلى خەنزۇچە يەسلىگە بىرىڭ .قوش تىل دىگىنى بىلەن خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقىغاننىڭ ئوقۇشلىغىدا ھىچ پەرق يوق .ئەگەر ئۇيغۇر مائارىپىغا كۆڭۈل بولىدىغان ئوقۇتقۇچىلار مەلۇم سالماقنى ئىگەلەيدىغان مەكتەپكە ئۇچراپ قالسىڭىز شۇ مەكتەپكە بېرىۋېرىڭ ،بۇ بەختىڭىز .ئەگەر تاپالمىسىڭىز ئۆزىڭىزنى بەزلەپ يۈرمەي خەنزۇچە مەكتەپكە بېرىڭ .

\"\"مۇشۇ باللىرى خەنزۇچىدا ئوقىيالامدا؟(قاراڭلار ،گەپنىڭ تېگىدە گەپ بار)\"\" دىگەن ئاھەنەتنى ئاڭلاپ بالامنى ئۇيغۇرچە مەكتەپتىن چىكىندۈردۇم .

شۇنداق قىلغان بولسىڭىز دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۆزىڭىزنى تەكشۈرتۈپ بېقىڭ. بولۇپمۇ كاللىڭىزنى

Horma يوللانغان ۋاقتى 2012-4-25 21:29:52

يەسلى ئېچىش ئىستىقباللىق كەسىپ ،ئىچكىرىدىكى نۇرغۇن چوڭ شەھەرلەردە «ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى يەسلىگە كىرىش -ئالىي مەكتەپكە كىرىشتىنمۇ تەس» بولۇپ قالغىلى ،بالا تۇغۇلماستا تىزىمغا ئالدۇرسا ،بالا يەسلىگە كىرگۈچە نۆۋەت ئاران تېگىدىغان ،شۇنداقلا ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى ،ئاقسۆڭەكلەرگە قارىتىلغان ،ۋە باشقا ھەرخىل دەرىجىدىكى يەسلىلەر ئېھتىياجنى قامدىيالماي قالغىلى خېلى بولدى .ئېھتىياج ئاللىقاچان تەمىنلەشتىن ئېشىپ كەتتى ،بولۇپمۇ بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردە شۇنداق .

ئۈرۈمچىدىمۇ ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى يەسلىلەرگە كىرىش بوسۇغى ئىگىزلەپ كەتتى ،ئەڭ ياخشى يەسلى ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ يەسلىسى دەپ قارىلىدىغۇ ئۈرۈمچىدە،شۇ يەسلىگىمۇ ھازىر بالدۇر تىزىملاتمىسىڭىز ،يول ماڭمىسىڭىز ،جەمئىيەتتىكى ئورنىڭىز ،ئەمەلىڭىزگە قاراپ ،بەش، ئون مىڭ سوم «تىزىملىتىش ھەققى » تاپشۇرمىسىڭىز بالىڭىزنى كىرگۈزەلمەيسىز ،بالىلىرىنىڭ كۆز ياشلىرىغا ،قىزىقىشلىرىغا قارىماي ،مەجبۇرىي ئاشۇ يەسلىلەرگە بولۇپمۇ يات تىل سىنىپىغا ئەكىرىپ بەرگەن ئاشۇ ئاتا-ئانىلارغا ئىچىم ئاغرىيدۇ .

شارائىت يار بەرسە،ئانىنىڭ ساپاسى يۇقىرى بولسا، ئانا خىزمەت قىلماي بالىنى ئۆزى تەربىيلىگەنگە يەتمەيدۇ (پەقەت شۇ بىللە ئوينايدىغان ئاداشلىرى يوق بوپ قالدى دېگەننى ئويلىمىسىلا )

ئەمما خىزمەت قىلىدىغان ،ھەم «تەربىيلەپ بەرگۈچى» سى يوق كىشىلەرگە بالىلىرىنى يەسلىگە بەرمەي ئامال يوق .

ئەگەر مەن مۇشۇنداق شارائىتقا دۇچ كەپ قالغان بولسام ،ئاۋۋال ئويلىشىدىغىنىم چوقۇم ئۇيغۇر تىلى ئاساس قىلىنغان بولۇشى كېرەك ،يەسلى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ساپاسى (بىلىم-سەۋىيىسىدىنمۇ ئەخلاق ،ئادىمىيلىك ساپاسى مۇھىم )، بالىلارغا بېرىلىدىغان يېمەكلىكنىڭ بىخەتەرلىكى ،يەسلىگە قوبۇل قىلىنغۇچى بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى ،دەرس ئۆتۈشنى ئاساس قىلماي ،ئوينىتىش ۋە تەپەككۇر ئېچىشنى ئاساس قىلىشى ،

بالىلارغا يولسىز بېسىم قىلماسلىقى ،بالىلارنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ مەزمۇنىنىڭ ساغلام بولۇشى قاتارلىقلارغا قارايمەن .يەسلى بالىلارنى ئۆزىنىڭ يېشىگە ماس تۇرمۇش مەسىلىلىرىدە مەسىلەن ھاجەتخانىغا كىرىش ،تامىقىنى يېيىش ،كىيىمىنى كىيىش دېگەندەك ئىشلاردا ئۆزى ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان قىلىپ تەربىيەلىيەلىشى كېرەك .

seyyah99 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-25 22:15:26

3- قەۋەتتىكى qutghurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

\"\"كالانىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بېشىغا كەپتۇ\"\" دىگەن شۇ ، بالا غېمىگە چۈشۈپسىزدە .

