تىلىمىزدىكى ئىستىمالدىن قىلىپ قالغان سۆزلەر!
ئۇيغۇر تىلى مەھمۇد قەشقىرى زامانلىرىدا خاقانىيە تىلىنى قوللانغان بولسا چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن كېيىن چاغاتايغا تەقسىم قىلىنغان زىمىنلارداكى ئاھالىلار قوللانغان تىل يېقىن ۋاقىقتقىچە چاغاتاي تىلى دەپ ئاتالدى.پېقىرگە ئىنىقسىز ئامىل شۇكى؛بوۋىمىز مەھمۇد قەشقىرى زامانىدا قوللانغان خاقانىيە تىلى دەپ ئاتالغان شۇ تىل قانداق جەريانلارنى باشتىن كەچۈرگەن،ئۇ زادى قانداق تىل؟ئاندىن كېيىن چاغاتاي تىلى دەپ ئاتالغان تىل شۇ تىل شۇمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟لېكىن دادام رەھمىتى چاغاتاي تىلىنى بىلىدىغان.يۇقارقى سوئاللارغا جاۋاپ ئىزدەش بىلەن بىللە كاللامغا تۆۋەندىكىدەك تىل ئىستىمالىدىن قىلىپ قالغان سۆزلەرمۇ كەپ قالىدۇ.مەسىلەن:كۆنا سۆزلەردىن:جاللاپ-مەنىسى تېرە سۆدىگىرى،مىسالەن داڭلىقلاردىن دامۇللا جاللاپ.غۇلجىدىكى دوسلۇق دوختۇرخانىسى مۇشۇ ئادەمنىڭ شەخسى قوراسىكەنتۇق.بۇ ئادەم بەزى تارىخى كىتاپلاردا چىقىدۇ.
سەرراپ-ئالتۇن سۆدىگىرى.قەللەپ-ئۇن ماي ساتىدىغان ئادەمنى كۆرسىتىدۇغۇ دەيمەن.تارانچىلار رەۋەندە دەپمۇ قويىدىكەن.يۈزبىشى.ئەللىك بېىشى مىڭبىگى[ھازىرقى قايسى ئەمەللەرگە توغرا كىلىدىكىن بىلمىدىم،بىلگەنلەر تولۇقلىغاي]
يايى ۋە چېرىك دېگىنى-ساقچى ۋە ھەربىلەرنى كۆرسىتىدۇ بەلكىم.
قۇشناچىم-ئىلىملىك كىشلەرنىڭ ئاياللىرىنىڭ ھۆرمەت نامى مەنچە.
ئاندىن يەنە بۇرۇنقى تارىخى كىتاپلار ۋە ئانا يۇرت قاتارلىق كىتاپلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان بىرلىكلەردىن:
گىكتار؛ بىر گىكتار يەر ھازىرقى 15 موغا تەڭ.
بىر خو-بىلىمدىم قانچە مو يەركىن؟
پۇت-مانچە پۇت بۇغداي-قوناق-بۇنىمۇ بىلەلمىدىم.دېگەندەكلەر.
ھازىرچە ئىسىمگە كەلگەنلىرى پەقەت مۇشۇكەن.بىلىدىغانلار مۇشۇنداق تىلمىزدىن قىلىپ قالغان كونا سۆزلەرنى ئىنكاس شەكىلىدە تولۇقلاپ يازسا بىلىپ باقىلى! كۆنا سۆزلەردىن:جاللاپ-مەنىسى تېرە سۆدىگىرى.
_____________________________
جاللاپ
ئەسلىدە ئەرەپچە سۆز ئىكەن.
توغرا يېزىلىشى : جەللاب ئىكەن
مەنىسى : سودىگەر، ئېلىپ -ساتار ئىكەن.
سىز كونا سۆزلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقاي دىسىڭىز ئەڭ ياخشىسى ماۋۇ لۇغەتلەرنى ئېلىپ قويۇڭ
1- ئۇيغۇر شىۋە سۆزلىرى لۇغىتى
مىللەتلەر نەشىرياتى
تۈزگۈچى: غوپۇر غۇلام
2- چاغتاي تىلنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
خەلق نەشىرياتى
تۈزگۈچى : مۇھەممەد تۇرسۇن باۋۇدۇن قاتارلىقلار
2- ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى سۆزلىكلىرى لۇغىتى
بۇ كىتاپمۇ مىللەتلەر نەشىرياتىدىن نەشىر قىلىنغان
3- ئۇيغۇر تىلىغا چەتتىن كىرگەن سۆزلىكلەر لۇغىتى
كىتاپنى خەق سوراپ ئەپكەتكەن، نەشىريات ،تۈزگۈچىلەر ئېسىمدە يوق. ( تېخى ۋاراقلاپ باقمىغان)
4- چاغتاي تىلى توغىرىسدا مۇپەسسەل بايان.
ئابدۇرۇپ پولات تەكلىماكانى
5- 12 مۇقام تېكىسىتلىرى
6- قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى
....
تىلىمىزدا ئۆزى قوللانغان،ئىشلتىۋاتقان سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئۇقماي ناھايتى ئوسال،بىچارە ئەۋالغا قېلىۋاتقانلار ئاز ئەمەس. بۇنداق ئىشلار ئۇلارنى سۆزلەپ كەلسەم بىر تېما پۈتىدۇ.
مەسىلەن : « سەنەم» دىگەن سۆزىنىڭ مەنىسنىڭ « بۇت» دىگەن مەنىسى بارلىقىنى ئۇقماي ئىسىم ، تەخەللۇس قىلىۋالغان دىگەندەك... ( سەنەم ئىسمى بار تورداش سىڭىللار بولسا خاپا بولمىغاي. پەقەت مىسال ئۈچۈن ئېلىندى. باشقا غەرىزىم يوق)
شۇڭا تورداشلار ئۆزىگە تور ئىسمى، بالىسىغا ئىسىم قويغاندا ناھايتى دىققەت قىلىش لازىم. قۇرۇلتاي دېگەن سۆز قەدىمى ئۇيغۇرچە سۆز. ھازىرغىچە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ دېسە

