كىم تاپالايدۇ..ماتىماتكىلىق
بىركۈنى بىر موزدوز شاگىرتىغا مۇنداق دەپتۇ .
سىز مۇنۇ بىرجۈپ ئاياقنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ كېلىڭ دەپتۇ.
شاگىرت - خوپ بولىدۇ دەپ بازارغا مېڭىپتۇ.
شاگىرت ئاياقنىڭ بىر پىېينى بىر كىشىگە 12.5 يۈەنگە سېتىپتۇ، يەنە بىر پېينىمۇ باشقا بىر كىشگە 12.5 يۈەنگە سېتىپ ئۇستازىنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ.
شاگىرتى ئۇستازىغا ئاياق ساتقان 25 يۈەننى بىرىپتۇ. ئۇستازى شاگىرتىغا ئاياقنى قىممەت سىتپ قويۇپسىز ، ماۋۇ 5 يۈەننى ئاياق ئالغان ئىككى خېرىداغا قايتۇرۇپ بېرىڭ دەپتۇ.
شاگىرتى 5 يۈەننى ئىلىپ سىرتقا قاراپ مېڭىپتۇ-دە كۆڭلىدە شۇنداق ئىسسقتا ساتقان ئاياق پۇلىنىنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ بەرگىسى كەلمەي 3 يۈەننى يانچۇقىغا سېلىپ قالغان 2 يۈەننى ھېلىقى ئىككى كىشىگە بىر يۈندىن قايتۇرۇپ بېرىپتۇ..ئۇ ئىككى كىشىگە ئاياق جەمئى 11.5 يۈەندىن بىر جۈپ ئاياق 23 يۈەنگە توختاپتۇ.
ھېلىقى شاگىرت يانچۇقىغا سېلىۋالغان 3 يۈەن پۇلنى قۇشساق جەمئى 25 يۈەن بولماي نىمە ئۈچۈن 26 يۈەن بولۇپ قالىدۇ
12.5+2=25
5-3=2
12.5-1=11.5
11.5*2=23
23+3=26
دەششەتكەنەۇ بۇبۇنداق ماتېماتىكىلىق ئويۇنلار تولا گەپ. كىرىم بىلەن چىقىمنى ئىلەشتۈرۈپ ھېسابلىسا شۇنداق بولىدۇ شۇ.
ئەسلى مانداق ھېسابلاش كېرەك. چىقىم بويىچە بولغاندا: ئىككى خېرىدار 12.5 كويدىن 25 كوي چىقىم بولدى، كېيىن ئىككى كوي قايتىپ كېلىپ، چىقىم 23 كوي بولدى. دېمەك چىقىمدا 3 كوي دەيدىغان پۇل مەۋجۇت ئەمەس.
كىرىم بويىچە ھېسابلىغاندا: موزدۇز 25 كوي كىرىم قىلغانىدى، بۇ كىرىمنىڭ 2 كويىنى خېرىدارغا قايتۇردى، 3 كويىنى شاگىرت خەجلىدى. قوشساق يەنە 25 كوي بولدى. شۇنداق بولغاندا ئەمەلىيەتتە ئۇستام قىلغان كىرىم 23 كوي بولۇپ، كىرىم بىلەن چىقىم تەڭ بولدى.
بۇ يەردىكى ئويۇن مانداق: شاگىرت تىقىۋالغان 3 كوي ئەسلى كىرىم ئېدى، بۇنىڭغا ئىككى خېرىدارنىڭ 23 كوي چىقىمىنى قوشۇپ ئويۇن ئويناپ كەتكەن. ئوخشىمىغان مىقدارلار ئارا ھېسابلىساق توغرا بولمايدۇ، كۆپىنچە ھالدا پۇلنىڭ سانىلا ئويلاپ، قانداق پۇللىقىنى ئويلىماي خاتالىشىمىز. بۇ يەردىكى مۇھىم ھالدا مىقدار.
يېزىلاردىكى بوغالتىرلار دېھقانلارنى مۇشۇنداق قويىدىكەندە ئەسلى، پالانى بوغالتىرنىڭ ھېسابىنى ناھىيە، ۋىلايەتتىنمۇ تەكشۈرەلمەي، ئاپتونۇمدىن ئەدەم كەپتىمىش دېسە، قانچىلىك تەس ھېسابتۇ دەيتتىم.