مانا مەن ھەممە قازاندا تولۇق قايناپ ،تاۋلىنىپ چىقتىم .باللىرىمنى ھەر قانداق يەسلىگە بىرىپ باقتىم .يەسلى چوڭ مەسىلە ئەمەس ،كۆرىدىغان باش قېتىمچىلىغى يەسلى پۇتكەندە .خەنزۇچىغا بىرەي دىسىڭىز كۆڭلىڭىزنىڭ بىر يېرى ئۇيغۇرچە سوقىدۇ .ئۇيغۇرچىغا بەرسىڭىز كۆرىسىز ئىشنىڭ كاتتىسىنى .مانا مەن \"\"مۇشۇ باللىرى خەنزۇچىدا ئوقىيالامدا؟(قاراڭلار ،گەپنىڭ تېگىدە گەپ بار)\"\" دىگەن ئاھەنەتنى ئاڭلاپ بالامنى ئۇيغۇرچە مەكتەپتىن چىكىندۈردۇم .

سىزگە كۆپ مەسلىھەتنىڭ كېرىكى يوق .

ئاۋال بالىڭىزنى ئىككى يىل ئۇيغۇرچە يەسلىگە بىرىۋېرىڭ .ئۇيغۇرچىغا پىشسۇن .ئاخىرقى يىلى خەنزۇچە يەسلىگە بىرىڭ .قوش تىل دىگىنى بىلەن خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقىغاننىڭ ئوقۇشلىغىدا ھىچ پەرق يوق .ئەگەر ئۇيغۇر مائارىپىغا كۆڭۈل بولىدىغان ئوقۇتقۇچىلار مەلۇم سالماقنى ئىگەلەيدىغان مەكتەپكە ئۇچراپ قالسىڭىز شۇ مەكتەپكە بېرىۋېرىڭ ،بۇ بەختىڭىز .ئەگەر تاپالمىسىڭىز ئۆزىڭىزنى بەزلەپ يۈرمەي خەنزۇچە مەكتەپكە بېرىڭ .

   ئاھانەت ئۇيغۇرچە ئۇقۇشتىنمۇ ئېغىر كەپتۇ ھە ؟؟ كىيىنچە ئاھانەت بولسىمۇ ئۇيغۇرچە بولسىلا بۇلاتتى دەپ قالماڭ !!

qutghur يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 09:13:18

7- قەۋەتتىكى alipenwerنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

\"\"مۇشۇ باللىرى خەنزۇچىدا ئوقىيالامدا؟(قاراڭلار ،گەپنىڭ تېگىدە گەپ بار)\"\" دىگەن ئاھەنەتنى ئاڭلاپ بالامنى ئۇيغۇرچە مەكتەپتىن چىكىندۈردۇم .

شۇنداق قىلغان بولسىڭىز دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۆزىڭىزنى تەكشۈرتۈپ بېقىڭ. بولۇپمۇ كاللىڭىزنى

باشلانغۇچنىڭ بىرىنچى يىلىغا دەل خەنزۇچە مەكتەپتە دەرسلىك قىلىپ ئۆتىلىدىغان 语文,数学نى بولىشىچە ئۆتۈپ ،كەچلىكىگە بىرمۇنچە تاپشۇرۇق يۈكلەپ ،دەرسنى ئۆزلەشتۈرەلمىسە 6-7 ياشلىق بالىنى بىلمەس ،ناچارغا چىقىرىدىغان مائارىپقا ئوردىن بىرىپ ،بۇيانغا قارىسا بىچارە بالا ،ئۇيانغا قارىسا تەلىۋى قاتتىق مائارىپ ئوتتۇرىسىدا نائىلاج قېلىۋاتقان ئاتا-ئانىلارنىڭ كاللىسى تەكشۈرۈپ 4- دوختۇرغا يولغا سالامدۇق !

ھازىر مۇشۇ كەمدە ئۆزىنىڭ باللىرىنى يول مېڭىپ خەنزۇچە مەكتەپكە بېرىۋېتىپ باشقىلارنىڭ باللىرىنى ئوقۇتۇپ يۇرگەن قوش تىل مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا قارىتا بىر تەكشۈرۈش قىلىۋېتىپ ئاندىن دىيىشىلى بۇ گەپنىڭ ئاخىرىنى .

