ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2012-4-23 18:03:27

بۈگۈن - تۈركىيە ئۈچۈن مۇھىم بىر كۈندۇر

بۈگۈن - تۈركىيە ئۈچۈن مۇھىم بىر كۈندۇر






تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى ماقالىسى:

بۈگۈن تۈركىيەدە «23-ئاپرىل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى»دۇر.

ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆتمۈشىدە شۇنداق ئەھمىيەتلىك كۈنلەر باركى، ھەر بىرى بىرەر دەۋرگە ئوخشايدۇ. 23-ئاپرېلمۇ دەل شۇنداق. چۈنكى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئەنە شۇنداق ئۇلۇغۋار بىر كۈندە بەرپا قىلىنغان. 1920-يىلى 23-ئاپرېلدىن بۇرۇن ئىرادىسىدىن قەتئىي يانمايدىغان ئاۋانگارت بىر خەلقنىڭ ھەرىكىتى بار ئىدى. 23-ئاپرېلدىن بۇرۇن قانۇننى قوغداش جەمئىيىتى، مىللىي بىرلىكسەپ كۈرىشى بار ئىدى. 23-ئاپرېلدىن بۇرۇن ئانادولۇنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان خەلق ھەم ئۆز دۆلىتىنى ھەم ئۆز كىملىكىنى قوغداش مەقسىتىدە كۈرەشكە ئاتلىنىشقا تەييار ھالەتتە ئىدى. قىسقىسى، 23-ئاپرېلدىن بۇرۇن مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئازادلىق ئۇرۇشى داۋام قىلىۋاتاتتى. بۇ تارىخىي كۈرەش، 23-ئاپرېل كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملاندى، شۇنىڭ بىلەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ھاسىل قىلىندى.

تۈركىيە دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئۇلۇغ داھى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك، 19-ماي بۇ ئاساسىي قۇرۇلمىنى ئورنىتىپ، بۇ تەشكىللىك خەلق ھەرىكىتىنى پەۋقۇلئاددە دانىشمەنلىك بىلەن ئىدارە قىلدى. شۇ ۋەجىدىن، 23-ئاپرېلدىن بۇرۇن ئەرزۇرۇم ۋە سىۋاس ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى چاقىرىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى تۈرك خەلقىنىڭ 23-ئاپرېلغا يېتىش يولىدىكى ئىجابىي قەدەملىرى ئىدى. جۈملىدىن تۈرك خەلقى 23-ئاپرېلدا رەھبىرىنى قىزغىن قوللىغان ھەمدە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىمۇ بۇ باسقۇچتىن كېيىن 1920-يىلى 23-ئاپرېل كۈنى قۇرۇلدى.

دېمەك، بۈگۈن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى پارلامېنتى چاقىرىلغان ۋە مىللەت نامىدىن قارار چىقىرىشقا باشلىغان تۇنجى كۈن ھېسابلىنىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، 23-ئاپرېل كۈنى، ئىگىلىك ھوقۇق يېگانە بىر شەخستىن يەنى سۇلتاندىن ئېلىنىپ خەلققە بېرىلگەن شانلىق بىر كۈندۇر. 23-ئاپرېل ئىگىلىك ھوقۇق چۈشەنچىسىنىڭ نۇقتىلىق تارىخىي باسقۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. «ئىگىلىك ھوقۇق - شەرتسىز مىللەتنىڭ مۈلكىدۇر» چۈشەنچىسى جۇمھۇرىيەت تارىخىمىزنىڭ ئالتۇن سەھىپىسىگە يېزىلغان بىر كۈندۇر.

بۈگۈن، مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق چۈشەنچىسىنى تاللىۋالغان بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن 23-ئاپرېلنى ناھايىتى تەبىئىي ئاتالغۇ سۈپىتىدە قوبۇل قىلىمىز. بىراق، 1920-يىللاردا «مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق» ئاتالغۇسى تۈرك مىللىتىگە ناھايىتى يات بىر ئاتالغۇ ئىدى. تۈرك مىللىتىنى ئىلغارلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكۈزگەن بۇ ئىنقىلابىي ئاتالغۇنىڭ ئۇقۇمى ئەينى يىللاردا سەلتەنەتكە، خەلىپىلىك تۈزۈلمىسىگە «ياق» دېيىش ئىدى. چۈنكى بۇ ئاتالغۇغا كۆرە، ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ مەنبەسى تۈرك خەلقى، جۈملىدىن پۈتكۈل تۈرك مىللىتى ئىدى. ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ مەنبەسىنى تېئوكراتىيىدىن، دىندىن، دوگمىچىلىقتىن ئېلىپ خەلققە ۋە پۈتكۈل تۈرك مىللىتىگە يېيىش دېمەك ئىدى.

