alip يوللانغان ۋاقتى 2012-4-23 10:50:51

بالىلاردىكى كاناي شاخچىلىرى ياللۇغىغا داۋا بارمۇ؟

قىزىم بىر يىلنىڭ ئالدىدا قىززىپ، يۈتىلىپ كېتىپ دوختۇرغا كۆرسەتسەك كاناي شاخچىلىرى ياللۇغى بولۇپ قاپتۇ دەپ دىئاگىنوز قويۇپ داۋالىغان ئىدى. ئۈچ كۈن ئۇكۇل ئېلىپ ساقايغان. شۇنىڭدىن كېيىن زۇكام بولۇپ قالسىلا كاناي شاخچىلىرى ياللۇغى يەنە قوزغىلىۋاتىدۇ. دوختۇرغا ئاپىرىمىز ئىككى كۈن ئۇكۇل ئۇردۇرمىز، قىزىتمىسى يېنىپ ساقىيىدۇ، يەنە بىرەر ئايدىن كېيىن زۇكام تەگسە بۇ ياللۇغ يەنە قوغىلدۇ.


دوختۇردىن بۇ كېسەلنى تەلتۈكۈس ساقايتقىلى بولمامدۇ دەپ سورىسام، بالا چوڭ بولۇپ ئىممۇنىت كۈچى ئاشقاندا ساقىيدۇ دەيدۇ. ئۇيغۇر تىبابىتى ياكى باشقا يەرلىك ئۇسۇللاردا تەلتۈكۈس ساقايتىش ئامالى بارمۇ؟

function يوللانغان ۋاقتى 2012-4-23 11:27:07

مېنىڭ قىزىمنىمۇ بىر دوختۇر ئۆپكىسى ئىششىپ قاپتۇ دەپ، يەنە بىرسى ئۆپكىسى ئىششىماپتۇ كاناي شاخچە ياللۇغى دەپ ئوكۇل ئۇرۇپ ساقايغان.

paul912 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-23 12:43:20

بۇخىل ئەھۋال مىنىڭ ئوغلۇمدىمۇ بار، تەجىربىدىن ئۆتكەن داۋالاش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرساڭلار بوپتىكەن؟

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-23 13:27:00

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-4-23 13:32:55

دوختۇر نېمىشقا پولو يىگۈزدىڭىز دەپ تىللاۋاتسا پولو يىگۈزۈڭ دەيدىغۇ.

قىزبالا بولغان بىلەن پولوغا بەك ئامراق. ئالدىنقى كۈنىمۇ پولونى تازا يەپ، كېچىچە يۈتىلىپ قىززىپ چىقتى، دوختۇرغا ئاپارساق ياغلىق، كۈچلۈك تاماق يىگۈزگەنمۇ دەپ، پولو يىگەنتى دېسەم سۆزلەپلا كەتتى. بۇنداق كېسەل تەبئىتى ئىسسىق، ياغلىق يىمەكلىكلەردىن، لازىغا ئوخشاش ئاچچىق يىمەكلىكلەردىن ئاسانلا قوزغىلدۇ دەپ...

windboy يوللانغان ۋاقتى 2012-4-23 14:03:41

ما كېسەل كىچىكىمدە مەندىمۇ باتتى،ھېلىقى دوختۇر دىگەندەك كىيىنچە ئۆزلىگىدىن ساقىيىپ كەتتى`````

tiwiba19 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-23 14:16:38

بالىلاردىكى كاناي شاخچە ياللۇغى ، ئۆپكە ياللۇغى ئاساسەن ئىممونىت كۈچىنىڭ تۈۋەنلىكى ، ئوزۇقلىنىشنىڭ توغرا بولماسلىقى ۋە مۇھىت بىلەن بەكراق مۇناسىۋەتلىك !

ئەگەر بالىلاردا قىززىتما بولسا دەرھال دوختۇرغا ئاپىرىش ، قىززىتمىسىنى قايتۇرۇشقا تىرىشىش لازىم . ئەگەر قىززىتما بولمىسا ياكى قىززىتمىسى قايتقان بولسا ئۇكۇلنى كۆپ سالدۇرماسلىق كىرەك . شاخچە كاناي ياللۇغىغا ئاۋۋال بەلغەمنى بۇشىتىپ ، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇشقا مەنپەئەت قىلىدىغان ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلارنى ئىشلەتكەندىن كېيىن قۇۋۋەت دورىللىرى ۋە قۇۋۋەتلىك تائاملارنى بىرىشكە بۇلىدۇ . بۇ كىسەلگە بىھى مىرابباسى ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ .

ئەگەر يۇقارقى كىسەللىكلەرگە قارىتا ئۇيغۇر تىبابەت دورىسى ئىستىمال قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرسەڭلار مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار ئەڭ ياخشى دورىلار ۋە ياخشى مەسلەھەتلەر بىلەن سىلەرگە ياردەم قىلالىشىم مۇمكىن . ھەر قانداق دورا لازىم بولسا خوتەندىن بىۋاستە ئەۋەتىپ بىرىمەن .

چ چ 2642425213

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-4-23 14:39:59

tiwiba19 رەھمەت سىزگە. قالغىننى كىيۇكىيۇدا تەپسىلى دىيىشەيلى.

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-4-23 14:50:59

كىيۇكىيۇرىڭىزنى قوشقىلى بولمايدىكەن، مەن كىم دەپ سۇئال سورايدىكەن. مەن سىزنىڭ كىملىكىڭىزنى بىلمەيدىكەنمەن، يا سىز ماۋۇ كىيۇكىيۇنى قوشۇڭ 632997108، ياكى كىملىك (身份证) ىڭىزنى رەسىمگە تارتىپ ماڭا ئەۋەتىپ بېرىڭ  \"\"

adil731 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-23 15:25:36

مەن زەم زەم سۇيۈ توغرىلىق تۈنۈگۈن بىز تېمىنى كەڭساي تورىدىن كۆچۈرۈپ ئىزدىنىشقا يوللىغان ئىدىم،تېمام چىققان ئىدى،لېكىن بۈگۈن چۈشكە يېقىن ئۆچۈرۈلۈپتۇ،سېستىما ئەۋەتكەن ئۇچۇردا،مەزمۇنى پۈچەك،دەپ ئۆچۈرۈلدى دەپ كەپتۇ،ھەيران قالدىم.باشقا مۇنبەرلەردە ساغلام ،مەزمۇنى پۈچەك بولماستىن،مۇشۇ ئىزدىنىشقا كەپلام پۈچەك بوپ قاپتۇ؟بۇنى قانداق چۈشەنسەم بولا؟يا بىر ئۇ ماقالىدا ئاشقۇن دىنىي پىكىرلار يوق،پەقەت زەم زەم سۈيىنىڭ شىپاسى سۆزلەنگەن،باشقا مۇنبەرلەر چىقىرىپ بۇ تېمىنى يا بىر تاقىلىپ كېتىپتىمۇ؟ يا ئۇ تېمىنى باشتا چىقارمايلام قويماپتۇ،چىقىرىپ بولۇپ ئۆچۈرىۋەتكىنى نېمىسى؟مىنىڭ غەزەپ ئاچچىقىم كەلدى!بۇ ھەربىر ئۇيغۇر بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار تۇرسا،نىمانداق ئۆزىمىزنىڭ سايىمىزدىن ئۆزىمىز ھۈركۈپ يۈرىدىكەنمىزكىن تاڭ بىلمىدىم.

تېما ئىگىسىگە:

بۇ ئىنكاسىم تېمىڭىزغا مۇناسىۋەتسىز بوپ قالدى ئاچچىقىمدا مۇشۇ ئىنكاسنى يېزىپ غەزىپىمنى بىلدۈرىۋالاي دىدىم.ئاللاھ بالىڭىزغا شىپالىق بەرسۇن

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-23 16:42:41

مىنىڭ ئوغلۇممۇ دەل مۇشۇنداق كىسەل بۇلۇپ قالىدۇ داۋاملىق .

دۇختۇرخانىدا بىرەر ھھەپتە داۋالىساق ساقىيىدۇ .

بولسا مۇشۇنىڭغا ئۈنۈملۈك دورا بولسا بولاتتى...