مەكتەپنىڭ ،ئوقۇتۇشنىڭ ئەھۋالىنى ئەڭ ياخىشى بىلىدىغانلار دەل شۇلار.

تېخى 24-چىسلا كەچتە ئۇرۇمچى تېلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ كەچلىك پىرىگىراممىسىدامۇخبىر خانىم، مائارىپ تەتقىقاتچىسى ۋە رىياسەتچىنىڭ ئۇرۇمچىدىكى تولۇقسىز 1-2 يىللىقىدىكى300 نەپەر   ئوقۇغۇچىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغانراي سىناش نەتىجىسىدىكى بىنورمال ئەھۋاللار توغرىسىدىكى سۆزبىتىنىڭ ئاخىرىدىنراق كۆرۈپ قالدىم .دىيىلىشىچە80% ئوقۇغۇچى دىگۈدەك چالا ساۋات ياكى بىر-ئىككى جۇملە ئۇيغۇرچە سۆزنى ئۆلچەملىك ئىپادىلىيەلمەيدىكەن ياكى خەتلىرىنى ئوقىغىلى بولمايدىكەن ...

مۇشۇ باللار باشقا دەرسلەردە قانداقراقتۇ ؟

بۇ سان 80% ئەمەس ،30-40% بولغان تەقدىردىمۇ دىقەت قىلىش كىرەك-دە .

ھازىر ئىجرا قىلىنىۋاتقان قوش تىل ئوقۇتۇشى ئىلمى بولسا ش ئۇ ئا ر نىڭ مەرگىزى بولغان ئۈرۈمچىدە مۇشۇنداق ئەھۋال يۈز بىرەرمىدى ؟

بارى يوقى ئىككى بالا تۇرسا ،تەجىربە قىلىۋېرەمدۇق ئۇنى .

ئەھۋال شۇنداق تۇسا،يەنە قاراپ بېقىشقا كۆڭلۈم بامىدى ئەمدى ،بۇقېتىم

يەك تىل ئوقۇتۇش(خەنزۇچە)نى تاللىدىم.

يەنە كاللامنى تەكشۈرتۈپ كىلەمدىم يا تۇرۇپ تۇرايمۇ ؟

يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 09:17:55

مەن قىزىمنىڭ يەسلىگە كىرىش ئەھۋالىنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتەي.*ياپونىيە*

يەسلىگە كىرىشتىن بۇرۇن تەييارلاشقا تىگىشلىك نەرسىلەر؛

1.        يەسلى فورمىسى،سومكا(ئىسىم يېزىلىدۇ)

2.دوپپا.(سىنىپقا قاراپ رەڭگى ئوخشىمايدۇ.ئىچىگە ،سىرتىغا ئىسىم يېزىلىدۇ.)

3.ئاياق.سىنىپنىڭ ئىچىدە ،زالدا كىيىلىدۇ.ئۇستىگە يېنىغا ئىسىم يېزىلىدۇ.

4.ئاياق قاچىلايدىغان خالتا.ئىسىم يېزىلىدۇ.

5.ئىككى قولياغلىق.ئىسىم يېزىلىدۇ.

6.چىش چوتكىسى ،چىش پاستىىى،كۇرۇشكا سالىدىغان خالتا.(ئىسىم يېزىلىدۇ.)

7.كىيىم سالىدىغان خالتا.(ئىسىم يېزىلىدۇ.)

8.يوتقان-كۆرپە ،ياستۇق.(ئىسىم يېزىلىدۇ.)

9.ئىككى جوزا سۈرۈتكۇچ.(ئىسىم يېزىلىدۇ.)

سوليو خالتا.

ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى.(ئوقۇش باشلاشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن)

ئىشىكتىن كىرىشىگە بىر ئايلىق چۇشلۇك تاماق جەدىۋىلى، تاتلىق يېمەكلىك جەدىۋىلى،ئاتا-ئانىلار بىلەن يەسلى ئوتتۇرسىدىكى ئاقىلىششىش دەپتىرى،كالىندار دەپتىرى،قائىدە تۈزۇم دەپتىرى قاتارلىقلار تارقىتىلىدۇ.

ئاساسى جەھەتتىن ئاتا، ئانا،بالا بىللە قاتنىشىدۇ.

يەسلىنىڭ ئەھۋالى تۇنۇشتۇرىلىدۇ. تارقىتىلغان نەرسىلەر(ئۈستىدىكى )چۇشەندۇرىلىدۇ.

يەسلى مۇدىرى،ئوقۇتقۇچىلارھەم باشقا خادىملار تۇنۇشتۇرىلىدۇ.

تەييارلانغان نۇمۇرلار ئوينىلىدۇ.