تۈرك خەلقى مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق چۈشەنچىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ۋە ئۇلۇغ داھى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلىپ، ئالدى بىلەن سۇلتانلىق تۈزۈمىنى، ئاندىن خەلىپىلىك تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، تارىختىن بۇيان، تۇنجى قېتىم مۇستاپا كامال ئاتاتۈركتىن ئىبارەت ۋەلىئەھدى بولمىغان بىر ئەۋلادىنى ئەركىن ئىرادىسىگە تايىنىپ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تاللىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاتاتۈرك، پادىشاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرى ۋە شەيخۇل ئىسلامنىڭ پەتىۋالىرىنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ پارلامېنتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان قانۇن-تۈزۈملەر بىلەن تۈركىيەنى ئىدارە قىلىشقا باشلىدى.

مانا بۇ نۇقتىئىنەزەرنى چۆرىدىگەن ھالدا، «23-ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» سۈپىتىدە تەبرىكلىنىپ كېلىۋاتقان 23-ئاپرېل، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئېچىلغان كۈن بولۇپ، شۇ ۋەجىدىن 23-ئاپرېل مۇھىم بىر سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ نامايەندىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، 23-ئاپرېل، تۈركىيەنىڭ ھاكىمىيەت شەكلىنى تاللاشتىكى ھالقىلىق نۇقتىدۇر.

ئۇلۇغ داھى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ مىسلىسىز ئەقىل-پاراسىتى، مىسلىسىز كىملىكى، ئادەتتىن تاشقىرى دۆلەت ئەربابى، تەڭداشسىز ھەربىي قابىلىيىتى ۋە قوماندانلىق قىلىش ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن بۇ مەجلىس (پارلامېنت)، مۇستەقىللىق ئۇرۇشىمىزغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە غەلىبىگە ئېرىشىشتە تۈرك مىللىتى تايانغان ئاساسلىق كۈچ بولۇپ قالدى.

بۇ مەجلىس، ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنى ھۆججەتلەشتۈرگەن موندروس ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بىلەن سەۋر كېلىشىمىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا مىللىي مۇستەقىللىقىمىز بىلەن مىللىتىمىزنىڭ ئابرويىنى قوغداپ قالغان لوزان كېلىشىمنامىسىنى ئىجرا قىلىش بىلەن مۇھىم بىر ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئورۇنلىدى.

23-ئاپرېل، ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئورنىغا، يېڭى مۇستەقىل بىر تۈرك دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇش كۈنىنى ئىپادىلەيدۇ. بۈگۈن، ئەينى ۋاقىتتا مەزلۇم (زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى) مىللەتلەرنىڭمۇ ھاياتىدا شۇنداقلا زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى جەھەتتىنمۇ ئەھمىيەتلىك بىر كۈن ھېسابلىنىدۇ.

23-ئاپرېل، ئىرقىي، تىل، دىن، جىنسىيەت ۋە مەزھەپكە ئورۇن بەرمەي، «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىققان تۈركىيە خەلقىگە تۈرك مىللىتى دېيىلىدۇ» چۈشەنچىسى غەلىبە قازانغان بىر دەۋرنىڭ باشلانغۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 23-ئاپرېلنىڭ ئاساسلىق پەلسەپە ۋە چۈشەنچىسىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرىپى بولسا، بىر بايرامغا خاس بۈگۈننىڭ بالىلارغا ھەدىيە قىلىنىشىدۇر. شۇ ۋەجىدىن، 23-ئاپرېل كۈنلىرى، مىللىتىمىزنىڭ كېلەچىكى بولغان بالىلىرىمىزغا گويا زاۋاللىققا يۈز تۇتقان بىر مىللەتنىڭ بىردىنلا زۈمرەتى ئەنقا قۇشى تىرىلىپ چىققاندەكلا قايتىدىن گۈللەنگەنلىكىنىڭ ئەڭ يارقىن نامايەندىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققاندۇر.