بىر بالا ئانىسىدىن 5 كوي دادىسىدىن 5 كوي ئېلىپ، بۇ پۇلنىڭ 7 كويىغا بىر خاتىرە ئاپتۇ. ئاندىن 1 كوينى ئانىسىغا 1 كوينى دادىسىغا قايتۇرۇپ يانچۇقىدا 1 كوي قاپتۇ. دېمەك دادىسى 4 كوي ئانىسى 4 كوي بەرگەن بوپتۇ، ئىككىسى بەرگەن 8 كوينى بالىنىڭ يانچۇقىدىكى 1 كويغا قوشساق 9 كوي بولاپ قالدى. يەنە 1 كوي قېنى؟
4- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن بىرنى دەپ بېرەي ھە.

بۇ تېپىشماق گۈللىگدىكى بۇ تېپىشماق بىلەن ئوخشاشكەن.
بۈگۈن دادامدىن 500سوم، ئاپامدىن 500سوم قەرىز ئېلىپ 1000سوم قىلىپ بازارغا بېرىپ 970 سومغا بىر جۈپ ئاياق ئالدىم.يانچۇقۇمدا 30 سوم قالدى، يېنىپ كېلىپ دادامغا 10 سوم، ئاپامغا 10سوم قايتۇردۇم، يېنىمدا 10سوم قالدى، شۇنداق بولغاندا دادامغا 490، ئاپامغا 490 سوم قەرىز بولغان بولدۇم. جەمىي 980سوم قەرىز بولدۇم، ئۆزەمدىكى 10 سومنى قوشسام 990بولىدىكەن.... 10 سوم پۇلۇم نەگە كەتتى؟
مەن پەقەت تاپالمىغانتىم......

بىر قىز دادىسىدىن 500 يۈۋەن ،ئاپىسىدىن 500يۈۋەن قەرىز ئېلىپ بازاردىن ئىككى ئاياق سېتىۋاپتۇ،بۇ ئىككى ئاياق جەمئىي 970 يۈۋەنگە توختاپتۇ.قىز 1000يۈۋەننى پىركازچىكقا بەرسە 30يۈۋەن قايتۇرۇپ بېرىپتۇ.قىز دادىسىغا 10يۈۋەننى ،ئاپىسىغا 10 يۈۋەننى قايتۇرۇپ بېرىپ،10 يۈۋەننى يانچۇقىغا سېلىۋاپتۇ.دېمەك قىز دادىسىدىن 490 يۈۋەن،ئاپىسىدىن 490 يۈۋەن قەرىز ئالغان بوپتۇ،قوشسا جەمئىي 980 يۈۋەن ،يېنىدىكى 10 يۈۋەننى قوشسا 990 يۈۋەن بوپتۇ.ئەمسە 10 يۈۋەن نەگە كەتتى

ئاياق سىتىۋالغان قېز،پىركازچىكقا 1000يۈئەن بەردى، پىركازىچك 30يۈئەن قايتۇردى.ئاياق 970يۇئەنگە كەلدى.ئاياق ئالغان پۇل بىلەن پىركازچىك قايتۇرغان پۇلنى قوشساقلا 1000يۈئەن بولدى.تېپىشماقنىڭ ئاخىردىكىىسى ياپراقخاننىڭ كاللا قايمۇقتۇردىغان ئەپسۇنلىرى،بۇنداق ئەپسۇنغا قايمۇقۇپ قالمايمەندە

توخو توشقان 38،جەمئىي پۇتى 108،توخو قانچە ،توشقان قانچە؟؟؟ ياپراقخان:
مۇشۇنىمۇ تېپىشماق دەپ يوللىدىڭىزمۇ؟جاۋابى بەك ئاسان.توشقان16،توخۇ22.مۇنداق مۇرەككەپ تېپىشماق يوللىڭە

ئككى ئادەم ياغ دۇكىنىغا ياغ ئالغىلى كەپتۇ،بۇلار بىرسى ئون كىلودىن ياغ ئالماقچىكەن ،لىكىن دۇكاندا پەقەت ئون كىلولا ياغ باركەن،شۇنىڭ بىلەن دۇكانچى بۇ ئون كىلو ماينى بىرلا ماي تۇڭىغا قاچىلاپ بېرىپتۇ.بۇلار كىتىۋىتىپ يولدا ياغنى بەش كىلودىن بۈلۈشۈپ قايتىپتۇ.ئۇلاردا بىر دانە ئۈچ كىلولۇق ،يەنە بىر دانە يەتتە كىلولۇق تۇڭ باركەن.
ئۇلار قانداق بۈلۈشكەن . ئەسكەرتىش ؛تارازا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئوخخوووووووووووو، جاۋاپ بېرىدىغانلاردىن سوئال سورايدىغانلار جىق بولاپ كېتىپتىغۇ