يەسلىگە بېرىش

يەسلى ئەتىگەن سائەت 8يېرىم،9لاردا باشلىنىپ ،چۇشتىن كىيىن سائەت 4لەردە ئاخىرلىشىدۇ.

ئەتىگەندە يەسلى فورمىسىنى كىيدۇرۇپ،سومكىسغا قولياغلىق،تاماق يىگەندە يوتىسىغا قويىدىغان قولياغلىق،چىش يۇيۇش خالتىسى ،كالىندارلىق دەپتەرنى سېلىپ،دوپپىسىنى كىيدۇرۇپ ،ئالماشتۇرىدىغان كىيىمىنى خالتىغا سېلىپ ،ئېلىپ ماڭىمىز.دوپپىنىڭ ئىچى سېرىقرەڭ، سىرتى باشقا خىل رەڭ.يەسلىگە بارغۇچە،كەلگۈچە سېرىق تەرىپىنى كىيدۇرىمىز.يەسلىدى باشقا رەڭ بار تەرىپىنى كىيىدۇ.سىنىپلار دوپپىسىنىڭ رەڭگى بويىچە ئايرىلىغان .مەسلەن

قىزىل سىنىپ،كۆك سىنىپ ، يىشىل سىنىپ...

بىر قۇردىن ئىككى قۇرغىچە ئالماشتۇرىدىغان كىيىمىنى بىللە ئېلىپ بارىمىز.بالىلار ئويناپ،ياكى باشقا سەۋەپلىك كىيىمى مەينەت بولۇپ كەتسە، ئالماشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.ئىچىگە بىر قانچە سوليو خالتا سېلىپ قويىمىز ،مەينەت كىيىمنى سېلىش ئۇچۇن ئىشلىتىلىدۇ.

ھەر بىر سىنىپنىڭ ئالدىدا ئايىقىنى قويىدىغان جاي بار.ھەممە بالىنىڭ ئىسمى يېزىقلىق.سىنىپتا كىيىدىغان ئاياق دۇشەنبىدىن جۇمەگىچە شۇ جايدا تۇرىدۇ.

يەسلىگە بېرىپ،ئاياقنى سېلىپ،سىنىپتا كىيىدىغان ئاياققا ئالماشتۇرۇپ،كىيىپ كەلگەن ئايىقىنى ئاياق قويىدىغان جايغا قويىمىز.ئاندىن قولياغلىقنى ،چىش يۇيۇش خالتىسىنى ئاسىمىز.(ئىگىزلىكى بىر مېتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان ،ھەممە بالىلارنىڭ ئىسمى يېزىلغان،ئىلمەكلىك بىر نەرسە بار. )

ھەممە بالىلارنىڭ سومكىسىنى قويىدىغان جايغا، ئالماشتۇرىدىغان كىيىم سومكىسىنى قويىدىغان جايغا ئىسمى يېرىقلىق.

سىنىپقا كىرگەنلام جايدىكى كىچىك جوزىغا چاپلايدىغان نەرسىلەر قۇيۇلغان،بۈگۈن 4ئاينىڭ 26كۈنى بولغان بولسا،كالىندارلىق دەپتەرنىڭ 4ئاينىڭ 26كۈنى دىگەن جايغا چاپلايدىغان نەرسىدىن بىرنى چاپلاپ ،دەپتەرنى سومكىغا سېلىپ،ئاندىن سومكىنى،كىيىم سومكىسىنى جايىغا قويىمىز.

ئاندىن بالىلار ئويناشنى باشلايدۇ.ھەر بىر سىنىپقا 2مۇئەللىم مەسئۇل بولىدۇ.بىر سىنىپتا 15ئەتراپىدا بالا بار.

كەچتە بالىنى ئالغىلى بارغاندا ،مۇئەللىم بالىنىڭقىسقىچە ئەھۋالىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.

يوتقان كۆرپە بىلەن سىنىپتا كىيىدىغان ئايىقى،دۇشەنبە ئاپىرىلىپ ،جۇمە ئېلىپ كىتىلىدۇ.(شەنبە يەكشەنبىدە يۇيۇپ،ئاپتاپقا سېلىش ئۇچۇن.)

ھازىرچە ئەمدى ئۇچ ھەپتە ئەتراپىدا بولغاچقا  ئەتىگەندە بېرىپ ئويناپ،ئاندىن مۇئەللىمى ناخشا ئېتىپ بېرىپ،چۇشلۇك تامىقىنى يەپ،چۇشلۇك ئۇيقىنى ئۇخلاپ،قۇپۇپ تاتلىق تۇرۇم يەپ،ئاندىن قايتىدىغانغا تەييارلىق قىلىپ دىگەندەك ئىشلارنى قىلىدىكەن.