گەرچە، 23-ئاپرېل، تۈرك مىللىتىنىڭ ئىگىلمەس-سۇنماس ئىرادىسىنىڭ شانلىق غەلىبىسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇرۇشلارنىڭ ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئازاب-ئوقۇبەتلىرى ۋە قايغۇ ھەسرەتلىرىنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقى ۋە دۇنيا تىنچلىقىنىڭ دائىما ئاساسلىق نىشانى سۈپىتىدە كۆزىتىلىشى ئۈچۈن بالىلىرىمىزغا سوۋغات قىلىنغاندۇر.

ئۇلۇغ داھى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ 23-ئاپرېلنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئېچىلغان كۈنى بالىلارغا بايرام سۈپىتىدە ھەدىيە قىلىشى، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلارغا بولغان سۆيگۈسى ۋە ئىشەنچىسىنىڭ روشەن نامايەندىسىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ بالىلىرىمىزغا تولىمۇ مۈشكۈل ۋە ناھايىتى شەرەپلىك بىر ۋەزىپىنى تاپشۇرغانلىقىنىڭ روشەن دەلىلىدۇر.

23-ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمىنى 1920-يىلدىن بېرى بۇ دائىرىدە تەبرىكلەپ كېلىۋاتقان تۈرك ئۆسمۈرلىرى، بۇ ئالاھىدە ۋە ئەھمىيەتلىك كۈننى، 1979-يىلدىن بېرى دۇنيا ئۆسمۈرلىرى بىلەن بىرلىكتە تەبرىكلەپ كەلمەكتە. 23-ئاپرېل پائالىيەتلىرى، ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) تەرىپىدىن «دۇنيا بالىلار يىلى» دەپ ئېلان قىلغان 1979-يىلدىن بۇيان، تۈركىيە رادىيو-تېلېۋزىيە ئىدارىسى (TRT) تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بىر كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدۇر. 23-ئاپرېل، بۇ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە ھەر يىلى قاتنىشىۋاتقان باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆسمۈرلىرى بىلەن ھەقىقەتەنمۇ تىنچلىق ۋە دوستلۇق پائالىيىتى سۈپىتىدە تەبرىكلىنىپ كەلمەكتە. دۇنيادا ھېچقانداق بىر ئوخشىشى بولمىغان تۇنجى ۋە رەسمىي بالىلار بايرىمى بولغان 23-ئاپرېلنى پۈتكۈل دۇنيا بالىلىرى بىلەن ئورتاق تەبرىكلەش، تۈرك مىللىتىنىڭ تىنچلىققا قوشقان تۆھپىسىنىڭ ئەڭ جانلىق مىسالىدۇر.

دەرۋەقە، 1979-يىلدىن 2000-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا پايتەخت ئەنقەرەدىلا ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن پائالىيەتلەر، ھازىرقى كۈنگە كەلگەندە دۆلىتىمىزنىڭ ئىستانبۇل، ئىزمىر ۋە ئانتاليا قاتارلىق چوڭ-چوڭ شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى. «23-ئاپرېل بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى» گە ھەر يىلى 40 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ئۆسمۈرلىرى قاتنىشىپ كەلمەكتە. ھازىرغىچە 100 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن 20 مىڭدىن ئارتۇق ئۆسمۈر ئىشتىراك قىلدى. بۇ يىلقى 23-ئاپرېل بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە كەلسەك، 16-ئاپرېل باشلانغان ۋە 25-ئاپرېلغىچە داۋاملىشىدىغان بۇرسادا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ يىلقى فېستىۋالغا يەنە نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردىن كۆپ ساندا ئۆسمۈر ئىشتىراك قىلدى.

چەت ئەللەردىن ۋە ھەر قىتئەدىن گۇرۇپپا-گۇرۇپپا ھالىتىدە تۈركىيىگە كەلگەن چەت ئەللىك بالىلار ھەر دائىمقىغا ئوخشاشلا مېھماندوست تۈرك ئائىلىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە مېھمان قىلىنماقتا. تونۇشۇش جەريانىدا بالىلار دەسلەپتە سەل قورۇنسىمۇ، بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلار ئىناق دوستلارغا ئايلىنىپ قالماقتا. ئايرىلىدىغان چاغدا بولسا، مېھمان بالىنىڭمۇ، ساھىبخان بالىنىڭمۇ ئىختىيارسىز ھالدا كۆزلىرىدىن ياش دۇردانىلىرى تۆكۈلۈشكە باشلايدۇ.

