boiled يوللانغان ۋاقتى 2012-4-23 19:37:04

كانايغا مۇنچاق گۆش ئۆسۈپ قېلىشنى داۋالىتىش سەرگۈزەشتەم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!


ئۆتكەن يىلى 4-ئايلاردىن باشلاپ، ئۇزۇنراق سۆزلىسەم تۇيۇقسىز كاناي ئىچىنى بىر نېمە توسۇۋالغاندەك بولۇپ ئاۋازىم چىقمايدىغان بولۇپ قېلىپ، ناھىيەلىك دوختۇرخانىدا تەكشۈرتسەم "يۇتقۇنچاق ياللۇغى" دەپ دىياگنوز قويۇپ، دورا بەردى، بۇ دورىلار ئۈنۈم بەرمىگەچكە، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەلۇم بىر دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەن ئىدىم، "كاناي ئىچىگە مۇنچاق گۆش (息肉) ئۆسۈپ قاپتۇ، ئوپېراتسىيە قىلىمىز" دېدى،  ئوپېراتسىيە دېگەن سۆزنىڭ سۈرىدىن قورقۇپ، مىللىي تېبابەتتە بۇ كېسەلنى دورا بىلەن ساقايتىشتىن ئۈمىد كۈتۈپ، دوختۇرخانا ئەتراپىدىكى تېۋىب-دورىگەرلەردىن مەسلىھەت سورىدىم، ئارىدا بىر تېۋىب: "ئاۋۋال ئوپېراتسىيە قىلىڭ، ئاندىن قايتا كۆكلىۋالماسلىقى ئۈچۈن مەن دورا بېرەي" دېگەندىن باشقا، قالغان تېۋىبلار "چاتاق يوق، دورا بىلەن ساقايتىۋېتىمەن" دەپ ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ،  كۆڭلۈمدە بۇ ۋەدىلەرنى ئىشەنچسىز دەپ قاراپ، يەنىلا ئوپېراتسىيە قىلىش يولىنى تاللىدىم.


2-ئاينىڭ 8-كۈنى ئوپېراتسىيە قىلىندىم، ئۈچ كۈندىن كېيىن يۇرتقا قايتىپ كەتتىم، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن دوختۇر "مۇنچاق گۆشنى كېسىپ ئېلىۋەتتۇق، قايتا ئۆسۈپ چىقىش نىسبىتى 10%" دېگەن بولغاچقا، قايتا ئۆسۈپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ۋىلايەت مەركىزىي شەھىرىدىكى مەلۇم بىر تېۋىبقا ئەھۋالىمنى ئېيتىپ، 600 سومغا دورا ئېلىپ ئىستېمال قىلىشقا باشلىدىم. 4-ئاينىڭ 6-كۈنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان دوخۇرخانىغا بېرىپ،  قايتا تەكشۈرتتۈم، ۋاي-داد! ھېلىقى گۆش يەنە قايتا ئۆسۈپ، خېلىلا چوڭىيىپ بوپتۇ...


دوستلارنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن خوتەندىكى مەلۇم بىر ھاجى تېۋىبنى ئىزدەپ باردىم (ئېلان تۈسىنى ئېلىپ قالمىسۇن دەپ بۇ ھاجىمنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىشنى لايىق كۆرمىدىم)،  ھاجىم تېۋىب ئەھۋالىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، 700 سوم قىممىتىدە بىر يەشىك دورا بەردى، مانا، بۇ دورىنى يەۋاتقىلى بۈگۈن دەل 15 كۈن بولدى، مەندە ئوپېراتسىيەدىن كېيىن بارا-بارا كۈچىيىپ كەتكەن گال ئاغرىقى، تاماق يۈتسەم يۇتقۇنچاقتا بىر نەرسە پۇتلىشىش ئالامەتلىرى ئاللاھنىڭ شىپالىق بېرىشى، دورىنىڭ سەۋەب قىلىشى بىلەن خېلىلا يوقالدى.


بۇ يازمىنى يېزىشتىكى مەقسەت، ماڭا ئوخشاش "ياللۇغلىنىشتىن كېلىپ چىققان مۇنچاق گۆش ئۆسۈپ قېلىش (带炎性息肉)" كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار (ئالامىتى: ئاۋاز توسۇلۇپ قېلىش، ئۈنى پۈتۈپ قېلىش، يۈتكەندە كاناي ئىچىدە بىر نەرسە پۇتلاشقاندەك سېزىم بولۇش قاتارلىقلار) ئوپېراتسىيە قىلىشقا ئالدىرىماڭلار.


يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، مەندە ھازىر كېسەل ئالامىتى ئاساسەن يوقىدى، ئەمما،  پۇرسەت بولسا ئۈرۈمچىگە قايتا بېرىپ، كاناي ئەينىكى (喉镜)دە قايتا تەكشۈرتمىگۈچە تولۇق ساقايغانلىقىمغا ئىشەنچ قىلالمايمەن.