4- قەۋەتتىكى ulastayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تۇنجار دىگەن نىمە دىگەن گەپ ؟
تۇنجار ئەمەس تۇججاردۇ؟
بۇ ئەرەپچە گەپقۇ دەيمەن،مەنىسى سودىگەر دېگەن مەنىدەك
ئىسىياننىڭ يازمىسىدىن نەقىل:
ئۇيغۇر تىلى مەھمۇد قەشقىرى زامانلىرىدا خاقانىيە تىلىنى قوللانغان بولسا چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن كېيىن چاغاتايغا تەقسىم قىلىنغان زىمىنلارداكى ئاھالىلار قوللانغان تىل يېقىن ۋاقىقتقىچە چاغاتاي تىلى دەپ ئاتالدى.پېقىرگە ئىنىقسىز ئامىل شۇكى؛بوۋىمىز مەھمۇد قەشقىرى زامانىدا قوللانغان خاقانىيە تىلى دەپ ئاتالغان شۇ تىل قانداق جەريانلارنى باشتىن كەچۈرگەن،ئۇ زادى قانداق تىل؟ئاندىن كېيىن چاغاتاي تىلى دەپ ئاتالغان تىل شۇ تىل شۇمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟
توردا گۈلەن ئاكىمىز كەبى ئىلىم ساھىبلىرى ئاز ئەمەس،شۇڭا يۇقارقى ئۆزۈم نەقىل ئالغان سۇئالنى مەنمۇ بىلمەيمەن،بىلىدىغانلار مۇشۇ خاقانىيە تىلى قاچاندىن باشلاپ قوللىنىلغان،كېيىن چاغاتاي تىلى دەپ نام ئالغان تىل شۇ خاقانىيە تىلىنىڭ باشقىچە ئاتىلىشىمۇ؟مۇشۇ سۇئاللارغا جاۋاب بېرىۋەتسەڭلار