فېستىۋالغا قاتناشقان مېھمان دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۆسمۈرلەرنىڭ «ئۇلۇغ داھى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ئۈچۈن بۇ يەردىمىز. تۈركىيىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز» دېگەن يېقىملىق ۋە جاراڭلىق سادالىرى بولسا، TRT نىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلغان بۇ ئالەمشۇمۇل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنىڭ بارلىق ھېرىش-چارچاشلىرىنى ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇرتۇپ كېتىدۇ.

بۇ يىل 34-قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا «23-ئاپرېل بالىلار فېستىۋالى» مانا مۇشۇنداق دوستلۇق، تىنچلىق ۋە شات-خۇراملىق كەيپىياتى ئىچىدە ئەگە دېڭىزىنىڭ ئەڭ ئاۋات شەھرى بولغان بۇرسادا يەنە بىر يىلىنى تاماملىدى.

بۇنىڭدىن 92 يىل مۇقەددەم تۈرك مىللىتىنىڭ مىللىي ئىگىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولدا تاشلانغان تۇنجى قەدەم، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە پۈتكۈل دۇنيا ئۆسمۈرلىرىنىڭ خەلقئارالىق بايرىمى سۈپىتىدە تەبرىكلەنمەكتە.

★★★★★







«23-ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» تەبرىكلەنمەكتە







تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(23.04.2012) خەۋىرى:

«23-ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» تۈرلۈك مۇراسىملار ئارقىلىق تەبرىكلەنمەكتە.

غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك بالىلارغا ھەدىيە قىلغان بۇ كۈندە ئۆسمۈرلەرگە ئوخشاشلا دۆلەت رەھبەرلىرىنىمۇ نۇرغۇنلىغان پىروگراممىلار كۈتۈپ تۇرماقتا.

«23-ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن دۆلىتىمىز مائارىپ مىنىستىرى ئۆمەر دىنچەر باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى.

ئۆمەر دىنچەر، مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ قەبرىسىگە گۈلچەمبىرەك قويدى ھەمدە ھۆرمەتتە تۇردى.

ئۆمەر دىنچەر كېيىنچە ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنىڭ مەخسۇس دەپتىرىنى ئىمزالىدى.

كېيىنچە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى جەمىل چىچەك باشچىلىقىدىكى ھەيئەتمۇ ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى، ھەمدە ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنىڭ مەخسۇس دەپتىرىنى ئىمزالىدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (تۈركىيە پارلامېنتى) قۇرۇلغانلىقىنىڭ 92-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇلۇستىكى تۇنجى مەجلىس بىناسىدىمۇ تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى جەمىل چىچەك، مۇراسىمدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، «ئۇلۇغ داھى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ ئېيتقىنىدەك، ھېچقانداق بىر كۈچ ۋە ئورۇن ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكى ۋە پۈتۈنلۈكىنىڭ يېگانە ۋەكىلى بولغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرالمايدۇ. قىسقىسى، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى، جۇمھۇرىيىتىمىز ۋە دېموكراتىيەمىزنىڭ قەلبىدۇر.»

تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشى جەمىل چىچەكنىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىلىدۇ.

جەمىل چىچەكنىڭ ئېچىلىش نۇتىقىدىن كېيىن پارلامېنتتا ۋەكىلى بولغان سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئۇمۇمىي كېڭەشكە خىتاب قىلىدۇ.

تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى، ئەنقەرەدە 19-ماي تەنتەربىيە زالىدا، ئىستانبۇلدا بولسا ئىنۆنۈ تەنتەربىيە زالىدا داۋاملىشىدۇ.

پارلامېنت مۇراسىم زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «23-ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى»نى تەبرىكلەش زىياپىتىدىن كېيىن مۇراسىملار ئاخىرلىشىدۇ.

