tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-21 17:35:02

پادىچىلار ئىشتىنىنىڭ خانىم -قىزلار سالامەتلىكىگە بولغان 5چوڭ زېيىنى [تەرجىمە]




پادىچىلار ئىشتىنى مەيلى مودا ياكى راھەتلىكىدىن بولسۇن ۋە ياكى بەدەن گۈزەللىكىنى تولۇق نامايەن قىلىشىدىن بولسۇن  ھازىرقى زامان ئاياللىرى ياقتۇرۇپ كېيىدىغان كىيىم بولۇپ قالدى.لىكىن پادىچىلار ئىشىتىنىنىڭ ئاياللار ساغلاملىقىغىغا بولغان زېيىنى بىلىدىغانلار قانچىلىكتۇ؟دوختۇرلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە پادىچىلار ئىشتىنى ئاياللار ساغلاملىقىغا تۆۋەندىكىدەك 5جەھەتتىن زېيان قىلىدىكەن:

1-پادىچىلار ئىشتىنى سۈپىتىدىكى ئومۇمىيۈزلۈك چاتاق-ڧورمالىننىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشى

ئادەتتە پادىچىلار ئىشىتىنى رەختىنىڭ ئاسان قورۇق بولماسلىقى ۋە تېخىمۇ تەكشى شۇنداقلا رەڭگىنىڭ ئاسان ئۆڭمەسلىكى ئۈچۈن  ئىشلەپچىقىرىلىش جەرىيانىدا تەركىبىدە ڧورمالىن بولغان ماددا قوشۇلىدۇ،ئەگەر مقدارى مۇۋاپىق كونتىرول قىلىنمىسا ڧورمالىن مقدارىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشىنى پەيدا قىلىدۇ.رەڭگىنىڭ قېىنىقلىقى ئوخشاش بولمىغان كىيىملەرنى ئاقارتقاندا ۋە بويىغاندىمۇ ڧورمالىن تەركىبلىك ماددىلار ئىشلىتىلىدۇ.بۇخىل پادىچىلار ئىشتانلىرىنىمۇ خانىم -قىزلار ياقتۇرۇپ سېتىۋالىدۇ.

ڧورمالىننىڭ زېيىنى ناھايىتى كۆپ بولۇپ ،تېرىىنىڭ شىلىمشىق پەردىسىنى غىدىقلاپلا قالماي ئۆتكۈر خاراكتىرلىق رىئاكسىيە پەيدا قىلىپ ئاللېرگىيىلىك تېرە ياللۇغى ،داغ ،توقۇلمىلارنىڭ ئۆلۈشى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.يۇقۇرى قويۇقلۇقتىكى ڧورمالىن سۈمۈرۈلگەندە كانايچە زىققىنى  پەيدا قىلىشى تېخىمۇ ئېغىر بولغاندا بۇرۇن ۋە يۇتقۇنچاق راكىنى پەيدا قىلىشى ،ھامىلە تىنىنىڭ غەيرىلىكى ،ئەرلەر پەرزەنت كۆرەلمەسلىكى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

2-ئېغى كالتە پادىچىلار ئىشتىنى سۈيدۈك يولى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ

ئاياللار بەدەن قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئەرلەرگە قارىغاندا سىرتقى مۇھتتىكى مىكروبلارنىڭ ھۇجۇمىغا تېز ئۇچىراپ بەزى كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ.سۈيدۈك يولى ياللۇغى ئەڭ تىپىك مىسال .سۈيدۈك يولى ياللۇغى ئاياللاردا ناھايىتى كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ بۇ ئاساسلىقى ئاياللار سۈيدۈك يولىنىڭ قىسقا ۋە ئاسان يۇقۇملىنىدىغانلىقىدىندۇر.

3-تار پادىچىلار ئىشىتنى قاننىڭ راۋان ئايلىنىشىنى توسۇپ پۇت-قول مۇزلاشنى پەيدا قىلىدۇ.

كۆپلىگەن خىزمەتچى ئاياللار تار پادىچىلار ئىشىتىنى كىيىپ خىزمەت قىلىدۇ،ھەتتا پۈتۈن كۈن ئولتۇرۇپ ئىشلەيدۇ.بۇ قان ئايلىنىشنىڭ راۋان بولىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ پۇت مۇزلىغاندەك بولۇش،پاقالچاق ئىششىش،تىرە جۇلاسىنى يوقىتىش ھەتتا ئاسانلا ئۇششۇك يارىسى پەيدا بولۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.ئەگەر ھەيىز مەزگىلىدە ھىم كېلىدىغان ئىشتانلارنى كەيگەندە ھەيىز ئاغىرىتىپ كېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4-قۇملاپ ياسالغان پادىچىلار ئىشتىنى ئۆپكىگە چاڭ ئولتۇرۇش كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.