ئوقۇتقۇچىلار دائىم كۈلۈپلام تۇرىدۇ.قىزىم گەرچە بىر ئېغىز ياپون تىلى بىلمىسىمۇ،كۈندە ناھايىتى ياخشى ئويناپ كەلدىم،يەسلى بەك ياخشى دەيدۇ،خوشاللىق بىلەن بارىدۇ.شۇنىڭغا قاراپ مەنمۇ سەل خاتىرجەم بولۇپ قالدىم.       

qutghur يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 09:30:20

9- قەۋەتتىكى seyyah99نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

   ئاھانەت ئۇيغۇرچە ئۇقۇشتىنمۇ ئېغىر كەپتۇ ھە ؟؟ كىيىنچە ئاھانەت بولسىمۇ ئۇيغۇرچە بولسىلا بۇلاتتى دەپ قالماڭ !!

مېنىڭچە بولسىمىغۇ بالىلار بۇنچە كىچىك ياشتا ئۇنچىۋالا جاپاغا قالمىسا ،ئازادەرەكچوڭ بولسا ياخشى بولاتتى .بەزى ئىشلارنى ئۆزۈم بىلىمەن-دە .

tivigo يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 09:45:34

مەن قىزىمنىڭ يەسلىگە كىرىش ئەھۋالىنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتەي.( ياپونىيە)

يەسلىگە كىرىشتىن بۇرۇن تەييارلاشقا تىگىشلىك نەرسىلەر؛

1.        يەسلى فورمىسى،سومكا(ئىسىم يېزىلىدۇ)

2.دوپپا.(سىنىپقا قاراپ رەڭگى ئوخشىمايدۇ.ئىچىگە ،سىرتىغا ئىسىم يېزىلىدۇ.)

3.ئاياق.(سىنىپنىڭ ئىچىدە ،زالدا كىيىلىدۇ.ئۇستىگە يېنىغا ئىسىم يېزىلىدۇ.)

4. ئاياق قاچىلايدىغان خالتا.(ئىسىم يېزىلىدۇ.)

5.ئىككى قولياغلىق.(ئىسىم يېزىلىدۇ.)

6.چىش چوتكىسى ،چىش ياستىىى،كۇرۇشكا سالىدىغان خالتا.(ئىسىم يېزىلىدۇ.)

7.كىيىم سالىدىغان خالتا.(ئىسىم يېزىلىدۇ.)

8.يوتقان-كۆرپە ،ياستۇق.(ئىسىم يېزىلىدۇ.)

9.جوزا سۈرۈتكۇچ.(ئىسىم يېزىلىدۇ.)

سوليو خالتا.

ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى.(ئوقۇش باشلاشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن)

ئىشىكتىن كىرىشىگە بىر ئايلىق چۇشلۇك تاماق جەدىۋىلى، تاتلىق يېمەكلىك جەدىۋىلى،ئاتا-ئانىلار بىلەن يەسلى ئوتتۇرسىدىكى ئاقىلىششىش دەپتىرى،كالىندار دەپتىرى،قائىدە تۈزۇم دەپتىرى قاتارلىقلار تارقىتىلىدۇ.

ئاساسى جەھەتتىن ئاتا، ئانا،بالا بىللە قاتنىشىدۇ.

يەسلىنىڭ ئەھۋالى تۇنۇشتۇرىلىدۇ. تارقىتىلغان نەرسىلەر(ئۈستىدىكى )چۇشەندۇرىلىدۇ.

يەسلى مۇدىرى،ئوقۇتقۇچىلارھەم باشقا خادىملار تۇنۇشتۇرىلىدۇ.

تەييارلانغان نۇمۇرلار ئوينىلىدۇ.

يەسلىگە بېرىش

يەسلى ئەتىگەن سائەت 8يېرىم،9لاردا باشلىنىپ ،چۇشتىن كىيىن سائەت 4لەردە ئاخىرلىشىدۇ.

ئەتىگەندە يەسلى فورمىسىنى كىيدۇرۇپ،سومكىسغا قولياغلىق،تاماق يىگەندە يوتىسىغا قويىدىغان قولياغلىق،چىش يۇيۇش خالتىسى ،كالىندارلىق دەپتەرنى سېلىپ،دوپپىسىنى كىيدۇرۇپ ،ئالماشتۇرىدىغان كىيىمىنى خالتىغا سېلىپ ،ئېلىپ ماڭىمىز.

كىيىم سومكىسىغا بىر قۇردىن ئىككى قۇرغىچەكىيىمىنى سېلىپ قويىمىز، بالىلار ئوينىغاندا،ياكى باشقا سەۋەپلىك كىيىمى مەينەت بولغاندا ئالماشتۇرتشقا ئىشلىتىلىدۇ.