★★★★★

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2012-4-23 21:01:54

ئابدۇللاھ گۈل بىلەن ئەردوغان «23-ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى»نى تەبرىكلىدى




\"\"



تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(23.04.2012) خەۋىرى:

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل بىلەن باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تەبرىك تېلېگراممىسى ئېلان قىلىپ، «23-ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» نى تەبرىكلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل، تېلېگراممىسىدا، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (تۈركىيە پارلامېنتى) نىڭ، دېموكراتىيەنىڭ ئابىدىسى، مىللىي ئىرادىنىڭ تەجەللىگاھى ۋە مىللىي ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ شەرتسىز ھالدا مىللەتكە ئائىت ئىكەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان يېگانە قۇرۇلما ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ تەبرىك تېلېگراممىسىدا، يېڭى ئاساسىي قانۇننىڭ، تۈرك دېموكراتىيەسىگە كۈچ بېغىشلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باش مىنىستىر ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «زامانىۋى مەدەنىيەتلەر سەۋىيەسىدىن ھالقىپ ئۆتۈش نىشانىنى بويلاپ ئېلىپ بېرىۋاتقان مەدەنىيەت ھەرىكىتىمىزنىڭ، مەجلىسىمىزنىڭ كۈنتەرتىپىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان خەلقچىل، ئەركىنلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بىر ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ چىقىشى بىلەن بىرلىكتە يەنىمۇ ئالغا باسىدىغانلىقى ۋە دېموكراتىيەمىزنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىغا چىن دىلىمدىن ئىشىنىمەن.

★★★★★





تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(23.04.2012) خەۋىرى:

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل بىلەن باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «23-ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان تەبرىك تېلېگراممىسىغا ئورۇن بەردى. گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈلنىڭ ئۆسمۈرلەرگە خىتاب قىلغاندا، «تىرىشقان، ئۆزۈڭلارغا ئىشەنگەن ۋە ئۆزۈڭلارنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە يېتىشتۈرۈپ چىققان چېغىڭلاردا چوقۇم بارلىق ئۇلۇغۋار نىشانلىرىڭلارغا يېتەلەيسىلەر» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى. گېزىت، دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تېلېگراممىسىدا، «ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان مۇشەققەتلەرنىڭ يېڭىپ چىقىلىشىدا ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، دۆلىتىمىزنىڭ ئالدىدا يېڭى ئۇپۇقلارنى ئاچقان شەرەپلىك مىللىتىمىز، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بالىلىرىمىز نامىدىن ھەممە ياقتا تىنچلىق غۇنچىلىرى پورەكلەپ ئېچىلغان پارلاق بىر كېلەچىكىمىزنىڭ يول باشچىسى بولۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ مۇناسىۋىتى بىلەن «23-ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» نى چىن دىلىمدىن قىزغىن تەبرىكلەيمەن، بۇ بايرامنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بارلىق ئۆسمۈرلەرگە تىنچلىق ۋە بەخت-سائادەت ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنداقلا بارلىق ئۆسمۈرلىرىمىزنى سۆيگۈ بىلەن باغرىمغا باسىمەن» دېگەن سۆزلىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«‹خەبەر تۈرك› گېزىتى»، «تەشەككۈر ئېيتىمىز» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك بالىلارغا ھەدىيە قىلغان «23-ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» بىلەن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (تۈركىيە پارلامېنتى) قۇرۇلغانلىقىنىڭ 92-يىللىقىنىڭ مەملىكەت ئىچى-سىرتىدا تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلىنىۋاتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

★★★★★

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2012-4-23 21:03:01

«23-ئاپرېل بالىلار بايرىمى» چەت ئەللەردىمۇ تەبرىكەلەنمەكتە



\"\"




تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(23.04.2012) خەۋىرى:

«23-ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» چەت ئەللەردىمۇ تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكەلەنمەكتە.

تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «23-ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە تۈرلۈك مەكتەپلەردىن نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار ئىشتىراك قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ بېرلىن باش ئەلچىسى ھۈسەيىن ئاۋى قارسلىئوغلۇ، «23-ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» نىڭ، كېلەچىكىمىزنىڭ كاپالىتى بولغان ياش ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ بايرىمى بولۇشتىن سىرت يەنە، مىللىتىمىز ۋە دۆلىتىمىز ئۈچۈنمۇ تارىخىي بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«23-ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» كوسوۋادىمۇ تەنتەنىلىك ھالدا تتبرىكلەنمەكتە.