قۇملاش پادىچىلار ئىشىتىنى ۋە باشقا كىيىملەرنى رەڭ ئۆڭگەندەك ۋە كونىدەك كۆرسىتىدىغان بىر خىل سانائەت تېخنىكىسى .بىر تەرەپ قىلىنماقچى بولغان رەخىتگە يۇقۇرى بېسىم چۈشۈرگەندىن كېيىن سىلىتىسىي چالا ئوكسىدنىڭ  دانچىلىرى ئارقىلىق قىزدۇرۇلۇپ يۇقۇرقى ئۈنۈمگە ئېرىشىلىدۇ.بىراق ،ئەگەر كۆپ مقداردىكى قۇم دانچىسى بەدەن ئىچىگە سۈمۈرۈلسە ئۆپكىگە چاڭ ئولتۇرۇش كېسىلى تەھدىتىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن .بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا دەسلەپكى مەزگىلدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ ياكى كۆرىنەرلىك بولمايدۇ،ئەگەر بەدەم قەرەللىك تەكشۈرۈلمىسە داۋالاش پۇرسىتى ئۆتۈپ كېتىپ ئاسانلا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ.

5-پادىچىلار ئىشىتىنى قەرەللىك دېزىنڧىكسىيە قىلىنمىسا جىنسىي يولى ياللۇغى پەيدا قىلىدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر جىنسى يولى ياللۇغىنى شەخسىي تازىلىقنىڭ ياخشى بولماسلىقى ۋە  پاكىزە بولمىغان جىنىسى تۇرمۇش پەيدا قىلغان دەپ قارايدۇ.بىراق پادىچىلار ئىشىتىنىنىڭمۇ بۇ ئاپەتنى پەيدا قىلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلدىڭىزمۇ ؟

يازدا بەك ئىسسىق بولغان ۋاقتلاردا جىنىسى يولدىكى ئاز مقداردىكى مىكروبلار بۇ خىل مۇھىتتا تېزلا كۆپىيىدۇ،بىر قىسمى جىنسى يولدىكى نورمال باكتىرىيەلەر تەرىپىدىن يوقىتىلسا بىر قىسمى تەر ۋە باشقا ئاجىراتمىلار ئارقىلىق پادىچىلار ئىشتىنىغا يۇقۇپ پارازىتلارچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.ئەگەر ئىشتان ۋاقتىدا ۋاقتىدا يۇيۇلمىسا مىكروبلارنىڭ يېتىلىش ئورنىغا ئايلىنىپ  جىنسى يولنى ھەتتا داس بوشلۇقىنى ياللۇغلاندۇرىدۇ.سوزولما خاراكتىرلىق ياللۇغلار ئاياللار كۆپىيىش سېستىمىسىنى زەخمىلەندۈرىشى ئېغىر بولغاندا تۇغماسلىقنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن .


مەنبە:http://eladies.sina.com.cn/zc/2012/0419/07221142851.shtml

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-4-21 21:25:46

پايدىسى يوق. قانچە زىيانلىق دېسىمۇ كىيىۋىرىدۇ بۇ خوتۇن كىشى دېگەن ھاماقەتلەر. ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرسىمۇ كىيىدىغانلار ئاز ئەمەس.

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-4-22 08:53:16

پادىچىلار ئىشىتنى كىيمەيدىغان قىز بالىنى تۆت-بەش يىل ئىزدەپ ئاران تىپىۋالدىم ،لىكىن ھازىر مەن كىيۋاتىمەن بۇ خىل ئىشتاننى  {:92:}

izdinixazasi يوللانغان ۋاقتى 2012-4-22 09:56:16

قىشتا توختۇر قىنىڭىزغا ماي ئۆتەپ كېتىپتۇ  ئىسسىق مايلىق نەرسىلەرنى ئازيەڭ  ھەم ماۋۇ سامساق جەۋھەر كاپسۇلىنى يەڭ دەپ بەرگەن ما قېتىم قولاق ئاغرىپ چىقسام سوقىڭىز ئېشىپ كېتىپتۇ ئىسسىقلىق قىپ بېرىڭ دەيدۇ  \"\"

datman يوللانغان ۋاقتى 2012-4-22 10:30:38

ئىشقىلىپ مۇندا ئىشتاننى كەيگەندىن يالىڭاچ يۇرسە بولمامدۇ

خۇددى قازاق قوينىڭ قويرىقىدەك كاسىسىنى تومپايتىپ مۇشۇنداقلارنى كۆرسەم ھۆ دەپ كىتىمەن

namsez يوللانغان ۋاقتى 2012-4-22 11:59:46

قىزلار ئەمەس ئوغۇللارمۇ كېيىدىغۇ ھازىر ...   ئىشقىلىپ بەك تار نەرسە كەيسە قانداقلا ماتېرىيالدىن تېكىلگەن بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر بولمايدۇ . سەل ئەركىن ئازادە شامال ئۆتىشىپ تۇرۇش كېرەك .

karkat يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 13:01:52

4- قەۋەتتىكى datmanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىشقىلىپ مۇندا ئىشتاننى كەيگەندىن يالىڭاچ يۇرسە بولمامدۇ

خۇددى قازاق قوينىڭ قويرىقىدەك كاسىسىنى تومپايتىپ مۇشۇنداقلارنى كۆرسەم ھۆ دەپ كىتىمەن

يالڭاچ يۇرسە  بولماسمىكى  ،،،،ئۇ چاغدا  بىز ئەرلار كۇزمىزگە لاتا باغلاپ  قالامىز،،،،\"\"

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2012-5-20 07:58:32

تېمىڭىزنى رۇخسەتسىز كۆچۈرۈۋالدىم  \"\" .
بەت: [1]
: پادىچىلار ئىشتىنىنىڭ خانىم -قىزلار سالامەتلىكىگە بولغان 5چوڭ زېيىنى [تەرجىمە]