ئەيساجانغا يەنە بېلەت تاشلاڭ
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلاىرىم ! مەن ئەڭ ئالدى بىلەن تېمىغا رەھىمسىزلەرچە مۇشۇنداق ماۋزۇ قويغىنىمدىن سىلەردىن ئەپو سورايمەن !
تۆنۈگۈندىن قاراپ باقسام ، ئەيساجانغا تاشلانغان بېلەت سانىدا تازا ئىلگىرلەش بولالمايۋاتىدۇ ، شۇڭا بۈگۈن مۇشۇ تېما ئاستىدا يەنە سىلەرنى بىر قېتىم غەيرەتكە كېلەمىكىن دەپ مۇشۇنداق ھېسىياتىڭلار بىلەن ئوينۇشۇپ قالدىم ، توغرا چۈشىنەسىلەر ، مېنى مۇشۇ سەۋەپتىن ئەيىپلىمەكچى بولغان قېرىندىشىم ، ئاشۇ ۋاقتىڭىزنى ماڭا ئەمەس ئاشۇ يىتىم -يىسىر بالىلار ئۈچۈن كۆيۈۋاتقان بىر يۈرەككە ئاجىرتىپ قويۇڭ !
مەن نىمىشقا بۇنچىۋالا كۈچەپ كېتىۋاتقاندىمەن ؟؟ چۈنكى مەن بۇ ئىشنىڭ ئەھمىيىتىنى ، ........... لىرىنى ئۆز كەچۈرمىشلىرىم بىلەن ھېس قىلىپ باققانمەن !
98-يىللاردا مۇشۇنداق ھەر ئايدا 10 يۈەندىن چىقىرىپ ، قىيىنچىلىغى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىدىغان بىر ئۇيۇشما قۇرۇپ ، پارتىيىنىڭ ، دۆلەتنىڭ غېمىنى ئاز تولا يىيىشىپ بېرەمىزمىكىن دەپ ئىشلارنى باشلاپ بولۇپ ، ئاخىرسى مەغلوبىيەت بىەلەن ئاخىرلاشقان . شۇڭا بۇ قېتىم ناۋادا ئەيساجان بۇ ئىشتا غەلبە قىلىپ قالسا ، بىر سوم پىلانىنىڭ ھۆكىمەت تەرەپتىن تېخىمۇ ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە توغرا ئۇسۇلدا يېتەكلىنىپ ، توغرا ، مۇنتىزىم بىر يولغا كىرىشىدە زور رولى بار بولاتتى ، دەپ ئويلاپ كۈچەۋاتىمەن ! بەك تولا ئېزىپ سۆزلەپ كەتمەي بۇ يەدە ، ھەممىمىز بۇنچىلىك ئىشلارنى چۈشەنمەيدىغان يەردە ئەمەس ، قېنى ئەمىسە قولىمىزدىن كېلىدىغىنى مۇشۇنچىلىك ئىشكەن ، ئالدى بىلەن قولىمىزدىن كېلىدىغان مۇشۇنچىلىك ئىشلارنى قىلىپ تۇرمامدۇق !!!!
تەكلىپ : ئىزدىنىشكە ئەزا بولغان تورداشلار ،بولسا بېلەت تاشلىغانلىق ئۇچۇرىنى قالدۇرۇپ تۇرۇپ تاشلاپ باقساق ، ئىزدىنىشكە ئەزا بولمىغان ، ئەمما بېلەت تاشلاۋاتقان قېرىنداشلار ئىختىيارى بولسا ، ئەمما سىلەرگىمۇ تەشەككۈرلەر بولغاي !!