كوسوۋادا ئۆتكۈزۈلگەن «23-ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە دۆلىتىمىز ئىستانبۇل پارلامېنت ئەزاسى مەتىن كۈلۈنك، كوسوۋا تارىخىنىڭ تىرىك ۋە خاتىرىلەرنىڭ ھېچ ئۆچۈپ كەتمىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

كوسوۋا خەلق ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە كوسوۋا دېموكراتىك تۈرك پارتىيەسىنىڭ باشلىقى ماھىر ياغجىلار، مىللىي بايرام دائىرىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان بارلىق پائالىيەتلەردە كوسوۋادىكى تۈرك مەۋجۇدىيىتىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى ۋە ياشلار بىلەن بىرلىكتە بۇ بايلىقلارنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

بوسنا ھەرسەكنىڭ پايتەختى سارايېۋودا تۈركچە ئۆگىنىۋاتقان مىڭغا يېقىن ئۆسمۈرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن بىر مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.

سومالىنىڭ پايتەختى مۇقدىشو ۋە بۇلغارىيەنىڭ پايتەختى سوفىيەدىمۇ «23-ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

★★★★★

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2012-4-23 21:04:23

2009-يىلدىكى «23-ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» تەنتەنىسى




تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى(23.04.2009) خەۋىرى:

«23-ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» بۈگۈن تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، شۇنداقلا، تۈركىيىنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى ۋە شىمالىي قىبرىس (سىپرۇس) تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە ھەر خىل مۇراسىملار بىلەن تەبرىكلەنمەكتە.

تۈركىيىنىڭ ھۇل تېشى قويۇلغان ۋە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)نىڭ ئېچىلىشى مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن 1920-يىلىنىڭ 23-ئاپرېل كۈنى ئەينى ۋاقىتتا ئىزىلگەن مىللەتلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشىنىڭمۇ باشلانغۇچى... ئازادلىق ئۇرۇشى بولسا يول باشلىغۇچىسى ھېسابلىنىدۇ.

مىللىي مائارىپ مىنىستىرى ھۇسەين چەلىك رىياسەتچىلىكىدىكى ھەيئەت ئاتاتۈرك مەقبەرىسىگە گۈل چەمبىرەك قويغاندىن كېيىن، ھۆرمەت سۈكۈتىدە تۇردى.

ئارقىدىن مىساكى مىللى مۇنارىغا بارغان ھۇسەين چەلىك ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنىڭ مەخسۇس دەپتىرىگە بېغىشلىما يازدى. چەلىك دەپتەرگە: «ئامانىتىڭىز ئىشەنچلىك كىشىلەرنىڭ قولىدا. ئەۋلادلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە سىلەرگە تەشەككۇر ئېيتىمىز» دەپ يازدى.

ئانىتقەبىردىكى ئىككىنچى مۇراسىم سائەت 9:15 ئۆتكەندە باشلاندى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى كۆكسال توپتان، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرى دېنىز بايقال قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە كۆپ ساندىكى مىنىستىرلار بىلەن بىرلىكتە ئاتاتۈركنىڭ مەقبەرىسىگە باردى.

مەجلىس باشلىقى كۆكسال توپتان، ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنىڭ مەخسۇس دەپتىرىگە بېغىشلىما يازدى.

كۆكسال توپتان، مەخسۇس دەپتەرگە: «تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى، سىز قۇرغان جۈمھۇرىيەتنى ئاساسىي قانۇندا بايان قىلىنغان دېموكراتىك، لايىك (سىكولارىزم)، ئىجتىمائىي قانۇن دۆلىتى سۈپەتلىرى بىلەن مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدۇ» دەپ يازدى.

رەسمىي مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى.

ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىدىكى مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىرىنچى مەجلىستە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا قاتناشتى.

بۇ يەردىكى مۇراسىمدا، 1920-يىلى 23-ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق مەجلىس ئولتۇرۇشى يېڭىدىن جانلاندۇرۇلدى. تەقلىدى مەجلىس ئولتۇرۇشىدا، تۇنجى مەجلىسنىڭ ئەڭ ياشانغان ئەزاسى سۈپىتى بىلەن سىنوپ ۋەكىلى شەرىف ئەپەندىنىڭ سۆزلىرى يېڭىدىن سۆزلەندى.