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2012-4-23 18:22:35

تاماقنى قۇۋەتلىك بىرىش كىرەك ئىكەن . سۇغۇق تاماقلار كېسەلنى كۈچەيتىۋىتىدۇ . شاخچا ياللۇغى كۈچەيسە ئۆپكىگە ئۈتۈپ ئۆپكىگە ھاۋا تولىۋىلىپ ئاخىردا ئۈپكە ئېششىغىنى پەيدا قىلىپ يۈرەكنى قېسىدىكەن . يىزىدا يا پايدا قىلمايدىغان يا زىيان قىلمايدىغان ئاسما ئۇكۇلنى تولا ئاسىدۇ . ئۇنداق قىلسا سىز ئۇنىماڭ بەرىبىر پايدىسى يوق . ئانام مۇشۇ كېسەل بىلەن ئاغىرىپ يىزىدا ساقايماي ئاخىرى ئۈرۈمچگە كىلىپ تەكشۇرىتىپ ئاسما ئاسماي بىر نەچچە خىل دۇرا يەپ ياخشى بولدى . بىر باسقۇچ ئون كۈن ئىكەن . مەن ئانام يەۋاتقان دۇرىنىڭ ئىسمىنى يىزىلىپ بۇ يەرگە قالدۇرۇپ قوياي . ھازىر بىلىدىغىنىم 阿斯美 دىگەن دۇرىنى يەۋاتىدۇ .  گۈل ئاۋاتتا بۇ دۇرا بولماي قالسا مەن ئەۋەتىپ بەرسەم بۇلىدۇ . ئاۋال دوختۇردىن بىر سورىۋەتسەم قانچە تال يەيدۇ دەپ شۇ بويىچە يەپ باقسا ئاسانلا ياخشى بوپ كىتىدۇ ۋە يۈتەلنىڭ ئازابىدىنمۇ قۇتۇلۇشى مۈمكىن .



ئاخىرىدا قىزىڭىزنىڭ ساغلام ئۈسۈپ يىتىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن .

naprat2009 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-23 18:45:10

سىلىگە چىن كۆڭلۈمدىن تەكلىپ بېرەي، قىزىپ قالمىسىلا ھەرگىز ئاسما ئاسقۇزماڭ، قانچە ئاسما ئاسقۇنغانسېرى شۇنچە ئاسان زۇكام بولىدىغان بولۇپ قالىدۇ، قۇۋۋەتلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېدۈرۈڭ، مانا مەن ئاسما ئاسقۇزغاننىڭ زىيىنىنى كۆپ تارتقان، قانچە ئاسقۇزغانسېرى شۇنچە ئاجىزلايدۇ، شۇنچە ئاسان قوزغىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى، زۇكام دورىسىنى ئىچكۈزسىڭىزلا كۇپايە.

پولو، كاۋاپ دېگەندەك قۇرۇق ئىسسىق نەرسىلەرنى ھەرگىز يېمىسۇن، سوغاق سۇنى قەتئىي ئىچمىسۇن، كۈندە يىلمان سۇغا ساپ ھەسەل سېلىپ ئىچكۈزۈڭ. ئەتىگەن ئاچ قورساققا قورىغان دېگەندەك قۇرۇق ئىسسق نەرسىلەرنى يېگۈزمەڭ.

ئەمما قۇۋۋەتلىك بېرىمەن دەپ ئۇسقىنىنى يوغانلىتىپ تاشلىماڭ، قىز بالىنىڭ ئۇسقىنى يوغان بولسا سەت بولۇپ قالىدۇ، ياراشمايدۇ. (تۇخۇم دېگەندەك)

shermi يوللانغان ۋاقتى 2012-4-23 20:08:55

مېنىڭ ئوغلۇممۇ مۇشۇ ئاغرىق بىلەن تاس قالغان زادى.... ئىشقىلىپ ئاللاھ قايتا بەردى بالامنى. ئىسسىقلىق نەرسىنى جىقراق يېسىلام قوزغىلىدۇ.

بالامنىڭمۇ بىر قېتىم قوزغالغاندا يولدۇشۇم  دورىخانىدىن ب سۈمۈرىدىغان بىر دورا ئەكىرىپتىكەن  بىر قېتىم ئىچىپلا ساقىيىپ كەتكەن. بۇ قېتىممۇ يەنە  قوزغالغان شۇ دورىنى بېرەيلى دەپ ئىزدىسەك ھېچ يەردىن چىقمىدى. بەك ئوبدان دورىكەنتۇق. بۇ ئاغرىق بەك ئىسسىقنىمۇ، بەك سوغنىمۇ خالىمايدۇ.

دوختۇر دېگەندەك بالىنىڭ ئىممۇنىت كۈچى ئاچسا ياخشى بولامىش. ئىشقىلىپ بالام بۇلتۇرقىدىن ياخشى . ئاللاغا شۈكرى.