تۆۋەدىكىسى توردىشىمىز ئادىل يوللىغان يوللانما :
ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولىۋاتقان ئاقكۆڭۈل، تىرىشچان ياش، مۇنبەرلەردىكى تەسىرلىك دوستىمىز ، ‹بىر سوم پىلانى› نىڭ ئىجراچىسى ، ساخاۋەتچى ۋاپادارىم بۇ قېتىم بورتالا ئوبلاستى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك <يېنىمدىكى ياخشى ياش> باھالاش پائالىيتىدە نامزات بولۇپ، توردا بېلەت تاشلاش باسقۇچى ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ. بېلەت تاشلاش ۋاقتى : 4-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 25- كۈنىگىچە. بىرلا قېتىمدا 35 ئادەمگە، بىر ئادەمگە بىر قېتىمدا بىرلا بېلەت تاشلىغىلى بولىدىكەن. بىر ئادەمگە تاشلانغان بېلەت ۋاقىت ئارىلىقى 2 سائەتتىن ئېشىشى كېرەك ئىكەن. قېرىنداشلارنىڭ ئارىمىزدىن كۆزگە كۆرۈنگەن ھەم ئۇل ئاساس سېلىپ ياخشى ئىشلىرىنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرماقچى بولغان قېرىندىشىمىزنىڭ يولىنىڭ راۋان بولۇشى ئۈچۈن بىر ئاز ۋاقىت چىقىرىپ ھەرىكەت قىلىپ قويۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!
بېلەت تاشلاش ئادرىسى : http://gqtw.xjnbc.com
<پىدائى تۆھپىكار ياخشى ياش> تۈرىدىكى 艾沙江 نى تاللاپ تاشلىسىڭىز بولىدۇ.
Dilrubaماۋۇسىنى تەھرىرلىگىنىڭزمۇ بوپتۇ بىر ھېساپتا ، سىزگىمۇ رەھمەت !!! 552 - بىلەتنى تاشلىۋەتتىم




مەن تېخى بۇرۇنقى تېما ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن. بەلكىم، نۇرغۇن تورداشلارمۇ مۇشۇنداق ئويلاپ، دىققەت قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن. 585 587 ئەھۋالدىن قارىغاندا بىلەت تاشلاش ئارقىلىق بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ ، مەنمۇ شۇ ، تاشلىغانسېرى ئاۋۇ ئايالنىڭ نومۇرىغا قاراپ ئۈمىتسىزلىنىۋاتىمەن ، قارىغاندا قىممىتىمىزنى يارىتىدىغان باشقىچىراق ئۇسۇل ئويلاپ باقساق بولغىدەك ، ھەم ئەھمىيەتلىك ھەم ھەقىقىي قىممىتىنى ھىس قىلالايدىغان ... مەسىلەن بىلەت تاشلىغانغا قارىغاندا ئەيساجانغا ئوخشاش 50 كويدىن نەق پۇل تاشلىساقچۇ ؟ ئىگىمىز ئاللاھ بۇنىڭ ساۋابىنى 10 ھەسسىدىن 700 ھەسسىگىچە بېرىدىكەن ، مەن ھەدىستە شۇنداق ئوقىغان ، بىز ئەيساجاننىڭ ئەمىلىي ھەركىتىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن ھەر قېتىم ئاز دىگەندە 10 يۇەندىن پۇل تاشلايلى ، ئەيساجاننىڭ بانكا كارتىسى نومۇرىنى ئىزدەيلى ... ئاندىن تاشلايلى . قوشۇمچە ، كۆڭلۈمنى توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن ، 网站自动投票机器 › بۇنى تاۋباۋدىن 10 يۈەنگە سېتىۋالغىلى بولىدىكەن ، قىزىققۇچى خاككىرلار قانداق قارايدىكىن ؟


2012-4-19
>>> بىر سوم پىلانى مەخسۇس سەھىپىسى>>>>> [كۆچۈرۈلمە]ئەيساجان(ۋاپادارىم)غا داغ-دۇغىلىق بېلەت تاشلايلى!
@Dilruba
602 611 614 - بىلەت مەندىن كەتتى ئەمسە، غەيرەت قىلايلى قېرىنداشلار!... قاشتېشى مۇنبىرىمۇ تەستىقلاپتىكەن تېمىنى، مانا تېزلا ئىشىش بولىدىغاندەك تۇرىدۇ ! داۋاملىق ئالغا !
تەڭرىتاغ، ماكانىم ، مىسىرانىم ، كەڭساي ، باغداشلارغىمۇ يوللىغان ئىدىم ... 620 پەرىق چوڭ ئەمەسكەن ، 200 نەچچە بىلەت . غەيرەت قىلايلىھە