ھۆرمەت تۇرۇشى ۋە ئىستىقلال مارشى ئوقۇلغاندىن كېيىن، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى كۆكسال توپتان سۆز قىلدى.

توپتان، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخىدىكى بىرىنچى مەجلىسنى ۋەتەن زېمىنىنىڭ بارلىق جايلىرىدىن كەلگەن ھۆرلۈك ئاشىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىش ماكانى، دەپ سۈپەتلىدى.

توپتان، بىرىنچى مەجلىسنىڭ مەخسۇس دەپتىرىگە بېغىشلىما يازدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى بىرىنچى قېتىملىق مۇراسىم، مەجلىس باغچىسىدىكى ئاتاتۈرك خاتىرە مۇنارى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى.

مەجلىسى باشلىقى كۆكسال توپتان خاتىرە مۇنارىغا گۈل چەمبىرەك قويغاندىن كېيىن، ھۆرمەت سۈكۈتىدە تۇرۇلدى، ئارقىدىن ئىستىقلال مارشى ئوقۇلدى.

مۇراسىمغا مۇئاۋىن باش مىنىستىر نازىم ئەكرەن، ئەدلىيە مىنىستىرى مەھمەت ئەلىي شاھىن، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى ۋە مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى قاتارلىق پارتىيىلەرنىڭ مەجلىستىكى گۇرۇپپا ۋەكىللىرى، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە مەجلىس خىزمەتچىلىرى قاتناشتى.

مەجلىس باشلىقى كۆكسال توپتان، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدا تەبرىكلىگۈچىلەرنى قۇبۇل قىلدى.

مۇراسىم زالىدىكى تەبرىكلەشلەرگە باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، باش قوماندان ئىلكەر باشبۇغ، ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرى دېنىز بايقال، ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى باشلىقى ھاشىم قىلىچ، ئالىي سوت ئورگانلىرىنىڭ باشلىقلىرى، مىنىستىرلار كابىنتىنىڭ ئەزالىرى، قوماندانلار ۋە پارلامېنت ئەزالىرى قاتناشتى.

23-ئاپرېل ھاياجىنى، 19-ماي تەنتەربىيە زالىدىكى تەبرىكلەشلەر بىلەن داۋاملاشتى.

بۇ يەردىكى مۇراسىم ئىستىقلال مارشىنىڭ ئوقۇلۇشى ۋە بايراقلارنىڭ چۈشۈرۈلۈشى بىلەن باشلىدى.

مائارىپ مىنىستىرى ھۇسەين چەلىك مۇراسىمدىكى سۆزىنى دۇنيانىڭ تۇنجى ۋە بىردىن بىر بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش بىلەن باشلىدى.

چەلىك مۇنداق دېدى: «1920-يىلىدىن بويان مىللەت ئىرادىسىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ كەلگەن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئاتاتۈرك تەرىپىدىن قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەت ۋە پرىنسىپلىرى بويىچە يولىنى داۋاملاشتۇردى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرىدۇ.»

مۇراسىملار، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىلمۇ خىل نومۇرلىرىنى ئورۇندىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

بۈگۈن يەنە، جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى كۆكسال توپتان ۋە باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئوخشاش بولمىغان شەھەرلەردىن كەلگەن بالىلارنى قۇبۇل قىلىدۇ ۋە بالىلار قىسقا مۇددەت باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ مىنىستىرلىك ئورۇندىقىدا ئولتۇرۇپ، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدۇ.

★★★★★

karkat يوللانغان ۋاقتى 2012-4-24 07:07:31

ئۇلار باللا   بايرىمىنى 6.1 كۇنگە توغۇرلىغان بولسا  بىللە  ئۇتكۇزەتتۇقكەن ...

esir يوللانغان ۋاقتى 2012-4-24 11:19:35

6.1 مۇ ئۆتكۈزىدىغۇ دەيمەن. ماۋۇ قېتىملىقى دۆلەت خاراكتېرلىك ئىكەن.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 19:08:55

مۇبارەك بولسۇن!!!
بەت: [1]
: بۈگۈن - تۈركىيە ئۈچۈن مۇھىم بىر كۈندۇر