yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-24 00:28:24

Google Chrome نىڭ «توركاتىپ» قىستۇرمىسى

تەييارلىغۇچى Nida


(ئەزالىق نامىدا كىرەلمەپتۇ، شۇڭا مەن يوللاپ قويدۇم)


ئىككى كۈندىن بېرى گوگۇلاخۇننىڭ كرومجاننىڭ قىستۇرمىسىنى ياساشقا قىزىقىپ قېلىپ،توركاتىپ تورىغا تەقلىد قىلىپ
بىر قىستۇرما ياساپ باقتىم، كرومجاننى (360نىڭ تېز كۆرگۈچىسى 360极速浏览器 بولسىمۇ
بولىدۇ) ئىشلىتىدىغان ئىنتىلداشلارنىڭ بۇ قىستۇرمىسىنى سىناپ بېقىشىنى،
پىكىر-تەكلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەسكەرتىش: ھازىرچە بايقىغان تۇنجى
خاتالىق بولسا، قىستۇرما بەلگىسىنى تۇنجى قېتىم چەككەندە چىققان كۆزنەك كەڭلىكى
كىچىك چىقىۋالىدۇ، بىر قانچە قېتىم چەككەندە (قايتا-قايتا چېكىلسە بەت يېڭىلاش
رولىنى ئۆتەيدىكەن) ئاندىن نورمال ئېچىلىدىكەن، بۇ بەلكىم قىستۇرمىنىڭ بەت
ئۇچۇرلىرىنى تولۇق ئوقۇپ بولالمىغانلىقىدىن بولسا كېرەك.

قىستۇرما تولۇق
ئېچىلغاندىكى كۆرۈنۈشى:

Google Chrome Torkatip.png







قىستۇرما چۈشۈرۈش
مەنزىلى:

قوشۇمچە ھۆججەت (پرېستىن يېشىپ ئىككى چەكسىڭىزلا ياكى يەشكەندىن چىققان
ھۆججەتنى تور كۆرگۈچنىڭ كۆزنىكىگە تۇتۇپ تارتىپ ئەكىلىپ قويسىڭىزلا قاچىلاشقا
باشلايدۇ)

TorKatip.z ip


«تور كاتىپ» تىكى مەنزىلى:
(پرېسلانمىغان، بىۋاسىتە قاچىلىسىڭىز بولىدۇ)

http://web.torkatip.com/chrome/torkatip/torkatip.crx

پرېسلانغان
ھۆججىتى

http://web.torkatip.com/chrome/torkatip/torkatip.zip



torkatip chrome1.JPG



53 سېكۇنت ئالدىدا
چىقىرىش

چۈشۈرۈش (85.88 KB)





weyrani يوللانغان ۋاقتى 2012-4-24 06:54:01

مەندە نۇرمال بولدى.قولايلىقكەن.

karkat يوللانغان ۋاقتى 2012-4-24 06:59:47

يياخشىكەنغۇ ،،،كۇنۇپقالدىممەن ،،،

faith يوللانغان ۋاقتى 2012-4-24 09:16:27

پەچەت ئىشلەپسىز، بەزى تۈرلەردە ھېچنىمە يوق ئىكەن. ئۆزىمىز قوشالايمىزمۇ ياكى مۇشۇنداق بولىۋېرەمدۇ. تولۇقلاپ قوشۇپ قويسىڭىز ئوبدان نەرسىكەنتۇق. خرومغا بەكلا كۆنۈپ قالدىم.

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2012-4-24 10:12:08

ئۇيغۇرچە دىتاللارنىڭ كۆپىيىشى ئادەم خوش قىلدۇ.