مۇشۇنداق كېسەلنى داۋالىتىش جەھەتتە سەرگۈزەشتىسى بارلار پىكىر ئالماشتۇرساق.  ھەممەيلەنگە سالامەتلىك يار بولغاي.

hikmat823 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-23 20:58:08

خۇدا ئۆزى بىر ساقلىسۇن جۇما شۇنداق كېسەللەردىن

nur يوللانغان ۋاقتى 2012-4-24 08:52:19

ئاكامنىڭ ئايالىمۇ شۇنداق كىسەل بوپ قاپتىكەن،ئەگەر رەنجىمىسىڭىز ئاۋۇ ھاجىم تىۋىپنىڭ ئىسمىنى دەپ بىرەلەرسىزمۇ(ئۆتۈنۈش)

tursun751 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-24 11:36:53

ناھايىتى ياخشى پىكىر  بۇرادەرلەر سىلەردىن سوراپ باقاي ئاشۇنداق تور بەتلەر بارمۇ ؟ يەنى ھەرخىل كېسەللەر ئۆزئارا كېسەلنى داۋالىتىش جەرياندىكى ئىشلىرىنى يېزىپ قويدىغان ياكى ياخشىراق دوختۇر ، تىۋىپلارنى تۇنۇشتۇردىغان . مېنىڭ ئايالىم ئىممۇنت خاراكتىرلىق قان پىلاستىنكىچىسى كەملەش كېسىلى بۇلۇپ، مەن مۇشۇ توغرىسىدىكى چ چ توپىنى ئىزلەتسەم نۇرغۇن مۇشۇ كېسەلگە مۇناسىۋەتلىك چ چ توپى بار ئىكەن ، يەنە تېخى تور بەتمۇ بارئىكەن ، بۇنىڭدا ئاساسەن مۇشۇنداق كېسەل بولغانلار ئەزا بۇلۇپ كېرىپتۇ ، ئۇلار ئۆزئارا داۋالىنىش تەجىرىبىلىرىنى ئالماشتۇردىكەن . مەن بۇنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم ، شۇڭا بولسا ئويغۇرلاردىمۇ ئاشۇنداق بىر نەرسە بولسا بوپتىكەن دەپ ئويلاپ قالغان .( ئۇنداق بولىشى ئۇ تور بەتتىكى ئەزالار ۋە چ چ توپىدىكى ئەزالار ئاساسەن خەنزۇلار ئىدى)ئۇنداق توپ ياكى تور بەتلەرنىڭ پايدىسى كوپ بولدىكەن ، كېسەللەر ئۆزئارا پىكر ئالماشۇرۇپ بىر-بىرسىگە مەدەت بېرەلەيدىكەن .

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2012-4-24 11:42:29

قىززىق تاماق يىمەسلىك كىرەك

NamsizNur يوللانغان ۋاقتى 2012-4-24 15:33:37

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!

ئالدى بىلەن ئاللاھتىن سىزگە شىپالىق ئاتا قىلىپ كېسىلىڭىزنىڭ سەللىمازا ساقىيىپ كېتىشىڭىزنى تىلەيمەن.  مەنمۇ ‹سۇزۇلما خارەكتېرلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغى›دەپ دىئاگۇنۇز قۇيۇلغان، مۇشۇ كۈنلەردە پەسىل ئالماشقاندىن بۇيان يەنە قايتا قوزغۇلۇپ قېلىپ،جۇڭگوچە تىبابەت دورىسىنى ئىچىپ تازا ئۈنۈمى بولماي دوختۇرغا قايتا كۈرۈنەي دەپ تۇرغانتىم(بۇ خىل كېسەلگە  غەرىپچە دورىلارنىڭ ئۈنۈمى تازا كۈرىنەرلىك بولمايدىكەن). بۇ تىمىڭىزنى كۈرۈپ مەنمۇ ئۆزىمىزنىڭ مىللى تىبابەت دورىسىدا داۋالىنىشنى قارار قىلدىم، مۇمكىن بولسا ئاشۇ ھاجى تىۋىپنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن. چىراغنىڭ تۈۋى قاراڭغۇ دەپ يۇرۇتداش تىۋىپ ھاجىمنىڭ نامىنى ئۇقماي يۈرۈپتۇق ئەمەسما..( ئەگەر بىئەپ بولسا قىسقا ئۇچۇر يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ، سىزگە ئۇچۇر يوللىۋەتتىم).چ چ 452622061

boiled يوللانغان ۋاقتى 2012-4-24 17:03:20

2- قەۋەتتىكى nurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاكامنىڭ ئايالىمۇ شۇنداق كىسەل بوپ قاپتىكەن،ئەگەر رەنجىمىسىڭىز ئاۋۇ ھاجىم تىۋىپنىڭ ئىسمىنى دەپ بىرەلەرسىزمۇ(ئۆتۈنۈش)



ماڭا پايدا قىلغان دورا بەلكىم يەنە بىرەيلەنگە ئۈنۈم بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ ئۇ ھاجىم تېۋىبنىڭ ئادرېسسىنى ئېيتىپ بېرەي: خوتەن شەھەرلىك (ۋىلايەتلىكمۇ يە؟) سۇ ئىدارىسىنىڭ قېشىدا، بۇرۇنقى مالىيە مەكتەپنىڭ ئۇدۇلىدا.  مەن باشقا ۋىلايەتتىن بولغاچقا، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكىتىدىن چۈشۈپ، ئۈچ قېتىم تاكسى ئالمىشىپ (تاكسىچىلارمۇ بىلمەي)، نۇرغۇن خالتا كوچىنى خاتا ئارىلاپ، ئاخىرى مىڭ تەستە تاپتىم. ئىسمى ۋېۋىسكىغا چوڭ يېزىقلىق.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 18:30:15

بۇ تېمىنى كۆرگەندىن كېيىن 4تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت مۇنبىرىگە مۇشۇنداق بىر سەھىپە قۇرۇپ قويدۇم ۋە رۇخسىتىڭىزسىز بۇ تېمىڭىزنى شۇ يەرگە چاپلاپ قويدۇم، خاھلىمىسىڭىز ئۆچۈرۈۋەتسەم بولىدۇ.

سەھىپە مەنزىلى:http://4tadu.com/forum.php?mod=forumdisplay&fid=119
بەت: [1]
: كانايغا مۇنچاق گۆش ئۆسۈپ قېلىشنى داۋالىتىش سەرگۈزەشتەم