ozhal يوللانغان ۋاقتى 2012-4-23 20:23:23

كىم ؟

ئەھميىتى قانچىلىك ؟

ئىسمى نىمە ؟

نىمىگە لازىمتى بىلمىگەن ئادەم ؟   {:92:}

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2012-4-23 22:36:06

384111685

aziza97 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-24 08:52:29

تەجىربەڭلار بولسا مەنمۇ بىلۋالاي مىنىڭ بالامدىمۇ بار بۇ كىسەل ، مىللى تىبابەتنىڭ دورلىرنى بەرسەم ئاچچىقكەن دەپ قەتئىى يۇتقىلى ئۇنمايدۇ ، قوزغىلىپ قالسا ئاسما ئاستۇرماي باشقا ئامالىممۇ يوق شۇ، ئۆتكەندە بىر تىۋىپقا كۆرسەتكىلى بارسام  ئىمنۇت كۈچنى ئاشۇرۇشقا  تۇڭلۇق ئاقسىل بەرگەنتى ئۈزمەي يېسۇن دەپ. بالام 2.5ياش مۇشۇنداق نەرسىلەرنى كۆپ يىسە زىينى بارمىدۇ ، بولمىسغۇ ئۈنمى خېلى ياخشىكەن ئاقسىلنىڭ .

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 22:17:52



ئەگەر يۇقارقى كىسەللىكلەرگە قارىتا ئۇيغۇر تىبابەت دورىسى ئىستىمال قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرسەڭلار مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار ئەڭ ياخشى دورىلار ۋە ياخشى مەسلەھەتلەر بىلەن سىلەرگە ياردەم قىلالىشىم مۇمكىن . ھەر قانداق دورا لازىم بولسا خوتەندىن بىۋاستە ئەۋەتىپ بىرىمەن .

چ چ 2642425213

مەنمۇ ئالىپ ئەپەندىنىڭ گىپىنى تەكرارلايمەن .


«






كىيۇكىيۇرىڭىزنى قوشقىلى بولمايدىكەن، مەن كىم دەپ سۇئال سورايدىكەن. مەن سىزنىڭ كىملىكىڭىزنى بىلمەيدىكەنمەن، يا سىز ماۋۇ كىيۇكىيۇنى قوشۇڭ 1489004073، ياكى كىملىك (身份证) ىڭىزنى رەسىمگە تارتىپ ماڭا ئەۋەتىپ بېرىڭ


»

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 23:03:44

بۇتېمىنى دەسلەپ ئوقۇغان كۇنى كەچتە قىزىم قىزىتىپ كەتتى(39 كىرادۇسقا چىقتى) ، بىر تەرەپتىن سوغۇقتا قالغاندەك لاغ -لاغ تىتىرەيدۇ ، دوختۇرغا ئاپاردۇق ، قاننى تەكشۇرۇپ ئاق قان ھۆجەيرىسى(WBC)  (نۇرمال قىممىتى ئادەتتە 4دىن 10 غىچە بولىدىكەن ، مېنىڭ بالامنىڭ باشتا 26 ئىدى ، ئەتىسى 16 گە چۇشتى ) ئۆلچەمدىن ئشىپ كېتىپتۇ ، بالنىسقا ياتقۇز دېدى ، ...

500 ئەتراپىدا پۇل كېتىدىغان بىر خىل قان تەكشۇرۇش ئېلىپ باردۇق ، نەتىجىسى نۇرمال ، قاندا يۇقۇملىنىش ، ئىرسىيەت خاراكتىرلىق كىسەل ، ئەيدىز ... قاتارلىقلار بايقالماپتىمىش (مەسئۇل دوختۇر شۇنداق دەيدۇ )

ئەتىسى رىنتىگىنغا سالدۇق ، نەتىجىدە كاناي شاخچىلىرى ياللۇغى (支气管炎) دەپ دىئاگۇنۇز قويۇلدى ، ھازىر شۇنىڭغا قارىتا داۋالىتىۋاتىمىز ...



بىر دىققەت قىلىدىغان مەسىلە ؛ كىچىك بالىلارنىڭ داۋالىنىش كىنىشكىسىنى (كارتا) يىڭى بىجىرىپ كىنىشكىگە نۇرمال پۇل تۆلەنگەن كۇندىن كىيىنكى   45 كۇندىن كىيىن ، ئىككىنچى قىتىمدىن باشلاپ پۇل تۆلەپ (يىللىقى 20 يۇەن ) ، تولۇق 30 كۇندىن كىيىن ، ئاندىن دوختۇرخانىدا ياتقان داۋالىنىش پۇلىنى ئاتچوت قىلغۇزغىلى بولىدىكەن .

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 14:01:15

80خالتا رېتسىپى-شىپايى نەپەس قايناتمىسى


بلوگىمغا كىرىپ تەپسىلاتىنى كۆرىۋالسىڭىز بولىدۇ.  2-3 ئۆزۈم خىل سىناقتىن ئۆتكۈزگەن ئوبدان رېتسىپ بار.

بەت: [1]
: بالىلاردىكى كاناي شاخچىلىرى ياللۇغىغا داۋا بارمۇ؟