12- قەۋەتتىكى kumlukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەنمۇ بىرنى ؛
ئككى ئادەم ياغ دۇكىنىغا ياغ ئالغىلى كەپتۇ،بۇلار بىرسى ئون كىلودىن ياغ ئالماقچىكەن ،لىكىن دۇكاندا پەقەت ئون كىلولا ياغ باركەن،شۇنىڭ بىلەن دۇكانچى بۇ ئون كىلو ماينى بىرلا ماي تۇڭىغا قاچىلاپ بېرىپتۇ.بۇلار كىتىۋىتىپ يولدا ياغنى بەش كىلودىن بۈلۈشۈپ قايتىپتۇ.ئۇلاردا بىر دانە ئۈچ كىلولۇق ،يەنە بىر دانە يەتتە كىلولۇق تۇڭ باركەن.
ئۇلار قانداق بۈلۈشكەن . ئەسكەرتىش ؛تارازا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
مۇشۇنىمۇ سۇئال دەپ سورىدىڭىزما
10 كىلولۇق تۇڭدىن 3 كىلولۇق تۇڭغا لىققىدە قۇيسا 3 كىلولۇق تۇڭ توشتى دىگەن گەپ
10دىن 3نى ئالسىڭىز قانچە بولىدۇ دىگەن گەپقۇ بۇ
ئۇلار قانداق بۈلۈشكەن . ئەسكەرتىش ؛تارازا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
ئالدى بىلەن 10 كىلولۇق توڭدىكى ياغدىن 7 كىلولۇق تۇڭغا تولدۇرۇپ قۇيىمىز . بۇ ۋاقىتتا 10 كىلولۇق تۇڭدا 3 كىلو ياغ قالىدۇ .
ئاندىن 7 كىلولۇق تۇڭدىكى ياغنى 3 كىلولۇق تۇڭغا ئىككى قېتىم تولدۇرۇپ قۇيۇپ ، 10 كىلولۇق تۇڭغا قۇيىۋىتىمىز . بۇ ۋاقىتتا ، 10 كىلولۇق تۇڭدا 9 كىلو ياغ ، 7 كىلولۇق تۇڭدا 1 كىلو ياغ قالىدۇ . ئەمدى ، 7 كىلولۇق تۇڭدا قېلىپ قالغان 1 كىلو ياغنى 3 كىلولۇق تۇڭغا قۇيۇپ ، 7 كىلولۇق تۇڭنى بىكارلايمىز ، ئاندىن 10 كىلولۇق تۇڭدىكى ياغنى 7 كىلولۇق تۇڭغا تولدۇرۇپ قۇيىمىز . بۇ ۋاقىتتا 10 كىلولۇق تۇڭدا 2 كىلو ياغ ، 7 كىلولۇق تۇڭدا 7 كىلو ياغ ، 3 كىلولۇق تۇڭدا 1 كىلو ياغ بار بولىدۇ .
ئاخىرىدا ، 7 كىلولۇق تۇڭدىن 3 كىلولۇق تۇڭغا تولدۇرۇپ بىر قۇيساق ( ئەمىلىيەتتە 2 كىلو قۇيۇلغان بولىدۇ ) ، 7 كىلولۇق تۇڭدا 5 كىلو ياغ قالىدۇ . @jaziyra يۈز نومۇر

4- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن بىرنى دەپ بېرەي ھە.
بىر بالا ئانىسىدىن 5 كوي دادىسىدىن 5 كوي ئېلىپ، بۇ پۇلنىڭ 7 كويىغا بىر خاتىرە ئاپتۇ. ئاندىن 1 كوينى ئانىسىغا 1 كوينى دادىسىغا قايتۇرۇپ يانچۇقىدا 1 كوي قاپتۇ. دېمەك دادىسى 4 كوي ئانىسى 4 كوي بەرگەن بوپتۇ، ئىككىسى بەرگەن 8 كوينى بالىنىڭ يانچۇقىدىكى 1 كويغا قوشساق 9 كوي بولاپ قالدى. يەنە 1 كوي قېنى؟
خاتىرە ئالغان پۇل بىلەن يانچۇقتا قالغان پۇلنى قوشسا ئاتا-ئانىسى بەرگەن پۇلغا تەڭ چىقسىلا ھېساپ توغرىغۇ، بەرگىنى 8كوي، خەجلىگەن بىلەن يانچۇقتا قالغىنى قوشۇلۇپ 8 كوي، ھېسابتا سو يوقتۇ
بۇنىڭدىمۇ سىلە دېگەنگە ئوخشاش بوغالتىر كاسسىرلار ئۇستاتلىق قىپتۇ...
www.gullug.com مۇشۇكەن.ماڭىمۇ دوستۇم دەپ بەردى.