دوپپىنىڭ ئىچى سېرىقرەڭ، سىرتى باشقا خىل رەڭ.يەسلىگە بارغۇچە،كەلگۈچە سېرىق تەرىپىنى كىيدۇرىمىز.يەسلىدى باشقا رەڭ بار تەرىپىنى كىيىدۇ.سىنىپلار دوپپىسىنىڭ رەڭگى بويىچە ئايرىلىغان .مەسلەن

قىزىل سىنىپ،كۆك سىنىپ ، يىشىل سىنىپ...

ھەر بىر سىنىپنىڭ ئالدىدا ئايىقىنى قويىدىغان جاي بار.ھەممە بالىنىڭ ئىسمى يېزىقلىق.سىنىپتا كىيىدىغان ئاياق دۇشەنبىدىن جۇمەگىچە شۇ جايدا تۇرىدۇ.

يەسلىگە بېرىپ،ئاياقنى سېلىپ،سىنىپتا كىيىدىغان ئاياققا ئالماشتۇرۇپ،كىيىپ كەلگەن ئايىقىنى ئاياق قويىدىغان جايغا قويىمىز.ئاندىن قولياغلىقنى ،چىش يۇيۇش خالتىسىنى ئاسىمىز.(ئىگىزلىكى بىر مېتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان ،ھەممە بالىلارنىڭ ئىسمى يېزىلغان،ئىلمەكلىك بىر نەرسە بار. )

ھەممە بالىلارنىڭ سومكىسىنى قويىدىغان جايغا، ئالماشتۇرىدىغان كىيىم سومكىسىنى قويىدىغان جايغا ئىسمى يېرىقلىق.

سىنىپقا كىرگەنلام جايدىكى كىچىك جوزىغا چاپلايدىغان نەرسىلەر قۇيۇلغان،بۈگۈن 4ئاينىڭ 26كۈنى بولغان بولسا،كالىندارلىق دەپتەرنىڭ 4ئاينىڭ 26كۈنى دىگەن جايغا چاپلايدىغان نەرسىدىن بىرنى چاپلاپ ،دەپتەرنى سومكىغا سېلىپ،ئاندىن سومكىنى،كىيىم سومكىسىنى جايىغا قويىمىز.

ئاندىن بالىلار ئويناشنى باشلايدۇ.ھەر بىر سىنىپقا 2مۇئەللىم مەسئۇل بولىدۇ.بىر سىنىپتا 15ئەتراپىدا بالا بار.

كەچتە بالىنى ئالغىلى بارغاندا ،مۇئەللىم بالىنىڭ بۈگۈنكى قىسقىچە ئەھۋالىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.

يوتقان كۆرپە بىلەن سىنىپتا كىيىدىغان ئايىقى،دۇشەنبە ئاپىرىلىپ ،جۇمە ئېلىپ كىتىلىدۇ.(شەنبە يەكشەنبىدە يۇيۇپ،ئاپتاپقا سېلىش ئۇچۇن.)

ھازىرچە(بارغىلى ئەمدى ئۇچ ھەپتە بولدى.) ئەتىگەندە بېرىپ ئويناپ،ئاندىن مۇئەللىمى ناخشا ئېتىپ بېرىپ،چۇشلۇك تامىقىنى يەپ،چۇشلۇك ئۇيقىنى ئۇخلاپ،قۇپۇپ تاتلىق تۇرۇم يەپ،ئاندىن قايتىدىغانغا تەييارلىق قىلىپ دىگەندەك ئىشلارنى قىلىدىكەن.

يەسلىگە دەسلەپ بارغاندا ، بىرىنجى كۈنى 2 سائەت ، ئىككىنچى ،ئۇچۇنچى كۈنلىرى 4 سائەت تۇرىدىكەن.ئاندىن نورمال ۋاقىت بويىچە بولىدىكەن.(بالىلارنىڭ كۆنىشى ئۈچۈن ئىكەن.)

مۇئەللىملەر دائىم كۈلۈپلام تۇرىدۇ.بىر ئېغىز ياپون تىلى بىلمەيدىغان قىزىم، يەسلى بەك ياخشى ، بەك كۆڭۈللۇك دەيدۇ.خېلى خاتىرجەم بولۇپ قالدىم.

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 10:08:34

10- قەۋەتتىكى qutghurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

7- قەۋەتتىكى alipenwerنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

\"\"مۇشۇ باللىرى خەنزۇچىدا ئوقىيالامدا؟(قاراڭلار ،گەپنىڭ تېگىدە گەپ بار)\"\" دىگەن ئاھەنەتنى ئاڭلاپ بالامنى ئۇيغۇرچە مەكتەپتىن چىكىندۈردۇم .