ئەلا.

faith يوللانغان ۋاقتى 2012-4-24 10:25:24

بۈگۈن گوگولنىڭ ئېنگلىزچە باش بېتى بەك پەچەت ئېچىلىپدىكەن.



https://www.google.com/

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2012-4-24 10:32:09

5- قەۋەتتىكى faithنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۈگۈن گوگولنىڭ ئېنگلىزچە باش بېتى بەك پەچەت ئېچىلىپدىكەن.



https://www.google.com/



ئەتىگەن ئاۋۇ سىيرتما شەكىللىك ھالەتنى كۆرۈپ ھەيران قاپتىكەنمەن... ئىشقىلىپ بۇلار دائىم ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ تۇرىدۇ. ئەقلى تەپەككۇرىمۇ خېلى بوپ قالىدۇ جۇمۇ بۇلارنىڭ...

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-24 13:11:35

3- قەۋەتتىكى faithنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پەچەت ئىشلەپسىز، بەزى تۈرلەردە ھېچنىمە يوق ئىكەن. ئۆزىمىز قوشالايمىزمۇ ياكى مۇشۇنداق بولىۋېرەمدۇ. تولۇقلاپ قوشۇپ قويسىڭىز ئوبدان نەرسىكەنتۇق. خرومغا بەكلا كۆنۈپ قالدىم.

تەييارلىغۇچى Nida


(ئەزالىق نامىدا كىرەلمەپتۇ، شۇڭا مەن يوللاپ قويدۇم)


نىدا ئەپەندىم، داۋاملىق تولۇقلايدۇ، ياخشىلايدۇ.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 13:28:30






تەييارلىغۇچى Nida


(ئەزالىق نامىدا كىرەلمەپتۇ، شۇڭا مەن يوللاپ قويدۇم)



بۈگۈن يەنە بۇ قىستۇرما يېڭىلاندى، تورداشلار يېڭى نۇسخىسىنىمۇ سىنىشىپ
بېرەرسىلەر.

بۇ نۇسخىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر:

1-ئەڭ ئۈستىدىكى تۇغ
كىچىكلىتىلدى.

2-«جەمگاھ»، «يېڭى تېمىلار» دەپ تىزىملىك قوشۇلۇپ، ماس مەزمۇنلار
شۇ تىزىملىكنى چەككەندىن كېيىن چىقىدىغان قىلىندى.

3-«جەمگاھ» تۈرىدىكى تور
بېكەتلەر سانى 60 نەچچىگە يەتكۈزۈلدى. «يېڭى تېمىلار» تۈرىدە 20 نەچچە تور بېكەتنىڭ
RSS ئۇچۇرى ئوقۇپ چىقىرىلىدىغان قىلىندى.

بۇ نۇسخىسىدىكى بىر قىسىم
مەسىلىلەر:

1-سىنبەلگىنى چەككەندە ئالدىنقى نەشرىگە ئوخشاش كۆزنەك بەزىدە كىچىك
چىقىۋېلىشى مۇمكىن. قايتا-قايتا چېكىپ سىنىسىڭىز بولىدۇ.

2-بەزى بېكەتلەرنىڭ RSS
ھاسىل قىلىشى ئاستا بولغاچقا، شۇ بېكەت نامىنى قايتا-قايتا چەكسىڭىز نورمال
ئوقۇيالىشى مۇمكىن.

بۇ نۇسخىسىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى:

\"Google




بۇ نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش
مەنزىلى:

پرېسلانمىغان نۇسخىسى (بىۋاسىتە چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىزلا بولىدۇ)

http://web.torkatip.com/chrome/torkatip/torkatip2.0.crx

پرېسلانغان
نۇسخىسى (پرېستىن يېشىپ قاچىلىسىڭىز بولىدۇ)

http://web.torkatip.com/chrome/torkatip/torkatip2.0.zip



yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-6-19 23:27:00

قىستۇرما يېڭىلاندى، تور دىسكىسىدىن چۈشۈرۈڭ


بۇ يەرنى بېسىڭGoogle Chrometorkatip2.1.zip ياكى Google Chrometorkatip2.1.zip

بەت: [1]
: Google Chrome نىڭ «توركاتىپ» قىستۇرمىسى