5- قەۋەتتىكى adil731نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
4- قەۋەتتىكى ulastayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تۇنجار دىگەن نىمە دىگەن گەپ ؟
تۇنجار ئەمەس تۇججاردۇ؟
بۇ ئەرەپچە گەپقۇ دەيمەن،مەنىسى سودىگەر دېگەن مەنىدەك
مەنمۇ تارىخى كىتاپلاردا تۇججار دەپ ئوقۇغان،ئەمدى تۇنجارنىڭمۇ مەنىسى بارمىكىن دەيمەنغۇ ؟
衙役 خەنزۇچە گەپ يايى گېكتار - لاتىنچە
خۇ - خەنزۇچە
پۇت - ئېنگىلىزچە
فەرسەخ - ئەرەپچە
دادام ئىكەكنى كاسۋال دەيتتى . بۇ قايەرچە گەپ بولغىيدى ؟ نەگە ماڭدىڭىزما ؟ نىمە دىدىڭىزما؟ ئۇۋاۋۇ؟؟
ماۋۇ چۇ ئەمىسە

دورغا- ئەسكىرى ئەمەل نامى.
ئىشنۇر- ئاياقنىڭ يېپى.(غولجىدىلا قوللىنىدۇ ،نەچە گەپكىن بىلمىدىم. )
پەنەر- چوڭلار ئېشلىتىدۇ.
پەنجىرە- دېرىزىلام دەيمىز بىز. پەنجىرە بىرپۈتۈن دېرىزە گەۋدىسىنى كۆرسىتىدۇ. دېرىزە بولسا قىسمەن ھالدائەينەكنىلا كۆرسىتىدۇ.
شانۇر- بۇنىمۇ بىلىدىغانلار بەك ئاز.
ئېرىس- غولجىدا كۆپ قوللىنىدۇ. جەگە
ھاراق(ئىچىدىغان مەي ئەمەس جىمۇ)
ۋاسا
شۈدگە قىلىش
ئوسا قىلىش

يامداق.
گاتار.
ياياق.
مالكا .
دىگەندەك سۆزلەر باركەن بۇ يەردە.
كاسىۋال - ئىكەك (بۇنى يىزىلاردا ھازىرمۇ خېلى ئىشلىتىدۇ.)
دىيەپشە - بىگىز (بەزى جايلاردا دەرەپشە دەيدىغان ئوخشايدۇ.)
ئاختامىلىق - زىرائەتنى يېغىپ بولۇپ، كىيىنكى تىرىلغۇغا تەييارلانغان يەر (ئاختامىلىقتا چالما تالىشىپ دەيدىغان گەپ شۇ. )
كۆتىچەك - قوناقنىڭ شىخىنى چاناپ بولغاندىن كىيىن، يەردە قالغان يىلتىزى شۇ.
يەرلىك شىۋىلەر بويىچە يىغىپ كەلسە تىخىمۇ كۆپ بولۇپ كىتىدىكەن. قۇمۇللۇق باللىلارنىڭ ئاجايىپ گەپلىرى بولىدىغان، «بۇغۇن ئۆيگە كىرىمەن دەپ مۇرجۇققا مۈدۈرۈپ كىتىپ، خەنتىيى چىركى بولۇپ كىتىپتىكەن، چۇچۇلدۇرۋەتتىم» دەيدىغان.
ئاختامىلىق- زىرائەتنى يېغىپ بولۇپ، يەرنى ھاۋالاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاغدۇرۇپ تاشلاپ قويغان يەر.
ھازىر يەرنى ئات-ئېشەكتەك ئىشلىتىدىغان بولاپ كەتتى، ئارام ئالدۇرىدىغان ئىش يوق.
ئاۋۇ جۈملىنىڭ ئاخىرىنى چۈشىنەلمىدىم : بۈگۈن ئۆيگە كىرىمەن دەپ بوسوغىغا پۇتلىشىپ كېتىپ...

چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەۋرى ئويغۇر تىلىنىڭ ئورتا - يېقىنقى زامان دەۋرى. بۇ دەۋردە ئۇيغۇر تىلىدا پارىسچە كىرمە سۆزلەر كۆپەيگەن. ئۇيغۇر يېزىقىغا پارسچىدىن چ، گ، پ، ڭ ھەرفلىرى قوبۇل قىلىنغان.
پەرق يېزىقتا. تىلدا فراسىچە سۆزلەر ۋە سۆز بىرىكمىلىرى كۆپەيگەن. شىئىرىيەت تەرەققى قىلغان.