شۇنداق قىلغان بولسىڭىز دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۆزىڭىزنى تەكشۈرتۈپ بېقىڭ. بولۇپمۇ كاللىڭىزنى

باشلانغۇچنىڭ بىرىنچى يىلىغا دەل خەنزۇچە مەكتەپتە دەرسلىك قىلىپ ئۆتىلىدىغان 语文,数学نى بولىشىچە ئۆتۈپ ،كەچلىكىگە بىرمۇنچە تاپشۇرۇق يۈكلەپ ،دەرسنى ئۆزلەشتۈرەلمىسە 6-7 ياشلىق بالىنى بىلمەس ،ناچارغا چىقىرىدىغان مائارىپقا ئوردىن بىرىپ ،بۇيانغا قارىسا بىچارە بالا ،ئۇيانغا قارىسا تەلىۋى قاتتىق مائارىپ ئوتتۇرىسىدا نائىلاج قېلىۋاتقان ئاتا-ئانىلارنىڭ كاللىسى تەكشۈرۈپ 4- دوختۇرغا يولغا سالامدۇق !

ھازىر مۇشۇ كەمدە ئۆزىنىڭ باللىرىنى يول مېڭىپ خەنزۇچە مەكتەپكە بېرىۋېتىپ باشقىلارنىڭ باللىرىنى ئوقۇتۇپ يۇرگەن قوش تىل مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا قارىتا بىر تەكشۈرۈش قىلىۋېتىپ ئاندىن دىيىشىلى بۇ گەپنىڭ ئاخىرىنى .

مەكتەپنىڭ ،ئوقۇتۇشنىڭ ئەھۋالىنى ئەڭ ياخىشى بىلىدىغانلار دەل شۇلار.

تېخى 24-چىسلا كەچتە ئۇرۇمچى تېلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ كەچلىك پىرىگىراممىسىدامۇخبىر خانىم، مائارىپ تەتقىقاتچىسى ۋە رىياسەتچىنىڭ ئۇرۇمچىدىكى تولۇقسىز 1-2 يىللىقىدىكى300 نەپەر   ئوقۇغۇچىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغانراي سىناش نەتىجىسىدىكى بىنورمال ئەھۋاللار توغرىسىدىكى سۆزبىتىنىڭ ئاخىرىدىنراق كۆرۈپ قالدىم .دىيىلىشىچە80% ئوقۇغۇچى دىگۈدەك چالا ساۋات ياكى بىر-ئىككى جۇملە ئۇيغۇرچە سۆزنى ئۆلچەملىك ئىپادىلىيەلمەيدىكەن ياكى خەتلىرىنى ئوقىغىلى بولمايدىكەن ...

مۇشۇ باللار باشقا دەرسلەردە قانداقراقتۇ ؟

بۇ سان 80% ئەمەس ،30-40% بولغان تەقدىردىمۇ دىقەت قىلىش كىرەك-دە .

ھازىر ئىجرا قىلىنىۋاتقان قوش تىل ئوقۇتۇشى ئىلمى بولسا ش ئۇ ئا ر نىڭ مەرگىزى بولغان ئۈرۈمچىدە مۇشۇنداق ئەھۋال يۈز بىرەرمىدى ؟

بارى يوقى ئىككى بالا تۇرسا ،تەجىربە قىلىۋېرەمدۇق ئۇنى .

ئەھۋال شۇنداق تۇسا،يەنە قاراپ بېقىشقا كۆڭلۈم بامىدى ئەمدى ،بۇقېتىم

يەك تىل ئوقۇتۇش(خەنزۇچە)نى تاللىدىم.

يەنە كاللامنى تەكشۈرتۈپ كىلەمدىم يا تۇرۇپ تۇرايمۇ ؟

مىسالغا ئانىڭىز (ئانىلارنى مىسالغا ئالمىسام بولاتتى، باشقىچە ئويلىنىپ قالماڭ، ئانا تىلنى ئانىغا ئوخشىىتىشقا توغرا كەلدى) ئاغرىپ قالسا (ئۇنداق بولماسلىقى ئۈمىد قىلىمەن)، ياكى نېرۋىسىدىن چاتاق چىقسا ئۇ ئانىدىن كېچىپ باشقىلارنى ئانا دەمسىز؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق قىلمايسىز. ئانا تىلمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ.

خەنزۇچە مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنىڭ ياخشىلىقى، خەنزۇۋان (مىنكاۋخەن) لەرنىڭ ئاسانراق خىزمەتكە ئورۇنلىشىشى ۋاقىتلىق ئەھۋال. تەدبىر بەلگۈچىلەرنىڭ قەستەن ئورۇنلاشتۇرغان سىتىراتىگىيىسى.

بىر سۇئال سوراپ باقاي. سىزچە خەنزۇچە مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتى شۇنچە ياخشى بولسا، جۇڭگودىكى بىر مىلياردىن ئارتۇق نوپۇستىن ھازىرغىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىرەر دۇنياۋى ئالىم چىقتىمۇ؟ ئالى مەكتەپكىچە ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپتە ئوقۇغان ئەركىن سىدىق، ساھىپجامال دۆلەتتەك ئالىملار چىقتىمۇ؟

بالىڭىزنى ئۆزىڭىز تەجىربە قىلغىلى تۇرۇپسىز. ئادەمنىڭ ئانا تىل مۇھىتىدا تەربىيە ئېلىشى ئەڭ ئەقەللى ئىنسانىي ھوقۇقى. بالىڭىزنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلماڭ. قايسى مەكتەپتە ئوقۇيسەن دەپ ئۆزىدىن سوراپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.

بۇ ھەقتە ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن مۇنازىرىلەر بۇلۇپ ئۆتكەن. ئەمدى مۇنازىرە قىلغۇم يوق. يەنە ئۆزىڭىزنىڭ گىپىنى دەپ تۇرۋالىسىز. بۇ ھەقتە دوكتۇر ئەركىن سىدىقنىڭ ماقالىسى بار كۆرۈپ بېقىڭ. ئېنگىلىزچە، خەنزۇچە بىلسىڭىز دۇنياغا تونۇلغان باشقا ئالىملارنىڭ ئانا تىل مائارىپى ھەققىدە ھەر ئېسىل ماقاللىرى بار، توردىن ئىزدەپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.

qutghur يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 11:36:42

كۆڭلىڭىزنى تولۇق چۈشەندىم .ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ ماقالەلىرىنى تولۇق ئوقۇپ تۇرىۋاتىمەن .ئانا تىل ئوقۇتۈۇشنىڭ ئەۋزەللىكىنى ھەم ياخشى بلىمەن .خەنزۇۋان ئوقۇتۇشنىڭ كېيىنكى تەسىرى ھەم كۆز ئالدىمدا ئايان .ئەملىيەتتە دەل سىز دىگەندەك قىلدىم ،بالىغا تاللاش ھوقۇقى بېرىپ يەنە 2 ئاي ئويلىنىپ ئىلاجىسىز مۇشۇ قارار چىقرىلدى .ئۇيغۇرچە قوش تىل ئوقىغان بىلەن خەنزۇچە ئوقىغاننىڭ مەن بىلگەن پەرقى 语文,数学 نى قوش تىل مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ئۈگىتىدۇ ،خەنزۇچە مەكتەپلەردە خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار ئۈگىىتىدىكەن ،كىتاب بىر خىل .ئۇيغۇر تىلىنى خەنزۇچە مەكتەپتىمۇ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ئۈگىتىدىكەن .数学نى ئۈگىنىش ئۈچۈن 语文 ياخشى بىلمىسە بولمايدىكەن .ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقسا فىزىكا ،خىمىيە ھەقاچان يەنە خەنزۇچە سۆزلىنەر .

سىزنىڭ ئاناتىل( مۇھىتىدىكى) مائارىپى دىگىنىڭىز بىلەن قوش تىل مائارىپى بىر گەپكەن قارىغاندا .

ئەگەر ئەركىن سىدىق ،ساھىپجامال دۆلەت قاتارلىق ئالىملىرىمىز قوش تىل مائارىپىدا تەربىلەنگەن بولسا ئەھۋال 100% ئوخشاش چىقارمۇ؟ مۇشۇ توغرىدا ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ قارىشىنى بىلگۈم بار ئىدى .

ئەركىن سىدىقنىڭ «پەقەت ئانا تىل تەربىيىسى ئاستىدا بالىنىڭ تەپەككۈرى ئەڭ ساغلام ھالەتتە يىتىلىدۇ »دىگەندەك يازغانلىغى ئېسىمدە .ئانا تىل تەربىيەسى بىلەن قوش تىل تەربىيەسىنى تەڭداش ئورۇندا قويۇشقا بولسا ھېلىھەم قايتا تاللايتىم ،ۋاقىت تېخى بار .بولمىسا ئۆزۈم سوراپ باقاي قېنى .

مەن ھازىرچە语文,数学 نى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۆزلىگىنىدىن ،خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۆزلىگىنى ياخشىراقتۇ ،\"\"مۇشۇ بالا\"\" دىگەن گەپنى ئازراق ئاڭلامەن دەپ ئويلدىم .

ئەگەر مېنىڭ يۇقارقى سۆزلىرىم باشقىلارغا خەتا ئۇچۇر پەيدا پەيدا قىلغۇدەك بولسا باشقۇرغۇچىلار ئوچۈرىۋەتسە ئەرز قىلمايمەن .

راس بەزى يەررلەردە ،بەزى مەكتەپلەر قوش تىل ئوقۇتۇش بىلەن ساپ ئۇيغۇرچە ئوقۇتۇشنى بىللە يول قويىۋاتقانلىرىمۇ بارلىغىدىن ھېللا خەۋەر تاپتىم .ئانا تىلدا ئوقۇتۇش ئىمكانىيتىمۇ بارىكەن .

بەت: [1]
: يەسلى مائارىپى توغرىسىدا ياردەم